چىرا

 


«چىرا» نامى توغرىسىدا

 

ئابدۇللا سۇلايمان

  قارا قۇرۇم تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكى، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي تەرىپىدە شىمالدىن جەنۇبقىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 468 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكىچە كەڭلىكى تەخمىنەن 35 ــــ 121 كىلومېتىر كېلىدىغان چىرا بوستانلىقى بار. تارىم ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغ تىزمىلىرى بىلەن، شىمالدا تەكلىماكان قۇملۇقى بىلەن تۇتاشقان بۇ بوستانلىقنى قۇرۇق جىلغىلار ۋە چۆللۈكلەر تۆت پارچە كىچىك بوستانلىققا بۆلۈۋەتكەن.
  قارا قۇرۇم تېغىنىڭ شىمالىي تەسكەيلىكلىرىگە جايلاشقان تۆت يېزا (چاقار، نۇرى، ئۇلۇغساي، بوستان) ۋە تاغ ئاستىدىكى چىرا، گۇلاخما، دامىكۇدىن ئىبارەت ئۈچ يېزىدىن تەركىب تاپقان ھازىرقى چىرا ناھىيىسى قەدىمدە «چىرا بەگلىكى» دەپ ئاتىلىپ، غەربىي رايون تەۋەسىدىكى 36 بەگلىكنىڭ بىرى ھېسابلانغان. «مىڭ سۇلالىسى تارىخى» نىڭ 332-جىلد 220-تەزكىرىسىنىڭ 8614- بېتىدە: «ئۇدۇن قەدىمدىن بۇيان چوڭ بەگلىك بولۇپ، سۈي ۋە تاڭ سۇلالىسى يىللىرىدا رۇڭلۇ، ئۇزۇنتات (‹ئۇزۇن› ــــ بويىغا، ئالدىغا قاراپ سوزۇلغان؛ ‹تات› ــــ پۇقرا، ئەل دېگەن مەنىگە ئىگە بولۇپ، ‹ئۇزۇنتات› ــــ ‹ئۇزۇن يولدىكى ئەل› دېگەن مەنىگە ئىگە) چېدىر (ھازىرقى چىرا)، گۇما قاتارلىق بەگلىكلەرنى يۇتۇپ كەتكەن» دەپ يېزىلغان. بۇنىڭدىن تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە چىرا ئۇدۇن (ھازىرقى خوتەن) نىڭ باشقۇرۇشىغا تەۋە ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. «چىڭ سۇلالىسى تارىخى كۇپىيىسى» 76- جىلد 51-تەزكىرە، جۇغراپىيە قىسمىنىڭ 23-سىدە: «خوتەن بىۋاسىتە ئايماق بولۇپ، ئۇنىڭغا ئىككى ناھىيە قارايتتى. بۇنىڭ بىرى ئۇدۇن ئىدى. ئۇ بىۋاسىتە ئايماقنىڭ شەرقىدە بولۇپ، 460 چاقىرىم كېلەتتى. مىلادىيە 1883-يىلى ناھىيە بولۇپ قۇرۇلغان، ئورنى قاراقاشتا بولغان. ئۇزۇن ئۆتمەي كېرىيىگە يۆتكەلگەن. كېرىيە بازىرىدىن غەربكە قاراپ ماڭغاندا ئىككى ئۆتەڭ بار ئىدى. ئۇنىڭ بىرى خەنلەن (بۈگۈنكى قارا قىر)، بىرى چېدىر (بۈگۈنكى چىرا) ئىدى” دەپ يېزىلغان. ھازىرقى چىرا ناھىيىسى مىنگونىڭ دەسلەپكى دەۋرىدە چىرا كەنتى دەپ ئاتىلىپ، كېرىيە ناھىيىسىنىڭ باشقۇرۇشىغا تەۋە بولغان. مىنگونىڭ 8-يىلى (1919-يىلى) مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى تەسىس قىلىنغان. مىنگونىڭ 17-يىلى (1928-يىلى) ئۈچىنىچى دەرىجىلىك ناھىيىگە ئۆزگەرتىلىپ، چىرا ناھىيىسى دەپ ئاتالغان. 
»  چىرا» دېگەن نامنىڭ پەيدا بولۇشى، مەنىسى توغرىسىدىكى چۈشەنچە بىردەك ئەمەس. يىغىنچاقلىغاندا، بۇ ھەقتە مۇنداق بىرقانچە خىل قاراش بار:
بىرىنچىسىدە: چىرا دېگەن سۆز «چىلان» دېگەن مەنىدە. چىرادا چىلان دەرىخى كۆپ بولۇپ، چىلان كۆپ چىقىپلا قالماستىن، بەلكى چىلان ياغىچىدا ياسالغان قوشۇق شىنجاڭنىڭ ھەممە يېرىدە سېتىلىدۇ. بۇ چىرا ناھىيىسىنىڭ داڭلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. چىرا بىلەن چىلاننىڭ تەلەپپۇزى ئوخشاش بولۇپ، «چىرا» دېگەن سۆز «چىلان» دېگەن سۆزدىن ئۆزگەرگەن، دېيىلىدۇ.
ئىككىنچىسىدە، «چىرا» دېگەن سۆز «چىرايلىق» دېگەن مەنىدە. رىۋايەت قىلىنىشىچە، بۇرۇن بۇ يەردە موڭغۇللار ئولتۇراقلاشقانىكەن. موڭغۇللار ئىشلىتىدىغان چىنىنىڭ چۆرىسىگە ھەر خىل گۈل چېكىلگەن بولۇپ، ئىنتايىن چىرايلىق ئىدى. ئۇ «چارا» دەپ ئاتىلاتتى. چىرا تەۋەلىكىدە تاغ ئۈستى ۋە تاغ ئاستىدا پارچە-پارچە بوستانلىقلار بولۇپ، شاھمات ئۇرۇقىدەك يېيىلغان. ئۇ گويا موڭغۇللارنىڭ چىنىسىدەك گۈزەل، چىرايلىق ئىدى. «چىرا» دېگەن نام شۇنىڭدىن ئۆزگەرگەن، دېيىلىدۇ.
ئۈچىنچىسىدە، يۇەن سۇلالىسى دەۋرىدە غەربىي يۇرتتا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان ئالتە مۇھىم شەھەر بولۇپ، ئۇنىڭ بىرى چىرا ئىدى. ئۇنىڭ ئۇيغۇرچە مەنىسى: «سۇنى چېگرىغا باشلاپ كېلىش» دېيىلىدۇ.
تۆتىنچىسىدە: چىرا ھەققىدىكى ئەڭ بۇرۇنقى يازما مەنبەلەردە ئۇچرايدىغىنى «خەننامە» دىكى(蕖勒)بولۇپ، بۇ ئاتىلىش «چىرا» دېگەن سۆزنىڭ خەنزۇچە ئاھاڭ تەرجىمىسى (تەلەپپۇزى) ئىكەنلىكىنى ھېلىھەم بىر قاراپلا بىلىۋالغىلى بولىدۇ، شۇنداقلا ئۇ «چىرا» نىڭ ئۆزى، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىدا ئۇنىڭغا بىر ھەرپ (دىش) قوشۇلغان. «ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىدىن قىسقىچە سۆزلۈك» دېگەن كىتابتا، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىدا «چەرا» دېگەن سۆزنىڭ كونىچە يېزىلىشى «چىرا» ئىكەنلىكى، بۇ ئەسلىي پارسچە سۆز بولۇپ، ئۇنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى مەنىسى «ئوتلىماق»، «ئوتلاق» دېگەنلىك بولىدىغانلىقى چۈشەندۈرۈلگەن. قەدىمكى «چىرا بەگلىكى» نىڭ ئەسلىي خارابىلىكى (ئورنى) ھازىرقى چىرا ناھىيىسىنىڭ نۇرى دېگەن يېرىدە بولۇپ، چىرانىڭ بۇ تاغلىق رايونىدىكى ئاھالىلەر ھېلىھەم يېرىم دېھقانچىلىق، يېرىم چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. بۇ تاغلىق رايوندا ھېلىھەم 7 مىليون 433 مىڭ مو ئوتلاق بولۇپ، بۇ ئوتلاقتا يىلىغا 3-4 يۈز مىڭ تۇياق چارۋا بېقىلىدۇ. بۇ تاغلىق رايوننىڭ جۇغراپىيىلىك شارائىتى، يېزا ئىگىلىك كەسپىي قۇرۇلمىسى «چىرا» دېگەن بۇ نامغا ماس كېلىدۇ. ھازىر بۇ تاغلىق رايوننىڭ قارلىق تاغقا يېقىن بولغان قاپتىلىدا «بۇكتە يول» دەيدىغان بىر يول بار. تاغ بېغىرلاپ ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئەگرى-بۈگرى بۇ يول يۇرتتىن-يۇرتقا ئۇلىشىپ كېتىدۇ. «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا «بۇكتەر» سۆزى «تاغنىڭ ئېگىز-پەس يېرى»، «تاغنىڭ ئېگىز - پەس يولى» دەپ شەرھلەنگەن. مۇشۇ يولنى غەربىي يۇرتتىكى جەنۇبىي يىپەك يولى، دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇ. شاھمۇھەممەد جۇراس ئۆزىنىڭ «سەئىدىيە خانىدانلىقى تارىخىغا دائىر ماتېرىياللار» دېگەن كىتابىدا، ئابدۇكېرىمخان دەۋرى (1570 ــــ 1620) دە «چىرا» دەپ ئاتىلىدىغان بۇ يۇرتنىڭ بارلىقىنى قەيت قىلىپ: «ھەزرىتى ئەزىزلەر خوتەن مەملىكىتىگە يېتىپ كەلگەندە، قۇرەيش سۇلتان ئۇلۇغ كىشىلەرنىڭ ھەمراھلىقىدا قارشى ئېلىشقا چىقتى ھەمدە ھاجەتمەنلىكىنى بىلدۈردى. ھەزرىتى ئەزىزلەر ئىمام زەبىھۇللانىڭ مازارىغا بېرىپ قايتىپ كېلىپ، ئۈچ يىل ‹چىرا› دېگەن يەردە تەرىقەتتە يول تاپالمىغان كىشىلەرنى تەرىقەتكە باشلاش بىلەن شۇغۇللاندى» دەپ يازغان. بۇ ئەسەرنىڭ يېزىلغىنىغىمۇ 390 يىلدىن ئاشتى، دېيىلىدۇ.
بەشىنچىسىدە: «چىرە» دېگەن ناممۇ تارىخىي ئەھۋال ۋە چىرا شارائىتىغا ئۇيغۇن. بۇ سۆزنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى مەنىسى «چاققان، جاسارەتلىك، غالىب» دېگەنلىك بولىدۇ. بۇنىڭدىكى «غالىب» دېگەن مەنىنىڭ «خەننامە» دىكى: «چىرا دۆلىتىنىڭ 300 غالىب ئەسكىرى بار» دېگەن سۆز بىلەن خېلى يېقىن مۇناسىۋىتى بار. چۈنكى، تارىختىكى بىرەر مۇھىم ۋەقەنىڭ يىغىنچاق مەزمۇنىنى بىرەر يەرگە نام قىلىپ قوللىنىش دائىم بولۇپ تۇرىدىغان ئىش، دېيىلىدۇ.
ئالتىنچىسىدە، چىرانىڭ جۇغراپىيىلىك يەر تۈزۈلۈشىدىن قارىغاندا، قەدىمكى تۈرك تىلىدىكى «جىرا» دېگەن سۆز كېيىنكى دەۋرلەردە «ج» ھەرپىنىڭ «چ» ھەرپىگە ئالمىشىشى نەتىجىسىدە ھازىرقى «چىرا» غا ئۆزگەرگەن، دېيىشنىڭمۇ ئاساسى بار. چۈنكى، «جىرا» دېگەن سۆزنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى مەنىسى «سۇنىڭ يەرلەرنى ئويۇپ كېتىشىدىن پەيدا قىلغان ئېرىق، ئېقىن»، «تاغ جىلغىلىرىدىكى يامغۇر سۇلىرىنىڭ ئېقىشىدىن ھاسىل بولغان تەبىئىي ئېرىق» دېگەنلەردىن ئىبارەت. چىرانىڭ قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە سۇ ئاققان جىلغىغا ــــ جىراغا-توققۇز ئېقىن بويىغا جايلاشقانلىقى ئېنىق. قەدىمدە مۇشۇ «جىرا» دېگەن نام بىلەن ئاتىلىپ (‹جارىيا› دەپمۇ ئاتالغان)، كېيىن تىل تەرەققىياتى جەريانىدا «ج» تاۋۇشىنىڭ «چ» تاۋۇشىغا ئالماشقانلىقىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ. «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا قەدىمكى تۈرك يېزىقىدىكى «ج» تاۋۇشىنىڭ تولىسى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا «چ» تاۋۇشىغا ئالماشقانلىقىنى كۆرىمىز، دېيىلىدۇ. 
يەتتىنچىسىدە، چىرانىڭ شىمالىدا قارا چىلان قۇملۇقى، جەنۇبىدا قاراقاش تېغى بار. تېكىلىك ــــ ھاشى دەرياسى (ھازىرقى چىرا دەرياسى) قارا چىلان (قىرى چىلان) قۇملۇقىغا سىڭىپ كېتىدۇ. بۇ دەريانىڭ شەرقىدە ھازىرقى ئۇزۇنتاتتا «گۈلھەمى» (گۇمى، جيۇمى) قەدىمكى شەھەر دۆلىتى بار ئىدى. «چىرا» نىڭ قەدىمكى تىلدىكى بىر مەنىسى «ئوتلاق»، «چىمەن»، «گۈزەل يەر»، يەنە بىر مەنىسى «بېزەك»، «ئۈنچە قۇملۇق» دېگەن بولىدۇ، دېيىلىدۇ.
  يۇقىرىدا بايان قىلىنغان يەتتە خىل قاراش ئىچىدە قىياس ۋە تەسەۋۋۇرغا تايىنىپ يەكۈنلەنگەنلىرىمۇ، تارىخىي پاكىتلارغا ئاساسەن، شۇنداقلا تارىخىي پاكىتلار بىلەن تەبىئىي جۇغراپىيىلىك جايلىشىشنى بىرلەشتۈرۈپ يەكۈنلەنگەنلىرىمۇ بار، دېيىلىدۇ. «چىرا» نامى توغرىسىدىكى بۇ قاراشلار ئىچىدە ئالتىنچى قاراشنىڭ، يەنى «جىرا» نامىنىڭ ئۇزاق ئەسىرلىك تىل تەرەققىياتى جەريانىدا «چىرا» دەپ ئاتىلىپ كەلگەنلىكىنى جەزملەشتۈرۈش بىلەن بىللە، «جىرا» نامىنىڭ يەنە خوتەن بۇددىزمى بىلەن نوم تەپسىرچىلىكى ئادىتى بويىچە «جارىيا» (خوتەن رايونىدىكى «ھاڭكۇيا، زاڭكۇيا، ماكۇيا، داكۇيا...» دېگەنلەرگە ئوخشاش يەر ناملىرى بار) دەپ ئاتالغانلىقىدەك تارىخىي يازما پاكىتقا ئاساسەن، بۇ نامنى ئەڭ قەدىمكى نام، دەپ قاراشقا بولىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، «چىرا» نامىنىڭ «ئوتلاق، ئوتلىماق» دېگەن مەنىگە ئىگە ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى تۆتىنچى قاراشمۇ «چىرا» (سۇنىڭ يەرلەرنى ئويۇشىدىن ھاسىل بولغان ئېرىق، تەبىئىي ئېقىن) سۆزى بىلەن ياندىشىپ، «ئوتلاق» نىڭ كەڭ سوزۇلغان «جىرا» ــــ جىلغا يامزاللىرىدا، ئېقىن بويلىرىدا بولىدىغانلىقىدەك جۇغراپىيىلىك ھالەتنى ئىپادىلەيدۇ.
شۇنى ئېيتىش لازىمكى، ھازىر بىر قىسىم نەشر بۇيۇملىرىدا، كىتابلاردا، ۋىۋىسكا ۋە ئالاقىلەردە «چىرا» دېگەن بۇ نام «چىرىيە» دەپ ئاتىلىۋاتىدۇ. بۇنداق يېزىش ۋە ئاتاش بىر قىسىم يەر ناملىرىغا (مەسىلەن، فرانسىيە، تۈركىيە، گېرمانىيە... دېگەندەك) تەقلىد قىلىنغان مودىچە ئاتاش بولۇپ، ئەسلىي نامنى بۇزۇش ۋە ئۆزگەرتىشتۇر. 

)ئاپتور: خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومىنىڭ پروفېسسورى(

»شىنجاڭ ياشلىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2007– يىللىق 3–سانىدىن

توردىكى مەنبەسى: ئىزدىنىش مۇنبىرى

 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 3

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 508 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2014-02-04