بازاغا سېلىنغان ۋاقتى: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 14-كۈنى
شەكلى: تۈز شەكىلدە
چوڭ كىچىكلىكى: 115.2 × 58.6 × 9.3
ئېغىرلىقى: 140 گرام
مەشغۇلات سىستېمىسى: iOS 5.1.1
CPU: 800 MHz dual-core ARM Cortex-A9
ئاساسىي ئېكران: 3.5 دىيۇم، 960×640px
ئىچكى سىغىمى: MB512
ئۇلىنىش ئىقتىدارى: b/g/n802.11 Wi-FiBluetooth 4.0
باتارېيىسى: V3.7، 5.3Wh (1,430mAh)
كامېرا: 8 مىليون پىكسېللىق
ئاساسىي ئېكراننىڭ ماتېرىيالى: IPS
ئاساسىي ئېكراننىڭ پەرقلەندۈرۈش نىسبىتى: 0×64960 پىكسېللىق
ئىنتېرنىت ئۆلچىمى: UMTS/HSDPA/HSUPA(850, 900, 1900, 2100 MHz)؛ GSM/EDGE(850, 900, 1800, 1900 MHz)؛ CDMA EV-DO Rev. A(800, 1900 MHz)
ئىنتېرنىت شەكلى: GSM، WCDMA، CDMA، CDMA2000
سانلىق مەلۇمات كەسپى: GPRS، EDGE، HSDPA، CDMA 1X، EVDO rev.A
iPhone 4s ئالما شىركىتى ئىشلەپ چىقارغان ئەقلىي يانفون، iPhone تۈرىنىڭ 5-ئەۋلاى. iPhone 4s نى ئالما تەتقىقاتچىلىرى 2010-يىلى 6-ئاينىڭ 7-كۈنىدىكى يىغىندا ئېلان قىلغان. بۇ تېلېفونغا قوش يادرولۇق A5 بىر تەرەپ قىلغۇچ، 8 مىليون پىكسېللىق كامىرا ئىشلىتىلگەن، سىرتقى شەكلى iPhone 4 بىلەن پەرقلەنمەيدۇ.
قوللايدىغان چاستوتا بۆلىكى: 2 G: CDMA1X 800، 2G: GSM 850/900/1800/1900، 3G: WCDMA 850/900/1900/2100، 3G: CDMA EVDO 800/1900MHz
ئىشلىتىشكە بولىدىغان بوشلىقى: GB16
باتارېيەسىنىڭ سىغىمى: 1420mAh
نەزەرىيىۋى سۆزلىشىش ۋاقتى: 840مىنۇت (2G)، 480مىنۇت (3G)
نەزەرىيىۋى ساقلاش ۋاقتى: 200 سائەت
باشقا ئىشلىتىش ۋاقىتلىرى: 3G تورغا چىقىش ۋاقتى 6 سائەت
WLAN تور ۋاقتى: 10 سائەت
مۇزىكا قويۇش ۋاقتى: 40 سائەت
ۋېدىئو قويۇش ۋاقتى: 10 سائەت
كونۇپكا تاختىسىنىڭ تۈرى: مەۋھۇم QWERTY كونۇپكا تاختىسى
تېلېفوننىڭ رەڭگى: قارا، ئاق
iPhone 4s نىڭ ئىقتىدارى
خەت كىرگۈزۈش ئۇسۇلى: خەنزۇچە، ئىنگلىزچە ۋە ئۈچىنچى تەرەپ كىرگۈزۈش ئۇسۇلى
خەت كىرگۈزۈش شەكلى: قول بىلەن يېزىش
تېلېفون خاتىرىسى: قۇبۇل قىلىنغان تېلېفون+ئۇرۇلغان تېلېفون+قۇبۇل قىلىنمىغان تېلېفون
قىسقا ئۇچۇر، رەڭلىك ئۇچۇر، ئاۋازغا ئېلىش ئىقتىدارى، مۇھىت شەكلى، كۈتۈش رەسىمى، تېما تىزىملىكى، كەلگەن تېلېفوننىڭ قوڭغۇراق ئاۋازىنى پەرقلەندۈرۈش، كەلگەن تېلېفوننىڭ رەسىمىنى پەرقلەندۈرۈش، كالىندار ئىقتىدارى، قوڭغۇراق ئىقتىدارى، ھېسابلىغۇچ، بىرلىك ئالماشتۇرغۇچ
iPhone 4s نىڭ ئالاھىدىلىكى
ئېلىكتىرونلۇق كومپاس: سېفىرلىق كومپاس، GPS يول يول باشلىغۇچ، خەرىتە يۇمشاق دېتالى، ئېغىرلىق كۈچى ئىندۇكتورى، تېزلەتكۈچ سېنزورى، يورۇقلۇق سېنزورى، ئارلىق سېنزورى، D3 قاتارلىقلارنى قوللايدۇ.
iPhone 4s نىڭ رەسىمگە تارتىش ئىقتىدارى
كامىرانىڭ تۈرى: قوش كامىلىق (ئالدى-كەينى)
كامىرانىڭ سۈزۈكلۈك دەرىجىسى: ئالدىدىكى كامىرانىڭ 300 مىڭ پىكسېل، كەينىدىكى كامېرانىڭ 8 مىليون پېكسىل
سېنزورنىڭ تىپى: CMOS
چاقماق لامپا: LED نۇر تولۇقلاش لامپىسى
فوكۇس ئارلىقى\دائىرىسى: 4.0 مىللىمېتىر
نۇر ھالقىسى: f/2.4
رەقەملىك فوكۇس ئۆزگەرتىش، ئاپتوماتىك فوكۇس توغرىلاش، سۈرەتكە ئېلىش مەيدانى، سۈرەت ئالاھىدە ئۈنىمى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى قوللايدۇ
رەسىمنىڭ ئۆلچىمى: ئەڭ چوڭ بولغاندا 3264×2448 پىكسېللىق رەسىمنى تارتالايدۇ
iPhone 4s نىڭ كۆڭۈل ئېچىش ئىقتىدارى
ۋېدىئو قويغۇچ: MP4/3GP/AVC/AVI/MPEG-4 قاتارلىق شەكىللەرنى قوللايدۇ
مۇزىكا قويغۇچ: MP3/AAC/AMR/WAV/MID قاتارلىق شەكىللەرنى قوللايدۇ
قوڭغۇراق ئاۋازىنى ئىپادىلەش: MP3/MIDI
گرافىك شەكلى: قوللايدۇ
TV-OUT: Apple TV نى قوللايدۇ
مۇلازىمەت ئالاھىدىلىكى: App store
ئېلىكتىرونلۇق كىتاب، Java كېڭەيتىش، SNS قوللاش، ئەپ
iPhone 4s نىڭ سېفىرلىق ئىقتىدارى
كۆك چىش: كۆك چىش 4.0 نى قوللايدۇ
WLAN ئىقتىدارى: WIFI، IEEE 802.11 n/b/g
سانلىق مەلۇمات ئۇلاش ئېغىزى: USB v2.0، 2mm
نائۇشنىك چاتما تۆشىكى: 3.5mm
WAP كۆز يۈگۈرتكۈچ، WWWكۆز يۈگۈرتكۈچ، PCماس قەدەملىك سانلىق مەلۇمات
iPhone 4s نىڭ سودا ئىقتىدارى
ئېلىكتىرونلۇق پوچتا يوللانمىسى: IMAP4، POP3، SMTP قاتارلىقلارنى قوللايدۇ
ئىشخانا قوراللىرى: TXT، zip باشقۇرۇش
ئاۋاز ئىقتىدارى، ئىسىم كارتىسىنى سىكاندىرلاش، دۇنيا ۋاقتى، زاپاس سانلىق مەلۇمات، ئېلىكتىرونلۇق لۇغەت، خاتىرە، كۈنتەرتىپ جەدىۋىلى، خاتىرە دەپتەر
باشقا ئىقتىدارلىرى
گروسكوپ، سىمسىز رادىئو چاستوتىسىنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى، Siri ئاۋازلىق مەشغۇلات ياردەمچىسى ئىقتىدارى، بۇ ئىقتىدار ئارقىلىق ئىشلەتكۈچىنىڭ ئاۋازىنى پەرقلەندۈرۈپ، بىر قىسىم مۇرەككەپ مەشغۇلاتلارنى پەرقلەندۈرگىلى بولىدۇ، Siri ئارقىلىق ھاۋارايىنى تەكشۈرگىلى، يول كۆرسەتكۈچنى ئىشلەتكىلى، ۋاقىت سۈرۈشتۈرگىلى، قوڭغۇراقلىق سائەتنى بېكىتكىلى، پايچەكنى سۈرۈشتۈرگىلى ۋە قىسقا ئۇچۇر ئەۋەتكىلى بولىدۇ.
iPhone 4s نىڭ سىرتقى كۆرىنىشى
سىرتقى كۆرىنىشىدىن iPhone 4s بىلەن iPhone 4 نى پەرقلەندۈرۈش تەس، ئىككىسى سىرتقى كۆرۈنۈش جەھەتتىن ئاساسەن ئوخشاش. ئىككىسىگىلا 3.5 دىيۇملۇق Retinaكۆرۈش تور پەردىسى ئېكرانى ئىشلىتىلگەن. چوققا قىسمىدىن مەخسۇس Facetime ئۈچۈن تەييارلانغان كامىرانى كۆرگىلى بولىدۇ. ئاستىنقى قىسمىدىكى HOME كونۇپكىسى ساقلاپ قېلىنغان بولۇپ، باسقاندا كۈچەپ باسسا ئاندىن ئىشلەيدۇ.
iPhone 4s نىڭ باھاسى
iPhone 4s نىڭ سىرتىقى كۆرىنىشى iPhone 4 نىڭ سىرتقى كۆرىنشى بىلەن پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ، ئىككى يىللىق توختام باھاسى GB16 نىڭ 199 ئامېرىكا دوللىرى، GB32 نىڭ 299 ئامېرىكا دوللىرى، GB64 نىڭ 399 ئامېرىكا دوللىرى
iPhone 4s نىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى
iPhone 4s كە قوش يادرولۇق A5 بىر تەرەپ قىلغۇچ ئىشلىتىلگەن، ئىجرا قىلىش سۈرئىتى iPhone 4 نىڭ ئىككى ھەسسىسىگە باراۋەر، شەكىل بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى ھازىرقى iPhone نىڭ يەتتە ھەسسە بولۇپ، ئانتېننا ۋە iPhone 4 گە سېلىشتۇرغاندا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەن. نەزەرىيىۋى چۈشۈرۈش سۈرئىتى Mbps 14.4، iPhone 4 نىڭ بولسا Mbps7.2، iPhone 4s بىرلا ۋاقىتتا GSM ۋە CDMA نى قوللايدۇ. كامىراسىنىڭ سۇزۈكلىكى 8 مىليون پىكسېل بولۇپ، iPhone 4 نىڭكىدىن %60 ئاشۇرۇلغان. ئېنفىرا قىزىل سۈزگۈچ سەپلەنگەن بولۇپ، رەڭگى ئېنىق. سۈرەتكە تارتىش تېزلىكى تېخىمۇ تېز بولۇپ، دەسلەپكى سۈرەتنى تارتىش ئۈچۈن پەقەت 1.1 سىكونت، HTC Sensation ئۈچۈن پەقەت 2.1 سىكونت كېتىدۇ. «AirPlay Mirroring» نى قوللايدۇ، iPhone 4s تىكى كۆرۈنۈشلەرنى بىۋاسىتە تېلېۋىزوردا كۆرسەتكىلى بولىدۇ.
ئاۋاز ياردەمچىسى ئىقتىدارى ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكلىرىرىنىڭ بىرى. ئىشلەتكۈچى پەقەت HOME كونۇپكىسىنى باسسىلا، Siri ئىقتىدارى ئاۋاز بويىچە مەشغۇلات ئېلىپ بارىدۇ، مەسىلەن ھاۋارايىدىن مەلۇماتنى تەكشۈرۈش، تاماقخانىلارنى تونۇشتۇرۇش، قىسقا ئۇچۇر ئوقۇش، قامۇستىن ئىزدەش، ئېلىكتىرونلۇق خەت يوللاش قاتارلىقلار. ئاۋاز ئىقتىدارى ئىنگلىزچە، فرانسۇزچە ۋە گېرمانچىنى قوللايدۇ، خەنزۇچىنى قوللىمايدۇ.
iPhone 4s كە ئورنىتىلغان سىستېمىلار
iPhone 4s ئالما ئېلان قىلغان IOS 5 سىستېمىسى ئورنىتىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئاساسلىق ئىقتىدارلىرى:
1. ئالاقىلاشقۇچىلاردىكى قارا تىزىملىك: IOS 5 سىستېمىسىنىڭ ئىچىكى قىسمىغا ئورنىتىلغان بولۇپ، قارا تىزىملىكتىكى ئادەملەر تېلېفون ئۇرالمايلا قالماستىن، ئۇچۇرمۇ يوللىيالمايدۇ.
2. تېز سۈرئەتتە ئېچىپ تاقاشنى بېكىتىش: IOS 5 دە، سىز بىۋاسىتە سېرىلما كونۇپكىنى ھەركەتلەندۈرۈش ئارقىلىق ئاۋازنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى، ئېكراننىڭ يورۇقلۇق دەرىجىسىنى تەڭشىيەلەيسىز.
3. Spacesئۈستەل يۈزىنى ئالماستۇرۇش: ئاساسلىقى كۆپ خىل ئۈستەل يۈزىنى ئالماشتۇرۇشتا ئىشلىتىلىدۇ.
4. ئەڭ يېڭى سۈرەت سىستېمىسى: IOS 5 نىڭ سۈرەت ئىقتىدارىغا ئورۇن ۋە چىراينى پەرقلەندۈرۈش، تور ئەلبومى قاتارلىق قاتارلىق يېڭى ئىقتىدارلار قوشۇلدى.
5.سۈرەت تەھرىرلەش سىستېمىسى: ئىشلەتكۈچى رەسىمگە تارتىپ بولغاندىن كېيىن تېلېفوندا رەسىمگە دەرھال ئۆزگەرتىش كىرگۈزەلەيدۇ، بىر قىسىم ئالاھىدە ئۈنۈم ۋە ئەندىزىلەرنى كىرىشتۈرەلەيدۇ.
6. ئۈستەل يۈزىدىكى قىستۇرما دېتال: بۇ ئىقتىدار ئاخىرى IOS 5 دا ئەمىلىيلەشتى، ئۈستەل يۈزىدىكى قىستۇرما دېتاللار ئارقىلىق ئۇچۇرلارنى بىۋاسىتە تەكشۈرگىلى بولىدىغان بولدى.
7.قىستۇرما دېتال ئەسكەرتىشىنى تاقاش: IOS 5 نىڭ چۈشەندۈرۈلىشىگە ئاساسلانغاندا، ئالما ئۇنى «بىر نەپىس لايىھە» دەپ تەسۋىرلىگەن. خاتىرە دەپتەر، كالىندار ئەسكەرتىشى، ئوقۇلمىغان ئۇچۇر ۋە ئېلىنمىغان تېلېفون قاتارلىقلار ئەزەلدىن iPhone نىڭ ئېكرانىدا ھازىرقىدەك ئىخچام ۋە ئۇستاتلىق بىلەن گەۋدىلەندۈرۈلۈپ باقمىغان.
iPhone 4s نىڭ ئاساسىي كۆرۈنمە يۈزى
نۇرغۇن كىشىلەر Phone 4s نىڭ سىرتقى كۆرىنىشىدە كۆرىنەرلىك ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىنى ئەيىپلىدى، بىراق قاتتىق دېتال ۋە ئىقتىدارلىرىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، Phone 4s تامامەن يېڭى بولغان بىر تېلېفون. قاتتىق دېتال جەھەتتە، Phone 4s كە ئىشلىتىلگىنى iPad بىلەن ئوخشاش بولغان A5 قوش يادرولۇق بىر تەرەپ قىلغۇچ، ئالما تەرەپنىڭ چۈشەندۈرۈلىشىگە ئاساسلانغاندا، CPU سۈرئىتى ئىككى ھەسسە ئاشۇرۇلغان، قوش يادرولۇق سۈرەت بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ بىر تەرەپ
قىلىش ئىقتىدارى 7 ھەسسە ئاشۇرۇلغان.
Phone 4s نى ئاكتىپلاشتۇرۇش ئۇسۇلى
نۇرغۇن كىشىلەر Phone 4s نى قولىغا ئالغاندىن كېيىن قانداق ئاكتىپلاشتۇرشنى بىلەلمەي قالىدۇ، تۆۋەندىكىسى كۆپچىلىككە Phone 4s نى قانداق ئاكتىپلاشتۇرۇشنى ئۆگىتىدۇ.
1.ئاكتىپلاشتىن ئىلگىرى ئالدى بىلەن sim كارتىنى ئورنىتىمىز، Phone 4 كە ئوخشاش Phone 4s كىمۇ كىچىك كارتا ئىشلىتىلىدۇ.
2. Phone 4s نى ئېچىپ، ئاكتىپلاشتىن ئىلگىرىكى ئورۇنلاشتۇرۇش يۈزىگە كىرىمىز. مۇلازىمەت ئورنىنى بېكىتىپ، ئەپ پروگراممىسىنى يانفون ۋە سىزنىڭ ئورۇن ئۇچۇرىڭىزنى ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىمىز.
3. ئورۇن بېكىتىش مۇلازىمىتىنى قوزغىتىمىز. apple ID غا تىزىملىتىمىز، ئەگەر يوق بولسا ئالدى بىلەن تىزىمغا ئالدۇرىمىز، تېلېفوندا بىۋاسىتە تەسىس قىلغىلىمۇ ياكى كومپيۇتېردا ھەقسىز id تەسىس قىلغىلىمۇ بولىدۇ.
4. كېيىنكى قەدەمدە iOS، icloud ۋە game center ماددىلىرىدىكى قوشۇلۇش رامكىسىنى چەكسىڭىزلا بولىدۇ.
5. تىزىمغا ئالدۇرۇش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن كېيىن، icloud نى ئىشلىتىشنى تاللايمىز.
6. كېيىنكى قەدەمدە، iPhone ئورۇنلاشتۇرشنى تېپىپ، چېكىمىز. كېيىن ناۋادا iPhone نىڭىزنى تاپالماي قالسىڭىز، ئۇنىڭ ياردىمى ئارقىلىق تېپىپ كېلەلەيسىز.
مەنبە: خۇدۇڭ قامۇسىدىن ئامىنە تەرجىمە قىلدى
ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش
سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 2
>