ئابلىز ھوشۇر


ئابلىز ھوشۇر-چىڭگىزخاننىڭ تەرجىمھالى

 

ئابلىمىت مەخسۇم

 

ئىنىم ئابلىز (ئابدۇل ئېزىز) 1912-يىلى1-ئايدا بۈگۈر ناھىيە يېڭىسار يېزا موللا ھوشۇر داموللا ھاجى دېگەن دىنىي زات ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1952-يىلى 40 يېشىدا ئۈرۈمچىدە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن. ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، ئەرەبچە، ئىنگىلىزچە، پارسچە، تۈرۈك تىلى قاتارلىق 7 تىلنى بىلەتتى ھەم تەرجىماللىق قىلاتتى.

  ئۇ تۇغۇلۇپ 16ياشقىچە (1928-يىلغىچە) ئائىلە تەربىيىسىدە بولغان ۋە ئۆز ئاتىمىز موللا ھوشۇر ھاجىدا ئوقۇغان. 1928-يىلدىن 1931-يىلغىچە كۇچا ناھىيىسىدە موسايىپ داموللىدا ئوقۇغان. شۇ چاغدا ئۇنىڭ ئوقۇشى ياخشى بولغانلىقى ئۈچۈن «ئەندىرىپ» دېگەن نام بېرىلگەن. بۇ ئەرەبچە سۆز بولۇپ، مەنىسى «بۇلبۇل» دېگەنلىك بولىدۇ. 1932-يىلدىن 1934-يىلغىچە 3 يىل قەشقەر دىنىي خانلىق مەدىرىستە ئوقۇپ داموللا دېگەن ئۇنۋاننى ئالغاندىن كىيىن ۋاقىتنى بوشقا ئۆتكۈزمەسلىك ئۈچۈن 1936-يىلغىچە ھىندىستانغا بېرىپ ئىككى يىل دىنى دەرس ئوقۇغان. 1937-يىلىدىن 1942-يىلىغىچە 6 يىل ئەرەبىستاندىكى مەككىدە ئوقۇغان. ھەم شۇ يەردە ئوقۇتقۇچى بولغان.  1942- يىلىدىن 1946-يىلغىچە مىسىردا 4 يىل ئوقۇغان ھەم جامىل ئەزھەر ئۈنۋېرسىتىدا ئوقۇتقۇچى بولۇپ دەل 35 ياشقا كىرگەن چاغلىرىدا مىسىرنىڭ ئەزھەر دېگەن ئاتاقلىق مەكتىپىدە ھەر قايسى ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ باشلىقى، پادىشاھلىرى ھەم دىنىي ئۆلىمالارنىڭ بىر قېتىملىق چوڭ يىغىنىدا ئوقۇغۇچىلار تەرىپىدىن چۈشكەن سۇئاللارغا جاۋاپ بېرىشتە ئابدۇلئەزىزنىڭ بەرگەن جاۋابى توغرا بولغانلىقى ئۈچۈن شۇ قېتىملىق يىغىندىلا مىسىرنىڭ پادىشاھى ئابدۇلئەزىزنى ماختاپ «بۈگۈندىن باشلاپ سېنىڭ ئىسمىڭ ‹چىڭگىزخان› بولسۇن، چۈنكى بۇرۇندا جۇڭگودا چىڭگىزخان دېگەن كىشى ئۆتكەن. بۇ قېتىم سەن جۇڭگودىن 2-قېتىم چىقتىڭ» دەپ جاكارلىغان. شۇنىڭدىن باشلاپ ئابدۇلئەزىز دېگەن ئىسىم «چىڭگىزخان» دەپ ئۆزگەرتىلگەن.

  «چىڭگىزخان» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى «ئاتاقلىق»، «مەشھۇر»، «ناھايىتى كۈچلۈك»، «تەڭداشسىز» دېگەن مەنانى بىلدۈرىدۇ. ئۇ مىسىردىن ئەرەبىستانغا بېرىپ مامۇت سىجاڭ بىلەن كۆرۈشكەن ھەم ئۇنىڭ بىلەن بىللە ياپونىيەگە بارغان. شۇ مەزگىللەردە جۇڭگونىڭ ياپۇنغا قارشى ئۇرىشى داۋاملىشىۋاتقان مەزگىل بولۇپ، ئىنىم ئابدۇلئەزىزنىڭ ماڭا ئېيتىپ بېرىشىچە ياپوننىڭ بىر باشلىقى «ھازىر جۇڭگو-ياپون ئۇرۇشى بولىۋاتىدۇ. بىز جۇڭگونى چوقۇم بويسۇندۇرىمىز، سىلەر شىنجاڭدىكى مۇھىم ئادەملەر، سىلەر بېيجىڭغا بېرىڭلار بىز غەلىبە قىلغاندا چىڭگىزخان سەن شىنجاڭنىڭ مەمۇرى باشلىقى، مامۇت سىجاڭنى سەن ھەربىي باشلىق بولىسەن» دېگەن. بۇ ئىككىسى ياپونىيەدىن بېيجىڭغا كەلگەندىن كېيىن شىڭ شىسەينىڭ شىنجاڭدا كومۇنىستلارنى، ۋەتەنپەرۋەر زاتلارنى، زىيالىلارنى تۇتقۇن قىلىۋاتقان ئەھۋاللارنى ئاڭلاپ شىنجاڭغا بارماي ئاخىرى نەنجىڭ داشۆسىدە ئوقۇغان. بۇ چاغدا مامۇت سىجاڭ ۋاپات بولغان، نامىزىنى چىڭگىزخان چۈشۈرۈپ  يەرلىككە قويغان.

  چىڭگىزخان ئاخىرى جۇڭگونىڭ مىسىردىكى باش ئەلچىخانىسىدا بىر مەزگىل ئىشلەپ 1947-يىلى 1-ئايدا مىسىردىن ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلگەن. 15 كۈن ئۆتكەندىن كىيىن ئاتا-ئانىسى ۋە باشقا تۇغقانلىرىنى كۆرۈش ئۈچۈن بۈگۈر يېڭىسارغا كېلىپ ئۈچ ئايدەك تۇرغاندىن كېيىن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت رەئىسى جاڭ جىجۇڭ، مۇئاۋىن رەئىس ئەخمەتجان قاسىمى ماشىنا ئەۋەتىپ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت نازارىتىدە كوجاڭ، قوشۇمچە سەنمىنجۇيى ياشلار ئىتىپاقىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولۇپ ئىشلىگەن (ئەيسا بەگ رەئىس ئىدى). مۇشۇ ۋاقىتتا بېتىم بۇزۇلۇپ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى راۋاجلانغان مەزگىل بولۇپ، توقسۇن، تۇرپان، پىچان ناھىيىلىرىنىڭ ھاكىملىرى ھاكىملىقنى تاشلاپ غۇلجا تەرەپكە قېچىپ كەتكەن. بۇ ئورۇنلارنىڭ جەمئىيەت ئەھۋالى مۇرەككەپلىشىپ، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت بۇ ئۈچ ناھىيىگە جەمئىيەت تەرتىپىنى تىنجىتىپ باشقىدىن ھاكىم سايلاش ئۈچۈن ئىنىم چىڭگىزخاننى باشلىق، لى….نى مۇئاۋىن باشلىق قىلىپ 25 دەك كىشىنى 1947-يىلى 7-ئاينىڭ 15-كۈنى توقسۇن، تۇرپان، پىچان ناھىيىلىرىگە ئەۋەتىپ توقسۇن ناھىيىسىگە ھامۇت داموللىنى ھاكىم، تۇرپانغا ئابدۇراخمان موھىتىنىڭ ئورنىغا ئابلىمىت دېگەن چوڭ ئاخۇننى شەنجاڭ، پىچان ناھىيىسىگە لۈكچۈن ۋاڭنىڭ ئىنىسى ئىسكەندەر غوجىنى ھاكىملىققا بەلگىلەپ تۇرمىدىكى مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىپ ۋەزىپىنى تاماملاپ 8-ئاينىڭ 1-كۈنى ئۈرۈمچىگە قايتىپ بارغان. بۇ خىزمەتكە مېنىمۇ بىللە ئېلىپ بارغان.

ئىنىم ئابدۇلئەزىز چىڭگىزخان بۇ ۋەزىپىنى تاماملاپ ئۈرۈمچىگە قايتىپ بارغاندىن كېيىن شىنجاڭ ئۆلكىلىك ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلەندى. 1948-يىلى ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىغا رەئىس بولۇپ تۇرغان مەزگىللەردە جاڭجېشىنى زۇڭتۇڭ سالايدىغان ۋەكىل نامزاتىنى تۆۋەنگە چۈشۈرگەندە چىڭگىزخاننى بۈگۈردىن ۋەكىل قىلىپ كۆرسەتتى. شۇ يىلى 4-ئايدا بېيجىڭغا بېرىپ 9-ئايدا قايتىپ كەلدى. جىياڭ جېشىنى زۇڭتۇڭ سايلايدىغان قۇرۇلتايغا بېرىپ قاتناشتى. قايتىپ كەلگەندىن كېيىن جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ھەر بىر ناھىيە، ۋىلايەت ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنى كۆزدىن كەچۈرۈش ئۈچۈن باردى ھەم ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت دىنى نازارەتكە باشلىق بولۇپ ھەر بىر ناھىيىنىڭ چوڭ ئاخۇنلىرىنى بېكىتىش، تەستىقلاش ئىشلىرىنى بېجىردى.

  1949–يىلى 7-ئايدا تۇغقان يوقلاش ۋە ئارام ئېلىش ئۈچۈن بۈگۈر يېڭىساردىكى ئائىلىمىزگە كەلدى. 9–ئاينىڭ 21-كۈنى ئۈرۈمچىدىن ئۆلكىلىك تەمىنات نازارىتىنىڭ نازىرى مەمتىمىن بۇغرا، باش كاتىپ ئەيسا بەگ، قۇربان قوداي، ھاجى ياقۇپ، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، پولات قادىر قاتارلىق كىشىلەر ئۈچ ماشىنىدا  يۈك-تاقنى بېسىپ يېڭىساردىكى بىزنىڭ ئۆيگە چۈشۈپ چىڭگىزخان بىلەن  كۆرۈشۈپ بىر ئاخشام قونۇپ ئەتىسى جەنۇبقا (چەتئەلگە) قاراپ ماڭغاندا سىدىق بەگنى بىرگە كېتەيلى دېسە ئۇنىمىدى. ئىنىم چىڭگىزخاننى ئۇنىمىغىنىغا ئۇنىماي بىرگە ئېلىپ ماڭدى. ئىنىم ئۇلار بىللە ماڭغاندا 7 دانە يامبۇ، 400 سەر ياڭچەن، 17 سەر ئالتۇن ئۇنىڭدىن باشقا خېلى كۆپ قەغەز پۇلنى ئېلىپ ماڭدى. چېگرىغا بارغاندا باشقىلار چېگردىن ئۆتۈپ كەتكەن ئىنىم ئۆتەلمەي (كېچىكىپ قېلىپ) يەركەندە ئىككى ئاي تۇردى. قەشقەردە تۇرۇشلۇق ئازادلىق ئارمىيە ئۇكامنى يەركەندىن قەشقەرگە چاقىرتىپ  قەشقەر خانلىق مەدرىستە خەلق ھۆكۈمىتى، قەشقەر، ئاقسۇدىن چاقىرتقان دىنى زاتلارنى ئۈچ ئاي تەربىيلەش كۇرسىغا قاتناشتۇرۇپ، ئۈچ ئايدىن كىيىن قەشقەردە قولغا ئېلىپ 1950-يىلى 7-ئايدا قەشقەر تۈرمىسىدىن ئۈرۈمچى تۈرمىسىگە يۆتكەپ بىر يېرىم يىلدىن كېيىن 1952-يىلىنىڭ ئاخىرى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى.

مەنبە: بايىنغۇلىن تارىخى ماتىرىياللىرى4-توپلامدىن ئېلىندى (1990-يىلى1-ئاي نەشىرى).

توردىكى مەنبەسى: باغداش مۇنبىرى

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 2

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 761 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2014-02-13