نەۋرۇزنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە ئۇيغۇرلاردا نەۋرۇز ئەنئەنىلىرى

 

نەۋرۇزنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە ئۇيغۇرلاردا نەۋرۇز ئەنئەنىلىرى

 

خوجا نىياز (ئاقسۇ مائارىپ ئىنىستىتوتى دوتسېنتتى(

 

   قىسقىچە مەزمۇنى: بۇ ماقالىدە نەۋرۇز–يېڭى يىل بايرىمىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا دائىر تارىخىي پاكىتلار ئوتتۇرغا قويۇلۇپ، نەۋرۇز–يېڭى يىل بايرىمىنىڭ ئەسلى ھۇن (ئۇنغۇر)، ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەرنىڭ مىللىي بايرىمى ئىكەنلىكى، تۈركى قەۋىملەر ئارقىلىق ياۋرۇ-ئاسىياغا تارقالغانلىقى، نەۋرۇز–يېڭى يىل بايرىمىنىڭ ئۇيغۇر-تۈرك مەدەنيىتىدىكى ئەنئەنىلىرى قىسقىچە تونۇشتۇرۇلۇپ، نەۋرۇز–يېڭى يىل بايرىمىنى ئۆتكۈزۈشنىڭ ئەھمىيەتلىك تەرەپلىرى كۆرسۈتۈپ بېرىلىدۇ.

ئاچقۇچلۇق سۆز: ئۇيغۇر-تۈركلەر، نەۋرۇز– يېڭى يىل بايرىمى، ئەنئەنە

1. نەۋرۇزنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە تارقىلىشى

  مىللەتلەرنى مىللەت قىلىپ تۇتۇپ تۇرغان مەنىۋىي ئامىللار، ئادەت–ئەنئەنىلىرى مىراسلىرى ۋە باشقا مەدەنىيەت ئامىللىرىدۇر، بىر مىللەتنى تۇتۇپ تۇرغان، ئۇنى ياشناتقان، داۋاملاشتۇرۇشقا مۇمكىن قىلغان تۈرك مەدەنىيەت ئۈلگىلىرىدىن بىرسى نەۋرۇز (يېڭى يىل) بايرىمىدۇر. تۈرك خەلقلىرى تارىختىن بۈگۈنكى كۈنىمىزگە قەدەر ئىجتىمائىي ۋە دىنىي ھاياتتىكى بەزى ئۈنۈملۈك ۋاقىت، ۋەقەلەرنى بايرام دەپ قۇتلۇقلاپ كەلگەن. بۇلارنىڭ بىرى–نەۋرۇز (يېڭى يىل) بايرام كۈنىدۇر.

«نەۋرۇز» ئەسلىدە پارسچە سۆز بولۇپ، نەۋ-يېڭى، رۇز-كۈن يەنى يېڭى كۈن، «تۇنجى باھار كۈنى»، «يېڭى يىل كۈنى» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. ئۇيغۇرلاردا نەۋرۇز بايرىمى باشقا تۈركىي خەلقلەرگە ئوخشاش ھەر يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى قۇتلۇقلىنىدۇ، ئۇيغۇرلاردا بۇ بايرام يېڭى يىل بايرىمى دەپ قۇتلۇقلىنىدۇ. نەۋرۇز مىلادىيە كالىندارى بويىچە كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تەڭلىشىدىغان مارت ئېيىنىڭ 21-كۈنىدىن 23-كۈنىگىچە بولىدۇ.

 نەۋرۇز–يېڭى يىل بايرىمى 2009-يىلى دۇنيا مەدەنىيىتى مىراسىغا كىرگۈزۈلگەن بولسا، 2010-يىلدىن باشلاپ خەلقئارا نەۋرۇز بايرىمى قىلىپ بەلگىلەندى.

نەۋرۇز  پائالىيىتى ھەرقايسى دۆلەت ۋە رايونلاردا، مىللەتلەردە  ھەر خىل ئىسىم–ئاتاشلار بىلەن  قۇتلۇقلانغان. تۈركىي خەلقلەردە بۇ دىنىي بايرام بولۇشتىن كۆپرەك، بىر تەبىئەت بايرىمى، بىر قۇتۇلۇش بايرىمى، باھار بايرىمى بولۇپ داۋاملىشىپ كەلگەن.

   ئەڭ قەدىمكى تۈركىي خەلق بايرىمى بولغان نەۋرۇز تۈركىي خەلقلەردە ئەڭ دەسلەپ بارلىققا كەلگەن.

نەۋرۇز بىر قانچە مىڭ يىللاردىن بېرى تۈرك قەۋىملىرى ئارىسىدا قۇتلۇقلىنىپ كەلگەن. بۇ بايرام مىلادىدىن بۇرۇنقى 8-ئەسىردە ھۇنلار (ئۇنغۇر) تەرىپىدىنمۇ  قۇتلۇقلانغان، شۇنىڭدىن كېيىنكى يىللاردا پۈتۈن تۈرك قەۋىملىرى تەرىپىدىن ئەڭ بۈيۈك بايرام دەپ ئالقىشلىنىپ كەلگەن. (تۈرك بايرامى نەۋرۇز http://www.turksolu.com.tr/78/adiguzel78.htm)

    تارىخچىلارنىڭ تەتقىقاتىغا قارىغاندا،نەۋرۇز نامى بىلەن قۇتلۇقلىنىپ كەلگەن بۇ  بايرام، يەنىسەي (ئاناساي)، ئورخۇن ئەتراپلىرىدىن ئالتاي تاغلىرى ئەتراپلىرىدىن ھۇن (ئۇنغۇر) لارنىڭ ياۋرۇپاغا يۈرۈش قىلىشى بىلەن ماجارىستان (ۋېنگىرىيە- ھۇنگىرىيە)، بالقانغا، ۋە ياۋرۇ–ئاسىياغا تارقالغان. مىلادى 8-ئەسىردىن باشلاپ   ھازارلارنىڭ جەنۇبىدىن ئانادولۇغا ۋە مىسسىپوتامىيەگە تارقالغان. مىسىر نەۋرۇزنى يىلبېشى دەپ مۇقىملاشتۇرغان. تۈركلەرنىڭ بۇ يېڭى يىل بايرىمى ئىرانلىقلار تەرىپىدىن تۈركلەردىن قۇبۇل قىلىنىپ نەۋرۇز دەپ تەرجىمە قىلىپ قولىنىلغان. ئىران ئارقىلىق ئەرەبلەرگىمۇ تارقالغان. ئىسلامىيەتتىن كېيىن ئابباسلار دەۋرىدە نەۋرۇز بايرىمى دەپ قۇتلۇقلاش داۋام قىلغان، سالجۇقىلاردا، ئوسماننىي (ئوسمان تۈركلىرى) بۇ ئەنئەنە داۋاملاشتۇرۇلغان. ھەرقايسى جايلاردا نەۋرۇزنى قۇتلۇقلاش پەرقلىق بولسىمۇ  لېكىن، كۆپلىگەن ئورتاق تەرەپلەرمۇ بولماقتا. ئورتاق تەرەپلەرنىڭ بىرسى نەۋرۇز ئوتىدۇر، قەدىمقى تۈركلەردە ئوت بەخت دەپ قارىلىدۇ .

  تۈركىي خەلقلەرنىڭ مىللىي بايرىمى بولغان نەۋرۇز ئاتالىرىمىز بولغان ھونلاردىن باشلىنىپ، كۆكتۈرك، ئۇيغۇر، تۈركمەن، قىرغىز، تاتار، ئۆزبەگ، قازاق قاتارلىق تۈرك قەۋىملەر ئارىسىدا تارىخ بويىچە يېڭى يىلنىڭ باشلانغىنى بولۇپ قۇتلۇقلانغان. بۈگۈنگىچە داۋام قىلىپ كەلمەكتە .

  جوڭگۇنىڭ قەدىمقى تارىخى ماتىرياللىرى بولغان «تارىخىي خاتىرلەر» ۋە «خەننامە.ھونلار تەزكىرسى» دىكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ھونلاردا مىلادىدىن بۇرۇنقى 3-ئەسىردە مودۇن (مەتە-باتۇر) تەڭرىقۇت زامانىسىدىن بېرى تۈركلەردە باھار بايرىمى ئۆتكۈزۈلگەن. ھۇنلار 21-مارتتا  تۈرلۈك  يېمەكلەرنى ھازىرلاپ، يايلاقلاردا يىغىلىپ، ئاتا–ئەجداتلىرىنى ئەسلىشىپ، مال–چارۋىلىرى، نوپۇس سانلىرىنى ئېنىقلاپ، تەبىئەت، زېمىنغا، تەڭرىگە ئاتاپ مال-چارۋىلارنى سويۇپ، داشقازانلارنى ئېسىپ، مۇزىكا سادالىرى ئىچىدە نەغمە ناۋا، تۈرلۈك كۆڭۈل ئېچىش، تەنھەركەت پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزگەن. «نەۋرۇز ئوتى» يېقىلىپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئاتلاپ ئۆتكەن، سۇدىن ئاتلاپ ئۆتكەن، چۈنكى تۈرك مەدەنيىتىدە «ئوت» ۋە «سۇ» دا مول ھوسۇل-بەرىكەت، ھاياتلىق، تىرىلىش جەم بولىدۇ دەپ قارالغان. ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرى «يېڭى كۈن» نىڭ باشلىنىشىغا باغلىنىشلىق  ئىشلار  ھازىرمۇ ئۇچرايدۇ.

1) تۈركلەرنىڭ ئېرگېنېكۈندىن چىقىش كۈنى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى بولۇپ، تۈرك  خەلقلىرى بۇ كۈننى «قۇتۇلۇش بايرىمى» دەپ قۇتلۇقلاپ كەلمەكتە.

2) ئون ئىككى ھايۋانلىق قەدىمكى تۈرك تەقۋىمى (كالىندارى) دا كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ  تەڭلەشكەن كۈنى دەل 3-ئاينىڭ 21-كۈنى بولۇپ، «يىلباشى» دەپ ئېتىراپ قىلىنىماقتا، بۇ كۈندە يېڭى يىل قۇتلۇقلاش ئېلىپ بېرىلماقتا.

3)قىش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلىشىپ، باھارنىڭ باشلانغانلىقى، تەبىئەتنىڭ جانلانغانلىقى 21-مارتتا بولۇپ، تۈركىي خەلقلەر قىشلاقلاردىن يايلاقلارغا كۆچۈشكە باشلايدۇ، بۇ كۈن «باھار بايرىمى» بولۇپ چوڭ ۋە كەڭ كۆلەمدە قۇتلۇقلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ .

  بۇ بايرام قەدىمدىن باشلاپ شەمسىيە (كۈن) كالېندارى بويىچە قىش ئاخىرلىشىپ، باھارنىڭ باشلىنىش كۈنى (ھەر يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى) يەنى كۈن بىلەن تۈن تەڭلەشكەن باش باھارنىڭ بىرىنچى كۈنى ئۆتكۈزۈلىدۇ .

«ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ‹نەۋرۇز› بايرىمىنىڭ قاچاندىن باشلانغانلىقى ھەققىدە ئىشەنچلىك ماتېرىياللارغا ئىگە ئەمەسمىز. لېكىن ‹نەۋرۇز› بايرىمى ھەققىدىكى كۆپلىگەن گۈزەل ئەپسانە-رىۋايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، ‹نەۋرۇز› بايرىمىنىڭ پەيدا بولۇشى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىشتىن بۇرۇنقى كۆك تەڭرىگە چوقۇنغان دەۋرلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك» (‹ئۇيغۇرئۆرپ-ئادەتلىرى› ناملىق كىتابتىن) بولۇپ، بەزى تەتقىقاتچىلار تارىخىي مەنبەلەرگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ «نەۋرۇزنىڭ كېلىپ چىققىنىغا 4000 يىلدىن ئاشقان» (ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ «نەۋرۇز بايرىمى ۋە ئۇنىڭ تارىخىي قاتلىمى توغرىسىدا» ناملىق ماقالىسى) دېگەننى ئوتتۇرىغا قويۇشىدۇ .

«نەۋرۇز-نوقۇل تەبىئەت بايرىمىلا ئەمەس، ئۇ خېلى ئۇزاق بىر زامان قۇياشقا، ئوتقا ۋە يورۇقلۇققا بولغان دىنىي ئېتىقاد تۈسىنىمۇ ئېلىپ كەلدى. بۇ زارا ئاسرىزمدىن ئىلگىرى قۇياشقا چوقۇنۇش، تەبىئەت ئىلاھچىلىقى شەكلىدە ۋە زارا ئاسترىزمدىن كېيىنكى ئاخرۇمازداغا سېغىنىش، دىنىي ئىلاھىيەتچىلىك شەكلىدە ئىككى باسقۇچنى بېشىدىن ئۆتكۈزدى» (ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن «نەۋرۇز بايرىمى ۋە ئۇنىڭ تارىخىي قاتلىمى توغرىسىدا» ماقالىسى). نەۋرۇزنىڭ قايسى كۈنى باشلىنىدىغانلىقى ھەققىدە كۆپلىگەن ئاسترونوملار، جۈملىدىن ئەبۇر رەيھانبىرونى، ئۆمەر ھەييام .... قاتارلىقلار «قوزى» (ھەمەل) بۇرجىدا باشلىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. «ھەتتا زارا ئاسترىزىمنىڭ مۇقەددەس كىتابى ‹ئاۋېتسا› دىمۇ نەۋرۇزنى قوزى بۇرجى بىلەن باشلىنىدۇ» دەپ يېزىلغان. زارا ئاسترىزىمنىڭ مۇقەددەس كىتابى «ئاۋېتسا» مىلادىدىن بۇرۇنقى 10-ئەسىردە يېزىلغان.

  ئىسلامىيەتتىن بۇرۇن كۆك تەڭرىگە تېۋىنغان ئۇيغۇرلار ئاسماندىكى يۇلتۇزلارغا ئىسىم قويۇپ «ئاق قۇزا»، ئاتلىق يۇلتۇزغا ئىنسانلارغا قۇت-بەخىت بەرگۈچى ئىلاھ دەپ تېۋىنغان ۋە «ئاق قوزا» ئاينىڭ تۇنجى كۈنىنى يېڭى كۈن (نەۋرۇز) دەپ قۇتلۇقلاشقان. (بۇ ھازىرقى مىلادىيە كالىندارى بويىچە 3-ئاينىڭ 21-كۈنىدۇر).

ھازىرغا قەدەر تۈركىي خەلقلەردە بۇ خىل ئادەت-ئەنئەنە، قائىدە ئورتا ئاسىيادىن بالقانغا ھەتتاكى ئامېرىكىدىكى قىزىل دەرلىلەر ئارىسىدىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى كۆرسەتمەكتە. ھەر يىلى يەنە 3-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 23-كۈنىگىچە بۇ كۈن قۇتلۇقلىنىدۇ. بۇ كۈندە «كۆجۆ» دېگەن ئالاھىدە تاماق تەييارلىنىدۇ. مازارلىق زىياپىتى ئېلىپ بېرىلىدۇ، زىياپەتتە، ھالۋا، پولو ۋە تۈرلۈك تاماق تارتىلىدۇ، ناغرا، سۇرناي چېلىنىپ، تۈرلۈك تەنھەرىكەت پائالىيەتلىرى، ئەل نەغمە ئويۇنلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

    بۈگۈنگە قەدەر، تۈرك قەۋىملىرى ئارىسىدا، خىرىستىيان بولغان  چۇۋاشلار، بۇددىس بولغان تۇۋالار ۋە مۇسۇلمان بولغان قىرغىز، ئازەرىيلەرمۇ بۇ بايرامنى قۇتلۇقلايدۇ. ئەگەر ئۇ شىئە–ئالەۋى بايرىمى بولسا ئىدى، خىرىستىيان دىنىغا ئېتقاد قىلىدىغان تۈرك قەۋىملىرى قۇتلۇقلىماس ئىدى، بۇددىس تۈركلەرنىڭ بۇ بايرامنى بىللە قۇتلۇقلىغىنى بۇ بايرامنىڭ دىنىي سەۋەبتىن بولمىغانلىقىنى ئۇچۇقلاشتۇرىدۇ.

    تۈرك دۇنياسىدا ئىسلامدىن ئىلگىرى 12 ھايۋان نامىدىكى مۈچەل تەقۋىمنى قوللىناتتى، تۈركلەر ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ دىن ئىچىگە كىرگەندىن كېيىن، ھىجىرىيە تەقۋىمىنى (كالىندارىنى) قوللىنىشقا باشلىغان.

    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، نەۋرۇز–يېڭى يىل بايرىمىبەزى ئېتنىك گۇرۇپپىلار تەرىپىدىن  سىياسى ئۆلچەم، سىناق قىلىپ قوللىنىشنى ئستىمەكتە. بۇنىڭ ئۈچۈن نەۋرۇزنىڭ كېلىپ چىقىشىنى كۆپلىگەن گۈزەل ئەپسانە-رىۋايەتلەرگە، مەسىلىلەرگە باغلاشتۇرۇپ تەتقىق قىلىنماقتا .

نەۋرۇز–يېڭى يىل (باھار) بايرىمىنى قۇتلۇقلاش ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلاردا، نەۋرۇز–يېڭى يىل بايرىمىنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئىشلار بىلەن باغلىنىشلىق بولغانلىقى كۆرۈلمەكتە، مەسىلەن:

نەۋرۇز–يېڭى يىل بايرىمى-تۈركلەرنىڭ ئەرگەنە كۈندىن چىققان كۈنىدۇر.

نەۋرۇز–يېڭى يىل بايرىمى-ھەزرىتى ئەلىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدۇر .

نەۋرۇز–يېڭى يىل بايرىمى-ئاتەشپەرەسلەردىن قالغان بىر بايرامدۇر .

نەۋرۇز–يېڭى يىل بايرىمى-تەڭرىنىڭ دۇنيانى ياراتقان كۈنىدۇر (كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تەڭلەشكەن ۋاقتىدا).

نەۋرۇز–يېڭى يىل بايرىمى-ئىنسان نەۋرۇز كۈنى (كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تەڭلەشكەن ۋاقتىدا) يارىتىلغان.

نەۋرۇز–يېڭى يىل بايرىمى—  قۇتلۇق خەلقنىڭ بايرام كۈنىدۇر .

 نەۋرۇز–يېڭى يىل بايرىمى— تۈركلەردە باھار بايرىمى كۈنىدۇر.

نەۋرۇز–يېڭى يىل بايرىمى— ئىران ۋە ئافغانىستان تەقۋىمىگە كۆرە رەسمىي يىل باشىدۇر .

نەۋرۇز–يېڭى يىل بايرىمى— تۈركلەردە تۆمۈر تاۋلاش بايرام كۈنىدۇر .

نەۋرۇز–يېڭى يىل بايرىمى—نۇھ پەيغەمبەر، نۇھ تۇفان بالاسىدىن كېيىن يەنە نەۋرۇز كۈنى يەرگە قەدەم باسقان .

نەۋرۇز–يېڭى يىل بايرىمى— ئەركىنلىكنى، مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈش بايرام كۈنىدۇر.

نەۋرۇز–يېڭى يىل بايرىمى— باھارنىڭ باشلانغان كۈنىدۇر .

نەۋرۇز–يېڭى يىل بايرىمى—پەيغەمبەر مۇھەممەدنىڭ مەككىدىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلغان كۈنىدۇر.

نەۋرۇز–يېڭى يىل بايرىمى— ھەزرىتى ئەلى بىلەن پاتىمەنىڭ توي قىلغان كۈنىدۇر .

نەۋرۇز–يېڭى يىل بايرىمى— ياھۇت ھەزرەتنىڭ نوھنىڭ كېمىسىنى زىيارەت قىلغان كۈنىدۇر.

 بۇنىڭدىن شۇنى چۈشىنىۋېلىشقا بولىدىكى، نەۋرۇز–يېڭى يىل بايرىمى—تۈرك قەۋىملىرىنىڭ ئىسلامىيەتتىن بۇرۇن، قۇتلۇقلاپ كەلگەن، مىللىي تىرىلىش، دۆلەت قۇرغان كۈنىدۇر .

 (تۈركلەردە يېڭى يىل: IGDirli.com. www)

  ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىنمۇ بۇ خىل ئەنئەنە داۋاملاشقان. 11-ئەسىردە ئۇيغۇر قارا خانىيلار قاغانلىقى (مىلادى 850-1212) دا ئۆتكەن ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد كاشغەرى: «دىۋانى لوغەتىت تۈرك» ناملىق ئەسىرىدە: «يېڭى كۈندىن كېيىنكى تۇنجى باھار ئاينى ئوغلاق ئاي دەيدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئاي ئۇلۇغ ئوغلاق ئاي دېيىلىدۇ. چۈنكى بۇ ئايدا ئوغلاقلار چوڭىيىدۇ. ئىنسانلار ۋە جانلىقلار نەۋرۇز بىلەن جانلىنىدۇ. نەۋرۇز–جاھان بەخىت-سائادىتىنىڭ ئانىسى، بەرىكەت ۋە خوشاللىقنىڭ مەنبەسىدۇر. بۇ سەۋەبتىن كىشىلەر بىر-بىرىگە كۆڭۈللىرىنى ئىپادىلەپ  سېخىيلارچە خوشاللىقىنى نامايەن قىلىدۇ». (مەھمۇد كاشغەرى: «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، ئۇيغۇرچە،1 -توم 452-بەت)

   ئۇيغۇرلاردا قاچاندىن بېرى «نەۋرۇز» سۆزىنىڭ «دىۋانى لوغەتىت تۈرك» تە خاتىرلەنگەن «يېڭى كۈن» سۆزىنىڭ ئورنىغا قوللىنىلغانلىقى ئېنىق ئەمەس. قەدىمكى ئەنئەنىلەردىن قارىغاندا، بۇ بايرامنىڭ ۋاقتى ئىككى ھەپتە يەنى ئونبەش كۈن قىلىپ بەلگىلەنگەن. ھازىر 7 كۈندىن 3 كۈنگىچە قىلىپ خاتىرلىنىدۇ.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ «قۇتادغۇ بىلىك» داستانىدا نەۋرۇزنىڭ باشلىنىش كۈنى ھەققىدە :

قۇياش ياندى بولغاي يەنە ئورنىغا ،

بېلىق قۇيرىغىدىن قوزى بۇرنىغا .

دېگەن بىيىت ئارقىلىق يىل ئاخىرلىشىپ، يەنى 12-مۆچەل (بېلىق) ئۆتۈپ، 1-مۆچەل (قوزى بۇرنى) نىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى، زېمىستان قىش ئۆتۈپ كېتىپ، ئىللىق باھار پەسلىنىڭ ئۆز جىلۋىسىنى كۆرسەتكەنلىكىنى (نەۋرۇزنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى) بايان قىلغان.

«نەۋرۇز» زېمىستان قىش تۈگەپ، پۈتۈن تەبىئەت ئويغانغان، قار-مۇز ۋە توڭلار ئېرىپ، ئەگىزلەر ۋە ئېرىق-ئۆستەڭلەردە سۇلار شىلدىرلاپ ئېقىشقا باشلىغان، دەل-دەرەخ، گۈل-گىياھلارغا سۇ يۈگۈرۈپ، كۆكىرىپ چېچەكلەشكە يۈز تۇتقان، دېھقانلار ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا كىرىشىدىغان گۈزەل باھار پەسلىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ ھال «قۇتادغۇ بىلىك» داستانىدا، ناھايىتى روشەن ھالدا ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىلگەن. 

2.ئۇيغۇرلاردا نەۋرۇز ئەنئەنىسى پائالىيىتى تۆۋەندىكىدەك ئېلىپ بېرىلىدۇ.

 نەۋرۇز بايرىمى توققۇز رەسىميەت بويىچە ئۆتكۈزۈلىدۇ.

1) كونا يىلنى ئۇزۇتۇپ، يېڭى يىلنى قۇتلۇقلاش. بۇنىڭ ئۈچۈن نەۋرۇز ناغرىسى، ناغرا-سۇنايلار چېلىنىپ، يۇرت–يۇرۇتلارغا نەۋرۇز بايرىمىنىڭ يېڭى باھارنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكى جاكارلىنىدۇ.     نەۋرۇزنىڭ باشلانغانلىقى ئېلان قىلىنىدۇ. ئۆيمۇ –ئۆي ئارىلاپ «نەۋرۇز ئەشرەپ، نەۋرۇز بەگ، نەۋرۇز سالام، نەۋرۇز كەل» قاتارلىق ئويۇنلار كۆرسىتىلىدۇ.

2) نەۋرۇز-يېڭى يىل تازىلىقى قىلىش. نەۋرۇز ناغرسى ئاڭلىغان جامائەت كونا يىلنى ئۇزۇتۇپ، يېڭى يىلنى، يېڭى باھارنى كۇتىۋېلش يۈزىسىدىن بارلىق بۇلۇڭ–پۇشقاقلار ئالا قويماي تازلىنىدۇ، يەرلەرگە سۈپسۈزۈك باھار سۇلىرى ئۆيلەردىكى ئىدىشلار باھار سۈيىگە لىق تولدۇرۇلىدۇ.

3) سوغۇق قوغلاش. بۇ ئاساسەن بايرامىنڭ بىرىنچى كۈنى كەچتە ئېلىپ بېرىلىدىغان پائالىيەت بولۇپ، ياشلار سوغۇقنى ھەجۋىي قىلىپ، ئوت يېقىپ، قاپاق كۆيدۈرۈپ، جۇتنى قوغلاپ، باھارنى كۈتىۋالىدۇ، كېچىچە ئوخلماي يۇرت–يۇرت مەھەللىلەردە قوشاق قېتىپ، سوغۇقىنى قوغلاش پائالىيىتى ئېلىپ بارىدۇ، يول بۇيىدا سوغۇق تاماق يېيىلىدۇ.

4) «نەۋرۇزغا چىقىش»، «نەۋرۇز ئېشى يېيىش» ۋە «نەۋرۇز دۇئاسى» قىلىش. ھەر مەھەللىنىڭ مەركىزىدە چوڭ قازانلار ئېسىلىپ «كۆجە» تاماق پىشۇرىلىدۇ. ھەممە كىشى بۇ تاماقتىن ئېغىزلىنىدۇ، ئىبادەتكە قاتنىشىدۇ، ئاندىن قول سىقىشىپ كۆرۈشۈپ، بىر-بىرى بىلەن مۇبارەك بولسۇن دېيىشىپ قىزغىن ئالقىشلىشىدۇ. بۇ بىرلىكتە يەپ ئىچمەك، دۇئا قىلماق، بولۇپ بىرلىك، باراۋەرلىكنى ئىپادىلەيدۇ. ئۆتۈپ كەتكەن يىلدىكى ئىشلاردىن ئۈستىدىن يەكۈن چىقىرىلىپ، يېڭى يىل ئىشلىرى پىلانى تۈزۈلىدۇ، نەۋرۇز پائالىيىتىدە قىلىنىدىغان ئىشلار ئېلان قىلىنىپ، تۈرلۈك تەييارلىقلارنى ھازىرلاش ئۇقتۇرىلىدۇ. نەۋرۇز ئېشى يېيىش. بۇ ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەندە ھەر كىشى قۇدرىتىنىڭ يېتىشىچە، مەھەللىدىكى بۇ پائالىيەتكە ئاتاپ، ئۇن، ياغ، شېكەر، قۇرۇق يېمىش، نان ۋە باشقا خىلمۇ-خىل يېمەكلىكلەرنى كەلتۈرىدۇ. جامائەت بىر يەرگە جەم بولۇپ، تاپقان–تەرگىنى بويىچە، چوڭ داشقازاندا يەتتە خىل دان ياكى توققۇز خىل يېمەكلىكتىن نەۋرۇز ئېشى تەييارلىنىدۇ، بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان چوڭ–كىچىك قېرى-ياش ھەممىسى ئېغىز تېگىشدۇ. «نەۋرۇز دۇئاسى» كىشىلەر پاكىز، يارىشىملىق كىيىملىرىنى كىيىشىپ، مازار-تۇپراق بېشىنى يوقلاپ، ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ قەبرىسىنى يوقلاپ، دۇئا قىلىشىدۇ.بۇ «نەۋرۇز دۇئاسى» دىيىلىدۇ.

5) كىشىلەر بىر-بىرىنى يوقلىشىدۇ، ياردەمگە مۇھتاجلارغا ياردەم قىلىشىدۇ، كېسەللەرنى، ئاجىز، مېيىپلارنى يوقلايدۇ. يامان ئىش-ھەرىكەتتە بولغانلارغا نەسىھەت قىلىدۇ. ئارازلىشىپ قالغانلار، خولۇم-قوشنىلار ياراشتۇرىلىدۇ. ئۆيلىنىش يېشىغا توشقانلارغا ھەر خىل تەشەببۇسلار قىلىنىدۇ.

 6) نەۋرۇز سەيلىسى–بۇ پائالىيەت ساپ ھاۋالىق چېچەك بىلەن پۈركەنگەن باغدا سۇنىڭ بويلىرىدا ئۆتكۈزلىدۇ، ھەر يەردە ئات سەيلىسى، بەزمە سەيلىسى، تاغ سەيلىسى، يۇرت سەيلىسى، كۆك سەيلىسىگە ئوخشاش تۈرلۈك سەيلە پائالىيەتلىرى ئۇيۇشتۇرىلىدۇ. بۇ جايدا ھۈنەر–كاسىپلار، مەدداھلار، ناخىشچلار، ئۇسىسۇلچلار، ئەلىنەغمىچلەر، يازغۇچى، شائىرلار نەزمە ئوقۇشۇپ ئۆز ماھارىتنى كۆرسىتدۇ، ھەمدە جامائەت ئۆز پەرزەنتىلرىنى ھەر خىل ئۇسىتازلارغا شاگىرتلىققا بېرشىدۇ. ھىكايە، داستان ئېيتىش، جەڭ قىسسەلىرىنى، مەشھۇر زاتلارنى تۇنۇشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلىدۇ. مەدداھلار داستان ۋە قىسسەلەرنى ئېيتىشىدۇ. ئەل نەغمىچىلەر «نەۋرۇز نامە» ئۇقۇشىدۇ. مەسىلەن:

 

كەلدى نەۋرۇز–يىل باشى، كەتتى كۆڭۈلنىڭ چىرىكىنى،

نەۋرۇز دىبان كەلۇرلەر خاتۇنلارنىڭ تۈركىنى،

گۈللەر قىسۇر قىز-ئوغۇل، ئەگرى قويار بۆكىنى،

مەجلىس قىلىپ ئويناشۇر، ئاچار كۆڭۈل مۈلكىنى،

قايغۇ-مېھنەتلەر كېتىپ، يايرىشار كۈندۇر بۈگۈن .

 

7) نەۋرۇز يارشى–بۇ پائالىيەت مۇسابىقە تۈرىنى ئالغان بولۇپ، تۈرلۈك شەكىلدىكى خەلق تەنتەربىيە پائالىيىتى، ئەل نەغمە، نەۋرۇز مۇقام-مەشرەپلىرى، ساما ئويۇنلىرى، مەدداھلىق، سەرۋازلىق، دارۋازلىق، ئاتلىق تەنتەربىيە پائالىيىتى، ئوغلاق تارتىش، چېلىشىش، ئات چاپتۇرۇش، چەۋگەن توپ تەنھەرىكىتى، بۇقا سوقۇشتۇرۇش (خەتىرى كۆپ بولغاچقا ئېلىپ بېرىلمايدىغان بولدى)، توخو سۇقۇشتۇرۇش، تۈرلۈك قىزىقچىلىقلار، چاقپىلەك، گۈلەڭگە ئويۇنلىرى قاتارلىقلار ئۆتكۈزۈلىدۇ، كەچتە ئوغلاق ئالغان كىشى يۇرت ئىچىدە مەشرەپ ئۇيۇشتۇرىدۇ..

8) نەۋرۇز مەشرىپى–بۇ مەشرەپكە يىگىت بېشى (يۇرت ئاقساقىلى ياكى ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان كىشلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن كىشى) سايلىنىدۇ، پاشىشاپ، مىرشاپلار سايلىنىپ مەشرەپ تەرتىپىنى قوغدايدۇ، ئوتتۇز ئوغۇل، توققۇز قىز مەشرەپكە باش بولۇپ، پوتا ئويناش، بىيىت ئېيتىش، ھەر خىل جازا تۈرلىرى (يەنى كىشلەرنى ئەدەپ–ئەخلاققا ئۈندەيدىغان) بىرلىشىپ مەشرەپ ئەۋجىگە كۆتىرىلىدۇ.

9) نەۋرۇزلۇق تىلەك. بايرامىنىڭ 3–كۈنىنى يۇرتتىكى ھەر بىر ئائىلە تاپقىنى بويىچە قازان ئېسىپ بۇ يىلنىڭ تىنچ–ئامانلىق بولۇشى، زىرائەتلەرنىڭ بالايى–ئاپەتتىن ساق–سالامەت ئۆتۈشى، قىلغان ئىشىلىرىغا بەرىكەت، جان–جانىۋارلارغا كۆپ تۇلە ئېلىشنى مەقسەت قىلىپ، نەزىر بېرىدۇ، يولىدىن ئۆتكەن–كەچكەنلەر ھەم بارلىق يۇرت ئەھلى ھەر–بىر كىشنىڭ تامىقىغا ئېغىز تېگىپ، دۇئا بېرىدۇ، ئاخىرىدا جامائەت، يېقىن ئۇرۇق–تۇققانلار، دوسىتلار ئۆز–ئارا بىر–بىرگە ئامان–ئېسەنلىك ياخشى تىلەك تىلىشىپ بايرام ئاخىرلىشىدۇ.

قىسقىسى نەۋرۇز-يېڭى يىل بايرىمى، پائالىيىتى ئارقىلىق قىش زىمىستاننى قوغلاش، ئاسايىشلىق، يېڭى باھارنى كۈتىۋېلىش، يېڭى يىلنىڭ يېڭىچە خوشاللىق ئەكىلىشىنى تىلەش، يېشىللىققا پۈركەنگەن تەبىئەتنى كۈيلەش، كىشىلەرنى ئىلىم-مەرىپەتكە ئۈندەش، ئىتتىپاقلىق ۋە ئىناقلىقنى تەشەببۇس قىلىش، ساخاۋەتلىك ۋە دىيانەتلىك بولۇش قاتارلىق ئىلغار ئىجتىمائىي مەزمۇنلار ئەكس ئەتتۈرىلىدۇ. شۇڭا، ئۇ تەبىئەت بايرىمى، مول-ھوسۇل بايرىمى، ئەمگەك بايرىمى، ئىناقلىق-ئۇيۇشۇش بايرىمى، ھۈنەر-كەسىپ بايرىمى، تەنتەربىيە بايرىمى، شاتلىق بايرىمى، كۆرەك قىلىش بايرىمى، ئەدەبىيات–سەنئەت بايرىمى، مىللىي-خاسلىقنى كۆرسىتىش بايرىمى، قىسقىسى ئەلنىڭ تۈرلۈك ھۈنەر-كەسىپ، تېخنىكىلىرىنى نامايىش قىلىدىغان، ئۆگۈتىدىغان، ھەر تەرەپلىمە  ئىقتىدار يېتىلدۈرىدىغان، ئېچىۋېتىلگەن، خەلق مەكتىۋىدۇر.

       ئىزاھاتلار:

1)ئېرگېنېكۈندىن چىقىش كۈنى-تۈركلەرنىڭ ئېرگېنېكۈندىن قوزغۇلۇپ چىققان كۈنى باھارنىڭ كەلگەن كۈنى بولۇپ، بۇ كۈننى قۇتۇلۇش كۈنى دەپ، ھەر يىلى يىل بېشىدا چوڭ كۆلەمدىكى قۇتلۇقلاش، خاتىرلەش پائالىيىتى ئېلىپ بارىدۇ. ئۇيغۇر ئېلىدىن بالقانغا قەدەر پۈتۈن تۈرك قەۋىملىرى ۋە قەبىلىلىرى تەرىپىدىن مىلادىدىن بۇرۇنقى 8-ئەسىردىن بۈگۈنگە قەدەر ھەر يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى قۇتلۇقلاش ئېلىپ بارىدۇ .

ئەپسانىلەرگە كۆرە، تۈركلەرنىڭ پۈتۈن قەۋىملىرى بىرلىشىپ، تۈركلەردىن ئۆچ ئالماقچى بولغان تەرەپكە ئاتلانغان ۋە 10 كۈن ئۇرۇش قىلغان، ئۇرۇشتا تۈركلەرنى يېڭىشقا كۆزى يەتمىگەن قارشى تەرەپ، ھىيلە ئىشلىتىپ تۈركلەرنى يەڭگەن. تۈركلەرنىڭ پۈتۈن چاتىرلىرىنى، ماللىرىنى ئېغىر زىيانغا ئۇچراتقاندىن كېيىن، تۈركلەرنىڭ ھەممىسىنى قىلىچلاپ ئۆلتۈرگەن. كىچىكلىرىنى قۇل قىلىپ ئېلىپ كەتكەن. كۆك تۈرك خانى ئېلخاننىڭ كىچىك ئوغلى قىيىن بىلەن يېقىنى توكۇز خوتۇنلىرى بىلەن بىرلىكتە ئاسارەتتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن قېچىشتىن باشقا يولى قالمىغاچقا، قېچىپ بىر يەرگە كېلىپ قالغان. ئۇلار بۇ يەرگە ئەرگەنەكون دەپ ئاتىغان. بۇ يەر بەك مۇنبەت بولغاچقا، ئۇلار بۇ يەردە  400 يىل تۇرغان. ئۇلار كۆپۈيۈپ، بۇ يەرگە سىغمىغان، كىشىلەر ئەرگەنەكوندىن چىقىش كېرەكلىگىنى دېيىشىپ، ئۇلار  بۇ تاغنى تۈمۈر بىلەن تېشىپ، تاشقىرغا چىققان. دۈشمەنلىرىنى  يېڭىپ، ئۆچىنى ئالغان. بۇ ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ  باشلىقى (ھۆكۈمرانى) بۆرتەچىنە=بوزقۇرت ئىدى، بۇ كۈن يېڭى يىلنىڭ  باشلانغان كۈنى بولۇپ، كۆك تۈركلەردە بايرام دەپ قۇتلۇقلاشقا باشلىغان.

2) 12 ھايۋانلىق تۈرك تەقۋىمىدە–بىر كۈن 12 بۆلۈمگە ئايرىلغان، ھەر بۆلىمىگە ۋاقىت-چاغ ئېتى بېرىلگەن. بىر چاغ ئىككى سائەت، بىر كۈن 24 سائەتكە ئايرىلغان، يىل بېشى كېچە بىلەن كۈندۈز  تەڭلەشكەن 3-ئاينىڭ 21-كۈنى بولۇپ، نەۋرۇز كۈنى بولۇپ قۇتلۇقلىنىدۇ. بۇ يېڭى يىل باشلانغان كۈن دەپ ئاتىلىدۇ.

مەنبە: مىسرانىم مۇنبىرى

    

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 485 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2014-03-17