لى كېچىياڭ


لى كېچىياڭ

لى كېچىياڭلى كېچىياڭ

خەنزۇچە: 李克强

جىنىسى: ئەر

تۇغۇلغان ۋاقتى: 1955-يىلى 7-ئاي

دۆلەت تەۋەلىكى: جۇڭگو

يۇرتى: ئەنخۇي دىڭيۈەن ()安徽定远(

پارتىيىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى

پۈتتۈرگەن مەكتىپى: بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى

خىزمەت ئورنى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركەز سىياسىي بىيۇرۇسىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، دۆلەت مەھكىمىسىنىڭ باش مىنىستىرى، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ سېكرېتارى

2013-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى، 12-قېتىملىق خەلق ۋەكىللىرى قۇرۇلتىيىنىڭ بىرىنچى قېتىملىق يىغىنىنىڭ 5-ئومۇمىي يىغىنىدا ، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن، يىغىندا بېلەت تاشلاش ئارقىلىق، دۆلەت مەھكىمىسىنىڭ باش مىنىستىرلىقىغا سايلانغان.

قىسقىچە تارىخى

لى كېچىياڭ 1976-يىلى 5-ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە كىرگەن، 1974-يىلى 3-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىساد پەنلىرى ئىنىستىتۇتىنىڭ ئىقتىساد كەسپىنى پۈتتۈرگەن بولۇپ، ئىشتىن ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا، ئىقتىساد پەنلىرى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئىگە.

1974~1976-يىلىغىچە ئەنخۇي ئۆلكىسى فېڭياڭ ناھىيىسىنىڭ چوڭ بۇتخانا كوممۇناسى دوڭلىڭ ئەترىتىدە زىيالىي بولغان

1976~1978-يىلىغىچە ئەنخۇي ئۆلكىسى فېڭياڭ ناھىيىسىنىڭ چوڭ بۇتخانا كوممۇناسى چوڭ بۇتخانا ئەترىتىدە پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ سېكرېتارى بولغان

1978~1982-يىلىغىچە بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتىدا قانۇن فاكولتېتىدا ئوقۇغان، مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مەسئۇلى بولغان

1982~1983-يىلىغىچە بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى بولغان

1983~1985-يىلىغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي مەكتەپ رايونىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى قوشۇمچە دۆلەتلىك ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ باش كاتىپى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركەز سېكرېتار باشقارمىسىنىڭ كاندىدات سېكرېتارى بولغان

1985~1993-يىلىغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركەز سېكرېتار باشقارمىسىنىڭ سېكرېتارى قوشۇمچە دۆلەتلىك ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان

1993~1998-يىلىغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركەز سېكرېتار باشقارمىسىنىڭ باش سېكرېتارى قوشۇمچە جۇڭگو ياشلار سىياسىي ئىنستىتۇتىنىڭ ئىنستىتۇت باشلىقى بولغان

1998~1999-يىلىغىچە خېنەن ئۆلكىسى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، مۇۋەققەت ئۆلكە باشلىقى بولغان

1999~2002-يىلىغىچە خېنەن ئۆلكىلىك كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، ئۆلكە باشلىقى بولغان

2002~2003- خېنەن ئۆلكىلىك كومىتېتنىڭ سېكرېتارى، ئۆلكە باشلىقى بولغان

2003~2004-يىلىغىچە خېنەن ئۆلكىلىك كومىتېتنىڭ سېكرېتارى، ئۆلكىلىك خەلق ۋەكىللىرى قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى يىغىنىنىڭ مۇدىرى بولغان

2004~2005-يىلىغىچە لىياۋنىڭ ئۆلكىلىك كومىتېتنىڭ سېكرېتارى بولغان

2005~2007-يىلىغىچە لىياۋنىڭ ئۆلكىلىك كومىتېتنىڭ سېكرېتارى، ئۆلكىلىك خەلق ۋەكىللىرى قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى يىغىنىنىڭ مۇدىرى بولغان

2007~2008-يىلىغىچە مەركەز سىياسىي بىيۇرۇسىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى بولغان

2008~2013-يىلىغىچە مەركەز سىياسىي بىيۇرۇسىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، دۆلەت مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى، پارتىيە ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش سېكرېتارى بولغان

2003-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى، جوڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى دۆلەت مەھكىمىسىنىڭ باش مىنىستىرىلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان. جۇڭگو كوممۇنىستىك  پارتىيىسى 15- 16- 17-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، 17-18-نۆۋەتلىك مەركەز سىياسىي بىيۇرۇسىنىڭ كومىتېت ئەزاسى، دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى. 18-نۆۋەتلىك دۆلەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي ھەيئەت يىغىنىنىڭ ئەزاسى.

مەنبە: خۇدوڭ قامۇسىدىن ئامىنە تەرجىمە قىلدى

 


مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 531 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2014-04-01