ئىراق ئۇرۇشى

 

ئىراق ئۇرۇشى


ئىراق ئۇرۇشىئىراق ئۇرۇشى

ۋاقتى: 2003-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 2003-يىلى 4-ئاينىڭ 19-كۈنىگىچە

ئورۇن: ئىراق

قاتناشقان دۆلەتلەر: ئىراق، ئامېرىكا، ئەنگلىيە (11-2003)، ئاۋسترالىيە (9-2003)، پولشا (8-2003)، كورىيە (8-2003)، ئىتالىيە (06-2003)، گرۇزىيە (08-2003)، ئۇكرائىنا (08-2003)، گوللاندىيە (05-2003)، ئىسپانىيە (04-2003)

قوماندان ۋە رەھبەرلىرى: سادام ھۈسەيىن (ئۆلدى)، ئەبۇ مۇساب ئەل-زەقاۋى (ئۆلدى)، ئەبۇ ھەمزە ئەل-ئەل مۇھاجىر (ئۆلدى)، جورج ۋولكېر بۇش (2003-يىلىدىن 2009-يىلىغىچە)، براك ئوباما (2009-يىلىدىن 2010-يىلىغىچە)

ھەربىي كۈچ

ئىراق ئارمىيىسى: 375 مىڭ ئادەمدىن كۆپرەك

سۈننى مەزھىپىدىكى قارشى تۇرغۇچىلار: 60 مىڭ ئادەم

مەھدى ئارمىيىسى: تەخمىنەن 60 مىڭ ئادەم

باشقىلار: 1300 ئادەم

بىرلەشمە ئارمىيە: جەڭگە كىرگەن ۋاقتىدا، 300 مىڭ ئادەم، كېيىن تەخمىنەن 153 مىڭغا چۈشتى.

ياللانغان ئەسكەرلەر: 120 مىڭ ئادەم

كوردلار: جەڭگە كىرگەن ۋاقىتتا، 50 مىڭ ئادەم، كېيىن كۆپىيىپ 175 مىڭغا يەتكەن.

يېڭى ئىراق ئارمىيىسى: 129 مىڭ 760 ئادەم

ئىراق ساقچىلىرى: 79~140 مىڭ ئادەم

ئۆلگەن ۋە يارلانغانلار

ئىراق ئارمىيىسىدىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى: 7600~10800 ئادەم

پۇقرالاردىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى: ئىراقنىڭ جەسەت ئىستاتىكىسىدىن مەلۇم بولىشىچە، 2011-يىلى 12-ئايغىچە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 103160~113728 ئادەم

سۈننى مەزھىپىدىكى قارشى تۇرغۇچىلاردىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى: 8232 ئادەمدىن كۆپرەك

يارىلانغانلارنىڭ سانى ئېنىق ئەمەس.

2011-يىلى 10-ئاينىڭ 23-كۈنىگىچە، بىرلەشمە ئارمىيىنىڭ ئەسكىرىدىن 4799 نەپەر ئادەم ئۆلگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 3777 ئادەم قارشىلىشىش ھەرىكەتلىرىدە ئۆلگەن، يارىلانغانلار 56 مىڭ 629 ئادەم.

2011-يىلى 6-ئايدا 1487 ياللانما ئەسكەر ئۆلگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 245 ى ئامېرىكىلىق.

ئۇرۇشنىڭ نەتىجىسى: ئامېرىكا ھەربىي ئارمىيىسى ھەل قىلغۇچ غەلبىگە ئېرىشتى. سادام ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلۇپ، سادام ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى. كېيىن ئامېرىكا ئارمىيىسى كەينى-كەينىدىن ئىراقتىكى خەلق ئەسكەرلىرى ۋە ئەل قائىد تەشكىلاتىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقتىن ئارمىيىسىنى ئىراقتىن چېكىندۈردى.

ئىراق ئۇرۇشى 2003-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى ئامېرىكا ئارمىيىسى بىلەن ئەنگلىيە ئارمىيىسىنى ئاساس قىلغان كۆپ دۆلەت ئارمىيىسىنىڭ ئىراققا رەسمىي تۈردە جەڭ ئېلان قىلىشى بىلەن باشلاندى. ئاۋسترالىيە ئارمىيىسى بىلەن پولشا ئارمىيىسىمۇ بۇ قېتىمقى بىرلەشمە ھەربىي ھەرىكەتكە قاتناشتى. بۇ قېتىمقى ھەربىي يۈرۈش ئامېرىكا پرېزدېنتى جورج ۋالكېر بۇشنىڭ ئىراقنىڭ پرېزدېنتى سادام ھۈسەيىن ۋە ئۇنىڭ ئوغلىغا بەرگەن 48 سائەت ئىچىدە ئىراقتىن ئايرىلىشتىن ئىبارەت ئەڭ ئاخىرقى دېپلوماتىك نوتىسىنىڭ ۋاقتى توشقاندىن كېيىن باشلاندى.

بىرلەشمە ئارمىيە 120 مىڭ كىشىلىك ئامېرىكا ئارمىيىسى، 45 مىڭ كىشىلىك ئەنگلىيە ئارمىيىسى، 2000 كىشىدىن كۆپ ئاۋستىرالىيە ئارمىيىسى ۋە 200 كىشىلىك پولشا ئارمىيىسىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇنىڭىدىن باشقا يەنە 50 مىڭدىن كۆپرەك ئىراققا قارشى تۇرغۇچى ئارمىيە بار. ئۇلار كۇۋەيتكە جايلاشقان ئامېرىكىنىڭ ھەربىي بازىسى ئارقىلىق رەسمىي ھەربىي ھۇجۇمنى باشلىدى.

ئامېرىكا 3-پىيادە ئەسكەرلەر دىۋىزىيىسى كۇۋەيىتنىڭ غەربىي شىمالىدىكى قۇملۇقتىن باغداتقا باستۇرۇپ كىردى، ئۇلار بىلەن بىللە 101-ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغۇچى قىسىم ۋە 82-پاراشوتچى قىسىم جەڭگە قاتناشتى. يەنە بىر يۆلىنىشتە، ئىراقنىڭ شەرقىي جەنۇب قىسمىدىن ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ قۇرۇقلۇقتىكى 1-يىراققا يۈرۈش قىلىش ئارمىيىسى بىلەن ئەنگلىيىنىڭ يىراققا يۈرۈش قىلغۇچى قوشۇنى ئامبۇر شەكلىدە ھۇجۇم قىلىپ، ئىراقنىڭ دېڭىز يولىنى ئاچتى. ئىككى ھەپتە ئۇرۇش قىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ئارمىيىسى ئىراقنىڭ شىمالىي تاغ رايونىدىن 173-پاراشوتچى قىسىم بىلەن ئالاھىدە ھەربىي قىسىمنى كىرگۈزدى، ھەمدە بۇ يەردە ئىراققا قارشى تۇرغۇچى كۇردلار بىلەن بىرلەشتى، ئامېرىكا ئالدىن پىلانلىغان شىمالىي قىسىمدىن 4-پىيادە ئەسكەرلەر دىۋىزىيىسى كىرگۈزۈش پىلانى تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ قارشى تۇرۇشى بىلەن بىكار بولدى.

ئىككى ھەپتىلىك شىددەتلىك جەڭدىن كېيىن، ئەنگلىيە ئارمىيىسى ئالدى بىلەن ئىراقنىڭ جەنۇبىدىكى مۇھىم نېفىت شەھىرى بولغان ئىراقتىكى ئىككىنچى چوڭ شەھەر بەسرەنى كونترول قىلدى. پۈتۈن ئىراق دائىرىسىدە سۇ ۋە توك ئۈزۈلۈپ قېلىش خەۋپى كۆرۈلدى، خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك جەمئىيىتى ئىراققا قۇتقۇزۇش بۇيۇملىرىنى يەتكۈزۈپ بەردى. بۇ قۇتقۇزۇش بۇيۇملىرنىڭ كۆپ قىسمى بىرلەشمە ئارمىيە ئىگىلىۋالغان ئەم قەسىردىن ئىراققا توشۇلىدىغان بولۇپ، يەنە بىر قىسمى كۇۋەيىتتىن كىرگۈزۈلەتتى.

ئۇرۇش پارتىلاپ تەخمىنەن ئۈچ ھەپتىدىن كېيىن، ئامېرىكا ئارمىيىسى ئوڭۇشلۇق ھالدا باغداد شەھىرىگە بېسىپ كىردى، بۇ جەرياندا ھېچقانداق كۈچلۈك قارشىلىق كۆرسىتىشكە ئۇچرىمىدى، ئىراقنىڭ ئەمەلدارلىرى تۇيۇقسىز ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن بولۇپ، زور بىر تۈركۈم ئىراق ئارمىيىسى ئامېرىكا ئارمىيىسىگە تەسلىم بولدى. ئىراقنىڭ باغداد ۋە بەسرە قاتارلىق شەھەرلىرى كەينى-كەينىدىن ھۆكۈمەتسىز ھالەتكە كىردى، باغداد شەھىرىدە ئۈزلۈكسىز بۇلاڭچىلىق ۋەقەلىرى يۈز بەردى، ئىراقنىڭ دۆلەتلىك مۇزېيى بۇلىنىپ قىممەتلىك بۇيۇملار يوقىلىپ كەتتى، ئىراق خەلقى ئامېرىكا ئارمىيىسىگە نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، باغداد شەھىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ساقلاشقا تىرىشمىدى.

ئۇرۇشنىڭ سەۋەبى

ئامېرىكىنىڭ ئىراققا ئۇرۇش قوزغىشىدىكى مۇھىم سەۋەب سادام ھاكىمىيىتىنىڭ كەڭ كۆلەمدىكى قىرغۇچى قوراللارنى يوشۇرغانلىقى ۋە ئىراق ھۆكۈمىتىدىن پايدىلىنىپ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغانلىقى.

ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى دونالد ھېنرى رامسفېلد (Donald Henry Rumsfeld) نىڭ سۆزىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىنىڭ بۇ ئۇرۇش ئارقىلىق ئەڭ ئاخىرىدا يەتمەكچى بولغان

مەقسىتى:

سادام ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ، ئىراق خەلقىنىڭ مۇستەقىل ھۆكۈمەت قۇرۇشىغا ياردەم بېرىش، ئىراقنىڭ ئىچكى قىسمىغا يوشۇرۇلغان كەڭ كۆلەمدىكى قىرغۇچى قوراللار ۋە تېرورچىلارنى ئىزدەپ تېپىپ يوقۇتۇش، جازانى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بىلەن تەمىنلەش، ئىراقنىڭ نېفىتى ۋە تەبىئىي بايلىقىنى قوغداش.

ئۇرۇشتىن ئىلگىرى ئامېرىكا، ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر سادام ھاكىمىيىتىنىڭ زور بىر تۈركۈم قىرغۇچى قوراللارغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەيىبلىگەنىدى، ھەمدە بۇنى ئۇرۇش قوزغاشنىڭ ئاساسلىق باھانىسى قىلغانىدى، بىراق بۈگۈنگە قەدەر ئىشەنچلىك بىرەر ئىسپات تاپالمىدى.

2007-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى گرىنسپەن (Greenspan) ئەسلىمىسى يېزىلغان كىتابتا: «ئىراققا ھۇجۇم قىلىش، ئەمەلىيەتتە نېفىت ئۈچۈن» دېدى.

2011-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى، شۇ يىلى ئامېرىكا بىلەن گېرمانىيەگە ئىراقنىڭ قىرغۇچى قوراللارنى ساقلىغانلىقىنى پاش قىلىپ، ئىراق ئۇرۇشىنىڭ پارتىلىشىغا بىۋاستە سەۋەبچى بولغان ئەرجانان: «ھەممىسى ئۆسەك گەپ-سۆزلەر» دېدى.

ھۇجۇم قوزغاش

ئىراق ئۇرۇشىئىراق ئۇرۇشى

ئالدى بىلەن مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى ئەۋەتكەن ئەترەت 2002-يىلى 7-ئاينىڭ 2-كۈنى ئىراققا كىردى، كېيىنكى قەدەمدە، ئامېرىكا ھەربىي تەرەپنىڭ بىرلەشمە ئالاھىدە شتابى (JSOC) ئىراققا كىرىپ، كېيىن كېلىدىغان قىسىملار ئۈچۈن تەييارلىق قىلدى. ئەڭ مۇھىمى ئۇلار كۇردلار قوشۇنىنى تەشكىللىدى.

2003-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى شۇ يەر ۋاقتى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 5:34 دە، ئىراققا ھۇجۇم قىلىش باشلاندى، ئامېرىكىنىڭ ھەربىي قوماندانى توممىي فرانكس (Tommy Franks) نىڭ باشلامچىلىقىدا، «ئىراقنى ئازاد قىلىش ھەركىتى» نى باشلىدى. بىرلەشمە ئارمىيىنىڭ 248 مىڭ ئامېرىكا ئەسكىرى، 45 مىڭ ئەنگلىيە ئارمىيىسىنىڭ ئەسكىرى، 2 مىڭ ئاۋسترالىيە ئەسكىرى ۋە پولشا ئالاھىدە قىسمىنىڭ 194 ئەسكىرى كۇۋەيتتىن ئىراققا قاراپ يولغا چىقتى. بىرلەشمە قوشۇن كۇردلارنىڭ قوراللىق قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 70 مىڭ ئادەمدىن تەركىب تاپقانىدى.

ھۇجۇم تېز سۈرئەتتە ئېلىپ بېرىلدى، بىراق قارشىلىققا ئۇچراپ، ئەھۋال ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە باشقا قىسىملارنىڭ پەرەز قىلغىنىدەك بولماي قالدى. ئىراق ھۆكۈمىتى بىر مەيدان قائىدىگە خىلاپ ئۇرۇش قىلدى، ئىراق ئالدى بىلەن بىرلەشمە ئارمىيەگە زېمىننى ئۆتۈنۈپ بېرىپ، پۇقراچە كىيىنگەن ئەسكەرلەر ئارقىلىق كەينىدىن ھۇجۇم قىلدى. بۇ ۋاقىتتا قىسقا ۋاقىتلىق غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، بىرلەشمە ئارمىيەنىڭ، بولۇپمۇ ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئويلىمىغان يېرىدىن چىقتى.

بىرلەشمە ئارمىيە ئەل-فاۋ يېرىم ئارىلىدىكى ھاۋا بوشلۇقىدىن ھۇجۇم قىلىپ، ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇقتىن ئۇرۇش قىلدى، ئەنگلىيە خان جەمەتى دېڭىز ئارمىيىسى، پولشا دېڭىز ئارمىيىسى ۋە ئاۋسترالىيە خان جەمەتى دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ياردىمىدە، قەيەردە نېفىت رايونى ۋە مۇھىم پورت ئېغىزلىرىنىڭ بارلىقىنى مۇقۇملاشتۇرۇدى. ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ 15-دېڭىز ئارمىيە قۇرۇقلۇقتا ئۇرۇش قىلغۇچى قىسمى، ئەنگلىيەنىڭ 3-زەربىدار پاراشوتچى قىسمى ۋە پولشانىڭ ئالاھىدە ئەترىتى  ئەم قەسىر پورتىغا ھۇجۇم قىلدى. ئەنگلىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ 16-بوشلۇقتىن زەربە بەرگۈچى ئەترىتى بولسا ئىراقنىڭ جەنۇبىدىكى نېفىتلىكنى قوغدىدى. پولشانىڭ ھۇجۇمچى قوشۇنى دېڭىز ئۈستىدىكى نېفىت سۇپىسىغا يېقىن بولغان پورتنى قوغداپ، دۈشمەننىڭ بۇزغۇنچىلىق قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى.

ئامېرىكا 3-پىيادە ئەسكەرلەر دىۋىزىيىسى ئاۋۋال غەربكە، ئاندىن شەرققە قاراپ ئىلگىرلەپ، باغدادنىڭ غەربىي قىسمىدىكى قۇملۇقتىن ئۆتتى، دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا ئۇرۇش قىلغۇچى 1-يىراققا يۈرۈش قىلغۇچى قىسمى بولسا شەرققە قاراپ بىرىنچى نومۇرلۇق تاشيولنى بويلاپ دۆلەتنىڭ مەركىزىدىن ئۆتتى، ئەنگلىيە 1-بىرون ئەترىتى شىمالغا قاراپ ئىلگىرلەپ، شەرقى قىسمىدىكى سازلىقتىن ئۆتتى. ناسىرىيەدىكى بىر قېتىملىق جەڭدە مۇھىم يول ئېغىزى ۋە يېقىن ئەتراپتىكى ھاۋا ئارمىيە بازىسى ئىشغال قىلىندى. ئۈچىنچى پىيادە ئەسكەرلەر دىۋىزىيىسى ئىراق ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلىپ ئەتراپتىكى ئايرودرومنى ئىگىلىدى.

ناسىرىيە بىلەن ھاۋا ئارمىيە بازىسى بىخەتەر بولغاندىن كېيىن، 3-پىيادە ئەسكەرلەر دىۋىزىيىسى 101-پاراشۇتچى قىسىمغا ياردەم قىلىپ، شىمالىي قىسمىدىكى نەجەف ۋە كەربالاغا داۋاملىق ھۇجۇم قىلدى، بىراق شىددەتلىك قۇم-بوران ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئىلگىرلەش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىۋەتتى. ئۇلار داۋاملىق ئىلگىرىلەپ كەربالا بوغۇزىغا كەلگەن چاغدا، ئېفرات دەرياسىدىكى كۆۋرۈك ئارقىلىق باغداتقا كىرىشتەك بىرلا ئامال بار ئىدى. ئىراقنىڭ مەركىزىدە، بىرىنچى قۇرۇقلۇق دىۋىزىيىسى ئۇرۇش قىلىپ باغدادنىڭ شەرقىي قىسمىغا كەلدى ھەمدە باغدادقا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلاندى.

بىرلەشمە ئارمىيە 4-ئاينىڭ 9-كۈنى باغدادنى ئىشغال قىلىپ، سادامنىڭ 24 يىللىق ھاكىمىيىتىنى ئاخىرلاشتۇردى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى گۈللىنىش پارتىيىسىنىڭ باش شتابىنى ئىشغال قىلىپ، سادامنىڭ تۆمۈر ھەيكىلىنى ئۆرۈۋەتتى. باغداد ئازاد بولغاندىن كېيىن كۆپلىگەن ئاممىنىڭ بىرلەشمە ئارمىيەگە بولغان مىننەتدارلىقىغا ئەگىشىپ، يەنە كەڭ كۆلەمدە قوزغىلاڭ يۈز بەردى.

ئۇرۇش جەريانىدا (3-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن 4-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە)، 9200 نەپەر ئىراق ئەسكىرى ۋە 7299 نەپەر ئاددىي پۇقرا ئۆلگەن بولۇپ، بۇنى ئاساسلىقى ئامېرىكىنىڭ ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بىرلەشمە ئارمىيە 139 نەپەر ئامېرىكا ئەسكىرى ۋە 33 نەپەر ئەنگلىيە ئەسكىرىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى مەلۇم قىلغان.

سابىق ھۆكۈمەتنىڭ رەھبەرلىرىنى تۇتۇش

 2003-يىلى يازدا بىرلەشمە ئارمىيە ئاساسلىق دىققىتىنى سابىق ھۆكۈمەتنىڭ قالدۇق رەھبەرلىرىنى تۇتۇشقا قاراتتى. 7-ئاينىڭ 22-كۈنى، 101-پاراشوتچى دىۋىزىيە ۋە 20-ئالاھىدە قىسىمنىڭ ئەسكەرلىرى ھۇجۇمغا ئۆتتى، سادامنىڭ ئوغلى بىر نەۋرىسى بىلەن بىللە ھۇجۇم جەريانىدا ئۆلدى. سابىق ھۆكۈمەتنىڭ 300 دىن كۆپرەك رەھبىرى ۋە نۇرغۇنلىغان ھەربىي خادىملىرى ئۆلدى ياكى ئەسىرگە چۈشتى.

ئەڭ مۇھىمى سادام تۇتۇلدى. 2003-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى، بىرلەشمە ئارمىيە قىزىل شەپەق ھەركىتىنى قوزغاپ، تىكرىتقا يېقىن بىر دېھقانچىلىق مەيدانىدىن سادامنى تېپىۋالدى. ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ 4-پىيادە ئەسكەرلەر دىۋىزىيىسى ۋە 121 پارتىزان ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى بۇ قېتىمقى ھەرىكەتكە قاتناشتى.

سادامنىڭ تۇتۇلىشى ۋە قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ ھۇجۇمىنىڭ ئازىيىشىغا ئەگىشىپ، بىرلەشمە ئارمىيە توپىلاڭچىلارغا زەربە بەردى. ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت دۆلەتنىڭ تەرتىپىنى ساقلاش ئۈچۈن يېڭى ئىراق ئارمىيىسىنى مەشىقلەندۈرۈشنى باشلىدى. ئامېرىكىمۇ ئىراقنىڭ كەلگۈسىدىكى نېفىت كىرىمىنى رەنىگە قويۇش شەرتى ئاستىدا ئىراقنىڭ قايتا قۇرۇش ئىشلىرىغا كرېدت شەكلىدە 2 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئارتۇق مەبلەغ سالىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەردى.

 ئۇرۇشتىن كېيىنكى ئەھۋال

بىرلەشمە ئارمىيە ئىراقنى ئىشغال قىلىۋالغان دەسلەپكى مەزگىلدە، ئىراقنىڭ دېڭىز بويى رايونى تىركىشىش باسقۇچىدا تۇردى، ئامېرىكا ئارمىيىسى باغدادقا باستۇرۇپ كىرگەندىن كېيىن، ئىراق ئارمىيىسى ئۈزۈل-كېسىل مەغلۇپ بولدى.

2003-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى كەچ سائەت 8 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، ئامېرىكا ئارمىيىسى ئىراقنىڭ جەنۇبىدىكى كىچىك بىر كەنىتتىكى يەر ئاستى ئۆيىدىن بىر ئەر كىشىنى قولغا ئالدى، بۇ دەل ئىراقنىڭ سابىق پرېزدېنتى بولۇپ، ئامېرىكا مېدىيەلىرى تەرىپىدىن بۇ قېتىمقى جەڭنىڭ ئەڭ چوڭ نەتىجىسى دەپ تەرىپلەندى.

ئۇرۇشتىن كېيىن ئامېرىكا ئىراقنى قايتا قۇرۇش ئۈچۈن توختىماستىن پىلان تۈزدى، ئامېرىكا مالىيە تەشكىلاتىغا كەڭ كۆلەملىك قايتا قۇرۇپ چىقىش پىلانىنى تاپشۇردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەرلىك خادىملارنى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئەمەلدارلىقىغا تەيىنلىدى. بىراق يەرلىكتىكى مەزھەپلەرنىڭ كۆپلىگەن سىياسىي تەشكىلاتلىرى ئامېرىكا ھەربىي ئارمىيىسىنى قوللىمىغاچقا، تىغ ئۇچىنى ئامېرىكا-ئەنگلىيە ئارمىيىسىنىڭ ئىشغالىيىتىگە قاراتقان ئىراق پارتىزانلىق ئۇرۇشى كۆتۈرۈلدى. 2007-يىلى 5-ئاينىڭ 15-كۈنىگە قەدەر ئامېرىكا قوشۇنىدىكى ئۆلگەن ئەسكەرلەرنىڭ سانى 3398 دىن ئېشىپ كەتتى. ئىراقنىڭ ئىقتىسادى ئۇزۇنغىچە ئەسلىگە كەلمىدى، ئىراقنىڭ نېفىت ئەسلىھەلىرى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقتىن، پۈتۈن دۇنيانىڭ نېفىت تەمىنلىنىشىگە تەسىر يەتكۈزدى، ئىشسىزلارنىڭ سانىمۇ تېز سۈرئەتتە كۆپەيدى، خەلقنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە تۇرمۇشى ئۈنۈملۈك كاپالەتكە ئىگە بولالمىدى.

ئامېرىكا ھەربىي كەسپىي خادىملارنى ئەۋەتىپلا قالماستىن، نۇرغۇنلىغان خەلق ئامانلىقىنى ساقلىغۇچى ھۆدىگەرلەرنى ياللىدى، بولۇپمۇ يۇقىرى تېخنىكىلىق ماشىنىلاردا مەشغۇلات قىلىدىغان ئەرەبچە-ئېنگلىزچە تەرجىمانلارنى ئارقا سەپ خىزمىتىگە ئورۇنلاشتۇردى. 2011-يىلى 6-ئايغىچە، ئامېرىكا بىلەن توختام ئىمزالىغان خەلق ئامانلىقىنى ساقلىغۇچى خادىملاردىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 1487 گە يەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 245 ى ئامېرىكىلىق ئىدى. ئامېرىكا مېدىيەلىرىنىڭ ئىستاتىسكا قىلىشىچە، 2008-يىلى 8-ئاينىڭ 17-كۈنىگىچە، ئامېرىكىنىڭ ئاز دېگەندىمۇ 8 مەمۇرىي خىزمەتچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 4143 نەپەر ئىراقتا تۇرۇشلۇق ئەسكىرى ئۆلگەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز بولغاندىمۇ 3368 نەپەر ئامېرىكىنىڭ ئىراقتا تۇرۇشلۇق ئەسكىرى ئامېرىكىغا قارشى قوراللىق توقۇنۇشتا ئۆلگەن.

ئاخىرلىشىش

2010-يىلى 8-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئەڭ ئاخىرقى بىر تۈركۈم ئامېرىكىنىڭ ئىراقتا تۇرۇشلۇق ھەربىي ئارمىيىسى ئىراق ۋە كۈۋەيت چىگرىسىدىن چېكىنىپ چىققاندىن كېيىن، ئىراق ئۇرۇشى رەسمىي ئاخىرلاشتى.

ئامېرىكا ئۇرۇشنىڭ رەسمىي ئاخىرلاشقانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، 2011-يىلى 10-ئايغا قەدەر ئىراقتا يەنىلا 340 مىڭ كىشىلىك ھەربىي ئارمىيىسىنى ئامېرىكا ھەربىي بازىسىنى قوغداش ۋە ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ بىخەتەرلىك قىسمىنى مەشىقلەندۈرۈش ئۈچۈن قالدۇرۇپ قويدى. ئامېرىكىغا قارشى ھۇجۇملار ئۈزلۈكسىز يۈز بېرىپ تۇردى، 2011-يىلى 8-ئايدا ئىراق سۈننى مەزھىپىنىڭ ئىسلام ھەربىي تەشكىلاتى زەربە بېرىشنى توختىتىپ، ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ پۈتۈنلەي چېكىنىپ چىقىشىغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىغانغا قەدەر، ھەر ئايدا ئاز دېگەندىمۇ بىر ئامېرىكا ئەسكىرى توقۇنۇشتا ئۆلدى. ئامېرىكا ئارمىيىسى ئىراق ھۆكۈمىتى بىلەن ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئىراقتا تۇرۇش ۋاقتىنى 2012-يىلىغا قەدەر ئۇزارتىش كېلىشىمى توغرىسىدا سۆھبەتلەشكەندە، ئامېرىكىنىڭ 3 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكىرىنىڭ ئىراقتا تۇرۇشىنى ۋە كەلگۈسىدىكى ئىراقتا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئىراقنىڭ قانۇن-تۈزۈملىرىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىماسلىقىنى ئۈمىد قىلغانىدى، بىراق ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ ماقۇللىقىغا ئېرىشەلمىدى. شۇ سەۋەبتىن ئامېرىكا پرېزدېنتى ئوباما 10-ئاينىڭ 22-كۈنى ئامېرىكىنىڭ ئىراقتا تۇرۇشلۇق ھەربىي ئارمىيىسىنىڭ 2011-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن ئىراقتىن چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى جاكارلىدى، بۇ چاغدا ئامېرىكىنىڭ ئىراقتا ئۆلگەن ئەسكىرىنىڭ سانى 4476 ئادەمگە يەتتى ھەمدە قىسىمنى پۈتۈنلەي چېكىندۈردىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىنمۇ ئۆلگەنلەردىن بىرى كۆپەيدى.

2011-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئامېرىكا پرېزدېنتى ئوباما ئىراقنىڭ باش مىنىستىرى مالىكىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغان چاغدا «توققۇز يىلدىن كېيىن، بىز ئىراق ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇردۇق» دېدى، ھەمدە ئامېرىكا ئىراقنىڭ «ئەڭ كۈچلۈك ۋە مەڭگۈلۈك ھەمراھى» دېدى.

خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا ھەربىي قىسىمنى رەسمىي چېكىندۈرگەندىن كېيىنمۇ، ئامېرىكىنىڭ ئىراقتىكى ئەلچىخانىسىدا تەخمىنەن 10 مىڭدىن ئارتۇق خادىم بار بولۇپ، كۆپ قىسمى قوراللىق ئامانلىق ساقلىغۇچىلار ئىدى، ئامېرىكا 2012-يىلى يەنە 5000 قوراللىق ئامانلىق ساقلىغۇچىنى كۆپەيتىشنى پىلانلاپ، ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنى دۇنيادىكى ھەربىي قوراللىرى ئەڭ زور ئەلچىخانىغا ئايلاندۇرۇپ قويدى.

مەنبە: ۋىكىپېدىيەدىن ئامىنە تەرجىمە قىلدى.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 6

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 725 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2014-03-21