بېنيامىن نېتانياخۇ

 

بېنيامىن نېتانياخۇ

بېنيامىن نېتانياخۇبېنيامىن نېتانياخۇ

بېنيامىن نېتانياخۇ 1949-يىلى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى تۇغۇلغان، ئىسرائىلىيە ئوڭچىللار گۇرۇھىنىڭ سىياسىئونى، ئىلگىرى ئىككى قېتىم ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى ۋە لىكۇد (Likud) گۇرۇھىنىڭ يولباشچىسى بولغان. ئۇ ئىسرائىلىيە دۆلىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن  تۇغۇلغان تۇنجى باش مىنىستىر.

ئائىلسى ۋە شەخسى ئارقا كۆرۈنۈشى

نېتانياخۇنىڭ دادىسى يەھۇدىي تارىخىنىڭ پروفېسسورى، ئىلگىرى «ئىبرانچە ئېنسىكلوپېدىك قامۇس» نى تۈزۈشكە قاتناشقان. ئۇنىڭ ئاكىسى يۇناتان نېتانياخۇ 1976-يىلى ئەنتەببىي ھەرىكىتى(Operation Entebbe) دە قۇربان بولغان، ئىسرائىلىيە ئۇرۇش قەھرىمانى دەپ نام بېرىلگەن. ئۇنىڭ ئىنىسى يىدو نېتانياخۇ رادىئاتسىيە بۆلۈمىنىڭ دوختۇرى ۋە يازغۇچى، ئاكا-ئىنى ئۈچەيلەننىڭ ھەممىسى ئىلگىرى دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيسى ھەربىي مەسلىھەتچىلىك بۆلۈمىگە بىۋاستە قاراشلىق رازۋېدكا گازارمىسىغا قاتناشقان. نېتانياخۇ ئامېرىكا تەلەپپۇزىدىكى ئىنگلىزچىنى ناھايىتى ياخشى سۆزلەيدۇ، شۇڭا نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنى ئامرىكىدا چوڭ بولغان دەپ بىلىشىدۇ. نېتانياخۇ  14 ياش چېغىدا ئۇلارنىڭ ئائىلىسى ئامېرىكا فلادېلفىيە ئەتراپىغا كۆچۈرۈلۈپ كېلىپ، ئۇ شۇ يەردىكى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيدۇ. ئۇ 1971-يىلى ماسساچۇسېتتس(Massachusetts Institute of Technology) پەن-تېخنىكا ئىنستىتوتىدا بىناكارلىق كەسپى بويىچە ئوقۇپ باكالاۋرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن، كېيىن 1973-يىلى ماسساچۇسېتتىس ئىنسىتىتۇتىدا سىلون باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقۇپ باشقۇرۇش كەسپى بويىچە ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. كېيىن ئۇ يەنە خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ماسساچۇسېتس پەن-تېخنىكا ئىنىستىتوتىدا سىياسەتشۇناسلىق كەسپىنى ئوقۇپ، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئىسرائىلىيىگە قايتقان. ئۇنىڭ ئائىلىسىدە بىرمۇ ئامېرىكا تەۋەلىكىگە ئۆتكەن ئادەم يوق. نېتانياخۇ  ئىلگىرى ئۈچ قېتىم توي قىلغان، ئۇنىڭ ئىلگىرىكى ئايالىدىن بىر قىزى بار بولۇپ، ھازىرقى ئايالىدىن ئىككى پەرزەنتى بار.

  نېتانياخۇ سودىدىن قول ئۈزگەندىن كېيىن، 1982-يىلى ئىسرائىلىيىنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق  مۇئاۋىن باش ئەلچىسى دېگەن نامغا ئېرىشكەن. 1984-يىلدىن 1988-يىلغىچە ئىسرائىلىيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش ئەلچىلىكىگە سايلانغان. 1988-يىلىدىن تارتىپ ئىسرائىلىيە پارلامېنتقا ئەزا بولغاندىن كېيىن، ئىزاق سامىرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن. 1992-يىلى لىكۇد گۇرۇھى چوڭ سايلامدا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن سامىر سىياسىي سەھنىدىن چۈشۈپ كەتكەن. 1993-يىلى لىكۇد گۇرۇھى قۇرۇلغاندىن كېيىن تۇنجى بولۇپ بۇ گۇرۇھنىڭ يولباشچىلىقىغا سايلىنىپ، نېتانياخۇ غەلىبە قازاندى.

  تۇنجى قېتىم باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن ۋاقتى: 1996-يىلدىن 1999-يىلغىچە

1996-يىلى ئىسرائىلىيە تۇنجى قېتىم بىۋاسىتە باش مىنىستېر سايلىدى. ئىسرائىلىيە بىر قاتار تېرورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، ئوڭچىل لىكۇد گۇرۇھىنىڭ ۋەكىلى نېتانياخۇنىڭ باش مىنىستىرلىككە سايلانغانلىقى جاكارلاندى. 1995-يىلى ئىزاق رابىن قەستكە ئۇچراپ ئۆلگەندىن كېيىن، ئەل رايىنى تەكشۈرۈشتە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ تۇرۇۋاتقان سىمون پىرىس ۋەزىپە ئۆتكۈزۈۋالدى، بىراق ئۇ تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى توختىتىشىقا ئامال قىلالمىغاچقا، خەلقنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ئىشەنچىسى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. 1996-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى ۋە 3-ئاينىڭ 4-كۈنى خاماس باشچىلىقىدىكى پەلەستىن تېررورلۇق تەشكىلاتى ئىككى قېتىم ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ھۇجۇمىنى قوزغىدى، 32 نەپەر ئىسرائىلىيە پۇقراسى ھاياتىدىن ئايرىلدى. بۇ ئىككى قېتىملىق ھۇجۇم  پىرىسنىڭ نام-ئابرويىنى چوڭ بىلگەنلىكتىن كېلىپ چىقتى. پىرىس بىلەن ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، نېتانياخۇ پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى ياشار ئارافاتقا ئىشەنمەيتتى، ئۇ پەلەستىن مىللىي ھوقۇق ئورگىنىنىڭ بارلىق بۇرچىنى ئىجرا قىلىشنى (ئاساسلىقى تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ زەربىسى) داۋاملىق ۋە تىنچ بىللە تۇرۇشنىڭ شەرتى قىلىشنى تەلەپ قىلدى. ئۇنىڭ سايلام شوئارى: «نېتانياخۇ – بىخەتەر تىنچلىق كېرەك«.

نېتانياخۇ ئامېرىكا سىياسىي مەسلىھەتچىلىك تەشكىلاتىنى سايلامنى تەشكىللىشى ئۈچۈن  ياللىدى، گەرچە ئامېرىكىچە ئېلىپ بېرىلغان سايلام ئىسرائىلىيىدە قاتتىق نارازىلىقىغا ئۇچرىغان  بولسىمۇ، بىراق سايلامدا لىكۇد گۇرۇھى يەنىلا غەلىبە قىلدى. ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن، نېتانياخۇ  ۋە ئېرۇسالىمنىڭ ئەينى چاغدىكى شەھەر باشلىقى ئېھۇد ئولمېرت يىغلاش تېمى تونىلىدىن يېڭى بىر چىقىش ئېغىزى ئېچىشنى قارار قىلدى، بۇ قارار پەلەستىنلىكلەرنىڭ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، نەچچە ئون پەلەستىنلىك ۋە نەچچە يۈز ئىسرائىلىيىلىكلەر ھاياتىدىن ئايرىلدى. نىتانياخۇ باش مىنىستىر بولۇش سۈپىتى بىلەن تىنچلىق سۆھبىتىدە ھېچقانداق ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلالمىدى. ئۇ ئوسلو كېلىشىمدە تۈزۈلگەن ۋەدىسىنىمۇ ئەمەلگە ئاشۇرالمىدى. 1998 –يىلى ئۇ ئارافات بىلەن بولغان سۆھبەتتە مېموراندۇم ئورناتتى. نېتانياخۇنىڭ تىنچلىق سۆھبىتى ئىسرائىلىيىدە قىزغىن قوللاشقا ئېرىشتى، بىراق يەنە بىر قىسىم كىشىلەر ئۇنى ئىلگىرىلىشىگە توسقۇنلۇق قىلدى دەپ ئەيىبلىدى.

   نېتانياخۇنىڭ پەلەستىنگە بولغان قاتتىق قول سىياسىتى سولچىللار ۋە ئوڭچىللارنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچرىدى، بىراق ئۇ پەلەستىنلىكلەرنىڭ خېبرون قاتارلىق رايونلىرىغا يول قويغاندىن كېيىن پارتىيە ئىچىدىكى ئوڭچىللارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا ئۇچرىدى، ئوڭچىللار ئارافات بىلەن ھەرقانداق سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە قاتتىق قارشى تۇردى. بىر قاتار سەتچىلىك ئاشكارلانغاندىن كېيىن (ئۇنىڭ نىكاھ ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك سۆز-چۆچەكلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان)، شۇنداقلا خىيانەتچىلىك مەسىلىسى تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغاندىن تارتىپ، ئۇ ئىسرائىلىيە خەلقىنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلىپ قالدى.

1999-يىلى نېتانياخۇ بىۋاسىتە باش مىنىستېر سايلىمىدا ئېھۇد براك تەرىپىدىن مەغلۇب قىلىندى، ئۇ لىكۇد پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىپ، ۋاقتىنچە سىياسى سەھنىدىن چېكىندى. قىزىقارلىق يېرى شۇكى، ئېھۇد براك بېل كلىنتوننىڭ سايلام تەشكىلى جامىس كاۋېر ۋە باشقا ئامېرىكا مەسلىھەتچىلىرىنى ياللاپ ئىشلىتىپ، نېتانياخۇنى ئوخشاش ئۇسۇل بىلەن مەغلۇب قىلدى.

قايتا سىياسىي سەھنىگە چىقىش

2001-يىلدىكى ئىككى قېتىملىق زىيارەتتە، نېتانياخۇ پەلەستىننىڭ دۆلەت قۇرۇش مەسىلىسىنى ئويلىشىپ كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، بىراق يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، ئۇ پەلەستىننىڭ دۆلەت قۇرۇشىغا قارشى ئىدى.

2002-يىلى ئىسرائىلىيە ئىشچىلار پارتىيىسى ھۆكۈمەتتىن چېكىنگەندىن كېيىن، شارون ئىلگىرى نېتانياخۇنى دېپلوماتىيە مىنىستىرلىكىگە كۆرسەتكەنىدى. نېتانياخۇ ئىلگىرى شاروننى لىكۇد پارتىيىسىنىڭ يولباشچىلىق ئورنىغا جەڭ ئېلان قىلغان بولسىمۇ ئەمما ئوڭۇشسىز ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان ئىدى. 2003-يىلى چوڭ سايلامدىن كېيىن نېتانياخۇ يېڭى شارون ھۆكۈمىتىنىڭ مالىيە مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان.

مالىيە مىنىستىرلىق سالاھىيىتى بىلەن، نېتانياخۇ ئاكسات قوزغىلىڭىدا زىيانغا ئۇچرىغان ئىسرائىلىيە ئىقتىسادىنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى پىلانلىدى. بۇ پىلان ئەركىن بازار ئىگىلىگىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بىراق نۇرغۇن كىشىلەر بۇ پىلانغا قارشى تۇردى. نېتانياخۇ بىر قاتار ئىلگىرىلەشنى تېزلىتىدىغان پىلاننى ئەمەلىيلەشتۈردى، بۇ بانكا سېستىمىسىنىڭ مۇھىم ئىسلاھاتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ بىر قاتار تەدبىرلەر ئىسرائىلىيە مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى كۆرۈنەرلىك ھالدا ئۆرلەتتى.

2004-يىلى نېتانياخۇ ئەگەر گاززاھدىن قۇشۇن چېكىندۈرۈش پىلانى ئەمەلدىن قالدۇرۇلسا خىزمەتتىن ئىستېپا بېرىدىغانلىقى ھەققىدە پوپوزا قىلدى، بىراق ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى دىپلوماتىك نوتىسىنى ئۇزارتىۋالدى. 2005-يىل 8-ئاينىڭ 7-كۈنى ئىسرائىلىيە ئىچكى كابېنتى 5 :17 بېلەت بىلەن گاززاھ رايونىدىن ئەسكەر چېكىندۈرۈش قارارى ماقۇللىنىشتىن بۇرۇن، ئۇ ئىستىپانامىسىگە ئىمزا قويدى. 8-ئاينىڭ 9-كۈنى ئۇنىڭ ئىستىپانامىسى تەستىقلاندى.

شارۇن لىكۇد پارتىيىسىدىن چېكىنگەندىن كېيىن، نېتانياخۇ يەنە بىر قېتىم لىكۇد پارتىيىسىنىڭ يولباشچىلىقىنى تالاشتى، شۇنداقلا 2005-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى %47 بېلەت بىلەن ئۇتۇپ چىقتى. نېتانياخۇ پارتىيە داھىيسىغا قارشى تۇرغۇچى بولۇپ قالدى.

ئىككىنچى قېتىملىق باش مىنىستىرلىق ھاياتى: 2009-يىلىدىن بۈگۈنگە قەدەر

2009-يىل 2-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئىسرائىلىيە پرېزىدېنتى پېرىس ئىشخانىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، لىكۇد پارتىيىسىنىڭ رەئىسى نېتانياخۇنىڭ يېڭى بىر قېتىملىق ھۆكۈمەتنى تەشكىللەش مەسئۇللىقىغا تەيىنلىدى، 4-ئاينىڭ 1-كۈنى رەسمىي ھالدا ئوڭچىل بىرلەشمە ھۆكۈمىتى تەشكىللەندى.

2013-يىلى 1-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئىسرائىلىيە پارلامېنت سايلىمىدا، نېتانياخۇ رەھبەرلىكىدىكى ئىسرائىلىيە بىرلەشمە پارتىيىسى ۋە بىزنىڭ ئائىلىمىز پارتىيىسى 31 ئورۇن بىلەن غەلبىگە ئېرىشتى، گەرچە سايلام ئورنى 11 ئورۇن ئازىيىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما بىرىنچى پارتىيەلىك ئورنىنى ساقلاپ قېلىپ، بىرلەشمە پارتىيەنى تەشكىللەشكە مەسئۇل بولدى. قۇرۇلغىنىغا ئۇزۇن بولمىغان ئوتتۇرا ئېقىمدىكىلەرنىڭ يېڭى سىياسى پارتىيىسى كەلگۈسى پارتىيە 19 ئورۇن بىلەن غەلىبىگە ئېرىشىپ، ئارىلىقتىكى سولچىل ئىشچىلار پارتىيىسى 15 ئورۇن بىلەن يەڭدى. ئالغا پارتىيىسى پەقەت 2 ئورۇنغا ئېرىشتى. بىر ئايدىن كۆپرەك ئېچىلغان مىنىستىرلەر كابىنېتىنى تەشكىللەش سۆھبىتى ئارقىلىق، ئاخىرىدا نېتانياخۇ ئوتتۇرا ئېقىمدىكىلەرنىڭ يېڭى سىياسى پارتىيىسى كەلگۈسى پارتىيە قاتارلىق پارتىيە-گۇرۇھلار بىلەن كېلىشىم ئورنىتىپ، غەلبىلىك ھالدا ئۈچىنچى قېتىملىق بىرلەشمە پارتىيىنىڭ ئىچكى كابىنېتىنى تەشكىللىدى، نېتانياخۇ ئىسرائىلىيە قۇرۇلغاندىن بۇيان ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنىڭ ئۇزۇنلۇقى جەھەتتە ئىككىنچى باش مىنىستېر بولۇپ قالدى.

جۇڭگودىكى زىيارىتى

2013-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى، جۇڭگودا رەسمىي زىيارەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياخۇنىڭ دېيىشىچە، ئۇنىڭ جۇڭگونى زىيارەت قىلىشتىكى ئاساسىي مەقسىتى ئىسرائىلىيە جۇڭگو ئىقتىسادى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت. نېتانياخۇ 1998-يىلى ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى سالاھىيىتى بىلەن جۇڭگونى زىيارەت قىلغان ئىدى. ئىككى قېتىملىق جۇڭگودىكى زىيارىتىنىڭ پەرقىنى سۆزلىگەندە، ئۇ جۇڭگو قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور تەرەققىيات نەتىجىسىگە قايىل بولغانلىقىنى، 15 يىلدىن بۇيانقى ئىسرائىلىيە جۇڭگو ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى قەدىرلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  قىسقىچە تارىخى

1949-يىلى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى تېل ئاۋىۋدا تۇغۇلغان، ماسساچۇسېتىس پەن-تېخنىكا ئىنىستىتوتىنى پۈتتۈرگەن، باكلاۋۇرلۇق، ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.

1967-يىلىدىن 1972 –يىلىغىچە، ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئەترىتى ئالاھىدە قىسىمىدا ھەربىي خىزمەت ئۆتىگەن.

1976-يىلىدىن 1988-يىلىغىچە، يوناسېن تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى تەتقىق قىلىش ئورگىنى كومېتىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن.

1982-يىلىدىن 1984-يىلغىچە، ئىسرائىلىيىنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىلەر ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان.

1984-يىلىدىن 1988-يىلغىچە، ئىسرائىلىيىنىڭ بىرلەشكە دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بولغان.

1988-يىلى، لىكۇد گۇرۇھىنىڭ كېڭەش ئەزاسى بولغان.

1988-يىلىدىن 1991-يىلىغىچە، ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى بولغان.

1991-يىلىدىن 1992-يىلغىچە ئىسرائىلىيە باش مىنىستىر مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى بولغان.

1993-يىلى، لىكۇد گۇرۇھىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان.

1996-يىلى 5-ئاينىڭ 29-كۈنى، ئىسرائىلىيە يېڭى بىر قېتىملىق سايلىمىدا باش مىنىستىرلىققا سايلانغان، 1988-يىلى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى قۇشۇمچە ئۈستىگە ئالغان

1999-يىلى 5-ئايدا، ئۇ باش مىنىستىر سايلىمىدا ئېھۇد براك تەرىپىدىن مەغلۇب قىلىندى.

2002-يىلى 11-ئايدا، ئۇ ئىسرائىلىيە ئىچكى كابېنتىنىڭ كۆزەتچىلىكىدىكى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى بولغان.

2005-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى، يەنە بىر قېتىم لىكۇد گۇرۇھىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى.

2009-يىلى 2-ئاينىڭ 20-كۈنى، يېڭى بىر قېتىملىق پارتىيە قۇرۇش بۇيرۇقىنى تاپشۇرۇۋالدى.

2009-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى، يەنە بىر قېتىم ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرلىقىغا سايلاندى.

2013-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئۈچىنچى قېتىملىق ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى بولغان.


مەنبە: ۋىكىپېىيەدىن گۈلئايشەم تەرجىمە قىلدى


مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 654 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2014-01-15