iPhone 5s


iPhone 5s

 

1-رەسىم

iPhone 5s

ئىنگلىزچە:  iPhone 5s

ئىشلەپچىقارغان شىركەت: ئالما شىركىتى

بىر تەرەپ قىلغۇچ: قوش يادرولۇق ئالما A7 بىر تەرەپ قىلغۇچ

بازاغا سېلىنغان ۋاقتى: بېيجىڭ ۋاقتى 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى

يانفوننىڭ تىپى: ئەقلىي يانفون، 4G يانفون، سۈرەتكە تارتالايدىغان يانفون

ھەجىمى ۋە  ئېغىرلىقى: 123.8×58.6×7.6mm، 112g

ئاساسىي ئېكران پارامېتىرى: IPS ئېكرانى؛ 1136*640؛ 4 ئېنگلىزچىسى

مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ: ئالما   A7/M7ياردەمچى بىر تەرەپ قىلغۇچ  1331MHz

سىرىتقى رەڭگى: تۈز تاختىلىق قېنىق كۈلرەڭ، كۈمۈش رەڭ، ئالتۇن رەڭ

كامېراسى: 8 مىليون پىكسېل

مەشغۇلات سىتېمىسى:  iOS 7

ئىچكى سىغىمى: 1GBRAM، 16GB/32GB/64GB ROM

 iPhone 5s بولسا ئامېرىكا ئالما شىركىتى 2013-يىلى9-ئايدا چىقارغان يانفون. 9-ئاينىڭ 20-كۈنى 12 دۆلەت ۋە رايون iPhone 5s نى تارقاتتى، دەسلەپكى سېتىلىش مىقدارى 9 مىليوندىن ئېشىپ كەتتى.   


ئاساسىي ئىقتىدارى 

ئالاقە خاتىرىسى: ئىسىم كارتوچكىسى شەكلىدە ساقلاش، قوبۇل قىلىنغان+ئۇرۇلغان+قوبۇل قىلىنمىغان تېلېفون

قوڭغۇراق ئاۋازى: MP3/MID قاتارلىق شەكىللەرنى قوللايدۇ

ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئويۇنلار: چۈشۈرۈشنى قوللايدۇ

خىزمەت ئىقتىدارى: TXT ،Quick Office ،Adobe PDF ،zip  كونترولى

قوللايدىغان تۈرلىرى: ئۈن ئېلىش؛ ئاۋازلىق نومۇر بېسىش؛ خاس قوڭغۇراق ئاۋازى؛ خاس رەسىم؛ مۇھىت شەكلى؛ ئاۋازنى قويۇپ بېرىپ پاراڭلىشىش؛ ھەركەتچان رەسىملىك ئېكران ئاسىراش؛ كۈتۈش رەسىمى

 

 كۆپ ۋاسىتىلىق كۆڭۈل ئېچىش

رەسىم تارتىش ئىقتىدارى

رەسىم تارتىش ئىقتىدارى: ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان

ئاساسىي كامېرا: 8 مىليون پىكسېللىق CMOS سېزىم تارقاتقۇچ

قوشۇمچە كامېرا: 1 مىليون 200 مىڭ پىكسېللىق سېزىم تارقاتقۇچ

رەسىمنى پەرق ئېتىش نىسبىتى: ئەڭ چوڭ بولغاندا 3264×2448 پىكسېللىق

ۋېدىئولۇق سۈرەتكە ئېلىش: 1080p(سېكۇنت\پارچە1920×1080,30) ۋىدىئونى خاتىرلەيدۇ.

سۈزۈكلۈك دەرىجىسى: 8 مىليون پىكسېل

 

سانلىق مەلۇمات پروگراممىلىرى

كۆك چىش ئۇلىنىشى: كۆك چىش 4.0 نى قوللايدۇ

سانلىق مەلۇمات كەسپى:  GPRS،EDGE، HSDPA

Java  كېڭەيتىش، WAP تورغا چىقىش،WWW  كۆز يۈگۈرتكۈچلەرنىڭ ھەممىسىنى قوللايدۇ.

سانلىق مەلۇمات لىنىيىسى ئۇلىنىشى:  Lightning

 كېڭەيتىش كارتىسى: سىغىمىنى كېڭەيتىشنى قوللىمايدۇ

WiFi(WLAN): WIFI نى قوللايدۇ، IEEE 802.11 a/n/b/g

GPS  ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسى: ئىچىگە GPS ئورۇنلاشتۇرۇلغان، GLONASSنى قوللايدۇ

خىزمەت پروگراممىسى

خىزمەت پروگراممىسى: TXT ،Quick Office ،Adobe PDF ،zip  كونترولى

شەخس ياردەمچىسى

قوڭغۇراقلىق سائەت، ئېلىكتىرونلۇق ھېسابلىغۇچ، سېكۇنت سائىتى، خاتىرە دەپتەر، كۈنتەرتىپ جەدىۋىلى، بىرلىك ئالماشتۇرۇپ ھېسابلىغۇچ، دۇنيا ۋاقتى، ئېلېكترونلۇق لۇغەت، كۇنۇپكا تاختىسىنى ئاپتۇماتىك سولىغۇچلارنىڭ ھەممىسىنى قوللايدۇ.

ئالاھىدىلىكى

 سىرتقى كۆرىنىشى

2-رەسىم

iPhone 5s

ئالما iPhone 5s ئالدىنقى ئەۋلاد iPhone 5 نىڭ كلاسسىك لاھىيىسىنى ساقلاپ قالدى. بىراق پەرق ھاسىل قىلىش ئۈچۈن Home كۇنۇپكا قىسمىدىكى كىچىك تۆت چاسا چىقىرىۋېتىلىپ، پۈتۈن گەۋدىسى ئىنتايىن سىلىق قىلىندى، ماتىرىيالىغىمۇ پۇختا كۆك ياقۇت ئىشلىتىلدى. Home كۇنۇپكا قىسمىنىڭ سىرتىدا بىر يۇمىلاق سېزىمچان نۇر ھالقىسى بولۇپ، بارماق سىزىقىنى پەرقلەندۈرۈش كۆرسەتمىسىنى بېرىشكە ئىشلىتىلىدۇ. iPhone 5s يەنە قېنىق كۈلرەڭ، كۈمۈش رەڭ، ئالتۇن رەڭلىك نۇسخىسى چىقىرىلدى.

باتارېيىسىنىڭ داۋاملىق ئىشلىشى

 iPhone 5s-A7 بىر تەرەپ قىلغۇچ + M7ھەرىكەتچان يادەمچى بىر تەرەپ قىلغۇچنى قوللانغاچقا، iPhone 5s  بىر قىسىم ئەھۋاللاردا iPhone 5 كە قارىغاندا توك تېجەشچان بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە iPhone 5s كە 1570mAh  لىق باتارېيە سەپلەنگەن، كۈتۈپ تۇرۇش ۋاقتى 225 سائەتتىن 250 سائەتكە ئۇزارتىلغان.

4G  تورى

ئىچكى قىسىمدىكى خادىملارنىڭ دېيىشىچە، تېلگىراف ئالاقىسى سىستېمىسى دائىم دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ 4G تورىنى قوللايدۇ. كۆچمە  4G نۇسخىسى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى رەسمىي تۈردە ئىشقا كىرىشىتى.

تېز سۈرئەتتە رەسىمگە تارتىش

iPhone 5s  نىڭ كامېراسى ۋە كامېرا App نىڭ بىر قىسىم يېڭىلىق تەرەپلىرى بولۇپ، ئېكران قۇلۇپلاشنىڭ ئوڭ تەرەپ تۆۋەنكى بۇلۇڭىدا بىر كامېرا سۈرىتى بەلگىسى بار بولۇپ، كامېرا App ئېچىلىدۇ. ئەگەر جىددىي سۈرەتكە تارتىش كېرەك بولسا، يانفوننىڭ سول تەرىپىدىكى ئاۋاز كۇنۇپكىسىمۇ تېز سۈرئەتتە رەسىمگە تارتىش كۇنۇپكىسىنىڭ رولىنى ئۆتەيدۇ، شۇڭلاشقا سۈرەتكە تارتقاندا زاتۋور كونۇپكىسى ياكى ئاۋاز كونۇپكىسىنى بېسىپ تۇرغاندا سىكۇنتىغا ئارقا-ئارقىدىن 10 پارچە رەسىمگە تارتقىلى بولىدۇ.

ھەقسىز يۇمشاق دېتال چىقىرىش

iPhone 5s  بىر قىسىم ھەقسىز خىزمەت ئەپلىرىنى چىقارغان بولۇپ، Pages ،Numbers ،Keynote لارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يەنە ۋىدىئونى كېسىپ تەھرىرلەش يۇمشاق دېتالى iMovie ۋە رەسىم بىر تەرەپ قىلىش يۇمشاق دېتالى iPhoto لارنىڭ ھەممىسى ھەقسىز.

ئالما خەرىتە يول باشلىغۇچىنى ئىشلىتىش

ئالما خەرىتە ئەپلىرىنىڭ دەرىجىسىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، كۈن ئولتۇرغان چاغدا پۈتۈنلەي يېڭى بولغان كېچىلىك مۇھىت شەكلى ئاپتوماتىك ئېچىلىدۇ، 3D رەسىملىك كۆرسەتكۈچ ئىشلىتىلىپ نەزەر شەكلىگە ئالمىشىدۇ، ھەمدە ئىككى بارماقنى ئىشلىتىپ رەسىمنى ئايلاندۇرۇپ كۆرگىلى بولىدۇ. كونكرېت بىر ئورۇنغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، يەر نامى يېنىدىكى تېز سۈرئەتلىك مۇساپە كونۇپكىسى ئارقىلىق باشقا جاينىڭ يول باشلىغۇچىنى ئىشلەتكىلى بولىدۇ. جۇغراپىيىلىك ئورنىAirDrop ،Mail ،Messages ئارقىلىق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدىمۇ ھەمبەھىرلەنگىلى بولىدۇ.

ئاستا سۈرەتتىكى ۋېدىئوننى سۈرەتكە ئېلىش

»ئاستا ھەرىكەت» لىك ۋېدىئونى سۈرەتكە ئېلىش سۈرەتكە تارتىش ئىقتىدارىدىكى چوڭ بىر ئىلگىرلەش، Camera App  كە كىرگەندىن كېيىن، ئوڭ تەرەپكە ئىككى قېتىم سېيرىلدۇرۇپلا «ئاستا ھەرىكەت» لىك سۈرەتكە ئېلىش ئەندىزىسىگە كىرگىلى بولىدۇ. سول تەرەپ ئاستىدىكى ۋىدىئو  قىسقارتىلغان رەسىمىنى بېسىپ، «كامېرا لېنتىسى» نىڭ ئاستىدىكى ۋاقىتنى خالىغانچە تاللاش رامكىسىدىن ئاستا ھەرىكەتنىڭ باشلىنىش ۋە ئاخىرلىشىش ۋاقتىنى جەزىملەشتۈرگىلى بولىدۇ، بۇ ئارقىلىق ئىشلەتكۈچى سۈرەتكە ئالغان نەرسە دراماتىك ئۈنۈمنى ھاسىل قىلالايدۇ، ئەگەر دېڭىز ياقىسىدا بۇژغۇنلارنىڭ سوقۇلۇشى ياكى سۇ تۆكۈلگەن چاغدىكى ھەرىكىتى بولسا ئۈنىمى ناھايىتى ئوچۇق بولىدۇ.

Siri

Siri  ئىقتىدارى ئاشۇرۇلدى، Home  كونۇپكىسىنى ئۇزۇن بېسىپ يۈرمەيلا Siri غا كىرگىلى بولىدۇ. Siri نىڭ تەلەپپۇزىدا ئابونتلارنىڭ تاللىشى ئۈچۈن 3 دۆلەتنىڭ ئىنگلىزچە تەلەپپۇزى بېرىلگەن. ئابونتلار Siri غا WiFi نى ئېچىۋېتىش ياكى ئېتىۋېتىشنى ئېيتىپ قويسىمۇ بولىدۇ، ياكى FaceBook  تىكى بىرەر ئۇچۇرنى يېڭىلاشقا بۇيرىسىمۇ بولىدۇ.

باھا

2013-يىلدىكى يېڭىلىق يارىتىش كۈچىگە ئىگە ئون چوڭ مەھسۇلاتنىڭ بىرى

 ئامېرىكىنىڭ داڭلىق پەن-تېخنىكا مېدىئاسى «سودا سىرى» 2013-يىلى «يىللىق يېڭىلىق يارىتىش كۈچىگە ئىگە ئون چوڭ مەھسۇلات» نى خۇلاسە خاراكتىرىدە رەتلەپ چىقتى، iPhone 5s  مۇ بۇنىڭ ئىچىدىكى بىرى بولۇپ،iPhone 5s  نى تارىختىكى تۈنجى قېتىملىق بارماق ئىزى ئارقىلىق پەرقلەندۈرۈش تېخنىكىسى قوللىنىلغان ئەقلىي تېلېفون دېيىشكە بولىدۇ. ئالمىنىڭ ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بارماق ئارقىلىق پەرقلەندۈرۈش تېخنىكىسىنىڭ نامى Touch ID بولۇپ، بارماق ئىزى ئىندۇكسىيە بۆلىكى پۈتۈنلەي Home كۇنۇپكىسىنىڭ ئىچكى قىسمىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئابونىت بىرەر مەشغۇلات ئېلىپ بارماقچى بولسا بارمىقىنى Home كۇنۇپكىسىنىڭ ئۈستىگە قويسىلا بولىدۇ، سەزگۈرلىكى يۇقىرى.

A7 بىرتەرەپ قىلغۇچنىڭ مەشغۇلاتى تېز

ئانەند (Anand) نىڭ دېيىشىچە: iPhone 5s ۋە A7 بىرتەرەپ قىلغۇچنىڭ ئىقتىدارى iPhone 5 كە ئىشلەتكەن A6 ئۈزىكىنىڭكىدىن ئاز دېگەندىمۇ ئىككى ھەسسە تېز ئىكەن. قوش يادرولۇق A7 نۆۋەتتە سىناق قىلىنغان بولۇپ، Sun Spyder  دىكى ئەڭ تېز سىستېما دەرىجىلىك ئۈزەك، ھەتتا Snapdragon 800  ۋە ARM نىڭ Cortex A15  دىنمۇ ئېشىپ كەتكەن.

iPhone 5s  ئەپنىڭ گۇمران بولۇش نىسبىتى يۇقىرى

iPhone 5c  ياكى iPhone 5 يانفونى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، يېڭى نۇسخىدىكى iPhone 5s ئەپنىڭ گۇمران بولۇش نىسبىتى خېلىلا يۇقىرى. Crittercism نىڭ كۆرسىتىپ بېرىشىچە، ئەڭ يېڭى نۇسخىدىكى يانفون دەسلەپكى قەدەمدە بارلىققا كېلىشتىن ئىلگىرى، نۇرغۇنلىغان ئەپلەر كەينى-كەينىدىن يېڭى تىپتىكى iPhone غا ماس كېلىدىغان نۇسخىلارنى چىقاردى، بۇنىڭ ئىچىدە %ئىككى پىرسەنت ئەپنىڭ iPhone 5 دە گۇمران بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلدى. ئوخشاش ئەھۋالدا، iPhone 5c ياكى iPhone 5 دىكى گۇمران بولۇش نىسبىتى بىر پىرسەنت. بۇنى بەلكىم 64 بىتلىق مەشغۇلات سىستېمىسى ۋە ئەسلى نۇسخىدىكى بىر قىسىم ئەپلەرنىڭ ماسلاشماسلىقى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولىشى مۇمكىن.

مەنبە: بەيدۇ قامۇسىدىن ئامىنە تەرجىمە قىلدى


مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 12

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 1368 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 3قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2014-03-03