ئەلى ھامىنى

ئەلى ھامىنى


ئەلى ھامىنىئەلى ھامىنى

خەنزۇچە:  赛义德阿里哈梅内

ئىنگلىزچە: Seyed Ali Hosseini Khamenei

پارسچە: آيت‌اللە سيد على خامنە‌اى

ئەلى ھامىنى 1939-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى، ئەزەربەيجان مىللىتىدىن، ئىراننىڭ ئاياتۇللاھسى، ھەمدە ئىران مۇسۇلمانلار كونسېرۋاتىۋ كۈچلىرى ۋە شىئە مەزھىپى ئون ئىككى ئىمام مەزھىپىدىكى يولباشچى.

ھامىنى 1981-يىلىدىن 1989-يىلىغىچە ئىراننىڭ پرېزدېنتىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن، 1989-يىلى 6-ئايدا، ئىران مەخسۇس پارلامېنتى ئۇنىڭ رۇھوللاھ مۇستافاۋى مۇساۋى ھۈمەينىغا ۋارىس قىلىپ ئىراننىڭ ئاياتۇللاھسىغا تەيىنلىدى. ئۇ ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتىدە زور تەسىر قوزغىغان ئۈچ شەخىسنىڭ بىرى دەپ تەرىپلەندى. بۈگۈنگە قەدەر ئۇ يولۇققان ئەڭ چوڭ مەسىلە 2009-يىلى 6-ئايدىن كېيىن پرېزدېنت سايلىمىدا يۈز بەرگەن كەڭ كۆلەمدىكى قارشىلىشىش. ئۇ پرېزدېنت مەھمۇد ئەھمەد نىجادنىڭ سىياسىتى ۋە داۋاملىق پرېزدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەشنى تالىشىشىنى قەتئىي قوللىدى. ھامىنى بۇ قېتىمقى كەڭ كۆلەملىك قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىگە قارىتا نۇتۇق ئېلان قىلغاندىن كېيىن، 1000 دىن ئارتۇق زىيالىيلار تۈرمىگە قامالدى، توپىلاڭنى باستۇرغۇچى ساقچىلار تېھران كوچىلىرىدا نامايىشچىلارنى باستۇرۇپ، نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئۆلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ھامىنى 1981-يىلى 6-ئايدا دۇچ كەلگەن قاراتمىلىق يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈش، ئۇنىڭ ئوڭ بىلىكىنىڭ پالەچ بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

بالدۇرقى يىللاردىكى تارىخى

ھامىنى مەشھەدتە تۇغۇلغان، ئۇ ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىل 8 قېرىنداشنىڭ ئىچىدە ئىككىنچىسى، ئۇنىڭ ئىككى ئىنىسى دىن تارقاتقۇچى. ئىنىسى ھادى ھامىنى داڭلىق گېزىت تەھرىرى ۋە دىن تارقاتقۇچى. ھامىنى يېرىم ئەزەربەيجان قان سىستېمىسىغا تەۋە بولۇپ، ئاپىسى يەزدلىك.

ئۇ مەشھەدتىكى ھەۋزە (ئەنئەنىۋى ئىسلام دىنى ئىنىستىتوتى Hawza) دا دىننىي ئىلىمنى تەتقىق قىلغان، ئۇنىڭ يېتەكچى ئوقۇتقۇچىلىرىدىن ھاجى شەيخ ھاشىم كەزۋىنى ۋە ئاياتۇللاھ مىلانى بار، 1957-يىلى نەجەفكە بارغان، نەجەفدە بىر مەزگىل تۇرغاندىن كېيىن ئۇ مەشھەدكە قايتىپ كەلگەن، 1958-يىلىدىن باشلاپ كومدا ئولتۇراقلىشىپ، ھوسىيىن بۇرۇيىردى ۋە رۇھوللاھ مۇستافاۋى مۇساۋى  ھۈمەينىنىڭ دەرسىگە قاتناشقان. 1963-يىلى ئىسلام ھەركىتىگە چېتىلىپ قالغانلىقى ئۈچۈن، جەنۇبىي خىراسان ئۆلكىسىدىكى بىرجەندتە قولغا ئېلىنغان. ئۇزاق ئۆتمەي قويۇپ بېرىلىپ، مەشھەدتىكى دىنىي مەكتەپ ۋە مەسچىتتە مۇددەرىس بولغان.

ئەدەبىيات تەتقىقاتى

ھامىنى پارس ۋە ئەرەب تىللىرىغا پۇختا، ئۇ نۇرغۇنلىغان كىتابلارنى ئەرەب تىلىدىن پارس تىلىغا تەرجىمە قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە مىسىرنىڭ مەشھۇر ئىسلام ئىلاھىيەتشۇناسى سەئىد كۇتتىبنىڭ ئەسىرىمۇ بار. ئۇنىڭ دادىسى ئانا تىلى ئەزەربەيجان تىلىغا پىشىق ئەمەس. ئازراق ئىنگلىز تىلى بىلىدۇ.

ئۇ مۇھەممەد ئىقبالنىڭ شېئىرلىرىنى تەھلىل قىلغاندا «ئىقبال پارس تىلىنىڭ گرامماتىكىسىغا پىشىق ئەمەس، ئۇ ئۆيىدە ئوردو تىلىدا سۆزلىشىشكە ئادەتلەنگەن، دوستلىرى بىلەن پاراڭلاشقاندىمۇ ئوردو تىلى ياكى ئىنگلىز تىلىنى ئىشلىتىدۇ» دېدى. شۇنداق بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا ئىقبالغا قول قويىدۇ.

سىياسىي ھاياتى ۋە پرېزدېنتلىق ۋەزىپىسى

ھامىنى ئىسلام ئىنقىلابىدىكى مۇھىم شەخس، ئۇ مۇساۋى ھۈمەينىنىڭ يېققىن دوستى.

چوڭ ئاتاۋۇللا ھۈسەيىن ئەلى مۇنتەزەرى ھۈمەينىنىڭ مەھبۇسلارنى قىيىن-قىستاققا ئالغانلىقىنى تەنقىد قىلغانلىقى سەۋەبىدىن، تېھراندىكى جۈمە كۈنى ئىبادەتكە يېتەكچىلىك قىلىدىغان ۋەزىپىسىدىن مەجبۇرىي ئىستېپا بەرگۈزدى، ھۈمەينى ھامىنىنى ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن ۋەزىپە ئۆتەشكە تەيىنلىدى. ھامىنى قىسقا ۋاقىتلىق  دۆلەت مۇداپىئە قىسمىنىڭ مۇۋەققەت مىنىستىرى ۋە ئىسلام مۇھاپىزەتچىلەر قىسمىنىڭ باش باشقۇرغۇچىلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى. پارلامېنت دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتىنىڭ ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇ ئىلگىرى ئۇرۇشقا قاتناشقان ئىدى. 1981-يىلى 6-ئايدا، ھامىنى بىرقېتىملىق مۇخبىرلار يىغىنىدا قەستلەشكە ئۇچرىدى، بىر بومبا ئۈنئالغۇنىڭ ئىچگە يوشۇرۇپ قويۇلغان بولۇپ، پارتىلاش سەۋەبىدىن ئۇنىڭ ئوڭ قولى مەڭگۈلۈك ھەرىكەت ئىقتىدارىنى يوقاتتى.

1981-يىلى پرېزدېنت مۇھەممەد ئەلى راجائى قەستلەپ ئۆلتۈرۈلدى، ھامىنى 1981-يىلى 10-ئايدىكى پرېزدېنت سايلىمىدا غەلىبە قىلىپ ئىرانىڭ پرېزدېنتلىقىغا تاللاندى، ئۇ تارىختىكى تۈنجى پرېزدېنتلىق  ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان دىن تارقاتقۇچى. ھۈمەينى ئەسلى دىن تارقاتقۇچىنىڭ پرېزدېنتلىق ۋەزىپىسىىنى ئۈستىگە ئېلىشىنى خالىمىغان ئىدى، بىراق كېيىن پىكىرىنى ئۆزگەرتتى. پرېزدېنتنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش نۇتۇقىدا، ھامىنى «بىدئەتچىلەر، ئەركىنلىك تەرغىباتچىلىرى ۋە ئامېرىكىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان سولچىللار» نى يوقىتىدىغانلىقى توغرىسىدا قەسەم بەردى. 1980-يىللىرى ھامىنى ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشنىڭ ئالدى-كەينىدە، ھۆكۈمەت قاتتىق قارشىلىقلارغا دۈچ كەلگەن بولۇپ، زورلۇق ۋە زورلۇق بولمىغان قارشىلىقلارغا، قەستلەپ ئۆلتۈرۈش، پارتىزانلىق ھەرىكەتلىرى ۋە توپىلاڭلارغا قارىتا ھۆكۈمەت باستۇرۇش ۋە تېرورلۇق ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ئىنكاس قايتۇرغان. ئاسىيلار گورۇھىنىڭ مىڭدىن ئارتۇق ئەزاسى ئۆلتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىنقىلابىي سوت تەرىپىدىن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. 1982-يىلى، ھۆكۈمەت سوتنىڭ چەكلىمىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان، بىراق 1980-يىلىنىڭ بېشىدا، كۆپلىگەن سىياسىي تەشكىلاتلار داۋاملىق ھۆكۈمەتنىڭ باستۇرىشىغا ئۇچرىغان.

1980-يىلى ئىران-ئىراق ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ھامىنى دۆلەتكە رەھبەرلىك قىلىشقا ياردەملەشكەن، ھەمدە تەسىر كۈچى زورىيىۋاتقان ئىسلام مۇھاپىزەت ئارمىيىسى بىلەن قويۇق مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرغان. ئۇنىڭ ھەربىي ئىشلار، ئالدىن مۆلچەرلەش ۋە مەمۇرىي ئىشلار جەھەتتە كۈچلۈك قىزىقىشى ۋە بىلىمى بار. 1982-يىلى، ئىراق ھەربىي ئارمىيىسى ئىران تېررىتورىيىسىدىن چېكىندۈرۈلدى، ئۇ ھۈمەينىنىڭ ئىراققا قايتۇرما زەربە بېرىش قارارىنى قوللىمىدى، ئەينى ۋاقىتتا باش مىنىستىر مىر ھوسىيىن موساۋىيمۇ ھامىنى تەرەپتە تۇرغان ئىدى، بىراق 2009-يىلىدىكى ئىران يېشىل ئىنقىلابىدا ئۇنىڭ بىلەن دۈشمەنلەشتى.

1985-يىلى، ھامىنى غەلىبىلىك ھالدا داۋاملىق پرېزدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى، قوللاش نىسبىتى %85 كە يەتتى.

 ئەڭ ئالىي رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىش

ئىران ئىسلام  ئىنقىلابىنىڭ رەھبىرى ر ھۈمەينى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ھامىنى 1986-يىلى ئىران مەخسۇس پارلامېنتى تەرىپىدىن يېڭى ئاياتۇللاھسىغا سايلاندى. ئەڭ دەسلەپتە، ئەلى مەشكىنى، موساۋىي ئاردابىلى ۋە ھامىنى كوممىتىتنىڭ ئۇسۇلى بويىچە ئاياتۇللاھلىق نامزاتىغا كۆرسىتىلگەنىدى، بىراق مەخسۇس پارلامېنت رەھبەرلىك كوممېتىتىنىڭ بۇخىل ئۇسۇلىنى قۇبۇل قىلىشنى رەت قىلدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاياتۇللا مۇھەممەت-رىزا گولپەيگەنى يېتەرلىك بېلەتكە ئېرىشەلمىدى، ھامىنى ئەڭ ئاخىرى ئۈچتىن ئىككى قىسىم بېلەت سانىغا ئېرىشىپ ئاياتۇللاھلىققا سايلاندى.

ھۆكۈمرانلار ئىسلام ھاكىمىيەتشۇناسلىرى ئۈستىگە ئالغان «نازارەتچى» دېگەن بۇ ئۇقۇمغا ھۈمەينىنىڭ بىر يۈرۈش دەرسلىكلەر توپلىمى بىرلەشتۈرۈلگەن كىتابىدىن ئېرىشكەن. بۇ خىل ئىلاھىي ھوقۇقنىڭ رەھبەرلىكى ئاستىدا، چوقۇم ئاساسىي قانۇندا ئاتالغان ئەڭ ئالىي رەھبەرنىڭ قانۇنشۇناسلارنىڭ تەستىقلىنىشىنى نازارەت قىلىشى بىلەن قانۇنلۇق ھالدا سىياسىي قارار چىقىرالايدۇ. دېموكراتىك سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇتقا كەلگەن پرېزدېنتمۇ ئالدى بىلەن ئەڭ ئالىي رەھبەرنىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن ۋەزىپىگە ئولتۇرالايدۇ.

ھامىنىنىڭ رەھبەرلىك قىلىش شەكلى

 ئاياتۇللاھ بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھامىنىنىڭ ئۇسلۇبى باشتىكى ئاياتۇللاھ ھۈمەينى بىلەن پەرقلىنەتتى، ئۇ ھۈمەينىنىڭ «ئۆزئارا تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاپ، يالغۇز بىر تەرەپنىڭ زورىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش» ئەنئەنىۋىي سىياسىتىگە رەھبەرلىك قىلدى، بىراق ئۇنىڭدا ھۈمەينىدە بولغان دەۋەت قىلىش ۋە دىن تارقاتقۇچىلىق ئورۇنى يوق ئىدى، شۇنداق بىلەن ئۇ ئۆزىنىڭ ئىجىتىمائىي ئالاقە تورىنى تەرەققى قىلدۇردى، ئالدى بىلەن ھەربىي قسىمنى قولغا كىرگۈزدى، ئاندىن نەزىرىنى ئاساسلىق دىنىي تەشكىلات ھەم قۇم ۋە مەشھەد دىننىي ئىنىستوتغا تىكتى. ئۆلىما ۋالى نەسىرنىڭ دېيىشىچە، ھامىنىنىڭ ھوقۇق كۈچى زورايدى، ئۇنىڭ ئىشخانىسى «ئىران سىياسىي سەھنىسىدىكى نازارەت قىلغىلى بولمايدىغان شەخس» نىڭ ئىشخانىسىغا ئايلاندى. ھامىنىنىڭ قول ئاستىدىكى ئەمەلدارلار  ھەرخىل ھوقۇقتىكى تەشكىلاتلارغا تەسىر يەتكۈزدى، بۇ «پارلامېنت، پرېزدېنت، سوت، ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچى قوشۇن، ھەربىي قىسىم، ئاخبارات ئورگىنى، ساقچى ئىدارىسى، يۇقىرى ئېقىم دىن تارقاتقۇچىلىرى، جۈمى كۈنىدىكى ئىبادەتچىلەر ۋە نۇرغۇن ۋاسىتىلەر» نى ئۆ ئىچىگە ئالىدۇ، يەنە ھەرقايسى «خەلق ئارىسىدىكى تەشكىلاتلار، كوللىكتىپلار، كوممىتېت، دىنىي ئىنىستىتوت ۋە سودا تەشكىلاتلىرى» بار. ئۇنىڭ رەھبەرلىكى ئاستىدا، ھۆكۈمەت خۇددى «دىن تارقاتقۇچىلارنىڭ مۇشتۇمزور سىياسىتى ھاكىم مۇتلەقلىقتىن ئۈستۈن» بولۇپ قالدى.

ئۇ پەقەت ئالاھىدە سورۇنلاردىلا، مەسىلەن، بەزىدە جۈمە كۈنىدىكى ئىبادەتتە ياكى مەلۇم نەزىر چىراغ مۇراسىملىرىدا نۇتۇق سۆزلەيتتى. ئۇ چەت ئەلنىڭ ئەمەلدارلىرى بىلەن (ھەممىسى دېگۈدەك مۇسۇلمان) بىلەن كۆرىشەتتى، بىراق مېدىيا ۋە ئاۋامنى چەكلەيتتى،  ئۇنىڭ كۆرۈشۈش ئوبيېكتىلىرى ئىراننى قوللىغان دۆلەت ۋە سۇبىستانسىيەلەر (مەسىلەن،خاماس ۋە ئاللاھ پارتىيىسى)، ئىران بىلەن مۇناسىۋىتى ياخشى بولغان ئىسلام دۆلەتلىرى، ئىران سودا مۇناسىۋىتىنى تەرەققى قىلدۇرۇش ۋە كېلىشىم ئىمزالاشنى ئۈمىد قىلغان دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇ غەرب كۈچلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن ئۇچراشمايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈردى. ئاياتۇللاھ دۆلەت سىرتىغا چىقمايدۇ، شۇڭا بىراۋ ئۇنىڭ قىياپىتىنى كۆزەتمەكچى بولسا چوقۇم ئىرانغا بېرىشى كېرەك. مۇشۇنداق بولىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇ يەنىلا خاتا سىياسەت ۋە ھوقۇقنى بەلگىلەشكە «ئارىلىشىۋېلىش ۋە باشقۇرۇش» نى ساقلاپ قالدى.

ھامىنى نۇتىقىدا دائىم 1979-يىلىدىكى ئىنقىلابقا مۇناسىۋەتلىك تېمىلارنى تىلغا ئالىدۇ، مەسىلەن، توغرا تەپسىر، مۇستەقىللىق، ئۆز-ئۆزىدىن رازى بولۇش، ئىپتىدائىي دىننىي ئەقىدىچىلىكتىكى ئىسلام ھۆكۈمىتى ۋە ئىسرائىلىيە بىلەن ئامېرىكىغا قەتئىي قارشى تۇرۇش دېگەندەك. دېموكراتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ئوچۇق-ئاشكارىلىقى دېگەندەك ئىنقىلابىي ئارزۇلارنى ناھايىتى ئاز تىلغا ئالىدۇ. ئۇ ئاياتۇللاھلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن مەزگىلدە، ئۇ پرېزدېنت رەفسەنجانىنىڭ ئامېرىكا بىلەن مۇرەسسە قىلىشىغا مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا توسقۇنلۇق قىلغان، يەنە پرېزدېنت خاتەمىنىڭ ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنى دېموكراتىيلەشتۈرۈش ئارزۇسىنى چەكلىگەن.

چوڭ ئاياتۇللاھنىڭ تالاش-تارتىشى

نۇرغۇنلىغان مۇسۇلمان ئۆلىمالار ھامىنىنىڭ چوڭ ئاياتۇللاھلىقىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ. ھۈمەينى ئالەمدىن ئۆتكەندە، ھامىنى مارجا ۋە ئاياتۇللاھ ئەمەس ئىدى. ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىسلام قانۇنىدا ئاياتۇللانىڭ چوقۇم مارجا بولىشى كېرەكلىكى بەلگىلەنگەن. بىراق ھۈمەينى ئۆزىنىڭ ئىز باسار نامزاتىغا نىسبەتەن رازى بولمىغان، 1989-يىلى 4-ئايدا، ئۇ ئالەمدىن ئۆتۈشتىن ئۈچ ئاي ئىلگىرى، ئۇ ئادەم ئەۋەتىپ ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، «مۇۋاپىق سىياسىي ۋە باشقۇرۇش ئىقتىدارى» نى ھازىرلىغان ئىسلام قانۇنى مۇتەخسسىسلىرى ئاياتۇللاھ بولسا بولىدۇ،دەپ بەلگىلىگەن. ئاساسىي قانۇننىڭ بۇخىل ئۆزگەرتىلىشى تېخى ئومۇمىي خەلقنىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتكۈزۈلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، مەخسۇس پارلامېنت ھامىنىغا ۋاقىتلىق مەنسەپ بەردى. ھامىنىنى تاللاشتىكى سەۋەب، «ھامىنىدىكى سىياسىي ئىقتىدار» ئۆزىگە قارىتىش ئىكەن، ھامىنىنىڭ ئورنى بىر «كېچە ئىچىدە» لا ئىسلام ھوقۇقدارىدىن ئاياتۇللاھقا كۆتۈرۈلگەن. ھامىنىنىڭ مارجالىق سالاھىتى ئىزچىل تالاش-تارتىشقا دۇچ كەلگەن. 1994-يىلى ئاياتۇللاھ ممۇھەممەت ئەلى ئارەكى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، قۇم دىننىي ئىنىستىتوتى يېتەكچى جەمىئىيتى ھامىنىنى مارجا دەپ ئېلان قىلغان، بىراق ئىراننىڭ تۆت چوڭ ئاياتۇللاھسى ھامىنىنىڭ مارجالىق سالاھىتىنى ئېتراپ قىلىشنى رەت قىلغان. ئەڭ ئاخىرىدا ھامىنى مەسئولىيىتى ئېغىر دەپ قاراپ، ئىران شىئە مەزھىپىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ مارجاسى بولۇشنى قوبۇل قىلمىغان. بىراق ئىراننىڭ چېگرا سىرتىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ مارجاسى بولۇشنى قوبۇل قىلغان.

ھۈمەينى بىلەن قارشىلاشقانلىقى سەۋەبىدىن نەزەربەند قىلىنغان چوڭ ئاياتۇللاھ مۇھەممەد شىرازى ھامىنىنىڭ مارجالىقىنى ئېتراپ قىلمىغان.  ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفىسسورى «ئىراننىڭ كىشىلىك ھوقۇقى» ناملىق كىتابىدا، شىرازى ھامىنىنى ئاياتۇللاھ ۋە مارجالىقىنى ئېتراپ قىلىشقا نىسبەتەن «غەزەپ» لەنگەنلىكى، ئۇ خۇددى بىر توپ چوڭ ئاياتۇللادىن تەركىب تاپقان كومىتېت ئارقىلىق دۆلەتكە رەھبەرلىك قىلىش خاھىشى بارلىقىنى تىلغا ئالغان.

ھامىنى ۋە ھۈسەيىن مۇنتەزەرىھامىنى ۋە ھۈسەيىن مۇنتەزەرى

ئۇنىڭدىن باشقا ھامىنىنىڭ مارجالىقىغا نىسبەتەن گۇمانى كۆز قارىشى بارلاردىن چوڭ ئاياتۇللا ھۈسەيىن-ئەلى مۇنتەزەرى، چوڭ ئاياتۇۇللاھ  ھەسەن تاباتابائى-كومى ۋە چوڭ ئاياتۇللاھ ياسۇبىدىن راستىگار جوئوي بارى بار. 1997-يىلى، ھۈسەيىن ئەلى مۇنتەزەرى «ئاياتۇللاھنىڭ ھوقۇقىغا نىسبەتەن گۇمانىنى ئوتتۇرغا قويغان»، نەتىجىدە ئۇنىڭ دىننى ئىنىستىتوتى تاقىۋېتىلگەن، ئۇنىڭ قۇمدىكى ئىشخانىسىمۇ ھۇجۇمغا ئۇچرىغان، ھەم بىر مەزگىل نەزەربەنت قىلىنغان.

پەتىۋا

ھامىنى چوڭ ئاياتۇللاھ (تالاش-تارتىش قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ) لىق سالاھىتى بىلەن مىڭدىن ئارتۇق پەتىۋا (ئىسلام دىنى رەھبەرلىرىنىڭ يارلىقى) چىقىرىپ، شىئە مەزھىپىدىكى نارازىلىق بىلدۈرگۈچىلەرگە ئىنكاس قايتۇردى، مەزمۇنى «بارلىق شەيئىلەرنىڭ كۆپ خىللىقى خۇددى ئىسلام شەرىئەتلىرىدىن ۋاسكىتبول قىمارىغىچە، ئوقۇغۇچىلار قەرز پۇلىدىن بالىلانى كۈنلۈك بېقىشقا ئاپىرىپ بېرىشكىچە، ئاياللارنىڭ موتوتسىكىلىت مىنىشىدىن بۇددا دىنى مۇرتلىرىنىڭ مېھمانخانىغا كىرىشىگىچە» دېگەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇ گالستۇك تاقاش، چەتئەلنىڭ مۇزىكىلىرىنى ئاڭلاش ياكى خەۋەرلەرنىڭ ھەممىسى دىننىي قائىدىلەرگە خىلاپ، بىراق بۇرۇننى تېشىش قائىدىگە خىلاپ ئەمەس دەپ ھۆكۈم چىقاردى.

ئاتوم قوراللىرىغا قارشى تۇرۇش پەتىۋاسى

ھامىنى بىر پەتىۋا ئېلان قىلىپ، ئىسلام دىنى سىياسىتى يادرو قوراللىرىنى ئىشلەپ چىقىرىش، ساقلاش ۋە ئىشلىتىشنى قاتتىق چەكلەيدۇ دېگەن. بۇ دىننىي قائىدە 2005-يىلى 8-ئايدا ۋيېننادا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق ئاتوم ئېنىرگىيىسى لاھىيىسى يىغىنىدا ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتىدا بايان قىلىنغان. ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى نەچچە ئون يىلدىن بۇيان قايتا-قايتا تىلغا ئېلىنىۋاتقان خالقئارالىق مۇھاكىمە مەسىلىسى، ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ يادرۇ تەرەققىياتىدا چىڭ تۇرۇشتىكى مەقسىتى توك ھاسىل قىلىش، بىراق بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرى ئىران يادرو قوراللىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا ئۇرۇندى دەپ ئەيىبلىدى.

تاراتقۇلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى

2000-يىلى، ھامىنى مۇخبىرلارنى قوغداش كومېتىتى تەرىپىدىن «تاراتقۇلار ۋە پىكىر قىلىش ئەركىنلىكىنىڭ ئون چوڭ دۈشمىنىنىڭ بىرى» قاتارىغا تىزىلدى، 2007-يىلى دەۋر 100 مەشھۇر شەخس قاتارىغا تىزىلدى. ئوخشاش بولمىغان كۆز قاراشتىكى مۇخبىرلار ئەھمەد زەيدەبەدى، مۇھسىن سازىگارا، مۇھەممەد نۇرزاد ۋە ئەكبەر گەنجى ئىلگىرى ھامىنىغا قارشى تۇرۇش سىياسىتىنىڭ تارقىتىۋېتىلگەنلىكى ۋە بىر قىسىم تەشكىلاتلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش ۋە تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىشىغا قارىتا گۇمانىي قاراشتا بولغان ئىدى. ئىراننىڭ مېدىيا قانۇنىغا ئاساسلانغاندا، پىتنە-ئىغۋا تارقىتىش، يالغان خەۋەر ۋە باشقىلارنىڭ نۇتۇقىنى بۇرمىلىۋېتىش قانۇنغا خىلاپ، ھەمدە دۆلەتنىڭ ئەمەلدارلىرى، ئورگان، تەشكىلاتلارغا بوھتان چاپلاش ياكى قانۇنىنىڭ قوغدىشى ۋە ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن ئۇيۇشما ۋە مۇقەددەس كىشىلەرنى ھاقارەتلەش مەنئىي قىلىنىدۇ، تەسۋىر ياكى ھەجۋىي رەسىم ئارقىلىق يۇقىرىقى ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ھامىنىنىڭ ئەڭ تالاش-تارتىشقا ئۇچرىغان قارارى 2000-يىلىدىكى پارلامېنت ئارقىلىق مېدىيا قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئۈچۈن سۇنغان لاھىيىسىنى رەت قىلىشى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ تەيىنلىگەن ئاساسىي قانۇننى نازارەت قىلىش ھەيئىتى 2004-يىلىدىكى ئىران پارلامېنت سايلىمىدا مىڭدىن ئارتۇق پارلامېنت نامزاتىنىڭ قاتنىشىش سالاھىيىتىنى بىكار قىلغانلىقى.

سىياسىي ھوقوق

ئىران-ئىراق ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى ھامىنىئىران-ئىراق ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى ھامىنى

ئامېرىكا كانېگى خەلقئارا تېنچلىق فوندى جەمئىيىتىنىڭ تەتقىقاتچىسى كەرىم سادجابۇ ھامىنىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھوقوقىنىڭ زورىيىپ كېتىشىنىڭ سەۋەبى تۆۋەندىكىچە دەپ قارىدى:

 (1) ئىجتىمائىي ئالاقە تورىنى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىكى سىتىراتېگىيىلىك ئورۇنلارغىچە كېڭەيتكەن، مۇستەھكەملىگەن ۋە ئىناۋەتكە ئېرىشكەن؛ (2) ھوقوقى ئاجىز بولغان، كونسېرۋاتىۋلار يېتەكچىلىك قىلغان پارلامېنت ھامىنىنىڭ ئىشەنچلىك ئادىمى غولام-ئەلى ھادداد ئادىل (ئۇنىڭ قىزى ھامىنىنىڭ ئوغلىغا ياتلىق بولغان) نىڭ رەھبەرلىكىدە؛ (3) ئىسلام ئىنقىلابىي مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي تەسىر كۈچى كۈنسېرى ئاشتى، ئىنقىلابىي مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ رەھبىرى ھامىنى تەرىپىدىن بىۋاستە تەيىنلەندى، شۇڭا ئىنقىلابىي مۇھاپىزەت ئەترىتى ھامىنىغا بوي سۇنىدۇ؛ (4) ئىران ياشلىرى سىياسىيغا نىسبەتەن سوغاق پوزىتسىيىدە...؛ (5) ئەڭ مۇھىمى 2005-يىلىدىكى پرېزدېنت سايلىمىدا، قاتتىق قوللۇق يولىنى قوللانغان مەھمۇد ئەھمەدى نىجاد ھامىنىنىڭ سىياسىي دۈشمىنى ئەكبەر ھاشىم رافساجاننى ئۈزۈل-كېسىل مەغلۇب قىلدى.

2009-يىلى پرېزدېنت سايلىمىدىكى قارشىلىق كۆرسىتىش مەسىلىسى

2009-يىلى 8-ئاينىڭ ئوتتۇرىدا، بىر تۈركۈم نامى چىقمىغان ئىسلاھاتچىلار گوروھىنىڭ ئەزالىرى سايلامغا مەسئۇل بولدى، ئاياتۇللاھنى تەپتىش قىلىدىغان ۋە ۋەزىپىدىن قالدۇرىدىغان مەخسۇس كېڭەش شىكايەت قىلىپ، ھامىنىنىڭ ھوقۇق يۈرگۈزۈش سالاھىتىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. بىر يىلدىن كېيىن، ئىراننىڭ دىننى خادىملىرى بىر پارچە ئىمزاسىز خەت چىقاردى، خەتتە «ئىراننىڭ ئاياتۇللاھسى مۇستەبىت دەپ ئاتىلىپ، ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلغان ئىدى». بۇ خەت ھامىنىنىڭ «بىتەرەپ ئورۇندا تۇرىدىغان ۋە ئىسلامنىڭ نامدار رەھبەرلىك سالاھىيىتى» نى تەۋرەتتى، دۆلەتنىڭ ئەڭ ھوقۇقدار شەخسىگە نىسبەتەن مىسلى كۆرۈلمىگەن قىيىن مەسىلىنى پەيدا قىلدى. «نىيو-يورك ۋاقىت گېزىتى» دىكى خەۋەردە يېزىلغان «ئاخىرلاشقان ھامىنى» دېگەن خەت تېھران كوچىلىرىدا پەيدا بولدى، بۇنداق شوئارنى بۇ يېقىندا تەسەۋۇر قىلىپ چىقىش تەس ئىدى.

بۇ خەت مۇتەخەسىسلەر كېڭىشىنىڭ رەھبىرى تەرپىدىن ئەۋەتىلگەن بولۇپ، «زوراۋان سابىق پرېزدېنت» ئەكبەر ھاشىم رافساجان تەرەپتىمۇ، رافساجان شەخسەن سايلام نەتىجىسىدىن گۇمانلانغانىدى. «ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى» نىڭ پەرىزىگە ئاساسلانغاندا، بۇ خەت «86 پارلامېنت ئەزاسىدىن تەركىب تاپقان، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈچتىن ئىككى قىسمى ھامىنىنىڭ ئىشەنچىلىك پارلامېنتىنىڭ ئېتراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن دەپ قارىلىدۇ».

بىر نەپەر داڭلىق دىن تارقاتقۇچى ۋە سابىق پارلامېنت ئەزاسى يەكشەنبە كۈنى بىر قىسىم خەتنى يازغۇچىلار بىلەن سۆھبەتلەشتى، خەتنى ئويدۇرۇپ چىقمىغانلىقىغا ئىشەندى، خەتكە ئىمزا قويغۇچىلار «نەچچە ئونغا يېتىدىغان بولۇپ، قۇم، ئىسفاھان، مەشھەدتىكى ئوتتۇرا قاتلامدىكىلەر ئىدى».

دۆلەت ئىچىدىكى سىياسەت

بىرقىسىم كىشىلەر ھامىنىنى دۆلەت كونسېرۋاتىۋ كۈچلىرىدىكى باش شەخس دەپ قارايدۇ. ئۇ بارلىق قوراللىق قىسىم ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى، ئەدلىيە ئورگانلىرىنى تەيىنلەش ھوقوقى بار، دۆلەت ئىگىلىكىدىكى رادىئو ئىستانىسى ۋە تېلېۋىزىيە ئىستانىسىنىڭ باشلىقى.

2005-يىلىدىكى پرېزدېنت چوڭ سايلىمىدىن ئىلگىرى، ھامىنى دىن تارقاتقۇچى مەسباھ يازدىنى ئىراننىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك مۇتەپپەككۇرى دەپ تەرىپلىگەن، ئەمەلىيەتتە بۇ ھامىنىنىڭ «يېققىندا تۇرۇپ مەسباھ يازدىنىڭ سىياسىي ئاچكۆزلىكىگە كۆز قۇلاق بولىشى» ئىدى. مەسباھ يازدى ئىران ئىسلاھات ھەركىتىنىڭ تەنقىدچىسى، ئۇ پرېزدېنت ئەھمەد نىجادنىڭ مەنىۋى مەسلىھەتچىسى دەپ قارىلىدۇ.

2007-يىلى، ھامىنى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ئىراننىڭ ئىقتىسادنىڭ خۇسۇسىيلىشىشىغا قاراپ يۈزلىنىش قەدىمىنى تېزلىتىشىنى تەلەپ قىلدى. ئالدىنقى قېتىملىق خۇسۇسىيلىشىش 2004-يىلى يۈرگۈزۈلۈپ، ئاساسىي قانۇننىڭ 44-ماددىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانىدى، ئاساسىي قانۇننىڭ 44-ماددىسىدا ئىراننىڭ ئاساسلىق ئاساسىي قۇرۇلۇشلىرى دۆلەت ئىگىلىكىدە دەپ كۆرسىتىلگەنىدى. ھامىنى يەنە خۇسۇسىيلارنىڭ بارلىق ھوقوقى ئەدلىيە مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق

 سوتنىڭ كاپالىتىگە ئېرىشىدۇ، خۇسۇسىيلارنى مەبلەغ سېلىشى كاپالەتلەندۈرۈلىدۇ ۋە ئىلھاملاندۇرىلىدۇ دەپ كۆرسەتتى.

ھامىنى يەنە خەلق ئىشلىتىدىغان يادرو تېخنىكىسىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، چۈنكى «نېفىت ۋە تەبىئىي گاز بايلىقى ھامان بىر كۈنى سەرپ بولۇپ تۈگەيدۇ».

2008-يىلى 4-ئاينىڭ 30-كۈنى، ھامىنى پرېزدېنت ئەھمەد نىجادنىڭ ئىقتىسادىي سىياسىتىنى قوللاپ، غەرب ئىراندىنمۇ ئېغىر ئىقتىسادىي مەسىلىگە دۈچ كەلدى، ئىقتىسادىي كىرزىس ئامېرىكىدىن پۈتۈن ياۋروپا قىتئەسىگە تاراپ، پۇل پاخاللىقى كەڭ كۆلەمدە ساقلانغان بىر مەسىلە بولۇپ قالدى، دەپ كۆرسەتتى. ھامىنى بۇ قېتىمقى ئىقتىسادىي كرىزىس پۈتۈن يەر شارىغا ئېغىر زىيان ئېلىپ كەلدى، بۇ ئۆتكەن ئاتمىش يىلدا كۆرۈلۈپ باقمىغان ئىدى، «بۇ قېتىمقى كرىزىس تۈپەيلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پۈتۈن يەرشارىغا يىمەكلىك كەمچىللىكى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش چىقاردى، بىراق چەتئەل مېدىئالىرى ھازىرقى مال باھاسىنىڭ ئۆسىشى ۋە پۇل پاخاللىقىنى ئىران ئەمەلدارلىرىنىڭ بىپەرۋالىقى كەلتۈرۈپ چىقاردى، بۇ پاكىتقا ئۇيغۇن ئەمەس، دەپ كۆرسەتتى» دېدى. ئۇ يەنە تەكىتلەپ، ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئىراننىڭ ئىقتىسادىي مەسىلىسى سەۋەبلىك ئىران ھۆكۈمىتىنى ئەيىپلەش ھوقوقى يوق، دېدى. ئۇ ئىران خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىنى قانائەتچان بولۇشقا دەۋەت قىلدى، ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇ يەنە «سىلەر بۇ ئۇلۇغ مىللەتنىڭ مەڭگۈ ئىقتىسادىي جازادىن قورقمايدىغانلىقىنى ئېسىڭلاردا تۇتۇشۇڭلار كېرەك» دەپ كۆرسەتتى.

ئالىي مەكتەپلەرنى ئىسلاملاشتۇرۇش

2002-يىلىدىكى بىر قېتىملىق نۇتۇقتا، ھامىنى ئالىي مائارىپ ۋە پەن-تېخنىكا مىنىسترلىقىنىڭ مىنىستىرى موستافا موئىننىڭ ئىپادىسىگە نىسبەتەن رازى ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى، چۈنكى موئىن ئوقۇغۇچىلارغا رۇخسەت قىلغان ئىشلارنى ھامىنى ئىسلامغا قارشى ھەرىكەت دەپ قارىدى، مەسىلەن، مۇزىكا ئورۇنداش ۋە گۈزەل-سەنئەتنى تەتقىق قىلىش؛ دىنى ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلەرگە ساياھەتكە بېرىش؛ دىننىي خاراكتىرى بولمىغان دالا تەكشۈرۈشى. نۇتۇقتا ھامىمنى بۇ خىل قىلمىشلارنى قاتتىق كونترول قىلىش، ئالىي مەكتەپلەرنى ئىسلامنى مەجبۇرىي ئىجرا قىلشقا ئۈندەشنى تەلەپ قىلدى.

ئىلىم ۋە پەن-تېخنىكا

ھامىنى ئىراننىڭ پەن-تېخنىكىنى تەرەققى قىلدۇرۇشنى قوللايدۇ، ئۇ تۈنجى غول ھۈقەيرىنى تەتقىق قىلىش ۋە تەن ھۈجەيرىسىنى كۆچۈرۈشكە يول قويغان ئىسلام دىنى تارقاتقۇچىلارنىڭ بىرى. 2004-يىلى، ھامىنى دۆلەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى پەن-تېخنىكىغا سېلىنغان مەبلەغكە تايىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ھەمدە جەمئىيەتنىڭ ئالىم ۋە ئۆلىمالارغا ئەھمىيەت بېرىشى ئىقتىساد ئىگىلىرىنى تەربىيىلەش، دۆلەتنىڭ ئالغا ئىلگىرلىشى ۋە تەرەققى قىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشتا ياردىمى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئاز سانلىقلار توپى

خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، ھامىنى سۈننى مەزھىپىنىڭ مەسچىدىنى قۇرۇشقا قارشى تۇرغان. «ئاسىيا ۋاقىت گېزىتى» دا بايان قىلىنىشىچە، بىر تېھران ئوقۇغۇچىسى «سابىق ئىسلاھاتچى پرېزدېنت مۇھەممەد ھاتەمنىڭ ھامىنىنىڭ سايلام مەزگىلىدىكى ۋەدىسىگە ئەمەل قىلالمىغانلىقىنى، تېھراندا سۈننى مەزھىپىنىڭ مەسچىدىنى سېلىشقا يول قويغانلىقىنى، بىلدۈرگەن» لىكىنى ئېيتقان. 168 ئادەمنىڭ ئۆلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان كاسپىي دېڭىزى ئاۋىئاتسىيىسى 7908 نومۇرلۇق ئايروپىلاننىڭ ئاۋارىيىسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ھامىنى سۈكۈتتە تۇرىۋالغان، پۈتۈن دۆلەتنى ماتەم تۇتۇشقىمۇ بۇيرۇمىغان، بۇ ئىراندىكى خىرىستىئانلار، ئىراندىكى ئامېرىكىلىقلار ۋە باشقا ئىراننىڭ ئىجتىمائىي توپىدىكى كىشىلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان.بۇ سۈننى مەزھىپىدىكى ئىرانلىق دىن تارقاتقۇچى مۇھەممەد باگىر ھاجىمنىڭ ئۆلۈمى بىلەن سېلىشما بولۇپ، ئەينى چاغدا ھامىنى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ پۈتۈن دۆلەتنى ئۈچ كۈن ماتەم تۇتۇشقا بۇيرۇغان ئىدى.

دۆلەت ئىگىلىكىدىكى رادىئو ئىستانىسى ۋە تېلېۋىزىيە ئىستانىسى

ھامىنىنىڭ ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتى رادىئو-تېلېۋىزىيە ئىستانىسى ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىرىنى بىۋاسىتە تەيىنلەش ھوقوقى بار. دۆلەت كۆپ قىسىم رادىئو ۋە تېلېۋىزىيە ئاخبارات قاناللىرىنى كونترول قىلىۋالغان بولۇپ، بۇنداق ھۆكۈمەتنىڭ قۇلىقىغا ياقىدىغان ئاۋازلار دائىم ھۆكۈمەت دائىرلىرىنىڭ ئۆتكۈر سۆزلىرىنى تەشۋىق قىلاتتى. نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ھۆكۈمەت ئىگىلىكىدىكى مېدىئالارنىڭ تەشۋىقاتلىرى ۋە ماختاپ كۆككە كۆتۈرۈشلىرىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

ئىسلام قانۇنىنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشى

»نازارەتچى» ۋە ئەڭ ئالىي رەھبەر بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھامىنى دىننىي قائىدە بۇيرۇقى چۈشۈرۈپ «نازاراتچى» نىڭ «مۇسۇلمانلار ۋە ئىسلام دىنىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئىش ئۈستىدىكى» قارارى «پۈتۈن مىللەتنىڭ ئىرادىسى ۋە قارارى» دەپ ئېلان قىلدى.

1996-يىلنىڭ ئاخىرىدا، ھامىنى يەنە بىر قېتىم دىننىي بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، مۇزىكا ياشلارنىڭ ئىدىيىسىنى بۇلغايدۇ دەپ ، نۇرغۇنلىغان مۇزىكا مەكتەپلىرىنى تاقىۋەتتى، ئاممىۋىي ئورگانلاردا 16 ياشتىن تۆۋەن ئۆسمۈرلەرگە مۇزىكا تەربىيىسى ئېلىپ بېرىشنى چەكلىدى (خۇسۇسىي ئورگانلار تەسىرگە ئۇچرىمايدۇ). ھامىنى يەنە «مەيلى قانداق ياش ۋە قايسى خىل دەرىجىدىكى مائارىپ تەربىيىسىدە بولسۇن، مەكتەپنىڭ مۇزىكىنى (ئەنئەنىۋىي ۋە غەرب مۇزىكىلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) كېڭەيتىشى ئىسلام دىنىنىڭ ئىدىيە ۋە ئەقىدىلىرىگە ماس كەلمەيدۇ» دېدى.

1999-يىلىغا كەلگەندە، ھامىنى دىننىي بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ئۇرۇق ۋە تۇخۇم تەقدىم قىلىش، ۋاكالىتەن ھامىلىدار بولۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ بالىلىق بولۇشقا يول قويدى، بۇ مىسىر 1980-يىللىرى ئېلان قىلغان، كۆپىيىشكە ياردەم بېرىش تېخنىكىسى بىلەن ئوخشىمايتتى، بۇ دىننىي بۇيرۇق كۆپىيىشكە ياردەم بېرىش تېخنىكىسىنى ئىشىلتىشكە قوشۇلاتتى، بىراق بۇ ئۈچىنچى بىر شەخىسنىڭ ئىئانە قىلىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايتتى.

2000-يىلى، ھامىنى پارلامېنتقا يېزىپ بەرگەن خېتىدە مېدىيا ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنى چەكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئۇ «ھازىر يۈرگۈزىلىۋاتقان مېدىيا ئۇسۇلى ئاپەتنى ئۈنۈملۈك توسىيالايدۇ، ھازىر تۈزۈپ چىقىلغان قانۇن لاھىيىسى بولسا قانۇنسىز» دەپ كۆرسەتتى. ئىسلاھاتچىلار بىلەن ئۆكتىچىلەر دائىم ئۇنىڭ «قانۇن تۇرغۇزۇشنى مۇتلەقلەشتۈرۈش ھوقوقى» نى تەنقىد قىلىدۇ. بىر قىسىم پارلامېنىت ئەزالىرى قاتتىق غەزەپلىنىپ، ئىستېپا بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا دارۋاڭ سالدى.

2002-يىلى، ئۇ غول ھۈجەيرە تەتقىقاتىدا ئادەمنىڭ بىرقىسىم ئەزالىرىنى يېتىشتۈرۈشكە رۇخسەت قىلىشنى ۋە قانۇنلۇق دەپ بېكىتىشنى قارار قىلدى.

شۇ يىلى ھامىنى ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ پروفىسسورى ھاشىم ئاھاجارىنىڭ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىشىغا ئارىلاشتى،  ئاھاجارى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسلامنى قايتىدىن چۈشىنىشى، قارغۇلارچە ئەگەشمەسلىكى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەنلىكى ئۈچۈن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانىدى. ھامىنى سوتنىڭ قايتىدىن ھۆكۈم چىقىرىشىنى تەلەپ قىلدى، كېيىن ئاھاجارى مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ ئۆزگەرتىلدى.

2007-يىلى 7-ئايدا، ھامىنى ئىران ئاياللار ھوقۇقى رادىكال ئۇنسۇرلىرى ۋە «ئاياللارغا بولغان بارلىق شەكىلدىكى كەمسىتىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئەھدىنامىسى» نى تەنقىد قىلدى. ئاياللار ھوقۇقى رادىكال ئۇنسۇرى دىلئارام  ئەلى مۇددەتلىك 34 ئايلىق قاماق جازاسى ۋە 10 دەررە ئۇرۇشقا ھۆكۈم قىلىنىپ ئىككى كۈندىن كېيىن ھامىنى «دۆلىتىمىزدە بىر قىسىم ھەددىدىن ئاشقان ئاياللار ۋە بىر قىسىم ئەرلەر  ئىسلامنىڭ مىزانلىرىدىن قۇسۇر تېپىشقا، ئاياللارغا مۇناسىۋەتلىك خەلقئارالىق ئەھدىنامە بىلەن بىرلەشتۈرۈشكە ئۇرۇنىۋاتىدۇ»، «بۇ توغرا ئەمەس» دېدى.

ئاياللارنىڭ كىيىنىشىگە نىسبەتەن، ھامىنى ئاياللارنىڭ «ھىجاب» (مۇسۇلمان ئاياللار كىيىدىغان چۈمبەل ۋە ياغلىق) كىيىش مەجبۇرىيىتى بار، دېدى.

ھامىنى «ھەمجىنىسلار مۇھەببەتلىشىش بولسا بۈگۈنكى غەرب ئەللىرى دۈچ كەلگەن مەسىلە، ئۇلار دائىم بۇ مەسىلىگە سەل قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە ھەمجىنىسلارنىڭ مۇھەببەتلىشىشى غەرب زىيالىيلىرى دۈچ كەلگەن ئېغىر، ئازابلىق ۋە ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى تاپالمايۋاتقان قىيىن مەسىلە» دەپ كۆرسەتتى.

ھامىنىنىڭ كۆرسەتمىسى ئاستىدا، ئىران ساقچى تەرەپ 2007-يىلى «ئاممىۋىي جەمئىيەت ئامانلىقى پىلانى» نى سەپەرۋەر قىلىپ، ئون نەپەر «مۇشتۇمزور» نى تۇتتى. بۇ «مۇشتۇمزور» لار قوشنىلىرى ۋە مۇخبىرلارنىڭ ئالدىدا دۇمبالاندى، يەنە ئۇلارنىڭ بوينىغا تازلىق ئۆيىدە ئىشلىتىلىدىغان سۇ يىغىش قاچىسىنى ئېسىپ قويدى.

سايلام

ھامىنىنىڭ ئاساسىي قانۇننى نازارەت قىلىش كومىتېتىنىڭ يېرىم ئەزاسىغا نىسبەتەن تەسىر كۈچى بار،  ئاساسىي قانۇننى نازارەت قىلىش كومىتېتى مۇتەخەسسىسلەر يىغىنى، پرېزدېنت ۋە پارلامېنتنىڭ سايلامغا قاتنىشىش سالاھىتىنى تەستىقلاش ۋە تىزىملىكتىن چىقىرىشقا مەسئۇل. 2004-يىلى 2-ئايدا، ئاساسىي قانۇننى نازارەت قىلىش كومىتېتى مىڭدىن ئارتۇق نامزاتنىڭ سالاھىتىنى بىكار قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە 80 كىشى، ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان نامزاتلار (مۇئاۋىن پارلامېنت باشلىقىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، نۇرغۇنلىغان پارلامېنتلارنىڭ ئىسلاھاتچى پارلامېنت ئەزالىرى ۋە 2004-يىلى ئىران پارلامېنت سايلىمىدىكى ئىسلام فرونت پارتىيىسىنىڭ بارلىق قاتناشقۇچىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، نەتىجىدە كونسېرۋاتىۋلار %70 ئورۇنغا ئىگە بولدى. بۇ قېتىمقى پارلامېنت سايلىمى ئىران سىياسىتىنى ئۆزگەرتىش يولىدىكى بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ، بۇ 1997-يىلى 5-ئايدىكى مۇھەممەد ھاتەم پرېزدېنتلىققا سايلانغاندىن بۇيانقى ئارقىدا قالغان سىياسىي ۋە جەمئىيەت ئىسلاھاتىنىڭ توختاپ قالىدىغانلىقىدىن دېرەك بەردى.

2005-يىلىدىكى پرېزدېنت سايلىمىدا، ھامىنىنىڭ نۇتىقىدا خىيانەتچىلىككە قارشى تۇرۇش ھەم ئىسلام ئەقىدىلىرىگە چىن ئېتىقاد قىلىشنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلەندى، ھەمدە قۇرۇلۇش تەتقىقات خادىملىرىنىڭ ئەقلىي قابىيىلىتى ۋە كۈچىگە ئەھمىيەت بېرىلدى، بۇنى چەتئەلنىڭ پرېزدېنت ئەھمەد نىجادقا قىلىنغان ئازغىنە ھۆرمەت دەپ چۈشەندى (ئەھمەد نىجاد قاتناش قۇرۇلۇش پەنلىرىدە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئىگە).

پرېزدېنت سايلىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ھامىنى ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا ئەھمەد نىجادنى قوللىدى، «ئۇنىڭغا ئاشكارا ھالدا يان بېسىشنىڭ ئېشىشى» ئىسلاھاتچى پرېزدېنت ھاتەم ھامىنىنىڭ 2009-يىلىدىكى پرېزدېنت سايلىمىنىڭ نەتىجىسىگە قارىتا دەلىللەش بولدى.

ھامىنى ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتى «يېقىنقى 30 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ دىموكراتىك قارشلىشىش» دەپ قارالغان ئىران يېشىل ئىنقىلابىغا نىسبەتەن قارشى مەيداندا چىڭ تۇردى. ئۇ بېلەت تاشلاش نەتىجىسىگە قايتا قاراپ چىقمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، پرېزدېنت ئەھمەد نىجادنىڭ سايلىنىشىغا قارىتا گۇمانلار كەلتۈرۈپ چىقارغان جامائەت بېسىمىغىمۇ تىز پۈكمىدى، ئۇ «ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بويىچە پرېزدېنت سايلىمى ھەقىقىي ئېلىپ بېرىلدى، بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى قانۇنلۇق» دېدى. شۇ يىلى 6-ئاينىڭ 19-كۈنىدىكى بىر قېتىملىق ئاممىۋىي سورۇندا، ھامىنى ئەھمەد نىجادنىڭ سايلىنىشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ھەمدە ئەنگلىيە، ئىسرائىلىيە ۋە ئامېرىكا قاتارلىق چەتئەل كۈچلىرىنىڭ سايلام نەتىجىسىگە قارشى تۇرغۇچىلارغا ياردەم بەرگەنلىكىنى ئەيىبلىدى. ئۇ ئەنگلىيە بۇنىڭ ئىچىدىكى «ئەڭ قەبىھ» سى، دەپ كۆرسەتتى، ئۇ يەنە ئەگەر غەربنىڭ كۈچلىرى ئىراننىڭ ئىچكى سىياسىتىگە ئارىلاشسا، ئىران خەلقى «تۆمۈر مۇشت» ئارقىلىق ئىنكاس قايتۇرىدۇ، دېدى.

 كىشىلىك ھوقۇق

ھامىنى كىشىلىك ھوقۇق بولسا ئاساسىي پرىنسىپ، ئۇ ئىسلام ئەقىدىلىرىگە يوشۇرۇنغان، غەرب ئەللىرى ئەڭ دىققەت قىلىدىغان كىشىلىك ھوقۇق نەچچە ئەسىرگە سوزىلىدۇ، دېدى. ئىسلام دىنىدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش، ئەركىنلىك، باراۋەر مۇئامىلە قىلىش ۋە پاراۋانلىقنى قۇبۇل قىلىش ھوقۇقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇ غەرب ئەللىرىنىڭ ئىراننىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى بىلەن ئەمىلىي ھەركىتىنىڭ بىردەك بولمىغانلىقىنى ئەيىبلىشىنى تەنقىد قىلدى، غەرب ئەللىرى ھەقىقەتەن ئىقتىسادىي ۋاسىتە ئارقىلىق ئۈچىنچى دۇنيا ئەللىرىگە بېسىم قىلىدۇ ۋە مۇستەبىتلىكنى قوللايدۇ.

ھامىنىنى تەنقىد قىلغانلىقى ئۈچۈن ئەرز قىلىنغان شەخىسلەر

ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتىدە، ئاياتۇللاھنى ھاقارەت قىلىش بىر خىل جىنايەت. ئاياتۇللاھقا ھاقارەت قىلغان ئادەم قولغا ئېلىنىدۇ ھەم رەسمىي بولمىغان شەكىلدە جازالىنىدۇ. ھامىنىنى ھاقارەت قىلىپ ئەرز قىلىنغانلاردىن تۆۋەندىكىلەر بار:

ئەھمەد زەئىدەبەدى

ئابدۇللاھ نۇرى

موجتابا سەمىنىجاد

مۇھەممەد نۇرئىزاد

ئىسا ساھارھىز

موھسىن سازىگارا

ئەكبەر گەنجى

سىرت بىلەن بولغان سىياسىتى

ھامىنىنىڭ سىرت بىلەن بولغان بولغان سىياسەتلىرىدىن «بىۋاسىتە باشقۇرۇش ھوقوقى»،«ئۇ بىۋاسىتە قاتناشمىغان ياكى يول قويمىغان ئەھۋال ئاستىدا، باشقا شەخس ياكى ئورگانلارنىڭ ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىشىغا بولمايدۇ» دېگەندەك سىياسەتلەر بار. ئۇ بىر پرېدېنتىن مۇستەقىل بولغان بىر كىچىك گۇرۇپپا ئاجراتقان بولۇپ، ئۇنىڭ ئەزالىرى ئىككى نەپەر سابىق دېپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇ «ھەرقانداق ۋاقىتتا بۇ كىچىك گۇرۇپپىنىڭ خىزمەتلىرىگە قاتنىش» ئارقىلىق قارار ۋە سىياسەتلەردىكى نۇقسانلارنى «ئۆزگەرتىدۇ». ئۇنىڭ دىپلوماتىيە يېتەكچى پىرىنسىپى غەرب بىلەنمۇ قارشىلاشمايدۇ ھەم ئىتىپاقلاشمايدۇ.

ئامېرىكا بىلەن قارشىلىشىش

ھامىنى ئىزچىل غەرب بىلەن قارشىلىشىش پوزىتسىيىسىنى ساقلاپ كەلگەن دەپ قارىلىدۇ، بۇ خىل قارشىلىشىش پوزىتسىيىسى ئۇنىڭ نۇتۇقلىرى، دىپلوماتىيە، يېزا-ئىگىلىك ۋە مائارىپ ئىشلىرىدىمۇ ئىپادىلىنىدۇ. ئۇ ئىلگىرى ئامېرىكىنىڭ «پۈتۈن دۇنياغا خوجا بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، باشقا دۆلەتلەرنى ئىگىلەش ھەم ئۇلارنىڭ ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق مەنپەئەتكە ئېرىشىدىغان» لىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى، ئىران بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى «تىركىشىش ۋە قارشىلىشىش» بولسا «ناھايىتى تەبىئىي ھەم ساقلانغىلى بولمايدۇ». گەرچە «ئامېرىكا بىلەن مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش ئاساسىي سىياسەت» بولسىمۇ، «ئامېرىكىنىڭ ئاخبارات خادىملىرى ۋە جاسۇسلىرى ئىشىكنى كەڭ ئېچىپ، ئىرانغا سىڭىپ كىردى»، بىراق ھامىنى كەلگۈسىدە ئامېرىكا بىلەن بولىدىغان سىياسەتكە قارىتا يەنىلا ئوچۇق-ئاشكارا پوزىتسىيىسىنى ساقلىدى، ئۇ «بىز بۇخىل مۇناسىۋەتنى ئۈزۈشنى مەڭگۈلۈك ساقلاپ قالىدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرمىدۇق، ئامېرىكا بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىش ھەقىقەتەن ئىران خەلقى ئۈچۈن پايدىلىق بولغاندا، بىز بىرىنچى بولۇپ قوشۇلىمىز» دېدى. بىراق، ئىران تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ بايان قىلىشىچە ئۇ 2008-يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۈن ئىران ئوقۇغۇچىلىرىغا سۆزلىگەن نۇتىقىدا: «ئىران خەلقىنىڭ ئامېرىكىغا بولغان غەزەپ-نەپرىتى ئىنتايىن چوڭقۇر ۋە قەتئىي، سەۋەبى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۆتكەن 50 يىلدا تىغ ئۇچىنى ئىران ۋە ئىران خەلقىگە قاراتقان سۈيقەستلەرنى توقۇپ چىقتى، ئۇلار ئۆز قىلمىشى ئۈچۈن كەچۈرۈم سورىمايلا قالماستىن، ئەكسىچە رەزىل قىلمىشلىرىنى داۋاملاشتۇردى» دېدى.

2006-يىلى 6-ئاينىڭ 4-كۈنى، ھامىنى، ئەگەر ئىران ئامېرىكىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىسا، ئىران پارس قولتىقى رايونىنىڭ ئېنېرگىيە توشۇشىنى قالايمىقانلاشتۇرىۋېتىدىغانلىقىنى ئېيتتى (پۈتۈن دۇنيانىڭ %20 نېفىتىنىڭ كۈندىلىك تەمىنلىنىشى پارس قولتىقى ئارقىلىق خولم دېڭىزى بوغۇزىدىن ئۆتىدىغان بولۇپ، بۇجاي ئىراننىڭ دېڭىز قىرغىقىغا ئىنتايىن يېقىن)، ھەمدە ئىراننىڭ يادرو ئېنىرگىيسىنى تەرەققى قىلدۇرۇش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

2007-يىلى 9-ئاينىڭ 14- كۈنى، ھامىنى ئامېرىكا پرېزدېنتى جورج بۇش ۋە بىرقىسىم ئامېرىكا رەھبەرلىرىنىڭ ھامان بىركۈنى ئامېرىكا رەھبەرلىك قىلغان ئىراق ئۇرۇشى سەۋەبلىك خەلقئارالىق سوتقا تارتىلىدىغانلىقىنى پەرەز قىلدى. ئۇ ئامېرىكىنىڭ ئىراقتا يۈز بەرگەن «تېرورىزىمدىن پەرقى بولمىغان» ئىشلار ئۈستىدىكى مەسئۇلىيىتىنى ئەيىبلىدى، ھەمدە، ئامېرىكا ئىراقنىڭ مۇقىم بولماسلىقىدىكى بىر ئامىل دېدى.

2009-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى، ئامېرىكا پرېزىدېنتى براك ئوباما تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن ھالدا ئىرانغا قارىتا دىپلوماتىك نوتا ئېلىپ بارغاندىن كېيىنكى بىر كۈنى، ھامىنى ئامېرىكىنىڭ «ئۆزگىرىشى» يېتەرلىك ئەمەس، دېدى، ئۇ يەنە «بىز ئامېرىكىنىڭ يېڭى ھۆكۈمىتىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىمىز......سىلەر ئۆزگەرسەڭلار، بىزنىڭ پوزىتسىيىمىزدىمۇ شۇنىڭغا ماس ھالدا ئۆزگىرىش بولىدۇ» دېدى.

11-سېنتەربىر تېرورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلەش

11-سېنتەربىر تېرورلۇق ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ھامىنى ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى ۋە ھۇجۇم قىلغۇچىلارنى ئەيىبلىدى، پۈتۈن دۇنياغا تېرورلۇق ھەركەتلىرىنى بىرلىكتە ئەيىبلەشنى مۇراجىئەت قىلدى، بىراق ئافغانىستانغا قوراللىق باستۇرۇپ كىرىشكە قەتئىي قارشى تۇردى. ئۇ «مەيلى زىيەنكەشلىك قىلغۇچى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ياكى ۋەقە يۈزبەرگەن ئورۇن بولسۇن، ئىنسانىيەتكە قارىتا كەڭ كۆلەملىك قىرىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغاننىڭ ھەممىسى چوڭ ئاپەت، بۇخىل قىلمىش ئەيىبلىنىشى كېرەك دېدى«.

ئىسرائىلىيە-پەلەستىن توقۇنۇشى

ھامىنى ئىسرائىلىيە ۋە رىئۇنىزىم (يەھۇدى قىساسچىلىقى) غا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، ئۇ 2001-يىلى «بۇ راك ئۆسمىسىگە ئوخشاش دۆلەت (ئىسرائىلىيە) نى، كېسىپ ئېلىۋېتىش كېرەك»، «ھەرقانداق ئادەم لوندون، ۋاشىنگتون ۋە موسكۋادىن كەلگەن مۇتەھەملەرنىڭ پەلەستىنلىكلەرگە رەھبەرلىك قىلىشىغا چىداپ تۇرالمايدۇ» دېگەن مەشھۇر باھانى  بەرگەن. ئوخشاش سورۇندا، ئۇ يەنە «پەلەستىندىكى قىيىنچىلىقتا قالغان خەلق يۇرتىغا قايتىشى كېرەك، مۇسۇلمانلار، خرىستىئانلار ۋە يەھۇدىيلارنىڭ ھەممىسى ھۆكۈمەت ئۈچۈن قارار چىقارسا بولىدۇ، بىراق ئىسرائىلىيەلىك يەھۇدىيلار بۇنىڭ سىرتىدا» دېدى.

ھۆكۈمەتكە قارشى تۇرغۇچى ئاكتىپ ئۇنسۇر ئابباسنىڭ سۆزىگە ئاساسلانغاندا، پرېزدېنت ئەھمەد نىجاد 2005-يىلى رىئۇنىزىمنى «دۇنيا خەرىتىسىدىن كېسىپ ئېلىپ تاشلاش» كېرەكلىكىنى تىلغا ئالغان، ھامىنى تولۇقلاپ «ئىسلام دۆلەتلىرى ھېچقانداق دۆلەتكە تەھدىت سېلىپ باققىنى يوق، بۇندىن كېيىنمۇ ئۇنداق قىلمايدۇ» دېدى. ئۇنىڭدىن باشقا ھامىنى دىپلوماتىيە سىياسىتى جەھەتتە ئەلى ئەكبەر ۋىلايەتىگە نازىس چوڭ قىرغىنچىلىقى يىغىنىغا قاتنىشىشنى رەت قىلىش مەسلىھەتىنى بەردى. ۋىلايەتى، نازىس چوڭ قىرغىنچىلىقى بىر خىل مىللەتنى تازىلاش ۋە تارىخىي پاكىت، ئىنىقكى ئەھمەد نىجادنىڭ دېگىنى بىلەن ئوخشاش ئەمەس، دېدى.

ھامىنى 2008-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى جۈمە كۈنىدىكى ئىبادەتتە ۋەز ئېيتىپ «بىز ئىسرائىلىيىنىڭ دوستى دېيىش خاتالاشقانلىق، قائىدىگە ئۇيغۇن ئەمەس، ئاساسسىز ۋە قۇرۇق گەپ ساتقانلىق» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى، «بۇنىڭدا ھېچقانداق تالاش-تارتىش قىلىدىغان بوشلۇق يوق» ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى. بۇ قېتىمقى پىكىر بايان قىلىش ئىلگىرى ساياھەت ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغان مۇئاۋىن پرېزدېنت ئەسفەندىيار رەھىم ماشايى دېگەن، رىئونىزىمچى دۆلەتلەر ئىراننىڭ دۈشمىنى، بىراق ئىسرائىلىيە ئىراننىڭ دۈشمىنى ئەمەس، دېگەن سۆزگە قايتۇرغان ئىنكاس ئىدى.

2009-يىلى 9-ئايدا، ھامىنى يەنە بىر قېتىم «رىئونىزىم ناملىق راك ھۈجەيرىسى ئىسلام مىللەتلىرىنى چىرىتىۋاتىدۇ» دېدى.

شەخسىي تۇرمۇشى

ھامىنىنىڭ 6 بالىسى بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە چوڭ ئوغلى موجتابا ھامىنى ھازىر باسچى خەلق ئەسكەرلىرىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ، ئېيتىشلارغا قارىغاندا  ئۇ 2009-يىلىدىكى پرېزدېنت سايلىمى پاراكەندىچىلىكىنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى مۇھىم شەخسى ئىكەن.

گەرچە ھامىنى ئۆزى بىلەن بىر قاتاردىكى دىن تارقاتقۇچىلار ئىچىدە چوڭ ھېساپلانمىسىمۇ، ئۇنىڭ سالامەتلىكى يەنىلا دىققەت قىلشقا مۈ وھتاج. 2007-يىلى 1-ئايدا، ھامىنى نەچچە ھەپتىگىچە ئاممىۋىي سورۇنلاردا كۆرۈنمىگەنلىكى، قۇربان ھېيتلىق مۇراسىمغىمۇ قاتناشمىغانلىقى (ئۇ دائىم قاتنىشاتتى) ئۈچۈن، ھامىنىنىڭ كېسىلى خەتەرلىك، ھەتتا ۋاپات بولدى دىگەندەك گەپ-سۆلەر تارقالدى. ھامىنى دەرھال بايانات ئېلان قىلىپ «ئىسلامنىڭ دۈشمەنلىرى ئاساسسىز بىر قىسىم سالامەتلىك ۋە ئۆلۈمگە دائىر پىتنە-پاساتلارنى تارقىتىپ، مەقسەتلىك ھالدا ئىران خەلقىگە زەربە بەرمەكچى بولىۋاتىدۇ» دېدى. بىراق، يازغۇچى ھۇمان مەجىدنىڭ دېيىشىچە، بۇ بايانات بىلەن بىللە ئېلان قىلىنغان رەسىمدە ھامىنى «ئاجىزلاپ قالغاندەك كۆرۈنگەن».

مەنبە: ۋىكىپېدىيەدىن تەرجىمە قىلىندى.

تەرجىمىدە: ئامىنە 



مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 5

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 865 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 4قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2014-02-06