شۆھرەت زاكىر

 

شۆھرەت زاكىرنىڭ قىسقىچە تەرجىمالى

شۆھرەت زاكىرشۆھرەت زاكىر

  شۆھرەت زاكىر 1953-يىلى 8-ئايدا تۇغۇلغان، غۇلجا شەھىرىدىن، 1970-يىلى 12-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1985-يىل 6-ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە كىرگەن، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى سانائەت ئىقتىسادى فاكولتېتىنىڭ كارخانا باشقۇرۇش كەسپىنى پۈتكۈزگەن، ئىشلەۋېتىپ ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولغان، ئالىي باشقۇرغۇچىلار بويىچە سودا-سانائەت باشقۇرۇش ماگىستىر ئۇنۋانىنى ئالغان.

  1970-يىلى 12-ئايدىن 1972-يىلى 2-ئايغىچە ماناس ناھىيەسى ۋە ئۈرۈمچى ناھىيەسىدە قايتا تەربىيە ئالغان؛ 1972-يىلى 2-ئايدىن 1974-يىلى 2-ئايغىچە ئۈرۈمچى شەھەرلىك 32-باشلانغۇچ مەكتەپتە ۋاقىتلىق ئوقۇتقۇچى بولغان؛ 1974-يىلى 2-ئايدىن 1978-يىلى 3-ئايغىچە ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ دىئوپۇ مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى بولغان؛ 1978-يىلى 3-ئايدىن 1980-يىلى 6-ئايغىچە خۇبېي جياڭخەن نېفىت ئىنىستىتوتىنىڭ كومپىيۇتېر كەسپىدە ئوقۇغان؛ 1980-يىلى 6-ئايدىن 1984-يىلى 6-ئايغىچە شىنجاڭ نېفىت-يەرشارى فىزىكىسى تەتقىقات ئورنىدا تېخنىك بولغان؛ 1984-يىلى 6-ئايدىن 1988-يىلى 5-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد كومىتېتى سانائەت باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر دەرىجىلىك بۆلۈم ئەزاسى، مۇدىر دەرىجىلىك بۆلۈم ئەزاسى بولغان (1982-يىلى 2-ئايدىن 1986-يىلى 7-ئايغىچە ئۈرۈمچى كەسپىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىنگلىز تىلى كەسپىدە ئوقۇغان)؛ 1988-يىلى 5-ئايدىن 1992-يىلى 11-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد كومىتىېتى سانائەت بەلگىلەش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان؛ 1992-يىلى 11-ئايدىن 1993-يىلى 8-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد كومىتېتى سانائەت بەلگىلەش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى بولغان؛ 1993-يىلى 8-ئايدىن 1997-يىلى 2-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد كومىتېتى تاشقى ئىقتىساد باشقارمىسىنىڭ باشلىقى بولغان (1994-يىلى 3-ئايدىن 1994-يىلى 5-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپىنىڭ ھاكىم، باشقارما دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ بىلىم ئاشۇرۇش كۇرسىدا ئوقۇغان)؛ 1997-يىلى 2-ئايدىن 1997-يىلى 7-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد-سودا كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، قوشۇمچە تاشقى ئىقتىساد باشقارنىسىنىڭ باشلىقى بولغان؛ 1997-يىلى 2-ئايدىن 2000-يىلى 7-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد سودا كومىتېتىنىڭ پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان (1996-يىلى 8-ئايدىن 1998-يىلى 12-ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپىدە سىرتتىن ئوقۇغان؛ 1996-يىلى 8-ئايدىن 1998-يىلى 12-ئايغىچە جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى سانائەت ئىقتىسادى فاكولتېتىنىڭ كارخانا باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقۇغان)؛ 2000-يىلى 7-ئايدىن 2000-يىلى 12-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد-سودا كومىتېتى (دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا سانائىتى ئىشخانىسى) پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان؛ 2000-يىلى 12-ئايدىن 2001-يىلى 3-ئايغىچە ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى، مۇۋەققەت شەھەر باشلىقى بولغان؛ 2001-يىلى 3-ئايدىن 2005-يىلى 12-ئايغىچە ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى بولغان (2004-يىلى 3-ئايدىن 2005-يىلى 1-ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ بىر يىللىق تۈزۈمدىكى ياش، ئوتتۇرا ياش كادىرلار سىنىپىدا ئوقۇغان)؛ 2005-يىلى 12-ئايدىن 2006-يىلى 1-ئايغىچە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان؛ 2006-يىلى 1-ئايدىن 2008-يىلى 3-ئايغىچە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن سىياسىي كومىسسارى بولغان (2003-يىلى 9-ئايدىن 2007-يىلى 3-ئايغىچە تىيەنجىن ئۇنىۋېرسىتېتى باشقۇرۇش ئىنىستىتوتىنىڭ سودا-سانائەت باشقۇرۇش ماگىستىرى ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن)؛ 2008-يىلى 3-ئايدىن 2009-يىلى 7-ئايغىچە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مىللەتلەر كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن سىياسىي كومىسسارى بولغان؛ 2009-يىلى 7-ئايدىن 2011-يىلى 6-ئايغىچە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مىللەتلەر كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن سىياسىي كومىسسارى جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىرلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى (قوشۇمچە) بولغان، 2011-يىلى 6-ئايدىن 2013-يىلى 12-ئايغىچە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مىللەتلەر كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى (مۇئاۋىن مىنىستىر دەرىجىلىك)، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىرلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى (قوشۇمچە) بولغان؛ 2013-يىلى 12-ئايدىن 2014-يىلى 1-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى بولغان. 10-،11-،12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى.

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى


مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 6

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 925 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 2قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2014-01-22