زېيىن سېيىن


زېيىن سېيىن


زېيىن سېيىنزېيىن سېيىن

بېرمىنىڭ ھازىرقى باش مىنىستىرى ۋە پرېزىدېنتى، ئىلگىرى ئۈچ بۇرجەك ھەربىي رايونىنىڭ قوماندانى بولغان، 2003-يىلى دۆلەت «تىنچلىق ۋە تەرەققىيات كومىتېتى» نىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى بولغان، 2004-يىلى بىرىنچى قول  باش كاتىپلىققا ئۆستۈرۈلگەن. 2007 -يىلى17-ماي زېيىن سېيىن بېرمىنىڭ مۇۋەققەت باش مىنىستىرلىقىغا سايلانغان. 2007-يىلى 24-ئۆكتەبىر بېرما دۆلەتلىك تىنچلىق ۋە تەرەققىيات كومىتېتى ئۇنى يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت باش مىنىستىرلىقىغا تەيىنلىگەن. 2009 –يىلى 15-نويابىر ئوبامانىڭ APEC يىغىنىدا بېرما مىنىستىرى زېيىن سېيىن بىلەن بىۋاسىتە سۆھبەتلىشىشى دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. بۇ ئامېرىكا ۋە بېرما رەھبەرلىرىنىڭ نەچچە ئون يىلدىن بېرى تۇنجى قېتىم ئۇچرىشىشى بولۇپ، يەنە بىر قېتىم ئامېرىكىنىڭ بېرمىغا قاراتقان سىياسەتلىرىنىڭ قارشىلىشىشتىن سۆھبەتلىشىشكە قاراپ يۈزلەنگەنلىگىدىن دېرەك بەردى. بېرمىنىڭ دېموكراتىيىلىشىش قەدىمى بۇ قېتىمقى سۆھبەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولدى. بېرما فېدېراتسىيە پارلامېنتى ئۆتكۈزگەن 2011-يىلى 4-فېۋرالدىكى سايلامدا  زېيىن سېيىن پرېزىدېنت بولدى.

زېيىن سېيىن 1945-يىلى بېرمىنىڭ جەنۇبىدا تۇغۇلغان. ھەربىي ھۆكۈمەتنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكى نۇرغۇن مەشھۇر كىشىلەرگە ئوخشاش، ئۇمۇ بېرما ھەربىي ئىشلار ئىنستىتۇتىدا ئوقۇۋاتقاندىن تارتىپ ھەربىيلىك ھاياتىنى باشلاپ، ئەڭ ئاخىرى سىياسى ۋە ھەربىي ساھەگە قەدەم قويغان. زېيىن سېيىننىڭ ھەربىي، سىياسى ھاياتى توغرۇلۇق سىرتقى دۇنيانىڭ بىلىدىغانلىرى ناھايىتى ئاز. ئۇ ئىلگىرى بېرمىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى جائېن تېغى بازىرىدا ئوفېتسېر بولغان. ئۇ يەر بېرما ،لائوس ۋە تايلاند كېسىشكەن «ئالتۇن ئۈچ بۇرجەك رايونى» غا تەۋە ئىدى.

زېيىن سېيىن-بېرمنىڭ سىياسى بۇرۇلۇش دەۋرىدىكى «يەتتە نۇقتىلىق دېموكراتىيە يول لىنىيىسى خەرىتىسى» نىڭ ئاساسلىق لاھىيىلىگۈچىلىرىدىن بىرى. ھازىر دۆلەتلىك تىنچلىق ۋە تەرەققىيات كومىتېتىنىڭ رەئىسى، قوشۇمچە دۆلەت مۇداپىئەسى مىنستىرى، ئۈچ ئارمىيەنىڭ باش قوماندانى گېنېرال دانروينىڭ سىياسى ئىتتىپاقدىشى. ئۇ 2004-يىلى بۇيرۇققا بىنائەن بېرما ئاساسىي قانۇنىنى تۈزۈشكە قاتناشقان.

2007-يىلى17-ماي بېرما مىنىستىرى سوئېن سالامەتلىك سەۋەبىدىن ۋەزىپىسىدن ئىستىپا بەرگەندىن كېيىن زېيىن سېيىن ئۇنىڭ ئورنىغا مۇۋەققەت باش مىنىستىر بولغان. شۇ يىلى 12-ئۆكتەبىر سۇئېن رانگون مىنگارا گارى رايوندىكى 2-ھەربىي دوختۇرخانىدا ئالەمدىن ئۆتىدۇ. 24-ئۆكتەبىر بېرما دۆلەتلىك تىنچلىق ۋە تەرەققىيات كومىتېتىنىڭ  پودپولكوۋنىكى زېيىن سېيىننى ھۆكۈمەتنىڭ يېڭى باش مىنىستىرلىقىغا تەيىنلەندى. تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تارقاتقان دۆلەتلىك تىنچلىق ۋە تەرەققىيات كومتېتىنىڭ باياناتنامىسىدا ئېيتىلىشىچە، زېيىن سېيىننىڭ ئەسلىدىكى دۆلەتلىك تىنچلىق ۋە تەرەققىيات كومتېتىنىڭ 1-باش كاتىبلىق ۋەزىپىسىنى دۆلەت مۇداپىئە مىنستىرلىكى ھەربىي تەمىنات مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى دىڭئان مىۋۇ  پولكوۋنىڭ ئۆتكۈزىۋالىدۇ. 2011-يىلى 4-فېۋرال باش مىنىستىر زېيىن سېيىن بېرما پارلامېنتىدا قەسەم بېرىپ يېڭى بىر نۆۋەتلىك پرېزدېنتلىققا ئولتۇرىدۇ.

2010-يىلى7-نويابىر، بېرمىدا 20 يىلدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق كۆپ پارتىيە تۈزۈمىدىكى مەملىكەتلىك سايلام ئۆتكۈزىلىدۇ. خەلق پارلامېنتى ۋە مىللىي پارلامېنت ھەمكارلىشىپ بېرما فېدېراتسىيە پارلامېنتىنى تەشكىل قىلىدۇ. 2011 -يىلى 31-يانۋار ئىككى  پارلامېنتنىڭ باشلىقىنى سايلاپ بولغاندىن كېيىن 1-فېۋرال مۇئاۋىن پرىزدېنتنىڭ نامزاتى كۆرسىتىلىدۇ. قائىدە بويىچە، ئىككى پارلامېنت بەش مۇئاۋىن پرېزىدېنت نامزاتىنى كۆرسىتىدۇ، ئاندىن 3-فېۋرال فېدېراتسىيە پارلامېنتى قارار چىقىرىپ بىر پرېزىدېنت ۋە ئۈچ مۇئاۋىن پرىزدېنتنى سايلاپ چىقىدۇ.

فېدېراتسىيە پارلامېنتى ئۈچ چوڭ گۇرۇپپا بويىچە ئۈچ نەپەر پرېزىدېنت نامزاتىنى بېكىتىدۇ: شۇنداق قىلىپ خەلق پارلامېنتى زېيىن سېيىننى كۆرسىتىدۇ؛ مىللىي پارلامېنت سېي مائۇك كام (Sai Mauk Kham) نى كۆرسىتىدۇ؛ ئىككى پارلامېنتنىڭ ھەربىي ۋەكىللرى ھازىرقى دۆلەتلىك تىنچلىق ۋە تەرەققىيات كومىتېتىنىڭ بىرىنچى باش كاتىبى تىن ئائۇڭ ميىنت ئو (Tin Aung Myint Oo) نى كۆرسىتىدۇ. 4-فېۋرالدىكى بېلەت تاشلاشتا زېيىن سېيىن 659 ئاۋازنىڭ ئىچىدە 408 ئاۋازنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىدۇ. تىن ئائۇڭ ميىنت ئو 171 ئاۋازغا، سېي مائۇك كام 75 ئاۋازغا ئېرىشىدۇ. بېرمىنىڭ يېڭى ئاساسىي قانۇنى بويىچە، تىن ئائۇڭ ميىنت ئو ۋە سېي مائۇك كام مۇئاۋىن پرېزىدېنتلىققا سايلىنىدۇ.

زېيىن سېيىن: بىرما-ئامېرىكا سۆھبىتى

شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقىدىكى بىر قىسىم دۆلەتلەر ئامېرىكىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقىغا بىر قىسم تۆۋەن دەرىجىلىق ئەمەلدارلىرىنى ئەۋەتىشتىكى سەۋەب شۇكى بېرما-ئامېرىكا ئوتتۇرىسدا ھاڭ بار دەپ قارايدۇ. ئەمما ئوباما تەختكە چىققاندىن كېيىن بېرمىغا قارىتا ئېچىۋېتىش تاكتىكىسىنى قوللىنىپ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتتى. شۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى دۆلەتلەر ئامېرىكىغا تېخىمۇ كەڭ كۇشادە مۇئامىلە قىلىشقا باشلىدى. 2009-يىلى 15-نويابىر سىنگاپورنىڭ شانگرىلا (shangri-la) مېھمانخانىسىدا بىر قېتىملىق تارىخىي ئۇچرىشىش ئەمەلگە ئاشتى. يىغىن جەريانىدا، ئوباما زېيىن سېيىن بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشمىدى. مېھمانلارنىڭ قوللىرىنى گىرەلەشتۈرۈپ كۆرۈشۈپ خاتىرە رەسىمگە چۈشۈشى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقنىڭ بىر ئەنئەنىۋى ئادىتى ئىدى. ئۇ كۈنى ئوباما باشقا دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە بۇ خىل قول گىرەلەشتۈرۈش ئۇسۇلىغا بولغان قىزىقىشى ۋە ھەيرانلىقىنى ئىپادىلىگەن ئىدى. قول ئېلىشىپ بولغاندىن كېيىن ئوباما ۋە زېيىن سېيىن يۇمىلاق شىرەدە روبىرو ئولتۇرۇپ سۆھبەتلەشتى. ئامېرىكا ئاقساراينىڭ باياناتچىسى روبېرت جىبۇس سۆھىبەتتىن كېيىن، ئوبامانىڭ كۆرۈشۈش جەريانىدا، ئامېرىكىنىڭ بېرمىنىڭ كېلەر يىلقى سايلامدىن بۇرۇن كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئوڭ سەن سۇ كيى (Aung San Suu Kyi)  نىڭ تۇرالغۇسىغا چەك قويۇش قىلمىشنى بىكار قىلىشقا دەۋەت قىلدىغانلىقىنى بىلدۈردى. زېيىن سېيىن ئوباماغا جاۋاب قايتۇرمىدى، بىراق ئامېرىكىنىڭ بېرمىغا قاراتقان سىياسىتىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. زېيىن سېيىننىڭ پوزىتسىيەسى گويا ئوبامانىڭ ئاسىيا سىياسىتى ھەققىدە سۆزلىگەندە تىلغا ئالغان بېرمىغا قارىتىلغان «يېڭى سىياسەتلەر» گە قارىتا قايتۇرغان ئىنكاسىدەكمۇ قىلاتتى. گەرچە ئوباما ئوڭ سەن سۇ كيى قاتارلىق كىشىلەرنى قويۇپ بېرىشنى ئاغزاكى تىلغا ئالغان بىلەن، بىراق بۇ تەلەپ يىغىندىن كېيىنكى ئېلان قىلىنغان ئامېرىكا بىلەن شەرقى جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقنىڭ بىرلەشمە باياناتنامىسىدا كۆرۈلمىگەن ئىدى. بۇ باياناتنامىدا «2010-يىلى بېرما چوقۇم ئەركىن، ئادىل، كەڭ قورساق ۋە ئوچۇق-ئاشكارا بولغان شەكىلدە سايلام ئېلىپ بارغاندىلا ئاندىن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشەلەيدۇ» دېيىلگەن ئىدى. باياناتنامىدە يەنە ئامېرىكىنىڭ بىلەن شەرقى جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقى پۈتكۈل يەر شارى ۋە رايون خاراكتېرلىك ئىشلاردىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، ئىككى تەرەپ 2010-يىلى ئىككىنچى قېتىملىق باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈشكە قوشۇلدى.

زېيىن سېيىن: جۇڭگو-بېرما دوستلۇقى

جۇڭگو- بېرما دوستلۇقىجۇڭگو- بېرما دوستلۇقى

2007-يىلى ئىيۇندا زېيىن سېيىن دۆلەت تىنچلىق ۋە تەرەققىيات كومىتېتىنىڭ 1-باش كاتىپى سالاھىيىتى بىلەن جۇڭگونى زىيارەت قىلدى. 2008-يىلى 8-ئايدا بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى، شۇنداقلا يەنە شۇ يىلى 10-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن 5-قېتىملىق جۇڭگو شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقى يەرمەنكىسىگە قاتناشتى. يەرمەنكىدە گۇاڭشى ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى مابىياۋ زېيىن سېيىن بىلەن كۆرۈشكەندە ئۇ جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنى يەرمەنكىگە تەكلىپ قىلغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. بېرما ئۇدا بەش قېتىملىق يەرمەنكە ۋە سودا كېڭىشىشىگە تولۇق قاتنىشىپ جۇڭگو بېرما دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈردى. بۇ كاتتا يىغىلىش ئوخشاشلا جۇڭگونىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان سودا ھەمكارلىقى ۋە تەرەققىياتىنى يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرى سۈردى، جۇڭگو،بىرما ۋە گۇاڭشىنىڭ ئالاقىسى بارغانسېرى كۆپەيدى. بېرمىنىڭ تەبئىي بايلىقلىرى ناھايىتى مول بولۇپ، جۇڭگونىڭ يۈننەن ئۆلكىسىدىكى نۇرغۇن كارخانىلار بېرمىغا چىقىپ تەبئىي گاز ئېچىش، سۇ ئېلېكتېر قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەردە ھەمكارلاشتى. بېلىقچىلىق، يېزا ئىگىلىك، كانچىلىق قاتارلىق ساھالەردىمۇ يەنە نۇرغۇن ھەمكارلىق پۇرسەتلىرى بار. گۇاڭشى ئۆلكىسى تېخنىكا ۋە مەبلەغ ئۈستۈنلىكىگە ئىگە، بېرما گۇاڭشى كارخانىلىرىنىڭ كېلىپ مەبلەغ سېلىشىنى قارشى ئالىدۇ.

جۇڭگو زوڭلىسى ۋېن جياباۋ خەينەن ئۆلكىسىنىڭ سەنيا شەھرىدە بوئاۋ-ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ 2009- يىللىق يىغىنغا قاتناشقىلى كەلگەن بېرما زۇڭلىسى زېيىن سېيىن بىلەن كۆرۈشتى. ۋېن جياباۋ بۇ قېتىملىق يىغىننىڭ دۇنيا پۇل مۇئامىلە كىرزىسى ئاسىياغا غايەت زور تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ئەھۋالدا ئېچىلغانلىقىنى، يىغىننىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىشەنچىنى ئاشۇرۇپ، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، قىيىنچىلىقلارنى تەڭ يېڭىىشىغا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمۈد قىلدى. ۋېن جياباۋ يەنە زۇڭلى زېيىن سېيىنننىڭ بۇ قېتىمقى يىغىنغا قاتنىشىشى يىغىننىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك ئېچىلىشىغا قوشۇلغان تۆھپە، شۇنداقلا جۇڭگو خەلقىگە ئىپادىلىگەن دوستلۇقى دېدى. زېيىن سېيىن جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئىزچىل بېرمىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى قوللاپ نۇرغۇن ياردەم ۋە مەبلەغ بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ بېرما ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە ۋاكالىتەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقنىڭ قوللىشىغا تەشەككۈر بىلدۈردى.

زېيىن سېيىن-ئىقتىسادىي ئىمبارگۇ

بىرما باش مىنىستىرى زېيىن سېيىن 64-قېتىملىق بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئادەتتىكى مۇنازىرىسىدە سۆز قىلىپ، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بېرمىغا قاراتقان ئىقتىسادىي ئىمبارگوسىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدى. زېيىن سېيىن غەربنىڭ ئىقتىسادىي ئىمبارگۇسى بېرما خەلقىنىڭ ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىپلا قالماي يەنە بېرمىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى دېموكىراتىيە ئىشلىرىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ دېدى. ئۇ تەكىتلەپ بۇ خىل ئىمبارگۇ بىر خىل زوراۋانلىق ھەرىكىتى بولۇپ ھەرگىزمۇ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرىدىغان قورال ئەمەس دەپ كۆرسەتتى. زېيىن سېيىن ئىمبارگۇ غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بېرمىغا قاراتقان سىياسى ۋاستىسى، ئۇلار بۇ خىل «ئادالەتسىز» ھەرىكىتىنى دەرھال توختىشى كېرەك دەپ قارىدى. ئۇ بېرما نۆۋەتتە دۆلەت ئىچىدىكى ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي شارائىتلارنى ياخشىلاشتا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئەگەر ئىمبارگۇ بولمىغىنىدا بۇ خىل ئىلگىرىلەش تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ. ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى يېقىنقى يىللاردىن بېرى دېموكراتىيەنى باھانە قىلىپ بېرما ھۆكۈمىتىگە بولغان ئىمبارگۇنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ بېرما ئىقتىسادىنىڭ ئېغىر زىيانغا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى دېدى.

زېيىن سېيىن-باشقا زاتلارنىڭ باھاسى

بېرما ئىشلىرى مۇتەخەسىسى ۋۇئاڭنەي زېيىن سېيىننىڭ پرېزىدېنت بولۇشىغا قارىتا «بۇ ھەرگىزمۇ تاسادىبىلىق ئەمەس، چۈنكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنى < پاك ئەپەندىم> دەپ چاقىرىشىدۇ»، چېرىكلىككە چېتىلمىغان ۋە ئىقتىسادىي گۇرۇھ، پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ھېچقانداق غەيرى مۇناسىۋىتى يوق دەپ قارايدۇ.

بىر قىسىم فېدېراتسىيە مۇستەھكەملەش ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ ئەزالىرى، زېيىن سېيىننى مۆتىدىللەر ئېقىمىغا تەۋە بولۇپ سىياسىي تاكتىكىغا ئۇستا، ئەمما ئۇنىڭ ئىلگىرى شۇغۇللانغان خىزمىتى سەۋەبلىك سىرتقى دۇنيا ئۇنىڭ بۇ ئالاھىدىلىكلىرىگە ئانچە دىققەت قىلمايۋاتىدۇ دەپ قارايدۇ.

زېيىن سېيىن كىتاب ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدۇ، باشقىلارنىڭ ئوي-پىكىرلىرىنى ئاڭلاشقا ماھىر، ناھايىتى سەۋرچان ۋە كەسكىن. چيەنرۈي «مەن ئۇنىڭ ئاساسىي قاتلامدىكى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن، ئۇ بېرمىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا ياردەم بېرەلەيدىغان كىشى» دەيدۇ.

مەنبە: ۋىكىپېىيەدىن گۈلئايشەم تەرجىمە قىلدى


مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 390 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2014-01-15