تۇڭگان» سۆزىنىڭ مەنىسى ۋە مەنبەسى ھەققىدە


»تۇڭگان» سۆزىنىڭ مەنىسى ۋە مەنبەسى ھەققىدە

 

ئابدۇۋەلى ئايۇپ

غەربىي شىمال مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى تىل-ئەدەبىيات ئىنستىتۇتىدىن

 

»  تۇڭگان» سۆزى دىيارىمىزدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي تىللاردا مەملىكىتىمىز ئىچى ۋە سىرتىدا ياشايدىغان خەنزۇ تىللىق مۇسۇلمانلارنى كۆرسىتىدۇ. ھازىر ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكستان جۇمھۇرىيەتلىرىدە «تۇڭگان» بىر مىللەت نامى سۈپىتىدە قوللىنىلسىمۇ، مەملىكىتىمىزدە ئۇلار «خۇيزۇ» (مۇسۇلمان مىللەت) دەپ ئاتىلىدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن بولغان ئالاقىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى «تۇڭگان» مىللىتىنىڭ زادى ئايرىم مىللەت ياكى ئەمەسلىكى ھەققىدە مۇنازىرە قىززىپ كەتتى. تەبىئىيكى، «تۇڭگان» دېگەن نامنىڭ ئېتىمولوگىيىسى بۇ مۇنازىرىنىڭ مەركىزى نۇقتىسى ئىدى.

تەتقىقاتلاردا «تۇڭگان» سۆزىنىڭ مەنبەسى تۆۋەندىكىچە 6 خىل ئىزاھلانغان:

 بىرىنچى، «گەنسۇنىڭ شەرقى دېگەن مەنىدىكى东甘دىن» ياكى «دۇنخۇاڭ (敦皇) دېگەن يەر نامىدىن كەلگەن» دېگەن قاراش؛

ئىككىنچى، «شەنشى (陕西) دىكى (潼关) دىن كەلگەن» دېگەن قاراش؛

ئۈچىنچى، ئۇيغۇرچىدىكى «تۇرغان، تۇرۇپ قالغان، دېگەن سۆزدىن كەلگەن» دېگەن قاراش؛

تۆتىنچى،屯垦» (بوز ئاچماق) دېگەن سۆزدىن كەلگەن» دېگەن قاراش؛

بەشىنچى، «تۈركىيە تۈرۈكچىسىدىكى «(يانغان، قايتقان) دىن كەلگەن» دېگەن قاراش.

ئالتىنچى، تۇڭگان تەتقىقاتچىلىرى تەشەببۇس قىلغان «يەرلىك (ئوتتۇرا ئاسىيالىق) تۇڭگانلار قوللىنىدىغان东岸،东岸子 دىن كەلگەن» دېگەن قاراشلاردىن ئىبارەت. مېنىڭچە، بۇ قاراشلارنىڭ ئۆزىگە خاس داۋلىسى بولسىمۇ، لېكىن، بۇلارنىڭ ھەممىسىدە بۇ سۆزنىڭ ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن قوللىنىلغانلىقىغا سەل قارالغان.

    تەتقىقاتلارغا ۋە ئۇيغۇر يازما ماتېرىياللىرىغا نەزەر سالساق،«تۇڭگان» سۆزىنىڭ ئەڭ بۇرۇن ئۇيغۇر يازما مەنبەلىرىدە كۆرۈلگەنلىكى ۋە ئۇيغۇر تىلىدىن رۇسچىغا كىرگەنلىكى نامايان بولىدۇ. شۇڭا، بۇ سۆزنىڭ مەنبەسىنى ۋە مەنىسىنى تەتقىق قىلغاندا ئۇيغۇر تىلىنىڭ قائىدە-قانۇنىيەتلىرىگە تايىنىش لازىم. تۆۋەندە مەن ئۇيغۇر تىلىنىڭ فونېتىكىلىق قائىدىسى بويىچە يۇقىرىقى ئالتە خىل قاراشقا باھا بېرىپ ئۆتىمەن.

    بىرىنچى قاراشقا قارىساق،东甘 سۆزى ھازىرغىچە ئىشلىتىلگەن يەر نامى ئەمەس، يەنى گەنسۇنىڭ شەرقىي ھېچقاچان东甘دىيىلمەيدۇ. «دۇنخۇاڭ» سۆزىنىڭمۇ «تۇڭگان» غا ئۆزگۈرىشى مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى، ئۇيغۇر تىلىدا«خ» تاۋۇشى بىلەن «گ» تاۋۇشى بىر-بىرىگە نۆۋەتلەشمەيدۇ.

     ئىككىنچى خىل قاراشتىكى潼关شەنشىدىكى بىر يەر نامى بولۇپ، 1862-يىلى بىر بۆلەك خۇيزۇلار بۇ يەردە قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. بىراق بىز ئىزدىنىۋاتقان تۇڭگانلار يالغۇز بۇ يەردىنلا ئەمەس، بەلكى شەنشىنىڭ باشقا جايلىرىدىن ۋە سىچۇەن، گەنسۇ، چىڭخەي قاتارلىق يەرلەردىنمۇ كەلگەن. شۇڭا، 潼关 ئەينى ۋاقىتتا شىنجاڭغا كەلگەن تۇڭگانلارغا ئورتاق نام بولالمايدۇ. تىل نۇقتىسىدىن چۈشەندۈرسەك، 潼关دېگەن سۆزدىكى گۇەن ئۇيغۇر تىلىغا كىرگەندىن كېيىن فونىتىكىلىق ئۆزگىرىش ياساپ گۇۋېن ياكى گان بولىدۇ. چۈنكى، ئۇيغۇر تىلىدا بىر بوغۇمدا ئىككى سوزۇق تاۋۇش كېلەلمەيدۇ.

     ئۈچىنچى قاراشتىكى «تۇرۇپ قالغان، تۇرغان» سۆزلىرىنىڭ «تۇڭگان» سۆزىگە ئايلىنالمايدىغانلىقى ئۇيغۇر تىلىدىن خەۋىرى بارلىكى كىشىگە ئايدىڭ. شۇڭا، بۇ ھەقتە توختالمايمەن.

     تۆتىنچى قاراشتىكى屯垦(بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش) سۆزى «تۇڭگان» دىن تەلەپپۇزدا كۆپ پەرىقلىنىدۇ. ئەگەر屯垦سۆزى ئۇيغۇر تىلىغا كىرگەن تەقدىردىمۇ تۈنكىڭ ياكى تۈڭكىڭ بولۇدىكى ھەرگىزمۇ «تۇڭگان» بولۇپ قالمايدۇ. چۈنكى، ئۇيغۇر تىلىدا «ئۈ» بىلەن «ئۇ»، «ئې» بىلەن «ئا» تىل ئورنى جەھەتتە كۆپ پەرىقلىق. مەسىلەن: خەنزۇ تىلىدىكى «» سۆزى ئۇيغۇر تىلىدا جىڭ دەپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ ۋە قوللىنىلىدۇ. شۇ سەۋەپتىن «تۇنكېن» دىكى« كېن» سۆزى «كىڭ» غا ئۆزگىرىدۇكى، ھەرگىزمۇ «كاڭ» ياكى «گان» بولۇپ ئۆزگەرمەيدۇ.  

     بەشىنچى قاراشتىكى «دونگاندىن كەلگەن» دېگۈچىلەر ئاساسلىقى تۈركىيە تەتقىقاتچىلىرى بولۇپ، ئۇلار تۇڭگان سۆزىنىڭ رۇسچىدا (دۇنگان) قىلىپ يېزىلغانلىقىغا قاراپلا، تۈركىيە تۈرۈكچىسىدىكى «دونگېن (قايتقانلار، يانغانلار)» غا ئوخشىتىۋالغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار خۇيزۇلارنى «ئىسلام دىنىغا كىرگەن خەنزۇلار» دەپ قاراپ «ئۇلار ئىسلامغا قايتقان» دېگەن تونۇش بويىچە ئۆز خۇلاسىسىنى دەلىللىگەن. شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، ئۇيغۇرچىدىكى «تۇڭگان» سۆزى رۇسچىغا كىرگەندە، رۇسچىدا «ڭ» تاۋۇشى بولمىغانلىقى ئۈچۈن «ن» بىلەن يېزىلغان، ئۇيغۇرچىدىكى «ت» ھەرىپى رۇسچىدا «د» ھەرىپى بىلەن ئىپادىلەنگەن. شۇڭا رۇسچىدىكى تەلەپپۇزنى ئاساس قىلىپ ئۇنىڭ تۈركچە تەڭدىشىنى تېپىپ چىقىش ئىلمىي ئەمەس.

         ئالتىنچى قاراشتىكى «تۇڭگان سۆزىدىن كەلگەن» دېگۈچىلەرنىڭ دەلىللىرى خېلى كۈچلۈكتەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن ئۇلار «ئۆز نامىمىز» دەپ قارايدىغان دوڭئەن بىلەن «تۇڭگان» ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدۇ ھەمدە جۇغراپىيىلىك ئۇقۇم بولغان دوڭئەن (شەرق تەرەپ) نىڭ قانداق بولۇپ مىللەت نامىغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنىمۇ ئېنىقلىيالمايدۇ.

      مېنىڭچە، «تۇڭگان» سۆزى ئالتىنچى قاراشتا دېيىلگەندەك دوڭئەن دىن كەلگەن. ئۇيغۇر تىلىنىڭ فونېتىكىلىق قائىدىسى بويىچە دوڭئەن بىلەن تۇڭگان ئوتتۇرسىدىكى فونېتىكىلىق ئۆزگىرىش تۆۋەندىكىچە بولۇشى مۇمكىن:

       ئۇيغۇر تىلىدىكى كۆپ بوغۇملىق سۆزلەردە بىرىنچى بوغۇم سوزۇق تاۋۇش بىلەن باشلانسۇن ياكى ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن باشلانسۇن، كېيىنكى بوغۇم چوقۇم ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن باشلىنىدۇ. ئۇيغۇر تىلىدىكى چەت تىلىدىن كىرگەن سۆزلەرنىڭ بۇ قائىدىگە ئۇيغۇن بولمىغانلىرى فونېتىكىلىق ئۆزگىرىش ياسايدۇ. مەسىلەن، «سوئال، تەبىئەت، قۇرئان، پائالىيەت، بىئولوگىيە» قاتارلىق سۆزلەر كىرمە سۆزلەر بولۇپ ھەممىسىنىڭ ئىككىنچى بوغۇمى سوزۇق تاۋۇشلار بىلەن باشلانغان. بۇ سۆزلەر بىز تىلغا ئالغان يۇقىرقى فونېتىكىلىق قائىدىگە ئۇيغۇن بولمىغانلىقى ئۈچۈن، جانلىق تىل تەلەپپۇزىمىزدا بىر تاۋۇش چۈشۈپ قېلىش ياكى بىر تاۋۇش قوشۇلۇپ قېلىش ياكى ئەسلىدىكى بوغۇم تۈزۈلىشى ئۆزگىرىش قاتارلىق فونېتىكىلىق ھادىسىلەر كۆرۈلىدۇ. مەسىلەن، سوۋال (قوشۇلۇپ قېلىش)، پالىيەت (چۈشۈپ قېلىش)، «قۇران» (بوغۇم تۈزۈلىشى ئۆزگىرىش).

 东岸   سۆزىمۇ تۇڭگانلار ۋاستىسى بىلەن ئۇيغۇر تىلىغا كىرگەندىن كېيىن، جانلىق تىلدا يۇقىرىقى فونېتىكىلىق قائىدىگە بويسۇنۇپ، بوغۇم تۈزۈلۈشىدە ئۆزگۈرۈش يۈز بېرىپ، (دوڭ ئەن) دېگەن خەنزۇچە بوغۇم ھالىتىدىن «دوڭ ئەن» شەكىلدىكى ئۇيغۇرچە بوغۇمغا ئايلىنىدۇ. ئىككىنچى بوغۇم بېشىدىكى «ڭ» تاۋۇشى تەلەپپۇزدا بىقولاي بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇيغۇر تىلىدا بۇنداق سۆزلەرنىڭ ئارىسىغا بىر «گ» تاۋۇشى قوشۇپ تەلەپپۇز قىلىش ئادىتى بويىچە، «ڭ» بىرىنچى بوغۇمنىڭ ئاخىرقى تاۋۇشىغا، «گ» ئىككىنچى بوغۇمنىڭ بىرىنچى تاۋۇشىغا ئايلىنىدۇ. مەسىلەن، ماڭا-ماڭغا، مۈڭۈز- مۈڭگۈز، ساڭا-ساڭغا، توڭۇز-توڭگۇز. بۇ خىل ھادىسە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىلا مەۋجۇت بولماستىن، بەلكى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىمۇ كۆرۈلىدۇ. مەسىلەن:

  كىشى مەڭۈ بولماز بۇ مەڭۈ ئاتى.

  ئانىن مەڭۈ قالدى بۇ ئەدگۈ ئاتى.

                             (يۈسۈپ خاس ھاجىپ)

     بۇ بىيىتتىكى «مەڭۈ» سۆزى بەزى يادىكارلىقلاردا «مەڭۈ»، يەنە بەزى يادىكارلىقلاردا «مەڭگۈ» دەپ ئوقۇلىدۇ.

     ئەمدى «دوڭ ئەن» نىڭ «توڭگەن» بولماي «تۇڭگان» بولۇپ قالغىنىغا كەلسەك، شەنشى ۋە گەنسۇلاردىن تۇڭگانلار «گان،ئەن» بوغۇملىرىدىكى «ئا» نى ئۇيغۇر تىلىدىكى «ئا» غا ئازراق يېقىن تەلەپپۇز قىلىدۇ. شۇ سەۋەپتىن ئۇيغۇر تىلىغا تۇڭگانلارنىڭ ۋاستىسى بىلەن كىرگەن干饭(گاڭپەن) سۆزىدىكى «گەن » ئۇيغۇرچىغا «گاڭ» بولۇپ ئۆزلەشكەن. ئۇيغۇر تىلىدا يەنە «د» بىلەن «ت» نىڭ «ئو» بىلەن «ئۇ» نىڭ نۆۋەتلىشىشى مەۋجۇت بولغاچقا، «دوڭ ئەن» سۆزى «دوڭگان» غا، «دوڭگان» بولسا «تۇڭگان» غا ئۆزگەرگەن.

»تۇڭگان» سۆزىنىڭ مەنىسىگە كەلسەك، بەزى تەتقىقاتچىلارنىڭ东岸نى «جۇغراپىيىلىك ئۇقۇم» دەپ قارىغانلىقى دىققىتىمىزنى تارتىدۇ. ئۇلارنىڭ چۈشەندۈرشىچە، شەنشى شېۋىسىدە «تەرەپ» دېگەن مەنىدە كېلىدىكەن. مۇشۇنداق بولغاندا، 东岸»شەرق تەرەپ، شەرق» مەنىسىنى بېرىدىكەن. لېكىن، مەزكۇر تەتقىقاتچىلار جۇغراپىيىلىك ئۇقۇم بولغان东岸نىڭ قانداقسىگە مىللەت نامى بولۇپ قالغانلىقىنى چۈشەندۈرمىگەن.

      تەكشۈرۈشىمىزچە «تۇڭگان» سۆزىنىڭ ئۇيغۇر مەنبەلىرىدە كۆرۈلىشى 19-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلانغان. موللا بىلال بىن موللا يۈسۈپ (1822-1900) يازغان «غازات دەر مۈلكى چىن» دە:

  ئەمىر ئەيدى «ئەي ئەھلى تۇنگانىلار

  گىرىفتار مېھنەت دىل ئەفكارىلار«

  دەپ يېزىلغىنىدەك، بۇ سۆز باشتىن-ئاخىر «تۇنگانى» شەكلىدە كۆزگە چېلىقىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، شۇ دەۋىردە يېزىلغان «شەرھى شىكەستە»، «زەفەرنامە» قاتارلىق تارىخىي مەنبەلەردە ۋە ئۇلۇغ تارىخچى، ئالىم موللا مۇسا سايرامىنىڭ «تارىخىي ھەمىدى» ناملىق شاھانە ئەسىرىدىمۇ يۇقىرقىدەك «تۇنگان» دەپ يېزىلغان. بۇ يەردە «تۇنگانى» بىلەن «تۇڭگان» ئوخشاش بولۇپ، ئۇيغۇرچىنىڭ فونېتىكىلىق قائىدىسى بويىچە «ن» تاۋۇشى بىلەن «ڭ» تاۋۇشى نۆۋەتلەشكەن.

»تۇنگانى» دەپ يېزىلىشىغا كەلسەك، ئۇيغۇر تىلىدا «ى» قوشۇمچىسى يەر ناملىرىنىڭ كەينىگە قوشۇلۇپ كېلىپ «لىق، لىك» مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ قوشۇمچە ئەدەبىي ئەسەرلەردە كۆپرەك قوللىنىلسىمۇ ئاۋام تىلىدا كۆپ قوللىنىلمايدۇ. مەسىلەن، «مەھمۇد كاشغەرى، موللا يۇنۇس ياركەندى، موللا ئەلەم شاھيارى»، بۇلار «قەشقەرلىك مەھمۇد، ياركەنتلىك يۇنۇس، شاھيارلىق موللا ئەلەم» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈردۇ. ئۇيغۇر ئاۋام تىلىدا كىشى ئىسمىنىڭ كەينىگە يۇرتىنى قوشۇپ ئاتايدىغان ئادەت بار. لېكىن «لىق، لىك» مەنىسىدىكى «ى» قوشۇلمىغاچقا «كېرەم ئاتۇش، ئابلىز خوتەن، تۇرسۇن شاڭخەي، غەيرەت ئوپال، ئالىم تۇرپان» دېگەن ئىسىملارنى ئاڭلاپ تۇرىمىز.

      مۇشۇ قائىدە بويىچە东岸جۇغراپىيىلىك ئۇقۇم بولغاچقا ئۇنىڭ ئۆزگەرگەن شەكلى «تۇڭگان» نىڭ كەينىگە ئەدەبىي ئەسەرلەردە «ى» قوشۇلۇپ يېزىلغان. خەلق تىلىدا بولسا «ى» قوشۇلماي «تۇڭگان» دېيىلگەن. مەنىسى ئوخشاشلا «شەرق تەرەپتىن كەلگەنلەر، شەرىقلىقلەر» دېگەنلىك بولىدۇ. تۇڭگانلار ياشىغان جۇغراپىيىلىك ئورۇنمۇ ئۇيغۇرلار رايونىنىڭ شەرقىدە بولغانلىقى بۇ پىكىرنى قۇۋۋەتلەيدۇ. خۇلاسىلىگەندە، 东岸سۆزى تۇڭگانلارنىڭ ئۇيغۇر يۇرتلىرىغا كەلگەندە ئۆزىنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن قوللانغان نامى بولۇپ، ئۇيغۇر تىلىغا كىرمە سۆز سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن ئۇيغۇر تىلىنىڭ فونېتىكىلىق قائىدىسىگە بوي سۇنۇپ «تۇڭگان» ھالىتىگە كەلگەن. ئۇيغۇر يازما مەنبەلىرىدە «تۇڭگانى» دەپ خاتىرلىنىپ ئۇنىڭ ئەسلى يەر-تەرەپ نامى ئىكەنلىكىدىن بېشارەت بېرىلگەن. ئۇنىڭ مەنىسى «شەرىقتىن كەلگەنلەر ياكى شەرىقلىقلەر» دېگىنىنى بىلدۈرىدۇ.

  پايدىلانمىلار:

[1]  ۋاڭ گوجيى: «تۇڭگانلارنىڭ شەكىللىنىش ۋە تەرەققىيات تارىخى». شەنشى: شەنشى خەلق نەشرىياتى، 1997.

[2]  خەي فىڭ: «تۇڭگان "屯垦" دىن كەلگەن». «غەربىي-شىمال مىللەتلەر تەتقىقاتى» 2005-1.

[3]  «غازات دەرمۈلكى چىن»، « شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى» ژۇرنىلى، 1995.2-3-4-سانلار.

[4]  «ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىدىن نەمۇنىلەر». ئۈرۈمچى: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1981.

مەنبە: «تىل ۋە تەرجىمە» ژۇرنىلى 2007-يىل 2-سانىدىن

توردىكى مەنبەسى: مىسرانىم مۇنبىرى

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 4

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 1075 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2014-01-17