ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى


ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى


ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى

خەنزۇچە: 安卡拉大学

ئېنگلىزچە:  Ankara University

قۇرۇلغان ۋاقتى: 1946-يىلى

تەۋە دۆلەت: تۈركىيە

ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى 1946-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىدە قۇرۇلغان تۈنجى ئۇنىۋېرسىتېتت. تۈركىيەنىڭ ئەنقەرە شەھىرىگە جايلاشقان بولۇپ، مۇھىتى گۈزەل ۋە قويۇق ئۆگىنىش تۈسىگە ئىگە. ئاساسلىق ئىنىستىتۇتلىرىدىن يېزا-ئىگىلىك ئىنىستىتۇتى، ئاخبارات ئىنىستىتۇتى، چىش كېسەللىكلىرى تېبابىتى ئىنىستىتۇتى، مائارىپ پەن-تېخنىكىسى ئىنىستىتۇتى قاتارلىقلار بار.

مەكتەپنىڭ قىسقىچە ئەھۋالى

مەكتەپنىڭ تارىخى

ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى ئەنقەرەگە جايلاشقان.

1923-يىلى 10-ئاينىڭ 13-كۈنى، خەلق قارشىلىق كۆرسىتىش ھەركىتىنىڭ رەھبىرى ئەنقەرەنى پايتەخت قىلىپ بېكىتكەن، ھەمدە زامانىۋىلاشقان بىر شەھەر قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا تەييارلىق قىلغان. ئىسلاھاتنىڭ تەلىپىگە ماسلىشىش ئۈچۈن، مۇستاپا كامال ھۆكۈمىتى، ياشلارغا نىسبەتەن تەلىم-تەربىيە يۈرگۈزۈشنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلغان. ئالدى بىلەن دۆلەت ۋە خەلقنىڭ مەدەنىيەت، ئەدەبىي تەتقىقات جەھەتتىكى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، شۇنداقلا ھازىرقى زامان پەن-تېخنىكىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن، 1933-يىلى يۇقىرى دەرىجىلىك يېزا-ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسى تەتقىقات ئورنىنى قۇرغان؛ 1945-يىلى تېببىي ئىنىستىتۇتنى قۇرغان؛ ئۇزاق ئۆتمەي يەنە تەبىئىي پەنلەر ئىنىستىتۇتىنى قۇرغان.

يۇقىرىدىكى بۇ ئىنىستىتۇتلارنىڭ قۇرۇلىشى، ئەنقەرەنىڭ مەدەنىيەت، پەن-تېخنىكا ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىدا يېتەكچىلىك رول ئوينىغان. ئەسلىدىكى كۆزگە كۆرۈنمىگەن ئادەتتىكى بىر شەھەر، بىردىنلا تۈركىيەنىڭ پەن-تېخنىكا مەدەنىيەت مەركىزىگە ئايلانغان.

1946-يىلى ئەنقەرەدە قۇرۇلغان بۇ ئىنىستىتۇتلار بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇلغان. 1948-يىلىدىن 1979-يىلىغىچە، ئۇنىۋېرسىتېتتا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، مال دوختۇرلۇق ئىنىستىتۇتى، دىننىي ئىنىستىتۇت، چىش كېسەللىكلىرى ئىنىستىتۇتى قاتارلىق ئىنىستىتۇت ۋە تەتقىقات ئورۇنلىرى قۇرۇلۇپ، تۈركىيە جەمئىيتىدە ئۆزىنىڭ مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرغان.

مەكتەپنىڭ كۆلىمى

1991-يىلىدىكى ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تولۇق كۇرۇس ئۇقۇغۇچىلىرىنىڭ سانى 32160 نەر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئوغۇللار 19543 نەپەر، قىزلار 12617 نەپەر. تولۇق كۇرۇس ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئومۇمىي سانى ئىچىدە، چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 526 نەپەر. ماگىستېر ئاسپىرانتلىرىنىڭ سانى 1451 نەپەر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 37 نەپەر؛ دوكتور ئاسپىرانتى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سانى 1206 نەپەر بولۇپ، چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار 34 نەپەر.

مەكتەپتە 611 نەپەر پىروفېسسور، 293 نەپەر دوتسېنت، 193 نەپەر ياردەمچى پىروفېسسور، 99 نەپەر لېكتور، 1319 نەپەر تەتقىقات ۋە ئوقۇتۇش ياردەمچىسى، 232 نەپەر تەربىيىچى، 98 نەپەر كەسپىي خادىم، 4 نەپەر تەرجىمان بولۇپ، جەمئىي 2854 نەپەر ئادەم بار.

1991-يىلى، مەكتەپ مالىيەسىنىڭ قىلغان چىقىمى 324 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولغان.

ئىنىستىتۇتلىرى

ئەنقەرەدىكى ئەڭ ئەڭ ئالىي مەمۇرىي رەھبەر مەكتەپ مۇدىرى بولۇپ، يەنە ئۈچ مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى، بىر باھالاش كوللىكتىپى ۋە بىر مەمۇرىي كېڭەش بار. مەكتەپ مەمۇرىيىتىنىڭ رەھبەرلىكى ئاستى ئوقۇتۇش تەتقىقات ئورگانلىرى تۆت تۈرگە بۆلىنىدۇ.

بىرىنچى خىل تۈردىكى ئىنىستىتۇت (Faculty)، ئادەتتىكى ئىنىستىتۇت دەپ ئاتاشقا بولىدۇ، ئۇنىڭ بىر نەچچە فاكۇلتېتلىرى بار. ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىدا تۆۋەندىكىدەك 11 ئىنىستىتۇت بار:

يېزا ئىگىلىك ئىنىستىتۇتى

يېزا ئىگىلىك ئىقتىساد ئىلمى، يېزا ئىگىلىك قۇرۇلىشى، يېزا ئىگىلىكنى ماشىنلاشتۇرۇش، ئاگرونومىيە، ھايۋانات ئىلمى، سۈت پىشىقلاپ ئىشلەش تېخنىكىسى، بېلىقچىلىق سانائىتى، يېمەكلىك ئىلمى، باغۋەنچىلىك ئىلمى، باغ-ئورمانشۇناسلىقى، ئۆسۈملۈكلەرنى قوغداش، تۇپراقشۇناسلىق قاتارلىق 12 فاكۇلتېتى بار.

چىش كېسەللىكلىرى تېبابىتى ئىنىستىتۇتى

چىش ئىلمى ئاساسلىرى ۋە كىلىنكىلىق چىش ئىلمىدىن ئىبارەت ئىككى فاكۇلتېتى بار.

دىننىي ئىنىستىتۇت

ئىسلام مەدەنىيىتى ۋە جەمئىيەت ئىلمى، ئىسلام دىنى، تەپسىر ۋە ھەدىسلەر قاتارلىق ئۈچ فاكۇلتېتى بار.

مائارىپ ئىنىستىتۇتى

چوڭلار مائارىپى، مائارىپ پىلانى ۋە ئوقۇتۇشى، مائارىپ مەمۇرىيىتى ۋە پىلانى، مائارىپ پىسخىكىسى مۇلازىمىتى قاتارلىق تۆت فاكۇلتېتى بار.

قانۇن ئىنىستىتۇتى

خۇسۇسىي ئىشلار قانۇنى، جامائەت مالىيەشۇناسلىقى ۋە ئىقتىسادى، ئومۇمىي قانۇن قاتارلىق ئۈچ فاكۇلتېتى بار.

ئىجتىمائىي پەنلەر ئىنىستىتۇتى

قەدىمكى زامان تىلى  ۋە مەدەنىيىتى، ئىنسانشۇناسلىق، ئارخېئولوگىيە ۋە سەنئەت تارىخى، تىياتېر، شەرق تىللىرى ئەدەبىياتى، جۇغراپىيەشۇناشلىق، تارىخشۇناسلىق، كۇتۇپخانا ئىلمى، پەلسەپە، پىسخىكا، تۈرك تىلى ئەدەبىياتى، غەرب تىللىرى ئەدەبىياتى قاتارلىق 13 فاكۇلتېتى بار.

تېببىي ئىنىستىتۇت

تېبابەت ئاساسى ئىلمى، ئىچكى كېسەللەر تېبابىتى ئىلمى، تاشقى كېسەللەر تېبابىتى ئىلمى قاتارلىق فاكۇلتېتى بار.

دورىگەرلىك ئىلمى ئىنىستىتۇتى

فارماكولوگىيە ئىلمى، دورىگەرلىك تېخنىكىسى، داۋالاش ۋە دورىگەرلىك ئىلمى قاتارلىق فاكۇلتېتى بار.

سىياسىي پەنلەر ئىنىستىتۇتى

سودا باشقۇرۇش، ئىقتىساد، خەلقئارا مۇناسىۋەت، ئەمگەك كۈچى ئىقتىسادشۇناسلىقى ۋە سانائەت مۇناسىۋىتى، ئاممىۋىي مەمۇرىيەت، جامائەت مالىيەسى قاتارلىق ئالتە فاكۇلتېتى بار.

تەبىئىي پەنلەر ئىنىستىتۇتى

ئاستىرونومىيە ۋە بوشلۇق ئىلمى، خىمىيە قۇرۇلىشى، خىمىيە، ئېلىكتىرون قۇرۇلىشى، قۇرۇلۇش فىزىكىسى، ئېكىلوگىيە قۇرۇلىشى، يەرشارى فىزىكىسى قۇرۇلىشى، ماتىماتىكا، فىزىكا، ئىستاتىكا ئىلمى قاتارلىق ئون فاكۇلتېتى بار.

مال دوختۇرلۇق ئىنىستىتۇتى

چارۋا بېقىش ۋە يەم-خەشەك، ئاساسىي مال دوختۇرلۇق ئىلمى، پاتولوگىيە ۋە كېلىنكا ئىلمى قاتارلىق ئۈچ فاكۇلتېتى بار.

ئىككىنچى خىلدىكى ئىنىستىتۇت (College)، مەكتەپ ئىچىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارنى مەكتەپلەرگە ئايرىغانغا باراۋەر، بىراق ئاساسلىقى تېخنىكىلىق تەربىيەلەش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، ھەمدە تۇرۇشلۇق شەھەرنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتىلىدۇ، مەسىلەن، كىرىكالې تېخنىكا ئىنىستىتۇتى، كانكىرى تېخنىكا ئىنىستىتۇتى، كاستامونۇ تېخنىكا ئىنىستىتۇتى قاتارلىقلار.

ئۈچىنچى خىل تۈردىكى ئىنىستىتۇت (School دېيىشكىمۇ،  Collegeدېيىشكىمۇ بولىدۇ)، يەنىلا خادىم تەربىيەلەشنى ئاساس قىلىدۇ، مەسىلەن، ئاخبارات ۋە ئالاقە ئىنىستىتۇتى، قانۇن تۈزۈملىرى ئىنىستىتۇتى، ئائىلە باشقۇرۇش ئىشلىرى ئىنىستىتۇتى، ساقلىقنى ساقلاش ئىنىستىتۇتى،باسكېت تېخنىكا ئىنىستىتۇتى قاتارلىقلار.

تۆتىنچى خىل تۈردىكى ئىنىستىتۇت (School or Institute) بولسا ئاسپىرانتلار ئىنىستىتۇتى بولۇپ، تەبىي پەنلەر ۋە قوللىنىشچان پەنلەر ئىنىستىتۇتى، ساغلاملىق ئىلمى ئىنىستىتۇتى، جەمئىيەت ئىلمى ئىنىستىتۇتى، تارىخ ۋە تۈركىيە ئىنقىلابى ئىنىستىتۇتى قاتارلىقلار.

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تۆت فاكۇلتېت مەكتەپ مۇدىرىنىڭ بىۋاستە رەھبەرلىكىدە بولۇپ، ئۇلار دۆلەت تىلى فاكۇلتېتى، چەتئەل تىللىرى فاكۇلتېتى، تەنتەربىيە فاكۇلتېتى، گۈزەل-سەنئەت فاكۇلتېتىدىن ئىبارەت.

بىۋاستە مەكتەپ رەھبەرلىكىگە تەۋە بولغان قوللىنىشچان تەتقىقات مەركەزلىرىدىن بىئولوگىيە تېخنىكىسى، يۈرەك ئىلمى، تۈركىيە تارىخى، تۈرۈك تىلى، ئاخبارات ۋە خەۋەر، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەربىيىسى قاتارلىق 16 سى بار.

ئىنىستىتۇتلىرىنىڭ خاسلىقى

ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تولۇق كۇرۇس ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تەربىيەلىنىشىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ، تېببىي ئىنىستىتۇتنىڭ ئۈچ فاكۇلتېتىنىڭ 30 غا يېقىن كەسپى دەرسلىكى بار بولۇپ، بۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر يىل پراكتىكا قىلىشى كېرەك؛ تېببىي ئىنىستىتۇتنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئالتە يىللىق ئوقۇشتىن كېيىن، ئاندىن تېببىي دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشەلەيدۇ. بىراق ئوتتۇرىدا ئىككى قېتىملىق باسقۇچلۇق سەۋىيە سىناش ئىمتاھانىدىن ئۆتىشى كېرەك. دەرسلىكلەر ئاساسلىق ئۆگىنىدىغان كەسىپلەر ۋە تاللاپ ئۆگىنىدىغان كەسىپلەردىن تەركىب تاپىدۇ؛ تېببىي ئىنىستىتۇتنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى بەش  يىل ئىچىدە 4400 سائەتلىك دەرسكە قاتنىشىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە بىرىنچى ئوقۇش يىلىدىكى دەرس سائىتى 690 سائەت، ئىككىنچى ئوقۇش يىلىدىكى دەرس سائىتى 860 سائەت، ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى ئوقۇش يىلىدىكى دەرس سائىتى 960 سائەت، بەشىنچى ئوقۇش يىلىدىكى دەرس سائىتى 930 سائەت بولىدۇ. سىياسىي پەنلەر ئىنىستىتۇتى ئىقتىسادشۇناسلىق فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش مۇددىتى تۆت يىل بولۇپ، 207 ئوقۇش نومۇرلۇق كەسپى پەنلەرنى ئوقۇپ بولسا ئاندىن مەكتەپ پۈتتۈرەلەيدۇ. تەبىئىي پەنلەر ئىنىستىتۇتىدىكى خمىيە فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇش مۇددىتى تۆت يىل بولۇپ، 120 ئوقۇش نومۇرلۇق دەرسلىكنى تاماملىشى كېرەك، ئەنقەرەر ئىنىستىتۇتىنىڭ يېزا-ئىگىلىك  ئىنىستىتۇتىنىڭ ئوسمان ئىپىرىيىسى دەۋرىدىن باشلاپ سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ، ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىغا تەۋە بولۇشتىن ئىلگىرى ئۇ بىر يېزا-ئىگىلىك مەكتىپى ئىدى.

مەكتەپ كۇتۇپخانىسى

ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كۇتۇپخانا سىستېمىسى ئاساسىي كۇتۇپخانا ۋە نۇرغۇنلىغان ئىنىستىتۇت كۇتۇپخانىلىرىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئەنقەرە شەھىرىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئەنقەرەر ئۇنىۋېرسىتېتى مەكتەپ رايونلىرىغا تارقالغان. ئاساسىي كىتاپخانىدا 60 مىڭ پارچە كىتاب ساقلانغان بولۇپ، نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك كىتابلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ بۇنىڭدىن باشقا يەنە 15 مىڭ پارچە گېزىت-ژۇرناللار بار. پۈتۈن كۇتۇپخانا سىستېمىسىدا ساقلانغان كىتابنىڭ سانى تەخمىنەن 700 پارچە.

ئىلىم-پەن ئالماشتۇرۇش

ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى ئۆزىنىڭ ئىلمىي سەۋىيەسىنى يوقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، ئاكتىپلىق بىلەن خەلقئارا ئىلىم ئالماشتۇرۇشنى كېڭەيتتى، نۆۋەتتە 20 دىن ئارتۇق دۆلەت سىرتىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن ئىلمىي ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى. ئۇنىڭ TOMER پىلانى چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار ۋە تۈركىيەدە ۋاقىتلىق تۇرۇپ قالغان چەتئەللىكلەرنىڭ تۈرك تىلى ئۆگىنىشى ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان.

مەكتەپ مۇدىرىنىڭ قىسقىچە تونۇشتۇرىلىشى

ئەنقەرە ئىنىستىتۇتىنىڭ ھازىرقى مەكتەپ مۇدىرى دوكتور نەجدەت سەرىن، 1933-يىلى ئىزمىردا تۇغۇلغان، 1957-يىلى ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي پەنلەر ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرۈپ، مەكتەپتە قېلىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، كېيىن ئامېرىكا ۋىسكونسىن ئۇنىۋېرسىتېتى (University of Wisconsin) بارغان، ھەمدە 1963-يىلى پەلسەپە پەنلىرى بويىچە دوكتورلوق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1964-يىلىدىن 1965-يىلىغىچە جەنۋەدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ياۋروپا ئىقتىسادىي كوممىتېتى تەتقىقات پىلانى ئىشخانىسىدا خىزمەت قىلغان؛ 1965-يىلىدىن 1969-يىلىغىچە دۆلەتكە قايتىپ كېلىپ ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتىگەن؛ كېيىن ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىغا قايتىپ يەنە ئوقۇتۇش-تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن شوغۇللانغان. 1969-يىلى دوتسېنت،  1976-يىلى رەسمىي پىروفېسسور بولغان. بۇ مەزگىلدە، دۆلەت ئىچىدىكى بىر قىسىم ئىنىستىتۇت ۋە ئىلىم-پەن تەشكىلاتلىرىدا كۆپ قېتىم لىكسىيە سۆزلىگەن. 1982-يىلى سىياسىي پەنلەر ئىنىستىتۇتىنىڭ ئىنىستىتۇت باشلىقىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. 1987-يىلى 8-ئايدىن باشلاپ ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەكتەپ  مۇدىرىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. ھازىر ئۇ قوشۇمچە تۈركىيە ئىقتىساد ئۇيۇشمىسى، تۈركىيە ئىقتىساد ئۇيۇشمىسى فوندى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى، خەلقئارا ئىقتىساد ئۇيۇشمىسىنىڭ ئەزاسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەيدۇ. پىروفېسسور سەرىن يەنە نۇرغۇنلىغان خەلقئارالىق ئىلمىي تەشكىلاتلاردا تۈركىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى سالاھىيتى بىلەن يىغىنلارغا قاتنىشىدۇ ياكى سۆز قىلىدۇ. پىروفېسسور سەرىننىڭ ئەسەرلىرىدىن «تۈركىيەنىڭ سانائەتلىشىشى»، «ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە تاشقى سودا»، «مائارىپ ئىقتىسادى ئىلمى»، «تاشقى سودا ۋە تاشقى سودا سىياسىتى» قاتارلىقلار بار. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، نۇرغۇنلىغان تەرجىمە ئەسەرلىرى ۋە 40 پارچىدىن كۆپ ئىلمىي ماقالىسى بار.

پىروفېسسور سەرىن، ئالىي مائارىپنىڭ مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشى، مائارىپنىڭ بىر قىسىم تەرەپلەردە نەتىجە قازانغانلىقىغا باغلىق بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇ ياراتقان جەمئىيەت ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى قىممىتىگىمۇ باغلىق، چۈنكى سەنئەت ۋە مەدەنىيەت ئىجادكار ئەمگەكچىلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈشنىڭ ئاساسى ئېلىمېنتى. ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ مەكتەپ مۇھىتىنىڭ ئوقۇتۇش ئۈنىمىگە كۆرسەتكەن تەسىرىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ، شۇڭا ئۇ مەكتەپ مۇھىتىنىڭ قۇرۇلىشى جەھەتتە ئىنتايىن زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتتى. مەكتەپ مۇدىرى بولغاندىن تارتىپ تا ھازىرغىچە، ئۇ ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن دۆلەت سىرتىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلار ئوتتۇرىسدا كۆپلىگەن ئىلمىي ئالماشتۇرۇش ۋە تەتقىقات ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىنى شەكىللەندۈردى. بۇنىڭدىن ئۇنىڭ مەكتەپنىڭ ئىلمىي سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئوقۇتۇش مۇھىتىنى ياخشىلاشتىمۇ مۇھىم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى كۆرۋالغىلى بولىدۇ.

مۇدىر سەرىن يېقىندا: «بىز 21 ئەسىرگە قاراپ ئىلگىرلىگەن ۋاقتىمىزدا، مائارىپنىڭ مۇھىملىقى ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىن كۆرىنەرلىك ئىپادىلەندى. بىزنىڭ بۇ كۆك رەڭلىك پىلانىتىمىزدىكى ئۆزگىچە بايلىق مەنبەلىرىگە ئەڭ ئاقىلانە ئۇسۇل بىلەن باھا بېرىش ئۈچۈن، ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەشتىنمۇ مۇھىم بولغىنى، ئەنئەنىۋىي ئۇنىۋېرسىتېتلار بىلەن خەلقئارا ھەمكارلىقتىكى ئۇنىۋېرسىتېتلار ئوتتۇرىسىدىكى نازۇك مۇناسىۋەتنى بىر تەرەپ قىلىش. بىز يەنە كىشىلەرنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋىي تۇرمىشىدىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەنىڭ تەلىپىنى ھېس قىلىپ يەتتۇق، مەكتەپ چوقۇم كەڭ كۆلەمدە ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، بۇ خىل تەلەپكە ماسلىشىشى كېرەك. مائارىپ ۋە تەتقىقاتىدىن ئىبارەت ئىككى جەھەتتىكى يوقىرى ئۆلچەمنى ساقلاش، ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى دائىملىق تېما. ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى زىيالىلارنىڭ قىممىتىگە ئىشىنىدۇ، ھەم بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق پائالىيەتلەرنى قوللايدۇ. بۇ بەلكىم ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىنىڭ سىرى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن» دېدى.

مەنبە: بەيدۇ قامۇسىدىن ئامىنە تەرجىمە قىلدى


مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 5

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 663 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2014-03-14