شەيىخ ھاسىنا

شەيىخ ھاسىنا


شەيىخ ھاسىناشەيىخ ھاسىنا

خەنزۇچە: 谢赫•哈西娜

ئىنگلىزچە: Sheikh Hasina

تۇغۇلغان ۋاقتى: 1947-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى

ۋەزىپىسى: بېنگال دۆلىتىنىڭ باش مىنىستىرى

ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى: 1996-يىلى6-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 2001-يىلى 7-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە.

ھاياتى

1947-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى، بېنگالنىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىي قىسمىدىكى تۇنگىپارا ئۇپازىلا (Tungipara Upazila) دا دۇنياغا كەلگەن. بېنگالنىڭ دۆلەت ئاتىسى، تۈنجى پرېزىدېنتى شەيىخ مۇجىبۇر راھمان (Sheikh Mujibur Rahman) نىڭ چوڭ قىزى. بالىلىق دەۋرىنى يېزىدا ئۆتكۈزگەن، كېيىن دادىسىغا ئەگىشىپ بېنگال قۇرۇلغاندىن كېيىنكى پايتەخت داكاغا كەلگەن، ئالىي مەكتەپ ھاياتىدا بېنگال ئەدەبىياتىنى ئۆگەنگەن.

1975-يىلى 8-ئاينىڭ 15-كۈنى، دادىسى مۇجىبۇر ۋە 15 يېقىن تۇققىنى پايتەخت داكا (Dhaka) دا ئۆلتۈرۈلگەن، ئەينى چاغدا ھاسىنا غەربىي گېرمانىيىدە دەم ئېلىۋاتقان بولۇپ بولۇپ، تەلىيىگە ئامان قالغان. شۇنىڭدىن كېيىن، ھاسىنا  يولدىشى ۋە ئىككى بالىسى بىلەن ھىندىستاندا ئالتە يىل تۇرمۇش كەچۈرگەن، ھەمدە 1981- يىلى 2-ئايدا دۆلىتىگە قايتىپ كېلىپ بېنگال خەلق ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسلىكىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان. دادىسىنىڭ قىساسىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئۇ ئالايىتەن دادىسى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئۆينى ئىشخانا قىلىپ تاللىغان.

1983-يىلىنىڭ بېشىدا، ئەينى چاغدىكى ھەربىي ھۆكۈمەت سىياسىي پارتىيىلەرنىڭ ھەركىتىگە بولغان چەكلىمىنى كېڭەيتكەن، ھاسىنا خەلق ئىتتىپاقىنى مەركەز قىلغان «ئون بەش پارتىيە ئىتتىپاقى» نى قۇرۇپ رەھبەرلىكىنى ئۈستىگە ئالغان.

1996-يىلى تۈنجى قېتىم سايلامدا ئۇتۇپ چىقىپ، بېنگال دۆلىتىنىڭباش مىنىستىرلىكىنى ئۈستىگە ئالغان، كالېدا زىئا (Khaleda Zia) نىڭ مىللىي مەسلەك پارتىيىسى بىلەن ئالمىشىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن.

2006-يىلى كالېدانىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئىككى يىللىق نازارەتچى ھۆكۈمەت قۇرۇلدى.

2007-يىلى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى، ھاسىنا پايتەخت داكادا قولغا ئېلىنىپ، 2008-يىلى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى قويۇپ بېرىلگەن. ئىككىنچى كۈنى، ئۇ ئاڭلاش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراش، كۆرۈش قۇۋۋىتى ۋە قان بېسىمىغا قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئامېرىكىغا قاراپ ئۇچقان. 11-ئاينىڭ 6-كۈنى بېنگالغا قايتىپ كېلىپ، پارلامېنت سايلىمىغا قاتنىشىشقا تەييارلىق قىلغان. 12-ئاينىڭ 29-كۈنى، بېنگالدا ئۆتكۈزۈلگەن 9-نۆۋەتلىك پارلامېنت سايلىمىدا، ھاسىنا رەھبەرلىك قىلغان خەلق ئىتىپاقى پارلامېنتتىكى 300 ئورۇننىڭ ئىچىدىكى 230 ئورۇنغا ئېرىشىپ، كابىنتلار بىرلەشمىسىگە زۆرۈر بولغان ئورۇن سانىدىن ئېشىپ كېتىپ، غەلىبە قىلغان.

2009-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى، ھاسىنا باش مىنىستىرلىكىدىكى بېنگال يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىچكى كابىنتى پرېزىدېنت سارىيىدا قەسەم بېرىپ ۋەزىپە ئۆتكۈزۈۋالغان.

سىياسىي ئۆزگىرىشنى تەتقىق قىلىش

شەيىخ ھاسىنا 1996-يىلى بېنگالنىڭ باش مىنىستىرلىقىغا سايلانغاندىن كېيىن، ئەينى چاغدا سىياسىي ئۆزگىرىش قىلغانلارنى كەچۈرۈم قىلغان قانۇننى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئەينى يىلدىكى سىياسىي ئۆزگىرىشنىڭ يولباشچىلىرىنىڭ جىنايى جاۋاپكارلىقىنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى. 10-ئايدا، پرېزىدېنت شەيىخ راھماننىڭ شەخسىي ياردەمچىسى مۇھىز (muhith) رەسمىي ھالدا سوتقا ئەرز سۇندى، ئىككى يىللىق تەكشۈرۈپ قارار چىقىرىش ئارقىلىق، 1998-يىلى، بېنگالنىڭ پايتەختىدىكى سوتتا شەيىخ مۇجىبۇر راھماننى ئۆلتۈرۈشكە قاتناشقان 15 نەپەر ياش ئوفىستېر ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىندى. 2001-يىلى، بېنگالنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك سوتى ھۆكۈم نەتىجىسىنى ئېلان قىلىپ،  12 سىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلدى، ئۈچى گۇناھسىز دەپ ھۆكۈم قىلىندى. قاماپ قويۇلغان بەش نەپەر قاتىل 2007- يىلى ئالىي سوتقا ئەرز قىلدى، 2009-يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى، بېنگال ئالىي سوتى شەيىخ مۇجىبۇر راھماننى قەسلەپ ئۆلتۈرۈشكە قاتناشقان بەش نەپەر ئوفىتسېرغا بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسىنى ساقلاپ قېلىشقا ھۆكۈم قىلدى. ھازىر بۇ 12 نەپەر قاتىلنىڭ بەشى قاماقتا، ئالتىسى قېچىپ كەتتى، بىرى ئاللىقاچان ئۆلدى. 2010-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى سەھەردە، بېنگالنىڭ پايتەختىگە جايلاشقان مەركىزىي تۈرمىدە دۆلەت ئاتىسى شەيىخ مۇجىبۇر راھماننى ئۆلتۈرگەن بەش نەپەر قاتىل دارغا ئېسىلدى.

 

مەنبە: ۋىكپىدىيېدىن تەرجىمە قىلىندى

تەرجىمىدە ئامىنە


مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 4

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 399 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2014-01-14