ئېلىخان تۆرە ۋە ئۇنىڭ قەبرىسى

 


ئېلىخان تۆرە ۋە ئۇنىڭ قەبرىسى

 

ھاكىم جاپپار


ئېلىخان تۆرەئېلىخان تۆرە

    ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدە يەنى 1944-يىلدىن 1946-يىلى 6-ئايغىچە (ئۈچ ۋىلايەت تەرەپ بىلەن گومىنداڭ ئوتتۇرىسدا 11 ماددىلىق بېتىم تۇزۇلۇپ بىرلەشمە ھۆكۇمەت قۇرۇلغىچە) ئۈچ ۋىلايەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىگە ئېلىخان تۆرە رەئىس بولدى. نۇرغۇن كىشى ئېلىخان تۆرىنىڭ كىملىكىنى، قانداق ئىش-پائالىيەتلەر بىلەن شوغۇنلانغانلىقىنى ئانچە بىلمىسە كېرەك. مەن بۇ ماقالەمدە ئۆزۇم بىلگەن ۋە ئىگلىگەن بەزى ماتىرىياللارغا ئاساسەن ئېلىخان تۆرىنىڭ ھايات پائالىيىتىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.

    ئېلىخان تۆرە (ئەدىبى تەخەللۇسى ساغۇنى، ئۇ بالاساغۇندا تۇغۇلغاچقا، ساغۇنى دەپ تەخەللۇس قويغان)، ئۆزبىك، ئۇ 1885-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى سابىق تۈركىستان ئۆلكىسىنىڭ توقماق (بالاساغۇن) شەھرىدە (ھازىرقى قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدە) ھاللىق دېھقان ئائىلسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ ئاتىسى شاكىرخان تۆرە تۆت پەرزەنت كۆرگەن. ئېلىخان تۆرە ئۇلارنىڭ ئىككىنچىسى. شاكىرخان تۆرە ئۆز زامانىسغا نىسبەتەن تەرەققىپەرۋەر كىشىلەردىن بولغاچقا، بالىلىرىنى ئوقۇتۇشقا كۆڭۇل بۆلگەن ھەمدە ئېلىخان تۆرىنى چوڭ ئوغلى ئالىمخان تۆرە بىلەن ئەرەبىستانغا ئوقۇشقا ئەۋەتكەن. ئوغلى ئالىمخان تورە ئوقۇشنى پۈتتۈرۈپ ۋەتىنىگە قايتىپ كېلىپ، بۇخارا مەدرىسىدە داۋاملىق ئوقۇپ ئىلىم تەھسىل قىلغان. ئېلىخان تۆرە ئوقۇش مەزگىللىرىدە، بىر تەرەپتىن ئەرەب، پارس تىللىرىنى ھەم بىر قاتار تۈركى تىللارنى پۇختا ئۆگىنىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن، تىبابەتچىلىككە ئىشىياق باغلاپ، ئەبۇ ئەلى ئىبىن سىنا قاتارلىق تىبابەت ئالىملىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇيدۇ ھەمدە ئۆز زامانىدىكى ئاتاقلىق تېۋىپلارنى ئۇستاز تۇتۇپ، ئۇستا تېۋىپ بولۇپ يېتىشىپ چىقىدۇ.

ئېلىخان تۆرىنىڭ بىلىم ئىگىلەۋتقان ۋاقتى دەل چار پادىشاھ ھۆكۈمىتى ئوتتۇرا ئاسىيانى ئىستىلا قىلغان، يەرلىك خەلىقلەرنىڭ چار پادىشاھ ھۆكۈمىتىگە قارشى قوزغىلاڭلىرى بولۇپ تۇرۇۋاتقان ۋاقىتلار ئىدى. 1916-يىلى توقماق تەۋەسىدىكى قىرغىز ۋە باشقا مىللەت خەلقلىرى بىرلىكتە چار روسىيە ھۆكۈمىتىگە قارشى قوزغىلاڭ كۆتۇرىدۇ. ئېلىخان تۆرىمۇ بۇ قوزغىلاڭغا قاتنىشىدۇ. بۇ قوزغىلاڭ چارروسيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن باستۇرۇلىدۇ. قوزغىلاڭ قاتناشچىلىرى ھەر تەرەپكە قاچىدۇ. جۈملىدىن ئېلىخان تۆرىمۇ مۇھاجىر بولۇپ قەشقەرگە كېلىپ ئورۇنلىشدۇ. ئۇزاق ئۆتمەي ئۆكتەبىر ئىنقىلابى غەلبە قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئېلىخان تۆرە ۋەتىنىگە قايتىدۇ. ئۇ 1920-يىلنىڭ ئاخىرلىرىدا ھەج-تاۋاپ قىلغىلى ئەرەبىستانغا بارماقچى بولىدۇ. بىراق، بۇ چاغلاردا سوۋېت ئارقىلىق ئەرەبىستانغا بېرىش مۇمكىنچىلىكى ناھايىتى ئاز بولغاچقا، شىنجاڭ ئارقىلىق بېرىش ئۈچۈن غۇلجا شەھرىگە كېلىدۇ. بىراق شۇ چاغدىكى ۋەزىيەت تۈپەيلىدىن، ئۇ ھەج-تاۋاپ قىلىش سەپىرىگە چىقالمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن غۇلجىدا مۇقىم ماكانلىشپ قالىدۇ. يەنى غولجا شەھرىدىكى ئۆزبىك مەكتەپ (ھازىرقى 5-ئوتتۇرامەكتەپ) نىڭ ئارقا تەرىپىدىكى مەھەلىگە ئورۇنلىشدۇ. كېينچە بۇ مەھەللە «تۆرەم مەھەللىسى» دەپ ئاتىلىدۇ.

ئېلىخان تۆرە دىننىي ئولىما ۋە ئۇستا تېۋىپ بولغاچقا، ناھايىتى تېزلا جامائەتچىلككە تونۇلىدۇ ھەمدە خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان ئالاقىسى تېخىمۇ كۈچىيدۇ.

1937-يىلى جاللات شىڭ سىسەي قانلىق قېلىچىنى كۆتۈرۈپ ھەر مىللەت خەلقى ئىچىدىكى مۆتىۋەر، تەرەققىپەرۋەر كىشلەرنى ھەم ئىلغار زىيالىلارنى كۆپلەپ قولغا ئالىدۇ. شۇ قاتاردا ئېلىخان تۆرىمۇ قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلىنىدۇ ھەم مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىندۇ. ئېلىخان تۆرە 1941-يىلى شېڭ شىسەي تۈرمىسدىن قويۇپ بېرىلىدۇ، ئۇ ئۈرۈمچىدىن غۇلجىغا قايتىپ كېلىدۇ.

     ئېلىخان تۆرە غۇلجىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، يەنە جامائەت بىلەن ئارىلىشىپ تېۋىپلىق كەسپىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئۇ خەلقنىڭ گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ زۇلۇمىغا قارشى ھېسىياتى ئۇرغۇپ تۇرغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، مەسچىت، مەدرسلەردە ۋە جامائەت توپلانغان سورۇنلاردا ئاشكارا ۋە مەخپى ھالدا گومنىداڭ ھاكىميىتىنىڭ ئەكسيەتچىل سىياسەتلىرىگە قارشى تەشۋىقات ئېلىپ بارىدۇ. ئازادلىققا تەشنا بولۇپ تۇرغان خەلق ئېلىخان تۆرىنىڭ تەشۋىقاتلىرىنى ئاڭلاش ئۈچۈن ئۇ بارىدىغان، جۈمە نامىزى ئوقۇلدىغان جامەلەرگە تېخمۇ كۆپلەپ يىغىلىدۇ. 1944-يىلى غۇلجا يەر ئاستى «ئازادلىق جەمئىيىتى» قۇرۇلىدۇ. ئېلىخان تۆرە بۇ تەشكىلاتقا قاتنىشدۇ ۋە بۇ تەشكىلاتقا رەئىس بولۇپ تەيىنلىنىدۇ. بۇيەردە شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۇش لازىمكى، 1944-يىلنىڭ بېشىدا ئۈرۈمچىدىكى سابىق سوۋېت باش كونسۇلى يېۋسىيىف غۇلجىغا كېلىپ، غۇلجىدىكى سوۋېت كونسولى ئارقىلىق غۇلجىدىكى سالىخ جانباي قاتارلىق يۇرت مۆتىۋەرلىرى بىلەن تەشكىلات قۇرۇش ھەققىدە مەسلىھەتلەشكەن. ھەمدە بۇ تەشكىلاتنىڭ نامىنى «ئازادلىق جەمئىيىتى» دەپ ئاتاشقا كېلىشكەن. بۇ تەشكىلاتنىڭ ئەمىلىي پائالىيەتلىرىگە تەشكىلات قۇرۇلغاندىن باشلاپلا غۇلجىدىكى سوۋېت دوختۇرخانىسىنىڭ باشلىقى ھاكىم جاپپاروۋىچ يارۇللابېكوف دېگەن ئۇيغۇر كىشى مەسئۇل بولغان. ئازادلىق جەميىتى تەشكىلاتىغا ھەر مىللەت، ھەر ساھە كىشىلىرىدىن ئىلغار زىيالىلار، تەرەققىپەرۋەر زاتلار ۋە ئاز ساندىكى دىنى زاتلار قاتنىشىدۇ. بولاردىن رەھىمجان سابىر ھاجىيوف، قاسىمجان قەمبىرى، ئابدۇكېرىم ئابباسوف، سالىخ جانباي باباجان، زۇنۇن تېيىپ، ھەبىب يۇنىچى، مۇھەممەتجان مەخسۇم، ئابدۇرۇف مەخدۇم، جانى يولداشوف، مۇختەر ئاخۇن خەلپەت، نۇردۇنبەك، ئۆمەرجان پىر مۇھەممەت، مۇھىددىن ئەخمىدىلەر بار ئىدى.

»  ئازادلىق جەمىئيىتى» تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرىدىن ئېلىخان تۆرە ئۈچ ۋىلايەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىگە رەئىس، ئابدۇرۇف مەخدۇم باش كاتىپ، ئابدۇكېرىم ئابباسوف تەشۋىقات بۆلۈمى باشلىقى، قاسىمجان قەمبىرى كادىرلار بولۈمى باشلىقى، ھەبىب يۇنىچى مائارىپ نازىرى (ھەبىپ يۇنچى ۋاپات بولغاندىن كېيىن سەيپىدىن ئەزىزى نازىز بولغان)، سالىخ جانباي يېزا ئىگلىك نازىرى، مۇھەممەتجان مەخدۇم ئالىي سوت باشلىقى، جانى يولداشوف باش پروكورور، زۇنۇن تىيىپ مىللىي ئارمىيىگە مۇئاۋىن قوماندان بولغان.

     ئېلخان تۆرە 1944-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۇنى ئۈچ ۋىلايەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىگە رەئىس بولۇپ تەيىنلىندۇ. 1945-يىلنىڭ بېشىدا شۇ چاغدىكى ۋاقىتلىق ھوكۈمەتنىڭ قارارى بىلەن ئېلىخان تۆرىگە مارشاللىق ئۇنىۋانى بېرىلىدۇ. ئۈچ ۋىلايەت تەرەپ بىلەن گومىنداڭ ئوتتۇرسىدا 11 ماددىلىق بېتىم تۇزۇلۇپ، بىرلەشمە ھۆكۇمەت قۇرۇلغاندا، ئېلىخان تورە ھۆكۈمەتكە ھەيئەت ئەزا قىلىپ كىرگۈزۈلىدۇ. بىراق ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي يەنى 1946-يىلى 7-ئاينىڭ 13-كۇنى ئېلىخان تۆرە غۇلجىدىن مەخپىي يوسۇندا سوۋېتكە ئېلىپ چىقىپ كېتىلىدۇ.

     ئېلىخان تۆرە مەخپىي يوقۇلۇپ كەتكەندىن كېيىن خەلق ئىچىدە ھەرخىل گەپلەر پەيدا بولىدۇ. بەزىلەر ئېلىخان تۆرە قورغاسقا كېتىپتۇ دېسە، بەزىلەر ئارشاڭغا كېتىپتۇ دېيىشتى، شۇ چاغدا ئېلىخان تۆرىگە مۇھاپىزەتچى بولغانلادىن ئالاھىدىن ئىمىر بىلەن سونۇر مۇنىر مۇنداق دەيدۇ: «……بىز ئاشۇ 12-ئىيۇن كۈنى ئېلىخان تۆرە بىلەن بىللە 2-نومۇرلۇق قورو (روسچە 2-دوم دېيىلەتتى، ئۇ سوۋىت ھۆكۇمىتىنىڭ غۇلجىدىكى مەخسۇس تاپشۇرۇقىنى ئۇرۇندايدىغان مەھكىمىسى ئىدى) غا باردۇق، قورو ئىشىكى ئېچىلدى، ئېلىخان تۆرىنى قورو ئىچىگە ئېلىپ كىرىپ كەتتى، بىر ئازدىن كېيىن قورۇدىن بىر كىشى چىقىپ، سىلەر قايتىپ كېتىڭلار، دەپ بۇيرۇق قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىز قايتىپ كەتتۇق. شۇنىڭدىن كېيىن ئېلخان تورىنى كۆرمىدۇق، نەگە كەتكىنىنىمۇ بىلمىدۇق» مېنىڭ ئىگەللىشىمچە 1946-يىلى 7-ئاينىڭ 13-كۈنى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى غۇلجىدا قۇرغان 2-ئۆيدىكى سوۋېت رازۋىتچىكلىرىدىن ئۆزىنى ئىسكەندەر ئەپەندى دەپ ئاتىۋالغان پولكوۋنىك ئىۋان ئىۋانوف، 30-يىللارنىڭ باشلىرىدا ئوشتىن ئاقسۇغا كېلىپ بىر مەزگىل قارىلىق بىلىمىنى ئالغان ۋە شۇ يەردە ئۆيلىنىپ ئىككى ئوغۇل، بىر قىز پەرزەنت كۆرگەن، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىدا غۇلجىغا كېلىپ تېكەس ئاتلىق پوللىكتا، كېيىن ئۈچ ۋىلايەت ئىچكى ئىشلار نازارىتىدە مەخسۇس رازۋېتكىغا مەسئۇل بولغان ۋە مەخسۇس تەربىيلەنگەن پولكوۋنىك ئەلى ئەپەندى ھامىدوف ھەمدە ئوزىنى زاكىر ئەپەندى دەپ ئاتىۋالغان 2-ئوي رازۋېتكىچى زاخاز كوز نېتىسوفتىن ئىبارەت ئۈچ كىشى ئېلىخان تورىنى «قورغاستىكى ئوسمان يۇسۇپوف (ئوزبىكستان 1-سېكىرتارى) سىز بىلەن كۆرۇشمەكچى» دەپ زىس ماشىنىدا سوۋېتكە ئېلىپ كەتكەن. ئېلىخان تۆرە سوۋېتكە بارغاندىن كېيىن تاشكەنتتە ئوزى ئۈچۈن تەييارلانغان قورودا 30 يىل نەزەربەنت ئاستىدا ياشايدۇ. ئۇ دەسلەپكى مەزگىللەردە سىرتتىن كەلگەنلەردىن مەخپىي تۇتۇلسىمۇ، كېيىنچە سىرتتىن يوقلاپ كەلگەنلەر بىلەن كۆرۈشۇشكە رۇخسەت قىلىندۇ. ئېلىخان تورە تاشكەنتتە نەزەربەنت ئاستىدا تۇرغان 30 يىل داۋامىدا بەزى ئىلمىي تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئۇ بۇ جەرياندا ئەخمەت دانشىنىڭ «نەۋادىرۇل ۋاقىئە»، دەرۋىش ئەلى چانگىنىڭ «مۇزىكا رىسالىسى» ۋە «تۆمۇر تۇزۇكلىرى» گە ئوخشاش نادىر ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىدۇ.«تارىخى مۇھەممىدى» (مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامنىڭ تارىخى) دىگەن ئەسەرنى 1959-يىلى يېزىپ چىقىدۇ. ئۇنىڭ يەنە «دىۋانى ساغۇنى» دىگەن شېئىرلار توپلىمى بارلىقىمۇ مەلۇم.

    ئېلىخان تورىنىڭ ئۇچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ۋاقتىدا ئىشلىگەن غاپپارخان، ئاسارخان، ئەخمەتيار، مۇھەممەتيار ئىسىملىك بالىلىرى بولۇپ، ئازادلىقتىن كېيىن ئىلگىرى ئاخىرى بولۇپ سابىق سوۋېت ئىتتپاقىغا كەتكەن.

    ئېلىخان تۆرە 1976-يىلى 91-يېشىدا تاشكەنتتە ئالەمدىن ئۆتكەن، ئۇنىڭ ھايات چېغىدىكى ۋەسىيىتىگە ئاساسەن، ئۇ تاشكەنتتىكى شەيخ زەينىدىن بابا قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنغان.   

  مەنبە: ئەجدات تارىخ تورى

ئېلىخان تۆرەئېلىخان تۆرە
ئېلىخان تۆرىنىڭ قەبرىسىئېلىخان تۆرىنىڭ قەبرىسى
ئېلىخان تۆرەئېلىخان تۆرە


مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 32

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 2214 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 2قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2014-02-15