بەشار ئەسەد


بەشار ئەسەد


بەشار ئەسەدبەشار ئەسەد

ئىنگىلىزچە:  Bashar Hafez al-Assad

خەنزۇچە:  巴沙尔•阿萨德

ۋەزىپىسى: ئەرەب سۇرىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى

ۋەزىپىگە ئولتۇرغان ۋاقتى: 2000-يىلى 6-ئاينىڭ 20-كۈنى

تۇغۇلغان ۋاقتى: 1965-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى

سىياسىي پارتىيىسى: سۇرىيە گۈللىنىش پارتىيىسى

بەشار ئەسەد، ئالاۋىي مەزھىپىدىن. ھازىرقى ۋەزىپىسى سۇرىيە پرېزىدېنتى، قوشۇمچە قوراللىق قىسىمنىڭ باش قوماندانى، سۇرىيە گۈللىنىش پارتىيىسىنىڭ باش سېكرىتارى، مارشال. ئالدىنقى نۆۋەتلىك پرېزىدېنت ھافىز ئەسەدنىڭ ئىككىنچى ئوغلى. يۇرتى سۇرىيە لاتاكىيا ئۆلكىسىنىڭ كارداھا رايونى  (Latakia Governorate Qardaha).

ئائىلىسى

1965-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى، بەشار ئەسەد دەمەشقتە تۇغۇلغان.

ئەسەد دەمەشق ئۇنىۋېرستېتىدا مېدىتسىنا ئۆگىنىپ، 1988-يىلى مەكتەپ پۈتتۈرگەن. كېيىن ھەربىي دوختۇرخانىنىڭ كۆز بۆلىمىدە دوختۇر بولغان. 1992-يىلى ئەنگلىيە لوندونغا كېلىپ غەربىي رايون كۆز كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىدا ئۆگەنگەن، ھەم بولغۇسى ئايالى ئەسما ئەسەد بىللەن تونۇشقان. بەشار ئەسلى بىر كۆز كېسەللىكلىرى دوختۇرى بولۇشنى ئويلاشقان بولۇپ، سىياسىي ساھە جەھەتتە ئۇنچە كۆپ ئارزۇ-ئارمانلىرى يوق ئىدى. بىراق 1994-يىلى، دادىسى تەربىيلىگەن ئەسلىدىكى ئىز باسار باسىل ئەسەد بىر قېتىملىق قاتناش ۋەقەسىدە ئۆلگەندىن كېيىن، بەشارنىڭ دادىسى ئۇنىڭ سۇرىيەنىڭ رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشىنى ئۈمىد قىلدى. شۇ سەۋەپتىن ئەسەد سۇرىيەدىكى ئۆيىگە قايتىپ كەلدى. ئۇ ھومىس ھەربىي ئىشلار ئىنىستىتوتىغا ئوقۇشقا كىرىپ، 5 يىلدىن كېيىن پولكوۋنىك بولدى. ئۇ دادىسىغا مەسلىھەتچى بولۇپ، چىرىكلىككە زەربە بەردى.

سۇرىيىنىڭ پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىش

2000-يىلى ھافىز ئەسەد ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، سۇرىيە  قانۇنى بويىچە، پرېزېدىنتنىڭ يېشى چوقۇم 40 ياشتىن يۇقىرى بولىشى كېرەك بولغاچقا، سۇرىيە پارلامېنتى دەرھال ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، پرېزىدېنتنىڭ ئەڭ تۆۋەن ياش چەكلىمىسىنى 40 ياشتىن 34 ياشقا چۈشۈردى. 2000-يىلى 6-ئايدا بەشار ئۇڭۇشلۇق ھالدا پرېزىدېنتلىققا سايلاندى. ئۇ يەنە قوراللىق قىسىمنىڭ باش قوماندانلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىدى ھەم سۇرىيە گۈللىنىش پارتىيىسىنىڭ رەھبىرىگە ئايلاندى. بەشار ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندا سۇرىيەنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي تۈزۈلمىسىگە قارىتا ئىسلاھات ئېلىپ بارىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەنىدى، بىراق ئۈنۈمى ناھايىتى ئاز بولدى. تەخىتكە چىققاندىن كېيىن ئاساسلىقى سۇرىيەنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىپ، سىياسىي جەھەتتىكى ئىسلاھات توختاپ قالدى.

بەشەر ئەسەد ئائىلىسى ئالاۋىي مەزھىپىنىڭ مۇرتلىرى (ئىسلام دىنى شىئە مەزھىپىنىڭ بىر تارمىقى، شىئە مەزھىپى مۇرتلىرىنىڭ %13 تىنى ئىگەللەيدۇ). مۇسۇلمانلار سۇرىيە نوپۇسىنىڭ %87 تىنى ئىگەللەيدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە سۈننى مەزھىپى %74 تىنى، شىئە مەزھىپى %13 تىنى ئىگەللەيدۇ، شۇڭلاشقا ئالاۋىي مەزھىپى سۇرىيە نوپۇسىنىڭ پەقەت %6 تىنى ئىگەللەيدۇ. بىراق، ئالاۋىي مەزھىپىدىكىلەر  بۇ دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك قىسىمىنى كونترول قىلىپ تۇرىدۇ. سۇرىيە ھۆكۈمىتىمۇ ئىزچىل ھالدا ئالاۋىي مەزھىپىدىكىلەرنىڭ كونتىروللىقىدىكى ھەربىي قىسىمغا تايىنىپ، ھۆكۈمەتكە قارشى كۈچلەرگە زەربە بېرىپ كەلدى. ئەشارنىڭ ئىنىسى ماھىر ئەسەد دۆلەتنىڭ تاللانغان ھەربىي قىسىمى-جۇمھۇرىيەت مۇھاپىزەتچى قىسمى ۋە تۆتىنچى برونىك قىسىمغا رەھبەرلىك قىلدى؛ بەشارنىڭ يېزنىسى ئەسىف شەۋكەت (بەشارنىڭ ئاچىسى بۇشرا ئەسەدنىڭ يولدىشى) ھەربىي قىسىمنىڭ مۇئاۋىن باش شتاب باشلىقى.

بۇلارنىڭ ھەممىسى سۈننى مەزھىپىدىكى خەلقنىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغىدى. بۇ دۆلەتتە ئاز سانلىق ھېسابلىنىدىغان كوردلارمۇ شۇ سەۋەبلىك كۆپ قېتىم نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى قوزغىدى.

ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش كىرزىسى

2001-يىلى 1-ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، سۇرىيىدە كەڭ كۆلەمدە ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش كۆتۈرۈلدى، بەشار ۋە ھۆكۈمەت سىياسىي كىرىزىسقا دۈچ كەلدى. 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 31-كۈنى، «ۋال كوچىسى گېزىتى» بەشارنى زىيارەت قىلغاندا، ئۇ ھازىر ئىسلاھاتنى باشلاشنىڭ ۋاقتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى؛ تۇنىس، مىسىر ۋە يەمەن قاتارلىق دۆلەتلەردە يۈز بەرگەن ھەركەتلەرگە قارىتا كۆز قارىشىدا، ئۇ ئوتتۇرا شەرقنىڭ يېڭى بىر دەۋرگە قەدەم قويغانلىقىنى، ئەرەب ھۆكۈمرانلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئۆزگەرتىشلەر ئارقىلىق خەلقنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتقان ئىقتىسادىي ئېھتىياجى ۋە سىياسىي تەلىپىگە ماسلىشالايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

باشار ئىلگىرى سۇرىيىنىڭ مىسىردىكى نامايىش ھەرىكەتلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى. بەشار قوماندان بوزائىنا شابانغا سۈننى مەزھىپى مۇرتلىرىنىڭ سۈننى مەزھىپىدىكى خەلقلەرنى ئېسىيان كۆتۈرۈشكە كۈشكۈرتكەنلىكىنى ئەيىبلەش تەكلىپىنى بەردى.

2011-يىلى 8-ئاينىڭ 10-كۈنى، سۇرىيە پرېزىدېنتى بەشار ھەربىي ئارمىيەنىڭ خاتا ھالدا نامايىشچى خەلقنى باستۇرغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى، سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى تىلغا ئېلىپ، 2012-يىلى ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشنى دەسلەپكى قەدەمدە تاماملايدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەردى. 9-كۈنى ئامېرىكا پرېزدېنتى ئوباما «سۇرىيە كىرزىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلىنىڭ بەشارنىڭ تەخىتتىن چۈشىشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى». سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق ئەرەب دۆلەتلىرىمۇ سۇرىيىنىڭ خەلق ئاممىسىنى باستۇرۇش ھەركىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، سۇرىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرىنى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ قايتۇرۇپ كەتتى.

2011-يىلى 8-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيە، گىرمانىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىر-بىرلەپ بايانات ئېلان قىلىپ، سۇرىيە پرېزىدېنتى بەشارنىڭ تەخىتتىن چۈشىشىنى تەلەپ قىلدى.

كۆپلىگەن دۆلەتلەر، بەشارنىڭ سىياسىتى ئۇزۇندىن بۇيان تىنچ نامايىشقا نىسبەتەن، قانلىق باستۇرۇش ۋە كىشىلىك ھوقۇققا تاجاۋۇز قىلىش ھەركىتى ئېلىپ باردى، دەرھال ھوقۇقنى تاپشۇرۇشى كېرەك، دەپ قارىدى. ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما سۇرىيەگە قارىتا قاتتىق جازا يۈرگۈزۈشنى قوللىدى.

2011-يىلى 10-ئاينىڭ 4-كۈنى، جۇڭگو بىلەن روسىيە بىرلىشىپ بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرىنىڭ سۇرىيە مەسىلىسىگە قارىتا ماقۇللىغان دەسلەپكى لاھىيىسىنى ئىنكار قىلىپ، روسىيىدىكى ھەرقايسى ساھەدىكىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سىتاتىكىسىسىغا ئاساسلانغاندا، 3-ئاينىڭ ئوتتۇرىسى نارازىلىق ھەرىكەتلىرى باشلانغاندىن بۇيان، سۇرىيىدە  2700 ئادەم ئۆلدى.

2011-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى، ئامېرىكا ئاق ساراي 10-ئاينىڭ 7-كۈنى سۇرىيە پرېزىدېنتى ئەسەدنىڭ تەخىتتىن چۈشىشىنى مۇراجىئەت قىلدى ھەمدە ئۇنىڭ سۇرىيەنى ئىنتايىن خەتەرلىك بىر يولغا باشلاۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى. روسىيە پرېزىدېنتى مېدىۋىدېۋمۇ، سۇرىيە رەھبەرلىك قاتلىمىنىڭ دۆلەت ئىچىدە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشى لازىملىقىنى، ئۇنداق قىلمايدىكەن، تەخىتتىن چۈشىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

2012-يىلى 2-ئاينىڭ 7-كۈنى، سۇرىيەنىڭ دۆلەتلىك ئاساسىي قانۇننىڭ دەسلەپكى لاھىيىسىنى بېكىتىش كومىتىتى دەسلەپكى لاھىيىسىنى بېكىتىپ بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى، ھەمدە دەسلەپكى لاھىيىسىنى بەشار ئەسەدكە تاپشۇرۇپ بەردى. يېڭى ئاساسىي قانۇننىڭ دەسلەپكى لاھىيىسىدە، پرېزىدېنتنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى 7 يىل، بىر نۆۋەت ئۇزارتىشقا بولىدۇ، دەپ بېكىتىلدى. بەشارنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى 2014-يىلى توشىدۇ.

2012-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمۇن سۇرىيىدە توقۇنۇش پارتىغانلىقىنىڭ بىر يىللىقىدا يەنە بىر قېتىم بايانات ئېلان قىلىپ، سۇرىيىدىكى ھەرقايسى مەزھەپلەرنىڭ زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنى توختىتىشىنى، كىرزىسنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشىنى تەلەپ قىلدى. بان كىمۇن بىر پارچە يازما باياناتىدا، بىر يىل ئىلگىرىكى بۈگۈنكى كۈندە، سۇرىيە خەلقى دەمەشق كوچىلىرىدا، ھوقۇق ۋە ئەركىنلىك تەلەپ قىلىپ تىنچ نامايىش قىلغان ئىدى، بىرنەچچە كۈن ئىچىدە باشقا شەھەرلەردىكى خەلقلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى، دەپ كۆرسەتتى.

ھالبۇكى، سۇرىيە دائىرسى بۇ خىل باستۇرۇشلارغا قوشۇلۇپ، كۆپ قېتىم نامەلۇم قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ ھۇجۇم قىلىشىغا ئۇچراپ، 8000 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئۆلدى. بۇ كۆپ قىسىم ئامما ۋە بىر قىسىم ئەسكەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، دەپ كۆرسەتتى.

ئەنگلىيە مۇھاپىزەت گېزىتى ئاشكارلاپ، بەشار 2012-يىلى پۈتۈن دۆلەتكە قىلغان مۇھىم تېلىۋېزىيە نۇتىقىدا، كۈچلۈك ئىپادىلەش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىپ دۆلەتنى مۇھاپىزەت قىلىدىغان ئوبرازىنى ياراتتى، ھەمدە ھۆكۈمەتكە قارشى كۈچلەر بىلەن قەتئىي قارشىلىشىدىغانلىقى ھەققىدە جار سالدى، ئەمەلىيەتتە ھەممىسى ئىران ئەلچىسىنىڭ پىكىرىنى قوبۇل قىلغانلىقى بولۇپ، ئىران پەردە ئارقىسىدا قوماندانلىق قىلدى، دېدى.

2012-يىلى 4-ئاينىڭ 19-كۈنى، سۇرىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانىسى پرېزىدېنت بەشار بىلەن ئايالى ئەسمانىڭ قۇتقۇزۇش يىمەكلىكلىرىنى ئوراۋاتقان كۆرۈنىشىنى كۆرسەتتى، ئۇلار يۈزلىگەن پىدائىيلار بىلەن بىرلىكتە ھومىس شەھىرىدىكى قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان ئاممىنى يىمەكلىك بىلەن تەمىنلەۋاتاتتى. كۆرىنىشتىن تەھلىل قىلىشقا بولىدىكى، ئۇلار بۇ ھەرىكىتى ئارقىلىق ئاممىغا يېقىن ئوبرازىنى قايتىدىن تىكلىمەكچى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ياۋروپا ئىتتىپاقى پرېزىدېنت بەشارنىڭ ئايالى ئەسما ۋە باشقا ئائىلە ئەزالىرىغا قارىتا ساياھەت قىلىشنى مەنئىي قىلىش بۇيرۇقىنى چۈشۈرگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كىرىشىنى چەكلىگەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى مال-مۈلكىنى توڭلىتىۋەتكەن. بىراق ئەنگلىيە چېگرا باشقۇرۇش تارماقلىرى، ئۇلار بەشارنىڭ ئايالى ئەسمانىڭ ئەنگلىيە دۆلەت چېگرىسىغا كىرىشىنى چەكلىمەسلىكى كېرەك، چۈنكى ئۇ ئەنگلىيە دۆلەت پۇقراسى، دېدى.

2012-يىلى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى، جۇڭگونىڭ «يەرشارى جۇڭگو تىلى تورى» دا، سۇرىيە پرېزىدېنتى بەشارنىڭ شەرت قويۇش ئاساسىدا ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىپ، دۆلەتنى قۇتقۇزۇشقا قوشۇلغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر بەردى. بىراق ئۇ مۇناسىۋەتلىك قارارنى سۇرىيە خەلقى دىموكراتىك سايلام ئارقىلىق چىقىرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى، بەشار سىرتقى كۈچلەرنىڭ سۇرىيەنىڭ ئىچكى سىياسىتىگە ئارلىشىشقا يول قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەنبە: ۋېكىپىدېيەدىن تەرجىمە قىلىندى

تەرجىمىدە ئامىنە


مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 14

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 1669 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 4قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2014-03-28