شىۋېتسىيەدە ساقلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا دائىر ماتىرىياللار ۋە ئۇلارنىڭ بۈگۈنكى ئەھ

 

شىۋېتسىيەدە ساقلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا دائىر ماتىرىياللار ۋە ئۇلارنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالى

  

قۇمتۇر


      تارىخى بايانلارغا ئاساسلانغاندا شىۋېتسىيە ياۋرۇپادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمى ئەڭ بالدۇر يەتكەن زېمىنلارنىڭ بىرى ھېساپلانسا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا ۋەتىنى بولغان تارىم بوستانلىقى، جۇڭغار ۋادىلىرىمۇ شىۋېتلار ئۈچۈن ئۈچ يۈز يىللار ئىلگىرى قەدەم باسقان سىرلىق زېمىنلارنىڭ بىرىدۇر. گەرچە بۈگۈنكى شىۋېت خەلقى ئۆزلىرىنىڭ يىلتىزىنىڭ قەشقەر بوستانلىقىغا باغلىنىدىغانلىقىدەك بىر رىۋايەتنىڭ بارلىقىغا ئىشەنمىسىمۇ ئەمما ئالدىنقى ئەسىرنىڭ باشلىرىدا بىر تۈركۈم شىۋېتسىيەلىكلەرنىڭ قەشقەر بوستانلىقىدا پائالىيەت ئېلىپ بارغانلىقىدەك بىر تارىخنىڭ مەۋجۇتلىقىنى بىلىدۇ. ئۆزلىرىنىڭ باسقان ئىزلىرىدىن، ياشىغان ئۆمۈرىدىن، ئېلىپ بارغان ئىش-پائالىيەتلىرىدىن تارىخ قالدۇرۇشقا ئادەتلەنگەن شىۋېت خەلقى بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن قىممەتلىك ماتىرىياللارنى ئۆز قوينىدا ساقلىماقتا. تارىخ يارىتىشنى بىلىپ، ئۇنى ساقلاشنى بىلمىگەن خەلق ئۇنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىشنىمۇ ئانچە خالاپ كەتمەسلىكى مۇمكىن.

  شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللار ئاساسەن تۆۋەندىكى 6 ئورۇنغا مەركەزلەشكەن.

1. لۇند ئونۋېرسىتېتى كۇتۇپخانىسى

  لۇند ئونۋېرسىتېتى شىۋېتسىيەنىڭ جەنۇبىدىكى ئوتتۇرھال شەھەر لۇندقا جايلاشقان بولۇپ، گوستاۋ راكېت، گۇننار ياررىڭ قاتارلىق ئۇيغۇرشۇناسلار بۇ يەردە ئوقۇغان ۋە خىزمەت قىلغانلىقى بىلەن مەشھۇردۇر. ھازىر بۇ ئونۋېرسىىتىتنىڭ يەر ئاستى كۈتۈپخانىسىدا «گۇننار ياررىڭ ساقلانمىلىرى» نامىدا 560 پارچە قول يازما ماتىرىيال ساقلانماقتا. بۇ ماتىرىياللارنى گۇننار ياررىڭ قەشقەردە تۇرغان مەزگىلدە ئۇيغۇرلارنىڭ قوللىرىدىن ناھايىتى ئەرزان باھادا سېتىۋالغان ۋە كېرەكسىز گېزىت پارچىلىرىغا تىگىشىۋالغان. بۇ ماتىرىياللار ئۇيغۇر، ئەرەب، پارس تىللىرىدا يېزىلغان بولۇپ، ئەڭ بالدۇرى 16-ئەسىرگە ئائىت بولسا كىيىنكىسى 19-ئەسىرلەرگە ئائىتتۇر.

بۇ قول يازمىلارنى مەزمۇن جەھەتتىن ئىنچىكە تارماق تۈرلەر بويىچە ئىپادىلەش قىيىن بولسىمۇ، ئەمما چوڭ جەھەتتىن تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە تۈرلەرگە بۆلۈشكە بولىدۇ. 1-رىسالە تىپىدىكى قول يازمىلار، 2-تەزكىرىلەر، 3-ھېكايەتلەر، 4-دىنىي تۈس ئالغان ھەر خىل پۈتۈك، دۇئا، قىسسە ۋە قوللانمىلار، 5-تارىخى ئەسەرلەر، 6-شېئىر ۋە غەزەللەر، 7-ئەدەبىي ئەسەرلەر،  8-باشقا ھەر خىل تىمىدىكى ئەسەرلەر.

  بۇ قول يازمىلارنىڭ تەپسىلىي تىزىملىكى لۇند ئونۋېرسىتىتى تور بېكىتىنىڭ «گۇننار ياررىڭ ساقلانمىلىرى» نامىدىكى تور بېتىگە تەپسىلىي قويۇلغان بولۇپ، ھەممە قول يازمىلارنىڭ مۇقاۋىسى ۋە بىرىنچى بېتىنىڭ فوتوكوپىيسىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

2. ستوكھولۇم ئونۋېرسىتېتى كۇتۇپخانىسى

  ستوكھولۇم ئونۋېرسىتېتى ستوكھولۇم شەھىرىنىڭ شەرقى تەرپىگە جايلاشقان بولۇپ، شىۋېتسىيەدىكى داڭلىق ئونىۋېرسىتېتلارنىڭ بىرى ھېساپلىنىدۇ.

   گۇننار ياررىڭ ئۆمۈرىنىڭ ئاخىرىدا ئۆزى ئۆمۈر بويى يىغىپ ساقلىغان ئىككى مىڭ پارچىدىن ئارتۇق ئۇيغۇرچە كىتاب، گېزىت، ژورنال ۋە باشقا ماتىرىياللارنى ستوكھولۇم ئونۋېرسىتىتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات مەركىزىگە ھەدىيە قىلغان بولۇپ، بۇ ماتىرىياللار مەكتەپ كۇتۇپخانىسغا قۇيۇلماي، ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات مەركىزى جايلاشقان بىنانىڭ ئاستىدىكى بىر ئۆيگە تىزىپ قۇيۇلغان. بىراق ھازىر ستوكھولۇم ئونۋېرسىتېتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات مەركىزى تاقىۋېتىلگەنلىكى ئۈچۈن، بۇ كىتابلارنىڭ قايسى كۈتۈپخانىغا قويۇلىدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس. مەن بۇ يەردە پولات قادىرنىڭ «ئۆلكە تارىخى» نامىدىكى تارىخى كىتابىنى،  1933-يىلى نەشىر قىلىنغان «ئىستىقلال گېزىتى» نىڭ تۇنجى سانىنى، شىڭشىسەي ئۈرۈمچىدە ئاچقان ھەربىي مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلار قائىدىسى ۋە تۈرمە باشقۇرۇش بەلگىلىمىلىرىنى كۆرگەن ئىدىم.

3. ھۆكۈمەت ئارخىپخانىسى

شىۋېتسىيە ھۆكۈمەت ئارخىپخانىسى ستوكھولۇمنىڭ شەھەر مەركىزىگە جايلاشقان داڭلىق ئارخىپخانىلارنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ يەردە ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر قسىم قىممەتلىك تارىخىي رەسىملەر، ھەرخىل ماتىرياللار، سىن لېنتىلىرى، ئۈن لېنتىلىرى ساقلانماقتا. ئارخىپخانىنىڭ ماتىرىياللار تىزىملىكىگە «شەرقى تۈركىستان» نامىدا بىر تۈر ئېچىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا 159 قاپ ماتىرىيالنىڭ تىزىملىكى بېرىلگەن. ھازىر تورلاردا كۆپ ئۇچۇرايدىغان ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك تارىخىي رەسىملەرنىڭ كۆپىنچىسى ئاشۇ ئارخىپخانىدا ساقلانغان رەسىملەردىن كەلگەن. بۇ يەردە ساقلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك سىن لېنتىلىرى ئەنگلىيەلىك جامىس ئەپەندىنىڭ  تەييارلىشى بىلەن «شىنجاڭ ۋېدىئو پروجېكىتى» نامىدا تەييارلىنىپ، تور يۈزىدە كۆرەرمەنلەر بىلەن يۈز كۈرۈشتى. جامىس ئەپەندى كىيىنكى قېتىملىق شىۋېتسىيە سەپىرىدە بۇ ئارخىپخانىدا ساقلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ئۈن لېنتىلىرىنى ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈش مەقسىتىدە ئېلىپ كەتكەن ئىدى، بەلكىم ئۇلارمۇ ھازىر تور يۈزىدە ئېلان قىلىنغان بولۇشى مۇمكىن.

4. ئېتنوگراپىيە مۇزىيى

 ئېتنوگراپىيە مۇزىيى ستوكھولۇمنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان داڭلىق مۇزىيلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭدا ھەرخىل مىللەتلەرنىڭ تارىخى، مەدەنىيەت، ئەنئەنىسى ۋە ياشام شەكلىگە مۇناسىۋەتلىك ئاسارە-ئەتىقىلەر كۆرگەزمىگە قۇيۇلغان. مۇزىيدا شىۋېتسىيەلىك تەۋەككۈلچى سۋېن ھېدىن ئۈچۈن مەخسۇس بىر بۆلۈم ئاجىرتىلغان بولۇپ، بۇ بۆلۈمگە سۋېن ھېدىن تارىم ئويمانلقىدىن، تەكلىماكان قۇملۇقلىرىدىن، قەشقەر، خوتەن، چەرچەن، چاقىلىق بوستانلىقلىرىدىن بايقىغان ۋە قېزىۋالغان ئاسارە-ئەتىقە بايلىقلىرىدىن ئۆرنەكلەر قويۇلغان. بۇ يەردە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجداتلىرى ياسىغان ساپال قاچىلارنى، توغراقتىن ياسىغان ياغاچ ئويمىلارنى ۋە قەدىمىي رەخ پارچىلىرىنى ئۇچرىتىشقا بولىدۇ.

5. شىۋېتسىيە مىسسىيونىرلار ئارخىپخانىسى

 شىۋېتسىيە مىسسيونىرلار ئارخىپخانىسى ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك زور مىقداردىكى ماتىرىياللار ساقلىنىۋاتقان يەنە بىر ئارخىپخانا بولۇپ، بۇ يەردىكى ماتىرىياللار ئۇزاق يىللاردىن بېرى رەتلەنمەي تاشلىنىپ قالغانلىقى ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ بىلىش دائىرسىدىن چەتتە قالغان. دوكتۇر ئەسەت سۇلايمان 2004-يىلى بۇ يەرنى زىيارەت قىلغان تۇنجى ئۇيغۇر زىيالىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇر جامائىتىگە ئاشكارلىغاندىن كىيىن بۇ يەرنى زىيارەت قىلىدىغان ۋە بۇ يەرگە قىزىقىدىغانلارنىڭ سانى بارغانچە كۆپەيمەكتە. بۇ يەردە ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان بىر قىسىم قول يازمىلار، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ باشلىرىدا  قەشقەر باسمىخانىسىدا بېسىلغان ھەر خىل كىتابلار ۋە باشقا بۇيۇملار بولغاندىن سىرت ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك يەنە بىر تۈركۈم رەسىملەر ساقلانماقتا. ئارخىپخانا ئۇچۇرلىرىدىن مەلۇم بولىشىچە، ئارخىپخانا بۇ ماتىرىياللارنى رەتلەش، تىزىملاش ۋە كومپيۇتېرغا ئېلىش خىزمىتىنى باشلىغان بولۇپ، ئارخىپخانا ئامبرىدا سۇلىياۋ لىنتىدا ساقلىنىۋاتقان يەنە بىر تۈكۈم ئاشكارلانمىغان يېڭى رەسىملەر كومپيۇتېرغا ئېلىنغان ۋە قەغەز يۈزىگە چۈشۈرۈلگەن. ئەمما ئارخىپخانىنى كۆچۈرۈش سەۋەبىدىن ئارخىپخانىدىكى بىر قىسىم ماتىرىياللارنى ھۆكۈمەت ئارخىپخانىسىغا تاپشۇرۇۋەتكەن.

6. شىۋېتسىيە مۇزىكا ئارخىپخانىسى

 شىۋېتسىيە مۇزىكا ئارخىپخانىسى شىۋېتسىيەدىكى ئەڭ ئاساسلىق مۇزىكا ئارخىپخانىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ يەرگە ئۇيغۇر سەتئەتكارى كۈرەش سۇلتان كۆسەننىڭ يىغىپ ساقلىغان ماتىرىياللىرى، قول يازمىلىرى ، شەخسىي خەت-چەكلىرى، مۇزىكا ئەسەرلىرى، سەنئەت بۇيۇملىرى ۋە مۇزىكا ئەسۋاپلىرى قويۇلغان. كۈرەش سۇلتان كۆسەنگە مۇناسىۋەتلىك بارلىق ئۇچۇرلار ئارخىپخانىنىڭ كومپيۇتېرىغا كىرگۈزىلگەن بولۇپ، كۈرەش سۇلتان كۆسەن توغرۇلۇق ئۇچۇر ئىزدىگۈچىلەر ئۇ يەردىن بىمالال تاپالايدۇ. كۈرەش سۇلتان كۆسەننىڭ «ئەركەك سۇ» نامىدىكى ناخشا لېنتىسى شىۋېتسىيەدىكى  خەلق مۇزىكىلىرىنى باھالاشتا 2011-يىلدىكى ئەڭ نادىر ئون ئۈن لېنتىنىڭ ئىككىنچىسى بولۇپ باھالاندى.

شىۋېتسىيەنىڭ ئارخىپخانا ۋە مۇزىيلىرىدا ساقلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بۇ ماتىرىياللار ئۇزۇن يىللاردىن بىرى ئۇيغۇرلاردىن باشقىلارغا ئانچە مۇھىم ھېساپلىنىپ باقمىغان ئىدى. ئەمما ھازىر جۇڭگو پەنلەر ئاكادىمىيىسى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائى پەنلەر ئاكادىمىيىسى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزىيلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىماقتا.

 (ئۇيغۇر ئاكادىمىيىسىنىڭ 4-قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئوقۇلغان لېكسىيەنىڭ ئاساسى مەزمۇنى)

مەنبە:باغداش مۇنبىرى

 


مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 12

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 887 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 2قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2014-02-10