غەزە رايونى

 

ئۈستى ئوچۇق تۈرمە–غەززە رايونى

 

 پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنىشىدا غەززە رايونى يەنە بىر قېتىم قانغا بويالدى، غەززەدىن ئىبارەت بۇ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ «ئۈستى ئوچۇق تۈرمە» يەنە بىر قېتىم كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا نامايەن بولدى. بۇ يەر ئىنتايىن مۇرەككەپ ئۆچ–ئاداۋەت ۋە زىددىيەت بىلەن تولغان. ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى روبىن ئىلگىرى مۇنداق دېگەن ئىدى: بىز ھېچ بولمىغاندا بىرەر تۈپ دەرەخ تىكىپ، بىرەر يەرلەرگە تاش يول ياساپ، تىنىچ تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ئويلاۋاتقىلى 100 نەچچە يىل بولدى. بىزنىڭ قىلىۋاتقان ئۇرۇشلىرىمىزغا ئارزۇ-ئۈمىدلىرىمىز ھامىلدار.

بۇ زېمىن ئۈچۈن ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد ھاياتىنى قۇربان قىلىۋاتقان كىشىلەرگە نىسبەتەن بۇ يەرگە سېلىنغىنى بەخت-سائادەت «ئۇرۇقى» مۇ ياكى «بەخت–سائادەت» ئۇرۇقىمۇ، بۇنى ۋاقىت ئىسپاتلايدۇ.

دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئۈستى ئوچۇق «تۈرمە» نىڭ كۆلىمى تەخمىنەن 365 كۋادرات كىلومېتر كىلىدۇ، بۇ يەرگە «قامالغان» ئادەملەر 1 مىليون 500 مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، ئەگەر سىز غەززە رايۇندىكى كىشىلەر بىلەن ئالاقە قىلىپ قالسىڭىز، ئەڭ كۆپ ئاڭلايدىغان سۆزىڭىز «كۆنۈپ قالدۇق» بولىدۇ. دەھشەتلىك ھاۋا ھۇجۇمىدىن قورقۇنچ ھېس قىلغان ۋاقتىڭىزدا، مۇدىھىش مۇھىتتىن ھەيران قالغان ۋاقتىڭىزدا، غەززەلىكلەرنىڭ بەزى مىجەزلىرىنى ئاڭقىرالمىغان ۋاقتىڭىزدا سىزنىڭ ئۇلاردىن ئاڭلىغىنىڭىز، ئۇلارنىڭ ئىپادىسىزلارچە دېگەن ‹كۆنۈپ قالدۇق› دېگەن گېپى بولىدۇ.

خەرىتىدىن بۇ رايۇنغا نەزەر سالساق، بۇ پارچە زىمىن قىڭراققا ئوخشايدۇ. جەنۇبتىن شىمالغا 40 كىلومېتىر، غەرىبتىن شەرىققە 9 كىلومېتىر كىلىدۇ. ھاۋادا، سۇ يوللىردا، قۇرۇقلاردا ھەر دائىم ئىسرائىلىيەنىڭ چارلىغۇچى ئەسكەرلىرىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. ئەگەر ئېھتىياتسىزلىقتىن ياكى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئاگاھلاندۇرۇش دائىرسىدىن ئازراقلا ئۆتۈپ كەتسىڭىز، ئالدىڭىزغا ئوق چىقىپ سىزنى كۈتىۋالىدۇ.

ئىسرائىلىيە غەززە رايونىغا ناھايىتى قاتتىق بولغان ئىمبارگۇ يۈرگۈزگەنلىكتىن بۇ رايوندا ماددى–ئەشيالار ئېغىر دەرىجىدە كەمچىل، گەرچە بۇ رايونغا كىرگۈزۈشكە بولىدىغان ماللارنىڭ سانى كۈندىن كۈنگە كۆپىيۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇ رايوندىكى كىشىلەرنىڭ سېتىۋېلىش كۈچى چەكلىك، بۇ رايوندىكى %80 ئاھالە ھازىرمۇ جىددى قۇتقۇزۇش ئاشلىقىغا تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. ئىسرائىلىيە يۈرگۈزگەن ‹ئەڭ ئەقىللىق چەكلەش› بۇ رايوننى پەلەستىننىڭ باشقا رايونىدىكى كىشىلەردىن، دۇنيادىن ئايرىۋېتىپ بۇ كىشىلەرنى جىددى قۇتقۇزۇش بويۇملىرىغا، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىگە تايىنىپ كۈن كەچۈرىدىغان، ئەمما ئاچلىقتىن ئۆلۈپ قالمايدىغان ھالەتكە ئەكىلىپ قويغان.

بۇ رايوندىكى كىشىلەر دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىغا بېرىشقا توغرا كەلسە ئاۋال مىسىر بىلەن چېگىرلىنىدىغان رافا ئېغىزىغا بېرىپ ئاۋال مىسىرغا ئاندىن دۇنيادىكى باشقا جايلارغا بارسا بولىدۇ.

2007–يىلى خاماس غەزە رايونىغا بولغان كونتىرول ھوقۇقىنى قولغا ئالغاندىن باشلاپ، ئىسرائىلىيە بۇ رايونغا ئېغىر دەرىجىدە چەكلەش سىياسىتى يۈرگۈزگەن بولۇپ، بۇ چەكلەش ھازىرغىچە بوشىغىنى يوق. 2008-يىلى ئىسرائىلىيە بۇ رايونغا كەڭ كۆلەمدە ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىپ، 8000 دىن كۆپرەك ئادەمنىڭ ئۆلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

بۇ رايوندا ئىشسىزلىق ئەشەددى ئېغىر بولۇپ، دېھقانچىلىق ۋە ئۇششاق تىجارەت قىلىشتىن باشقا تۇرمۇش يولى يوق. بۇ رايوندىكى خەلقنىڭ %60 ى نامراتلىق سىزىقى ئىچىدە ياشايدۇ. ب د ت ئىنسانپەرۋەرلىك قۇتقۇزۇش ئورۇنلىرى تەمىنلىگەن دوكلاتتىكى ماتىرىياللاغا قارىغاندا بۇ رايوندىكى %70 كىشى كۈنلۈك تۇرمۇش پۇلى ئاران 1 دوللاردىن توغرا كىلىدۇ.

غەزە-غەزە رايوندىكى ئەڭ چوڭ شەھەر. شىبىھ يېرىم ئارىلىغا جايلاشقان بولۇپ، 1948–يىلىدىكى ئەرەب-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىدىن كىين مەزكۇر رايون مىسىرنىڭ ۋاكالىتەن باشقۇرىشىغا بېرىلگەن. 1967–يىلى 6 كۈنلۈك جەڭدىن كېيىن ئىسرائىلىيە بۇ رايوننى ئىگەللىگەن.

2005–يىلى 2–ئايدا ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى بۇ يىل يازدا مەزكۇر رايۇندىكى بارلىق ئەسكىرىمىزنى چېكىندۈرۈپ، بۇ يەردىكى يەھۇدىيلار رايۇنىدىن ۋاز كېچىمىز دەپ جاكارلىغان. 2005–يىلى 8–ئايدا ئىسرائىلىيە بۇ رايوندىن چىكىنىپ چىقىپ، غەززەگە بولغان 38 يىللىق ئىشغالىيتىنى ئاخىرلاشتۇرغان. 2007–يىلى 6–ئايدا غەزە ئۇرۇشىنى قوزغاش ئارقىلىق خاماس فاتاخنىڭ قولىدىن مەزكۇر رايونغا بولغان باشقۇرۇش ھوقۇقىنى قولغا كىرگۈزۋالغان بولۇپ، شۇندىن باشلاپ ئىسرائىلىيە بۇ رايونغا ئىمبارگۇ يۈرگۈزۈشكە باشلىغان.

مەنبە: ۋىكپېدىيە قامۇسى ۋە سوخۇ تورى

http://news.sohu.com/s2012/shijieguan-340/

ئىزدىنىش مۇنبىرىدىن ئېلىندى

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 8

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 1015 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 1قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2014-02-22