كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى


كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى

كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىكولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى

خەنزۇچە: 哥伦比亚大学

ئىنگلىزچە:  Columbia University

قۇرۇلغان ۋاقتى: 1754-يىلى

تەۋە رايونى: ئامېرىكا نىيۇيورك شەھىرى مانخاتتان

كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تولۇق ئىسمى نىيۇيورك شەھىرى كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى بولۇپ، قىسقارتىلىپ كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى دەپ ئاتىلىدۇ. ئامېرىكىنىڭ نىيۇيورك شەھىرىگە جايلاشقان خۇسۇسىي مەكتەپ. خۇدسون دەرياسى (Hudson River) غا يېقىن بولۇپ، مەركىزىي باغچىنىڭ شىمالىي تەرىپىدە. ئۇ 1754-يىلى ئەنگلىيە پادىشاھى جورج ئېلان قىلغان «پادىشاھلىق نىزامنامىسى» بويىچە قۇرۇلغان بولۇپ، خانلىق ئىنىستىتۇت دەپ ئاتالغان، ئامېرىكا چوڭ قۇرۇقلىقىدىكى ئەڭ قەدىمىي ئىنىستىتۇتلارنىڭ بىرى. ئامېرىكا مۇستەقىللىق ئۇرۇشىدىن كېيىن، نامىنى كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئۆزگەرتىپ، 1896-يىلى كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى بولۇپ قۇرۇلغان. كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ئامېرىكىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلار ئىچىدىكى جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنى ئەڭ بۇرۇن قۇبۇل قىلغان ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ بىرى. كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىختىكى ئوقوغۇچىلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئىچىدە نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەرنىڭ سانى جەمئىي 96 غا يېتىدۇ.

كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى

كولومبىيە نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى ئامېرىكا قۇرۇقلىقىنى بايقىغان كولومبو بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بىراق ئىنگلىزچە يېزىلىشى جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى كولومبىيە دۆلىتىنىڭ ئىنگلىزچە يېزىلىشىغا ئوخشىمايدۇ.

مەكتەپنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى

كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى خۇسۇسىي مەكتەپ بولۇپ، ئۈچ تولۇق كۇرس ئىنىستىتۇتى ۋە 13 ئاسپىرانتلار ئىنىستىتۇتىدىن تەركىب تاپقان. ھازىر مەكتەپتە ئۈچ مىڭدىن ئارتۇق پىروفېسسور، 20 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى بار، بۇ ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتتۈرگەن 25 مىڭ ئوقۇغۇچى 150 تىن ئارتۇق دۆلەتكە تارقالغان.

مەكتەپنىڭ يىللىق خامچوتى تەخمىنەن ئىككى مىليارد ئامېرىكا دوللىرى، كۇتۇپخانىسىدا 8 مىليون 700 نىڭ پارچە كىتاب ساقلانغان. كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ئامېرىكىدىكى ئەڭ بۇرۇن كۆپ تەرەپلىمە تەربىيىلەشنى ئېلىپ بارغان ئۇنىۋېرسىتېت.

ئۇ ئاسپىرانتلار ئىنىستىتۇتلىرى ئىچىدە ئەڭ قالتىس ئىلمىي نەتىجىلىرى بىلەن مەشھۇر. 20-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى، خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتى ئامېرىكا ئالىي مائارىپىدىكى ئۈچ كۈچلۈك ئورۇن دەپ قارالدى. گەرچە كېيىن ئالىي مەكتەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى كەسكىن رىقابەتلەر بولغان بولسىمۇ، نۆۋەتتىكى كۆپ قىسىم رەت تەرتىپلەرگە تىزىشلاردا تۆتىنچى ئورۇن بىلەن ئونىنچى ئورۇننىڭ ئارىلىقىدا تۇرۇپ كەلدى. ئۇنىڭدىن باشقا، مەكتەپنىڭ ئاخبارات ئىنىستىتۇتى، مائارىپ ئىنىستىتۇتى، خەلقئارا ئاممىۋىي ئىشلار ئىنىستىتۇتى، تېببىي ئىنىستىتۇت، قانۇن ئىنىستىتۇتى، سودا ئىنىستىتۇتى ۋە سەنئەت ئىنىستىتۇتىلىرىنىڭ ھەممىسى ئالدىنقى قاتاردىكى ئىنىستىتۇتلار.

مەكتەپنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكى

كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى ئۇنىڭ نىيۇيوركقا ئورۇنلاشقانلىقى، ۋال سترېت كوچىسى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مەركىزى ۋە بروۋدۋاي بىلەن بىلەن قوشنا بولغانلىقى. سىز بۇ پۈتۈن دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت، ئىقتىساد، دىپلوماتىيە مەركىزىدە ئوقۇش جەريانىدا ئۆزىڭىزگە ماس كېلىدىغان ئۆزىڭىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيسىز.

ئىككىنچى خىل ئۆزگىچىلىكى ئۇ ئورۇنلاشقان ئىجتىمائىي مۇھىتقا مۇناسىۋەتلىك. ئەتراپىدا نۇرغۇنلىغان نىيۇرك ئۇسلۇبىدىكى جاز مۇزىكىلىق مەيخانا، ئويۇن قويۇش مەركىزى، قەھۋەخانا قاتارلىقلار بار. مەكتەپ ئىچىدە تۈپتۈز كەتكەن چىملىقلار، كىچىك ئاشپۇزۇللار، قوللايلىق مال سېتىۋېلىش مەركەزلىرى، تەنتەربىيە مەركەزلىرى قاتارلىق دەرستىن سىرتقى پائالىيەت مەركەزلىرى بار. ھەرقايسى ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىلىرى تۈرلۈك ئىجتىمائىي ئالاقە پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ تۇرىدۇ.

ئۈچىنچى خىل ئالاھىدىلىكى ئۇنىڭ پۈتۈن يەرشارىدىكى تورى. بۇنىڭ سەۋەبى ئۇنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا كەڭ تارقالغان مەكتەپداشلىرىنىڭ بولىشى. مەكتەپ مەكتەپداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ياردەم پۇلىغا تايىنىپ، خەلقئارالىق سودا تەتقىقات ئورنىنى قۇرۇپ، دەرسلىكلەرنىڭ خەلقئارالىشىشىنى ئەمىلىيلەشتۈردى.

ئۇنىڭدىن باشقا كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇشنىڭ يەنە بىر ئەۋزەلىكى دەرسلىكلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلىشىنىڭ جانلىق بولىشى بولۇپ، يېڭى كەلگەن ئوقۇغۇچىلار بىرىنچى ئوقۇش يىلىدىكى ئۈچ ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ قايسىسىدىلا ئوقۇشقا كىرسە بولىۋېرىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ئىمتاھانغا قاتنىشىپ ئۆتەلىگەن بىر قىسىم ئاساسىي دەرسلەرنى ئوقۇمىسىمۇ بولىدۇ، ھەمدە بۇنى تاللاپ ئوقۇلىدىغان دەرسلىكلەر ئارقىلىق تولۇقلاپ ئوقۇشىنىڭمۇ زۆرۈرىيىتى يوق. سودا ئىنىستىتۇتى ھەتتا 50 دىن كۆپ تىل دەرسى تەسىس قىلغان

ئىنىستىتۇتلىرى

كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا 20 ئىنىستىتۇت بار.

بۇنىڭ ئۈچى تولۇق كۇرس ئىنىستىتۇتلىرى بولۇپ، كولومبىيە ئىنىستىتۇتى، مائارىپ ئىنىستىتۇتى، قۇرۇلۇش ۋە قوللىنىشچان پەن-تېخنىكا ئىنىستىتۇتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

14 ئاسپىرانتلار ئىنىستىتۇتى بار بولۇپ، ئۇلار:

ئاخبارات ئىنىستىتۇتى

خەلقئارا ئاممىۋىي ئىشلار ئىنىستىتۇتى

قانۇن ئىنىستىتۇتى، سودا ئىنىستىتۇتى

جەمئىيەت خىزمىتى ئىنىستىتۇتى

 بىناكارلىق، پىلانلاش ئىنىستىتۇتى

سەنئەت ئىنىستىتۇتى

قۇرۇلۇش ۋە قوللىنىشچان پەن-تېخنىكا ئىنىستىتۇتى

تېببىي ئىنىستىتۇت

پەرۋىش ئىنىستىتۇتى

چىش ئىلمى ۋە ئېغىز بوشلىقى تاشقى كېسەللىكلەر ئىنىستىتۇتى

سەھىيە ئىنىستىتۇتى

بىلىم ئاشۇرۇش ئىنىستىتۇتى

قارمىقىدا 4 ئىنىستىتۇت بار:

بارنارد ئىنىستىتۇتى (Barnard College)

كولومبىيە ئىنىستىتۇتى پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى

ئامېرىكا يەھۇدى دىنى ئىنىستىتۇتى

نىيۇيورك دىننىي ئۇيۇشما ئىنىستىتۇتى

نامى چىققان ئاسپىرانتلار فاكولتېتلىرىدىن بىناكارلىق، سەنئەت تارىخى، ئاستىرونومىيە، بىئولوگىيە، خىمىيە، كومپىيۇتېر ئىلمى، ماتېماتىكا، فىزىكا، گېئولوگىيە، پىسخلوگىيە، جەمئىيەتشۇناسلىق، پەلسەپە، سىياسەت، دىن، كىنو، تارىخ، ئىقتىسادشۇناسلىق، ئىنگلىزچە، فرانسۇزچە، ئىسپان تىلى، شەرقى ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تىلى ئەدەبىياتى فاكولتېتى قاتارلىقلار بار.

كۇتۇپخانا

كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كۇتۇپخانا سېستىمىسى Butler Library نى مەركەز قىلغان 23 تارماق كۇتۇپخانىنى تەسىس قىلغان بولۇپ، ھەر قايسىسى ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە. بولۇپمۇ Avery قۇرۇلىشى، دەۋر سەنئەت كۇتۇپخانىسى، جەمئىيەت كەسپى ئىنىستىتۇتى كۇتۇپخانىسى، ئاخبارات ئىنىستىتۇتى كۇتۇپخانىسى قاتارلىقلار ئىنتايىن داڭلىق.

بۇنىڭ ئىچىدىكى شەرقىي ئاسىيا كۇتۇپخانىسىدا ھەرخىل خەنزۇچە كىتابلار، قەدىمكى زامان ئەدەبىياتىغا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللار بار بولۇپ، ساقلانغان كىتابلارنىڭ ئومۇمىي سانى 8 مىليۇن 700 مىڭ پارچىغا يېتىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە 6 مىليون يۈرۈش مىكرو فىلىم، 26 مىليون خىل قول يازما، 600 مىڭ پارچە نادىر نۇسخىدىكى كىتابلار، 100 مىڭ پارچە VCD ۋە DVD پىلاستىنكىسى، 200 مىڭ پارچە ھۆكۈمەت ھۆجىتى، تەخمىنەن 950 خىل جۇڭگونىڭ مىللەت شەجەرىسى، ئائىلە نەسەبنامىسى ساقلانغان بولۇپ، جۇڭگونىڭ كۇتۇپخانىسىدىن قالسىلا يىغىپ ساقلانغان ماتېرىيااللار ئەڭ كۆپ كۇتۇپخانا ھېسابلىنىدۇ. شەرقىي ئاسىيا كۇتۇپخانىسىدىكى ئاسىيا تۈرىىدكى ساقلانغان كىتابلار ئامېرىكا بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.

بۇ مەكتەپنى پۈتتۈرگەن مەشھۇر كىشىلەر

سىياسىي ساھەدە

ئامېرىكىنىڭ پرېزدېنتلىرى

زىئودور روزۋېلت (Theodore Roosevelt)-ھەربىي ئىشلار ئالىمى، سىياسىئون، ئامېرىكىنىڭ 26-نۆۋەتلىك پرېزدېنتى

فرانكلىن دېلانو روزۋېلت (Franklin Delano Roosevelt)-ئامېرىكىنىڭ 32-نۆۋەتلىك پرېزدېنتى

دۋايت داۋىد ئېيسېنخاۋېر (Dwight David Eisenhower)-ئامېرىكىنىڭ 34-نۆۋەتلىك پرېزدېنتى

براك ھۇسەيىن ئوباما (Barack Hussein Obama II)-ئامېرىكىنىڭ 44-نۆۋەتلىك پرېزدېنتى

باشقا 26 دۆلەتنىڭ باشلىقى

توققۇز نەپەر ئالىي سوتنىڭ باش سوتچىسى، ئون نەپەر نىيۇيورك شىتاتىنىڭ شىتات باشلىقى ۋە ئون نەپەر نىيۇيورك شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى

ئىلىم-پەن ساھەسىدىكىلەر

جون دېۋېي (John Dewey)-ئامېرىكىلىق پەيلاسوپ ۋە پداگوگ

ئىسىدور ئىساك رابى (Isidor Isaac Rabi)-ئامېرىكىنىڭ فىزىكا ئالىمى، 1944-يىلى نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن

(Edwin Howard Armstrong)-ئامېرىكىلىق رادىئو ئىنژىنىرى، چاستوتىسى مۇدۇلياتسىيەلەنگەن تارقىتىش تېخنىكىسىنى كەشىپ قىلغان.

كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالى

كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەنلەرنىڭ ئەھۋالىنىڭ ياخشى بولۇشىنى ئۇنىڭ ئۇزۇندىن بۇيانقى نامىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ، كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى بىلەن نىيۇيورك سودا ساھەسىدىكىلەرنىڭ قويۇق مۇناسىۋىتى بار، ئوقۇغۇچىلارغا خىزمەت ئالاقىلىشىش ئۈچۈن ھەر يىلى تەخمىنەن 10 قېتىمدەك زىياپەت ئۆتكۈزىدۇ.

مەنبە: ۋىكىپېدىيەدىن ئامىنە تەرجىمە قىلدى


مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 257 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2014-03-24