كۈنگاڭ «گىگانت ئادىمى» نىڭ سىرى

 

كۈنگاڭ «گىگانت ئادىمى» نىڭ سىرى 

خو مىڭ، ۋاڭ لىلى

كۈنگاڭ گىگانت ئادىمىكۈنگاڭ گىگانت ئادىمى

«ئارال» ئىلگىرى ئادەم ئاياغ باسمىغان چۆل-باياۋان ئىدى. بىر قېتىملىق كۈتۈلمىگەن بايقاش كىشىلەرنى 4000 يىل ئىلگىرىكى بۇ تۇپراققا قىزىقتۇردى ۋە ئۇلارنىڭ تەسەۋۋۇرىنى قاناتلاندۇردى.

ئۈكەك قاپقىنىڭ غىچىلداپ ئېچىلغان ئاۋازى دەرۋازىنىڭ ئېچىلغان ئاۋازىغا ئوخشاپ كەتتى، ۋاقىتمۇ بۇنىڭ بىلەن تەڭ ئېچىلدى. غەربىي يۇرت مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىدىغان مۇتەخەسسىس لياۋ جاۋيۈ ئۈكەكنىڭ يېنىدا نەپەسمۇ ئالماي تۇرغىنىچە، تارىخ ئۇچراشتۇرغان شۇ دەقىقىنى كۆزىتىۋاتاتتى. ئۈكەكتىكىسى ياتقىنىغىغا 4000 مىڭ يىل بولغان بىر گىگانىت ئەرنىڭ مومىيالانغان جەسىتى ئىدى. 4000 يىل ئىلگىرىكى مومىيالانغان بۇ جەسەتنىڭ ئۇزۇنلىقى 2.3 مېتىر بولۇپ، بويىنىڭ ئېگىزلىكى 2.26 مېتىر كېلىدىغان ۋاسكىتبول چولپىنى «كىچىك گىگانىت ئادەم» ياۋ مىڭدىنمۇ ئېگىز ھەم بەستلىك ئىدى. ئىلگىرى تارىم ئويمانلىقىدا «گىگانىت ئادەملەر قەبىلىسى» نىڭ بارلىقى توغرىسىدا رىۋايەتلەر بار ئىدى. ئىنتېرنېت تورىدىمۇ فېۋرالنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن باشلاپ شىنجاڭدا سىرلىق «گىگانىت ئادەملەر» قەبرىستانلىقىنىڭ بارلىقى توغرىسىدا بەس-بەستە خەۋەرلەر تارالغانىدى، ئەمدى كۈنگاڭ («ئارال» نىڭ تارىخىي ماتېرىياللاردا خاتىرىلەنگەن ئىسمى) قەبرىستانلىقىدىن قېزىۋېلىنغان «گىگانت ئادەم» نىڭ جەسەت سۆڭەكلىرى كىشىلەرنىڭ تارىختىكى گىگانت ئادەمگە بولغان تەسەۋۋۇرىنى ئۇرغۇتتى.

كۈنگاڭ «گىگانت ئادىمى» دە قانداق يېشىلمىگەن سىرلار بار؟ ئۇنىڭ بويى نېمىشقا شۇنچىۋىلا ئېگىز؟ مۇخبىر فېۋرالنىڭ ئاخىرىدا 4000 مىڭ يىل ئاۋالقى گىگانت ئادەملەرنىڭ تۇرمۇشىنى بىلىش ئۈچۈن، ئارال شەھىرىدىكى كۈنگاڭ قەدىمىي قەبرىستانلىقىغا باردى.

گىگانت ئادەمنىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى

ئۈكەكتىكى بۇ گىگانت ئادەمنىڭ چېچى سېرىق يۈزى ئۇزۇنچاق بولۇپ، بۇ قېتىمقى تاسادىپىي ئۇچرىشىشقا سۈكۈت قىلىپ ياتاتتى. مۇتەخەسسىسلەر بۇ ئۈكەكنىڭ ئۇزۇنلىقىنىڭ 2.8 مېتىر ئىكەنلىكىنى ئلۆلچەپ بىلگەندە قاتتىق ھەيران قالدى. ئۇنىڭ سۆڭەكلىرىنىڭ ئۇزۇنلىقى 2.3 مېتىردىن ئۇزۇن بولۇپ، بۇ ئەرنىڭ ھايات ۋاقتىدا بۇنىڭدىنمۇ ئېگىزلىكىنى بىلدۈرەتتى.

«جېنىس دۇنيا رېكورتى قامۇسى» غا كىرگۈزۈلگەن ئەڭ ئېگىز ئادەم باۋ شىشۈننىڭ ئېگىزلىكى 2.36 مېتىر كېلەتتى.

مۇتەخەسسىسلەر دەسلەپكى قەدەمدە كۈنگاڭ «كۈنگاڭ گىگانت ئادىمى» نى بۇنىڭدىن 3800 يىلدىن 4000 يىللار ئىلگىرى ياشىغان، دەپ بېكىتتى. مۇخبىر كۈنگاڭ قەدىمىي قەبرىستانلىقىدا كۆرگەن بۇ «گىگانت ئادەم» نىڭ پاچاق سۆڭىكى توم بولۇپ، بىلىكىنىڭ يېرىمى ھازىرقى قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ بىلىكى بىلەن تەڭ كېلەتتى.

لياۋ جاۋيۈ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «قەبرىستانلىقتىن ئانچە يىراق بولمىغان جاي تۇرمۇش رايونى بولۇپ، بۇ يەردە تاش، ياغاچ، ساپال قوراللار، ئاندىن مىس، تۆمۈر قوراللار، كىگىز قالپاق، پىيمىدىن تارتىپ يىپەك ۋە ئاشقان ئارغامچا دېگەندەك كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ھەممىلا يەردە ئۇچراتقىلى بولىدۇ. كۆلىمۇ چوڭ بولغان مىس تاۋلاش ۋە تۆمۈر تاۋلاش خارابىلىرىمۇ بايقالدى، ساپال بويۇملارنىڭ پارچىلىرى ۋە مىس تۆمۈرنىڭ قالدۇقلىرىنى ماڭدامدا بىر ئۇچراتقىلى بولىدۇ. بۇنىڭدىن كۈنگاڭدىكى ئاھالىلەرنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسىىنىڭ ناھايىتى يوقۇرى ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ».

گىگانت ئادەمنىڭ بويى نېمىشقا بۇنچە ئېگىز؟

كۈنگاڭ «گىگانت ئادىمى» نىڭ بويى نېمىشقا بۇنچە ئېگىز؟ بۇ ئېرسىيەت بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ ياكى كېيىنكى ئوزۇقلىنىش بىلەنمۇ؟ لىياۋ جاۋيۈ مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارغا ئاساسەن تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ قەدىمكى چاڭلارنىڭ خارابىسى بولىشى مۇمكىن، چۈنكى ئېگىز بوي چاڭلارنىڭ خاس ئالاھىدىلىكى ئىدى، ئەمما قۇرۇق بۇ جەسەتنىڭ بويىنىڭ ئېگىز بولىشىدىكى سەۋەبىنى تېخىمۇ ئىچكىرلەپ تەتقىق قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ».

ئۇزاق قەدىمكى زاماندا چىڭخەي ۋە تارىم ئويمانلىقىدىكى چاڭلارنىڭ كۆچمەن چارۋىچىلىق قىلىدىغان جايى ئىدى. «خەننامە. غەربىي يۇرت تەزكىرىسى» ۋە «كېيىنكى خەننامە. غەربىي چاڭلار تەزكىرىسى» دە چاڭلار توغرىسىدىكى خاتىرىلەر بار. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «جۇڭگو شىنجاڭنىڭ قەدىمكى ئىجتىمائىي تۇرمۇش تارىخى» دا «چاڭلار قوتاز باقىدۇ، سۈت ئىرىمچىكلەرنى، ئۇچار قۇش، ياۋايى ھايۋانلارنىڭ گۆشىنى يەيدۇ» دېيىلگەن.

بوي ئېگىزلىكى 1.8 مېتىر كېلىدىغان «جاڭ شيۇڭنىڭ جەسىتى» تەۋە دەۋردىكى تۇرمۇش ئادىتى بۇنىڭغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ئىدىقۇتنىڭ سانغۇنى جىياڭ شىيۇڭ سۈي، دەۋرلىرىدە ياشىغان بولۇپ، ئۇنىڭ جەسىتى 1973-يىلى ئاستانە قەبرىستانلىقىدىن بايقالغانىدى.

شىنجاڭ كىلىنىكا، ئوزۇقلۇقشۇناسلىق تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى فەن ۋېن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بىر ئادەمنىڭ بوي ئېگىزلىكىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىل ئىرسىيەت، بىراق ھەرىكەت ئامىلى ۋە ئوزۇقلۇق ئامىلىمۇ مۇھىم. ئۆسۈپ يېتىلىش مەزگىلىدە مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىپ، مۇۋاپىق مىقتاردا ئاقسىل ۋە كالىتسىي، ۋېتامىن B غا كاپالەتلىك قىلىش لازىم. بىراق ياخشى چېنىقىش، ياخشى يېيىشلا كۇپايە قىلمايدۇ، يەنە يېتەرلىك ئۇخلاش لازىم، چۈنكى ئۆستۈرگۈچى ھورمون كېچىدە رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە ئاپتاپقا كۆپ قاقلىنىپ بەرگەندىمۇ ۋېتامىن تولۇقلىغىلى بولىدۇ».

«گىگانت ئادەم» نىڭ تۇرمۇش شارائىتى يامان ئەمەس ئىكەن. چۈنكى ھايۋانات سۆڭىكى، بېلىق قىلتىرىقى، ياغاچ كۆمۈرلەر ھەممىلا جايدا ئۇچرىغان. بۇ ئۇلارنىڭ يېمەكلىكىدە بېلىق گۆشى ۋە باشقا جانلىقلارنىڭ گۆشى بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، مېۋە دەرەخلىرىنىڭ ئۇرۇقىمۇ بايقالغان، قارىغاندا ئۇلار تۈرلۈك مېۋە دەرەخلىرىنى تىككەن ئوخشايدۇ.

«گىگانت ئادەم» قوغداشقا موھتاج

كۈنگاڭ «گىگانت ئادىمى» نى ئۆز ئىچىگە ئالغان شۇ چاغدىكى قەدىمىي قەبرىستانلىقتىن جەمئىي بەش قۇرۇق جەسەت قېزىۋېلىنغان. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرىنىڭ سۆڭىكى كۈنگاڭ «گىگانت ئادىمى» گە ئوخشاشلا 2.3 مېتىردىن ئېگىز ئىكەن. يەنە بىرى ئايال كىشىنىڭ قۇرۇق جەسىتى بولۇپ، بويىنىڭ ئېگىزلىكى 1.9 مېتىر كېلىدىكەن.

كۈنگاڭ «گىگانت ئادىمى» توردا كىشىلەرنىڭ گىگانت ئادەملەر قەبىلىسى بارلىقى توغرىسىدا قىزغىن بەس-مۇنازىرە قوزغىدى. «تارىخنامە. جۇ بەگلىكى نەسەبنامىسى» دە، «نەزمىنامە. مۇناجات. راھىبلار قىسمى» قاتارلىق داڭلىق ئەسەرلەردە گىگانت ئادەملەر توغرىسىدىكى رىۋايەتلەر بار ئىدى.

چەتئەللەردىمۇ ئوخشاشلا گىگانت ئادەم توغرىسىدىكى رىۋايەتلەر بار. مەسىلەن، 2004-يىلى تايلاندنىڭ pp ئارىلىدىن بويىنىڭ ئىگىزلىكى 3.1 مېتىر كېلىدىغان يىراق قەدىمكى زامان گىگانت ئادىمىنىڭ سۆڭىكى تېپىلغان. 1950-يىلى تۈركىيەنىڭ تاغ جىلغىسى رايونىدا تاشقا ئايلانغان غايەت زور سۆڭەكلەر بايقالغان. تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ سۆڭەكلەرنىڭ ئادەمنىڭ سۆڭىكى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان. بۇ سۆڭەكلەر بەك چوڭ بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى تاشقا ئايلانغان يوتا سۆڭىكىنىڭ ئۇزۇنلىقى 120 سانتىمېتىر ئىكەن. مۇشۇ نىسبەت بويىچە ھېسابلىغاندا بۇ ئادەمنىڭ بويىنىڭ ئېگىزلىكى بەش مېتىر ئىكەن.

كۈنگاڭ «گىگانىت ئادىمى» نى قەبرىدىن قېزىۋېلىپ ۋاقتىدا ساقلاپ قالمىغانلىقتىن جەسەت خوراپ، ھازىر ئاق رەڭلىك جەسەت كۈلى قالغان، قەبرىستانلىقنى ساقلايدىغان ئادەمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، «كۈنگاڭ ئادىمى» نى تۇپراقتىن ئەمدى قېزىۋالغان چاغدا ئۇنىڭ تېرىسىمۇ بار، كىيىمىمۇ بىر قەدەر مۇكەممەل ئىكەنتۇق.

«كۈنگاڭ ئادىمى» لا ئەمەس كۈنگاڭ قەبرىستانلىقىدىن بايقالغان بەش قۇرۇق جەسەتنىڭ ئىچىدە نۆۋەتتە ئۈچ جەسەت بىر قەدەر ياخشى ساقلاپ قېلىنغان. كۈنگاڭ قەدىمى قەبرىستانلىقىدا زۆرۈر بولغان قوغداش تەدبىرلىرى كەمچىل بولغانلىقتىن، قەدىمىي قەبرىستانلىقمۇ بىر قەدەر ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلغان.

قۇرۇق جەسەتلەرنى قوغداش يالغۇز بىر ئەۋرىشكىنى ساقلاپ قېلىش بولماستىن، بەلكى بىر مەزگىللىك مەدەنىيەت ۋە تارىخنى قوغدىغانلىقتۇر. زىيارەتنى قۇبۇل قىلغان مۇتەخەسىس مۇنداق تەكلىپ بەردى: «قۇرۇق جەسەت ئەۋرىشكىسىنىڭ قۇرۇپ كېتىشى، يوقىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئىنسانشۇناسلىق مۇزېيى قۇرۇش زۆرۈر».

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى


مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 603 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2014-03-13