iPhone4
ئىشلەپچىقارغان شىركەت: ئالما شىركىتى
ئۆلچىمى: ئەقلىي يانفون
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى
مەشغۇلات سىستېمىسى: iOS 4
سىغىمى: GB 8،GB 16 ياكى GB 32
ئېكران: 3.5 دىيۇم، پەرقلەندۈرۈش نىسبىتى 960× 640 326ppi
كەينى تەرىپىدىكى كامېرا: 5 مىليون پىكسېللىق
ئالدى تەرىپىدىكى كامېرا: 300 مىڭ پىكسېللىق
ئۇلىنىش ئىقتىدارى: GSM model: Quad band(850/900/1800/1900 MHz)، UMTS/7.2 Mbps HSDPA (850, 900, 1900, 2100 MHz)، GPRS/EDGE؛
CDMA model: ( Dual band CDMA/EV-DO Rev. A (800, 1900 MHz
ئىنتېرنېت شەكلى: GSM، WCDMA
سىرتقى لايىھىسى: تۈز شەكىلدە
كۆك چىش: كۆك چىش2.1+EDRنى قوللايدۇ
ئاساسىي ئېكراننىڭ ماتېرىيالى: IPS
قوللايدىغان چاستوتا بۆلىكى: G2: GSM 800/850/900/1800/1900
G3: WCDMA 850/900/1900/2100MHz
ئىچكى سىغىمى: MB512
ئاساسىي ئېكراننىڭ ماتېرىيالى: IPS
ئىنتېرنېت شەكلى: GSM،WCDMA
سانلىق مەلۇمات كەسپى: GPRS، EDGE، HSDPA، CDMA 1X،EVDO REV.A
ئىشلىتىشكە بولىدىغان بوشلۇقى: GB16
نەزەرىيىۋى سۆزلىشىش ۋاقتى: 840 مىنۇت G3،420 مىنۇتG 2
نەزەرىيىۋى ساقلاش ۋاقتى: 300 سائەت
باشقا ئىشلىتىش ۋاقىتلىرى:G 3 تورغا چىقىش ۋاقتى 6 سائەت
WLAN تور ۋاقتى: 10 سائەت
مۇزىكا قويۇش ۋاقتى: 40 سائەت
ۋىدىئو قويۇش ۋاقتى: 10 سائەت
كۇنۇپكا تاختىسىنىڭ تۈرى: مەۋھۇم QWERTY كۇنۇپكا تاختىسى
تېلېفوننىڭ رەڭگى: قارا، ئاق
خەت كىرگۈزۈش ئۇسۇلى: خەنزۇچە، ئىنگلىزچە ئۇسۇلى
خەت كىرگۈزۈش شەكلى: قول بىلەن يېزىش
تېلېفون خاتىرسى: قوبۇل قىلىنغان تېلېفون+ئۇرۇلغان تېلېفون+قوبۇل قىلىنمىغان تېلېفون
قىسقا ئۇچۇر، رەڭلىك ئۇچۇر، ئاۋازغا ئېلىش ئىقتىدارى، مۇھىت شەكلى، كۈتۈش رەسىمى، تېما تىزىملىكى، كەلگەن تېلېفوننىڭ قوڭغۇراق ئاۋازىنى پەرقلەندۈرۈش، كەلگەن تېلېفوننىڭ رەسىمىنى پەرقلەندۈرۈش، كالېندار ئىقتىدارى، قوڭغۇراقلىق سائەت ئىقتىدارى، ھېسابلىغۇچ، بىرلىك ئالماشتۇرغۇچ
يانفوننىڭ چوڭ-كىچىكلىكى: 115.2×58.6×9.3 مىللىمېتىر
ئېغىرلىقى: 137 گرام
iPhone4 ھەققىدە قىسقىچە بايان
ئالما شىركىتىنىڭ ئىلگىرىكى ئۈچ ئەۋلاد مەھسۇلاتىغا سېلىشتۇرغاندا iPhone4 نىڭ ئىقتىدارى ھەر جەھەتتىن ئىلغارلاشتۇرۇلدى. GHz1 لىق ئالما A4 بىرتەرەپ قىلغۇچ ئىشلىتىلدى، 3.5 دىيۇم، پەرقلەندۈرۈش نىسبىتى 960× 640 326ppi بولغان ئېكران سەپلەندى.
iPhone4 نىڭ بازار ئەھۋالى
G16 ۋە 32G
iPhone4 نىڭ ئىككى خىل نۇسخىسى بار بولۇپ، G16 نىڭ ئىككى يىللىق توختاملاشقان باھاسى 199 ئامېرىكا دوللىرى، 32G نىڭ 299 ئامېرىكا دوللىرى (خەلق پۇلىدا تەخمىنەن 1930 خەلق پۇلى)
قۇلۇپلانمايدىغان نۇسخىدىكىسىنىڭ پارچە سېتىلىش باھاسى، G16 نىڭ باھاسى 499 ئامېرىكا دوللىرى، 32G نىڭ 599 ئامېرىكا دوللىرى.
سېتىۋېلىش ئۇسۇلى
Apple Store دا قۇپۇلۇپسىز نۇسخىسىنى سېتىۋالغىلى بولىدۇ، G8 لىقى 3688 يۈەن، 16GB لىقنىڭ 4999 يۈەن، G32 لىقى 5999 يۈەن.
iPhone4 نىڭ ئالاقە سىگنالى ئاجىز بولۇش ۋە ئۈزۈلۈپ قېلىش ئەھۋالى
iPhone4 بازارغا سېلىنغاندىن بۇيان، ئاستى سول تەرەپنى بېسىپ تۇرغاندا ئالاقە سىگنالى ئاجىز بولۇش ۋە ئۈزۈلۈپ قېلىش ئەھۋالىنىڭ كۆرۈلىدىغانلىقى بايقالدى، ھەتتا ئامېرىكىنىڭ نوپوزىنى باھالاش ئورگىنى «ئىستىمالچىلار دوكىلاتى» دا iPhone4 نىڭ لايىھەسىدە نۇقسان بار دەپ قاراپ، ئىستېمالچىلارنىڭ سېتىۋېلىشىنى تەۋسىيە قىلمىدى، بۇ ئالمىنىڭ ئابرويىغا تەسىر يەتكۈزدى. iPhone4 غا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر كۈنسېرى كۆپەيگەندىن كېيىن، ئالمىنىڭ ئىجرائىيە ئەمەلدارى جوبىس مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنى ئېچىپ، پۈتۈن يەرشارىدىكى iPhone4 نى ئىشلەتكۈچىلەرنى ھەقسىز يانفون قېپى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى، جوبىس: « بىز مۇكەممەل ئەمەس، يانفونمۇ ھەم شۇنداق» دېدى. ئانالىزچىلارنىڭ ئالدىن پەرەز قىلىشىچە، ئالما سەرپ قىلغان كاپىتال 40 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن.
2010-يىلى 7-ئاينىڭ 26-كۈنى، كۆپلىگەن مېدىيەلەر iOS 4 دا كۆك چىش نائۇشنىكىنى ئىشلەتكەندە ياكى ماشىنا سىستېمىسىدا دائىم ئۈزۈلۈش ئەھۋالىنىڭ كۆرۈلىدىغانلىقى، مەشغۇلات سىستېمىسى iOS 4 نىڭ مەسىلىسى ئىكەنلىكىدىن گۇمانلىنىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان.
ئەمەلىيەتتە، ئانتېننانىڭ مەسىلىسىنى ئاخبارات ۋاستىلىرى مۇبالىغە قىلىۋەتكەن بولىشى مۇمكىن، ئالما شىركىتىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىكى سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، پەقەت ئاز بىر قىسىم ئىشلەتكۈچىلەرلا بۇ خىل مەسىلىگە يولۇققان، ھەمدە ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئاساسەن ئەسلى سىگنال ياخشى بولمىغان جايلاردىلا بۇ ئەھۋالغا يولۇققانلىقى ئىنكاس قىلىنغان. بۇ مەسىلە iPhone4 سېتىلىشىغا تەسىر يەتكۈزەلمەيدۇ.
2011-يىلى 10-ئاينىڭ 4-كۈنى، ئالما شىركىتى يېڭى بىر ئەۋلاد iPhone 4S نى ئېلان قىلىپ، ئانتېننا قىسمىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزدى، ھەمدە ئالاقە قوبۇل قىلىش مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەنبە: خۇدوڭ قامۇسىدىن ئامىنە تەرجىمە قىلدى
ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش
سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0
>