ئابلىمىت ئاقيول

 

يازغۇچى ئابلىمىت ئاقيولىنىڭ  تەرجىمىھالى



ئابلىمىت ئاقيولئابلىمىت ئاقيول

  شائىر، يازغۇچى ئابلىمىت مۇھەممىدى ئاقيولى 1949-يىل 10-ئايدا بۈگۈر ناھىيسىنىڭ چېدىر يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى تاماملىغاندىن كېيىن، ئائىلە ئەمگىكى بىلەن شۇغۇللانغان. 1965-يىلى 12-ئايدا چاقىرىق بويىچە خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىگە قاتنىشىپ، قەشقەر سابىق مىللىي ئاتلىق 3-پولكتا مۇنتىزم ھەربىي تەلىم-تەربىيە ئالغان. روتا ۋە پولك شىتابلىرىدا كاتىپ، پولك سىياسىي باشقارما تەشۋىقاتچىسى بولغان، تەكلىماكاندىكى چاسا دېھقانچىلىق مەيدانىدا بوز يەر ئېچىپ تېرىقچىلىق قىلغان، شىزاڭنىڭ ئالى رايونىدىكى قارا قۇرۇم-گاندىس چېگرا مۇداپىيە قىسمىدا روتا سىياسىي يېتەكچىسى بولغان. ئۇ 1973-يىلى كەسىپ ئالماشتۇرۇپ، قاغىلىق تاشيول باش ئوچاستېكا شىنجاڭ-شىزاڭ چېگرا مۇداپىئە تاشيولىنىڭ شەيدۇللا ئوچاستېكىسى، باش ئوچاستىكا يول-كۆۋرۈك قۇرۇلۇش ئەترەتلىرىدە سىياسىي يېتەكچى، باش ئوچاستېكا يول-كۆۋرۈك قۇرۇلۇش ئەترەتلىرىدە سىياسىي يېتەكچى، باش ئوچاستېكا ئىتىپاق كومىتېتىنىڭ دائىمىي ئىشلار مەسئۇل خادىمى بولغان. 1976-يىل 10-ئايدا كورلا تاشيول باش ئوچاستېكىسىغا ئالمىشىپ، قوغداش خادىمى، شوپۇر يېتىشتۈرۈش ئەترىتىنىڭ يېتەكچىسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش خادىمى، باش ئوچاستېكا ئىشچىلار ئۇيۇشما رەئىسى، باش ئوچاستېكا باشلىق ياردەمچىسى ۋەزىپىلىرىنى ئۆتىگەن. 1981-يىل 9-ئايدىن 1985-يىل 7-ئايغىچە ئاپتۇنۇم رايونلۇق پارتىيە مەكتىپىنىڭ پارتىيە-ھۆكۈمەت كادىرلىرىنى يېتىشتۈرۈش سىنىپىدا ئاساسىي نەزەرىيە كەسپى بويىنچە ئوقۇپ، ئالىي تېخنىكۇم دېپلۇمىغا ئېرىشكەن. 1991-يىلى 11-ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق شىنخۇا 2-باسما زاۋۇتىغا يۆتكىلىپ، پارتكوم ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارى، زاۋۇت پارتكۇمنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارى ۋەزىپىلىرىنى ئۆتىگەن. 1997-يىلى ئالىي سىياسىي خادىم ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.
  ئابلىمىت مۇھەممىدى ئاقيولى ئاتىسىدىن كىچىك يېتىم قېلىپ، خەلق ئەدەبىيات-سەنئىتىنىڭ نەمۇنىلىرىنى پىششىق بىلدىغان ئانىسىنىڭ تەربىيسىدە ئۆسكەن. مۇڭلۇق خەلق ناخشىلىرى، چۆچەك-رىۋايەتلەر،دېھقانلار تۇرمۇشى، تەبىئەتنىڭ ئۆزگىچە خوۋلۇقلىرى ئۇنىڭ سەبىي قەلبىدە لىرىك ھېس بىخلاتقان، ئوقۇشقا ھېرىسمەن بولۇپ، بەدىئىي ئەدەبىياتقا ئىشتىياق باغلاپ، ھەرخىل تۈر ۋە ژانىرلاردا ئىجاد قىلىشقا كىرىشكەن. ئۇنىڭ تۇنجى شېئىرى 1975-يىلى »قەشقەر گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغاندىن باشلاپ، ھازىرغا قەدەر 400 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر، 21 پارچە ھېكايە، 30 پارچە نەزەرىيىۋى ماقالە، 500 پارچىدىن ئارتۇق چوڭ-كىچىك تەرجىمە ئەسەر، 800 پارچىدىن ئارتۇق ئاخبارات ماقالىرىنى ئېلان قىلغان. يەنە 20 پارچىدىن ئارتۇق رىۋايەت ۋە چۆچەك، 300 كۇپلىتتىن ئارتۇق خەلق قوشاقلىرىنى توپلاپ، رەتلەپ ئېلان قىلغان. بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنى توپلاش، رەتلەش، بېكىتىش، نەشىر قىلىش ۋە »ئۈچ توپلام«خىزمىتىگە تەكلىپ بويىچە باشتىن-ئاياغ قاتناشقان. ئۇنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت ئىش-ئىزلىرى »جوڭگۇنىڭ زامانىمىزدىكى سەنئەتكارلىرى قامۇسى«، «جۇڭخۇا مەشھۇر كىشىلىرى، دەۋرىمىز مەدەنىيەت تومى«، «دۇنيانىڭ مەدەنىيەت ساھاسىدىكى مەشھۇر شەخسلەر لۇغىتى، جوڭگۇلۇقلار تومى» قاتارلىق قامۇسلارغا كىرگۈزۈلدى. مەركىزىي مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان  «توي تەنتەنىسى» ناملىق كوللېكتىپ شېئىرلار توپلىمىغا، «نەشپۈتزارلىقتا» ناملىق يەرلىك توپلامغا ئۇنىڭ بەزى ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلدى. «ئېمپىراتۇر تۆمۈرلەڭ»  ناملىق تەرجىمە كىتابى (باشقىلار بىلەن بىللە) شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن 2000-يىلى نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلدى. ئۈچ پارچە ئەدەبىي ئەسىرى ۋە 16 پارچە ئاخبارات ماقالىسى ھەرخىل مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى. ئۇ 18 يىل ئۇدا «مۇنەۋەر ئىختىيارىي مۇخبىر» بولۇپ مۇكاپاتلاندى. ئۇنىڭ »غۇبارسىز بالىلىق» ناملىق شېئىرلار توپلىمى ئۇنىڭ  30 يىللىق ئىجادىيەت توپلىمى بولۇپ، ئۇ كىتاب قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن 2004-يىلى نەشىر قىلىندى. ئاپتۇر كىتابىدا دەۋرىمىزدىكى بالىلارنىڭ پاك ئىچكى دۇنياسىنى ئۆسمۈرلەرنىڭ ئالاھىلىدىككە ماس ھالدا ساددا، تاڭسۇق تىل، قايناق ھېسىيات بىلەن ئەكس ئەتتۈرگەن.

  ئابلىمىت مۇھەممىدى ئاقيولى تاغىمىز ھازىر 65 ياشقا كىرىپ قالدى. ئۇ ھەربىي قىسىمدا تۇرغان چېغىدا بىر قېتىملىق قاتناش ۋەقەسىدە ئېغىر زەخمىلەنگەندى. ھازىر ئۇنىڭ سول پۇتى مېيىپ بولۇپ، ئۆزى ھاسا بىلەن يۈرۈيدۇ. لېكىن، ئۇ يېشىنىڭ چوڭلىقى ۋە سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ناچار بولۇشىغا قارىماي، ئىجادىيەت ۋە يېزىقچىلىقنى توختىتىپ قويغىنى يوق. ئۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھەر قايسى نەشرىيات ۋە نەشرىيات سودىگەرلىرىگە »رەڭگارەڭ قەترىلەر«(ئىلمى ماقالىلەر توپلىمى)، «پەرىشتىنىڭ چۈشلىرى» (بالىلار چۆچەكلىرى، مەسەللەر توپلىمى)، «جەڭگاھتىكى كەچمىشلەر» (ھەربىي سەپتىكى راست ئىشلار خاتىرىسى)، «تېپچەكلەۋاتقان يۈرەك»، «يۈرەك تېۋىشلىرى»، «ئېھ،چېگرا مۇداپىيەت جەڭچىسى«، (شېئىرلار توپلىمى) قاتارلىق ئەسەرلەرنى سۇندى. ئۇ يەنە داۋاملىق ھالدا  يېزىقچىلىق ۋە ئىجادىيەت ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولماقتا.
  ئابلىمىت مۇھەممىدى ئاقيولى ھازىر بايىنغولىن ئوبلاستلىق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئىتى، «كىروران«(ئىلگىرىكى  «بوستان«) ژۇرنىلىنىڭ تەھرىر ھەيئىتى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق ئەدەبىيات-سەنئىتى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.

مەنبە: مىسرانىم مۇنبىرى

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 73

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 575 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 2قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2014-02-06