يۈسۈپ خاس ھاجىپ توغرىسىدىكى تارىخىي ھۆججەتلەر

 

يۈسۈپ خاس ھاجىپ توغرىسىدىكى تارىخىي ھۆججەتلەر 


يۈسۈپ خاس ھاجىپيۈسۈپ خاس ھاجىپ

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 11-ئەسىردىكى بۈيۈك، مۇتەپەككۇر شائىرى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قەبرىگاھى قەشقەر شەھىرىدىكى ئەسكىھىسار قەدىمكى شەھىرىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان «پايناپ» يېزا تەۋەسىدىكى «ئالتۇنبېلىق» تا ئىكەنلىكى تارىختىن بۇيان ھەممىگە ئايان. بۇ قىل سىغمايدىغان ئەمەلىي پاكىت. ئەمما، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بەزى كىشىلەر: «بۇ قەبرىگاھ يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئەمەس، يۈسۈپ قادىرخان غازى پادىشاھىمنىڭ ئىدى»، «يۈسۈپ خاس ھاجىپ بىلاد ساغۇنلۇق بولغاندىن كېيىن، قەبرىگاھىمۇ بىلاد ساغۇندا بولۇشى كېرەك» دېگەن دەۋالاردا بولۇپ، جامائەتچىلىك ئارىسىدا بەزى مۈجمەل قاراشلارنى شەكىللەندۈرۈپ قويدى. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، بۇ كىشىلەر يۇقىرىقىدەك ئاساسسىز دەۋالاردا بولۇشقان بولسىمۇ، لېكىن ھازىرغىچە يۈسۈپ خاس ھاجىپ قەبرىگاھىنىڭ ئورنى توغرىسىدا ھېچقانداق بىر پاكىت ئاساسنى ئوتتۇرىغا قويالمىدى. مانا بۇ يۇقىرىدىكى دەۋانىڭ يالغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

قايتا ياساپ ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن يۈسۈپ خاس ھاجىپ قەبرىگاھىغا ئۇل قويۇشتىن ئىلگىرى قەشقەر ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى مۇھاپىزەت قىلىش، باشقۇرۇش ئورنى 3 ئايدىن ئارتۇق ۋاقىت ئاجرىتىپ، يۈسۈپ خاس ھاجىپ قەبرىگاھىنىڭ ئورنىغا دائىر بىرمۇنچە پاكىتلارنى توپلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئالىم، مۇتەخەسسىسلەرنى ئەۋەتىپ، پاكىتلارنى دەلىللەش خىزمىتىنى ئېلىپ باردى. ئالىم ۋە مۇتەخەسسىسلەر پاكىتنى تەكشۈرۈش، سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق تېپىلغان ھۆججەتلەرنىڭ ھەقىقىيلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

ھازىر قولىمىزدا يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ھىجرىيە 410-يىلى بىلاد ساغۇندا تۇغۇلۇپ، ھىجرىيە 478-يىلى قەشقەردە ۋاپات بولغانلىقى، جەسىتىنىڭ دەسلەپ قەشقەر شەھىرىنى غەربىي شىمالدىن شەرقىي جەنۇبقا كېسىپ ئۆتىدىغان تۈمەن دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى دۆلەتباغ يېزىسىغا قاراشلىق «بارگاھ» دېگەن جايغا دەپنە قىلىنغانلىقى، ھىجرىيە 514-يىلى ئۇ جايدىن ھازىرقى «ئالتۇنبېلىق» قا يۆتكەپ دەپنە قىلىنغانلىقى توغرىسىدا خېلى كۆپ پاكىتلار ساقلانماقتا. مەن ھازىرغىچە بۇ پاكىتلاردىن 19-ئەسىرگە تەئەللۇق بولغان ئىككى پارچە ھۆججەتنى جامائەتچىلىككە تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.

بىرىنچى ھۆججەت «بەھرۇل –ئەنساب» (نەسەب دەرياسى) ناملىق ئەسەر بولۇپ، بۇنى 19-ئەسىردە قەشقەردە ياشىغان ئۇيغۇر شائىرى ئېمۇر ھۈسەيىن سەبۇرى تۈزگەن. بىراق، سەبۇرىنىڭ ئۆمرى «بەھرۇل–ئەنساب» نى ئاخىرلاشتۇرۇشقا يار بەرمىگەنلىكتىن، شاگىرتى قازى مۇھەممەت سايىم سۇفى ئاللا يارىغا ئۇنى داۋاملاشتۇرۇشنى تاپشۇرغان. ھەمدە يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ۋاپات بولغان يىلنامىسىنى، قەبرىگاھ ئورنىنى شۇ ئەسەرگە كىرگۈزۈپ قويۇشنى ۋەسىيەت قىلغان. قازى مۇھەممەت سايىم سوفىاللايارى ئۇستازى سەبۇرىنىڭ ۋەسىيىتىگە ئاساسەن «بەھرۇل-ئەنساب» نىڭ ئەڭ ئاخىرىسىنىڭ سول بۇرجىكىگە : «ئەز ھەزرىتى يۈسۈف خاس ھاجىپ دەرسىنە چەھارسەد ھەجتاد ھەشت ھىجرىيە ۋەفات شۇدە. قەبرى شىمالىي كۇھنە ھىسار زەمىنى فابى ئاب مەدفۇن شۇدەست، ئامىن. مىن شەيخى دۇاگۇي مۇھەممەت ساىم سۇفى ئاللايارى سۇبھۇ شام، بەلكى ئەلەددۋام مەرازى مەزكۇر سېھتەن بۇزۇرۇكۋار روھى پۇرفۇتۇھ دۇايى قۇرئان مىكۇنەم» دەپ يېزىپ يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋاپاتىنىڭ ھىجرىيە 478-يىلى ئىكەنلىكىنى، قەبرىگاھنىڭ شىمالىي كوھنە ھىساردىكى «فايى ئاب» تا ئىكەنلىكىنى، بۇ قەبرىگاھتا يەنە يۈسۈپ قىدىرخان غازى پادىشاھىنىڭ ۋە يۈسۈپ قىدىرخان ئىسىملىك شاھشادىنىڭ مازىرىنىڭ بارلىقىنىمۇ ئىزاھلىغان. تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، يۈسۈپ قىدىرخان مىلادى 1040-يىلى غەربىي قاراخانىيلار زېمىندىن شەرقىي قاراخانىيلار زېمىنىغا قېچىپ كەلگەن يۈسۈپ ئىبنى ئېلى ئىسىملىك شاھزادە ئىكەن. قارى مۇھەممەت سايىم سوفى ئاللايارى «بەھرۇل-ئەنساب» نىڭ ئاخىرقى بېتىنىڭ، تۆۋەنكى ئوڭ بۇرجىكىگە : «ئەر ھەزرىتى ساھىب قەلەم ئۇستازىم موللا مىر ھۈسەيىن سەبۇرى بۇ مەزكۇر ئە بەھرۇل-ئەنساب ئونىڭ تەمامىغە يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قەبرى شەرىپلىرى شىمالىي كۇھنە ھىسادۇر. مەزافىىي فايى ئابتا مەدفۇن ئىكەنلىكىنى ئىزھار قىلىپ، يېزىپ تاماملاشنى پېقىرغا تاماملاشنى تەۋسىيە قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇستازىم مەرھۇم موللا مىر ھۈسەيىن سەبۇرىنىڭ ۋەسىيىتىگە بىنائەن يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ دەفىنگاھىنى بۇ بەھرۇل-ئەنساب قا كىرگۈزۈپ، جامائە مۇسۇلمان، ئەۋلادى تۈرك خەلقلىرىگە يادىكار قىلدىم. قازى مۇھەممەد سايىم سۇفى ئاللايارى» دەپ يېزىپ، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ۋاپات بولغان ۋاقتىنى، قەبرىگاھىنىڭ ئورنىنى، كىمنىڭ تەشەببۇسى بىلەن، نېمە سەۋەبتىن بۇ «بەھرۇل–ئەنساب» قا كىرگۈزۈپ قويغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھەمدە ئۆزىنىڭ قازىلىق مۆھرىنى باسقان.

ئۇزۇنلۇقى 8.20 مېتىر، كەڭلىكى 26 سانتىمېتىر كېلىدىغان بۇ «بەھرۇل-ئەنساب» نى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ياشىغان قەشقەر كونىشەھەر ناھىيە قوغان يېزىسىنىڭ ئاياقچىلا كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق ئۆلىما شائىر ئابدۇرېھىم ھاجىم ساقلاپ كەلگەن. (1877-1845-يىللار). ئابدۇرېھىم ھاجىم ۋاپات بولغاندىن كېيىن بۇ «بەھرۇل–ئەنساب» مەرىپەرسۆيەر ئوغلى مۇھەممەتئىمىن قارىيغا مىراس قالغان. 1965 - يىللاردا بۇ «بەھرۇل–ئەنساب» مۇھەممەتئىمىن قارىمىنىڭ قولىدىن 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا ياشىغان تارىخچى ئالىم تالانتلىق شائىر ئېمىر ھەسەن قازى ھاجىم (1900-1985-يىللار) نىڭ قولىغا ئۆتكەن. مەرھۇم مىر ھەسەن قازى ھاجىم 1985-يىلى بۇ «بەھرۇل–ئەنساب» نى ئاۋۋال قەشقەر ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى مۇھاپىزەت قىلىش، باشقۇرۇش ئورنىغا، كېيىن شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىگە تەقدىم قىلغان. بۇ «بۇھرۇلئەنساب» ھازىر شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ماتېرىيال بۆلۈمىدە ساقلانماقتا.

ئىككىنچى ھۆججەت: «قەلەمىي قۇرئان» (كىتابنى تىزىمغا ئېلىش جەريانىدا قويۇلغان ئىسىم بولۇپ، ئەسلى قۇرئاندا بۇ ئىسىم بۇ مەۋجۇت ئەمەس. قۇرئان قولدا، قومۇش قەلەمدە خوتەننىڭ يىپەك قەغىزىگە خوش خەت قىلىپ يېزىلغانلىقتىن، تىزىمغا ئالغۇچىلار شۇنداق دەپ نام قويغان بولسا كېرەك. ئاپتوردىن) بولۇپ، خوتەندىن تېپىلغان. بۇ قۇرئاننى خوتەنلىك بىر يارى بۇرادەر ئېمىر ھەسەن قازى ھاجىمغا ھەدىيە قىلغان. ئېمىر ھەسەن قارى ھاجىم بۇ قۇرئاننى 1984-يىلى قەشقەر ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى مۇھاپىزەت قىلىش، باشقۇرۇش ئورنىغا تەقدىم قىلغان.

قۇرئان 726 بەت بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 34 سانتىمېتىر، كەڭلىكى 22 سانتىمېتىر، قېلىنلىقى 6 سانتىمېتىر، ھەر بىرىدە 13 قۇردىن خەت بار. قۇرئاننىڭ تاش مۇقاۋىسى بىلەن باشتىكى ئىككى بېتى يوقالغان. قۇرئاننى ساقلىغۇچى تاش مۇقاۋىسىنى ھازىرقى زامان رەختىنى ئىشلىتىپ قاتتىق قەغەز بىلەن مۇقاۋىلاپ قويغاندىن باشقا، ئىچ بېتىگە: «قۇرئاننى بىتەرەت قولغا ئالساق گۇناھكار بولىمىز» دېگەن خەتنى ۋە يوقالغان ئىككى بەت ئورنىغا: «سۈرە فاتىھە» بىلەن «سۈرە ئەلىف، لام، مىم» نى خۇش خەت قىلىپ يېزىپ، تولۇقلاپ قويغان. قۇرئاننىڭ ئاخىرىدا يەنە ئەسلى كۆچۈرگۈچى كاتىپ تەرىپىدىن يېزىپ قويۇلغان «ئەللاھۇممە ئەنفەئىنا» دېگەن دۇئا بار.

بۇ قۇرئاننى قەشقەر شەھىرىنىڭ تاشقىرىقى سېپىلىنى سوقۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان مىلادى 1835-يىلىدىن باشلاپ ھېسابلىغاندىمۇ، ئەڭ كەم دېگەندە 155 يىللىق تارىخقا ئىگە دېيىشكە بولىدۇ.

بۇ قۇرئان ئەسلىدە 1830-يىلىدىن 1848-يىلىغىچە چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ھېكىمبەگلىكىككە ئەۋەتىلگەن زوھۇرىدىن ھېكىمنىڭ دىۋانىدىكى كىتابى بولۇپ، بۇ كىتابنى زۇھورىدىن ھېكىمبەگ يۈسۈپ خاس ھاجىپ مازىرىغا چىقىپ، ئون بىر كۈن ئېتىكاپتا ئولتۇرۇپ، ئىستىخارە قىلىپ، قەشقەر شەھىرىنىڭ تاشقىرىقى شەھەر سېپىلىنى سوقسا خەيرلىك بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى خۇش-خەۋەر بېشارىتىنى ئېلىپ كەلگەن شۇ زاماننىڭ مەشھۇر مۆتىۋەر ئۆلىمالىرىدىن نېىمەتۇللا كاشىغەرىغە تەقدىم قىلغان. زۇھورىدىن ھېكىمبەگ نېىمەتۇللا كاشىغەرىنى بۇ ئىشقا ئۆزى بۇيرۇغان. بۇ ھەدىيىدىن ئىنتايىن سۆيۈنۈپ كەتكەن نېىمەتۇللا كاشىغەرىنى بۇ ئىشنىڭ خاتىرىسى سۈپىتىدە قۇرئاننىڭ 723-بېتىنىڭ ھاشىيەسىگە (چەت چۆرىسىدىكى بىكار جايغا) تۆۋەندىكىلەرنى يېزىپ قويغان: «بۇ سۇرەتنى ۋاقىمىە تەھرىر ئولدىكىم، ھەزرەتى ۋاڭ زۇھورىدىن ھاكىم ئالىيلىرى فەقىر دەرۋىش كەمتەرنى كاشىغەر قەلئەسىنىڭ تەىمىراتى ئۈچۈن نەھىس-سەىدلىككە بىر ئىستخارە قىلدىم. كاشىغەر قەلئەسىنىڭ تەىمىراتىنىڭ ياخشى ئاقىبىتىگە رۇخسەت بولدى. بۇ رۇىيانى ھەزرەتى ھاكىم ئالىيلىرىغە بەيان قىلدىم. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەزراتى ھاكىم دىۋانە شاھانەدىن بۇ كەلام شەرىفتى فەقىرغە ھەدىيە، ئىنئام قىلدى. رەھمەت، فەقىر ساھىب دۇئا نېىمەتۇللا كاشغەرى مۇھۇرۇمنى باستىم. 1253-ھىجىرى».

تامغا (مۆھۇر) ھىجرىيە 1238-يىلى ئويۇلغان. تامغىدىكى خەت «نېىمەتۇللا بىن سەدرىددىن» دۇر.

مانا بۇ ئىككى پارچە ھۆججەت يالغۇز يۈسۈپ خاس ھاجىپ مازىرىنىڭ ئورنىنى، ۋاپات بولغان ۋاقتىنى ئىسپاتلايدىغان قىممەتلىك ماتېرىيال بولۇپلا قالماستىن، شۇنداقلا ئۇ، كىشىلەرنىڭ يۈسۈپ خاس ھاجىپ مازىرىغا بولغان ئېتىقادىنى ۋە 19-ئەسىردە ئۆتكەن ئېمىر ھۈسەيىن سەبۇرى، قازى مۇھەممەت سايىم سوفى ئاللايارى، زۇھۇرىدىن ھېكىمبەگ، نېىمەتۇللا كاشىغەرىدەك بەزى تارىخىي شەخسلەرنىڭ پائالىيىتىنىمۇ يورۇتۇشتا بەلگىلىك پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە بولغان مۇھىم ھۆججەت ھېسابلىنىدۇ.

مەنبە: بۇلاق ژۇرنىلىدىن ئېلىندى

توردىكى مەنبەسى: ئىزدىنىش مۇنبىرى



مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 6

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 427 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2014-03-24