كېرەم ئاتۇش


كېرەم ئاتۇش

كېرەم ئاتۇشكېرەم ئاتۇش
«شىنجاڭ مىراج يېمەك-ئىچمەك شىركىتى» نىڭ باش دېرىكتورى. 1965-يىلى ئاتۇشنىڭ مەشھەد كەنتىدە تۇغۇلغان.

  1980-يىلى تىجارەت ئارقىلىق تېجەپ تاپقان 800 يۈەننى ئېلىپ شاڭخەيگە تىجارەت قىلغىلى بارغان. پىلانلىق ئىگىلىك تۈزۈلمىسى دەۋرىدە ئاشلىق، رەخت ۋە بىر قىسىم تۇرمۇش بۇيۇملىرى چەكلىك ئۆلچەم بويىچە تەمىنلىنىدىغان بولغاچقا، ئاشلىق، رەخىت بىلەتلىرى بازاردا ئېلىپ-سېتىلاتتى. ئۇ خەنزۇ تىلى بىلمىسىمۇ، تىرىشىپ-تىرمىشىپ يۈرۈپ، شاڭخەيدە بىر يېرىم يىل ئاشلىق بېلىتى ۋە رەخت بېلىتى سودىسى قىلغان. ئاندا-ساندا ئاتۇشقا كىيىم-كېچەك ئەۋەتىپ، ئاتۇش بىلەن شاڭخەي ئوتتۇرىسىدا سودا يولى شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. 1982-يىلى گۇاڭجۇغا بېرىپ، شاڭخەي، شەرقىي شىمالدىكى ئۈچ ئۆلكە، بېيجىڭ ئارىلىقىدا تېلېۋىزور، نىلون رەخت، سىن قويغۇ، سىنئالغۇ، ئاپتوموبىل سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىپ، بۇ سودىنى 1988-يىلىغىچە داۋاملاشتۇرغان.
  1988-يىلىدىن 1992-يىلىغىچە خۇنەن، خۇبېي، جياڭشى، خەينەن قاتارلىق جايلاردىكى زىيان تارتىپ توختاش گىردابىغا بېرىپ قالغان دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ئۈچ توقۇمچىلىق زاۋۇتى، بىر بوياقچىلىق زاۋۇتىنى ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرغان ھەم بۇ جەرياندا باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتىپ، مەھسۇلات سۈپىتىنى ياخشىلاپ، ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلىرىنى دۆلەت ئىچى-سىرتىدا ساتقان.
1992-يىلىدىن 2000-يىلىغىچە، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى، رۇسىيە، شەرقىي ياۋروپا ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى دۆلەتلەردە تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغان.
2000-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىنى يۈكسەلدۈرۈش مەقسىتىدە «ئەنجۈر» ماركىسىنى قوللىنىپ، ئاشخانا ۋە تورتخانا ئاچقان.
2004 -يىلى مىراج ماركىسىنى قوللىنىپ، «مىراج يېمەك-ئىچمەك ھەسسىدارلىق شىركىتى» نى قۇرۇپ، زامانىۋى قىياپەتتىكى ئۇيغۇر ئاشخانا مەدەنىيىتىنىڭ شەكىللىنىشىدە باشلامچىلىق رول ئوينىغان. كارخانا باشقۇرۇش، كارخانا مەدەنىيىتى شەكىللەندۈرۈشنىڭ يېڭى يوللىرى ئۈستىدە پائال ئىزدەنگەن كېرەم ئاتۇش ئامېرىكىنىڭ كالفۇرنىيە سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتىتىدا سەككىز ئاي كارخانىچىلار كۇرسىدا ئوقۇغان ھەم بۇ مەزگىلدە تەكلىپ بىلەن مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە كەسىپلەرنى قانداق قىلىپ جۇڭگو بازارلىرىغا يۈزلەندۈرۈش توغرىسىدا 80 نەپەر كارخانچىغا ئۈچ سائەت لېكسىيە سۆزلىگەن.
  ئۇيغۇر تائام مەدەنىيىتىنىڭ زامانىۋىلىشىشغا باشلامچىلىق رول ئوينىغان كېرەم ئاتۇش ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىگە «تېز تاماقخانا» ئۇقۇمىنى ئېلىپ كىرگەن. نۆۋەتتە ئۇيغۇر تائام مەدەنىيىتىنى جۇڭگو ۋە دۇنيا بازارلىرىغا يۈزلەندۈرۈشنىڭ يېڭى يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىدۇ. بۇ جەھەتتىكى بەزى ئەمەلىي خىزمەتلەرنى ئىشلەۋاتىدۇ.


يوللىغۇچى: ambition


مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 12

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 892 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 2قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2014-02-12