موسكۋا ئۇنىۋېرسىتېتى


موسكۋا ئۇنىۋېرسىتېتى


خەنزۇچە:  莫斯科大学

رۇسچە: МосковскийгосударственныйуниверситетимМ.В.Ломоносова

موسكۋا ئۇنىۋېرسىتېتىموسكۋا ئۇنىۋېرسىتېتى

قۇرۇلغان ۋاقتى: 1755-يىلى

ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ سانى: 15000 نەپەر

ئوقۇغۇچى سانى: 47000 نەپەر، بۇنىڭ ئىچىدە تولۇق كۇرسنىڭ 40 مىڭ ئوقۇغۇچى، ئاسپىرانتلار 7 مىڭ ئوقۇغۇچى

مەكتەپنىڭ ئورنى: رۇسىيە موسكۋا

تور بېكىتى:  www.msu.ru

مەكتەپنىڭ قىسقىچە تونۇشتۇرۇلۇشى

موسكۋا ئۇنىۋېرسىتېتى رۇسىيىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ، تارىخى ئەڭ ئۇزۇن بولغان ئۇنىۋېرسال ئۇنىۋېرسىتېت، شۇنداقلا موسكىۋادىكى ئەڭ چوڭ ئوقۇتۇش تەتقىقات، مەدەنىيەت مەركىزى. بۇرۇنقى مەكتەپ بىناسى موسكۋا شەھىرىنىڭ مەركىزىدىكى قىزىل مەيداننىڭ ئەتراپىغا جايلاشقان، يېڭى مەكتەپ بىناسى لېنىن تېغىنىڭ ئۈستىگە جايلاشقان. بۇ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ قۇرۇلغىنىغا 250 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت بولغان بولۇپ، 1998-يىلى دۇنيا بويىچە 7-ئورۇنغا تىزىلغان.

موسكىۋا ئۇنىۋېرسىتېتى رۇسىيىدىكى ئەڭ چوڭ ئۇنىۋېرسىتېت، شۇنداقلا رۇسىيىدىكى ئەڭ چوڭ ئىلىم-پەن مەركىزى. موسكىۋا ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەنلەردىن 11 نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى بار. موسكىۋا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فاكۇلتېتى، 15 ئوقۇتۇش ۋە ئىلىم مەركىزى، 11 پەن-تېخنىكا تەتقىقات ئورنى بار، يەنە 44 ئالىي مائارىپ كەسپى، 180 ئاسپىرانتلار كەسپىي تەتقىقات يۆلىنىشى تەسىس قىلىنغان. ھازىر موسكۋا ئۇنىۋېرسىتېتىدا 4300 نەپەر پىروفىسسور ۋە ئوقۇتقۇچى، 4800 نەپەر تەتقىقات خادىمى بار، بۇنىڭ ئىچىدە 7800 نەپىرى دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئىگە، 167 نەپىرى موسكۋا ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى.

چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار

چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 4000 مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، سانى يىلدىن-يىلغا كۆپىيىۋاتىدۇ.

جۇغراپىيىلىك ئورنى

ئەسلىدىكى ئورنى موكخوۋايا (Mokhovaya) كوچىسى 11 نومۇر بولۇپ، 1812-يىلى كۆيدۈرۈۋېتىلگەندىن كېيىن، 1817-1819 يىللىرى قايتا قۇرۇلغان. 1953-يىلى 9-ئايدا، موسكۋانىڭ غەربى جەنۇبىدىكى لېنىن تېغىدا مەكتەپ يېڭى مەكتەپ بىناسىنى سالغان. 32 قەۋەتلىك ئاساسىي بىنا، 55 مېتىرلىق مۇنارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئومۇمىي ئېگىزلىكى 240 مېتىر، ئالدى تەرىپىنىڭ كەڭلىكى 450 مېتىر. ئىككى تەرىپىدە 18 قەۋەتلىك قوشۇمچە بىناسى بار بولۇپ، ھەر بىرىگە دىئامېتىرى 9 مېتىر كېلىدىغان چوڭ سائەت ئورنىتىلغان، پۈتكۈل قۇرۇلۇشنىڭ كۆرۈنىشى ئىنتايىن ھەيۋەتلىك.

مەكتەپتە ئۈچ رەسەتخانا، ئۈچ مۇزېي، بىر يەر مەيدانى 50 گېكتار كېلىدىغان ئۆسۈملۈكلەر باغچىسى، ئىلمىي تەتقىقات ئورگانلىرى ۋە تەجرىبىخانىلار بار، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە مەيدان، تەنتەربىيە مەيدانى، تەنتەربىيە سارىيى، تىياتىرخانا، چوڭ زال قاتارلىقلار بار. ئومۇمىي ئىگىلىگەن يەر مەيدانى 320 گېكتار.

مەكتەپنىڭ تەرەققىياتى

مەكتەپ قۇرۇلغان 50 يىل ئىچىدە، رۇسىيىدىكى بىردىنبىر ئۇنىۋېرسال ئۇنىۋېرسىتېت بولۇپ كەلدى. 19-ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە، ئاساسلىقى مۇشۇ مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلاردىن تەركىب تاپقان بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان ئوقۇتۇش كۈچى شەكىللەندى. 19-ئەسىرنىڭ 30 يىللىرىدىن كېيىن، ئىلمىي تەتقىقات پائالىيەتلىرىنى كۈچەيتتى، 19-ئەسىرنىڭ باشلىرى 20-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا يېڭى پەن-تەتقىقات ئورگانلىرىنى قۇرۇشقا باشلىدى.

1917-يىلى 10-ئايدا ئىنقىلاب غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېت بولۇپ قۇرۇلدى، ھەمدە تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلدى. 1940-يىلى لېنىن ئوردىنىغا ئېرىشتى، ھەمدە لومونوسوۋ (Lomonosov) نىڭ نامىنى قوللاندى. 1955-يىلى ئەمگەك قىزىل بايراق ئوردىنىغا ئېرىشىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مائارىپ ساھەسىدە مۇھىم ئورۇننى ئىگەللىدى. ھازىر  مېخانىكا، ماتېماتىكا، فىزىكا، خىمىيە، بىئولوگىيە، تۇپراق ئىلمى، گېئولوگىيە، جۇغراپىيە، تارىخ، ئەدەبىيات، پەلسەپە، ئىقتىساد، قانۇن، ئاخبارات، پىسخولوگىيە قاتارلىق 15 فاكۇلتېت بار. يەنە ئاسىيا-ئافرىقىدىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر مەسىلىلىرى ئىنىستىتۇتى، جەمئىيەت پەنلىرى بويىچە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىلىم ئاشۇرۇش فاكۇلتېتى ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ بىلىم ئاشۇرۇش فاكۇلتېتى، ئاسپرانتلار بۆلىمى، ئالىي مەكتەپ تەييارلىق بۆلىمى، ئۇنىڭدىن باشقا يادرو فىزىكىسى، ئاسترونومىيە، مېخانىكا، ئىنسانشۇناسلىقتىن ئىبارەت تۆت تەتقىقات ئورنى. جەمئىي 280 ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسى، 400 تەجرىبىخانا، 100 مەخسۇس ئىشلىتىدىغان دەرسخانا، 12 ئوقۇتۇش تەتقىقات تەجرىبە ئورنى، بىر ھېساپلاش مەركىزى، بىر ئۆسۈملۈكلەر باغچىسى، تۆت رەسەتخانا، ئۈچ مۇزېي، 7 مىليون پارچىدىن ئارتۇق كىتاب ساقلانغان بىر كۇتۇپخانا بار. جەمئىي 460 دەرسلىك تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا كۈندۈزلۈك ئوقۇش، كەچلىك ئوقۇش ۋە سىرتتىن ئوقۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. كەچلىك ئوقۇش تارىخ، تىلشۇناسلىق، ئىقتىساد، قانۇن، پىسخولوگىيە ۋە ئاخبارات قاتارلىق ئالتە ئۇنىۋېرسىتېتتا تەسىس قىلىنغان، سىرتتىن ئوقۇلىدىغان دەرسلىكلەر پەقەت ئاخبارات ئىنىستىتۇتىدىلا تەسىس قىلىنغان. كۈندۈزلۈك ئوقۇشنىڭ ئوقۇش مۇددىتى 5 يىل، كەچلىك ئوقۇش بىلەن سىرتتىن ئوقۇشنىڭ ئوقۇش مۇددىتى 6 يىل.

تارىخى

1755-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى رۇسىيە ئايال چار پادىشاھى ئېلزابېت پېتروۋنا(PETROVNA ELIZABETH)نىڭ بۇيرۇقى بىلەن موسكۋا ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇلدى، شۇ يىلى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى دەرس باشلىدى.

1917-يىلى 10-ئايدىكى ئىنقىلابتىن كېيىن ئۇنىۋېرسىتېت ئىشچى-دېھقانلارنىڭ بالىلىرىنى قوبۇل قىلىشقا باشلىدى. 1919-يىلىدىن باشلاپ ئوقۇش پۇلىنى كەچۈرۈم قىلىپ، ئىشچىلار سىنىپىنىڭ پەرزەنتلىرى ئۈچۈن تەييارلىق فاكۇلېتىتىنى قۇرۇش ئارقىلىق ئۇلارنى مەكتەپكە كىرىش ئىمتىھانىدىن ئۆتكۈزدى. 2005-يىلى موسكۋا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 250 يىللىقى تەبرىكلەندى.

مەكتەپنىڭ فاكولتېتلىرى

مېخانىكا ۋە ماتېماتىكا فاكۇلتېتى، كونترول نەزەرىيىسى فاكۇلتېتى، فىزىكا فاكۇلتېتى، خىمىيە فاكۇلتېتى، بىئولوگىيە فاكۇلتېتى، تۇپراق ئىلمى فاكۇلتېتى، ئېكىلوگىيە فاكۇلتېتى، تارىخ فاكۇلتېتى، پەلسەپە فاكۇلتېتى، تىلشۇناسلىق فاكۇلتېتى، ئىقتىساد قانۇن فاكۇلتېتى، ئاخبارات فاكۇلتېتى، پىسخولوگىيە فاكۇلتېتى، مائارىپ فاكۇلتېتى، جەمئىيەتشۇناسلىق فاكۇلتېتى، تېببىي ئىلىم فاكۇلتېتى

ئوقۇشقا كىرىش ۋە خىراجەت

بىر ئوقۇش يىلى ئىككى ئوقۇش مەۋسۈمىگە بۆلىنىدۇ، ھەر يىلى 9-ئايدا ئوقۇش باشلىنىدۇ، قىشلىق تەتىل 20 كۈن، يازلىق تەتىل 2 ئاي، مەكتەپ چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشقا كىرىشتىن ئىلگىرى كەسپىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ بىر يىلدىن بىر يېرىم يىلغىچە رۇس تىلى ۋە كەسپىي بىلىملەرنى ئۆگىنىشىنى بەلگىلىگەن بولۇپ، رۇس تىلى مەكتەپ پۈتتۈرۈش ئىمتىھانىدىن ئۆتكەندىن كېيىنلا ئاندىن ئوقۇشقا كىرەلەيدۇ.

باكلاۋېرلىق ئۇنۋانىنىڭ ئوقۇش مۇددىتى 4 يىل، تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەنلەرنىڭ ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇش مۇددىتى 5 يىلىدىن 6 يىلغىچە، تولۇق كۇرۇسنى پۈتتۈرگەنلەرنىڭ 2 يىل، ماگىستىرلارنىڭ دوكتورلۇقتا ئوقۇش مۇددىتى 3 يىل.

بۇ مەكتەپنى پۈتتۈرگەن داڭلىق كىشىلەر

ئانتون پاۋلوۋىچ چېكخوۋ (Anton Pavlovich Chekhov)-دراماتۇرگ، ھېكايە يازغۇچىسى، دوختۇر

گورباچوۋ (Gorbache)-1990-1991-يىلىغىچە تەخىتكە چىققان بىردىنبىر پرېزدېنت.

ۋاسسىلى كاندىنسىكاي(Wassily Kandinsky)-رەسسام ۋە سەنئەت نەزەرىيىچىسى.

ئىئون ئىلى ئېسكۇ (Ion Iliescu)-رومانىيىنىڭ پرېزدېنتى

لېۋ داۋىدوۋىچ لانداۋ (Lev Davidovich Landau)-سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئاتاقلىق فىزىكا ئالىمى

مەنبە: بەيدۇ قامۇسىدىن ئامىنە تەرجىمە قىلدى

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 375 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 2قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2014-03-26