بىل ئىنسانىيەتكە نېمىلەرنى قالدۇرغان


بىل ئىنسانىيەتكە نېمىلەرنى قالدۇرغان

بىلبىل

ئامېرىكىنىڭ 19-ئەسىردىكى كەشپىياتچىسى بىل كىشىلەرنىڭ مەڭگۈ خاتىرلىشىگە ئەرزىيدىغان مەشھۇر ئالىمدۇر. چۈنكى ئۇ خەلق چۆچەكلىرىدە ئېيتىلغان «ئۇزۇن قۇلاق» نى كەشىپ قىلىپ رېئاللىققا ئايلاندۇرغان. بىراق ئۇ بۇندىن 136 يىل بۇرۇن يەنى (1876-يىلى) بۇ جەھەتتە مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەندىن كېيىن، تونۇشلىرىغا: «مۇبادا ھېنرى ئەپەندىنىڭ ئىككى ئېغىز ئىلھاملاندۇرىدىغان سۆزى بولمىغان بولسا، مەن تېلېفوننى ھەرگىز كەشىپ قىلمىغان بولاتتىم» دېگەن. بۇ قانداق ئىش؟ بۇنى بىلىش ئۈچۈن گەپنى باشتىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ.

تارىخىي خاتىرىلەردە يېزىلىشىچە، بىل تېلېفون ئاپپاراتىنى ياساش، تەتقىق قىلىش جەريانىدا ئۆزىدە ھېچبىر ئىشەنچنىڭ يوقلىقىنى ھېس قىلىپ، ئۇزۇن يوللارنى بېسىپ ۋاشىنگتونغا كېلىپ، مەشھۇر فىزىكا ئالىمى ھېنرىدىن مەسلىھەت سورايدۇ. بىل بۇ ئالىم بىلەن تونۇشمىغاچقا، دەككە-دۈككە ئىچىدە ئۇنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىپ ئۆزىنىڭ تېلېفون توغرىسىدىكى تەسەۋۋۇرىنى سۆزلەپ بولۇپ، بىتاقەت بولغان ھالدا:

-ئەپەندىم سىلىچە بۇ ئويۇم قانداق بولار؟-دەپ سورايدۇ.

ھېنرى ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ بولۇپ:

-ئىشلەڭ! ئۆگىنىڭ!-دەيدۇ.

-بىراق ئەپەندىم، مېنىڭ ئېلىكتېر ھەققىدىكى بىلىمىم بەكمۇ ئاز.-دەيدۇ بىل.

ھېنرى بولسا يەنە:

-ئۆگىنىڭ!-دەپ ئۇنىڭغا ئىلھام بېرىدۇ.

«ئىشلەڭ!»، «ئۆگىنىڭ!» بۇ ئىككى ئېغىز ئۇرغۇلۇق سۆز خۇددى بىر ئىللىق ئېقىمدەك بىلنىڭ قەلبىگە سىڭىپ ئۇنىڭغا تەڭداشسىز كۈچ بېغىشلايدۇ. بىل بوستونغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ۋۇتسېن ئىسىملىك بىر كىشى بىلەن بىر ياتاقتا يېتىپ-قوپۇپ، كۈندۈزنى كېچىگە ئۇلاپ ئىشقا كىرىشىپ كېتىدۇ. زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ تېلېفوننى كەشىپ قىلىش ئۈچۈن ئۇ ئۆزىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىدۇ. تەجرىبە ماتېرىياللىرى بولمىغاندا، يېتىپ قوپىدىغان كارۋاتنىڭ تاختايلىرىنى ئېلىپ ئىشلەيدۇ...بىلنىڭ ئاشۇنداق تىرىشچانلىقىدا ئۇزۇنغا بارماي ئىنسانىيەت تارىخىدىكى تۇنجى تېلېفون دۇنياغا كېلىدۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ ئالەمنىڭ ئىككى چېتىدە ياشاۋاتقان ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلەر بىمالال پاراڭلىشالايدىغان بولىدۇ.

دەرۋەقە، ئەنە شۇ يىللاردا، «ئۆگىنىڭ» دېگەن سۆز بىلنىڭ  كەشپىيات يولىغا مېڭىش ئىرادىسىنى چىڭىتسا، «ئىشلەڭ!» دېگەن سۆز ئۇنىڭ ئۆز غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىدىكى ئەمەلىي مۇساپىسىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ھېنرىنىڭ بۇ ئېسىل سۆزى بىلەن بىلنىڭ ئەمەلىيىتى كىشىلەرگە مۇنداق بىر يولنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. كەشىپ قىلىش باشقا ئىشلارغا ئوخشاش ئۆگىنىپ بولۇپ ئاندىن ئىشلەيدىغان ئىش ئەمەس، بەلكى بىر ياقتىن ئىشلەشكە توغرا كېلىدۇ. ئىشلەشنىڭ ئۆزىمۇ ئۆگىنىش، تىرىشىپ ئۆگەنگەندە، جاپاغا چىداپ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگەندە ئاندىن پەننىڭ چىققىلى بولمايدىغان چوققىسى بولمايدۇ.

پەننىڭ تەتقىقات تارىخىنى ۋاراقلىغاندا، ھەربىر كەشپىيات بىخ ھالىتىدە ياكى بوۋاق ۋاقتىدا، بەزى كىشىلەرنىڭ قارشى تۇرۇشى، كۆرەلمەسلىكى ھەتتا مەسخىرە قىلىشىدىن خالىي بولالمىغان. ئەينى چاغدا بىلمۇ بۇنىڭ سىرتىدا قالمىغان. بىلنىڭ تېلېگرافقا ئائىت بىلىملىرى يېتەرلىك بولمىغاچقا، مەشھۇر ئۇستازلاردىن تەلىم ئېلىشقا توغرا كېلەتتى. بىر كۈنى ئۇ ئامېرىكىدىكى بىر مەشھۇر تېلېگراف ئۇستىسىنىڭ قېشىغا بېرىپ ئېلېكتىر سىمى ئارقىلىق ئاۋازنى يەتكۈزۈپ بېرىش تەسەۋۋۇرىنى ئۇنىڭغا ئاقكۆڭۈللۈك بىلەن سۆزلەپ، ھېلىقى ئۇستىنىڭ سەمىمىي ياردىمىگە ئىگە بولۇشنى ئويلايدۇ. بىراق بۇ ئۇستاز: «ئېلېكتىر سىمى ئاۋازنى قانداقمۇ يەتكۈزۈپ بېرەلىسۇن، بۇ تازا بىر كۈلكىلىك گەپ! ئالجىغانلىق!» دەپ ئۇنى مەسخىرە قىلىدۇ.

بىل شۇ يىللىرى تېلېفوننى كەشىپ قىلىپ، پايدا-مەنپەئەتكە ئىگە بولغان بولسىمۇ، لېكىن بەزىلەر ئۇنىڭ بۇ كەشپىياتىنى كۆزگە ئىلمايدۇ. بەزى «مۇتەخەسسىسلەر» ئۇنىڭ كەشپىياتىنى «پەقەت سېرىك ئۆمەكلىرىنىڭ ئويۇن قويۇشلىرىدا ئىشلەتكىلى بولىدىغان نەرسە، ھېچقانداق ئەمىلىي قىممىتى يوق» دېيىشىدۇ. بۇ چاغدا ئۆز كەشپىياتىنىڭ نەتىجىسىنى تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن، بىل ئامېرىكىنىڭ ھەممە شەھەرلىرىنى ئايلىنىپ چىقىشقا ئازلا قالىدۇ. ھەتتا مۇشۇ سەۋەبتىن بارلىق مال-دۇنياسىنى سەرپ قىلىۋېتىدۇ. يەنە تېخى «ئىلىم ئالدامچىسى» دېيىلىپ ساقچى ئىدارىسىگە قامىلىپمۇ قالىدۇ. كېيىنچە ئۇ بەختىگە يارىشا بىر ئاقكۆڭۈل كىشىنىڭ ياردىمى بىلەن «بىل تېلېفون شىركىتى» نى قۇرىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن پۈتۈن دۇنيادا تېلېفوننى ئىشلىتىش كەڭ تۈردە ئومۇملىشىدۇ.

بىلنىڭ تېلېفوننى كەشىپ قىلىش جەريانىدىكى كەچۈرمىشلىرى بىزگە شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى، كەشپىيات-يېرىم مۇۋەپپەقىيەتتۇر. بىرەر كەشپىيات قوللىنىلماي ياكى ئىستېمال دائىرىسى كېڭەيمەي تۇرۇپلا بۆشۈكىدە ئۇجۇقتۇرۇۋېتىلىدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. كېيىنكى يىللاردا خەلقئارا تېلېفوننىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، بىلنىڭ داڭقى ھەر تەرەپكە تارىلىدۇ. يەنە ئۇنى ئەنگلىيەنىڭ ئايال پادىشاھىمۇ قوبۇل قىلىدۇ. ئەمەلدار ۋە بايلىق ئىگىلىرىنىڭ قىزلىرى ئۇنىڭغا تۇرمۇش قۇرۇش تەكلىپىنى قويىشىدۇ. بىلنىڭ ئايالى گاچا ئىدى. لېكىن بىل ئۇ چاغدا ھەرگىز كونىسىنى تاشلاپ يېڭىسىنى قوغلاشمايدۇ. ئۇ «مېنىڭ تېلېفون كەشىپ قىلىشىمدا شۇ ۋاپادار ئايالىمنىڭ بىر ئۈلۈش تۆھپىسى بار، مەن ئۇنى ئۇنتالمايمەن، ھەمدە ئۇنىڭدىن ئايرىلىشىم مۇمكىن ئەمەس» دەيدۇ.

ئاخىرىدا شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، بىلنىڭ ئىنسانىيەتكە قالدۇرغىنى پەننىڭ بىر مۇۋەپپەقىيىتى بولغان تېلېفونلا بولۇپ قالماستىن، بەلكى يەنە پەننىي مۇۋەپپەقىيەتتىنمۇ قىممەتلىك بولغان گۈزەل ئەخلاقتۇر.

مەنبە: «بىلىم كۈچ» ژۇرنىلىنىڭ 2014-يىللىق 3-سانىدىن ئېلىندى

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 296 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 1قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2014-03-26