باغداد شەھىرى


باغداد شەھىرى


باغداد شەھىرىباغداد شەھىرى

خەنزۇچە: 巴格达

ئىنگلىزچە:  Baghdad

تەۋە رايونى: ئىراق

قۇرۇلغان ۋاقتى: 1921-يىلى

كۆلىمى: 734 كۋادرات كىلومېتىر

نوپۇسى: 75 مىليون 216 مىڭ 40 (2011-يىلىدىكى)

مىلادى 762-يىلى ئەرەب ئىمپىرىيىسىنىڭ پايتەختى مۇشۇ يەرگە يۆتكەپ كېلىنگەن، 9-ئەسىردە ئىسلام دىنىنىڭ مەركىزى بولغان. 1921-يىلى پايتەخت قىلىپ قۇرۇلغان.

باغداد ئىراقنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، ئىراقنىڭ پايتەختى. تىگىر دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتكەن. ئىراقنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، دىنىي ۋە مەدەنىيەت مەركىزى. باغداد-قەدىمكى پارس تىلىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، «ئاللاھ بەرگەن زېمىن» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.

باغداد شەھىرىنىڭ تارىخى

باغداد شەھىرىنىڭ تارىخى ئۇزۇن. مىلادى 762-يىلى، ئابباس خانلىقىنىڭ 2-ئەۋلاد خەلىپىسى مەنسۇر تەرىپىدىن پايتەخت قىلىپ بېكىتىلگەن، ھەمدە «تىنچلىق شەھىرى» دەپ نام بېرىلگەن.

باغداد 1258-يىلى مۇڭغۇللار تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىپ، 1508-يىلى ۋە 1534-يىلى پارسلار ۋە تۈركلەر تەرىپىدىن ئىگىلىۋېلىنغان، ھەمدە 1638-يىلىدىن كېيىن خېلى ئۇزۇن مەزگىلگىچە ئوسمان ئىمپىرىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا بولغان، 1917-يىلى باغدات ئەنگلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغان. 1921-يىلى باغداد يېڭىدىن مۇستەقىل بولغان ئىراقنىڭ پايتەختى قىلىپ بېكىتىلگەن.

باغداد شەھىرىنىڭ جۇغراپىيىسى

1996-يىلى 7-ئايدا سۈنئىي ھەمراھتىن تارتىلغان سۈرىتى1996-يىلى 7-ئايدا سۈنئىي ھەمراھتىن تارتىلغان سۈرىتى

باغداتنىڭ يەر مەيدانى 734 كۋادرات كىلومېتىر، نوپۇسى 7 مىليون 216 مىڭ 40 ئادەم. شەھەرنىڭ دەريانىڭ شەرقىدىكى قىسمى «ئال-رۇسافاللا»، دەريانىڭ غەربىدىكى قىسمى «ئال-كارھ» دەپ ئاتىلىدۇ، شەرق ۋە غەرب ئىككى قىرغاق بەش چوڭ كۆۋرۈك ئارقىلىق تۇتاشتۇرۇلغان. باغدادنىڭ ياز پەسلى (5-ئايدىن 10-ئايغىچە) پىژغىرىم ئىسسىق، 7-8-ئايلارنىڭ كۈندۈزدىكى ئوتتۇرىچە تېمپىراتورىسى 41-43 سېلسىيە گرادۇس، چۈشلۈكى 50 گىرادۇسقىمۇ يېتىدۇ؛ قىش پەسلىدىكى ئوتتۇرىچە تېمپىراتورىسى 13 سېلسىيە گرادۇس، ئەڭ تۆۋەن تېمپىراتورىسى نۆل سېلسىيە گىرادۇسقا يېتىدۇ، تۆت پەسىلىنىڭ ئايرىلىشى ئېنىق، يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى 130 مىللىمېتىر.

باغداد شەھىرىنىڭ ئىقتىسادى

باغداد شەھىرىنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، پۈتۈن دۆلەتنىڭ %40 سانائىتىنى ئىگىللىگەن. بۇ يەردە ئاساسلىق سانائەتلەردىن نېفىت ئايرىش، توقۇمىچىلىق، تېرە ئاشلاش، قەغەز ياساش ۋە يېمەك-ئىچمەك قاتارلىق سانائەتلەر بار؛ تۆمۈر يول، تاش يول ۋە ھاۋا قاتنىشى باغدادنىڭ تىرانسىپورتىنى تەشكىل قىلىدۇ. بۇ جايدا سودا گۈللەنگەن بولۇپ، زامانىۋىلاشقان چوڭ سودا سارايلار بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئەرەب ئۇسلۇبىدىكى قەدىمىي تۈستىكى سودا سارايلارمۇ بار.

باغداد شەھىرىنىڭ مەدىنىيىتى

1932-يىلىدىكى باغداد1932-يىلىدىكى باغداد

باغداد شەھىرى ئىسمى جىسمىغا لايىق قەدىمىي مەدەنىيەت شەھىرى، بۇ يەردە 9- ئەسىردە قۇرۇلغان، رەسەتخانا ۋە كۇتۇپخانىسى بار بولغان «ئەقىل-پاراسەت قەسىرى» بار؛ 1227-يىلى قۇرۇلغان دۇنيا بويىچە ئەڭ قەدىمىي ئۇنىۋېرسىتېت مۇستەنسىرىيا ئۇنىۋېرسىتېتى بار؛ كۆلىمى قاھىرە ئۇنىۋېرسىتېتىدىن كېيىنلا تۇرىدىغان، 15 ئىنىستىتۇتقا ئىگە باغدات ئۇنىۋېرسىتېتى بار. بۇ يەردە يەنە ئىراق، باغداد، ھەربىي ئىشلار، قورال-ياراق قاتارلىق نەچچە ئون مۇزېي بار بولۇپ، ئوتتۇرا شەرقتىكى ھەرقايسى چوڭ شەھەرلەرنىڭ ئالدى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.

«مىڭ بىر كېچە» نىڭ ماكانى

مىلادىيە 786-يىلىدىن 833-يىلىغىچە بولغان ۋاقىت، باغداد شەھىرىنىڭ گۈللەنگەن ۋاقتى. 10-ئەسىردە، باغداد شەھىرى دۇنيانىڭ «ئەقىل-پاراسەت» مەركىزىگە ئايلاندى. ئەرەبلەرنىڭ كلاسسىك ئەدەبىياتىدىكى مەشھۇر «مىڭ بىر كېچە» ھېكايىسىدە تەسۋىرلەنگەن ھەشەمەتلىك ئوردا-سارايلار، كەڭرى كەتكەن گۈزەل باغۇ-بوستانلار، ئاجايىپ قورقۇنۇشلۇق خىيالى دۇنيالار، قويۇق تۈسكە ئىگە ئۆرۈپ-ئادەتلىرى، باغدادنى «مىڭ بىر كېچە» ھېكايىسىنىڭ ماكانىغا ئايلاندۇرغان.

«باغداد كۆزەتچى گېزىتى» باغدادنىڭ سىرتقا تارقىتىدىغان ئىنگلىزچە گېزىتى بولۇپ، 1969-يىلىدىن باشلاپ نەشىر قىلىنغان. ئۇنىڭدىن باشقا، «بابىلون گېزىتى» مۇ باغداتنىڭ تەسىر كۈچى بار گېزىتى. 1959-يىلى 11-ئايدا قۇرۇلغان ئىراق ئاخبارات ئاگېنتلىقى ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ئاخبارات ئاگېنتلىقى بولۇپ، ئەرەبچە ۋە ئىنگلىزچە ئىككى خىل تىلدا تارقىتىلىدۇ.

يېمەك-ئىچمەك مەدىنىيىتى

باغدادمۇ كۆپلىگەن ئەرەب دۆلەتلىرىگە ئوخشاش گۈرۈچنى ئاساسلىق يىمەكلىك قىلىدۇ، ئەڭ كۆپ ئومۇملاشقان تامىقى قورما تاماقلار. ئەلۋەتتە، ئاق بولكا يېيىشنىمۇ ياخشى كۆرىدۇ. نۇرغۇنلىغان قورۇمىلىرى سۇرىيە ۋە لىۋاننىڭ قورۇمىلىرىغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ، مەسىلەن، قوي گۆشىنى قاقلاپ پۇشۇرۇش، قوي گۆشى كاۋىپى قاتارلىقلار.

باغداد قورۇمىلىرىنىڭ تەمى قويۇق بولۇپ، قورۇغاندا لازا، پىياز، سامساق، پۇراقلىق تېتىتقۇ قاتارلىقلارنى كۆپ ئىشلىتىدۇ، بېلىق يىيىشنى، بولۇپمۇ تاتلىق سۇ بېلىقلىرىنى يېيىشنى بەك ياخشى كۆرىدۇ.

باغدادنىڭ قاتنىشى

باغداد خەلقئارا ئايرۇدۇرومىنىڭ زالىباغداد خەلقئارا ئايرۇدۇرومىنىڭ زالى

باغدادنىڭ تۆمۈر يوللىرى شىمالدا سۇرىيە ۋە تۈركىيەگە، جەنۇبتا پارس قولتۇقىغا تۇتىشىدىغان بولۇپ، ئوتتۇرا شەرقنىڭ خەلقئارالىق قاتناش تۈگىنى بولۇش جەھەتتە قاھىرە، تېھران، ئىستانبۇلدىن قالسىلا تۆتىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.

باغدادنىڭ سىياسىتى

ئىراق نامدا دېموكراتىك جۇمھۇرىيەت تۈزۈلمىسىدىكى دۆلەت. ئەمەلىيەتتە 2003-يىلىغا قەدەر گۈللىنىش پارتىيىسى كونتروللىقىدىكى مۇستەبىت ھاكىمىيەت تۈزۈمى يۈرگۈزۈلگەن، بولۇپمۇ سادام بۇ دۆلەتنىڭ پرېزىدېنتى بولغاندىن كېيىن. ئالدىنقى قېتىملىق پرېزىدېنت سايلىمىدا سادام %99 دىن كۆپرەك بېلەتكە ئېرىشتى، ھەمدە ئۇ بىردىنبىر نامزات ئىدى. ئىراق پارلامېنتى بىر پالاتالىق تۈزۈم بولۇپ، 250 پارلامېنت ئورنىغا ئىگە، پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى تۆت يىل.

ئۇرۇش ئوتى

ئۇرۇش

ئىراقنىڭ ئىچكى قىسمىدا، ھۈسەيىن تەۋە بولغان سۈننى مەزھىپىدىكى ئەرەبلەر، ئىراق ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ پەقەت %20 نى ئىگەللەيدۇ، شىئە مەزھىپىدىكى ئەرەبلەر بولسا %60 تىن يۇقىرى بولۇپ، باغداد شەھىرىدە %70 دىن يۇقىرى. شىئە مەزھىپىدىكى ئەرەبلەر شىئە مەزھىپىدىكى ئىرانلىقلار بىلەن يېقىن بولغاچقا، ھۈسەيىن پرېزدېنت دەۋرىدە بىر قىسىم سۈننى مەزھىپىدىكىلەرنىڭ بېسىم بىلەن ھۆكۈمرانلىق قىلىشىغا ئۇچرىغان.

چوڭ پارتلاشلار

2009-يىلى 10-ئاينىڭ 5-كۈنى، باغدادتا ئۆزىنى ئۆلتۈرۋېلىش خاراكتىرىدىكى ماشىنا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، 10-ئاينىڭ 27-كۈنىگە قەدەر 147 ئادەمنىڭ ئۆلۈشى، 721 ئادەمنىڭ يارلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بۇ دۆلەتتىكى ئىككى يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى بولۇپ قالدى.

2009-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى، «بازا تەشكىلاتى» ئىراقنىڭ بىر تارماق ئاپپاراتىدا ئىنتېرنېت ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ، 10-ئاينىڭ 25-كۈنى باغدادتا يۈز بەرگەن زەنجىرسىمان پارتىلاش ۋەقەسىگە مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

باغدادنىڭ ساياھەتچىلىكى

ئىشەنچ قەسىرى

ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادنىڭ مەركىزىدە ئالتە قەۋەت ئېگىزلىكتىكى «ئىشەنچ قەسىرى» بار بولۇپ، بۇ ئەينى يىللىرى سادام پرېزىدېنت بولغان مەزگىللەردىكى ئىشخانا ۋە تۇرۇشلۇق جايلىرىنىڭ بىرى ئىدى. 2003-يىلى، ئامېرىكا ئەسكەرلىرى سادامنىڭ يوشۇرۇنۇۋېلىش مۇمكىنچىلىكى بولغان جايلارنى پارتلاتقاندا، نۇرغۇن قۇرۇلۇشلار پارتىلاش سەۋەبىدىن زىيانغا ئۇچرىغانىدى. ئامېرىكا ھەربىي تەرەپنىڭ خاتىرىسىگە ئاساسلانغاندا، ئۇرۇش پارتىلىغان كۈنى كەچتە، ئامېرىكا ئاۋىئاتسىيە قىسمى بۇ «ئىشەنچ سارىيى» نىڭ ئاساسىي قۇرۇلىشىغا «پوتەينى ئاخىرلاشتۇرغۇچى» ناملىق 900 كىلوگرام ئېغىرلىقتىكى ئىككى بومبىنى تاشلىدى. بىراق، «ئىشەنچ قەسىرى» نىڭ تۆۋىنىدىكى مەخسۇس سادام ئۈچۈن ئاكوپ شۇ پېتى ساقلىنىپ قالغان، ھەمدە بارا-بارا باغدادنىڭ مەركىزىدىكى «يېشىل رايون» دىكى خەلقىنىڭ «غەيرى رەسمىي ساياھەت نۇقتىسى» غا ئايلانغان.

بابېل مۇنارى

بابىلون شەھىرى كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان قەدىمىي شەھەر بولۇپ، ئىپرات دەرياسى بىلەن تىگىر دەرياسى  كېسىشكەن ئورۇنغا جايلاشقان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 1830-يىللىرىدا، ئامورېلار بابىلوننى پايتەخت قىلىپ، قەدىمىي بابىلون پادىشاھلىقىنى قۇرغان. قەدىمكى بابىلون دۆلىتىنىڭ ئەڭ كۆزگە كۆرۈنگەن پادىشاھى مۇرا ئۆلگەندىن كېيىن، بابىلون ئۈزلۈكسىز باشقا مىللەتلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى، 500 يىلدىن كۆپرەك ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقىنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، مىلادىدىن ئىلگىرىكى 7-ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە نېبۇچاد نېززارنىڭ رەھبەرلىكى ئاستىدا يېڭى بابىلون پادىشاھلىقىنى قۇردى.

ئىبرانىي تىلىدىكى «بابېل» سۆزى «قالايمىقانچىلىق» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان بولۇپ، يەنە بەزىلەر «قالايمىقانچىلىق" دېگەن بۇ سۆزنى «بابىلون دەپ چۈشەندۈرۈپ، بۇ شەھەرنى بابىلون شەھىرى، مۇنارنى بولسا «بابىلون مۇنارى» دەپ ئاتايدۇ.

بۇ مۇنارنىڭ كۆلىمى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، مۇنارنىڭ ھەر بىر تەرىپىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 90 مېتىر، مۇنارنىڭ ئېگىزلىكىمۇ 90 مېتىر. 19 ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىكى ئارخېئولوگلارنىڭ ئەمىلى ئۆلچىشى ۋە ھېسابلىشىغا ئاساسلانغاندا، مۇنارنىڭ ئاساسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 96 مېتىر، مۇنار ۋە ئىبادەتخانىنىڭ ئومۇمىي ئېگىزلىكى 96 مېتىر بولۇپ، ئىككىسىنىڭ پەرقى يوق دىيەرلىك ئىكەن. «بابېل مۇنارى» ئەينى چاغدىكى بابىلون دۆلىتىدىكى ئەڭ ئېگىز مۇنار ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، دۆلەتنىڭ ھەرقانداق يېرىدە تۇرۇپ ئۇنى كۆرگىلى بولاتتى، كىشىلەر ئۇنى «بابېل مۇنارى» دەپ ئاتايتتى.

 

مەنبە: خۇدوڭ قامۇسىدىن ئامىنە تەرجىمە قىلدى.


مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 4

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 868 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 1قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2014-03-03