پەلەستىن ئىسلام قارشلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى-خاماس

پەلەستىن ئىسلام قارشلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى


پەلەستىن ئىسلام قارشلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى [HAMAS (Islamic Resistance Movement)] قىسقىچە خاماس (Hamas) دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئەرەپچە «ئىسلام»، «قارشلىق كۆرسىتىش»، «ھەرىكەت» دېگەن سۆزلەرنىڭ قىسقارتىلىشىدىن كېلىپ چىققان. خاماس 1987-يىلى 12-ئايدا شەيخ ئەھمەد ياسىن تەرىپىدىن قۇرۇلغان. دىنىي ۋە سىياسىي بىرلەشتۈرۈلگەن خاماس قوراللىق كۈچ ئارقىلىق پەلەستىن زېمىنىدىكى يەھۇدىي قىساسچىلىرىنى يوقىتىشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئىسرائىلىيە بىلەن تىنچ بىللە تۇرۇشقا قارشى تۇرغان. ئېرۇسالىمنى مەركەز قىلغان مۇستەقىل پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇشنى مەقسەت قىلغان. خاماسنىڭ 20 مىڭدىن ئارتۇق رەسمىي ئەزاسى ۋە ھەربىي ئىشلار تەشكىلاتلىرى بار.

نامى ھەققىدە چۈشەنچە

پەلەستىن ئىسلام قارشلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىنىڭ تولۇق ئىسمى «پەلەستىن ئىسلام قارشلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى» بولۇپ قىسقىچە، خاماس دەپ ئاتىلىدۇ.

خاماسنىڭ ئەسلى كېلىش مەنبەسى ئۈچ تۈپ ئىسىم harkahmuqawamahislamiyyah  دىن كەلگەن بولۇپ، سۈپەت سۆز بىرىكمىسى: ئىسلام قارشلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى. بۇ سۆز بىرىكمىسىدىكى ئۈچ سۆزنى قىسقارتىپ ئېلىپ، خاماس دەپ ئاتالغان بولۇپ، خاماس ئابدۇراھماننىڭ قېرىندىشى ئېيتقاندەك «قىزغىنلىق، قەتئىيلىك» تەك مەنىلىرىمۇ بار. ئەمما خەلقئارادا ئېيتىلىدىغان خاماس «ئىسلام قارشلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى» سۆزىنىڭ قىسقارتىلمىسىنى كۆرسىتىدۇ.

تەرەققىيات تارىخى

1973-يىلى، ئەھمەد ياسىن ئىپتىدائىي دىننىي ئەقىدىچىلىك تەشكىلاتى «ئىسلام مەركىزى» نى قۇرغان. بۇ ئىسلام قارشلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى يەنى خاماسنىڭ ئەسلى ئاساسىدۇر.

ئەھمەد ياسىن بەزىبىر ئىسلامىي ئاكتىپ كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە تولۇق ۋە يېتەرلىك مەسلىھەتلىشىپ كېلىشىش ۋە تەييارلىق قىلىش نەتىجىسىدە، 1987-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى ئىسرائىلىيىنىڭ غەززە (گازا) دە «ئىسلام قارشلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى-خاماس» نىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلاپ، ئىسرائىلىيە ئىشغالىيىتىگە بولغان تەشكىللىك ۋە پىلانلىق كۈرىشىنى باشلىغان. ئۇلار ئىسرائىلىيە ئىشغالىيەت ئارمىيىسى ۋە يەھۇدىيلار توپلاشقان رايونلارغا ھۇجۇم قىلغان، ئىسرائىلىيە ئاخباراتچىلىرىنى يۇشۇرۇن ئۆلتۈرگەن.

1997-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى سەھەردە ئەھمەد ياسىن قويۇپ بېرىلگەن ھەمدە ئىئوردانىيىگە سۈرگۈن قىلىنغان، بەش كۈندىن كېيىن ئۇ غەززەگە قايتىپ كەلگەن. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ئۇ ئۆزىنىڭ خاماس ھەرىكىتىگە قوماندانلىق قىلىپ ئىسرائىلىيىگە قارىتا يېڭى كۈرىشىنى باشلىغان.

»خاماس»-«ئىسلام قارشلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى» نىڭ قىسقارتىلمىسى. ئۇنىڭ مەقسىتى پەلەستىن خەلقىگە پايدىلىق بولغان ئىچكى ۋە تاشقى ۋەزىيەت يارىتىپ، ئىسرائىلىيە ئىشغال قىلىۋالغان بارلىق زېمىنلىرىنى قايتۇرۇۋېلىش. «خاماس» كەڭ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇ بىر جىھاد قىلىش تەشكىلاتى، ئىسلام دىنىي قايتا گۈللىنىش ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمى، تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇ ئەمەلىيەتتە ئىسلام دۇنياسىدىكى قېرىنداشلار ھەرىكىتىنىڭ داۋامى، شۇ سەۋەبلىك ئۇنىڭ كېلىپ چىقىش ئاساسى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىغا ئۇلىشىدۇ. مەزكۇر ھەرىكەت ئىسلام دىنىنىڭ قايتا گۈللىنىشى پەلەستىننى ئازاد قىلىشنىڭ ئاساسى ئىكەنلىكىگە شەكسىز ئىشىنىدۇ. «خاماس» ھەرىكىتىنىڭ بەلگە نەقىشى ئۇنىڭ سىياسىي تەشەببۇسى بىلەن كۈرەش نىشانىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدۇ.

بەلگە نەقىشى

خاماسنىڭ بەلگە نەقىشىخاماسنىڭ بەلگە نەقىشى

»خاماس» ھەرىكىتىنىڭ بەلگە نەقىشى مۇنداق: بەلگىنىڭ ئوتتۇرىسىدا كۇبا مەسچىتى، ئۈستۈنكى تەرىپىدە پەلەستىن خەرىتىسى، مەسچىتنىڭ ئىككى يان تەرىپىدە ئورغاق شەكىللىك پەلەستىن بايرىقى بولۇپ، ئوڭ تەرەپتىكى بايراقنىڭ ئۈستىگە «ئاللاھ ئۇ بىردىنبىر ئىلاھ»، سول تەرەپتىكى بايراقنىڭ ئۈستىگە «مۇھەممەد ئۇ ئاللاھنىڭ ئەلچىسىدۇر» دەپ يېزىلغان، مەسچىتنىڭ ئاستى تەرىپى ئۆز ئارا قايچىلاشتۇرۇلغان ئىككى قىلىچ تەرىپىدىن ئوراپ تۇرىلىدۇ. قايچىلاشتۇرۇلغان قىلىچلارنىڭ ئاستى تەرىپىگە «پەلەستىن» دەپ يېزىلغان. پۈتكۈل بەلگىنىڭ ئاستى تەرىپى ئۇزۇن كەتكەن ئاق قۇر بولۇپ، ئۇ يەرگە «ئىسلام قارشلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى ـــ خاماس» دەپ يېزىلغان. بەلگىدىكى مەسچىت ۋە «ئاللاھ ئۇ بىردىنبىر ئىلاھ»، «مۇھەممەد ئۇنىڭ ئەلچىسىدۇر» دېگەن سۆزلەر ئىسلام دىنىنىڭ چوڭقۇر مەنىسىنى ئىپادىلەيدۇ، پەلەستىننىڭ خەرىتىسى بولسا ئىسرائىلىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتكۈل پەلەستىن زېمىنىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بولۇپ، بۇ «خاماس»نىڭ كەسكىن مەيدانىنى چۈشەندۈرىدۇ. «خاماس» سىرتتىن كەلگەن ئىشغالىيەتنى ئاخىرلاشتۇرۇش، پەلەستىن مەسىلىسىنى پەقەت 1967-يىلىدىكى ئىشغالىيەت زېمىنى بىلەنلا ھەل قىلىنىشنى رەت قىلىپ، پۈتكۈل پەلەستىن زېمىنىنى قايتۇرۇۋېلىش، ئىسرائىلىيىنىڭ قانۇنلۇق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنى ئىنكار قىلىشنى قەتئىي ئىرادە قىلغان. ئىككى دانە قايچىلاشتۇرۇلغان قىلىچ كۈچ-قۇدرەت ۋە ئەقىل-پاراسەتكە، «خاماس» نىڭ قورال ۋە ئەقىل-پاراسەت ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نىشانىغا يېتىدىغانلىقىغا سىموۋۇل قىلىنغاندۇر.

پائالىيەت پىرىنسىپى

»خاماس» مۇنداق ھەرىكەتلىنىش پىرىنسىپى قۇرۇپ چىققان: بىرىنچى: پۈتكۈل پەلەستىن خەلقىنىڭ بۇ كېلىشىملەرنىڭ بىخەتەر ئەمەسلىكىنى چۈشۈنۈشكە تەربىيىلەش؛ ئىككىنچى: ئەرەب ۋە ئىسلام دۇنياسىغا ئۆزلىرىنىڭ مەيدانىنى ئاشكارا بىلدۈرۈش ھەمدە بۇ كېلىشىملەرگە قارشى پەلەستىن كۈچلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش؛ ئۈچىنچى: پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتى رەھبەرلىرىنى ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان سۆھبەتنى بىكار قىلىشقا مەجبۇرلاش؛ تۆتىنچى: ئىسرائىلىيە بىلەن مۇناسىۋىتى بار بولغان ئەرەب دۆلەتلىرى ۋە ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئۈزۈشىنى، «خاماس» نىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان كۈرىشىنى قوللاشنى تەلەپ قىلىش.

سىياسىي مەيدانى

»خاماس» نىڭ پەلەستىندىكى ھەرقايسى مەزھەپ-گۇرۇھلارغا بولغان مەيدانى مۇنداق: بىرىنچى: پەلەستىن ھەرىكىتىنىڭ ئورتاقلىقى ھەممىدىن مۇھىم، شۇڭلاشقا، پەلەستىندىكى بارلىق گۇرۇھ-مەزھەپلەر ۋە كۈچلەر چوقۇم ئورتاقلىشىپ بىرگە ھەرىكەت قىلىشى كېرەك؛ ئىككىنچى: ھەرقايسى گۇرۇھلار ماسلىشىپ ھەرىكەت قىلىشى كېرەك؛ ئۈچىنچى: ھەرقايسى گۇرۇھلارنىڭ باش پىرىنسىپى چوقۇم پەلەستىن ئازادلىق ئىشلىرىدەك چوڭ ۋەزىيەتكە ئۇيغۇنلىشىشى، ئىسرائىلىيىنىڭ پەلەستىندىكى ھەرقانداق بىر مىسقال يېرىدە مەۋجۇت بولۇۋاتقان ھوقۇقىنى ئىنكار قىلىشى كېرەك؛ تۆتىنچى: ھەرقايسى گۇرۇھلار ئارىسىدا مەيلى قانچىلىك بۆلۈنۈش يۈز بېرىشىدىن قەتئىينەزەر، پەلەستىن ئىچكى بۆلۈنىشىنى ھەرگىزمۇ قوراللىق ياكى زوراۋانلىق بىلەن ھەل قىلماسلىقى كېرەك؛ بەشىنچى: پەلەستىننى قوغداش ئىشلىرى جەھەتتە ئېتىقاد ۋە ئىرق چەكلىمىسى يوق، مۇسۇلمانلار ۋە خىرىستىئانلارنىڭ ھەممىسىلا پەلەستىنلىكلەر.

خاماس قوراللىق كۈرەش قىلىشتىن ۋاز كەچمەسلىكنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، ئۆزىنىڭ مەيدانىنى بارغانسېرى تەڭشەپ مېڭىپ، تېخىمۇ كونكرېت ئەمەلىي بولغان سىتىراتېگىيە بىلەن سىياسىيغا قاتناشقان. 2005-يىلى 3-ئايدا، خاماس تۇنجى قېتىم پەلەستىن قانۇن تۈزۈش كومىتېتىنىڭ سايلىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى رەسمىي ئېلان قىلغان. خاماس رەھبىرى، خاماس پەلەستىن قانۇن تۈزۈش كومىتېتىغا كىرىپ، سىياسەت تۈزۈشكە قاتناشقاندىن كېيىن تېخىمۇ «ئاڭلىق» بولۇپ كېتىدۇ، ھەمدە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن ئۇچرىشىشنى ۋە سۆھبەتلىشىشنى خالايدىغان بولۇپ كېتىدۇ، دەپ ئىپادە بىلدۈرگەن.

خاماس قۇرۇلغاندىن تارتىپلا ساخاۋەت قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەچكە پەلەستىندىكى ئاممىنىڭ كەڭ كۆلەملىك قوللىشىغا ئېرىشكەن. 2005-يىلى پەلەستىندە ئۆتكۈزۈلگەن تۆت قاتلامغا بۆلۈنگەن يەرلىك سايلاملاردا، خاماس بىرىنچى ۋە تۆتىنچى قاتلامدا پەلەستىندىكى باشقا پارتىيە-گۇرۇھلارنىڭ ئالدىدا بولغان. بۇ قېتىملىق سايلامدا خاماس تۇنجى بولۇپ پەلەستىن رايونىدىكى ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە بولۇپ سايلانغان، ئىسمائىل ھەنىيە باش رەئىسلىك ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەن.

 

سىياسىي ھوقۇق مەسىلىسى

پەلەستىن ئاپتونومىيە سىياسىي ھوقۇقى مەسىلىسىگە نىسبەتەن، «خاماس» مۇنداق دەپ قارىغان: ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن ئاپتونومىيىلىك سىياسىي ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشىگە يول قويۇشى ئۇلارنىڭ تېخىمۇ ئۇزۇن مەزگىللىك نىشانىغا يېتىش، پەلەستىن زېمىنىغا بولغان ئىشغالىيىتىنى قانۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈندۇر. پەلەستىن ئاپتونومىيە سىياسىي ھوقۇقى ئەمەلىيەتتە ئىسرائىلىيىنىڭ ئىشغالىيىتىنى قانۇنلاشتۇرۇشتىكى قوغدىغۇچى كۈنلۈكى. پەلەستىن ئاپتونومىيە سىياسىي ھوقۇقى پەلەستىن خەلقىگە نىسبەتەن كىشىلىك ھوقۇققا مۇخالىپ ھەرىكەتلەرنى قوللانسىمۇ، بەزىبىر پەلەستىن تەشكىلاتلىرىغا دۈشمەنگە قارشى سىياسەتلەر قوللانسىمۇ، ئەمما «خاماس» ئامال بار ئاپتونومىيە ھاكىمىيىتى بىلەن ھەربىي توقۇنۇش بولۇپ قېلىشتىن ئۆزىنى ئېلىپ قېچىشتا چىڭ تۇردى. چۈنكى ئاپتونومىيە ھاكىمىيىتى بىلەن ھەربىي توقۇنۇش يۈز بېرىپ قالسا بۇنىڭدىن پايدا ئالىدىغىنى ئىسرائىلىيە بولۇپ، بۇ ئاپتونومىيە ھاكىمىيىتىنىڭ مەغلۇبىيىتى بىلەن ئاياقلىشىدۇ.

»خاماس»-ئىسلام دىنى ئىناق، باراۋەر، سەۋرچان ۋە ئەركىن دىن بولسىمۇ، ئەمما «خاماس» باشقا دىندىكى مۇرىتلارنىڭ ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىدۇ، ھەرقانداق دىن تىنچ بىرگە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشى كېرەك، پەلەستىن زېمىنىدا ياشاۋاتقان خىرستىئان مۇرىتلىرى پەلەستىن خەلقىنىڭ بىر قىسمى، ئۇلارمۇ يېتەرلىك بولغان ھوقۇق ۋە مەسئۇلىيەتكە ئىگە، دەپ قارايدۇ. «خاماس» ئىسرائىلىيىنىڭ ئىشغالىيىتىگە قارشى تۇرىدۇ. خەلقئارادىكى ئازادلىق ئىشلىرىغا ھېسداشلىق قىلىدۇ ھەمدە قوللايدۇ.

ھەرىكەت قىلىش پىلانى

ھەربىي پائالىيەت پىلانىغا نىسبەتەن، «خاماس» ئىشغالىيەتكە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ھەمدە يەھۇدىي دىنى ۋە يەھۇدىي مۇرىتلىرىغا ئەمەس بەلكى ئىسرائىلىيىنىڭ ئىشغالىيىتى ۋە ئىسرائىلىيىنىڭ پەلەستىن رايونىدىكى مەۋجۇتلۇقىغا قارشى تۇرىدۇ دەپ كۆرسەتكەن. «خاماس» نىڭ كۈرىشى پەقەت ئىشغال قىلىنغان پەلەستىن رايونلىرى بىلەنلا چەكلىنىدۇ، ئىسرائىلىيىنىڭ «خاماس» قا زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى پەلەستىننىڭ ئىشغالىيەت رايونىدىن باشقا رايونلارغا كېڭەيتىشىگە نىسبەتەن، «خاماس» ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنى بۇنىڭ ئىنتايىن خەتەرلىك ئىكەنلىكى بىلەن ئاگاھلاندۇرغان.

سىياسىي تەشەببۇسى

ئۆزىنى قوشۇپ پارتىلىتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن مەيدانئۆزىنى قوشۇپ پارتىلىتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن مەيدان

خاماس پەلەستىندىكى دىنىي خاراكتېرىنى ئالغان سىياسىي تەشكىلات بولۇپ، ئىسرائىلىيە بىلەن سۆھبەتلىشىشكە قارشى تۇرغان ھەمدە قوراللىق كۈچ  بىلەن ئىسرائىلىيىنى يوقىتىشتا چىڭ تۇرغان ھەمدە يەنە پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئىسرائىلىيىگە قىلغان ھۇجۇمىنى «جىھاد» دەپ ئاتىغان. شۇ ئارقىلىق ئوتتۇرا دېڭىزدىن ئىئوردانىيە دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغاقلىرى ھەمدە ئېرۇسالىمنى پايتەخت قىلغان پەلەستىن دۆلىتىنى قۇرۇپ چىقىشنى نىشان قىلغان. خاماس ئىسرائىلىيە ئىشغالىيەت رايونلىرىدا دائىم ئىسرائىلىيىگە قارشى ھەيۋە كۆرسىتىش ۋە ۋەھىمىلىك پائالىيەتلەرنى تەشكىللەپ پىلانلىغان ھەمدە ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش، گۆرۈگە ئېلىش ياكى ئىسرائىلىيە پۇقرالىرىنى قەستلەش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئىسرائىلىيە ۋە غەرب ئەللىرى دۆلەتلىرىدە تېررورچىلىق تەشكىلاتى دېگەن نامغا ئېرىشكەن.

خاماسنىڭ پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتى بىلەن بولغان سىياسىي تەشەببۇسى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن دائىم زوراۋانلىق توقۇنۇشلار يۈز بېرىپ تۇرغان.

ھەربىي ئىشلار سىتراتېگىيىسى

قىسقىچە بايان

خاماس قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئىسرائىلىيىگە قارىتا كۆپ قېتىم ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش شەكلىدىكى پارتلىتىش ۋەقەلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. 1989-يىلى، ئىسرائىلىيە خاماسنى قانۇنسىز تەشكىلات دەپ جاكارلىغان ھەمدە خاماسنىڭ روھىي باشلامچىسى ئەھمەد ياسىننى قولغا ئېلىپ تۈرمىگە تاشلىغان.

1993-يىلى، پەلەستىن-ئىسرائىلىيە ئىككى تەرەپ پەلەستىن ئاپتونومىيىسى «پرىنسىپ خىتابنامىسى» نى ئىمزالاپ، پەلەستىنلىكلەرنىڭ غەززە-ئارىھا ئارىسىدا ئاپتونومىيە يۈرگۈزۈشىگە قوشۇلغان، خاماس بۇنىڭغا قارىتا قارشى تۇرۇش پوزىتسىيىسىنى تۇتۇپ، ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان قوراللىق كۈرىشىنى داۋاملاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پەلەستىن-ئىسرائىلىيە تىنچ مۇساپىلىق تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، خاماس ئىزچىل تۈردە كۈرەش سىتىراتېگىيىسىنى ئۆزگەرتىپ كەلگەن. 1996-يىلى 3-ئايدا، خاماس ئۆزىنىڭ زوراۋانلىق پائالىيەتلىرىدىن ۋاز كەچكەنلىكىنى جاكارلاپ، ئاپتونومىيە ئىچىدە سىياسىي كۈرەش ئېلىپ بېرىشقا باشلىغان. 1996-يىلى 5-ئايدا، نىتانياخۇ ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرلىكىگە تەيىنلەنگەندىن كېيىن، ئىسرائىلىيە پەلەستىن مەسىلىسىدە قاتتىق سىياسەت قوللىنىپ، ئىسرائىلىيە پەلەستىن ئارىسىدىكى ئەڭ ئاخىرقى سۆھبەتنىمۇ توختىتىپ قويغان. خاماس قوراللىق ئۇرۇشنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى جاكارلىغان.

2000-يىلى 9-ئاينىڭ ئاخىرىدا پەلەستىن ئىسرائىلىيە ئارىسىدا كەڭ كۆلەملىك قانلىق توقۇنۇش يۈز بەرگەندىن كېيىن، خاماس ئىسرائىلىيىگە قارىتىلغان بىر يۈرۈش ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش شەكلىدىكى پارتلىتىش ۋەقەلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، ئىسرائىلىيە قىساس ئېلىش ئۈچۈن خاماسقا قارىتا «نۇقتىلىق تازىلاش» ۋە كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ئىشلار ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، خاماسنى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچراتقان. ئەھمەد ياسىن ھەمدە ئۇنىڭ ئىزباسارى ئابدۇل ئاجىز رېنتىسى قاتارلىق خاماس رەھبەرلىرى ئالدى-كەينى بولۇپ ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن «نۇقتىلىق تازىلىۋېتىلگەن«.

2008-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ۋە قوراللىق تىك ئۇچار ئايروپىلانلىرى خاماس كونتروللىقىدىكى غەززە رايونىدا كەڭ كۆلەملىك ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىغان، خاماس باياناتچىسى بارھوم شۇ كۈنى قول ئاستىدىكى قوراللىق گۇرۇھلارنىڭ ئىسرائىلىيىگە يىراقتىن باشقۇرۇلىدىغان راكېتا بومبىسى قويۇپ بېرىپ، ئىسرائىلىيە قوشۇنىنىڭ غەززەگە قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىنىڭ قىساسىنى ئېلىشنى تەلەپ قىلغان.

بۇ قېتىملىق ھاۋا ھۇجۇمى 1967-يىلىدىكى ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشىدىن بۇيانقى ھەربىي ھۇجۇم كەلتۈرۈپ چىقارغان بىر كۈندە ئۆلگەن پەلەستىنلىك سانى ئەڭ كۆپ بولغان بىر قېتىملىق ھاۋا ھۇجۇمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. غەززە رايونى جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ئورگىنىنىڭ مەسئۇلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى، ئىسرائىلىيىنىڭ خاماسقا قارىتا ئېلىپ بارغان ھاۋا ھۇجۇمىدا 310 ئادەم ئۆلدى، 1400 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلاندى، دېگەن. پەلەستىن 12-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن كېيىنكى ئۈچ كۈننى ماتەم كۈنى قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

ھاۋا ھۇجۇمىنىڭ سەۋەبى

ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لىۋنى «بۇنداق ۋاقىتنى تاللاپ خاماسقا ئەجەللىك زەربە بېرىشتىكى سەۋەب ئىنتايىن ئاددى، چۈنكى خاماس يېرىم يىل ئالدىدىكى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلدى. كۈندە دېگۈدەك راكېتالىق، زەربە بېرىش بومبىلىرى ئارقىلىق ئىسرائىلىيە ئاھالىسىگە ھۇجۇم قىلدى» دېگەن. تېخىمۇ ھەددىدىن ئاشقىنى شۇكى بىر كۈننىڭ ئىچىدە 80 دانە راكېتالىق بومبا قويۇپ بەرگەن خاتىرىسىمۇ بولۇپ، بۇنىڭغا نىسبەتەن ئىسرائىلىيىنىڭ چىداپ تۇرغۇچىلىكى قالمىغان.

سىياسى چوڭ ئىشلار خاتىرىسى

مۇستەقىل ئەرباب سالام فايىز باش مىنىستىر بولغان پەلەستىن جىددىي ھۆكۈمىتى 17-كۈنى ۋەزىپە ئولتۇرغانلىق باياناتى ئېلان قىلىپ، قۇرۇلغىنىغا ئەمدىلا ئۈچ ئاي بولغان مىللىي بىرلەشمە ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمىي پارچىلانغانلىقىنى جاكارلىغان. تۆۋەندىكىلەر پەلەستىن قارشلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى «خاماس» نىڭ 2006-يىلى يىل بېشىدا پەلەستىن قانۇن تۇرغۇزۇش كومىتېتى سايلىمىدا غەلىبە قىلغاندىن كېيىنكى پەلەستىن سىياسىي چوڭ ئىشلار خاتىرىسى:

2006-يىلى

2006-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى، خاماس پەلەستىن قانۇن تۇرغۇزۇش كومىتېتىنىڭ سايلىمىدا پەلەستىن مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى (فاتتاھ) نى مەغلۇب قىلىپ، سايلامنىڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈردى.

2006-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى، خاماس قۇرۇپ چىققان پەلەستىن ئاپتونومىيە ھۆكۈمىتى ۋەزىپىگە ئولتۇرغانلىقىنى جاكارلىدى.

2006-يىلى 5-ئاينىڭ 11-كۈنى، ئىسرائىلىيە تۈرمىسىدە قاماقتا يېتىۋاتقان پەلەستىننىڭ نەچچە گۇرۇھىنىڭ رەھبىرى بىرلىشىپ «تۈرمىدىكى كېلىشىم» نى ئىمزالاپ، مىللەتنى ئىتتىپاقلىشىشقا، مىللىي بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇشقا، پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتىنى قايتا قۇرۇپ چىقىشقا، ئىشغال قىلىنغان زېمىندا  پەلەستىن دۆلىتىنى قۇرۇش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا چاقىردى.

2006-يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنى، پەلەستىن قوراللىق خادىمى بىر نەپەر ئىسرائىلىيەلىك ئەسكەرنى قولغا ئالدى. ئۈچ كۈندىن كېيىن، ئىسرائىلىيە قىسمى غەززەگە كىردى. بەش ئايدىن كېيىن، ھەربىي قىسىم غەززەدىكى ھەربىي ھەرىكەتنى ئاخىرلاشتۇردى.

2006-يىلى 6-ئاينىڭ 27-كۈنى، پەلەستىندىكى ئاساسلىق گۇرۇھلار «تۈرمىدىكى كېلىشىم» دە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى.

2006-يىلى 8-ئاينىڭ 16-كۈنى، ئابباس، پەلەستىن ئاپتونومىيە ھۆكۈمىتى مىنىستىرى ھەنىيەنىڭ «تۈرمىدىكى كېلىشىم» بويىچە مىللىي بىرلەشمە ھۆكۈمىتى قۇرۇپ چىقىش مەسىلىسى ھەققىدە فاتتاھ ۋە ئۇنىڭ باشقا گۇرۇھلىرى بىلەن كېڭىشىش ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

2006-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى، خاماسنىڭ قوراللىق خادىملىرى بىلەن فاتتاھنىڭ قوللىغۇچىلىرى غەززە رايونىدا كەسكىن توقۇنۇش قىلىپ، سەككىز ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى، 70 نەچچە ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

2006-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى، پەلەستىن مىللىي ھوقۇق ئورگىنىنىڭ رەئىسى ئابباس، بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇش سۆھبىتىنىڭ مەغلۇب بولغانلىقىنى جاكارلىدى.

2006-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى، ئابباس رامئاللاھ دىكى باياناتىدا ئامال بار قانۇن تۈزۈش كومىتېتى سايلىمى ۋە مىللىي ھوقۇق ئورگىنى رەئىسلىك سايلىمىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

2007-يىلى

2007-يىلى 2-ئاينىڭ 8-كۈنى، ئابباس خاماس سىياسىي ئىدارىسىنىڭ رەھبىرى مەشائال بىلەن مىللىي ئىتتىپاقلىق ھۆكۈمىتى قۇرۇش، يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىي پىرىنسىپى ۋە پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتى قاتارلىق مەسىلىلەردە «مەككە كېلىشىمى» ھاسىل قىلدى.

2007-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى، پەلەستىن ئاپتونومىيە ھۆكۈمىتىنىڭ پارچىلانغانلىقى جاكارلاندى، ئابباس ھەنىيە قۇرغان يېڭى ھۆكۈمەتكە ھوقۇق ئۆتكۈزۈپ بەردى.

2007-يىلى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى، پەلەستىن مىللىي بىرلەشمە ھۆكۈمىتى قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇردى.

2007-يىلى 5-ئاينىڭ 23-كۈنى، فاتتاھ بىلەن خاماسنىڭ ئارىسىدا يەنە بىر قېتىم توقۇنۇش يۈز بېرىپ ئىككى ھەپتىدىن كېيىن، ئابباس بىلەن ھەنىيە سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئىككى گۇرۇھ ئارىسىدىكى قوراللىق توقۇنۇشنى قانداق توختىتىش توغرىسىدا مەسلىھەتلەشتى.

2007-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، خاماس فاتتاھ قوراللىق قىسمى غەززە رايونىدا كەسكىن توقۇنۇش يۈز بېرىپ، 30 نەچچە كىشىنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن توقۇنۇش كۈنسايىن كەسكىنلەشتى.

2007-يىلى 6-ئاينىڭ 14-كۈنى، خاماس فاتتاھنىڭ قولىدىن غەززەنىڭ كونترول ھوقۇقىنى ئېلىۋالدى. ئابباس مىللىي بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ تارقىتىۋېتىلگەنلىكىنى جاكارلاپ، ئىئوردانىيە دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغاقلىرى ۋە غەززە رايونىدا پەۋقۇلئاددە ھالەت يۈرگۈزدى.

2007-يىلى 6-ئانىڭ 15-كۈنى، ئابباس فاييادنى پەۋقۇلئاددە ھۆكۈمەتنىڭ باش مىنىستىرلىكىگە سايلىدى.

ئىختىلاپ توقۇنۇشى

خاماس بىلەن فاتتاھ پەلەستىندىكى ئىككى چوڭ مۇھىم سىياسىي گۇرۇھ. خاماس 1987-يىلى 12-ئايدا قۇرۇلغان، ئۇ دىنىي ۋە سىياسىيلىقى بىر گەۋدە بولغان رادىكال تەشكىلات بولۇپ، ئاساسلىقى قوراللىق كۈرەش ئارقىلىق «پۈتكۈل پەلەستىن» زېمىنىنى ئازاد قىلىشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئىسرائىلىيىنىڭ مەۋجۇتلۇق ھوقۇقىنى ئىنكار قىلىدۇ.

فاتتاھ 1959-يىلى 10-ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ، پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتى ئىچىدىكى سەككىز ئەزا ئىچىدە ئەمەلىي كۈچى ئەڭ كۈچلۈك، تەسىر دائىرىسى ئەڭ چوڭ، ئادەم سانى ئەڭ كۆپ ئاساسلىق گۇرۇھ. ئۇ پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي، سىياسىي، مالىيە ۋە دېپلوماتىيە قاتارلىق چوڭ ھوقۇقلىرىنى كونترول قىلىشقا ئىگە. فاتتاھ ئىلگىرى ئىزچىل تۈردە قوراللىق كۈرەشتە چىڭ تۇرۇپ كەلگەن بولسىمۇ، 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن كېيىن، ئاستا-ئاستا يۇمشاقلىققا، ئەمەلىيچانلىققا يۈزلىنىپ، ئىسرائىلىيىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئېتىراپ قىلىشنى تەشەببۇس قىلىپ، «زېمىنغا تىنچلىق ئالماشتۇرۇش» پىرىنسىپى ئاساسىدا ئەرەب-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىنى تىنچ ھەل قىلىشقا قوشۇلغان.

ئىسرائىلىيىگە قارشى كۈرەشتە، خاماس بىلەن فاتتاھ ئىلگىرى مۈرىنى-مۈرىگە تىرەپ ئۇرۇش قىلغان. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىنىڭ بېشىدا، پەلەستىن ئىسرائىلىيە تىنچلىقى باشلانغاندىن كېيىن، خاماس داۋاملىق ھالدا ئىسرائىلىيە بىلەن تىنچ سۆھبەتلىشىشكە قارشى تۇرغان سەۋەبلىك، ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى زىددىيەت كۆرۈنەرلىك بولۇشقا باشلىغان.

2000-يىلى 9-ئاينىڭ ئاخىرىدا پەلەستىن ئىسرائىلىيە ئارىسىدىكى چوڭ قىرغىنچىلىق پارتلىغاندىن كېيىن، خاماس ئىسرائىلىيە ئېلىپ بارغان «نۇقتىلىق تازىلاش» تا ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىغان. ئەمەلىي كۈچىنى ساقلاپ، تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن خاماس قوراللىق كۈرەشتىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە سىياسەتكە ئارىلىشىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشقا قاتناشقان. 2005-يىلى 3-ئايدا، خاماس تۇنجى بولۇپ پەلەستىن قانۇن تۇرغۇزۇش كومېتىتىنىڭ سايلىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى رەسمىي جاكارلىغان ھەمدە 2006-يىلى 1-ئايدىكى پەلەستىن قانۇن تۇرغۇزۇش كومېتىتى سايلىمىنىڭ بىرىنچى سايلىمىدىلا پەلەستىن سىياسىي ساھەسىنى كونترول قىلىپ كەلگەن فاتتاھنى مەغلۇب قىلىپ، سايلامدا غەلىبە قازانغان.

خاماس ئىچكى كابېنت تەشكىللەشنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا فاتتاھ قاتارلىق گۇرۇھلارغا بەرگەن بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇش تەكلىپى رەت قىلىشقا ئۇچرىغان. خاماس ئەڭ ئاخىرى ئۆزى يالغۇز ئىچكى كابېنت تەشكىللىگەن ھەمدە ئىچكى سىياسەت ئورگانلىرى رەھبەرلىكىدىكى 3000 كىشىلىك ھەربىي ئىشلار كۈچى ھازىرلىق تەشكىلاتى قۇرغان. ئىسرائىلىيىنى ئېتىراپ قىلىشنى رەت قىلغانلىق، زوراۋانلىق كۈچتىن ۋاز كېچىشنى رەت قىلغانلىق، پەلەستىن ئىسرائىلىيە ئىمزالىغان كېلىشىمنى ئېتىراپ قىلمىغانلىق سەۋەبلىك خاماس ھۆكۈمىتى ئىسرائىلىيە ھەمدە بەزىبىر غەرب ئەللىرى دۆلەتلىرىنىڭ قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرىغان ھەمدە مالىيە كىرزىسىغا پېتىپ قالغان. خاماس ئامالسىز يەنە بىر قېتىم بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇشقا مەجبۇر بولغان.

ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، فاتتاھمۇ مىللىي بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇش ئارقىلىق ئۆزىنى تېخىمۇ كۆپ ھوقۇققا ئىگە قىلىشنى ئۈمىد قىلغان. ئەمما ئىككى تەرەپ سىياسىي پرىنسىپ ۋە ھالقىلىق بولغان ئىچكى كابېنت مىنىستىرلىكى ئورنى، بولۇپمۇ بىخەتەرلىك قىسمىنىڭ قوماندانلىق ھوقۇقىنىڭ ئىچكى كابېنت مىنىستىرلىكىنى تەيىنلەشتە ئىختىلاپ تېخىمۇ ئېغىرلاشقان.

خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ پائال كېلىشتۈرۈشى ئاستىدا، خاماس بىلەن فاتتاھ 2007-يىلى 2-ئاينىڭ 8-كۈنى بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇش كېلىشىمى «مەككە كېلىشىمى» نى ئىمزالىغان. كېلىشىمگە ئاساسەن، ئىككى تەرەپ بىرلەشمە ھۆكۈمەتتىكى مالىيە مىنىستىرى، دېپلوماتىيە مىنىستىرى ھەمدە ئىچكى كابېنت مىنىستىرىدىن ئىبارەت ئۈچ ھالقىلىق ۋەزىپىگە نامزات تاللاشتا بىردەكلىككە كەلگەن. 2007-يىلى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى، خاماس رەھبىرى ھەنىيە باش مىنىستىرلىككە تەيىنلەنگەن بىرلەشمە ھۆكۈمەت رەسمىي قۇرۇلغان، ئىچكى كابېنت مىنىستىرلىكىگە مۇستەقىل ئەرباب خانى ئەل-قاۋاسمىنى تەيىنلەنگەن.

خاماس رەھبەرلىكىدىكى زاپاس ھەربىي ئىشلار كۈچى بىلەن فاتتاھ رەھبەرلىكىدىكى بىخەتەرلىك قىسمى ئارىسىدا دائىم توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىك سەۋەبلىك، فاتتاھ ئىزچىل تۈردە بۇ زاپاس ھەربىي كۈچنى تارقىتىۋېتىش ياكى بىخەتەرلىك قوشۇنىغا قوشۇۋېتىشنى تەلەپ قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما خاماسنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىغان. 2007-يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئىككى گۇرۇھنىڭ قوراللىق خادىملىرى غەززەدە يەنە بىر قېتىم توقۇنۇش ھاسىل قىلغان، پەلەستىننىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى كۈنسېرى يامانلاشقان. بىخەتەرلىك قىسمى بىلەن زاپاس ھەربىي كۈچ ئارىسىدىكى زىددىيەتنى كېلىشتۈرەلمىگەنلىكى سەۋەبلىك، قاۋاسمى 2007-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن.

ئىككى تەرەپنىڭ قوراللىق توقۇنۇشىنىڭ  كۈنسېرى كەسكىنلىشىشىگە ئەگىشىپ، فاتتاھ 2007-يىلى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى بىرلەشمە ھۆكۈمەتتىن ۋاقتىنچە يەنى ئىككى تەرەپنىڭ قوراللىق توقۇنۇشى ئاخىرلاشقىچە چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. 2007-يىلى 6-ئاينىڭ 14-كۈنى، پەلەستىن مىللىي ھوقۇق ئورگىنىنىڭ رەئىسى ئابباس، پەلەستىن مىللىي بىرلەشمە ھۆكۈمىتىنىڭ تارقىتىلغانلىقىنى جاكارلىغان. خاماس بۇنىڭغا نىسبەتەن قارشلىق پوزىتسىيىسىنى تۇتقان.

2011-يىلى 10-ئاي

ئىسرائىلىيە 477 نەپەر پەلەستىنلىكنى ئوڭۇشلۇق قويۇپ بەرگەن. ئىئوردانىيە دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغاقلىرى بىلەن غەززە رايونىدىكى خەلقلەر بۇ ئىشقا قارىتا ئۆزلىرىنىڭ چەكسىز ئالقىشىنى ياڭراتقان. بۇ يەھۇدىي دۆلىتى بىلەن خاماس ئارىسىدىكى كېلىشىمگە ئاساسەن، يەنە 550 نەپەر كىشى كەلگۈسىدىكى نەچچە ھەپتە ئىچىدە قويۇپ بېرىلىدىكەن.

تەرجىمىدە: شارافەت


مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 3

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 869 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 2قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2014-01-14