سان فىرانسىسكو


سان فىرانسىسكو


سان فرانسىسكوسان فرانسىسكو

خەنزۇچە: 旧金山市县

ئىنگلىزچە: City and County of San Francisco

تەۋە دۆلەت: ئامېرىكا

شتات: كالفورنىيە شتاتى

شەھەرلىك ھۆكۈمەت قۇرۇلغان ۋاقىت: 1850-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى

شەھەر باشلىقى: Edwin M. Lee

ئومۇمى يەر مەيدانى: 600.7 كۋادرات كىلومېتىر

قۇرۇقلۇقتىكى يەر مەيدانى: 121.0 كۋادرات كىلومېتىر

سۇدىكى دائىرىسى: 479.7 كۋادرات كىلومېتىر

نوپۇسى: 739426 ئادەم

نوپۇسنىڭ زىچلىقى: كۋادرات كىلومېتىر\6153

دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى: 19.2 مېتىر

تور بېكەت ئادرېسى: http://www.sfgov.org

سان فرانسىسكو كالىفورنىيە شتاتىدىكى بىردىنبىر شەھەر بىلەن ناھىيە بىرلەشكەن مەمورىي رايون. سان فىرانسىسكو شىمالىي كالفورنىيە شتاتىغا، سان فىرانسىسكو يېرىم ئارىلىنىڭ شىمالىي ئۇچىغا جايلاشقان بولۇپ، شەرقى سان فىرانسىسكو قولتۇقىغا، غەربى تىنچ ئوكيانغا يېقىن، نوپۇسى كالفورنىيە شتات بويىچە تۆتىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان شەھەر. جەنۇبى مارىن ۋىلايىتى (Marin County) بىلەن بىلەن قوشنا.

تارىخى

ئامېرىكا قىتئەسىدە ئەسلىدە ئولتۇراقلاشقان خەلقلەر ئۈچ مىڭ يىل ئىلگىرىلا شىمالىي كالفورنىيە شتاتىغا كەلگەن. ئىسپاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە ئامېرىكا قىتئەسىدە ئولتۇراقلاشقان ئوخلون مىللىتى (Ohlone) ئالتىنچى ئەسىرلەردىلا سان فىرانسىسكو قولتۇقىدا ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، «ئولونېي (O'Looney)» ئۇلارنىڭ تىلىدا «غەرب ئادىمى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.

دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى ئېچىش (1542-1847)

ياۋروپالىقلار 1542-يىلى سان فىرانسىسكو قولتىقى رايونىغا كەلدى، سان فىرانسىسكو رايونى 16-ئەسىردە ئىسپانىيەنىڭ ئۈستىنكى كالفورنىيە ئۆلكىسى تېررىتورىيەسىدە ئىدى. ئىسپانىيە گېنرالى دون گاسپار دې پورتولو (Don Gaspar de Portola) 1769-يىلى قول ئاستىدىكىلەرنى باشلاپ فىرانسىسكو قولتۇقى رايونىنىڭ يەر شەكلىنى تەكشۈردى. 1776-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئىسپانىيىلىك ئېكسپېدىتسىيىچى  جۇەن باۋتىستا دې ئانزا (Juan Bautista de Anza) شۇ يەردە ئىككى قۇرۇلۇش ئورنىنى تاللىدى، بىرى ھەربىي ئىشلار ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئورۇن، يەنە بىرى دىن تارقىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئورۇن بولۇپ ماھىيەتتە ئانزانىڭ ئىككى ھەمراھى Jose Joaquin Moraga ۋە Francisco Palóu نازارەتچىلىك قىلاتتى. Jose Joaquin Moraga مەسئۇل بولۇپ قۇرىدىغىنى ھەبىي ئىشلار بازىسى سان فىرانسىسكو قورغىنى ئىدى. Francisco Palóu نىڭ مەسئۇل بولغىنى چېركاۋ بولۇپ، ئۇ بۇ يەرگە سان فىرانسىسكو ئاسىس مىسىئونى (Misión San Francisco de Asís) دەپ نام بەردى.

1821-يىلى مېكسىكا ئىسپانىيەدىن مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، ئۈستىنكى كالفورنىيە ئۆلكىسى مېكسىكىنىڭ زېمىنىغا ئايلاندى. مېكسىكا-ئامېرىكا ئۇرۇشى پارتىلىغاندىن كېيىن دېڭىز ئارمىيە گېنرالى جون سلوئات (John D. Sloat) قول ئاستىدىكىلەرنى باشلاپ بۇ يەرگە كەلدى، 1846-يىلى ئامېرىكا نامدا بۇ رايوننى ئىگەللىدى. 1847-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى پولكوۋنىك جون مونتگومېرىي (John B. Montgomery) بۇ شەھەرنىڭ نامىنى سان فىرانسىسكوغا ئۆزگەرتتى.

كالفورنىيە شتاتىدىكى ئالتۇن چايقاش دولقۇنى (1848-1855)

1848-يىلى 1-ئايدا، كالفورنىيە شتاتىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان سىيۇتېرس مىل  (Sutter's Mill) شەھىرىدە سېرىق ئالتۇن بايقالغاندىن كېيىن، خەۋەر ئىنتايىن تېز تارقىلىپ كەتتى. شۇ يىلى 8-ئايدا كالفورنىيە شتاتىدا ئالتۇن كان بايقالغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر  شەرقى قىسىمدىكى نىيۇيوركقا يېتىپ كەلدى، ھەر قايسى جايلاردىكى نۇرغۇنلىغان بىر كېچىدىلا باي بولۇپ كېتىشنى ئويلايدىغان كىشىلەر سان فىرانسىسكو پورتىغا يېتىپ كەلدى. 1849-يىلىدىن باشلاپ، كالفورنىيە شتاتىدىكى ئالتۇن چايقاش دولقۇنى ھەقىقىي تۈردە كېڭەيدى، بۇ سان فىرانسىسكونىڭ نوپۇسىنى 1847-يىلىدىن 1870-يىلىغىچە بولغان ئارلىقتا 500 ئادەمدىن 150 مىڭ ئادەمگە يەتكۈزدى. كېيىنكى ئاتالمىش سان فىرانسىسكو 49 ئادىمى دەل 1949-يىلى ھەر قايسى جايلاردىن سان فىرانسىسكوغا بىر كېچىدىلا بېيىپ كېتىشنى ئۈمىد قىلىپ كەلگەنلەردۇر.

20-ئەسىردىن بۈگۈنگە قەدەر

1906-يىلىدىكى سان فىرانسىسكودىكى چوڭ يەر تەۋرەش

1906-يىلى 4-ئاينىڭ 18-كۈنى سەھەر سائەت 5 دىن ئىككى مىنۇت ئۆتكەندە، سان فىرانسىسكودا سەككىز بال يەر تەۋرىدى، بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش 30 مىڭ ئادەمنى ئۆي-ماكانسىز قويدى، نۇرغۇنلىغان ئادەم ئامالسىز باغچا ۋە كوچىلارنى ماكان قىلدى. ئەينى ۋاقىتتا خاتىرلەنگەن ئۆلگەن ئادەملەرنىڭ سانى 498 بولۇپ، 2005-يىلىغا كەلگەندىلا ھۆكۈمەت ئۆلگەن ئادەم سانىنىڭ 3 مىڭدىن ئارتۇق ئىكەنلىكىنى ئاشكارلىدى.

پاناما-تىنچ ئوكيان دۇنيا يەرمەنكىسى (1915-يىلى)

سان فىرانسىسكو ئاتلانتىك ئوكيان ۋە تىنچ ئوكياننى تۇتاشتۇرىدىغان پاناما قانىلىنىڭ قۇرۇلىشىنىڭ پۈتكەنلىكىنى تەبرىكلەپ، يەنە بىر جەھەتتىن 1906-يىلىدىكى يەر تەۋرەشتىن كېيىنكى شەھەرنى قايتا قۇرۇش قىياپىتىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن، 1915-يىلى پاناما-تىنچ ئوكيان دۇنيا يەرمەنكىسىنى ئۆتكۈزدى.

مۇھىم تارىخلار

1936-يىلى سان فىرانسىسكو بىلەن ئوكلاندنى تۇتاشتۇرىدىغان دېڭىز قولتىقى چوڭ كۆۋرۈكىنىڭ قۇرۇلىشى پۈتتى.

1937-يىلى سان فىرانسىسكو بىلەن مارلىن ناھىيىسىنى تۇتاشتۇرىدىغان گولدىن گات چوڭ كۆۋرۈكىنىڭ قۇرۇلىشى پۈتتى.

1945-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 51 نەپەر ئەزاسى سان فىرانسىسكودا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنى ئىمزالىدى.

1951-يىلى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ياپونىيە بىلەن «سان فىرانسىسكو سۈلىھ كېلىشىمى» نى ئىمزالىدى.

لوما-پرېتادىكى يەر تەۋرەش (1989-يىلى)

1989-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 5 تىن 4 مىنۇت ئۆتكەندە، سان فىرانسىسكونىڭ جەنۇبىدىكى 97 كلومېتىر ئارىلىققا جايلاشقان  سانتا كرۇز (Santa Cruz) تاغ رايونىدىكى ساينت ئاندا 6.9 بال يەر تەۋرىدى، ئوخشاش يەر تەۋرەش بەلبېغىغا جايلاشقان سان فىرانسىسكو قولتىقى رايونىدىمۇ نۇرغۇنلىغان ئادەملەرنىڭ يارلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

يەر شەكلى

سان فىرانسىسكو كالفورنىيە شتاتىغا جايلاشقان. تارىختىكى ئەڭ چوڭ يەرتەۋرەش 1906-يىلىدىكى يەر تەۋرەش بولۇپ، ئىلگىرى 1851-يىلى، 1858-يىلى، 1865-يىلى ۋە 1868-يىللىرىمۇ چوڭ تىپتىكى تەۋرەشلەر يۈز بەرگەن. يېقىنقى زاماندىكى يەر تەۋرەش 1989-يىلىدىكى يەر تەۋرەش بولۇپ، شەھەرنىڭ مەركىزىدىكى كوچا نەچچە گەز كەڭلىكتە دەز كەتكەن.

شەھەر رايونى تىپىك ئېدىرلىق بەلبېغى، شەھەر ئىچىدە نۇرغۇنلىغان تىك يۇقىرىغا ۋە تىك تۆۋەنگە كەتكەن كوچىلار بار.

سۇ يولى ۋە كۆۋرۈك

سان فىرانسىسكو شەھىرىنىڭ ئىچىدە دەريا ئېقىنى يوق، شەھەردە ئىشلىتىلىدىغان سۇ ئاساسلىقى دېڭىز قىرغىقى تاغ تىزمىسىدىكى يىغىلغان قار ئېقىنىنىڭ تاغ تىزمىسىنىڭ يېنىدىكى Hetch Hetchy سۇ ئامبىرىغا ئېقىپ كىرىشىدىن شەكىللەنگەن سۇ تۇرۇبا يولى ئارقىلىق شەھەر ئىچىگە توشۇلىدۇ. شەھەر ئىچىدە ئىككى كۆۋرۈك بار بولۇپ، شىمالدىكى 101-نومۇرلۇق يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يول بىلەن مالىن ناھىيىسىگە بارىدىغان ئالتۇن ئىشىك چوڭ كۆۋرۈكى، ئوكلاند ۋە بېركېلېي (Berkeley) غا بارىدىغان 580-نومۇرلۇق يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يولدىكى كۈمۈش رەڭلىق دېڭىز قولتىقى كۆۋرۈكى. سان فىرانسىسكودا يەنە دېڭىز ئاستى تۇنېلى ئارقىلىق ئۇكلاندقا بارىدىغان تۆمۈر يول بار.

ھاۋا كىلىماتى

سان فىرانسىسكونىڭ ئۈچ ئەتراپىنى سۇ  ئوراپ تۇرىدۇ، ھەمدە تىنچ ئوكيان ۋە كالفورنىيە سوغۇق ئېقىمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. سان فىرانسىسكونىڭ ياز پەسلىدىكى ئەڭ يۇقىرى تېمپراتۇرىسى ئادەتتە℃20 ئەتراپىدا، بىر يىل ئىچىدە پەقەت بىر ھەپتە كۈچلۈك شامال سەۋەبىدىن تېمپراتۇرىسى ℃30 دىن ئېشىپ كېتىدۇ. 9-ئاي ھاۋاسى ئەڭ ئىللىق ئاي ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە تىنچ ئوكياننىڭ سۈيىنىڭ تېمپراتۇرىسى يىل بويى ℃10~15 ئەتراپىدا بولغاچقا، ياز كۈنلىرى يېرىم كېچىلەردە تېمپراتۇرا ℃10 دىنمۇ تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. ياز پەسلىدە ھۆل-يىغىن ئاز، يامغۇر پەسلى 1-ئاي بىلەن 4-ئاينىڭ ئارلىقىدا بولىدۇ. قىش پەسلى سوغۇق بولسىمۇ قار ئاز ياغىدۇ. يېقىنقى بىر قېتىملىق قار 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى ياغقان، ئۇنىڭ ئالدىدىكى قار 1976-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى ياغقانىدى.

ئىقتىسادى

ساياھەتچىلىك كەسپى سان فىرانسىسكو ئىقتىسادىنىڭ تايانچى. سان فىرانسىسكو ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىش جەھەتتە ئامېرىكا بويىچە بەشىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، 2007-يىلىدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ سانى 16 مىليوندىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، سان فىرانسىسكوغا 8 مىليارد 200 مىليون ئىقتىسادىي كىرىم قىلىپ بەرگەن.

سان فىرانسىسكو 19-ئەسىردىكى كالفورنىيە شتاتى ئالتۇن يۇيۇش دولقۇنىدىن باشلاپ بارا-بارا تەرەققىي قىلىپ ئامېرىكىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى پۇل مۇئامىلە مەركىزىگە ئايلاندى. پۇل مۇئامىلە سودا كەسپى رايونىدىكى مونتگومېرىي كوچىسى (Montgomery Street) «غەربىي قىسىمدىكى ۋال سترىت كوچىسى» دەپ ئاتالدى. ئامېرىكا بويىچە ئەڭ چوڭ بانكا ئامېرىكا بانكىسى سان فىرانسىسكودا قۇرۇلغان. نۇرغۇنلىغان خەلقئارا پۇل مۇئامىلە ئورگانلىرى، دۆلەت ھالقىغان بانكىلارنىڭ ھەممىسى سان فىرانسىسكودا قۇرۇلغان ياكى تەسىس قىلىنغان. نۇرغۇنلىغان قانۇن، ئاممىۋىي مۇناسىۋەت، بىناكارلىق ۋە تەكشىلىكتە لايىھەلەش قاتارلىق كەسپى مۇلازىمەت شىركەتلىرىنىڭ ھەممىسى مۇشۇ شەھەر مەركىزىگە قۇرۇلغان. سان فىرانسىسكو ئىككىنچى دەرىجىلىك يەرشارى خاراكتېرلىك شەھەرلەرنىڭ بىرى.

سان فىرانسىسكونىڭ مۇۋاپىق بولغان ھاۋا كىلىماتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ پەن-تېخنىكا شىركەتلىرى ۋە مەبلەغ سالغۇچىلارنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن يولغا قويغان ئېتىبار سىياسەتلىرى، نۇرغۇنلىغان دۇنياۋى پەن-تېخنىكا شىركەتلىرىنى ئۆزىگە تارتتى.

بۇ شەھەردىكى داڭلىق شىركەتلەر ۋە تور بېكەتلەر

Twitter

ئىجتىمائىي ئالاقە تورى، مىكرو بىلوگ مۇلازىمىتى، ئالاقە تورى مۇلازىمىتى.

craigslist.org

دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ھەقسىز سودا سېتىق ۋە ئىجتىمائىي پىكىر ئالماشتۇرۇش تور بېكىتى، باش شىتابى سان فىرانسىسكودا.

ۋېكىپېدىيە

باش شتابى سان فىرانسىسكودا.

BitTorrent

Citycarshare.org/Zipcar.com

ياۋروپادىكى شەھەر ئىچى ماشىنا ئىجارە بېرىش شەكلىگە تەقلىد قىلىنغان، شەخسلەر توردا ھېسابات نومۇرى ئىلتىماس قىلسىلا، بەلگىلەنگەن رايوندا دەرھال ماشىنىنى تاپشۇرۋالالايدۇ، تېز ھەم قولايلىق.

GAP

1969-يىلى سان فىرانسىسكودا قۇرۇلغان.

ئامېرىكا بانكىسىنىڭ باش شتابى

ھۆكۈمىتى

ھۆكۈمەت بىناسىھۆكۈمەت بىناسى

سان فىرانسىسكو كالىفورنىيە شتاتىدىكى بىردىنبىر شەھەر بىلەن ناھىيە بىرلەشكەن مەمورىي رايون، سان فىرانسىسكونىڭ شەھەر باشلىقىمۇ ناھىيىلىك ھۆكۈمەت سىستېمىسىدىكى ئەڭ چوڭ ئىجرائىيە ئەمەلدارى، شەھەر پارلامېنتتىمۇ ناھىيە ئىشلىرىنىڭ نازارەت قىلىش كېڭىشىنى تەسىس قىلغان. سان فىرانسىسكونىڭ ئالاھىدە بەلگىلىمىسى بولغانلىقتىن، سان فىرانسىسكونىڭ شەھەر رايونى سىرتىدىكى جايلاردىمۇ قانۇن يۈرگۈزىدۇ، مەسىلەن، سان فىرانسىسكو خەلقئارا ئايرودرومى. 

شەھەر نىزامنامىسىدە شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئىككى باراۋەر بۆلۈمدىن تەركىب تاپىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن. مەمۇرىي بۆلۈمنىڭ ئاساسلىق رەھبىرى شەھەر باشلىقى ۋە باشقا خەلق سايلىغان ئەمەلدارلار؛ مەمۇرىي بۆلۈم يەنە ساقچى ئىدارىسى ۋە ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىگە ئوخشاش خەلققە مۇلازىمەت قىلىدىغان بۆلۈملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 11 نەپەر پارلامېنت ئەزاسىدىن تەركىب تاپقان سان فىرانسىسكو شەھىرى شەھەر نازارەت كېڭىشى سان فىرانسىسكونىڭ قانۇن تۈزۈش بۆلىمى، ھازىر ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان پارلامېنت باشلىقى Aaron Peskin (2006-يىلى)؛ نازارەت كېڭىشى شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت ئىشلەش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىشنى ئۈستىگە ئالغان. پارلامېنت ئەزالىرى ھەرقايسى رايونلاردىن تاللىنىدۇ. ئەگەر شەھەر باشلىقى ئۆلۈپ كەتسە ياكى داۋاملىق خىزمەت قىلىشقا ئامالسىز قالسا، نازارەت كېڭىشىنىڭ باشلىقى ئۆزلىكىدىن شەھەر باشلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزىۋالىدۇ.

مائارىپى

سان فىرانسىسكو بىرلەشمە مەكتەپ رايونى (San Francisco Unified School District, SFUSD) بولسا سان فىرانسىسكونىڭ مائارىپ ئىدارىسى.

بۇ شەھەردىكى داڭلىق مەكتەپلەر:

سان فىرانسىسكو كالفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى__1873-يىلى قۇرۇلغان.

سان فىرانسىسكو شىتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېت__1899-يىلى قۇرۇلغان.

كالفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى خاستىڭس(Hastings) قانۇن ئىنىستىتۇتى__1878-يىلى قۇرۇلغان.

گولدېن گېيت ئۇنىۋېرسىتېتى (golden gate University)__1896-يىلى قۇرۇلغان.

سان فىرانسىسكو ئۇنىۋېرسىتېتى__1896-يىلى قۇرۇلغان.

سان فىرانسىسكو سەنئەت ئۇنىۋېرسىتېتى__1929-يىلى قۇرۇلغان.

قاتنىشى

سان فرانسىسكونىڭ قاتنىشىسان فرانسىسكونىڭ قاتنىشى

سان فىرانسىسكو خەلقئارا ئايرودرومى (SFO)  شەھەرنىڭ جەنۇبىدىكى 21 كىلومېتىر ئارلىقتا، شەھەر رايونىدىن 30 مىنۇتتا يېتىپ بارغىلى بولىدۇ.

شەھەر ئىچىدە نۇرغۇنلىغان ئاممىۋىي قاتناش سىستېمىلىرى بار:

BART- سان فىرانسىسكو بىلەن پۈتۈن شەرقىي ئايلانما رايونىنى تۇتاشتۇرىدىغان ئاساسلىق قاتناش قورالى.

كالفورنىيە شتاتى تۆمۈر يولى-قىسقارتىلىپ Caltrain دېيىلىدۇ،

MUNI

يول بويى كابېل ماشىنىسى (cable car)-ئاساسلىق ساياھەت نۇقتىلىرىنى كېسىپ ئۆتىدىغان بولۇپ، سان فىرانسىسكونىڭ ئەڭ مەشھۇر ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ بىرى.

رېلىسلىق ترامۋاي

رېلىسسىز ترامۋاي ۋە ئاممىۋىي ئاپتوبۇس

مەنبە: ۋىكىپېدىيەدىن ئامىنە تەرجىمە قىلدى


مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 296 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 2قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2014-03-29