تەۋەككۇل كارمان

تەۋەككۇل كارمان

تەۋەككۇل كارمانتەۋەككۇل كارمان

تەۋەككۇل كارمان (ئەرەبچە: توكل كرمان) ئايال، 1979-يىلى 2-ئاينىڭ 7-كۈنى تۇغۇلغان، ئۇ يەمەننىڭ  سىياسىئونى، يەمەن ئەل-ئىسلاھ (Al-Islah) سىياسي پارتىيىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەزاسى، 2005-يىلى كىشەنسىز ئايال مۇخبىرلار تەشكىلاتى (WJWC) نى قۇردى ۋە رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىدى.

تەۋەككۇل كارماننىڭ سىياسىي ھاياتى

2005-يىلى تەۋەككۇل كارمان ، يەمەننىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، بولۇپمۇ «ئەركىن ئىپادىلەش ۋە دېمۇكراتىك ھوقۇقنى قولغا كەلتۈرۈش» ئۈچۈن كىشەنسىز ئايال مۇخبىرلار كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنى قۇردى. ئۇ مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ گېزىتى ۋە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا ئۇچۇر باشقارمىسى چىقارغان WJWC نىڭ قۇرۇلىشىنى چەكلەشنى قوبۇل قىلىشىنى رەت قىلغاندىن كېيىن، ئۇلار تېلېفون ۋە خەت-چەك ئارقىلىق «تەھدىت ۋە قىزىقتۇرۇش» ئېلىپ باردى.

2007-يىلدىن 2010-يىلغىچە، تەۋەككۇل كارمان دائىم خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ سانا ھۆكۈمىتىنىڭ ئالدىدىكى ئەركىن خەلق مەيدانىدا يىغىلىش ئۆتكۈزۈش ۋە ئىستىقامەتتە ئولتۇرۇش پائالىيىتى ئېلىپ باردى.

2011-يىلى، يەمەندىكى ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشتا، تەۋەككۇل كارمان سانادىكى ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنى ئەلى ئابدۇللا سالىھ ھۆكۈمىتىگە قارشى تۇرۇشقا تەشكىللىدى.

2011-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى، تەۋەككۇل كارمان قولغا ئېلىنىپ، 30 سائەتتىن كېيىن قويۇپ بېرىلدى.

2011-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى، تەۋەككۇل كارمان يەنە بىر قېتىم «غەزەپلىك كۈن» نامىدىكى نارازىلىق ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلدى.

2011-يىلى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى، تەۋەككۇل كارمان بىر قېتىملىق نامايىشتا يەنە بىر قېتىم قولغا ئېلىندى. ئۇ رەھبەرلىك قىلغان بىر قاتار نارازىلىق ھەرىكىتى ئەلجەزىرە تېلېۋىزىيە ئىستانىسى تەرىپىدىن «خەلق ۋە كۈچ«(People and Power) تېمىسىدىكى خاتىرە فىلىم قىلىپ ئىشلەندى.

2011-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى، تەۋەككۇل كارمان بىر قېتىملىق نامايىشتا يەنە بىر قېتىم قولغا ئېلىندى. ئۇ رەھبەرلىك قىلغان بىر قاتار نارازىلىق ھەرىكىتى ئەلجەزىرە تېلېۋىزىيە ئىستانىسى تەرىپىدىن «خەلق ۋە كۈچ«(People and Power) تېمىسىدىكى خاتىرە فىلىم ئىشلەندى.

   تەۋەككۇل كارماننىڭ نىكاھ ئائىلە ئەھۋالى

تەۋەككۇل كارمان يەمەننىڭ جەنۇبىدىكى تەئىز شەھرىدە تۇرىدۇ. دادىسى ئىلگىرى پرېزىدېنت ئەلى ئابدۇللا سالىھ ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى ئىشلار باشقارمىسىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەنىدى.

  تەۋەككۇل كارماننىڭ ئۈچ پەرزەنتى بار.

تەۋەككۇل كارماننىڭ ئېرىشكەن شان-شەرەپلىرى

2011-يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى، تەۋەككۇل كارمان بىلەن ئېلىن جونسون سېرلىف ۋە لېيماخ گبوۋى «خانىم-قىزلارنىڭ شەخسىي بىخەتەرلىكى ۋە ئاياللارنىڭ تىنچلىق قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىش ھوقۇقى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان زوراۋانلىق بولمىغان كۈرەش» نامىدىكى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، 2011-يىلى 32 ياشلىق تەۋەككۇل كارمان تارىختا نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ ياش ساھىبى بولۇپ قالدى.

مەنبە: ۋىكىپېىيەدىن گۈلئايشەم تەرجىمە قىلدى



مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 2

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 615 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 4قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2014-01-15