پەزىلەتلىك جانباز توختى


پەزىلەتلىك جانباز توختى


جارۇللا يۈسۈپ


توختىئاخۇن جانباز 1882-يىلى 6-ئايدا گۇچۇڭ ناھىيەسىدە گۆھەرىددىن ئىسىملىك ھۈنەرۋەن كاسىپ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن، ئۇنىڭ ئاتىسى گۆھەرىددىن بويلىرى ئېگىز، قاۋۇل ئادەم بولۇپ، ماھىر جانبازلىقى ۋە كۈچتۈڭگۈرلۈكى بىلەن داڭق چىقارغان. ئۇ كىچىكىدە بوۋىسى شامىل جانبازدىن جانبازلىق ماھارىتى ئۆگەنگەن، بالاغەتكە يەتكەندىن كېيىن يۇرتتا بولغان بەزمە-مەشرەپ ۋە نورۇز يىغىلىشلىرىدا ماھارەت كۆرسىتىپ، يۇرت ئەھلى ئارىسىدا خېلىلا ئابرۇي قازانغان ئادەم ئىدى.

گۆھەرىدىننىڭ توختىدىن باشقا يەنە بىر قىزى بار ئىدى، ئۇ ئوغلى توختىغا ئۆزى جانبازلىق ماھارىتى ئۆگەتكەن. توختى بالاغەتكە يەتكەندىن كېيىن ئاشپەز ۋە قاسساپلارغا شاگىرتلىققا بېرىپ ھۈنەرلىك قىلغانىدى. توختى چېچەن ۋە زېرەك بولغاچقىمىكىن، يەنە ساۋاتلىقمۇ بولغانىدى. ئۇنىڭ ئورۇقراق ئوتتۇرا بوي بەستى بىلەن چاققان ۋە چەبدەسلىكى جانبازلىق ئۆگىنىشكە تولىمۇ ماس كەلگەچكە، ماھارەتتە ناھايىتى تېز تەرەققىي قىلغان. گۆھەرىددىن ئوغلى توختىنىڭ جانبازلىققا شۇنچىلىك ئىشتىياق باغلىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ ماھارىتىنى تېخىمۇ ۋايىغا يەتكۈزۈش كويىدا، ئۇنى 1900-يىللاردا شىنجاڭدا داڭق چىقارغان جانبازلاردىن مۇچىڭتەي، مايۈفۇ، ما جىيۈلەرگە شاگىرتلىققا بەرگەنىدى. توختى ئاتىسى ۋە ئۇستازلىرىنىڭ ماھارەتلىرىنى قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، ئىجتىھات بىلەن مەشىق قىلغاچقا، ئۆز زامانىسىدا ئالدىنقى قاتاردىكى جانبازلاردىن بولۇپ قالغانىدى. 1920-يىللىرىغا كەلگەندە ئۇنىڭ ماھارىتى تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇب ۋە شىمالى، رۇسىيەلەرگىچە تارقالغان. دېمىسىمۇ توختى جانباز 40 ياشلارغا كىرگەندە كۆزلىرى چاقناپ تۇرىدىغان، قاپقارا قويۇق ساقاللىرى ئۆزىگە تولىمۇ ياراشقان زەبەردەست پالۋان بولۇپ يېتىلگەنىدى. ئۇ بېشىغا دائىم قىش كۈنلىرى تېرە قۇلاقچا، ياز كۈنلىرى ئاق شاپاق دوپپا، پۇتىغا قىش-ياز ئۇزۇن قونجىلىق ئۆتۈك كىيىپ، بېلىنى پوتا بىلەن باغلاپ يۈرەتتى، ئەل ئىچىدىكى ئابرۇيى يۈكسەك جامائەت ئەربابىغا ئايلانغانىدى.

گۇچۇڭ ناھىيەسىدە ياشاپ، توختاخۇن جانباز بىلەن ئەسرار بولغان كىشىلەر مۇنداق ھېكايە قىلىشقانىدى: توختىنىڭ جانبازلىقتا قىسقا ۋاقىتتا يۇقىرى ماھارەتكە ئىگە بولۇشىغا ئالدى بىلەن ئۇنىڭ بەدەن ساپاسىنىڭ جانبازلىققا تولىمۇ ماس كەلگەنلىكى بولۇپ، ئۇنىڭدا يەنە تەبىئىي كۈچ زور ئىدى، يەنە كېلىپ ئۇ بىر قانچە داڭلىق جانبازنى ئۇستاز تۇتۇپ، ئۇلارنىڭ ماھارەتلىرىنى ئىگىلەش ھەمدە بىر نەچچە خىل ماھارەتنى ئۆزئارا يۇغۇرۇپ، يېڭى جانبازلىق ماھارىتى ئىجاد قىلغان. ئىلگىرى جانبازلىقتا «چوكا ئېتىش ماھارىتى» يوق ئىدى، توختى پىچاق ئېتىش ۋە نەيزە ئېتىش ماھارىتىنى بىرلەشتۈرۈپ «چوكا ئېتىش ماھارىتى» نى بارلىققا كەلتۈرگەن. ئۇنىڭ «چوكا ئېتىش ماھارىتى» قالتىس ئىدى، قومۇش چوكا بىلەن ھەتتا تۈنىكە قاچىنى تىلىۋېتەتتى.

توختى جانباز يەنە ھالال ئەمگەك بىلەن جاھاندارچىلىق قىلغانىدى، دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق ئۇنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ئاساسى ئىدى. يېتىم-يېسىر، ئىگە-چاقسىز كىشىلەر ئۇنىڭ ساخاۋىتىنى كۆرۈپ تۇراتتى. چۈنكى ئۇ قولىدا بارىنى قىيىنچىلىققا ئۇچرىغانلارغا سۇنۇپ تۇراتتى. توختى جانباز يەنە شاگىرتمۇ قوبۇل قىلىپ ماھارەت ئۆگەتكەنىدى، ئۇنىڭدىن جانبازلىق ماھارىتى ئۆگەنگەنلەر ئارىسىدا خوتەن، ئاقسۇ، تۇرپان، قومۇل، پىچان، ئالتاي، جىمسار، قۇتۇبى، ماناس ۋە شىخۇدىن كەلگەنلەرمۇ بار ئىدى. شاگىرتلىرى 300 دىن ئاشقانىدى. گۇچۇڭدىن باشقا جايدىن كەلگەن دېگۈدەك ئۇنىڭ ھويلىسىدا تۇراتتى، بىراق ئۇنىڭ شاگىرتلىرى ئارسىدا جانبازلىقنى مۇكەممەل ئىگىلىگەنلەر گۇچۇڭلۇق ھىدايىتۇللا خەلپەت بىلەن ئۇنىڭ ئىككى ئوغلى-نىزامىدىن ۋە شاھىددىن ئىدى.

توختى جانباز تەرەققىيپەرۋەر، مەرىپەتپەرۋەر كىشى بولغاچقا، زامانىدىكى ئىلغار پىكىرلىك زىيالىيلاردىن شاۋۇدۇن ئەپەندى، داۋامەت ئەپەندىلەر بىلەن دوستلاشقان، ھەتتا گۇچۇڭدىكى «گۈلشەن» مەكتىپىنىڭ ئۇقۇتۇش ئىشلىرىغا كۈچىنىڭ يېتىشىچە ھەمدەمدە بولغان، يەنە ھەر ساھە جامائەتچىلىكىنىڭ تەلىپى بىلەن 1923-يىلىدىن 1930-يىلىغىچە بۇ مەكتەپنىڭ تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، گۇچۇڭ مىللىي مائارىپىدىكى تۇنجى تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ قالغانىدى.

توختى جانباز يەنە ئۇستا ئاشپەز ئىدى، شۇڭا توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراغ بولسىلا پولۇ ئېتىپ ھاجەتمەنلەرنىڭ غېمىنى تۈگىتەتتى، ئەينى چاغدا ئۇ ئەتكەن پولوغا ئېغىز تەككە كىشىلەر ھېلىھەم ئۇنىڭ پولۇسىنى تامشىدۇ. ئۇ كۈندۈزى توي-تۆكۈن نەزىر چىراغ ئىشلىرىدا قازان بېشىدا بولسا، يەنە «گۈلشەن» مەكتىپىدە تەنتەربىيە دەرسى ئۆتسە، كېچىسى بايلار ۋە سودىگەرلەرنىڭ ئىسكىلات-ئامبارلىرىنى ۋە دۇكانلىرىنى قوغداش بىلەن بولاتتى. ئاساسەن قارى ھاجى باي بىلەن ھۇشۇر بايلار ئۇنى يۇقىرى مائاش بىلەن مال ئامبارلىرى (بۇ ئىسكىلاتلار چوڭ مەسچىت يېنىدىكى بۇرۇنقى ناھىيەلىك 5-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئورنىدا ئىدى) غا قوغدىغۇچى قىلىۋالغانىدى. بەزىدە كارۋانلىرىنى يول توسار بۇلاڭچى، ئوغرىلارنىڭ زىيانكەشلىكىدىن قوغداش ئۈچۈن، توختى ۋە ئۇنىڭ شاگىرتلىرىنى ياللىۋالاتتى. شۇڭا توختى جانباز بىر قانچە شاگىرتى بىلەن مال بېسىلغان ئات ھارۋىلىرىنى قوغداپ ئۈرۈمچى، تۇرپان، قومۇل، ئالتاي ۋە تاشقى مۇڭغۇلىيەلەرگە كۆپ قېتىم بارغانىدى.

توختى جانباز خەنزۇ تىلىنى راۋان ئۆلچەملىك سۆزلەيتتى، شۇڭا گۇچۇڭدىكى خەنزۇ ۋە خۇيزۇلار بىلەن ئىناق ئۆتەتتى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا سىرداش دوستلىرى خېلى كۆپ ئىدى. توختى جانباز باشقىلار بىلەن جانبازلىقتا سىناشقاندا، رەقىبى ئۇنى مەڭسىتمەي كۆرەڭلەپ كەتسىمۇ، بىراق ئۇ رەقىبىگە ئەزەلدىن شەپقەتسىزلىك قىلمايتتى. رەقىبى يىقىلسا ياكى يېڭىلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلسىلا، ئۇلارغا قىلچىلىك قاتتىق قوللۇق قىلمايتتى، تېخى مۇسابىقىدىن كېيىن، ئۇلار بىلەن دوستلىشىپ كېتەتتى. ماھارەت سىناشقاندا رەقىبىنى يارىلاندۇرۇپ قويسا، ئۇلارنى تېۋىپقا كۆرسىتىپ داۋالىتاتتى ۋە ساقايغىچە ھالىدىن خەۋەر ئالاتتى. سىرتتىن كەلگەنلەر كېتەر بولسا، پۇل-مال يوللۇق تۇتۇپ يولغا سېلىپ قوياتتى.

توختى جانبازنىڭ نىزامىددىن، شاھىددىن، غەۋسىدىن، مۇئەززىدىن ئىسىملىك تۆت ئوغلى بىلەن رابىخان، رەھىمەخان، كەرىمەخان ئىسىملىك ئۈچ قىزى بار ئىدى، مەيلى قىز ياكى ئوغۇل بولسۇن ئۇ پەرزەنتلىرىگە ئىنتايىن تەلەپچان ئىدى. ئۇلارنى ياخشى تەربىيەلەشكە تىرىشاتتى، شۇڭا ئۇنىڭ بىلەن دەۋرداش كىشىلەر ھېلىھەم مەرھۇمنىڭ ياخشى پەزىلەتلىرى، ئېسىل سۈپەتلىرى، ئاجايىپ ماھارىتى ۋە تەرەققىيپەرۋەر خىسلەتلىرىنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيتتى. ئۇنىڭغا ئاتاپ توقۇلغان قوشاقلارمۇ ھېلىھەم گۇچۇڭ خەلقى ئارىسىدا تارقىلىپ كېلىۋاتىدۇ.

ھەممە كىشى ئاڭلاشتى،

توختىئاخۇننىڭ داڭقىنى.

تولۇن ئايدەك يورۇتتى،

گۇچۇڭلۇقنىڭ يۈزىنى.

 

ئۈرۈمچىنىڭ يولىدىن،

قاتار كارۋان كېلىدۇ.

توختاخۇننىڭ داڭقىنى،

بارچە ئىقلىم بىلىدۇ.

 

توختىئاخۇننىڭ يولىنى،

ئۇچقۇر يولۋاس توسالماس.

توساپ قالسا ناۋادا،

مۇشت-تېپىكتىن قوپالماس.

 

توختىئاخۇننىڭ چوكىسى،

ئوقيا كەبى تېز ماڭار.

ھەر بىر چوكا بىر نەيزە،

تەگكەن جايغا قادىلار.

 

توختىئاخۇندەك مەرد ئەرلەر،

قايسى يۇرتتىن تېپىلار.

ئىشىتكەنلەر نامىنى،

ھەيۋىسىدىن يىقىلار.

 

توختىئاخۇندەك شىر ئەردىن،

گۇچۇڭلۇقلار مەڭسىنەر (سۆيۈنەر).

قايسى يۇرتنىڭ جانبىزى،

توختاخۇنغا تەڭلىشەر.

 

شىر ئەزىمەت توختىئاخۇن،

چىڭ باغلىغىن پوتاڭنى.

كارامەتلىك ھەق ئاللا،

پۈتۈن قىلسۇن بويۇڭنى. 

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە گۇچۇڭ ناھىيسىدىكى خەنزۇ،خۇيزۇ خەلقى ئارىسىدىمۇ توختىئاخۇن جانبازغا ئاتاپ توقۇلغان قوشاقلار بار. ئۇلارمۇ ھازىرغىچە ئېيتىلىپ كېلىۋاتىدۇ.

چىتەي يوۋگى توختى چۈەنباشى،

ۋەيدى لەيلې سىگا چۈەنباشى.

سىگا چۈنباشى دىڭ بۇلىياۋ،

توختىدې يىگا ياڭباشى.

 

(گۇچۇڭدا بار توختى جانباز،

سىرتتىن كەلدى تۆت جانباز.

تۆت جانبازنى يېڭىۋالدى،

توختىدىكى بىر يانپاش).

توختىئاخۇن جانباز 1944-يىلىنىڭ ئاخىرىدا بۆرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ، سالامەتلىكى بارغانسېرى ناچارلىشىشقا يۈزلەندى ۋە 1945-يىلى 4-ئايدا داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي 63 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى. مەرھۇمنىڭ مېيىتى گۇچۇڭدىكى «ئەرتۇڭ» قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنغانىدى.

مەنبە: «ئۈرۈمچى» كەچلىك گېزىتىدىن ئېلىندى


ئوكيان قامۇسى ئۈندىدار سالونىدا «تارىختىكى بۈگۈن» سەھىپىسى تەسىس قىلىندى، كۈندە يېڭى سەرخىل مەزمۇنلار يوللىنىپ تۇرىدۇ، ئىزدەش نامى: okyanqamus


مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 2

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 608 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 2قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2014-04-01