ئاندىروئىد سىستېمىسى

 

ئاندىروئىد سىستېمىسى

 

ئاندىروئىد سىستېمىسىئاندىروئىد سىستېمىسى

ئاندىروئىد ( (Androidبولسا Linux نى ئاساس قىلغان مەنبە كودنى ئېچىش مەشغۇلات سىستېمىسى، ئاساسلىقى يۆتكىلىشچان قۇرۇلمىلارغا ئىشلىتىلىدۇ، Google  تەرىپىدىن قۇرۇلغان  Open Handset Allianceداۋاملىق يېتەكچىلىك قىلىپ تەتقىق قىلىۋاتىدۇ. ئاندىروئىدنىڭ ئەڭ يېڭى ئۆزگەرتىلگەن نۇسخىسى بولسا  Android 4.4.2

ئاندىروئىد سىستېمىسى ئەڭ بۇرۇن ئاندىي رۇبىن (Andy Rubin) تەرىپىدىن تەتقىق قىلىپ تۈزۈلگەن بولۇپ، ئەڭ دەسلەپتە بۇ سىستېمىنى تەتقىق قىلىشتىكى مەقسەت PC ئارقىلىق تورغا چىققىلى بولىدىغان «ئەقلىي تېلېفون» ئېكوسفىراسىنى قۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ئىدى. بىراق كېيىن، ئەقلىي تېلېفون بازىرى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلغاچقا، ئاندىروئىد تېلېفوننىڭ مەشغۇلات سىستېمىسىغا ماسلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىلدى. 2005-يىلى 8-ئايدا ئامېرىكا پەن-تېخنىكا كارخانىسى Google تەرىپىدىن سېتىۋېلىندى. 2007-يىلى 11-ئايدا،Google 84  قاتتىق دېتال ئىشلەپچىقارغۇچى ئورۇن، يۇمشاق دېتال ئىشلەپچىقارغۇچى ئورۇن ۋە  تېلگېراف ئالاقىسىنى باشقۇرۇپ پىلانلاش ئورنى بىلەن Open Handset  Alliance نى ئېچىش ئارقىلىق بىرلىكتە ئاندىروئىد سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىپ ئۆرگەرتتى، شۇنداقلا Google-Apache ھەقسىز كود مەنبەسىنى ئېچىش ئىجازەتنامىسىدىكى ھوقۇقتىن پايدىلىنىپ، ئاندىروئىدنىڭ مەنبە كودىنى ئېلان قىلدى. ئىشلەپچىقارغۇچى ئورۇنلار ئاندىروئىد سىستېمىسى ئورنىتىلغان ئەقىلىي تېلېفوننى چىقارغاندىن كېيىن، ئاندىروئىد مەشغۇلات سىستېمىسى ئاستا-ئاستا تاختا كومپيۇتېر ۋە باشقا ساھەلەرگىچە كېڭەيدى.

2010-يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى سانلىق مەلۇماتلاردىن مەلۇم بولىشىچە، رەسمىي بازارغا سېلىنغىنىغا پەقەت ئىككى يىللا بولغان ئاندىروئىد سىستېمىسى ئون يىل ھۆكۈم سۈرگەن نوكىيا Symbian سىستېمىسىدىن ئېشىپ كېتىپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئەقلىي يانفون مەشغۇلات سىستېمىسىغا ئايلاندى.

تارىخى

قۇرۇلىشى

2003-يىلى 10-ئايدا، «ئاندىروئىد ئاتىسى» دېگەن نامى بارئاندىي رۇبىن، ئامېرىكا كالفورنىيە شتاتىدىكى پالو ئالتو (Palo Alto) دا ئاندىروئىد پەن-تېخنىكا شىركىتى (Android Inc) نى قۇردى. ھەمدە رىچ مىنېر (Rich Miner)، نىك سىئارس (Nick Sears)، چرىس ۋىتې (Chris White) لار بىلەن بىرلىكتە شىركەتنى تەرەققىي قىلدۇردى. ئاندىروئىد پەن-تېخنىكا شىركىتىنى قۇرۇش سەۋەبى توغرىلىق سۆزلىگەندە، رۇبىن: «زېرەك يۆتكىلىشچان قۇرۇلما ئابونتلارنىڭ قىزىقىشى ۋە تەلىپىنى ئەڭ ياخشى ھېس قىلالايدۇ» دېدى. مەيلى ئاندىروئىد پەن-تېخنىكا شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ياكى ئىشچى-خىزمەتچىلىرى بولسۇن ھەممىسى ئىلگىرى پەن-تېخنىكا ساھەسىدە نەتىجىگە ئېرىشكەن كىشىلەر، بىراق ئاندىروئىد پەن-تېخنىكا شىركىتىنىڭ تىجارىتى پەقەت ئەقلىي تېلېفوننىڭ يۇمشاق دېتالى جەھەتتىلا ئىپادىلىنىدۇ.

شۇ يىلى، رۇبىن ئاندىروئىد پەن-تېخنىكا شىركىتى ئۈچۈن بارلىق دارامىتىنى خەجلەپ تۈگەتتى. دەل شۇ چاغدا، ستېۋېن پېرلمان (Steve Perlman) رۇبىنغا ئىچىگە 10 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى نەق پۇل سېلىنغان بىر پارچە كونۋېرت بەردى؛ پېرلماننىڭ رۇبىنغا بۇ پۇلنى بېرىشتىكى مەقسىتى مەبلەغ سېلىش بولمىغاچقا، رۇبىن ئۇنىڭغا بەرگەن پاينى رەت قىلدى.

Google  نىڭ سېتىۋېلىشى ۋە تەرەققىياتى

2005-يىلى 8-ئاينىڭ 17-كۈنى،Google  ئاندىروئىد پەن-تېخنىكا شىركىتىنى سېتىۋالدى، ئاندىروئىد پەن-تېخنىكا شىركىتى Google نىڭ تارمىقىدىكى بىر شىركەتكە ئايلاندى. رىچ مىنېر

چرىس ۋىتې قاتارلىقلارنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى شىركەت، ئاندىروئىد پەن-تېخنىكا شىركىتىنىڭ بارلىق ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ھەممىسى Google غا قوشۇۋېتىلدى. ئەينى چاغدا ھېچكىم Google  نىڭ سېتىۋېلىش سەۋەبىنى چۈشەنمىدى، بۇ توغرىسىدا پەرەزلەرمۇ كۆپ ئىدى، كېيىن Google نىڭ بۇ قېتىمقى سېتىۋېلىشنىڭ ياردىمى بىلەن رەسمى تۈردە كۆچمە ساھەگە كىرگەنلىكى ئىسپاتلاندى.

Google  دا، رۇبىن Linux يادروسى كۆچمە مەشغۇلات سىتېمىسىنى تەتقىق قىلىدىغان كوللىكتىپقا يېتەكچىلىك قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى، بۇ تەتقىقات تۈرى ئاندىروئىد مەشغۇلات سىستېمىسى ئىدى.  Google نىڭ ھەمكارلىق سۇپىسى ئاندىروئىدنى كەڭرى بازا بىلەن تەمىن ئەتتى،Google ھەر قايسى چوڭ قاتتىق دېتال ئىشلەپ چىقىرىش، يۇمشاق دېتال تەسىس قىلىش ئورۇنلىرىغا سىستېمىسىنىڭ دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش توغرىسىدا ۋەدە بەردى، ھەمدە ئەڭ يېڭى نۇسخىدىكى مەشغۇلات سىستېمىسى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىغا كاپالەت بەردى.

2006-يىلى 12-ئايدا، «ۋال كوچىسى كۈندىلىك گېزىتى» ۋە ئەنگلىيە رادىئو شىركىتى Google نىڭ كۆچمە ساھەگە كىرىش مۇمكىنچىلىكى توغرىسىدا خەۋەر بەردى،Google  نىڭ كۆچمە ساھەدىكى ھەر خىل Google مۇلازىمەتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشى، ھەمدە Google نامىدىكى تېلېفوننىڭ ماركىلىق ئەقلىي يانفونىنى چىقىرىشى مۇمكىن ئىدى.

2007-يىلى 9-ئايدا،Google  كۆپ خىل تۈردىكى كۆچمە ساھەنىڭ پاتنېتىغا ئىلتىماس سۇندى. بىراق ھېچكىممۇ Google نىڭ ئاندىروئىد نامىدىكى ئەقلىي يانفون مەشغۇلات سىستېمىسىنى چىقىرىدىغانلىقىنى بىلمىدى. ئەڭ كۆپ پەرەز قىلىنغىنى، Google نىڭ iPhone غا ئوخشاش ماركىلىق ئەقلىي يانفون چىقىرىدىغانلىقى ئىدى.

سىستېما لاھىيىسى

Linux  يادروسى

ئاندىروئىد مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ يادروسى Linux يادروسىنىڭ بىر تارمىقىغا تەۋە بولۇپ، Linux  نىڭ تىپىك ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە ئىقتىدارىغا ئىگە، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، Google Linuxنى كۆچمە قۇرۇلمىدا سۈپەتلىك ئىجرا قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئۆزگەرتىش ۋە تولۇقلاش ئېلىپ باردى. ئاندىروئىد Linux تىكى X Window System نى ۋە ئۆلچەمنى قوللىمايدىغان GNU ئامبىرىنى چىقىرۋەتتى، بۇ Linux سۇپىسىدىكى قوللىنىشچان پروگراممىلارنى ئاندىروئىد سۇپىسىغا يۆتكەشنى قىيىنلاشتۇرۇۋەتتى. 2008-يىلى، Google I/O Patrick Brady دا « Anatomy & Physiology of an Android» تېمىسىدا نۇتۇق سۆزلىدى، ئاندىروئىدنىڭ HAL قۇرۇلما رەسىمىنى ئوتتۇرغا قويدى.

ئالاھىدىلىكى

نۆۋەتتىكى ئاندىروئىد سىتېمىسى تۆۋەندىكىدەك بىر نەچچە ئالاھىدىلىككە ئىگە:

كۆرسىتىش رايونى

ئاندىروئىد سىستېمىسى تېخىمۇ چوڭ پەرقلەندۈرۈش نىسبىتىنى قوللايدۇ، ھەمدە ئەنئەنىۋىي ئەقلىي يانفوننىمۇ قوللايدۇ.

سانلىق مەلۇماتلارنى ساقلاش

سانلىق مەلۇماتلارنى ساقلاش ۋەزىپىسىنى ئاندىروئىد سىستېمىسىنىڭ ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان SQLite كىچىك تىپتىكى ئۇلانما شەكىلدىكى ماتېرىيال ئامبىرىنى باشقۇرۇش سىتېمىسى ئۆز ئۈستىگە ئالغان.

ئىنتېرنېت

ئاندىروئىد مەشغۇلات سىتېمىسىGSM/EDGE ،IDEN ،CDMA ،EV-DO ،UMTS Bluetooth ،Wi-Fi ،LTE ،NFC ،WiMAX  قاتارلىق ئىنتېرنېت شەكىللىرىنىڭ ھەممىسىنى قوللايدۇ.

ئۇچۇر

ئەسلى لاھىيىسى ئەقلىي يانفونغا ئىشلىتىلگەن مەشغۇلات سىستېمىسى بولغاچقا، ئاندىروئىد سىستېمىسى قىسقا ئۇچۇر ۋە ئېلىكتىرونلۇق پوچتا يوللانمىسىنى قوللايدۇ، ھەمدە بارلىق بۇلۇت ئۇچۇرى ۋە مۇلازىمىتېر ئۇچۇرىنى قوللايدۇ.

تىلى

ئاندىروئىد سىستېمىس كۆپ خىل تىلنى قوللايدۇ.

كۆز يۈگۈرتكۈچ

ئاندىروئىد مەشغۇلات سىستېمىىسنىڭ ئىچىدىكى تور بەت كۆز يۈگەرتكۈچى WebKit نى قوللايدۇ، ھەمدە Chrome V8 موتورىنى قوللانغان. ئاندىروئىد 4.0 نىڭ ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان كۆز يۈگۈرتكۈچنى سىناش جەريانىدا،HTML5  ۋە Acid3 توسالغۇلارنى بىر تەرەپ قىلىشتا تولۇق نومۇرغا ئېرىشتى.

Java   نى قوللاش

گەرچە ئاندىروئىد مەشغۇلات سىستېمىسىدىكى ئەپلەرنىڭ كۆپ قىسمى Java تەرىپىدىن تۈزۈتۈلگەن  بولسىمۇ، بىراق ئاندىروئىد Dalvik executables ھۆججىتىگە ئايلاندۇرۇلۇپ Dalvik مەۋھۇم ماشىنىسىدا ئىجرا قىلىنغان. ئاندىروئىدنىڭ ئۆزىدە Dalvik مەۋھۇم ماشىنىسى بولمىغاچقا Java پروگراممىسىنى بىۋاسىتە يۈرگۈزگىلى بولمايدۇ. بىراق ئاندىروئىد سۇپىسىدا كۆپلىگەن Dalvik مەۋھۇم ماشىنىسى ئەزالارنىڭ چۈشۈرۈپ ئىشلىتىشى ئۈچۈن تەمىنلەنگەن بولۇپ، Dalvik  مەۋھۇم ماشىنىسى ئورنىتىلغان ئاندىروئىد سىستېمىسى Java_ME پروگراممىسىنى يۈرگۈزەلەيدۇ.

مېدىئانى قوللاش

ئاندىروئىد سىستېمىسى تۆۋەندىكىدەك شەكىلدىكى ئاۋاز چاستوتىسى\ۋېدىئو\رەسىم مېدىئاسىنى قوللايدۇ: WebM، H.263، H.264in 3GP or MP4 container، MPEG-4 SP،  AMR،AMR-WBin 3GP container،AAC، HE-AACin MP4 or 3GP container، MP3، MIDI، Ogg Vorbis، FLAC، WAV، JPEG، PNG،GIF، BMP

ئەگەر ئابونىت كۆپ خىل شەكىلدىكى مېدىئانى قويماقچى بولسا، ئۈچىنچى تەرەپ ئەپ دېتالىنى ئورناتسا بولىدۇ.

تارماق مېدىئانى قوللاش

ئاندىروئىد مەشغۇلات سىستېمىسى RTP/RTSP  (3GPP PSS،ISMA) نىڭ تارماق مېدىئاسى ۋە (HTML5 نىڭ تارماق مېدىئاسىنى قوللايدۇ، شۇنداقلا Adobe نىڭ Flash نىمۇ قوللايدۇ، RealPlayer  نى ئورناتقاندىن كېيىن، ئالما شىركىتىنىڭ تارماق مېدىئاسىنىمۇ قوللىدى.

قاتتىق دېتالنى قوللاش

ئاندىروئىد مەشغۇلات سىستېمىسى ۋىدىئو\رەسىم كامېراسى، كۆپ نۇقتىلىق ئېلېكتر سىغىمى\ئېلېكتر قارشىلىقى سېزىمچان ئېكرانى، GPS، ئاكسېلېرومېتىر، گىروسكوپ، مانومېتىر، كۇنۇپكا تاختىسى، USB Disk، مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان ئويۇن كونتىروللىغۇچى، ئويۇن تۇتقۇچى، كۆك چىش ئۈسكىنىسى، سىمسىز ئۈسكۈنە، سېزىم ۋە بېسىم تارقاتقۇچ، تېرمومېتىر قاتارلىقلارنى پەرقلەندۈرۈش ۋە ئىشلىتىشنى قوللايدۇ.

كۆك چىش

ئاندىروئىدA2DP ،AVRCP  ھۆججەت يوللاش، تېلېڧون دەپتىرىنى كۆرۈش، ئاۋازلىق نومۇر بېسىش ۋە ئەقلىي يانفون ئوتتۇرسىدىكى ئالاقە يوللاش قاتارلىقلارنى قوللايدۇ. شۇنداقلا كۇنۇپكا تاختىسى، مائۇس ۋە باشقۇرۇش دەستىسىنىمۇ قوللايدۇ.

كۆپ خىل ۋەزىپىنى بىر تەرەپ قىلىش

ئاندىروئىد سىستېمىسى كۆپ خىل ۋەزىپىنى بىر تەرەپ قىلىشنى قوللايدۇ.

ئاۋاز ئىقتىدارى

ئادەتتىكى تېلېفونلار بىلەن سۆزلىشىشنى قوللىغاندىن باشقا، ئاندىروئىد مەشغۇلات سىستېمىسى ئەڭ دەسلەپكى نۇسخىسىدىن باشلاپلا ئاۋازلىق مەشغۇلات ئارقىلىق Google نى ئىشلىتىپ تور بەت ئىزدەش قاتارلىق ئىقتىدارلىرىنى ئىشلىتىشنى قوللايدۇ. Android OS v2.2 دىن باشلاپ، ئاۋاز ئىقتىدارىنى يەنە خەت كىرگۈزۈش، ئاۋازلىق يول باشلاش قاتارلىق ئىقتىدارلارنى ئىشلىتشتە ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ.

سىمسىز ھەمبەھىرلىنىش ئىقتىدارى

ئاندىروئىد مەشغۇلات سىستېمىسى

رەسىم كېسىش ئىقتىدارى

Android OS v4.0  نۇسخىسىدىن باشلاپ ئاندىروئىد مەشغۇلات سىستېمىسى رەسىم كېسىش ئىقتىدارىنى قوللىدى، بۇ ئىقتىدار ئارقىلىق ئىشلەتكۈچى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفوننىڭ ئېكرانىدىكى ھەر قانداق رەسىمنى تۇتۇپ ئالالايدۇ، ھەمدە تەھرىرلەش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ بۇ رەسىمنى بىر تەرەپ قىلالايدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە كۆك چىش\ئېلىكتىرونلۇق خەت ساندۇقى\مىكرو بىلوگ\ھەمبەھىرلىنىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق باشقىلارغا ياكى ئىنتېرنېتقا يوللىيالايدۇ، كومپيۇتېرغا كۆچۈرەلەيدۇ.

ئەپ پروگراممىلىرى

Google Play

Google  ئەسلى Android Market نىڭ توردىكى دۇكان سۇپىسى بولغان Google Play ئارقىلىق، ئەپ پروگراممىلىرى ۋە ئويۇنلارنى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ چۈشۈرۈشى ئۈچۈن تەمىنلەپ بېرىدۇ، 2012-يىلى 6-ئايغىچە، Google Play  ئىگە بولغان ئېتىراپ قىلىنغان ئەپ پروگراممىلىرى 600 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى.

نۆۋەتتە Google Play نىڭ بىرلىككە كەلگەن خەنزۇچە ئىسمى يوق، جۇڭگودا كۆپىنچە «ئېلىكتىرونلۇق سودا بازىرى» ۋەGoogle»سودا بازىرى» نامى بىلەن ئاتالدى، Android Market  دىكى LOGO سەي  بازىرىدا ئىشلىتىدىغان خالتىغا ئوخشىغاچقا، بىر قىسىم جۇڭگولۇق ئابونتلار «سەي بازىرى» دەپ ئاتىدى.

2009-يىلى 2-ئايدا، Google Android Marke  دا ئەپ پروگراممىسى سودا دۇكىنىنى چىقاردى،  ئابونتلار بۇ تور بەت سۇپىسىدا ئىزدەش، سېتىۋېلىش، چۈشۈرۈش، ئەقلىي يانفوندا ئىشلىتىدىغان ئەپلەرنىڭ دەرىجىسىنى باھالاش ۋە باشقا مەزمونلار توغرىسىدا مەشغۇلاتلارنى ئېلىپ بارالايدۇ.

پروگرامما تەتقىقاتى

دەسلەپكى قەدەمدىكى ئاندىروئىد ئەپ پروگراممىلىرىنى تۈزۈش جەريانىدا، دائىم Android SDK دا Java نى پروگرامما تىلى قىلىپ ئىشلىتىش ئارقىلىق ئەپ پروگراممىسىنى تۈزگەن. تۈزگۈچىلەر Android NDK  دا C تىلى ياكى C++ تىلىنى قوللىنىش ئارقىلىق ئەپ پروگراممىلىرىنى تۈزگەن. شۇنداقلا، Google  يەنە دەسلەپتە ئۆگەنگۈچىلەر ماس كېلىدىغان پروگرامما تۈزۈشتە ئىشلىتىدىغان Simple  تىلىنى تەسىس قىلغان، بۇ تىل مىكروسوفت شىركىتىنىڭ  Visual Basic تىلىغا ئوخشاپ كېتىدۇ.

يامان نىيەتتىكى پروگراممىلار ۋە ۋىرۇسلار

ئاندىروئىد مەشغۇلات سىستېمىسى ئېچىۋېتىلگەن ۋە ئەركىن خاراكتېردە بولغاچقا، دائىم يامان نىيەتتىكى پروگراممىلار ۋە ۋىرۇسلار كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. 2010-يىلى 8-ئايدا، ۋىرۇس تەجرىبىخانىسى ئاندىروئىد مەشغۇلات سىستېمىسىدا «Trojan-SMS.AndroidOS.FakePlayer.a» نامىدىكى «ياغاچ ئات» پروگراممىسىنى بايقىغانلىقىنى دوكلات قىلدى، بۇ بىر خىل قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق ئەقلىي يانفوننى يۇقۇملاندۇرىدىغان «ياغاچ ئات» بولۇپ، ئاللىقاچان بەلگىلىك مىقداردىكى ئاندىروئىد ئەسلىھەلىرىنى يۇقۇملاندۇرۇپ بولغانىدى. قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق يۇقۇملاندۇرۇش ئۇسۇلىدىن باشقا، بۇ ئاندىروئىد ياغاچ ئاتلىرى ئاساسىي ئەپ پروگراممىلىرى تۈسىگە كىرىۋالالايتتى، ھەمدە بىر قىسىم مۇنتىزىم ئەپ پروگراممىلىرىنىڭ ئىچىگە يوشۇرنۇۋالالايتتى.

نۆۋەتتە ئاندىروئىد سىستېمىسىدا ۋىرۇسنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان پروگراممىلار ئارقىلىق سىستېمىنىڭ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ، مەسىلەن Avast ،F-Secure ،Kaspersky ،Trend Micro ، Symantec قاتارلىق مۇھاپىزەت دېتاللىرى ئاندىروئىدنىڭ ئۆزگەرتىلگەن نۇسخىلىرىنى تارقاتتى.

نەشر ئوغۇرلاش مەسىلىسى

ئۈچىنچى تەرەپ بازىرى ئومۇملاشقانلىقتىن، بىر قىسىم ئاندىروئىد ئابونتلىرى پۇل چىقىرىپ سېتىۋېلىپ ئىشلىتىشنى خالىماي، خاككىرلار تەرىپىدىن يېشىۋېتىلگەن يۇمشاق دېتال ھۆججەتلىرىنى بىۋاسىتە چۈشۈرۈپ ئىشلىتىپ، ئەپ دېتالىنى تۈزگۈچىلەرگە ئېغىر زىيان ئېلىپ كەلدى.

سىستېما قۇرۇلمىسى

ئەپ پروگراممىسى

ئاندىروئىد سىستېمىسى Linux يادروسى ئاساسىدا تۈزۈلگەن بولۇپ، Java  نى پروگرامما تىلى قىلىپ ئىشلىتىدۇ، كۆرۈنمە يۈزىدىن تارتىپ ئىقتىدارىغىچە، ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە  Activity  J2ME دىكى MIDlet غا تەڭداش بولۇپ، Activity  تۈرى كۆزنەك قۇرۇشقا مەسئۇل، يەنە بىر ھەركەتتىكى Activity foreground شەكلىدە، ئارقا كۆرىنىشى ئىجرا قىلىدىغان پروگرامما Service دەپ ئاتىلىدۇ. ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسى ServiceConnection بىلەن AIDL ئارقىلىق بىرىكتۈرۈلگەن. ئەگەر باشقا Activity لەر يۈرگۈزۈلۈش جەريانىدىكى Activity نىڭ بارلىق كۆرۈنۈشلىرىنىڭ ئورنىنى ئېلىۋالسا، بۇ Activity توختاپ قالىدۇ، ھەتتا سىستېما تەرىپىدىن ئۆچۈرۋېتىلىدۇ.

ۋاستىچى يۇمشاق دېتال

مەشغۇلات سىستېمىسى ۋە ئەپ پروگراممىسىنىڭ ئۆتۈشۈش كۆۋرۈكى بولۇپ، فونكىسىيە قەۋىتى ۋە  مەۋھۇم ماشىنا (Virtual Machine) دىن ئىبارەت ئىككى قەۋەتكە بۆلىنىدۇ. Bionic بولسا  Android نىڭ libc نى ئۆزگەرتكەن نۇسخىسى. ئاندىروئىد يەنە Webkit نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئاتالمىش Webkit بولسا Google Chrome كۆز يۈگۈرتكۈچىنىڭ كەينىدىكى موتورى.Surface  flinger بولسا 2D ياكى 3D مەزمۇنىنىڭ ئېكراندا كۆرسىتىلىشى.

ئاندىروئىد OpenCORE نى كۆپ خىل مېدىئانىڭ قۇرۇلمىسىنى ئاساسى ئىشلەتتى. OpenCORE يەتتە چوڭ بۆلەككە بۆلىنىدۇ: PVPlayer، PVAuthor، Codec، PacketVideo Multimedia FrameworkPVMF، Operating System Compatibility LibraryOSCL،Common، OpenMAX.

ئاندىروئىد Skia نى يادرولۇق گرافىكىنىڭ موتورى قىلىپ ئىشلىتىپ،OpenGL/ES  نى ماسلاشتۇرغان. Skia بىلەن Linux Cairo نىڭ ئىقتىدارى ئوخشاش، بىراق Linux Cairo غا سېلىشتۇرغاندا،Skia  نىڭ ئىقتىدارى تېخى دەسلەپكى باسقۇچتا. 2005-يىلى Skia شىركىتىGoogle  تەرىپىدىن سېتىۋېلىندى، 2007-يىلىنىڭ بېشىدا، Skia GL نىڭ مەنبە كودى ئاشكارلاندى، نۆۋەتتە Skia يەنىلا Google Chrome نىڭ گرافىك موتورى.

ئاندىروئىدنىڭ كۆپ مېدىئالىق ماتېرىيال ئامبىرى SQLite ماتېرىيال ئامبىرى سىستېمىسىنى ئىشلەتكەن. ماتېرىيال ئامبىرى يەنە ئورتاق ئىشلىتىدىغان ماتېرىيال ئامبىرى ۋە خۇسۇسىي ماتېرىيال ئامبىرىدىن ئىبارەت ئىككىگە بۆلىنىدۇ. ContentResolver دىن ئۆتۈش ئارقىلىق  ئورتاق ئىشلىتىدىغان ماتېرىيال ئامبىرىغا ئېرىشەلەيدۇ.

ئاندىروئىدنىڭ ئوتتۇرا قىسمى كۆپرەك Java نى قوللاندى، ھەمدە ئالاھىدە بولغان Dalvik مەۋھۇم ماشىنىنى قوللاندى. Dalvik مەۋھۇم ماشىنىسى بىر خىل «ۋاقىتلىق ساقلاش ماشىنىسى تىپى» دىكى Java  مەۋھۇم ماشىنىسى بولۇپ، ئۆزگىرىشچان مىقدار ۋاقىتلىق ساقلاش ماشىنىسىنىڭ ئىچىدە ساقلىنىدۇ، مەۋھۇم ماشىنىنىڭ بۇيرۇقى نىسبەتەن ئازىيىدۇ.

Dalvik  مەۋھۇم ماشىنىسىنىڭ كۆپلىگەن ئەمىلى مىسالى بار، ھەر بىر ئاندىروئىد ئەپلىرى ئۆزىگە تەۋە بولغان Dalvik مەۋھۇم ماشىنىسى ئارقىلىق ئىجرا قىلىدۇ. سىستېمىنى پروگراممىنى ئىجرا قىلغان ۋاقىتتا ئىلغارلاشتۇرغىلى بولىدۇ.

پروگرامما تىلى

ئاندىروئىد GNU/Linux دا ئەمەس بەلكى، Linux kernel  دا ئىجرا قىلىنىدۇ. چۈنكى ئادەتتە GNU/Linux  دا قوللىغان ئىقتىدارنى، كۆپىنچىسى ئاندىروئىدتا قوللىمايدۇ، Cairo، X11، Alsa، FFmpeg، GTK، Pango ۋە Glibc قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى چىقىرىۋېتىلدى. ئاندىروئىد bionic  دىن پايدىلىنىپ Glibc نىڭ، Skia  دىن پايدىلىنىپ Cairo نىڭ،  opencore  دىن پايدىلىنىپ FFmpeg نىڭ ئورنىنى ئالدى.

پاتنىت ھوقۇقى تالاش تارتىشى

PC»دۇنياسى» ژۇرنىلى تور بېكىتىنىڭ 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 22-كۈنىدىكى خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئاندىروئىد 1000 دىن ئارتۇق پاتنېت ھوقۇقى ئەرزىگە چېتىلىپ قالدى.

ئاندىروئىد نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى

ئاندىروئىد-سۆزى ئەڭ دەسلەپتە فرانسىيە يازغۇچىسى Auguste Villiers de l'Isle-Adam ئېلان قىلغان فانتازىيىلىك ھېكايە «L'Ève future» دە تىلغا ئېلىنغان. ئۇ سىرتقى قىياپىتى ئادەمگە ئوخشايدىغان ماشىنا ئادەمنىڭ ئىسمىنى ئاندىروئىد دەپ ئاتىغان.

ئاندىروئىدنىڭ بەلگىسى

ئاندىروئىد بىر پۈتۈنلەي يېشىل رەڭلىك ماشىنا ئادەم، PMS 376C  ۋە RGB دىكى 16 سىزغۇچ دىكى #A4C639 ئارقىلىق سىزىلغان. بۇ ئاندىروئىد سىستېمىسىنىڭ ماركا سىمۋولى. بەزىدە ئۇ نوقۇل ھەرپتىن پايدىلىنىپ بەلگىنى ئىپادىلەيدۇ.

ئاندىروئىدنىڭ بەلگىسىنى ئاندىروئىد شىركىتى لاھىيىلىگەن، ئۇنىڭ ئىچىدىكى خەتكە ئاندىروئىد سىستېمىسى مەخسۇس تۈزگەنGoogle Droid»خەت شەكلى» ناملىق خەت شەكلى ئىشلىتىلگەن.

 

مەنبە: ۋىكىپېدىيەدىن ئامىنە تەرجىمە قىلدى


مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 14

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 653 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 3قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2014-02-24