»تارىخىي ھەمىدىي» دە ئۇيغۇر يۇرتلىرى ۋە كىشىلىرى

 

»تارىخىي ھەمىدىي» دە ئۇيغۇر يۇرتلىرى ۋە  كىشىلىرى

 

-«تارىخىي ھەمىدىي» دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 100 يىللىقىغا ئاتاپ

ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانىي

 

   بۈيۈك ئۇيغۇر تارىخشۇناسى موللا مۇسا سايرامىي (1836-1917) ئۆزىنىڭ  مەشھۇر تارىخىي كىتابى« تارىخىي ھەمىدىي» نى 1908-يىلى يېزىپ تاماملىغان. مەن بۇ ماقالەمدە، مەزكۇر ئەسەرنىڭ «خاتىمە» قىسمىدا بېرىلگەن قەدىمىي ئۇيغۇر يۇرتلىرى ھەققىدىكى بايانلارنى ئوقۇرمەنلەر بىلەن بىللە مۇتالىئە ۋە مۇلاھىزە قىلش ئارقىلىق، بۇ قۇتلۇق ئەسەر دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ يۈز يىللىقىنى قايىللىق ۋە ئىپتىخارلىق بىلەن خاتىرىلەيمەن.                                                        

1. تارىخشۇناس ۋە ئالىم مۇسا سايرامىي «تارىخىي ھەمىدىي» نىڭ خاتىمە قىسمىدا، ئۆز زامانىسىدا «يەتتە شەھەر» دەپمۇ ئاتالغان قەدىمىي ئۇيغۇر يۇرتلىرىنىڭ ئومۇمىي جۇغراپىيىسى ھەققىدە توختىلىپ كېلىپ مۇنداق يازىدۇ:«بۇرۇن ياشاپ ئۆتكەن ھۆكۈما، مۇنەججىملەر، گىئومېتىرىيە ۋە ماتېماتىكا ئالىملىرى يەر شارىنىڭ ئومۇمىي يۈز كۆلىمى، ئۇنىڭدىكى چۆل-جەزىرە، باياۋانلار ۋە ئادەم ياشايدىغان مەمۇر–ئاۋات جايلارنىڭ جۇغراپىيىسىنى ئاسترونومىيىلىك ھېساپلاش ئۇسۇلى ئاساسىدا سىزىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن، يۈكسەك تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەنىكەن. ئۇلار زېمىننىڭ ئادەم ياشىغىلى بولىدىغان (رۇنئى مەسكۇن) قىسمىنىڭ مەشرىق تەرەپتىكى باشلىنىش ئۇچىدىن، مەغرىب تەرەپتىكى ئاخىرلىشىش نۇقتىسىغىچە بولغان ئارىلىقنى يەتتە بۆلەككە بۆلۈپ، ھەر بىر بۆلەكنى بىر «ئىقلىم» دەپ ئاتىغان. ئاندىن، بۇ يەتتە ئىقلىم زېمىننى ئاسماندىكى يەتتە سەييارە يۇلتۇزغا نىسبەتلەشتۈرۈپ (باغلاپ)، ھەربىر ئىقلىمغا بىر يۇلتۇزنى مەنسۇپ قىلغان. يەنى بىرىنچى ئىقلىمغا زۇھەل (ساتورىن) يۇلتۇزىنى، ئىككىنچى ئىقلىمغا مۇشتەرى (يۇپىتېر) يۇلتۇزىنى، ئۈچىنچى ئىقلىمغا مىررىخ (مارىس) يۇلتۇزى ۋە مۇشۇ قىياس بويىچە، يەتتە يۇلتۇزنى يەتتە ئىقلىمغا باغلىغان. ئاندىن، ئۇلار ھەربىر ئىقلىمدا ياشايدىغان ئادەملەرنىڭ مىجەز-خۇلقى، رەڭگى-رويى ۋە خۇي-پەيلى قاتارلىقلارنى بايان قىلغاندىن باشقا، شۇ ئىقلىمغا تەۋە زېمىندىكى شەھەرلەر، دەريالار، چۆل-جەزىرىلەر ۋە مەمۇر-ئاۋات جايلارنى بىرمۇ بىر تەسۋىرلەپ جەملەپ، بۇلارنى ئۆزلىرى يازغان تارىخ كىتابلىرىنىڭ ئاخىرىغا «خاتىمە» ئورنىدا بەرگەن، بۇ ئەمەلىيەتتە، ئۇ  دانا  ئاپتورلارنىڭ كىتابلىرىغا زىننەت بېغىشلىغان. ئەمما، مەن كەمىنە نادان، بېشىدىن تا ئايىغىغىچە نۇقسان ۋە كەمچىلىك بىلەن تولغان، قورسىقىدا ئانچە ئۇمىچى بولمىغان بىر ئادەم مەزكۇر قەدىمكى ئاپتورلاردەك چوڭ ئىشنى قىلالمىساممۇ، يەتتە ئىقلىمنى بايان قىلىشنىڭ ئورنىغا بۇ يەتتە شەھەرنى ۋە بۇ شەھەرلەردە ياشايدىغان ئادەملەرنىڭ بەزەن ئەھۋاللىرىنى بايان قىلىشقا جۈرئەت قىلدىم. (قاراڭ: مۇسا سايرامىي:«تارىخىي ھەمىدىي» يېڭى تەرجىمە ئېلېكترونلۇق نۇسخا، ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي تەرجىمىسى، 583-بەت). مۇلاھىزىمچە، يۇقىرىقى بايانلار بىزگە مۇنداق ئىككى نەرسىنى ئۇقتۇرىدۇ. بىرسى، ئالىم بوۋىمىز مۇسا سايرامىينىڭ كىتاب يېزىشقا، كونا ئەندىزە بويىچە ماڭماي، ئۆز ئەمگىكى بىلەن يېڭىلىق يارتىش ئارقىلىق، ئىلىم يولىدا يېڭى ئىز قالدۇرۇشقا تىرىشىش روھى ئەكس ئەتكەن. بۈيۈك ئۇيغۇر مۇتەپەككۇر ئەلشىر نەۋائىي:«ئىلىم-كۆمۈكلۈك خەزىنە ئەمەس، بەلكى ئۇ گويا كۆكلەپ تۇردىغان دەرەختۇر» دېگەن. ھالبۇكى، ئىلىم ساھىبى بولغان ئالىم ئۆزى شۇغۇللىنىۋاتقان ئىلىمگە نىسبەتەن ئەنە شۇنداق تەرەققىيات كۆز قارشى بىلەن قارىغاندىلا، ئاندىن يېڭىدىن ئىلىم پەللىسى يارىتالايدۇ ۋە ئاشۇ ئۆزى ياراتقان يېڭى ئىلىم پەللىسى ئارقىلىق، ئۆز خەلقىنىڭ قەلب تۆرىدىن ئورۇن ئالالايدۇ. ئەمدى، يېڭى ئىلىم پەللىسىنى يارىتىش ئالىمىدىن ئالدىنقىلار ماڭغان ئىلىم يولىدا مەزمۇت مېڭىپ، پېشقەدەملەرنىڭ ئىلمىي پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىر چاغدا، ئۆزى شۇغۇللىنىۋاتقان ئىلمىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يۈزىسىدىن، مۇئەييەن يېڭىلىق يارتىش روھىغا ۋە ئىقتىدارىغا ساھىب بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.                                               

  مۇشۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئالىم بوۋىمىز مۇسا سايرامىي تارىخشۇناسلىق ئىلمى يولىدا يېڭىلىق يارتىش روھىغا ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈنلا، ئۆزىنىڭ بۇ «تارىخىي ھەمىدىي» ئاتلىق تارىخىي كىتابىنى يېزىشتا، باشقىلارنىڭ يازغىنىنى ۋە يېزىش-تۈگەللەش ئۇسلۇبىنى ئاددىي ھالدىلا تەكرارلاپ قويماستىن، يېڭىچە يول تۇتۇپ، يەتتە سەييارىنىڭ ئورنىغا ئۆز خەلقى ياشاۋاتقان يەتتە شەھەرنى بايان قىلغاندۇر.

ئىككىنچىسى، ئالىم بوۋىمىزنىڭ كۈچلۈك ۋەتەنپەرۋەرلىكىدىن ئۆزىنىڭ يەتتە شەھەرنى ئەمەلىيەتتە، ئاسماندىكى يەتتە يۇلتۇزدەك يۈكسەك ۋە ئەزىز بىلگەنلىكىنى ئېنىق ئىپادىلەنگەن.                                                   

  ئالىم مۇسا سايرامى ئۆز بايانىدا:«مەن كەمىنە نادان، بېشىدىن تا ئايىغىغىچە نۇقسان ۋە كەمچىلىك بىلەن تولغان، قورسىقىدا ئانچە ئۇمىچى بولمىغان بىر ئادەم مەزكۇر قەدىمكى ئاپتورلاردەك چوڭ ئىشنى قىلالمىساممۇ، يەتتە ئىقلىمنى بايان قىلىشنىڭ ئورنىغا بۇ يەتتە شەھەرنى ۋە بۇ شەھەرلەردە ياشايدىغان ئادەملەرنىڭ بەزەن ئەھۋاللىرىنى بايان قىلىشقا جۈرئەت قىلدىم» دېيىشى ئالىملارغا خاس كەمتەرلىك بولۇپ، يەتتە شەھەر ھەققىدىكى يازغان–پۈتكەنلىرىدىن ئۇنىڭ ئۆز ۋەتىنى ۋە ئۆز مىللەتداشلىرىغا بولغان سەمىمىي سۆيۈنۈش، ئىچ-ئىچىدىن كۆيۈنۈش ۋە ئۇلارنىڭ ئىقبالى ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىش تۇيغۇسى تولىمۇ كۈچلۈك ئۇرغۇپ تۇرغانلىقىنى كۆرىۋالدۇق. ئالايلۇق:                                     

كاشغەر                             

  مەزكۇر يەتتە شەھەرنىڭ ئەلاسى ۋە بىرىنچىسى كاشغەردۇر. كاشغەر قەدىمىي، ئۇزاق تارىخقا ئىگە مەشھۇر ۋە داڭلىق شەھەر. ئادەملىرىنىڭ مىجەز-خاراكتېرى ئالىملارغا ۋە سالىھ (پاك-دىيانەتلىك) لارغا تولىمۇ ئامراق، سەپەر  قىلىپ، مۇساپىرچىلىق ۋە غۇربەتچىلىكتە ياشاشقا ھېرىسمەن، ئۈلپەتچىلىك قىلىشقا چىۋەر، مۇھەببەتلىشش، دىلكەشلىك قىلىشقا ماھىر ۋە ئۇستا. لېكىن، دوستانىلىق، بۇرادەرچىلىكنى ۋايىغا يەتكۈزەلمەيدۇ.                                        

  كاشغەر ئالىملار ۋە ئىلىم تەلەپكارلىرى بويىچە راۋاجلانغان، ساھىب دۇئا پازىللار بويىچە روناق تاپقان بولۇش جەھەتتە، شۇنداقلا تىجارەتچىلەر ۋە شەرەپشان دېھقانلارنىڭ ئۆشرە-زاكاتلىق، خەير-سەدىقىلىق بولۇشى، كاسىپ ۋە ھۈنەرۋەنلەرنىڭ ئىشچان، تىرىشچان بولۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە باشقا شەھەرلەرنى بېسىپ چۈشىدۇ. بولۇپمۇ، ئىلىم-ئىرپاندىكى راۋاجلىنىش ۋە سودا- تىجارەتتىكى گۈللىنىش ۋە روناقلىق بابىدا، ئۇنى «ئىككىنىچى بۇخارا» دېسىمۇ، ھەرگىز مۇبالىغە بولمايدۇ. كاشغەرنىڭ نوپۇسىغا قارىغاندا، زېمىنى ئاز، يېمەكلىك ئاشلىقى ئۆزىگە يېتىشمەيدۇ. شۇڭا، ھەر ھەپتىدە، ئىككى مىڭ ئېشەك  ئاشلىق ياركەندتىن كاشغەرگە ئۈزۈلمەي كىرىپ تۇرىدۇ. يايلاق ئوتلاقلىرى ئاز، ئۇلاغ-چارۋىلىرى كەمچىلدۇر.(قاراڭ: يۇقىرىقى ئەسەر)                                                  

ياركەند                           

  ياركەند قەدىمي، ئۇزاق تارىخقا ئىگە  شەھەر. ئادەملىرىنىڭ خۇي- مىجەزى بىچارە سۈپەت، ئۆز ئىشىغا پۇختا ۋە پىششق. «ئىشان»، «ھەزرەت»، «ئەپەندى» ۋە «ساھىب» ئېتى بارلارغا چوڭقۇر ئەقىدە-ئىخلاس بىلەن قىزغىن  مۇئامىلە قىلىدۇ. ياركەنددە ھىندىستانلىق، كەشمىرلىك،  ئافغانىستانلىق ۋە بەدەخشانلىق مۇساپىرلار تولا. ياركەندلىكنىڭ ئۆزلىرى سەپەرگە ئاز چىقىدۇ.  ئادەملىرىنىڭ ھەممىسى شەرەپشان دېھقان(دېھقانى ئەشرەف). يەر-زېمىنلىرى كەڭرى ۋە ئۈنۈملۈك. ئاشلىق مەھسۇلاتى ئۆز شەھرىگە يېتىدۇ، ھەتتا ئېشىپ  قالىدۇ. يايلاق ۋە قىشلاقلىرى بىپايان، تۈرلۈك چارۋا ۋە قوتازلىرى بىھېساب، يەل يېمىشلىرى مول، يېمەك-ئىچمەكلىرى كەڭرى ھەم ئەرزانچىلىق. يۇرت دائىرسى پايانسىزدۇر. (قاراڭ: يۇقىرىقى ئەسەر)                                                                  

خوتەن                                      

  خوتەن ناھايىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، قەدىمىي ۋە مەشھۇر شەھەر. ئادەملىرىنىڭ خۇي-مىجەزى بىر تىل، بىر دىل، مىسلىسىز ئۆم-ئىتتىپاق؛ پىششىقلىقتا تەڭداشسىز؛ مومسىلىقتا تەمسىلسىز؛ تەقۋا پەرھىزكارلىرى تولا. بەڭۋاش، يامانلىرى ئاندىن تولا؛ ئادەملىرىنىڭ  ھەممىسى كاسىپ-ھۈنەرۋەن؛ ئۇلار ئەقىل-ئىدىراكلىق ۋە ئۆتكۈر زېھىنلىك بولۇش جەھەتتە تەڭداشسىز؛ ھەرقانداق  ھۈنەرنى  ئۆز  كامالىتىگە  يەتكۈزۈپ قىلىپ، خېرىدارلارغا يارىتىپ  قولدىن ئۆتكۈزۈپ، پۇلنى ئېلىشقا قادىر  ھەم ماھىر.

  خوتەندە مول مەشۇت-يىپەك ئىشلەپچىقىرىدۇ. ئالتۇن كانى بار، قاشتېشىمۇ ھەم تەييار؛ تۆت ئەتراپىدىن كېلىدىغان شەرەپشان سودىگەرلەر ھەرقانچە  كۆپ پۇل ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، پۇللىرى تۈگەپ كەتسە كېتىدۇكى قىلىدىغان سودىسى تۈگىمەيدۇ.باشقا يۇرتلارغا خوتەندىن مال-تاۋار چىقىپ كەتسە كېتىدۇكى، ئالتۇننى ھېسابقا ئالمىغاندا، نەق پۇل ھەرگىز چىقىپ كەتمەيدۇ. خوتەننىڭ ئادەملىرگە قارىغاندا، يەر-زېمىن ئاجىز، تولىسى قۇملۇق. ئاشلىق مەھسۇلاتى تۆۋەن، ئەمما مېۋە-چېۋىلىرى ئېشىپ-تېشىپ تۇرىدۇ. يايلاق، باياۋانلىرى كۆز يەتكۈسىز، ئۇلاغ-چارۋىلىرىمۇ تولا ۋە جىمىغۇر. (قاراڭ: يۇقىرىقى ئەسەر)                                                                                  ئاقسۇ                                        

  ئاقسۇ خەلقى توغرا-دۇرۇس، ياۋاش، ساددا، مۇلايىم ۋە كەمتەرخۇسۇسىيەتلىك، غەم-ئەندىشىلىك؛ ئۈلپەت-ئىتتپاقى يوق، پاراكەندە، مۇھەببەت ۋە مەسلىھەتى يوق چېچىلاڭغۇلۇق-تەپرىقە؛ ئۆيىدە ئاشلىق ساقلىمايدۇ، تەۋەككۈلچىلىكى زىيادە؛ شەھەر ئادەملىرىنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى كۈنلۈك نانلىرىنى كۈنلۈك بازاردىن سېتىۋالىدۇ. مۇشۇ سەۋەبتىن، ئاشپەز-ناۋايلىرى كۆپ، ئاشپەزلىك ۋە ناۋايلىق ھۈنەر-سەنئىتى راۋاجلانغان. بىراق، ئومۇمىيەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھۈنەرۋەنلىرى ئاز، دېھقانلىرى كۆپ. يەل-يېمىشلىرى ۋە  ئاشلىق مەھسۇلاتى ئۆز شەھىرىگە يىتىدۇ. گۈرۈچى ئېسىل بولۇپ، شەھەر-شەھەرلەرگە ئېلىپ كېتىلىدۇ. يايلاق-قىشلاقلىرى كەڭرى، ئۇلاغ-چارۋىلىرى مول، ئۆزىگە يېتىدۇ. بەلكى ئېشىپمۇ قالىدۇ.(قاراڭ: يۇقىرىقى ئەسەر)                                    

ئۇچتۇرفان                                    

  ئۇچتۇرفان قەدىمىي، ئۇزاق تارىخقا ئىگە شەھەر. بۇرۇنقى نامى «ئۇچ» ئىكەن. بەلكى «شەھىرى بەربەر» دەپمۇ ئاتالغانىكەن. مەنسۇرخاننىڭ زامانىسىدا، ئادەملىرى بىئەدەپلىك قىلىپ، ئەمرى ئىتائەتتىن چىققانلىقتىن خان كايىپ، باش قوماندان، زالىم سەركەردە بەردى بەگ دوختۇينى قوشۇنى بىلەن ئەۋەتىپ، ئۇچ خەلقىنى ئومۇمىي قىرغىن قىلىپ، قىلىچتىن ساقلىنىپ ھايات قالغانلىرى يۇرت-يۇرتقا تارقىتىۋەتكەندىن كېيىن، تۇرفاندىن ئادەم كۆچۈرۈپ كىلىپ، قايتىدىن ئاۋات قىلغانىكەن. بۇ ۋەجىدىن، شەھەر ئىسمى تۇرفاننىڭ نامى بىلەن بىللە قوشۇپ ئاتىلىدىغان بولغان. يەنى «ئۇچ» سۆزىگە «تۇفان» كەلىمىسنى قوشۇپ، «ئۇچتۇرفان» دەپ ئاتايدىغان بولغانىكەن.  ھەر ھالدا، كېيىنچە ئاۋام خەلقىنىڭ خاتا تەلەپپۇز قىلىشى نەتىجىسىدە، «ئۇشتۇرفان» بولۇپ قالغاندۇر. كېيىن، يەنى بۇ زېمىن يەنە خاقانى چىنغا قارايدىغان بولغاندىن كېيىنكى ئون يەتتىنچى يىلى، ئۇشتۇرفان خەلقى خاقانى چىننىڭ ئەمرى-ئىتائىتىدىن چىقىپ ئىسيان كۆتۈرگەن ئىكەن،      سان-ساناقسىز چېرىكلەر كېلىپ، شەھەرنى ئىككىنچى قېتىم ئىشغال قىلىپ، ئادەملىرىنىڭ ھەممىسىنى قىلىچتىن ئۆتكۈزۈپ قەتلىئام قىلغاندىن كېيىن، ئالتە شەھەردىن ئادەم كۆچۈرۈپ كېلىپ يەرلەشتۈرۈپ، قايتا ئاۋات قىلغانىكەن. ئۇلارنىڭ ھازىرقى ئېتى «كۆچمەن» دۇر. بۇ ھەقتە كىتابىمىزنىڭ بىرىنچى داستان قىسمىدا بايان بەرگەن بولدۇق. شۇ سەۋەپتىن، ھازىرقى ئۇلار گۇرۇھ-گورۇھقا بۆلۈنۈپ كەتكەن، چۇۋالچاق، ئۆم-ئىناق ئەمەس. ئۇلارنىڭ    كاسىپ-ھۈنەرۋەنلىرى ئاز، ئادەملىرى دېھقان، يەر-زېمىنى ئوبدان، ئاشلىق ۋە يېمەك–ئىچمەكلىرى كەڭرى ۋە ئەرزانچىلىق. (قاراڭ: يۇقىرىقى ئەسەر)                             

كۇچا                            

  كۇچانىڭ قەدىمكى ئىسمى «كۈسەن» ئىكەن. كۇچالىقلار مىجەز-خاراكتېر جەھەتتە، ئۆم-ئىتتىپاق، دوست-ئۈلپەتچىلىكتە پەيزى بار كېلىدۇ. ئادەملىرىنىڭ ھەممىسى ئەدەپ-قائىدىلىك، يېقىشلىق، گۈزەل سۆزلۈك. ئاياللىرىنىڭ ھىممەت-جۈرئىتى ئەرلىرىدىن ئۈستۈن، ئىلىم-ئەمەل، كەسىپ-ھۈنەردىمۇ قېلىشمايدۇ. ئەمما، مۇساپىر بىلەن خوشى يوق كېلىدۇ. بۇ كۈنلەردە، كۇچاغا تەرەپ-تەرەپتىن مۇساپىرلار كېلىپ جەم بولۇپ، جەمىئيەت پەيدا قىلىپ، ئۇنى كۈنسايىن راۋاجلىنىۋاتقان بىر تىجارەتگاھقا ئايلاندۇرماقتا. كۇچانىڭ نوپۇسىغا قارىغاندا، زېمىنى كۆپ ھەم مۇنبەت. ھەر ھەپتىدە، باي-سايرامدىن ئەقەللىسى بەش يۈز ئېشەك-ئۇلاغدا ئاشلىق ۋە ياغ كېلىپ تۇرىدۇ. ھەر تۈرلۈك يەل-يېمىش ۋە يېمەك-ئىچمەكلىرى باشقا شەھەرلەرگە سېلىشتۇرغاندا، مول ۋە مەمۇرچىلىق. ھۆل-قۇرۇق مېۋىلىرىنى سودىگەرلەر شەھەر-شەھەرلەرگە ئېلىپ كېتىدۇ. كۇچانىڭ ئۇلاغ-چارۋىلىرى تولا، گۆش تەمىناتى ئۈچۈن ئۆزلىرىگە يېتىدۇ، ھەتتا ئېشىپمۇ قالىدۇ. (قاراڭ: يۇقىرىقى ئەسەر)                                                                                   

كونا تۇرفان                                      

  كونا تۇرفان قەدىمىي ۋە ئۇزاق تارىخقا ئىگە شەھەر. ئادەملىرىنىڭ مىجەز-خاراكتېرى سەمىمىي، راست سۆزلۈك، ئۆز ئىشىغا پۇختا ۋە پىششق؛ ھىيلە-مىكىر ۋە خائىنلىق-يۈزسىزلىكتىن خالىي، ئەقىدە-ئىخلاسلىرى تازا كېلىدۇ. ھاۋاسى ئسىسق، ئېقىن سۈيى ئاز. مۇتلەق كۆپچىلىك ئەھۋالدا، كارىز سۈيىگە تايىنىپ تېرىقچىلىق قىلىدۇ. زېمىنى ئوبدان، ئاشلىق مەھسۇلاتى ئۆزىنى تەمىنلىيەلەيدۇ. غوزا-كېۋەزلىرى ئوخشايدۇ. تەرەنجىبىن (يانتاق شېكىرى) مۇ بۇ يەرنىڭ خاس مەھسۇلاتىدۇر. كىشمىش ئۈزۈملىرى ئاجايىپ تولا. سودىگەرلەر شەھەر-شەھەرلەرگە ئېلىپ كېتىشدۇ. بۇ يەرنىڭ زېمىن دائىرسى ناھايىتىمۇ كەڭرى. (قاراڭ: يۇقىرىقى ئەسەر)                                                          

2. ئانا يۇرتىلىرىمىز ھەققىدە. شۇ قەدەر پاساھەتلىك تىل بىلەن ئىپادىلەنگەن يۇقىرقى بايانلاردىن مەن مۇنداق بىر  قانچە  ئاساسلىق  چۈشەنچىگە  كەلدىم:                                                                         

بىرسى، مەزكۇر بايانلاردا، خەلقىمىزنىڭ ۋۇجۇدىدىكى  پەخىرلىنىشكە ئەرزىيدىغان ئومۇمىيەتلىك ئالاھىدىلىكلەر مېغىزلىق قىلىپ شەرھىلەنگەن. بۇ تەسىراتىمىزنى ئېچىپراق شەرھلىسەك بولىدۇ:                            

1) بۇ بايانلاردا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەزەلدىن ئىلىمنى، پەن-مەرىپەتنى قىزغىن سۆيىدىغان، ئىلىم ۋە ئالىمنى قەدىرلەيدىغان خەلق ئىكەنلىكىنى شەرھلەنگەن. ئالايلۇق، ئاپتور يەتتە شەھەر ئىچىدىكى كاشغەر ھەققىدە توختالغىنىدا:«بۇ شەھەر ئۆلىمالار ۋە تالىبۇل ئىلىملەرغە رەۋاجى ۋە ساھىب دۇئالارغا رەۋنەقى ۋە تۇججار ۋە دېھقانى ئەشرەڧلەر ئۆشرە-زەكات ۋە خەير- سەدەقاتى ۋە ئەھلى كەسىپ ۋە ھۈنەرمەندىلەرنىڭ سەيئى ۋە كوشىشى باشقا شەھر ئادەملەرىغە نەزەر قىلغاندا،تەفەۋۋۇق ۋە زىيادەدۇرلار.»  (قاراڭ: «تارىخىي ھەمىدىي» قوليازما، 328-بەت).                                        

تەرجىمىسى: بۇ شەھەر ئالىملار ۋە ئىلىم تەلەپكارلىرى بويىچە  راۋاجلانغان، ساھىب دۇئا پازىللار بويىچە روناق تاپقان بولۇش جەھەتتە، شۇنداقلا تىجارەتچىلەر ۋە شەرەپشان دېھقانلارنىڭ ئۆشرە-زاكاتلىق، خەير-سەدىقىلىق بولۇشى، كاسىپ ۋە ھۈنەرۋەنلەرنىڭ ئىشچان ۋە تىرىشچان     بولۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە باشقا شەھەرلەرنى بېسىپ چۈشىدۇ. (قاراڭ: «تارىخىي ھەمىدىي» (يېڭى تەرجىمە ئېلېكترونلۇق نۇسخا)، 585 –بەت.) ئاندىن، تەركەند توغرىسىدا مۇنداق دەپ يازىدۇ:«ئادەملەرنىڭ ئىشان، ھەزرەت، ئەپەندى، ساھىبىلار، رەۋاج ۋە رەۋنەقى ۋە ئەقىدە-ئىخلاسلارى زىيادە.»                                                                          

تەرجىمىسى: ئىشان، ھەزرەت، ئەپەندى ۋە ساھىب  ئاتالغانلارغا قىزغىن مۇئامىلە قىلىدۇ، ئەقىدە-ئىخلاسلىرى كۈچلۈك. (يۇقىرىقى ئەسەر يېڭى تەرجىمە ئېلېكتىرونلۇق نۇسخا).                                           

مانا بۇ بايانلاردىن بىز ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەزەلدىنلا ئىلىم-مەرىپەتنى ئەزىزلەيدىغان، ئىلىم ۋە ئىلىم ساھىبلىرىنى قەدىرلەيدىغان مىللىي روھىنى كۆرۈۋالالايمىز.                                                              

2) بۇ بايانلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ھۈنەر-كەسپىنى سۆيىدىغان، پەن-تېخنىكىغا چىن كۆڭلى بىلەن بېرىلدىغان، ئەمگەكچان ۋە ئىجادچانلىق  روھىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈلگەن. ئالايلۇق، بايانلار ئىچىدىكى خوتەن بابىدا مۇنداق دېيىلگەن:«ھەمە ئادەملەرى كاسىب-ھۈنەرمەند  ۋە تەبئى ئىدراكى تازە ۋە زىھنى چالاكى بىئەندازە؛ ھۈنەرنى ئۆز كامالىغا  يەتكۈزۈپ ۋە خەرىدارغا ئوبدان كۆرسەتىپ ۋە قولىدىن ئۆتكەرىپ، نەقدىنەلەرنىڭ ئالماغلىقىدا كامىل ۋە قابىلدۇر.» (قاراڭ:«تارىخى ھەمىدىي» قوليازما، 331- بەتلەر)                                                                      

تەرجىمىسى: ئادەملىرىنىڭ ھەممىسى كاسىپ-ھۈنەرۋەن؛ ئەقىل-ئىدىراكلىق ۋە ئۆتكۈر زېھىنلىك جەھەتتە تەڭداشسىز؛ ھەر قانداق ھۈنەرنى ئۆز كامالىغا يەتكۈزۈپ، خېرىدارغا يارىتىپ قولدىن ئۆتكۈزۈپ، پۇلنى ئېلىشقا ماھىر ۋە قابىل. (قاراڭ: يېڭى تەرجىمە ئېلېكترونلۇق نۇسخا)                                                                              

مانا بۇ باياندا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشچانلىق، ھۈنەر- كەسىپنى، ئىش-ئەمگەكنى سۆيۈشتىن ئىبارەت تۇرمۇش پەلسەپىسى ئۆز ئىپادىسىنى تاپقانلىقى ئېنىقتۇر.                                                             

3) بۇ بايانلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ سودا-تىجارەتكە ئەھمىيەت بېرىدىغان، تىجارەت بىلەن ئەل گۈللەندۈرىدىغان خەلق ئىكەنلىكى گەۋدىلەندۈرۈلگەن. بۇ ھەقتە كۇچا بابىدا:«بۇ گۈنلەردە، كۇچاغا ھەر تەرەپتىن مۇساپىرلار جەم بولۇپ، كۈندىن-كۈنگە ئاباد جەمئىيەت قىلىپ، سەۋداخانە بولۇپ رەۋاج؛ ھۆل-قورۇق يەمىشلەرىنى سەۋداگەرلەرگە شەھر-شەھرغە ئالىپ كەتەدۇر.» (قاراڭ:«تارىخى ھەمىدىي» قوليازما، 345-بەت)                

تەرجىمىسى: بۇ كۈنلەردە، كۇچاغا ھەر تەرەپتىن مۇساپىرلار كېلىپ جەم بولۇپ، جەمئىيەت پەيدا قىلىپ، ئۇنى كۈنسايىن راۋاجلىنىۋاتقان بىر تىجارەتگاھقا ئايلاندۇرماقتا؛ ھۆل-قۇرۇق مېۋىلىرىنى سودىگەرلەرگە شەھەر-شەھەرگە ئېلىپ كېتىدۇ. (قاراڭ :  يېڭى تەرجىمە ئېلېكترونلۇق نۇسخا).                                                                        

ئاندىن، كاشغەر بابىدا مۇنداق يازىدۇ: «خۇسۇسەن ئۆلىمالارغا رەۋاجى ۋە سەۋداگەرلەرگە سەۋدا ۋە تىجارەتى بابىدا، گويا (سانىي بۇخارا) دەپ ئەيتسالار، ئەسلا مۇبالىغە بولمايدۇر.»                                       

تەرجىمىسى: خۇسۇسەن، ئىلىم-ئىرپاندىكى راۋاجلىنىش ۋە سودا–تىجارەتتىكى گۈللىنىش بابىدا، گويا «ئىككىنچى بۇخارا» دېسىمۇ، ھەرگىز مۇبالىغە بولمايدۇ.                                                  

  خوتەن بابىدا مۇنداق بايان قىلىدۇ: «مەشتۇت-يىپەكلەر تولا چىقادۇر؛ ئالتۇن كانى بار ۋە سۇتاشى ھەم تەييار؛ سەۋداگەرلەر ئەشرەپلەر ئەتراپ جانىبالاردىن ھەر قانچە نەقدىنەلەر ئالىپ كەلىپ خەرىد قىلسالار، نەقدىلەرى ئەدا بولادۇر، خەرىدلەرى ئاشىپ قالادۇر؛ خوتەندىن باشقا شەھرلەرگە مال ئەجناسلارى چىقىپ كەتەدۇر، نەقدىنەلەرى ئەسلا چىقمايدۇر، مەگەر  ئالتۇننى چىقادۇر. (قاراڭ:«تارىخى ھەمىدىي» قوليازما، 331-بەت).            

  تەرجىمىسى: خوتەندە مول مەشۇت-يىپەك ئىشلەپچىقىرىلىدۇ؛ ئالتۇن كانى بار، قاشتېشىمۇ  ھەم تەييار؛ تۆت ئەتراپىدىن كېلىدىغان شەرەپشان سودىگەرلەر  ھەرقانچە  كۆپ پۇل ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، پۇللىرى تۈگەپ كەتسە كېتىدۇكى قىلىدىغان سودىسى تۈگىمەيدۇ؛ باشقا يۇرتلارغا خوتەندىن مال-تاۋار چىقىپ كەتسە كېتىدۇكى، ئالتۇننى ھېسابقا ئالمىغاندا، نەق پۇل ھەرگىز چىقىپ كەتمەيدۇ. (قاراڭ: يۇقىرىقى ئەسەر  يېڭى تەرجىمە ئېلېكترونلۇق نۇسخا).                                                       

بىز بۇ بايانلاردىن ئۇيغۇرلارنىڭ سودا-تىجارەتكە ماھىر، سودىغا ئېپى بار، سودا- تىجارەت ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا، ئەل-يۇرتنى گۈللەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىدىغان خەلق ئىكەنلىكىنى  بىلىۋالالايمىز.                                                                             

ئىككىنچىسى، خاس ئۆزگىچىلىكلەرمۇ جايىدا گەۋدىلەندۈرۈلگەن. ئالىم  مۇسا سايرامىي يەتتە شەھەر ھەققىدىكى بايانلىرىدا، ھەر قايسى شەھەرلەرنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلىرىگىمۇ تېگىشلىك ئورۇن بەرگەن. يەنى ھەر قايسى شەھەرلەرنىڭ ئادەملىرى ۋە ئۇلارنىڭ مىجەز-خۇلقى، يۇرتنىڭ جۇغراپىيىلىك شارائىتى، ئۆرپ- ئادىتى، مەزكۇر يۇرتتىكى مەشھۇر تارىخىي شەخس ۋە داڭلىق تارىخىي يەرلەر ھەققىدە ئەتراپلىق مەلۇمات بەرگەن. مېنىڭچە: بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ گەۋدىلىكلىرى تۆۋەندىكىچە:  

1)كاشغەر توغرىسىدىكى بايانىدا، سۇلتان ساتۇق بۇغراخان مازىرىنى ئالاھىدە بايان قىلغان. مەلۇمكى، سۇلتان ساتۇق بۇغراخان تۈركىي تىللىق مىللەتلەرنىڭ تۇنجى ئۇيغۇر ئىسلام خاندانلىقى-قاراخانلار خاندانلىقىنى قۇرغۇچى كىشى. بۇ ھەقتىكى بايانىدا ئاپتور، سۇلتان ساتۇق بۇغراخاننىڭ مىلادى 943-يىلى ئەبۇ نەسىر سامانىنىڭ دالالەت قىلىشى ئارقىسىدا ئىسلام دىنىنى دۆلەت قوبۇل قىلغانلىقى ۋە مىلادى 960-يىلى ئىسلام دىنىنى دۆلەت دىنى قىلىپ جاكارلىشى بىلەن بۇ يەتتە شەھەر خەلقىنىڭمۇ ئىسلام ئەقىدىلىرىنى قوبۇل تۇتۇپ، مۇسۇلمانچىلىق دائىرىسىدىن ئورۇن ئالغانلىقىنى شەرھلىگەن. ئۇ:«ھەدىسى شەرىپتىكى تۈرۈكلەرنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئاۋۋال ئىسلام دىنىغا كىرگۈچى كىشى بولسا ساتۇقدۇر» دېگەن بايان ئارقىلىق، سۇلتان ساتۇق بۇغراخاننىڭ مىسلىسىز شۆھرىتىنى نامايان قىلغان.              

2) ئۇچتۇرپان توغرىسىدا مۇنداق خاس بايانلارنى ئېيتىپ ئۆتكەن: بۇرۇنقى نامى «ئۇچ» ئىكەن. بەلكى «شەھىرى بەربەر» دەپمۇ ئاتالغانىكەن. مەنسۇرخاننىڭ زامانىسىدا، ئادەملىرى بىئەدەپلىك قىلىپ، ئەمرى ئىتائەتتىن چىققانلىقتىن خان كايىپ، باش قوماندان، زالىم سەركەردە بەردى بەگ دوختۇينى قوشۇنى بىلەن ئەۋەتىپ، ئۇچ خەلقىنى ئومۇمىي قىرغىن قىلىپ، قىلىچتىن ساقلىنىپ ھايات قالغانلىرى يۇرت-يۇرتقا تارقىتىۋەتكەندىن كېيىن، تۇرفاندىن ئادەم كۆچۈرۈپ كىلىپ، قايتىدىن ئاۋات قىلغانىكەن. بۇ ۋەجىدىن، شەھەر ئىسمى تۇرفاننىڭ نامى بىلەن بىللە قوشۇپ ئاتىلىدىغان بولغان. يەنى «ئۇچ» سۆزىگە «تۇرفان» كەلىمىسىنى قوشۇپ، «ئۇچتۇرفان» دەپ ئاتايدىغان بولغانىكەن. ھەر ھالدا، كېيىنچە ئاۋام خەلقىنىڭ خاتا تەلەپپۇز قىلىشى نەتىجىسىدە، «ئۇشتۇرفان» بولۇپ قالغان. دېمەك، ئالىم مۇسا سايرامىي بۇ  بايانى ئارقىلىق ،ھازىر «ئۇشتۇرپان» دەپ ئاتىلىۋاتقان بۇ زېمىننىڭ يەر  نامىنىڭ ئېتىمولوگىيىسىنى تولىمۇ قايىل قىلارلىق قىلىپ، ئىلمىي  بايان  قىلغان.                                                                        

2)ئالىم مۇسا سايرامىي تۇرپان بابىدا مۇنداق خاس بايانلارنى ئىپادىلىگەن:«ئەدەملىرى ئەۋزائى راست قەۋل ۋە راست سۆزلۈك؛ ئۆز ئىشىغا پۇختا، مىكر-ھىيلە ۋە غەدر-خىيانەت يوقتۇر؛ ئەقىدە ئىخلاسلىرى تازە، ھاۋاسى ئىسىغ، ئابىي جارىيلارى كەمچىن، ئەكسەرى كارىز بىرلە زىرائەت قىلادۇر؛ غۇزەئى كەبەزلىرى ئوبدان بولادۇر، تەرەنجىبىن ھەم تۇرپاندا خاستۇر؛ كىشمىش ئۈزۈملەرى تولا ۋە سىيراب، شەھر-شەھرغە ئالىپ كەتەدۇر» (قاراڭ: «تارىخىي ھەمىدىي» قوليازما، 346-بەت).                                       

تەرجىمىسى: ئادەملىرىنىڭ مىجەز-خاراكتېرى سەمىمىي، راست سۆزلۈك، ئۆز ئىشىغا پۇختا ۋە پىششق؛ ھىيلە-مىكىر ۋە خائىنلىق-يۈزسىزلىكتىن خالىي، ئەقىدە-ئىخلاسلىرى تازا كېلىدۇ. ھاۋاسى ئسىسق، ئېقىن سۈيى ئاز. مۇتلەق كۆپچىلىك ئەھۋالدا، كارىز سۈيىگە تايىنىپ تېرىقچىلىق قىلىدۇ. زېمىنى ئوبدان، ئاشلىق مەھسۇلاتى ئۆزىنى تەمىنلىيەلەيدۇ، غوزا-كېۋەزلىرى ئوخشايدۇ. تەرەنجىبىن (يانتاق  شېكىرى) مۇ بۇ يەرنىڭ خاس مەھسۇلاتىدۇر. كىشمىش ئۈزۈملىرى ئاجايىپ تولا. سودىگەرلەر شەھەر-شەھەرلەرگە ئېلىپ كېتىشدۇ. (قاراڭ: يۇقىرىقى ئەسەر  يېڭى تەرجىمە ئېلېكترونلۇق نۇسخا).                                                          

  بۇ بايانلاردىن بىز تۇرپان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ھەر قانداق قىيىن شارائىتنى يېڭىش ئىرادىسىگە، تۈرلۈك قىيىنچىلىق ۋە قۇلايسىزلىقلارنى ھەرخىل ئامال-چارىلەر بىلەن بويسۇندۇرۇش جاسارىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئۆز ئەقىل-پاراسىتىگە تايىنىپ، دۇنياۋى مۆجىزە، يەر ئاستى سەددىچىن سېپىلى-كارىز كەشىپ قىلغانلىقىنى بىلىۋالىمىز. شۇنداقلا، بۇ بايانلاردىن  ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇھىت ۋە شارائىتقا سەل قارىمايدىغان، ھەر قانداق قىيىن مۇھىتتىمۇ ئۆزىنى قوغداشنى بىلىدىغان خەلق ئىكەنلىكىنى كۆرۋالالايمىز.       

4)ئاقسۇ توغرىسىدا بولسا:«ئاقسۇ ئەھلى توغرا، ياۋاش، ساددا، مۇلايىم، تەۋازۇئىپشەلىك؛ غەللە ساقلىمايدۇر تەۋەككۇلى زىيادە؛ شەھر ئادەملەرى ئەكسەرى كۈنلۈك نانلارىنى تەۋمەن بازارىدىن ئالادۇرلار، بۇ ۋەجىدىن ئاشپەز-ناۋايلىرى رەۋاج ۋە رەۋنەقى زىيادە؛ گۈرۈنجىلەررى تازە، شەھر-شەھرغە ئالىپ كەتەدۇر» (قاراڭ:«تارىخىي ھەمىدىي» قوليازما، 336-بەت) دەپ يازغان.                                                                   

تەرجىمىسى: «ئاقسۇ خەلقى توغرا-دۇرۇس، ياۋاش، ساددا، مۇلايىم ۋە كەمتەر خۇسۇسىيەتلىك؛ ئۆيىدە ئاشلىق ساقلىمايدۇ، تەۋەككۈلچانلىقى زىيادە؛ شەھەر ئادەملىرىنىڭ مۇتلەق كۆپچىلكى كۈنلۈك نانلىرىنى كۈنلۈك بازاردىن سېتىۋالىدۇ. مۇشۇ سەۋەبتىن، ئاشپەز-ناۋايلىرى كۆپ، ئاشپەزلىك ۋە ناۋايلىق ھۈنەر-سەنئىتى راۋاجلانغان؛ گۈرۈچى ئېسىل بولۇپ، شەھەر-شەھەرلەرگە ئېلىپ كېتىلىدۇ.» (قاراڭ: يۇقىرىقى ئەسەر يېڭى تەرجىمە ئېلېكترونلۇق نۇسخا).                                                     

بۇ بايانلاردا، ئاقسۇ خەلقىنىڭ تۈز- توغرا، سەمىمىي ئىنسانلار ئىكەنلىكى، ئاقسۇ گۈرۈچىنىڭ ئېسىل ۋە ئەزەلدىن مەشھۇر ئىكەنلىكى گەۋدىلەنگەن.                                                                           

5) ئاپتور كۇچانىڭ خاس ئالاھىدىلىكلىرىنى مۇنداق بايان قىلغان:«كۇچانىڭ قەدىم ئىسمى كۇسەن ئەكەن، كۇچا ئەھلى ئەتۋارتى ئتتىپاق ۋە ئۈلپەتلىكىدە زىيادە؛ ھەممە ئادەملىرى سىپاھىپىشە، خۇشلۇق، زەرىپ، ئەندىشە؛ ۋە ھىممەت جۈرئەتلەرى ئەرەنلەردىن زىيادە، ئىلىم-ئەمەل ۋە كەسىپ-ھۈنەردە ھەم كەملىكى يوق؛ ئادەملىرىگە قارىغاندا زەمىنلىرى كەڭرۈ ۋە تاز؛ ھەر ھەقتەدە باي، سايرامدىن ئەقەللىي بەش يۈز ئەشەك ئۇلاغدا ئاشلىق ۋە ماي ياغ كەلىپ تۇرادۇر؛ ھەر نەۋ يەمىشلەرى ۋەمەئىيشەتلەرى باشقا شەھرغە نەزەر قىلغاندا تولا ۋە سيراب؛ ھۆل–قۇرۇغ يەمىشلەرىنى سەۋداگەرلەر شەھر-شەھرغە ئالىپ كەتەدۇر؛ چەھار پاي تولا، ئۆزلەرىگە كۇپايە قىلادۇر.» (قاراڭ:«تارىخى ھەمىدىي» قوليازما، 345-بەت).             

  تەرجىمىسى: كۇچانىڭ قەدىمكى ئىسمى «كۈسەن» ئىكەن. كۇچالىقلار مىجەز-خاراكتېر جەھەتتە، ئۆم-ئىتتىپاق، دوست-ئۈلپەتچىلىكتە پەيزى بار كېلىدۇ. ئادەملىرىنىڭ ھەممىسى ئەدەپ-قائىدىلىك، يېقىشلىق، گۈزەل سۆزلۈك. ئاياللىرىنىڭ ھىممەت-جۈرئىتى ئەرلىرىدىن ئۈستۈن، ئىلىم-ئەمەل، كەسىپ-ھۈنەردىمۇ قېلىشمايدۇ. كۇچانىڭ نوپۇسىغا قارىغاندا، زېمىنى كۆپ ھەم مۇنبەت. ھەر ھەپتىدە، باي-سايرامدىن ئەقەللىسى بەش يۈز ئېشەك-ئۇلاغدا ئاشلىق ۋە ياغ كېلىپ تۇرىدۇ. ھەر تۈرلۈك يەل-يېمىش ۋە يېمەك-ئىچمەكلىرى باشقا شەھەرلەرگە سېلىشتۇرغاندا، مول  ۋە  مەمۇرچىلىق. ھۆل-قۇرۇق  مېۋىلىرىنى سودىگەرلەر شەھەر-شەھەرلەرگە ئېلىپ كېتىدۇ. كۇچانىڭ ئۇلاغ-چارۋىلىرى تولا، گۆش تەمىناتى ئۈچۈن ئۆزلىرىگە يېتىدۇ، ھەتتا ئېشىپمۇ قالىدۇ. (قاراڭ: يۇقىرىقى ئەسەر يېڭى تەرجىمە ئېلېكترونلۇق نۇسخا).                                                          

  بىز بۇ بايانلاردىن كۇچا ئادەملىرىنىڭ ئۆم-ئىناق، دىلكەش-چىقىشقاق، تىرىشچان-ئەمگەكچان ئىكەنلىكىنى، بولۇپمۇ ئاياللىرىنىڭ جاسارەتلىك، غەيرەتلىك كېلىدىغانلىقى؛ كۇچا زېمىنىنىڭ باي، مۇنبەت ئىكەنلىكى قاتارلىق ئەۋزەللىكلەرنى بىلۋالالايمىز.                                

6) ياركەند توغرىسىدىكى بايانىدا، داڭلىق زىيارەتگاھ-ئالتۇنلۇقۇم مازىرىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان. بايانىدا، ئالتۇنلۇقۇم مازىرىنىڭ ياركەنت سەئىدە خاندانلىقىنىڭ خانلىق مازىرى بولۇپ، ياركەنت سەئىدىيە خاندانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى سۇلتان سەئىدخاندىن تارتىپ تاكى ئىسمايىل خان ۋە مۇھەممەت ئىمىن خانلار زامانىغىچە بولغان خانلار ۋە ئەۋلادلىرىنىڭ مۇشۇ يەرگە دەپنە قىلىنغانلىقىنى:«ئەينى ۋاقىتتا كىشىلەر خانلارنىڭ جەسىدى بار يەرلەرنى، بەلكى خانلارنىڭ جەسىدىنىمۇ ھۆرمەتلەپ ۋە ئىززەتلەپ ئالتۇن دەپ  ئاتايدىكەن، ھەتتا خانلارنىڭ نەزىرى چۈشكەن ياكى قولىغا تېگىپ مۆھۈر باسقان يارلىق ۋە نىشانە خەتلەرنىمۇ ئۇلۇغلاپ ئالتۇن نىشان، ئالتۇن دەستەك دەپ ئاتايدىكەن، شۇڭلاشقا بۇ مازارمۇ  ئالتۇن مازار دېگەن نام بىلەن مەشھۇر بولغان بولسا كېرەك» دېگەن مەلۇماتلار بىلەن ئىپادىلەنگەن. بىز بۇ بايانلاردىن ياركەنت شەھىرىنىڭ ئەسلىدە،  200 نەچچە يىل ھۆكۈم سۈرگەن ياركەنت سەئىدىيە خاندانلىقىنىڭ، شۇنداقلا بۇ يەتتە شەھەرنىڭ پايتەختى بولغان ئۇزۇن تارىخي جاي ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا   ئۇنىڭدىكى خان جەمەتى قەبرىستانلىقىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئالتۇن مازار دەپ  ئاتىلىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى بىلىۋالىمىز.                                              

7) ئالىم مۇسا سايرامىي خوتەن توغرىسىدا خاس بايان قىلىپ:«خوتەن نىھايەتى كوھنا ۋە قەدىم مەئرۇپ شەھرىدۇر ۋە ئادەملىرى بىر سۆز ۋە بىر قەۋل ۋە بىئەدىل ئتتىپاق... ئەمما ئادەملەرىغە نەزەر قىلغاندا، زەمىنلەرى ئاجىز ۋە تولاسى قۇملۇقدۇر؛ غەللە ھاسىلى ھەم كەمچىن؛ مىۋە-يەمىشلەرى سىيراپ ۋە تولادۇر؛ يايلاق-بىيابانلارى بىپايان؛ چەھەر پايلارى ھەم تولا ۋە زىيادەدۇرلار.» (قاراڭ: «تارىخىي ھەمىدىي» قوليازما، 331-بەت) دەپ يازغان.                                                       

تەرجىمىسى: خوتەن ناھايىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، قەدىمىي ۋە مەشھۇر شەھەر. ئادەملىرىنىڭ خۇي-مىجەزى بىر تىل، بىر دىل، مىسلىسىز ئۆم-ئىتتىپاق... ئادەملىرىگە قارىغاندا، يەر-زېمىن ئاجىز، تولىسى قۇملۇق. ئاشلىق مەھسۇلاتى تۆۋەن، ئەمما مېۋە-چېۋىلىرى ئېشىپ-تېشىپ تۇرىدۇ. يايلاق، باياۋانلىرى كۆز يەتكۈسىز، ئۇلاغ-چارۋىلىرىمۇ تولا ۋە جىمىغۇر. (قاراڭ: يۇقىرىقى ئەسەر يېڭى تەرجىمە ئېلېكترونلۇق نۇسخا)          

  بۇ بايانلاردىن خوتەن خەلقىنىڭ ئىش-ئەمگەكنى سۆيىدىغان، تىرىشچان؛ ئىچكى ئۇيۇمچانلىققا ئىگە خەلق ئىكەنلىكىنى بىلۋالالايمىز. ئەڭ مۇھىمى بۇ بايانلاردا، ئۇيغۇرلارنىڭ «بىرنى بىر دېگۈلۈك» دەيدىغان ھەقىقەتچىلىك پەلسەپىسى، ئۆم–ئىناق ياشاش پەلسەپىسى، ئىشچانلىق پەلسەپىسى ئەمەلىي مىساللار بىلەن ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. ئەھمىيەتلىك يېرى شۇكى، سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەت قۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش تەكىتلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئەجدادلىرىمىزنىڭ بۇ ئىلغار پەلسەپە ئىددىيسىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش بىز ئۈچۈن بىر ئۇدۇم بولغۇسى!                                                                                        

3. ئۇيغۇرلارنىڭ يېتۈك ئالىمى ۋە تارىخشۇناسى مۇسا سايرامىنىڭ ئەينى ۋاقتتا ئۆزىنىڭ ياشىنىپ قالغانلىقىغا، تەن سالامەتلىكىنىڭ ياخشى  ئەمەسلىكىگە قارىماي قولىغا قەلەم ئىلىپ، بۇ زور ھەجىملىك يىرىك تارىخىي ئەسەرنى يېزىپ پۈتتۈرۈپ، بىز ئەۋلادلارغا نەمۇنە ۋە يادىكار قالدۇرۇلغانلىقىدىن، مۇسا سايرامىنىڭ ئىنتايىن ئىلىمخۇمار، ئۆز خەلقىگە، يۇرتىغا مەسئۇلىيەتچان، ۋەتەنپەرۋەر بولۇشتەك ئېسىل–ئەخلاقى ساھىب بىر بۈيۈك ئەجداد ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتەلەيمىزكى، بۈگۈنكى كۈندە، ئالىم بوۋىمىزنىڭ بۇ گۈزەل پەزىلىتىنى ئۆگىنىش، تۈرلۈك خىزمەتلەردە ئۇنى ئۈلگە قىلىش نەق رېئال ئەھمىيەتكە ئىگىدۇر.                                    

  كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەسكى، ئالىم مۇسا سايرامىنىڭ يەتتە شەھەر ھەققىدىكى بايانلىرى بىزنى مەزكۇر ئۇيغۇر يۇرتلىرى توغرىسىدىكى تارىخي بىلىملەر بىلەن تەمىنلەيدۇ. يەنى بىز بۇ بايانلاردىن يەتتە شەھەرنىڭ تارىخى، ئاھالىسى... قاتارلىق ئۇيغۇر تۇرمۇشىنىڭ ھەممە تەرەپلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقالايمىز، ئەمدى، بۇ ئالاھىدىلىكلەرنى كۈنىمىزدىكى ئەھۋاللىرىمىز بىلەن سېلىشتۇرساق، خاس ۋە ئومۇمىيەتلىك پەرقلەرنى تېپىپ چىقساق، بۇنىڭ يېڭى زاماندا، يېڭىچە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرلىشىمىزگە تۈرتكىلىك رولى بولىدۇ، ئەلۋەتتە.                                                      

 خۇلاسىلەپ ئېيتقاندا، ئالىم مۇسا سايرامىي يازغان «تارىخى ھەمىدىي» ناملىق ئەسەر بىر نادىر تارىخ كىتابى بولۇپ قالماستىن، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پىسخلوگىيىسى، ئۆرپ–ئادىتى ۋە ياشاش پەلسەپىسى قاتارلىقلار گۈزەل ئەدەبىي تىل بىلەن تويۇندۇرۇپ شەرھلەنگەن بىر قامۇستۇر. ھالبۇكى، بىز بۇ كىتابنىڭ «خاتىمە» قىسمىدا بېرىلگەن قەدىمىي ئۇيغۇر يۇرتلىرى بولغان يەتتە شەھەر ھەققىدىكى بايانلاردىلا، مەزكۇر يەتتە شەھەرنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىدىن خەۋەر تاپىمىز، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىغا ئائىت ئاز بولمىغان قىممەتلىك بىلىملەرگە ئىگە بولالايمىز. بۇلارنىڭ بىزنىڭ تۈرلۈك تەتقىقات خىزمەتلىرىمىز ئۈچۈن، پايدىلىنىش قىممىتى، رولى ۋە ئەھمىيىتى ھەقىقەتەنمۇ ئىنتايىن چوڭدۇر.


مەنبە: شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى 2010-يىللىق 6-سان

                                                               

 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 3

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 758 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 1قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2014-01-28