قىرىم ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى

 



قىرىم ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىقىرىم ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى
قىرىم ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى

 

خەنزۇچە نامى: 克里米亚自治共和国

ئىنگلىزچە نامى: Autonomous Republic of Crimea

پايتەختى: سىمفېروپول

ھۆكۈمەت تىلى: ئۇكران تىلى

يەر مەيدانى: 26 مىڭ 100 كىۋادىرات كىلومېتىر

نوپۇسى: 2 مىليون 500 مىڭ

مىللىي تەركىبلەر: رۇسلار: %58.32؛  ئۇكرائىنلار: %24.32؛  قىرىم تاتارلىرى: %12.10؛ بېلوروسلار %1.44؛ ئەرمەنلەر %0.43؛ يەھۇدىيلار %0.22؛

قىرىم ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى ئۇكرائىنانىڭ بىردىنبىر ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى، قارا دېڭىزنىڭ شىمالىي قىرغىقىدىكى يېرىم ئارال. شەرقىدە كېرىچ يېرىم ئارىلى بار، قۇرۇقلۇق بىلەن كېرىچ بوغۇزى ئارقىلىق قارىشىپ تۇرىدۇ.

نامى:

قىرىم دېگەن ئىسىم تاتار تىلىدىن كەلگەن، تاتارلارنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى خانلىقىنىڭ ئىسمى. قىرىم ئەڭ بۇرۇن ھازارىيە دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ھازارلار (Hazarlar) بۇ جايدا تۇرغان. بەزىلەر قىرىمنىڭ ئىسىمى شەھەر نامى، ئالتۇن ئوردا خانلىقى قىرىم ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى Qirim شەھىرىدىن كەلگەن دەپ قارايدۇ. كۆپ قىسىم تەتقىقاتچىلار قىرىم دېگەن بۇ سۆزنىڭ قەدىمقى تۈركچە سۆز «سېپىل خەندىكى» دېگەن سۆزدىن كەلگەن دەپ قارايدۇ. ئەمما سۆزنىڭ باشقا نۇسخىدىكى كېلىش مەنبەسى بار. مەسىلەن: qir-ئېگىزلىك، im-ھازىرقى زامان تاتار تىلىدا «مېنىڭ» دېگەن مەنىسى بار.



جۇغراپىيىلىك ئورنىجۇغراپىيىلىك ئورنى

جۇغراپىيىسى:

قىرىم يېرىم ئارىلى بىلەن ياۋروپا قۇرۇقلۇقى پەقەت نەچچە كىلومېتىر كەڭلىكتىكى پېرېكوپ (Perekop)  بوغۇزى ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدۇ. شەرقىدە كېرىچ يېرىم ئارىلى بار، قۇرۇقلۇق بىلەن كېرىچ بوغۇزى ئارقىلىق قارىشىپ تۇرىدۇ. كىرېچ بوغۇزى قارا دېڭىز بىلەن ئازاق دېڭىزى (ئۇكران تىلىدا ئازوۋ دېڭىزى) نى تۇتاشتۇرىدۇ.

قىرىم يېرىم ئارىلىنىڭ دېڭىز قىرغىقى لىنىيىسى نەچچە دېڭىز قولتۇقى ۋە ياخشى تەبىئىي پورتلارنى شەكىللەندۈرگەن. يېرىم ئارالنىڭ غەربىي شىمالىدا كروۋىسكى دېڭىز قولتۇقى بار، يېرىم ئارالنىڭ غەربىي جەنۇبىدا سېۋاستوپول ۋە بالاكلاۋا قاتارلىق ياخشى پورتلار بار، قىرىم يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىي شىمالىدا كىرېچ دېڭىز قولتۇقى، شەرقىي جەنۇبىدا فېئودوسىيە دېڭىز قولتۇقى ھەمدە فېئودوسىيە پورتى بار.

يېرىم ئارالنىڭ شەرقىي جەنۇب دېڭىز قىرغىقىدا تاكى يېرىم ئارالنىڭ غەربىي جەنۇبىغىچە سوزۇلغان ئىككى تاغ تىزمىسى بار (قىرىم تاغ تىزمىسى، ئەڭ ئېگىز نۇقتىسى 1545 مېتىر). قىرىم يېرىم ئارىلىنىڭ باشقا جايلىرىنىڭ %75 زېمىنى يېرىم قۇرغاق ئوتلاق. يېرىم ئارالنىڭ ئوتلاقلىرىدا سىكىزايلار قالدۇرۇپ قويغان قەبرىلەر بار.

يېرىم ئارالنىڭ جەنۇبىي ئۇچى ئىللىق ۋە نەم، ئارام ئېلىش ۋە كۈتۈنۈشكە مۇۋاپىق لېلىدۇ. سوۋېتلەر ئىتتىپاقى دەۋرىدە بۇ جاي سوۋېتلەر ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى ئارام ئالىدىغان جاي ئىدى. بۇ جايدا نۇرغۇن مېۋىلىك باغ ۋە ئۈزۈملۈك، نۇرغۇن كەنت،

 مەسچىت، موناستىر، رۇسىيە خان جەمەتى سارىيى ھەمدە قەدىمقى گرېتسىيە ۋە ئوتتۇرا ئەسىردىكى قورغانلار بار.

بايرىقىبايرىقى

تارىخى:

بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئەڭ بۇرۇنقى قىرىم يېرىم ئارىلى ئاھالىسى بولغان كېلتلارنى تاپقىلى بولىدۇ، مىلادىدىن ئىلگىرىكى 7-ئەسىردە سىكىزايلار ئۇلارنى قوغلاپ چىقارغان، پەقەت تاغلىق رايوندا يەنە ئاز ساندا كېلتلار بار. بۇنىڭ بىلەن بىرگە گرېكلەر دېڭىز قىرغىقىدا مۇستەملىكە قۇرۇشقا باشلىغان.

مىلادىدىن ئىلگىرىكى 438-يىلى بۇ جايدا بوسپوران خانلىقى (Bosporan Kingdom) قۇرۇلغان، بۇ دۆلەت بىلەن ئافىنانىڭ مۇناسىۋىتى ناھايىتى ياخشى بولۇپ، ئافىناغا بۇغداي ۋە باشقا ئەشيالارنى تەمىنلىگەن. مىلادىدىن ئىلگىرى 15-يىلى، قىرىم يېرىم ئارىلى دېڭىز قىرغىقىدىكى دۆلەت ۋە شەھەرلەر رىم ئىمپېرىيىسىگە بېقىندى دۆلەتلەر بولۇپ قالغان.

كېيىن قىرىم يېرىم ئارىلىنى ئوخشىمىغان مىللەتلەر ئىشغال قىلىپ كەلدى: 250-يىلى گوتلار، 376-يىلى ھونلار، 8-ئەسىردە ھازارلار، 1016-يىلى ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسى، 1050-يىلى قىپچاقلار، 1237-يىلى موڭغۇللار تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان.

13-ئەسىردە ئىتالىيەنىڭ سودا شەھىرى گېنويە ئۆزىنىڭ رەقىبى ۋېنىتسىيەنى قىرىم يېرىم ئارىلىدىن قوغلاپ چىقاردى ھەمدە يېرىم

 ئارالنىڭ دېڭىز قىرغىقىدا كۆپلەپ شەھەر بىنا قىلدى. بۇ گۈللەنگەن سودا شەھەرلىرى تاكى ئوسمان ئىمپېرىيەسى قىرىم يېرىم ئارىلىنى ئىشغال قىلغانغا قەدەر مەۋجۇت بولۇپ تۇردى.

بۇ چاغدا تاتارلار يېرىم ئارالنىڭ ئوتتۇرا ۋە شىمالىي قىسىمىنى ئىشغال قىلدى. ئالتۇن ئوردا خانلىقى پارچىلانغاندىن كېيىن، چىڭگىزخاننىڭ چوڭ ئوغلى جۇجىنىڭ بىر ئەۋلادى خانلىق قۇردى. ئەڭ دەسلەپ قىرىمنى باشقۇرغىنى تۇقا تېمۇر، ئۇ باتۇ خاننىڭ ئىنىسى. 1430-يىلىغا كەلگەندە، ئۇنىڭ ئەۋلادى ھاجى گىراي رەسىمىي دۆلەت قۇردى. ئۇ ساداقەتمەن مۇسۇلمان، شۇڭا خانلىقنىڭ كۈچلۈك ئىسلام پۇرىقى بار. ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن، ئىككىنچى ئوغلى بىلەن ئالتىنچى ئوغلى مەڭلى گىراي تەخت تالاشتى، كېيىن مەڭلى گىراي غەلبە قىلدى. 1468-يىلى ئۇ كاففانى زىيارەت قىلدى، بىرلا ۋاقىتتا ئوسمان ئىمپېرىيىسى كاففانى تارتىۋېلىشقا ئەۋەتتى. تۈركلەر 1475-يىلى مەڭلى گىراينى قاماققا ئالدى، ئەمما تۈركلەر قىرىم خانلىقىنىڭ مۇستەقىللىكىگە ھۆرمەت قىلدى، ئىككى يىلدىن كېيىن قويۇپ بېرىلىپ، سۇلتاننىڭ ۋاسسال بەگلىكى بولدى. سۇلتان يېرىم ئارالنىڭ جەنۇبىغا ھۆكۈمرانلىق قىلدى، قىرىم خانى يېرىم ئارالنىڭ باشقا جايلىرىغا ۋە شىمالىدىكى يايلاقلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلدى، ئۆزىنىڭ پۇلىنى تارقاتتى. ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى

 ئالاھىدە بولۇپ، تۈرك ئىمپېرىيەسى ھەر قېتىم ئۇرۇش قىلغاندا تاتارلار ياردەم بېرىپ كەلگەن. 1502-يىلى، ئالتۇن ئوردا خانلىقى تەلتۆكۈس يىمىرىلگەندىن كېيىن، قىرىم ئالتۇن ئوردا خانلىقىنىڭ ۋارىسى بولۇپ قالدى.

1478-يىلدىن 1777-يىلغىچە، قىرىم خانلىقى ئوسمان ئىمپېرىيەسىنىڭ بېقىندىن دۆلىتى بولدى. بۇ خانلىقنىڭ بىر كىرىم مەنبەسى شەرقىي ياۋروپاغا بېرىپ قۇل تۇتۇپ كېلىش بولۇپ، بوزقىر مىللەتلىرىنىڭ مول-ھوسۇلى دەپ ئاتىلىدۇ. كاففا شەھىرى داڭلىق قۇل بازىرى. دۆلەت ئىچىدە ئاساسلىقى ئۇكرانلار، بېلوروسلار، رۇسلار بار. ئەڭ چوڭ بىر قېتىملىق ئۇرۇش 1572-يىلى موسكىۋانى قورشاش ئۇرۇشى بولۇپ، 150 مىڭ ئادەم تۇتۇلغان، جەسەتلەر موسكىۋا دەرياسىغا تولۇپ كەتكەن. 1548-يىلى ئىسلام گىراي دىن باشلاپ، جۈمە نامىزىدا ئوسمان ئىمپېرىيەسىنىڭ سۇلتانىنىڭ نامىدا جۈمە خۇتبىسى ئوقۇلدى. چاررۇسىيە يۇتۇۋېلىشتىن ئىلگىرى، قىرىم ئىسلام دۇنياسىنى قوغدىدى، پات-پات جەنۇبىي روسىيەنى داۋالغۇتۇپ تۇردى، سىلاۋىيانلارنىڭ ئوتلاقتا ئولتۇراقلىشىشىنى توستى. رۇسىيە 1774-يىلى ئوسمان ئىمپېرىيەسىنى قىرىمنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇرلىدى. 1777-يىلدىن باشلاپ، قىرىم خانى رۇسىيەگە بېقىندى. ئۇزۇن ئۆتمەي، قىرىم

 ئاقسۆڭەكلىرى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ قىرىم خانىغا قارشىلىق كۆرسەتتى، قىرىم خانى رۇسىيەدىن ياردەم تەلەپ قىلدى. رۇسىيە قىرىمغا 70 مىڭ كىشىلىك قوشۇن تارتتى، 1783-يىلى رۇسىيە ئىمپېرىيىسى پۈتكۈل قىرىم يېرىم ئارىلىنى رەسىمىي خەرىتىگە كىرگۈزدى.

1854-يىلدىن 1856-يىلغىچە، قىرىم ئۇرۇشى پارتلىدى. ئەڭ ئاخىرىدا، چاررۇسىيەنىڭ مەغلۇبىيىتى بىلەن ئاخىرلاشتى.

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا، قىرىم يېرىم ئارىلى بىر قىسىم قانلىق ئۇرۇشلارنىڭ مەيدانى بولۇپ قالدى. گېرمانىيە ئارمىيىسى 1941-يىلى قىرىم يېرىم ئارىلى بىلەن چوڭ قۇرۇقلۇقنى تۇتاشتۇرىدىغان دېڭىز بوغۇزىنى ئىشغال قىلىۋالماقچى بولغاندا ئېغىر زىيانغا ئۇچرىدى، كېيىن گېرمانىيە ئارمىيىسى سوۋېت ئارمىيىسىنىڭ مۇداپىئەسىنى بۆسۈپ ئۆتتى، پەقەت سېۋاستوپوللا 1941-يىلى 10-ئايدىن تاكى 1942-يىلى 7-ئاينىڭ 4-كۈنىگىچە بەرداشلىق بەردى. 1944-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيىسى سېۋاستوپولنى قايتىدىن ئىشغال قىلدى. سىتالىن نۇرغۇن قىرىم تاتارلىرىنى گېرمانىيە بىلەن ھەمكارلاشتى دېگەننى باھانە قىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىياغا سۈرگۈن بولۇشقا مەجبۇرلىدى، سۈرگۈن بولغان تەخمىنەن %46  ئادەم ئاچلىق ۋە كېسەللىك بىلەن ئۆلۈپ كەتتى، قالغان كىشىلەر نەچچە ئون يىلدىن كېيىن

 ئاندىن قىرىم يېرىم ئارىلىغا قايتىشىغا رۇخسەت قىلىندى.

1945-يىلى 2-ئايدا، قىرىم يېرىم ئارىلىغا جايلاشقان يالتادا يالتا يىغىنى ئېچىلدى.

1954-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى، سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىي سوۋېت رەئىس كوللېكتىپى ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيەگە قوشۇلغانلىقىنىڭ 300 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، قىرىمنى رۇسىيە سوۋېت سوتسىيالىستىك فېدېراتسىيە جۇمھۇرىيىتىدىن ئۇكرائىنا سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتىگە بۆلۈپ بەردى. ئەينى چاغدا سوۋېت كومپارتىيىسىنىڭ باش سېكرىتارى خروششېۋ ئىدى.

سوۋېتلەر ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن، قىرىم يېرىم ئارىلى ئۇكرائىنانىڭ بىر قىسىمى بولۇپ قالدى. نۇرغۇن ئامما بۇنىڭدىن نارازى بولدى. ئارالدا يەنە رۇسىيە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ قارا دېڭىز فلوتى بار، ئەينى چاغدا ئەھۋال خېلى جىددىي بولۇپ، ئۇرۇش پارتلاش مۇمكىنچىلىكى بار ئىدى. ئۇكرائىنا ئاشقۇن مىللەتچى كۈچلىرى سايلامدا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئەھۋال پەسىيىشكە باشلىدى. 1992-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى قىرىم يېرىم ئارىلى مۇستەقىل بولغانلىقىنى جاكارلىدى، كېيىن ئۇكرائىنانىڭ بىر ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى بولۇشنى قارار قىلدى. رۇسىيە سېۋاستىپول ھەربىي پورتىنىڭ بىر قىسىمىنى ئىجارىگە ئېلىپ، قارا دېڭىز فلوتىنىڭ بازىسى قىلدى.

2014-يىلى ئۇكرائىنا ئۆكتىچىلىرى ئىنقىلاب قوزغاپ، رۇسىيەگە مايىل ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى يانۇكوۋىچ ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى، يېڭى ھۆكۈمەت نەچچە كۈن ئىچىدە قۇرۇلدى. 2014-يىلدىكى ئۇكرائىنا ئىنقىلابى 2014-يىلىدىكى قىرىم كىرىزىسىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

2014-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى، رۇسىيە ئارمىيسى بىلەن خەلق ئەسكەرلىرى قوراللىق خادىملىرى قىرىمدا پارلامېنت بىناسى ۋە ئىككى ئايروپورتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم مۇھىم قۇرۇلۇشلارنى ئىشغال قىلىۋالدى. كىيېۋ ھۆكۈمىتى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشقانلىقىنى ئەيىبلىدى، ئەمما رۇسىيە ھۆكۈمىتى بۇ قاراشنى ئىنكار قىلدى.

3-ئاينىڭ 1-كۈنى، رۇسىيە پارلامېنتى پرېزىدېنت پۇتىننىڭ ئۇكرائىناغا قورال كۈچى ئىشلىتىپ، رۇسىيە فېدېراتسىيە قوراللىق قىسىملىرىنىڭ ئۇكرائىناغا كىرىپ، تاكى ئۇكرائىنا جەمئىيىتىنىڭ سىياسىي ئەھۋالى نورماللاشقانغا قەدەر، قىرىم ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى باش مىنىستىرى سېرگىي ئاكسيونوۋ (Sergey Aksyonov) غا ياردەم بېرىشىنى تەستىقلىدى. سېرگىي ئاكسيونوۋ بايانات ئېلان قىلىپ، دۆلەت ئىچىدىكى بارلىق ئارمىيە، ساقچى ۋە بىخەتەرلىك قىسىملىرىنى ئۆتكۈزۈۋالغانلىقىنى جاكارلىدى ھەمدە رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىندىن قىرىمنىڭ تىنچلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشقا ياردەم تەلەپ قىلدى. 



قىرىم ۋەزىيىتىقىرىم ۋەزىيىتى

سېرگىي ئاكسيونوۋ كېيىن قىرىمنىڭ 3-ئاينىڭ 30-كۈنى ئومۇمىي خەلق ئاۋاز بېرىپ، قىرىمنىڭ ئورنىنى بېكىتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئۇكرائىنانىڭ مۇۋەققەت پرېزىدېنتى، پارلامېنت باشلىقى ئالكساندىر تۇرچىنوۋ (Oleksandr Turchynov) شۇ كۈنى كەچتە ئۇكرائىنا قوراللىق قىسىملىرى ئۇرۇش تەييارلىقى ھالىتىگە كىرىشكە بۇيرۇق چۈشۈردى.

3-ئاينىڭ 2-كۈنى، يېڭىدىن تەيىنلەنگەن ئۇكرائىنا دېڭىز ئارمىيىسى مۇۋەققەت باش قوماندانى دېنىس بېرېزوۋسكىي (Denis Berezovsky) ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئىش كۆرۈشنى رەت قىلدىم ھەمدە نەچچە سائەتتىن كېيىن قىرىم باش مىنىستىرى سېرگىي ئاكسيونوۋ رەھبەرلىكىدىكى قىرىمغا ساداقەتمەنلىك بىلدۈردى.

3-ئاينىڭ 3-كۈنى، قىرىمغا جايلاشقان ئۇكرائىنا ھاۋا ئارمىيىسى 240-تاكتىكا ئاۋىئاتسىيە برىگادىسى بالاكلاۋا (Balaklava) ھاۋا ئارمىيە بازىسى ئىسيان كۆتۈرۈپ، رۇسىيەگە مايىل قىرىم دائىرلىرىغا ساداقەتمەنلىك جاكارلىدى. بۇ ھاۋا ئارمىيە بازىسىدا 800 دىن ئارتۇق ئەسكەر ۋە تەخمىنەن 50 ئايروپىلان بار ئىدى، بۇنىڭدا 45 دانە MiG-29 ئۇرۇش ئايروپىلانى ھەمدە L-36 مەشىق ئايروپىلانى بار ئىدى (پەقەي 4 ئۇرۇش ئايروپىلانى ۋە بىر مەشىق ئايروپىلانىنى ئىشلەتكىلى بولىدۇ). قىرىم دائىرلىرىنىڭ باياناتچىسى بىلدۈرۈشىچە، بۇ بازىدىكى ھەربىي خادىملارنى قوشقاندا، قىرىمنىڭ پۈتكۈل ھەربىي كۈچى 6000 ئادەمدىن ئاشقان.

3-ئاينىڭ 4-كۈنى، تەخمىنەن 300 نەپەر ئۇكرائىنا ئەسكىرى رۇسىيە ئارمىيىسى كونتروللىقىدىكى بالاكلاۋا ھەربىي بازىسىغا بېرىشقا ئۇرۇندى، رۇسىيە ئارمىيىسى ئۇكرائىنا قىسىملىرىغا ئاسمانغا ئوق ئېتىپ ئاگاھلاندۇرۇش بەردى، ئۇكرائىنا قىسىملىرى يۇقىرى ئاۋازدا دۆلەت شىئېرى ئوقۇپ، «ئامېرىكا بىزنى قوللايدۇ» دەپ شوئار توۋلاپ، توپىلاڭچى ۋە رۇسىيە ئارمىيىسى بىلەن تىركەشتى. شۇ كۈنى، ئۇكرائىنانىڭ 50-، 55- ۋە 147- باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھاۋا مۇداپىئە پولكى، 3-پولكنىڭ 700 دىن ئارتۇق ئەسكىرى ئىسيان كۆتۈرۈپ، قىرىم دائىرلىرىغا ساداقەتمەنلىك بىلدۈردى، خەۋەرلەردە مەزكۇر قىسىملارنىڭ 20 دىن ئارتۇق «Buk» باشقۇرۇلىدىغان بومبا قىسىمى ھەمدە 30 يۈرۈش «S-300 PS» باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى بارلىقى كۆرسىتىلدى.

3-ئاينىڭ 6-كۈنى، قىرىم پارلامېنتى 0 بېلەتنىڭ قارشى تۇرۇشى، 8 بېلەتنىڭ ئاۋاز بېرىشتىن ۋاز كېچىشىدەك نەتىجە بىلەن، قىرىم رايونىنى رۇسىيەنىڭ بىر قىسىمى قىلىشقا بىردەك قوشۇلدى. ئۇكرائىنا باش مىنىستىرى ئارسېنى ياتسېنيۇك (Arseniy Yatsenyuk) بۇ قارارنى قانۇنسىز ئىكەنلىكىنى ئېيتتى، لېكىن رۇسىيە بولسا پرېزىدېنت پۇتىننىڭ قىرىمنىڭ تەلىپىدىن خەۋەردار بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

نوپۇسى

قىرىمدا رۇسلار ۋە ئۇكرائىنلاردىن سىرت، يەنە يۇرتىغا قايتقان 260 مىڭ قىرىم تاتارلىرى، تۈركچە سۆزلەيدىغان تەخمىنەن 1000 نەپەر يەھۇدىي دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان قارايىملار، سىلاۋىيانلىشىپ كەتكەن گېرمانلار، رۇملار، پولشالىقلار، ئەزەربەيجانلار، كورىئانلار، گرېكلار ۋە بولغارلار بار. بولۇپمۇ رۇسلار بىلەن ئۇكرائىنلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت نىسبەتەن جىددىي. قىرىم گېرمانلىرىنىڭ سانى 1941-يىلى 45 مىڭ ئىدى. 1944-يىلى، 7000 گرېك قىرىمدىن 200 مىڭ قىرىم تاتارلىرى ۋە باشقا مىللەتلەرگە ئەگىشىپ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە سىبىرىيەگە قوغلانغان.

1989-يىلدىن 2001-يىلغىچە، گەرچە قىرىم تاتارلىرى يۇرتىغا قايتقان بولسىمۇ، قىرىمنىڭ نوپۇسى يەنىلا 396 مىڭ 795 ئادەم ئازلاپ، 1989-يىلدىكى نوپۇسنىڭ %16.33 نى ئىگىلىدى. 2001-يىلدىن 2005-يىلغىچە نوپۇس يەنە 39 مىڭ 400 ئادەم ئازلاپ، 2001-يىلدىكىگە قارىغاندا تەخمىنەن %2 ئازلىدى.

ئۇكرائىنانىڭ 2001-يىلدىكى نوپۇس تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، قىرىم ئومۇمىي نوپۇسى 2 مىليون 33 مىڭ 700 بولغان. بارلىق نوپۇسنىڭ مىللەت قۇرۇلمىسىدا: رۇسلار %58.32، ئۇكرائىنلار %24.32، قىرىم تاتارلىرى %12.10، بېلوروسلار %1.44 نى، تاتارلار %0.54 نى، ئەرمەنلەر %0.43 نى، يەھۇدىيلار %0.22 نى، ئىتالىيانلار %0.015 نى ئىگىلىگەن.

ئۇكران تىلى بىردىنبىر ھۆكۈمەت تىلى ھەم ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتىنىڭ بىردىنبىر تىلى. ئەمما قىرىمدا كۆپ قىسىم كىشىلەر رۇس تىلى ئىشلىتىدۇ. ھۆكۈمەتنىڭ كەسپىي خىزمەتلىرىدە يەنىلا ئاساسلىقى رۇس تىلى ئىشلىتىدۇ. باشقا رايونلارغا قارىغاندا، مائارىپ ۋە ھۆكۈمەت ئىشلىرىدا ئۇكران تىلىنى قوللىنىش ئىزچىل مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىدى. باشقا بىر كەڭ ئىشلىتىدىغان تىل بولسا قىرىم تاتار تىلى.

رايونلىرىرايونلىرى

مەمۇرىي رايونلىرى

قىرىم 25 رايونغا بۆلۈنگەن: 14 رايون ۋە 11 شەھەرلىك ھۆكۈمەت بولۇپ، رەسىمىي ھالدا «شەھەرلىك پارلامېنت باشقۇرۇشىدىكى زېمىن» دەپ ئاتالغان. گەرچە سېۋاستىپول قىرىم يېرىم ئارىلىغا جايلاشقان بولسىمۇ، ئەمما مەمۇرىي جەھەتتە قىرىمنىڭ باشقا رايونلىرىغا قارىغاندا مۇستەقىل بولۇپ، ئۇكرائىنانىڭ ئىككى بىۋاستە قاراشلىق شەھىرىنىڭ بىرى. رايونلىرى:

1.باقچىساراي رايونى؛ 2.بىلوخىرسكىي رايونى؛ 3.جانكوي رايونى؛ 4.كروۋىسكىي رايونى؛ 5.كراسنوۋاردىيسكى رايونى؛ 6.كراسنوپېرېكوپىسكىي رايونى؛ 7.لېنىن رايونى؛ 8.نىجيوخىرسكى رايونى؛ 9.پېرۋومايسكى رايونى؛ 10.روزدولنى رايونى؛ 11.ساكىي رايونى؛ 12.سىمفېروپول رايونى؛ 13.سوۋېتسىكى رايونى؛ 14.چورنومورسكى رايونى؛

ئاپتونوم شەھەرلىرى:

15.ئالۇشتا؛ 16.ئەرمەنىسكى؛ 17.جانكوي؛ 18. يېۋپاتورىيا؛ 19. كېرىچ؛ 20.كراسنوپېرېكوپسك؛ 21.ساكى؛ 22.سىمفېروپول؛ 23.سۇداك؛ 24.فېئودوسىيە؛ 25.يالتا؛ 26.سېۋاستېپول؛

ئاساسلىق شەھەرلىرى

سېمفېروپول: پايتەخت

كېرىچ: ئۇكرائىنانىڭ ئاساسلىق سانائەت، ترانسپورت ۋە ساياھەت مەركىزى

فېئودوسىيە: پورت ۋە ساياھەت شەھىرى

يالتا: قىرىمدىكى ئەڭ مۇھىم مەنزىرىلىك جايلارنىڭ بىرى.

مەنبە: ۋىكىپېدىيە قامۇسىدىن ئەكبەر تەرجىمە قىلدى.

 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 12

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 3490 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2014-03-10