ساتيا نادېللا


ساتيا نادېللا


ساتيا نادېللاساتيا نادېللا

ئىنگلىزچە: Satya Nadella

خەنزۇچە: 萨帝亚·纳德拉

دۆلەت تەۋەلىكى: ئامېرىكا

تۇرۇشلۇق ئورنى: ئامېرىكا

تۇغۇلغان ۋاقتى: 1967-يىلى

تۇغۇلغان جايى: ھىندىستان ھىلالئاباد

كەسپى: مىكروسوفت باش ئىجرائىيە رەئىسى

ھىندىستاندا ئۇنىۋېرسىتېتتىكى ئوقۇشىنى تاماملىغاندىن كېيىن، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئامېرىكىدىكى ۋىسكونسىن-مىلۋائۇكې ئۇنىۋېرسىتى (University of Wisconsin-Milwaukee, UWM, UW-Milwaukee) ۋە چىكاكو ئۇنىۋېرسىتېتى (The University of Chicago) دا كومپىيوتېر ئىلمىي ۋە سودا باشقۇرۇش كەسپى بويىچە ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.

شەخسىي تەرجىمىھالى

2014-يىلى 2-ئاينىڭ 4-كۈنى، ساتيا نادېللا يېڭىدىن مىكروسوفتنىڭ CEO لىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى، 1992-يىلى مىكروسوفتقا كىرگەن بۇ ھىندىستانلىقنىڭ ئىلگىرىكى ۋەزىپىسى مىكروسوفت بۇلۇت ھېسابلاش (Cloud Computing) ۋە كارخانا بۆلىمىنىڭ ئىجراچى مۇئاۋىن لېدىرى ئىدى. مىكروسوفت نادېللانىڭ تەلىپى بويىچە، بىل گايتىسنىڭ باش قۇرغۇچى ۋە تېخنىكا مەسلىھەتچىلىكىدىن ئىبارەت يېڭى سالاھىيەت بىلەن مۇدىرىيەت يىغىنىدا ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى، ھەمدە تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت ئاجرىتىپ شىركەتنى تېخنىكا ۋە مەھسۇلات جەھەتتىكى مەسلىھەت بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جون زېمپسون (John Thompson) گايتىس ئىلگىرى ئۆتىگەن ۋەزىپە، شىركەتنىڭ باش دېرىكتورلۇق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى.

خىزمەت تارىخى

نادېللا ھەقىقەتەن مىكروسوفتنىڭ كۆپلىگەن مۇھىم تېخنىكا تۈرلىرىنى ئاچقۇچى، بۇ تېخنىكىلار سانلىق مەلۇمات ئامبىرى، Windowsمۇلازىمېتىرى ۋە تەرەققى قىلدۇرۇش ئەسۋابى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇ مەسئۇل بولغان مىكروسوفت Azure بۇلۇت مۇلازىمىتى بۇ ساھەدە ئىنتايىن قەدىرلەشكە ئېرىشىپ، ئامازون بۇلۇت مۇلازىمىتى (Amazon Web Services) نىڭ ئورنىنى ئالغۇچى دەپ ئاتالدى.

ئۇنىڭدىن باشقا، نادېللا مىكروسوفتقا ياردەملىشىپ بۇلۇت ھېساپلاش نۇسخىسىدىكى Office يۇمشاق دېتالى ھەم Office 365 نى چىقاردى. مىكروسوفىت Office 365 نىڭ تارىختىن بۇيان تەرەققىياتى ئەڭ تېز مەھسۇلات ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. 2013-يىلى 6-ئايغىچە بولغان ئالدىنقى مالىيە يىلىدا، مىكروسوفت بۇلۇت كەسپىنىڭ تىجارەت سوممىسى ئۆسۈپ 20 مىليارد 300 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى، ئەسلى ئۇ ئۆتكۈزۋالغان چاغدا 2011-يىللىق تىجارەت سوممىسى 16 مىليارد 600 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئىدى.

مىكروسوفت شىركىتىدە، نادېللا ئېغىر بېسىقلىق بىلەن 22 يىل خىزمەت قىلدى. ئۇ ئىلگىرى مىكروسوفتنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە سابىق CEO سى گايتىسنىڭ رەھبەرلىكى ئاستىدا خىزمەت قىلغانىدى، بىراق بىر تۈرلۈك مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆز ئۈستىگە ئالغانىدى، بۇ تەتقىقات (تور مۇلازىمىتى گۇرۇھى) نىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مۇئاۋىن لېدىرلىق ۋەزىپىسى، مىكروسوفت كارخانا ئىشلىرى بۆلىمىنىڭ مۇئاۋىن لېدىرلىق ۋەزىپىسى، ھەمدە مىكروسوفت مۇلازىمېتىرى ۋە مېدىيە ئىشلىرىنىڭ لېدىرلىق ۋەزىپىسى (بۇ بۆلىمنىڭ تىجارىتى 19 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن يۇقىرى) نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئۆتكەن 3 يىلدا، نادېللا مىكروسوفتنىڭ «بۇلۇت OS» كەسپىگە مەسئۇل بولدى. پىلان بويىچە، مىكروسوفتنىڭ ھازىر بار بولغان مۇلازىمېتىر يۇمشاق دېتالى ۋە تەرەققىيات ۋاستىسى كەسپى، خېرىدار تۈرى-مۇلازىمېتىر يۇمشاق دېتال نۇسخىسىنىڭ بۇلۇت ھېسابلاش نۇسخىسىغا ئۆزگىرىشىدىن كەلگەن. مىكروسوفت نۆۋەتتە ئالاقە تورى ۋە كۆچمە ھېسابلاش دائىرىسىنى بىۋاسىتە قوغلىشىشقا ئاتلاندى، نادېللا ئىدارە قىلىۋاتقان كەسىپ شەك-شۈبھىسىزكى باشلامچىلىق رولىنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى.

ئىلگىرى «ھىندىستان ئىقتىساد گېزىتى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئامېرىكا Forrester تەتقىقات شىركىتىنىڭ ئانالىزچىسى جامىس سىتاتېن (James Staten) ئەۋزەللىكى ۋە ياخشى بولمىغان تەرەپلىرىنى تىلغا ئالغان ئىدى. بۇ ئانالىزچىنىڭ بىلدۈرىشىچە، نادېللا ئىلگىرى خىزمەت موتورىنى ئىزدىگەندە، مىكروسوفتنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتىنى، يېڭىلىق يارىتىش ۋە مەھسۇلات ئېچىش سۈرئىتىنى تېزلىتىش لازىملىقىنى ھېس قىلغان، نادېللا يەنە ئالاقە تورى مۇلازىمىتىنىڭ زور قىممىتىگە ناھايىتى ئەھمىيەت بەرگەن، ھەمدە مىكروسوفتنىڭ بۇلۇت ھېسابلاشقا ئالمىشىشىغا يېتەكچىلىك قىلغان، ئۇنىڭدىن باشقا، نادېللا مىكروسوفتنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى تۈرلۈك چەكلىمىلەرنى بۇزۇپ تاشلاپ، كوللېكتىپ ھەمكارلىشىش ئارقىلىق نادىر مەھسۇلاتلارنى بارلىققا كەلتۈرۈشنى تەكىتلىگەن.

نادېللانىڭ ئاجىزلىقى توغۇرلۇق سۆزلىگەندە، ئانالىزچى سىتاتېن، نادېللانىڭ قارشى پىكىرلەرگە نىسبەتەن سەۋرىچانلىقى يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى، بىراق يەنىلا ئەتراپىدىكى پىكىرلەر بويىچە تەرەققىيات سېتراتىگىيىسىگە ئاز-تولا ئۆزگەرتىش كىرگۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مۇھىم ۋەزىپىسى

ئۆتكەن يىگىرمە يىلدا، نادېللا ئىزچىل مىكروسوفتنىڭ CEO سى بالمېر (SteveBallmer) ۋە قۇرغۇچىسى گايتىس بىلەن زىچ ھەمكارلاشقان، ھەمدە كۆپ قېتىم بالمېرنىڭ قوللىشى ۋە مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشكەن، بۇ ئۇنىڭ ئىلگىرى بالمېر بېكىتكەن مىكروسوفتنىڭ بۇرۇلۇش تەدبىرىنى داۋاملىق يۈرگۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

نادېللاغا قالدۇرۇلغان ۋاقىت يېتەرلىك بولمىسىمۇ، لېكىن يېڭىدىن تەرەققىي قىلىۋاتقان ئالاقە تورى ئالدىدا، مىكروسوفت ناھايىتى زور ۋە ئاستا ھەرىكەت قىلىدىغان ئانا كېمە، نادېللا PC مەشغۇلات سىستېمىسى ۋە كارخانا مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئەۋزەللىكىنى ساقلاپ قالغاندىن باشقا، يەنە مىكروسوفتنىڭ بيۇروكراتچىلىقىنى بۇزۇپ تاشلاپ، مەھسۇلاتقا بولغان چۈشەنچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، مىكروسوفتنىڭ ئالاقە تورى ۋە كۆچمە كەسپىنى قۇتقۇزۇپ قالدى.

كەسپ ئەھلىلىرىنىڭ قارىشىچە، مىكروسوفتنىڭ نەچچە يىلدا بىر قېتىم يۇمشاق دېتال ۋە يۇمشاق دېتالنىڭ سېتىلىشىنى يېڭىلاشتەك ئۇسۇلىنىڭ ۋاقتى ئۆتتى. يۇمشاق دېتالنىڭ ۋاقتى تېزلا ئۆتۈپ، بۇلۇت دەۋرىگە يۆتكىلىدۇ، قوشۇلما قىممەت مۇلازىمىتى ۋە سانلىق مۇلازىمەت ئارقىلىق پايدىغا ئېرىشىش بۈگۈنكى كۈندىكى ئاساسىي ئېقىمغا ئايلاندى. مىكروسوفتنىڭ Office 365 ى بىر قېتىملىق ئىنتايىن ياخشى بۇرۇلۇش ھېساپلىنىدۇ. بىراق بۇ پەقەت بىر باشلىنىش، مىكروسوفت تېخىمۇ كۆپ يۇمشاق دېتال مۇلازىمىتىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشى كېرەك.

تىجارەتتە بۇرۇلۇش ھاسىل قىلىشتىن باشقا، مىكروسوفتنى قايتىدىن ئېنژېنىرلىق ئىلمىگە قايتۇرۇپ كېلىشمۇ نادېللانىڭ جىددىي ھەل قىلىشىنى كۈتىۋاتقان مەسىلە. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، گايتىسنىڭ تېخنىكا مەسلىھەتچىلىكىدىن ئىبارەت يېڭى سالاھىتىمۇ نادېللانىڭ كۈچلۈك تىرىشچانلىقىنىڭ نەتىجىسى ئىكەن، گايتىسنىڭ تېخنىكا مەسلىھەتچىلىك خىزمىتىنى قانداق تەرەققىي قىلدۇرىدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس، بىراق خەۋەر بەرگۈچىلەرنىڭ دېيىشىچە، گايتىس ئىلگىرى كەلگۈسىدە ھەر ھەپتىدە بىر كۈن مىكروسوفتتا خىزمەت قىلىش مەسىلىسىنى ئويلاشقان. «خۇڭگو قانىلىدىن ھالقىش» نىڭ ئاپتورى گىئوففرېي مورې (Geoffrey Moore) نىڭ بىلدۈرۈشىچە، مىكروسوفت ئاللىقاچان بۇ شىركەتنىڭ ھايات-ماماتلىق ئېلىشىش ئۈستىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغان، google بىلوگى نۆۋەتتە ئەۋزەل ئورۇندا تۇرىۋاتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە گايتىس ھەپتىدە پەقەت بىر نەچچە كۈنلا مىكروسوفتنىڭ ئېچىش خىزمىتىگە قاتنىشىۋاتىدۇ، قاتتىق دېتال ۋە مۇلازىمەتتە چوڭ پەرق بار.

مىكروسوفت نۆۋەتتە ئېلان قىلغان CEO نىڭ نامزاتلىرى ئىچىدە، نادېللا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرمايدۇ، ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغىنى، فورد ماشىنا شىركىتى (Ford Motor Company) نىڭ ھازىرقى CEO سى ئالان مۇلاللى (Alan Mulally)؛ ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغىنى ئىلگىرى نوكىيادا ۋەزىپە ئۆتىگەن ستېفېن ئېلوپ (Stephen Elop)؛ ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدىغىنى ئىلگىرى ئىزچىل Skype كەسپىگە يېتەكچىلىك قىلغان تونى باتېس (TonyBates).

كەسپىي كۆز قارىشىغا باھا

ئېيتىشلارغا قارىغاندا، نادېللانىڭ مىكروسوفتنىڭ ئىچكى قىسمى ۋە كەسپىي ساھەدە شان-شۆھرىتى يۇقىرى ئىكەن. Box نىڭ باش ئىجرائىيە رەئىسى ئارون لېۋىيې (Aaron Levie) ئىلگىرى Twitter دا ئېلان قىلغان خەۋىرىدە: «نادېللا مىكروسوفت CEO نىڭ ئىنتايىن كۈچلۈك نامزاتى، ئۇ تەكشىلىكنى قانداق قۇرۇش، بۇلۇت كەسپىنى قانداق تەرەققىي قىلدۇرۇشنى بىلىدۇ، ھەمدە يىراقنى كۆرەر» دېدى.

FBR كاپىتال بازىرىنىڭ مۇئاۋىن لېدىرى دان-لۋېس (Dan-Ives) باھا بېرىپ، كەڭ جامائەتچىلىكنىڭ مىكروسوفتدىن ئۈمىدۋارلىق بىلەن كۈتىدىغىنى، ئۇلارنىڭ سىرتتىن بىر ئادەم تېپىپ، مىكروسوفتنى قورشىۋالغان چوڭ قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىش، مەسىلەن، زىيان تارتقان ئويۇن ماشىنىسى كەسپى Xbox نى قۇتقۇزۋالغىلى بولامدۇ يوق؟ دېگەندەك. ھازىر ئىچكى قىسىمدىن بىرى ۋەزىپىگە ئولتۇردى، بۇ خىل ئىسلاھاتنىڭ ئۈمىدىمۇ يوققا چىقتى.

نومۇرا ئاكسىيىسىنىڭ ئانالىزچىسى رىك-شېرلۇند (Rick-Sherlund) نىڭ بىلدۈرۈشىچە، نادېللا CEO لىقنى ئۈستىگە ئالمايلا، دەماللىققا  130 مىڭ ئادىمى بار چوڭ تىپتىكى شىركەتكە رەھبەرلىك قىلسا، سىتراتىگىيە بەلگىلەشتىن تارتىپ كەسپىي تىجارەتكىچە، نادېللا قاتتىق ئېلىشىشقا دۇچ كېلىدۇ. مىكروسوفت ئاخىرىدا يەنىلا بۇ كەلگۈسى ئون يىلدا مىكروسوفتنىڭ CEO لىقنى ئۈستىگە ئالالايدىغان پەن-تېخنىكا ئارقا كۆرىنىشىگە ئىگە يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى تېپىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

مىكروسوفتنىڭ قۇرغۇچىسى بىل گايتىسنىڭ بىلدۈرۈشىچە: «بۇ ئۆتكۈنچى دەۋىردە، مىكروسوفتقا ساتيا نادېللادىنمۇ ياخشىراق يېتەكچىلىك قىلالايدىغان ئادەم يوق. نادېللا ئۇزۇن مەزگىل سىناقتىن ئۆتكەن باشلامچى، مول بولغان قۇرۇلۇش تېخنىكىسىغا ئىگە، سودا ساھاسىدىكى نەزەر دائىرىسىمۇ كىشىلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇشقا يېتەرلىك. مىكروسوفت مەھسۇلاتلىرىنىڭ يېڭىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك تېخنىكىلارنى قانداق قىلىپ پۈتۈن دۇنيادا قوللىنىشتىن ئىبارەت كۆز قارىشى شىركەتنىڭ دەل ئېھتىياجلىق بولىۋاتقىنىدۇر.»

مەنبە: بەيدۇ قامۇسىدىن ئامىنە تەرجىمە قىلدى

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 4

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 641 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 9قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2014-03-31