تىم كۇك


تىم كۇك


تىم كۇكتىم كۇك

ئىنگلىزچە: Timothy Donald "Tim" Cook

خەنزۇچە: 蒂姆·库克

جىنىسى: ئەر

تۇغۇلغان ۋاقتى: 1960-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى

دۆلەت تەۋەلىكى: ئامېرىكا

كەسپى: ئالما شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە مۇدىرى

تىم كۇك، ئامېرىكىلىق، ئالما شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە مۇدىرى. 1998-يىلى ئالما شىركىتىگە كىرگەن، ئەڭ دەسلەپتە ئامبار ۋە تەمىناتنى يەتكۈزۈپ بېرىش ئىشلىرىنى باشقۇرغان. 2005-يىلى، كۇك ئالما شىركىتىنىڭ باش تىجارەت باشقۇرغۇچىسى بولۇپ، پۈتۈن يەر شارىدىكى سېتىپ چىقىرىش ۋە تىجارەت ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغان. 2011-يىلى 8-ئايدا، تىم كۇك جوبىسنىڭ ئورنىغا ئالما شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە مۇدىرى بولغان.

تىم كۇك ئالاباما شتاتىدىكى (Alabama) ئائۇبۇرن ئۇنىۋېرىستېتى (Auburn University) دا سانائەت باشقۇرۇش كەسپى بويىچە ئوقۇغان، كېيىن دۇك ئۇنىۋېرسىتېتىدا (UniversityDuke) كارخانا باشقۇرۇش كەسپى بويىچە ماگىستىرلىق ئۇنۋانىنى ئالغان.

تىم كۇكنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى

IBM دا خىزمەت قىلىش

1994-يىلىدىن ئىلگىرى، ئۇ IBM دا 12 يىل خىزمەت قىلىپ، IBM نىڭ PC بۆلىمىنىڭ شىمالى ئامېرىكا ۋە لاتىن ئامېرىكىسىدىكى ئىشلەپچىقىرىش ۋە پارچە سېتىش ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغان. كېيىن ئۇ Intelligent Electronics توپ تارقىتىش شىركىتىنىڭ كومپيۇتېر سېتىش بۆلىمىنىڭ باش تىجارەت باشقۇرغۇچىسى بولغان. ئالما شىركىتىگە كىرىشتىن ئىلگىرى، ئالتە ئاي كومپاك (Compaq) شىركىتىنىڭ ماتېرىيال يىغىش ۋە مەھسۇلاتنى ساقلاشنى باشقۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان.

ئالما شىركىتىگە كىرىش

1998-يىلى ئالما شىركىتى تىم كۇكنى ئالما كومپيۇتېرىنىڭ ياسىلىشىغا مەسئۇل بولۇشقا تەكلىپ قىلغان. ئالما شىركىتىدە، تىم ئامبار بىلەن تەمىناتنى يەتكۈزۈپ بېرىش ئىشلىرىنى باشقۇرغان، ھەمدە ئالمىدىكى جوبىستىن كېيىن تۇرىدىغان ئىككىنچى شەخىسكە ئايلانغان. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، كۇك 16 يىللىق IT كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىش تارىخىغا ئىگە.

2004-يىلى 8-ئايدىن باشلاپ، جوبىس ئوپىراتسىيە سەۋەبىدىن خىزمەتتىن ئايرىلغان مەزگىلدە، كۇك ئالما شىركىتىنى ئىككى ئاي ۋاكالىتەن باشقۇردى. كېيىن، جوبىس پۈتۈن يەرشارىدىكى سېتىش ئىشلىرىنى كۇكقا تاپشۇرۇپ بەردى.

2005-يىلى كۇك ئالما شىركىتىنىڭ COO سى بولدى.

2009-يىلى، جوبىس يەنە بىر قېتىم دوختۇرخانىغا كىرىپ قېلىپ داۋالانغاندا، كۇك يەنە جوبىسنىڭ خىزمىتىنى ۋاقىتلىق ئۆتكۈزۈۋالدى. جوبىس يوق چاغلاردا، جوبىس ئالما شىركىتىنىڭ كۈندىلىك تىجارىتىنى باشقۇرۇپ ياخشى باھاغا ئېرىشتى.

2010-يىلى، كۇكنىڭ مائاشى 800 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى، ئۇنىڭغا يەنە 5 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مۇكاپات ۋە 52 مىليون 300 مىڭ قەرەللىك ھوقۇق پۇلى قوشۇلۇپ، ئومۇمىي مائاشى 59 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى.

2011-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى، ئالما شىركىتى جوبىسنىڭ كېسەل سەۋەبىدىن دەم ئېلىشقا چىققانلىقىنى، ئالما شىركىتىنىڭ COO سى تىم كۇكنىڭ ۋاقىتلىق CEO ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

2011-يىلى 8-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئالما شىركىتى ستېۋ جوبىسنىڭ CEO لىق خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىدىغانلىقىنى، شىركەتنىڭ COO سى تىم كۇكنىڭ بۇ ۋەزىپىنى ئۆتكۈزىۋالىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا كۇكنىڭ ئالما شىركىتىنىڭ مۇدىرىيىتىگە قوشۇلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. تىم كۇك يەنە ئالما شىركىتىنىڭ بىر مىليون پايچىكىگە ئىگە بولدى.

2012-يىلى 4-ئاينىڭ 9-كۈنى، «نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتى» دە خەۋەر قىلىنىشىچە، ئالما شىركىتىنىڭ CEO سى تىم كۇكنىڭ 2011-يىلىدىكى ئومۇمىي مائاشى 2010-يىلىدىكىدىن %2 ئاشقاچقا، ئۇ يەر شارىدىكى مائاشى ئەڭ يۇقىرى باش ئىجرائىيە مۇدىرى بولۇپ قالدى، ئۇنىڭ 2011–يىللىق ئومۇمىي مائاشى تەخمىنەن 37 مىليون 780 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى بولدى.

كۇكنىڭ «بىر سائەتلىك قەھۋە» نى كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىشى

ئالما شىركىتىنىڭ CEO سى تىم كۇك كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش خەيرى-ساخاۋەت تورى CharityBuzzدا ئالما شىركىتىنىڭ باش بۆلىمىدە ئۆزى بىلەن بىر سائەت قەھۋە ئىچىش پۇرسىتىنى كىم ئارتۇق قىلىپ ساتتى، رىقابەتچىلەر ئىچىدىكى بىر نامى ئاشكارلانمىغان سېتىۋالغۇچى 14 كۈنلۈكنى 610 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا سېتىۋالدى.

تىم كۇكنىڭ شەخسىي تۇرمىشى

تىم كۇك بىر بەدەن چېنىقتۇرۇش ھەۋەسكارى، ئۇ بەدەن چېنىقتۇرۇش ئۆيىگە بېرىشنى، تاغقا يامىشىشنى ۋە ۋېلىسىپىت مىنىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇمۇ جوبىسقا ئوخشاش خىزمەت تەلۋىسى، ئۇ ئادەتتە ئەتتىگەن سائەت تۆت يېرىمدىن باشلاپ ئېلىكتىرونلۇق پوچتا يوللانمىسىنى يوللاشقا باشلايدۇ، كېيىنكى بىر ھەپتىلىك ئىشلار ئۈچۈن، ھەر يەكشەنبە كەچتە تېلېفون يىغىنى ئاچىدۇ.

 

مەنبە: خۇدوڭ قامۇسىدىن ئامىنە تەرجىمە قىلدى


مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 4

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 340 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 1قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2014-03-04