ھۇن ۋە قەدىمكى تۈركلەرنىڭ تەرەپلەرنى رەڭلەر بىلەن ئىپادە قىلىشى ھەققىدە

 

ھۇن ۋە قەدىمكى تۈركلەرنىڭ تەرەپلەرنى رەڭلەر بىلەن ئىپادە قىلىشى ھەققىدە


ئاپتور: ئىسكەندەر جىلىل

 

  قەدىمكى زاماندا ھونلار، تۈركلەر تۆت تەرەپنى رەڭلەر بىلەن ئىپادىلەشكە ئادەتلەنگەن بولۇپ، ئادەتتە ئاق شەرقنى، كۆك غەربنى، قىزىل شىمالنى، قارا بولسا جەنۇبنى كۆرسىتىدۇ.

تارىخ بەتلىرىدىكى «ئاق ھونلار» تېرە رەڭگىنىڭ ئاق بولۇشى سەۋەبلىك ئەمەس، بەلكى شەرق تەرەپكە جايلاشقانلىقى ئۈچۈن «ئاق» نامى بىلەن ئاتالغان بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ كەتكەن ھونلار ئىچىدىن تېرىسى ئاقلار بىلەن تېرىسى قارىلارنى ئايرىپ ئىككى قەۋمگە بۆلۈش ئەقىلگە سىغمايدىغان بىر ئىش. «ئاق ھونلار» كېيىنچە غەرب يازمىلىرىدا «ئېفالىتلار» نامى بىلەن قەيت قىلىنىدۇ؛ «كۆك تۈركلەر» ۋە «كۆك تۈرك ئىمپېرىيىسى» ئېنىقكى غەرب تەرەپتىكى تۈركلەرنى كۆرسىتىدۇ خەنزۇچە يازمىلاردىمۇ西突厥دەپ ئېلىنىدۇ؛ كۆك قۇجۇ دۆلىتى «خەننامە. غەربىي يۇرت تەزكىرىسى» دە西夜国دەپ ئېلىنغان؛ خەنزۇچە يازمىلاردىكى赤狄قىزىل تۈركلەر) بولسا شىمالدىكى تۈركلەر ئىكەنلىكى مەلۇم، ۋەھاكازالار.

  خەن گاۋزۇ ليۇباڭ بەيدىڭ تېغىدا باتۇر تەڭرىقۇت تەرىپىدىن قامالغا ئېلىنغاندا، غەربتە ئاق ئاتلىقلار، شەرقتە كۆك ئاتلىقلار، شىمالدا قارا ئاتلىقلار، جەنۇبتا قىزىل ئاتلىقلار قورشىۋالىدۇ. بۇ يەردە قارشى رەڭدىكى ئاتلىقلار قورشىۋالغان بىلەن، ئاق ئاتلىقلار شەرق تەرەپكە، كۆك ئاتلىقلار غەرب تەرەپكە، قىزىل ئاتلىقلار شىمال تەرەپكە، قارا ئاتلىقلار جەنۇب تەرەپكە ھۇجۇم قىلىشقا تەييار تۇرىدۇ. كۆرىۋېلىشقا بولىدىكى، ھونلار شۇ زامانلاردىلا جەڭ مەيدانىدىمۇ تەرەپلەرنى رەڭ بىلەن ئىپادە قىلىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن. ئۇنىڭدىن كېيىنكى تۈرك ئىمپېرىيىسىدىن تارتىپ ئافاق غوجىنىڭ زامانىلىرىدىمۇ رەڭ ئارقىلىق تەرەپنى ئىپادىلەش كۈچىدىن قالمىغان. تۈركىي مىللەتلەر ئولتۇراقلاشقان جايلارنىڭ ناملىرىدىمۇ يۇقىرىقى تۆت خىل رەڭنىڭ ناملىرىنى ئۇچرىتىپ تۇرىمىز. بۇلارنى تۆۋەندە بايان قىلىپ ئۆتىمەن.

  قەدىمكى تۈرك تىلىدىكى «قارا» سۆزى «قارا رەڭ» ۋە «ئۇلۇغ» دېگەندىن باشقا، يەنە «ساپ» ۋە«جەنۇب» دېگەندەك مەنىلەرگىمۇ ئىگە.

  ھازىرقى موڭغۇلىيىگە چېگرىداش بولغان تۇۋا، ئالتاي، خاككاس قاتارلىق جۇمھۇرىيەتلەردىكى تۈركىي مىللەتلەر ھېلىھەم شامان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئۇ يەرلەردىكى شامان دىنى «قارا شامان» ۋە «سېرىق شامان» دەپ ئايرىلىدۇ. «قارا شامان» دېگىنى ساپ بولغان ئەسلىدىكى شامان دىنىنى، «سېرىق شامان» بولسا بۇددا دىنى تەركىبلىرى ئارىلاشقان «ئەبجەش شامان» دىنىنى كۆرسىتىدۇ. ئادەتتىكى تىلىمىزدىمۇ «گۆشنىڭ قارا يېرىدىن كېسىپ بېرەي»، «قارا قۇل»، «قارا تەر»، «قارا تۈرك» دېگەندەك سۆزلەر ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، بۇ سۆزلەرمۇ ئاساسەن مەلۇم نەرسىنىڭ ساپلىق ھالىتىنى ئىپادىلەيدۇ؛ «سېرىق\ سار» سۆزىنىڭ يۇقىرىقى مەنىسىگە قارىغاندا، كاللىمىزدا ئىختىيارسىز ھالدا «قەدىمكى گەنسۇدىكى سېرىق ئۇيغۇرلار بەلكىم ئارىلاشما قانلىق ئۇيغۇرلار بولۇشى، شۇڭا سېرىق سۆزى قوشۇلغان بولۇشى مۇمكىن» دېگەندەك ئۇقۇم پەيدا بولۇشى مۇمكىن.

  ھەممىمىزگە مەلۇم، «ئىدىقۇت خانلىقى» بىلەن «قاراخانىيلار خانلىقى» قەدىمكىي ئۇيغۇر ئىتتىپاقىدىن قايتا تەشكىللەنگەن ياكى بۆلۈنۈپ چىققان خانلىقلار بولۇپ، «قاراخانىيلار خانلىقى» نى قۇرغۇچىلار ياغما قەبىلىسى ياكى قارلۇقلار دەپ قەيت قىلىنىدۇ. مەيلى قايسى قەبىلە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ياغما بىلەن قارلۇق قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ تارماقلىرى ھېساپلىنىدۇ. خەرىتىدىن قارايدىغان بولساق، «قاراخانىيلار خانلىقى» دەل يەنە بىر ئۇيغۇر خانلىقى بولغان «ئىدىقۇت خانلىقى» نىڭ غەربىدىن كۆپرەك جەنۇبىغا (ئاساسەن جەنۇبىغا) جايلاشقان، ئۇنىڭ پايتەختى كاشغەر شەھىرى بولسا دەل ئىدىقۇتنىڭ جەنۇب تەرىپىگە جايلاشقان. كاشغەرنى مەركەز قىلغان بۇ خانلىق بارچە تۈركىي قەۋملەر ئىچىدە ئەڭ جەنۇبتا تۇرىدۇ، بەلكىم «قاراخانىيلار» ئۆزلىرىنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنىغا ئاساسەن شۇنداق ئاتالغان بولۇشىمۇ مۇمكىن (بۇ پەقەت بىر پەرەز خالاس).

  قەدىمكى تۇرانلار ھازىرقى «قارا دېڭىز» نىڭ شىمالىدىمۇ ياشىغان ئىدى، قارا دېڭىز يەنە كېلىپ تاتارلارنىڭ ئۆتمۈش ماكانى بولغان قىرىم يېرىم ئارىلىنىڭ دەل جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، بەلكىم شۇ سەۋەبتىن «قارا دېڭىز» دەپ ئاتالغان بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى قارا دېڭىز بولسا قىرىم تاتارلىرى ئۇچرىشالايدىغان، ھەمدە باشقا ئەللەر بىلەن دېڭىز يولىدا بېرىش-كېلىش ۋە سودا-ئالاقە قىلالايدىغان بىردىنبىر دېڭىز، شۇڭا تاتارلار جەنۇب تەرەپتىكى بۇ دېڭىزنى «قارا دېڭىز» دەپ ئاتىغان بولۇشى مۇمكىن. لېكىن ئەرەبىستان بىلەن ئافرىقا ئارىسىغا جايلاشقان «قىزىل دېڭىز» قەدىمكى تۈركلەرنىڭ بۇ خىل ئاتاش ئۇسۇلى بىلەن قەتئىي مۇناسىۋەتسىز، ئەلۋەتتە.

  سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلى، يەنى ئافاق خوجا دەۋرلىرىدە، دىيارىمىز خەلقلىرىنىڭ دىنىي سۈلۈكلەر تۈپەيلىدىن «ئاق تاغلىق» ۋە «قارا تاغلىق» بولۇپ بۆلۈنۈپ كەتكەنلىكى (ئەسلى «ئاق تاقى» ۋە «قارا تاقى» بولۇپ، كېيىنچە «تاقى» سۆزى «تاغلىق»قا ئۆزگىرىپ قالغان) ھەممىگە مەلۇم. خوجا ئەبەيدۇللاھ باشچىلىقىدىكى «ئىسھاقىيە» سۈلۈكىنىڭ مۇرتلىرى «قارا تاغلىق» ئاتىلىپ، ئۆزلىرىگە يەكەن، قاغىلىق ۋە خوتەنلەرنى بازا قىلىدۇ، بۇ رايونلار جەنۇبقا جايلاشقان. خوجا ھىدايىتۇللاھ (ئافاق خوجا) باشچىلىقىدىكى «ئىشقىيە» سۈلۈكىنىڭ مۇرتلىرى «ئاق تاغلىقلار» دەپ ئاتىلىپ، ئۆزلىرىگە كاشغەر، ئاقسۇ، كۇچا، كورلا تەرەپلەرنى بازا قىلىدۇ، ھەتتا قۇمۇل- تۇرپانلارغىچە يېتىپ بارىدۇ (ھىدايىتۇللاھنىڭ ئەسلى يۇرتى شەرق تەرەپكە جايلاشقان قۇمۇل شەھىرىدە ئىكەنلىكىنىمۇ ئۇنۇتماسلىق كېرەك). بۇ يۇرتلارنى خەرىتىدىن قارايدىغان بولساق، «ئاق تاغلىقلار» شەرققە مايىل شىمال تەرەپكە، «قارا تاغلىقلار» جەنۇب تەرەپكە جايلاشقانلىقىنى كۆرىۋالالايمىز. بۇ رەڭلەر بىلەن تەرەپلەر ئاشۇنداق تاساددىپىي ئۇدۇل كېلىپ قالغاندىمۇ؟ كىتابلاردا «ئاق بۆك» ۋە «قارا بۆك» كىيگەنلىكى ئۈچۈن شۇنداق ئاتالغانلىقى قەيت قىلىنىدۇ. لېكىن ئۇلارنىڭ ئاق ۋە قارا رەڭلىك بۆكلەرنى كېيىشكە زادى نېمە سەۋەبچى بولغاندۇ؟ سۈلۈكلەرنىڭ بۇنداق رەڭلەر بىلەن ئاتىلىشى قەدىمكى تۈركلەرنىڭ تەرەپ رەڭلىرى بىلەن ئازراقمۇ ئالاقىسى يوق، دەپ كېسىپ ئېيتقىلى بولمايدۇ، ئەلۋەتتە.

  ئەمدى رەڭلەرنىڭ تەرەپ ئىپادىسىدىن تۈركىي رايونلاردىكى جۇغراپىيىۋى ناملارغا نەزەر سېلىپ باقايلى:

  ئوتتۇرا ئاسىيادا «قىزىل قۇم» ۋە «قارا قۇم» دىن ئىبارەت ئىككى قۇملۇق بار. لېكىن بۇ قۇملارنىڭ رەڭگى قىزىل ياكى قارا ئەمەس، بەلكى ئوخشاش بىر رەڭدە. بۇ ئىككى قۇملۇق ئامۇ دەرياسىنى چېگرا قىلىپ تۇرۇپ، بىرى غەربىي شىمالغا ۋە يەنە بىرى شەرقىي جەنۇبقا، كەسكىن قىلىپ ئېيتقاندا، قىزىل قۇم شىمالغا، قارا قۇم جەنۇبقا جايلاشقان. دېمەك، بۇ قۇملۇقلار قۇمنىڭ رەڭگىگە قاراپ ئەمەس، بەلكى قەدىمكى تۈركلەرنىڭ تەرەپلەرنى رەڭ ئارقىلىق ئىپادىلەش ئادىتىگە ئاساسەن، يۇقىرىقىدەك قىزىل ۋە قارا ناملار بىلەن ئىپادە قىلىنغان بولۇشى مۇمكىن.

1920  -يىلى، ھازىرقى قازاقىستان «قىرغىزىستان» نامىدا ئاپتونوم جۇمھۇرىيەت بولۇپ قۇرۇلغان بولۇپ، ھازىرقى قىرغىزىستان بولسا «قارا قىرغىزىستان» دەپ قۇرۇلغان. خەرىتىدىن قارايدىغان بولساق، قىرغىزىستان قازاقىستاننىڭ جەنۇبىغا جايلاشقانلىقىنى كۆرىۋالالايمىز. ئەينى چاغدىكى بۇنداق ئاتاش تەرەپلەرنىڭ رەڭ بىلەن ئىپادىلىنىشىگە ئۇيغۇن بولۇپلا قالماي، يەنە «قارا» سۆزىنىڭ «ساپ»، يەنى «ساپ قىرغىز، جەنۇبقا جايلاشقان قىرغىز» دېگەن مەنىلىرىگىمۇ ئۇيغۇن كېلىدۇ. ئەگەر بۇنداق ئاتاشنى ھازىرمۇ داۋاملاشتۇرىدىغان بولساق، يېڭى قۇرۇلغان دۆلەت «جەنۇبىي سۇدان»نى «قارا سۇدان» دېيىش مۇمكىن. چۈنكى بۇ دۆلەت سۇداننىڭ جەنۇبىغا جايلاشقاندىن سىرت، ئاھالىلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپىنچىسى قارا تەنلىكلەردۇر. شۇنداق بولغاندا «شەرقىي ئاسىيا» نى «ئاق ئاسىيا»، «شىمالىي ئامېرىكا» نى «قىزىل ئامېرىكا» دېيىش مۇمكىن.

  كۆپىنچە تىللاردا ئاق بىلەن قارا بىر-بىرىگە قارشى قويۇلسا، بىزنىڭ تىلىمىزدا ئاق بىلەن قارىدىن باشقا يەنە، ئاق بىلەن كۆكمۇ كۆپرەك بىر-بىرىگە قارشى قويۇلىدۇ. مەسىلەن: «ئاق كەپتەر، كۆك كەپتەر»، «ئاق تېرەك، كۆك تېرەك»، «ئاقتاش، كۆكتاش»، «ئاقچى، كۆكچى»، «ئاقنىياز، كۆكنىياز»، «ئاق مارجان، كۆك مارجان» ۋەھاكازالار. «ئاق ئۆستەڭ» بەلكىم يۇرتنىڭ شەرق تەرىپىگە جايلاشقان بولۇشى مۇمكىن. «كۆك ئۆستەڭ» بەلكىم يۇرتنىڭ غەرب تەرىپىدىكى ئۆستەڭ بولۇشى مۇمكىن. ئۈرۈمچىدىكى «ئاق قوۋۇق» نى خەنزۇچە «南门» (جەنۇبىي قوۋۇق) دەپ ئاتىغان بىلەن، لېكىن بۇ ئورۇن ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان كونا رايوننىڭ شەرق تەرىپىگە توغرا كېلىدۇ.

  ئاقسۇ شەھىرىگە خەرىتىدىن قارايدىغان بولساق، شەھەر دەل ئاقسۇ دەرياسىنىڭ شەرقىگە جايلاشقانلىقىنى كۆرىۋالالايمىز. قەدىمدە «سۇ» سۆزى «قوشۇن» دىن باشقا، يەنە «دەريا» مەنىسىنىمۇ بىلدۈرۈپ كېلىدۇ، «ئاق» سۆزى بولسا يۇقىرىدا ئېيتقىنىمىزدەك «شەرق» تەرەپنى بىلدۈرىدۇ، ئۇنداقتا «ئاق» بىلەن «سۇ» سۆزىدىن تەركىب تاپقان «ئاقسۇ» سۆزىدىن «دەريانىڭ شەرقىگە جايلاشقان يۇرت» دېگەن مەنانى قىياس قىلىش ئانچە تەس ئەمەس.

  ئۈرۈمچىدىكى قىزىل تاغ ھازىر ئۈرۈمچىنىڭ ئوتتۇرسىغا جايلىشىپ قالدى. لېكىن تارىخنى 100 يىلدەك كەينىگە ياندۇرساق، ھازىرقى قىزىل تاغ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، ئۇنىڭ شىمالى قاقاسلىق، ئاساسەن ئادەم ئولتۇرمايتتى. بۇ تاغ ئۈرۈمچىنىڭ شىمالىغا جايلاشقانلىقى ئۈچۈن «قىزىل تاغ» دەپ ئاتالغانمۇ ياكى رەڭگى قىزغۇچ بولغانلىقى ئۈچۈن «قىزىل تاغ» دەپ ئاتالغانمۇ؟!

  قومۇلدا «قارادۆۋە» دەپ بىر يېزا (ھازىر يېڭىدىن بازار بولدى) بار بولۇپ، ئېغىز تىلىدا «قارتۈۋ» دەپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. «بابۇرنامە» دىمۇ «قاراتۈ» دەپ ئاتىلىدىغان بىر يۇرتنىڭ نامى قەيت قىلىنىدۇ، ئەلۋەتتە بۇ بابۇرنامىدىكى قاراتۈ قۇمۇلدىكى «قارادۆۋە» ئەمەس. قارادۆۋىنىڭ شىمالىدا تارانچى ۋە دۆربىجىن، شەرقىدە قۇمۇل شەھىرى، غەربىدە ئۇزاق ماڭسا پىچان بار بولۇپ، جەنۇبىدا چۆلدىن باشقا ھېچقانداق يۇرت يوق. دېمەك قارادۆۋە ئەڭ جەنۇبتا بولغانلىقى ئۈچۈن، يۇرتنىڭ نامىغا «قارا» سۆزى قوشۇلغان بولۇشى مۇمكىن.

  تۈركىي مىللەتلەر جايلاشقان رايونلاردىكى يۇرتلارنىڭ ناملىرىدا ئاساسەن ئاق، قارا، كۆك ۋە قىزىل قاتارلىق سۆزلەر كۆرىلىپ تۇرىدۇ. دېمەك بۇ سۆزلەردىن شۇ يۇرتلارنىڭ مەلۇم جۇغراپىيىلىك ئالاھىدىلىكىنى قىياس قىلغىلى بولىدۇ.

  قەدىمكىنى ھازىرغا خىزمەت قىلدۇرۇش پرىنسىپى بويىچە بەزى تەسەۋۇرلارنى قىلىپ باقساق، تۆۋەندىكىدەك بەزى ئەھۋاللارنى قىياس قىلالىشىمىز مۇمكىن.

  قەدىمكى تۈركلەرنىڭ تەرەپلەرنى رەڭ بىلەن ئىپادىلەش ئۇسۇلى بويىچە بولغاندا، ئۈرۈمچىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان نەنسەن تېغىنى «قارا تاغ»، غەربىگە جايلاشقان قىبلىتاغنى «كۆكتاغ» (خەنزۇچە شىسەن دەيدۇ)، شەرقىگە جايلاشقان دۇڭسەن تېغىنى «ئاق تاغ» دەپ قاراشقا بولىدۇ.

  مىدۇڭ (米东) رايونى بولسا، مىچۈن (دانبۇلاق) بىلەن دۇڭسەن (ئاق تاغ) نىڭ بىرىكمىسى بولۇپ، خەنزۇچىدىمۇ مۇشۇ ئىككى ئاتالغۇنىڭ باش خەتلىرىنى ئېلىش ئارقىلىق ياسالغان رايون نامى ھېساپلىنىدۇ. بىزمۇ مۇشۇ ئاتالغۇلار ئىچىدىكى «دان، بۇلاق، ئاق، تاغ» سۆزلىرىدىن مۇۋاپىقلىرىنى تاللاپ، لاياقەتسىزلىرىنى شاللاپ ئالساق، «مىدۇڭ» سۆزىگە قارىتا «ئاقبۇلاق» سۆزىنى بەرپا قىلىشىمىز مۇمكىن. چۈنكى، «ئاق» دېيىشتىكى سەۋەب، بۇ رايون ئۈرۈمچىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان، «بۇلاق» دېيىشتىكى سەۋەب، بۇ رايوندا سۇ ياخشى، شال ئوخشايدۇ. شۇنداق بولغاندا، «ئاقبۇلاق رايونى» دېگەن سۆز ئىسمى-جىسمىغا لايىق «شەرق تەرەپكە جايلاشقان سۇلۇق رايون» دېگەن مەنىگە چۈشكەن بولىدۇ، لېكىن گەپ بۇنى ئۆزلەشتۈرۈشتە.

  بۇ قەدىمكى تەرەپ ناملىرىنى يەنە يول-كوچىلارغا ئىشلەتسە قانداق بولار دەپمۇ ئويلاپ قالدىم. يەنى يولنىڭ بېشىدىكى شەرق، شىمال، غەرب، جەنۇب دېگەندەك تەرەپ سۆزلىرىنىڭ ئورنىغا، قىزىل، كۆك، قارا، ئاق دېگەندەك تەرەپ رەڭلىرىنى ئىشلىتىپ باقساق دېمەكچى. مەسىلەن: 雅山北路قىزىل يامانلىق يولى، 雅山中路ئارا يامانلىق يولى، 牙山南路-قارا يامانلىق يولى، 西虹西路-كۆك شىخۇڭ يولى، 西虹东路ئاق شىخۇڭ يولى دېگەندەك. لېكىن بۇلار يەنىلا بىر قىياس، مۇنداقچە ئېيتقاندا بىر خام خىيالدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ خىل رەڭلىك تەرەپ ناملىرىنى ئەمەلىي قانداق قوللىنىشنى ئەمگەكچى خەلقىمىز ئۆز تۇرمۇشىدا تاۋلاپ بېكىتكۈسى.

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا تارىخى (ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن)

تارىخىي رەشىدى (مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كوراگان)

تارىختىن قىسقىچە بايانلار (ئىبراھىم نىياز)

تۈركىي تىللار تەتقىقاتى (2) (1980-يىلى 11-ئايدا ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تۈركى تىللار تەتقىقاتى مۇھاكىمە يىغىنىدا تىل تەتقىقاتى خادىملىرى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىلمىي ماقالىلەر توپلىمى)

بابۇرنامە (زەھىررىدىن مۇھەممەد بابۇر)

شىنجاڭ خەرىتىسى

دۇنيا خەرىتىلەر توپلىمى (بېيجىڭ، جۇڭگو خەرىتە نەشرىياتى، 2009.49)

بەيدۇ خەرىتىسى (http://map.baidu.com/)

ۋىكىپېدىيە قامۇسى (http://wikipedia.com/)

 

مەنبە: يۈكسەل بلوگى، يازما: ھۇن ۋە قەدىمكى تۈركلەرنىڭ تەرەپلەرنى رەڭلەر بىلەن ئىپادە قىلىشى ھەققىدە

يازما مەنبەسى: http://www.yuksel.me/2295.html 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 6

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 107 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 1قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2014-01-17