ئۈچتۇرپان



ئۇچتۇرپان


ئۇچتۇرپان ناھىيىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ غەربىي قىسمىغا، تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربىي شىمالىي چېتىدىكى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي باغرىغا جايلاشقان. ناھىيە بازىرىدىن ئۈرۈمچى شەھىرىگىچە بولغان تاشيول مۇساپىسى 1111 كىلومېتىر، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ مەركىزىگە 111 كىلومېتىر كېلىدۇ.

ناھىيە تەۋەسىنىڭ شەرقتىن غەربكە ئەڭ ئۇزۇن يېرى 139.5 كىلومېتىر، جەنۇپتىن شىمالغا ئەڭ كەڭ يېرى 124.5 كىلومېتىر كېلىدۇ. ناھىيە بازىرى ناھىيە تەۋەسى مەركىزىنىڭ قىيپاش غەربىگە جايلاشقان. شەرقىي مېرىدىئان «41′23°78 دىن 09′01°80»، شىمالىي پاراللېل «41′23°40 دىن ″32′51°41» ئارىلىقىغا توغرا كېلىدۇ. ناھىيە تەۋەسى شەرقتە ئاقسۇ شەھىرى بىلەن ئونسۇ ناھىيىسىگە قوشنا، جەنۇپتا قارا تېكە تېغى ئارقىلىق كەلپىن ناھىيىسى بىلەن قارىشىپ تۇرىدۇ. غەربتە ئاقچى ناھىيىسىگە تۇتىشىدۇ، شىمالدا تەڭرىتاغ تىزمىسى ئارقىلىق قىرغىزىستان بىلەن چېگىرلىنىدۇ، ناھىيىنىڭ ئومۇمىي يەر كۆلىمى 8841.99 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ (بۇنىڭ ئىچىدە يېزا ئىگىلىك 1-شىسى 4-تۈەننىڭ كۆلىمى 155.096 كۋادرات كىلومېتىر). تاغلىق رايون %59.1 نى، چۆل–قۇملۇق ساھىل %29.4 نى، تۈزلەڭلىك %11.5 نى ئىگىلەيدۇ.

يەر شەكلى غەربىي شىمال تەرىپى ئېگىز، شەرقىي جەنۇب تەرىپى پەس، شەرقتىن غەربكە ئومۇمىي يانتۇلۇقى %0.5، جەنۇبتىن شىمالغا يانتۇلۇقى %0.9، غەربتىن شەرققە شەرققە كېڭەيگەن جىلغىلىق تۈزۈلمىگە ئىگە بولۇپ، شەكلى كالا مۈڭگۈزىگە ئوخشايدۇ. شىمال، شەرق، غەرب تەرەپلىرى تاغ بىلەن ئورالغان، شىمال تەرىپى ئېگىز (تەڭرىتاغ ئومۇمەن 3000-4000 مېتىر ئېگىزلىكتە)، جەنۇب تەرىپى پەس (قاراتېكە تېغى ئومۇمەن 2000 مېتىر ئېگزلىكتە)، جىلغىلىق يەر غەربتىن شەرققە قىيپاش، دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئېگىز بولغان زاتقا چوققىسى5153 مېتىر كېلىدۇ. توشقان دەرياسى ناھىيە تەۋەسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىنى كېسىپ ئۆتۈپ جىلغىلىق زونىنى شەكىللەندۈرگەن. بۇ زونا ئاساسلىق دېھقانچىلىق تېرىلغۇ رايونى، جەنۇب ۋە شىمالدىكى تاغلىق رايون ئاساسلىق چارۋىچىلىق رايونى ھېسابلىنىدۇ. شىمالىي قىسمىدىكى تەڭرىتاغدا سۇ كۆپ بولۇپ، دەريا ۋادىسى بىرقەدەر ياخشى يېتىلگەن، يەلپۈگۈچسىمان تىنىمنىڭ كۆلىمى كەڭ، كېسىلىشى ئېغىر. جەنۇبىي تاغدىكى سۇ يولى تورى ياخشى يېتىلمىگەن، يەلپۈگۈچسىمان تىنىمنىڭ دائىرىسى كىچىك بولۇپ، پۈتۈن جىلغا بىلەن سىممېترىك ھالەتتە ئەمەس. توشقان دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدا بىرنەچچە دەرىجىلىك تېرراسا يېتىلگەن؛ جەنۇبىي قىرغاقتىكى تېرراسا كەڭ بولۇپ، تەكشى تۈزۈلۈشتە، بۇ يەر سۇ باشلاپ كېلىپ سۇغىرىشقا قۇلاي بولۇپ، دېھقانچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇشنى پايدىلىق شارائىت بىلەن تەمىن ئېتىدۇ؛ شىمالىي قىرغاقتىكى تېرراسا تارراق بولۇپ، يەر يۈزىنىڭ يانتۇلۇق دەرىجىسى چوڭراق، يەر بۆلەكلىرى تارقاق، شۇڭا دەريا سۈيىنى باشلاش بىرقەدەر قىيىن، تاغ باغرى زونىسىدا ئورمان بىر قەدەر كۆپ.

ئۇچتۇرپان ناھىيىسى تىپىك مۆتىدىل بەلباغنىڭ قۇرۇقلۇق تىپىدىكى كىلىماتىغا تەۋە، بۇيەردە تۆت پەسىل ئېنىق، يورۇقلۇق تولۇق، ھۆل- يېغىن ئاز، پارغا ئايلىنىش كۆپ، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپىراتۇرا پەرقى چوڭ. كۈن نۇرىنىڭ يىللىق يورۇتۇش ۋاقتى 2750-2850 سائەتكىچە، يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل- يېغىن مىقدارى 106.4 مىللىمېتىر، يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2048.7 مىللىمېتىر، يىللىق ئوتتۇرىچە قىروسىز مەزگىلى 183-206 كۈن؛ يىل بويى جىلغا شامىلى (شەربىي شىمال شامىلى) چىقىپ تۇرىدۇ، ئەڭ زور بوران كۈچى 8 بالغا يېتىدۇ، تولىراق 4-8- ئايلاردا چىقىدۇ، يىلىغا ئوتتۇرىچە 2 كۈن بوران چىقىدۇ، ئەتىيازدا تولىراق بوران بىلەن قوشۇلۇپ چاڭ-توزانلىق ۋە سوغۇق ئېقىملىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ. مۇرەككەپ يەر تۈزۈلۈشى ۋە يەر شەكلى تۈپەيلىدىن، قوشنا رايونلارنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان كىلىمات ئالاھىدىلىكى شەكىللەنگەن، تۈزلەڭ رايونلارنىڭ تېمپىراتۇرىسى ئىللىق، ئىسسىقلىق مىقدارى مول بولۇپ، يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپىراتۇرا ℃7−℃9 قىچە بولىدۇ، ئېكستىرېمۇم يۇقىرى تېمپىراتۇرا ℃33.2 ، ئېكستىرېمۇم تۆۋەن تېمپىراتۇرا ℃31.4- بولىدۇ، قۇياش رادىئاتسىيىسىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ئومۇمىي مىقدارى ھەر كۋادرات سانتىمېتىر يەرگە 135 كىلوكالورىيەدىن توغرا كېلىدۇ، قىشتا ئىللىق، يازدا سالقىن بولىدۇ. تاغلىق رايوننىڭ كىلىماتى ۋېرتىكال تارقىلىشتا بولۇپ، ئېگىز تاغلار ناھايىتى سوغۇق بولىدۇ، يىل بويى قار ئېرىمەيدۇ؛ جەنۇبىي تاغدىكى يىغىندى قار 20 سانتىمېتىرغا يېتىدۇ؛ ئادەتتىكى تاغلىق رايون ئىللىق سالقىن بولۇپ، ئورمان، ئوت-چۆپلەر بىلەن قاپلانغان. تۈزلەڭلىك رايونلارنىڭ كىلىماتى غەربىي شىمالدىن شەرقىي جەنۇبقا قاراپ ئىللىق سالقىن، مۆتىدىل، ئىللىق دېگەنگە ئوخشاش تىپلارغا ئايرىلىدۇ. كىلىماتى ئاقسۇنىڭ باشقا رايونلىرىنىڭكىدىن مۆتىدىل بولۇپ، ئادەتتە شەرقتىن غەربكە قاراپ ئۆزگىرىپ بارىدۇ. ئالايلۇق، شەرقتە ئاقسۇغا يېقىن بولغان ئاچاتاغ، ئاقيار يېزىلىرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى ℃35 قا، كۈن نۇرىنىڭ يىللىق يورۇتۇش ۋاقتى 2857 سائەتكە يېتىدۇ، شۇڭا بۇ رايونلار يورۇقلۇق ئىسسىقخۇمار زىرائەتلەرنىڭ ئۆسۈشىگە باب كېلىدۇ. غەربىي شىمال قىسمىنىڭ تېمپېراتۇرىسى تۆۋەن بولۇپ، ئادەتتە زىرائەتلەرنىڭ تېرىلىش-يىغىلىش ۋاقتى شەرقىي قىسىمىنىڭكىدىن 10-15 كۈن كېيىن بولىدۇ.

توشقان دەرياسى قىرغىزىستان تەۋەسىدىن چىقىپ ئۇچتۇرپان ناھىيىسىنى ئوتتۇرىدىن كېسىپ ئۆتۈپ شەرقتە ئونسۇ ناھىيىسىگە ئېقىپ كىرىدۇ، ئۇنىڭ ئېقىم مىقدارى بىر قەدەر مۇقىم، يىللىق ئوتتۇرىچە سىرغىم مىقدارى 2 مىليارد 627 مىليون كۇب مېتىرغا يېتىدۇ، ئۇنىڭ سۇ بايلىقى مول، قۇمئېرىق دەرياسى ناھىيە تەۋەسىنىڭ شەرقىي شىمالىي قىسمىدىن ئۆتۈپ، يېڭىئاۋات يېزىسىنىڭ قىسمەن يېرىنى سۇغىرىدۇ. توشقان دەرياسى سۈيىنىڭ يالاپ كېتىشى بىلەن زور كۆلەملىك كەلكۈن تىندۇرمىسى، تىنما تۈزلەڭلىك شەكىللەنگەن ۋە يەلپۈگۈچسىمان ھالەتتە شەرقىي جەنۇبقا قىيسايغان. ئوخشاشمىغان دەريا سىستېمىسىنىڭ زامانلاردىن بۇيانقى كېسىشىشى، تىندۇرۇشى ئارقىسىدا شەكىللەنگەن ۋادا تۈزلەڭلىكلەر ئوخشاشمىغان كىلىمات، تۇپراق ۋە بىئولوگىيىلىك بايلىققا ئىگە بولغان. توشقان دەرياسى تۈزلەڭلىكىنىڭ يانتۇلۇقى چوڭراق بولغان تاغقا يېقىن جايلىرى بۇلاق سۈيى بىلەن سۇغىرىلىدۇ. دەريانىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى جايلار ۋە ئاچاتاغ يېزىسىدا ئويمان يەرلەر كۆپ بولۇپ، يەر ئاستى سۇ ئورنى بىر قەدەر يۇقىرى، بولۇپمۇ ئىماملىرىم يېزىسىدىكى قەدىمىي دەريا قىنى ئۆتكەن يەرلەرنىڭ يەر ئاستى سۇ ئورنى تېخىمۇ يۇقىرى بولۇپ، ئاران 1.5 مېتىردىن 0.5 مېتىرغىچە كېلىدۇ، شۇڭا ھەمىشە پاتقاق ئېقىپ چىقىپ يەرلەر لۆمشىپ كېتىدىغان ئەھۋال كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ.

يەلپۈگۈچسىمان ئېگىز تىنما يەرلەرنىڭ تۇپرىقى ھاك تاشلىق ئىپتىدائىي چۆل تۇپرىقىغا كىرىدۇ، پەسرەك يەرلەرنىڭ تۇپرىقى ۋادا چىملىق تۇپراققا كىرىدۇ. ئومۇمەن سېرىق توپىلىق ئانا تۇپراق شەكىللەنگەن، تەركىبىدىكى ماددىلار بىر قەدەر ئۇششاق، تولىسى قۇم تۇپراق ۋە قارا تۇپراق، سۇ تەركىبى مول، يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرى بىر قەدەر ياخشى، تۇپراقنىڭ تەبىئىي قۇۋۋىتى خېلى يۇقىرى، يەر يۈزى بەلگىلىك دەرىجىدە يانتۇ بولۇپ، زەي چىقىرىۋېتىشقا ئەپلىك، يەر يۈزىنىڭ شورلىشىش دەرىجىسى يەڭگىل.

ناھىيە تەۋەسىدە چوڭ – كىچىك دەريادىن 8 ى بار، تەبىئىي سۇ بايلىقى 3 مىليارد 800 مىليون كۇب مېتىرغا يېتىدۇ، بۇنىڭ 1 مىليارد 130 مىليون كۇب مېتىرى ناھىيە تەۋەسىدىن ئېقىپ چىقىپ كېتىدۇ. يەر ئاستى سۇ زاپىسى 1 مىليارد 260 مىليون كۇب مېتىرغا يېتىدۇ. تېرىلغۇ يەرلەر ئاساسەن توشقان دەرياسىنىڭ سۈيى بىلەن سۇغىرىلىدۇ، سۇغىرىش كۆلىمى 7796 گېكتارغا يېتىدۇ. قىسمەن تېرىلغۇ يەر قۇمئېرىق دەرياسىنىڭ سۈيى بىلەن سۇغىرىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە سۈيى مول بۇلاقتىن 6 سى بار. يورۇقلۇق تولۇق، سۇ مول، تۇپراق ياخشى بولغاچقا، ھەر خىل زىرائەتلەرنىڭ ئۆسۈشىگە باب كېلىدۇ. بۇغداي، كۆممىقوناق، سېرىق پۇرچاق، شال، زىغىر، قىچا، كېۋەز، قىزىلچا قاتارلىق زىرائەتلەر ئوخشايدۇ، شۇڭا ئۇچتۇرپان ئاپتونوم رايوننىڭ ئاشلىق بازىلىرىنىڭ بىرى. ناھىيە بويىچە 44 مىڭ 73 گېكتار تېرىلغۇ يەر، 2894.88 گېكتار باغ، 463 مىڭ 440.36 گېكتار ئوتلاق بار. سېرىق پۇرچاق تېرىش تارىخى ئۇزۇن، يىللىق ھوسۇلى 25 مىڭ توننىغا يېتىدۇ، شۇڭا ناھىيىنىڭ ئاپتونوم رايوندىكى «سېرىق پۇرچاق ماكانى» دېگەن نامى بار. جۇغراپىيىلىك ئورۇن، كىلىمات ئالاھىدىلىكىنىڭ تەسىرىدە، كۆپ خىل ياۋايى ھايۋانات، ئۆسۈملۈك بايلىقى شەكىللەنگەن. بېقىلىدىغان ھايۋانات تۈرى كۆپ، نەسلى ياخشى، ئاساسلىقى كالا، ئات، ئېشەك، تۆگە، قوي، ئۆچكە قاتارلىق ئون نەچچە خىل ھايۋان بېقىلىدۇ. ياۋايى ھايۋان ۋە قۇشلاردىن يىلپىز، جەرەن، سۇغۇر، ياۋا توڭگۇز، ئارقار، تۈلكە، ئۇلار، ياۋا ئۆردەك، ئاققۇ قاتارلىق نەچچە ئون خىلى؛ ياۋا ئۆسۈملۈكلەردىن چۈچۈكبۇيا، قار لەيلىسى، قانتېپەر، سېرىق يۆگەي قاتارلىق 347 خىلى بار. ناھىيە تەۋەسىدىكى تەڭرىتاغنىڭ تەسكەي تەرەپلىرىدە ۋە تاغ ئالدى دەريا ساھىلىدا 10 مىڭ 558.7 گېكتار قارىغايلىق، چاتقاللىق، ئارىلاش ئورمان، جىغانلىق ۋە يۇلغۇنلۇق قاتارلىق تەبىئىي ئورمان بار، بۇنىڭ ئىچىدە ئاقسۇ ۋىلايىتى بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان 3000 گېكتارلىق جىغانلىق بار؛ دېھقانچىلىق رايونلىرىدا بەرپا قىلىنغان ئورمان كۆلىمى 13 مىڭ 133 گېكتار كېلىدۇ. ئاساسلىقى ئاق تېرەك، كۆك تېرەك، سۆگەت، جىگدە، ئۈجمە قاتارلىقلار ئۆسىدۇ. ئومۇمىي ئورمان كۆلىمى 11 مىڭ 272.18 گېكتارغا، ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %12.8 كە يېتىدۇ. ناھىيە بويىچە 2859.54 گېكتار مېۋىلىك باغ بار، يىلىغا 20 مىڭ 856 توننا مېۋە ئېلىنىدۇ. ئاساسلىق مېۋە سورتلىرىدىن ئۆرۈك، ئالما، ئۈزۈم، شاپتۇل، ئۈجمە، نەشپۈت، ياڭاق قاتارلىقلار بار، گۈلە، ئۆرۈك مېغىزى سىرتقى رايونلارغا سېتىلىدۇ، ئەلا سورتلۇق قەغەز ياڭىقى مەملىكەتكە داڭلىق.

ناھىيە تەۋەسىدە قېزىلما بايلىق مول، تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان قېزىلما بايلىقلاردىن فوسفور، گەج، ئاليۇمىن توپىسى، مەرمەر تاش، قوغۇشۇن–سىنك، بارىت، سۈرمە، ھاك تېشى، ساپال توپىسى، ئالتۇن، سىماب قاتارلىقلار بار.

مەنبە:«ئۈچتۇرپان تەزكىرسى» ئۇيغۇرچە نەشىردىن ئېلىندى.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 5

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 807 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 2قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2014-01-28