iphone5


iphone5



iPhone5iPhone5

نامى: iphone5

ئىشلەپچىقارغان شىركەت: ئالما شىركىتى

بازارغا سېلىنغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاي

iphone5 دىن بۇرۇنقىسى: iPhone 4S

iphone5 دىن كېيىنكىسى: iPhone 5s ۋە iPhone 5c

تىپى: iphone5

سىرتقى لاھىيىسى: تۈز شەكىللىك

كىرگۈزۈش ئۇسۇلى: قول ئارقىلىق كىرگۈزۈش

ئېكرانىنىڭ ماتېرىيالى: IPS

ماركىسى: ئالما

ئېغىرلىقى: 112 گرام

مەشغۇلات سىستېمىسى: iOS 6.0

CPU تىپى: ئالما A6

كونۇپكا تاختىسىنىڭ تۈرى: مەۋھۇم كونۇپكا تاختىسى

ئېكراننىڭ چوڭ-كىچىكلىكى: 4.0 ئىنگلىزچى

باتارېيەسىنىڭ تىپى: پارچىلىغىلى بولمايدىغان باتارىيە

كامىراسىنىڭ پىكسېلى: 8 مىليون پىكسېل

RAM سىغىمى: 4GB

كۆك چىش يوللاش: كۆك چىش 4.0 نى قوللايدۇ

GPS يول باشلاش: قوللايدۇ

يانغوننىڭ تىپى: 4Gيانفون، ئەقلىي يانفون، رەسىمگە تارتىدىغان يانفون

ئاساسىي ئېكراننىڭ پەرقلەندۈرۈش نىسبىتى: 640×1136 پىكسېل

سانلىق مەلۇمات كەسپى: GPRS، CDMA 1X، EVDO rev.A

قوللايدىغان چاستوتا بۆلىكى: 2G: GSM 850/900/1800/19003G :CDMA EVDO 800/1900 4G: LTE-TD 700

ئالما شىركىتى بېيجىڭ ۋاقتى 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى سەھەردە، ئامېرىكا سان فرانسىسكودا يېڭى مەھسۇلاتنى تارقىتىش يىغىنى ئېچىپ، يېڭى بىر ئەۋلاد يانفون iphone5 نى چىقاردى. ئالما شىركىتىنىڭ ئاش ئىجرائىيە مۇدىرى تىم كۇك يېڭى iphone نىڭ ئىسمىنى iphone5 دەپ ئېلان قىلدى، 9-ئاينىڭ 14-كۈنى ئالدىن زاكاسلارنى قۇبۇل قىلىشنى باشلاپ، 9-ئاينىڭ 21-كۈنى ئامېرىكا، شىياڭگاڭ قاتارلىق توققۇز دۆلەت ۋە رايوندا سېتىشنى باشلىدى، ئۇنىڭ  16GB، 32GB، 64GB دىن ئىبارەت ئۈچ خىل نۇسخىسى بار بولۇپ، ئىككى يىللىق پۈتۈشكەن باھاسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 119 ئامېرىكا دوللىرى، 299 ئامېرىكا دوللىرى، 399 ئامېرىكا دوللىرى.

2013-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئالما شىركىتى iPhone 5s ۋە iPhone 5c نى چىقارغاندىن كېيىن iphone5 نى ئىشلەپ چىقىرىشنى توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

iphone5 نىڭ قىسقىچە چۈشەندۈرۈلىشى

ئامېرىكا ئالما شىركىتى بېيجىڭ ۋاقتى 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى سەھەردە يېڭى بىر ئەۋلاد ئەقلىي يانفون iphone5 نى ئېلان قىلدى. ئۇنىڭ ئىلگىرىكى ئالما يانفونلىرى بىلەن كۆرىنەرلىك بولغان پەرقى ئېكرانى چوڭراق بولۇپ، يانفۇننىڭ ئاساسىي گەۋدىسى نېپىزلىتىلگەن.

iphone5 نىڭ پارمېتىرى

ئېكران

iphone5 4 ئىنگلىزچى 16:9 لىك كۆرۈش ئېكرانىنى ئىشلەتكەن، ئېكراننىڭ پەرقلەندۈرۈش نىسبىتى 640×1136 پىكسېل، 326ppi، ئېكرانى iPhone 4S دىن سەل كەڭ، ئېكرانىدىكى كۆرسەتكۈچ رەسىملەر بەش رەت كۆپەيتىلگەن.

قېلىنلىقى ۋە ئېغىرلىقى

قېلىنلىقى: 7.6 مىللىمېتىر، iPhone 4S دىن %18 نېپىز، ئېغىرلىقى iPhone 4S نىڭكىدىن %20 يىنىك

كامىراسى

8 مىليون پىكسېللىق كامىرا ئىشلىتىلگەن، بىراق 1080P سۈزۈكلىكتىكى ۋېدىئونى سۈرەتكە ئالالايدۇ؛ ئالدىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان كامىرا P720 سۈزۈكلىكتىكىنى تارتالايدۇ.

مىكروفۇن

ئىچىگە ئۈچ مىكروفۇن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا يانفوننىڭ ئالدى، كەينى، ئاستى تەرىپىدە. شاۋقۇننى پەسەيتىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان.

تور بىر تەرەپ قىلغۇچ

4G LTE تورىنى قوللايدۇ، A6 بىرتەرەپ قىلغۇچنى قوللانغان، CPU سۈرئىتى ۋە رەسىم بىرتەرەپ قىلىش سۈرئىتىنىڭ ھەممىسى 5A نىڭ ئىككى ھەسسىسىگە باراۋەر، تور بەت ۋە مۇزىكىلارنى ئېچىش سۈرئەتلىرىنىڭ ھەممىسى 5A دىن تېز، شۇنداقلا بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ ھەجىمى %22 كىچىكلىتىلگەن.

باتارېيەسى

iphone5 دە ئۇدا 8 سائەت 3G پاراڭلاشقىلى ياكى 8 سائەت 3G تورىنى كۆرگىلى، 8 سائەت LTE تورغا چىققىلى، 10 سائەت WiFi غا چىققىلى، 10 سائەت ۋېدىئو قويغىلى بولىدۇ.

iphone5 نى ئېلان قىلىش يىغىنى

ئامېرىكا تېنچ ئوكيان ۋاقتى 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 دا (بېيجىڭ ۋاقتى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى سەھەر بىردە)، ئالما شىركىتى iphone5 نى ئېلان قىلىش يىغىنىنى ئاچتى. ئالما شىركىتى بۇ قېتىمقى يىغىندا iphone5، يېڭى بىر ئەۋلاد iPod، iTouchقاتارلىق مەھسۇلاتلارنى ئېلان قىلدى. بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 1دىن 12 مىنۇت ئۆتكەندە ئالما شىركىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مۇئاۋىن دېرىكتورى Phil Schiller كۆپچىلىككە iphone5 نى كۆرسەتتى.

iphone5 كە بېرىلگەن باھا

ئامېرىكا نىشانلىق بايلىقنى باشقۇرۇش شىركىتى (Destination Wealth Management) نىڭ باش ئجرائىيە مۇدىرى مىكائېل يوشىكامى (Michael Yoshikami) «iphone5كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرالمىدى، چۈنكى بۈگۈنكى ئېلان قىلىش يىغىنىدا كىشىلەر پەقەت يېڭىلانغان مەھسۇلاتنىلا كۆردى، ئىسلاھات قىلىنغان نەرسىنى كۆرمىدى. بىراق مەن ئۇلارنى ئىستىمالچىلارنى رازى قىلىشقا تىرىشتى دەپ قارايمەن» دېدى.

KPCB نىڭ ھەمكارلاشقۇچىسى Matt Murphy باھا بېرىپ «ئۇلار ھۆكۈمرانلىق قىلالايدىغان مەھسۇلاتنى ئىشلەپ چىقاردى، بۇ چوقۇم ئۆزىنىڭ رەقىبلىرى ئۈستىدىن غالىب كېلەلەيدىغان مەھسۇلات» دېدى.

مەنبە: خۇدوڭ قامۇسىدىن ئامىنە تەرجىمە قىلدى


 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 3

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 349 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2014-03-05