ئېدۋارد جوسىف سىنوۋدېن

ئېدۋارد جوسىف سىنوۋدېن


ئېدۋارد جوسىف سىنوۋدېنئېدۋارد جوسىف سىنوۋدېن

ئىنگلىزچە:  Edward Joseph Snowden

خەنزۇچە:  爱德华约瑟夫斯诺登 

كەسپى: سىستېما باشقۇرغۇچى

تۇغۇلغان ۋاقتى: 1983-يىلى 6-ئاينىڭ 21-كۈنى تۇغۇلغان

تۇغۇلغان جايى: ئامېرىكا شىمالىي كارولىنا شتاتى ئېلىزابېس شەھىرى  (Elizabeth City)

دىنىي ئېتقادى: بۇددا دىنى

سىنوۋدېن (Edward Joseph Snowden) ئىلگىرى ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ياللانما خادىمى، ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ تېخنىكا ھۆدىگىرى بولغان. 2013-يىلى 6-ئايدا جۇڭگو شياڭگاڭدا ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ «پىرىزىم (PRISM) پىلانى» نىڭ يوشۇرۇن ئاڭلاش تۈرىنىڭ مەخپىي ھۆججىتىنى ئەنگلىيە «مۇھاپىزەتچى گېزىتى» بىلەن ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون پوچتا گېزىتى» گە ئاشكارلىۋەتكەن. ئارقىدىنلا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى سىنوۋدېننى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان. 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 23-كۈنى سىنوۋدېن شياڭگاڭدىن ئايرىلىپ، موسكۋاغا بارغان ھەمدە بىر يىللىق ۋاقىتلىق مۇساپىرلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن.

ياشلىق چاغلىرىدىكى ئائىلە ئەھۋالى

ئېدۋارد جوسىف سىنوۋدېن شىمالىي كارولىنا شتاتىنىڭ ئېلىزابېس شەھىرى (Elizabeth City)   دە تۇغۇلغان. دادىسى پېنسىلۋانىيە (Pennsylvania) شتاتىنىڭ ئاھالىسى بولۇپ، ئامېرىكا دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ ئەمەلدارى. ئاپىسى مارىيلەند (Maryland) شتاتى بالتىمور شەھىرىنىڭ ئاھالىسى بولۇپ، مارىيلەند رايونى ئامېرىكا يەرلىك سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىش بېجىرگۈچىسى. ئۇنىڭ يەنە بىر سىڭلىسى بولۇپ، ئادۋۇكاتلىق قىلىدۇ.

ئۈگىنىشى ۋە كەسپى

1999-يىلى، سىنوۋدېن ئائىلە بويىچە مارىيلەند شتاتىنىڭ ئەللىكوت (Ellicott) شەھىرىگە كۆچۈپ بارغان. ئۇ بۇ يەردىكى ئەننى ئېرراندىل (Anne Arundel ) رايۇنىدىكى رايونلۇق ئىنىستىتۇتتا كومپىيوتېر ئۆگىنىپ، ئېلىشقا تېگىشلىك ئوقۇش نومۇرىغا ئېرىشىپ تولۇق ئوتتۇرا دىپلومى ئالغان، ئەمما ئۇ دەرسلىكلەرنى تۈگەتمىگەن بولۇپ، كېيىن ئادەتتىكى مائارىپ تەرەققىيات گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشكەن.

2004-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى، سىنوۋدېن ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيسىگە كىرگەن، ھەمدە ئەڭ ئاخىرىدا ئالاھىدە ئەترەتكە قاتنىشىشنى ئارزۇ قىلغان. ئۇ: «مەن ئىراق ئۇرۇشىغا قاتنىشىشنى قولغا كەلتۈرۈشۈم كېرەك، چۈنكى مېنىڭچە، بىر ئادەم بولغان ئىكەنمەن، باشقىلارغا ياردەملىشىپ زۇلۇمنى يوقىتىش مەسئۇلىيىتىم بار» دېگەن، بىراق بىر نەچچە ئايدىن كېيىنلا، ھەربىي مەشىقتىكى ھادىسىدە پۇتى سۇنۇپ كېتىپ، 2004-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى ئەسكەرلىكتىن چېكىندۈرۈلگەن. كېيىن ئۇ دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى تەسىس قىلغان مارىيلەند ئونىۋېرسىتېتىدىكى بىر مەخپىي تەشكىلاتتا مۇھاپىزەتچى بولغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ يەنە مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى ئۇچۇر تېخنىكىسى بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.

2007-يىلى ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى ئۇنى شىۋىتسارىيەنىڭ جەنۋەگە كومپىيوتىر تور بىخەتەرلىكىنى ساقلاشقا مەسئۇل قىلىپ ئەۋەتكەن ھەمدە دىپلومات سالاھىيتىنى بېرىپ ئەسلى سالاھىيىتىنى يوشۇرۇپ قالغان.

2009-يىلى مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىدىن ئايرىلىپ، ئامېرىكىدىكى ياپونىيە ئامېرىكا ھەربىي بازىسىدىكى دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى تەشكىلاتىدا، بىر شەخسىي ھۆددىگە ئالغۇچى سودىگەر سۈپىتىدە خىزمەت قىلغان.

2013-يىلى مەلۇم ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى، سىنوۋدېن قىز دوستى بىلەن ھاۋاي تاقىم ئاراللىرىدىكى ۋېيپەھۇ (Waipahu) تۇرغان. ئۇ چاغدا ئۇنىڭ دۆلەت مۇداپىئە ھۆددىگە ئالغۇچى ئورگىنى بۇز ئاللېن (Booz Allen) مەسلىھەتچىلىك شىركىتىدە ئىشلەۋاتقىنىغا ئۈچ ئاي بولمىغان بولۇپ، ۋەزىپىسى دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ ھاۋايدىكى بىر تەشكىلاتىنىڭ سىستېما باشقۇرغۇچىسى بولغان. ئۇنىڭ يىللىق مائاشى تەخمىنەن 200 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، قىز دوستى بىلەن راھەت تۇرمۇش كەچۈرگەن. بىراق ئۇ بۇلارنى قۇربان قىلىشنى خالايتتى، چۈنكى ئۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مەخپىي نازارەت قىلىش قۇرۇلۇشىدىن خاتىرجەم ئەمەس ئىدى. ئۇ 6-ئاينىڭ 10-كۈنى «شىركەت ئەخلاقى ۋە كارخانا سىياسىتىگە خىلاپلىق قىلغان» دەپ قارىلىپ ئىشتىن بوشىتىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ خوجايىنى بۇ قاراشقا گۇمانلانغان. مۇخبىر گرۈئىنۋولد (Glenn Greenwald) سىنوۋدېننى زىيارەت قىلغان ھەمدە سىنوۋدېن توغرىسىدىكى ئاخباراتلارنى ئېلان قىلغان. ئۇ كېيىن: «بۇز ئاللىن مەسلىھەتچىلىك شىركىتىنىڭ قوللانغىنى پىرسەنت بويىچە بۆلۈنگەن سان بولىشى مۇمكىن ياكى سىنوۋدېننىڭ دېگىنى دېل شىركىتىدىكى چاغدا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ خىزمىتىنى قىلغاندىكى مائاشى بولۇشى مۇمكىن» دەپ يازغان. «مۇھاپىزەت گېزىتى» سنوۋدېننىڭ يۇشۇرۇن قىممىتىگە كۈچلۈك قىزىقىشىنى ئىپادىلىگەن. ئۇنىڭ قول كومپيۇتېرىدا ئېنتىرنېت تورى قوللايدىغان ئەركىنلىك تەشكىلاتىنىڭ بەلگىسى بار بولۇپ، ئېلېكتىرونلۇق چېگرا فوندى ۋە Tor نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. گەرچە ئۇ ئىلگىرى «ئوبامانىڭ كاپالىتىگە ئىشىنىمەن» دېگەن بولسىمۇ، ئەمما 2008-يىلىدىكى چوڭ سايلامدا ئۈچىنچى پارتىيەگە بېلەت تاشلىغان. سىياسىي ئىشلارغا پۇل ئىئانە قىلىش خاتىرىسىدە كۆرسىتىلىشىچە ئۇ رون پائۇل (Ronald Ernest "Ron" Paul) نىڭ دەسلەپكى سايلىمىدا پۇل ئىئانە قىلغان.

2013-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، شىياڭگاڭغا بېرىپ مىدىيەلەرگە پىرىزىم پىلانىنى ئاشكارلىۋەتكەن.

مەخپىيەتلىكنى ئاشكارلاش ھەركىتى

مىدىيەلەرگە پىرىزىم پىلانىنى ئاشكارىلىۋېتىش

2013-يىلى 5-ئايدا، سىنوۋدېن تۇتقاقلىق كېسىلىنى داۋالىتىش ئۈچۈن ۋاقىتلىق خىزمەتتىن ئايرىلىشقا ئىلتىماس قىلغان ھەم تەستىقلاشقا ئېرىشكەن. 5-ئاينىڭ 20-كۈنى شىياڭگاڭغا بېرىپ، بىر مېھمانخانىغا چۈشكەن، شۇ جايدا مەخپىي ھۆججەتنى «مۇھاپىزەت گېزىتى» گە ئاشكارلىۋەتكەن ھەمدە مەزكۇر گېزىتنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان.

سىنوۋدېن ئۆزىنىڭ بۇ مەخپىيەتلىكلەرنى ئاشكارلىۋېتىشتىكى سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ، ئۆزىنىڭ بارلىقىدىن كېچىدىغانلىقىنى (يەنى خىزمىتى، كىرىمى، قىز دوستى)، ھەقىقى ئەھۋالنى دۇنياغا جاكارلايدىغانلىقىنى ئېيتقان، چۈنكى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇلاردىن پايدىلىنىپ زور كۈزىتىش ئاپپاراتىنى يۇشۇرۇنچە ياساۋاتقان بولۇپ، شەخسىي سىر، ئېنتىرنېت تور ئەركىنلىكى، شۇنداقلا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئادەملەرنىڭ ئاساسىي ئەركىنلىك ھەركەتلىرىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچۇرتىدىغانلىقىدىن ئۇ خاتىرجەم بولالمىغان.

سىنوۋدېننىڭ سالاھىيىتى ئۆزىنىڭ تەلىپى بويىچە، ھۆججەت ئاشكارلىنىپ بىر نەچچە كۈندىن كېيىن «مۇھاپىزەت گېزىتى» ۋە «ۋاشىنگىتون پوچتا گېزىتى» دە ئاشكارلانغان. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىسمىنى يوشۇرۇشتىن ۋاز كەچكەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ: «مەن ئۆزەمنىڭ سالاھىيتىنى يوشۇرۇشنى خالىمايمەن، چۈنكى مەن ھېچ ئىشنى خاتا قىلمىدىم» دېگەن. ئۇ بەش بۈرجەكلىك بىنانىڭ مەخپىي ھۆججىتىنى ئاشكارلىغان دېينىيېل ئېللىسبېرگ (Daniel Ellsberg) گە قايىللىقىنى بىلدۈرگەن ۋە ئاشكارىلانغان مەخپىيەتلىكنى ۋىكى لىكىس (WikiLeaks) شېفىر يېشىش تەشكىلاتىدىكى بىرەدلىي مەننىڭ (Bradley Edward Manning) غا بەرگەن، شۇنداقلا «ئاشكارىلايدىغان ھۆججەتلەرنى ئىنچىكلىك بىلەن تاللىدىم، ھەممىسىنىڭ ئاممىۋى مەنپەئەتكە پايدىلىق ماتېرىيال ئىكەنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىمەن. نۇرغۇن ماتېرىياللار تېخىمۇ زور تەسىر كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بىراق مەن ئۇلارنى ئاشكارلىمىدىم. مېنىڭ مەقسىتىم كىشىلەرگە زىيانكەشلىك قىلىش ئەمەس، بەلكى ھەقىقى ئەھۋالنى ئاشكارىلاش» دېگەن.

6-ئاينىڭ 17-كۈنى، ئەنگلىيە «مۇھاپىزەت گېزىتى» ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ بۇرۇنقى خادىمى سىنوۋدېندىن ئېرىشكەن ئاخباراتلارنى ئاشكارىلاپ، 2009-يىلى لوندوندا ئۆتكۈزۈلگەن 20 دۆلەت كوللېكتىپىنىڭ ئۇچرىشىشى مەزگىلىدە، لوندون ھۆكۈمىتى ئالاھىدە تورخانىدىن پايدىلىنىپ، كومپيۇتېرىغا يۇمشاق دېتال سىستېمىسى قاچىلاپ، ئېلىكتىرونلۇق پوچتا يوللانمىسى ۋە كۆزىتىش ئاپپاراتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى چۈشۈرگەنلىكى، يەنە يانفۇننىڭ بىخەتەرلىك سېستىمىسىغا كىرىپ، ھەر قايسى دۆلەت باشلىقلىرى ۋە ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۇچۇر ئالاقە ۋە ئىلىكتىرونلۇق پوچتا يوللانمىلىرىنى كۆرگەنلىكىنى كۆرسەتكەن.

پاناھلىق ئىزدەش

سىنوۋدېننىڭ شياڭگاڭغا كېلىپ مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلىشى ۋە زىيارەتنى قوبۇل قىلىشىدىكى سەۋەب، شىياڭگاڭدا پىكىر بايان قىلىش ئەركىنلىكى ۋە ئوخشىمىغان پىكىردىكىلەرنىڭ ئىنسانىي ھوقۇقىنى قوغداش ۋەدىسى بار بولۇپ، دۇنيادىكى ئاز ساندىكى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ كۈچىگە قارشى تۇرالايدىغان جاي ھېسابلىنىدۇ. ھەمدە سىنوۋدېن «ئورتاق قىممەت قارىشىنى قوللايدىغان دۆلەتلەردىن پاناھلىق ئىزدەشكە مايىل ئىكەن». يەنە ئىسلاندىيە كۆڭۈلدىكىدەك تاللاش ئىكەن. ئىسلاندىيەدىكى پىكىر ئەركىنلىكىنى تەشەببۇس قىلدىغان بىر تەشكىلات-خەلقئارا ھازىرقى زامان مىدىيە ھەيئىتى  (IMMI)، ئىلگىرى بىر بايانات ئېلان قىلىپ، سىنوۋدېننى قانۇنىي پىكىر بىلەن تەمىنلىمەكچى ۋە ئۇنىڭغا سىياسىي پاناھلىق بەرمەكچى بولغان. بىراق، ئىسلاندىيىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى Kristin Arnadottir نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىسلاندىيە سىنوۋدېنغا پاناھلىق بېرىشكە ئامالسىز ئىكەن، چۈنكى بۇ دۆلەتنىڭ قانۇنىدا پاناھلىق ئىلتىماس قىلغۇچى چوقۇم ئىسلاندىيە تەۋەلىكىدە بولىشى كېرەككەن.

2013-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا سىملىق تېلىۋىزىيە خەۋىرى تورى دوكىلاتىدا دېيىلىشىچە، «سىنوۋدېننىڭ نەق پۇلى ئاز قالغان»، «مۇھاپىزەت گېزىتى» دىكى Even MacAskill نىڭ دېيىشىچە، شىياڭگاڭدىكى مېھمانخانىدىكى يۇقىرى ئىستېمال سەۋەبىدىن، «ئۇنىڭ ئىناۋەتلىك كارتىسىنىڭ ئىشلىتىش مۇددىتى تېزلا توشۇپ قالىدىكەن». سىنوۋدىن تۇرغان مېيلىخۇا مېھمانخانىسى سىنوۋدېننىڭ 10-ئىيۇن ياتاقنى قايتۇرۇۋەتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان. شياڭگاڭ قانۇن تۈزۈش پارلامىنتىنىڭ پارلامىت ئەزاسى يې ليۇشۇ (叶刘淑) سىنوۋدېنغا ئۆزى چېگرىدىن چىقىپ كېتىش ياكى چېگىرىدىن چىقىرىلىشنى ساقلاش تەكلىپىنى بەرگەن.

خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، روسىيە پرېزىدېنتى ئاخبارات كاتىپى دىمىترى پېسكوDmitry Peskovروسىيەنىڭ سىنوۋدېن ئىلتىماس قىلغاندىن كېيىن پاناھلىق بېرىش ھەققىدە مۇزاكىرە قىلدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن

6-ئاينىڭ 13-كۈنى، شىياڭگاڭ «جەنۇبىي جۇڭگو سەھەر گېزىتى» سىنوۋدېننى مەخسۇس زىيارەت قىلغان. زىيارەتتە سىنوۋدېننىڭ دېيىشىچە، 2009-يىلدىن بۇيان ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى شىياڭگاڭ جۇڭگو ئەدەبىياتى ئونۋېرسىتىتى، ھۆكۈمەت ۋە شەخسي ئورگانلار، سىياسىي ۋە سودا ساھەسىدىكى زاتلار ۋە ئوقۇغۇچىلار قاتارلىقلارنى نىشان قىلىپ، جۇڭگو ۋە شىياڭگاڭنىڭ كومپىيوتېرلىرىغا ھۇجۇم قىلغان. ئەمما سىنوۋدېننىڭ دېيىشىچە، ئۇ تەمىنلىگەن ماتېرىيال جۇڭگونىڭ ھەربىي ئىشلار سېستىمىسىغا ئائىت ماتېرىياللارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىكەن. ئۇ يەنە شياڭگاڭدىن كېتىشنى ئويلاشمىغانلىقىنى، شىياڭگاڭ سوتى ئارقىلىق ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە جەڭ ئېلان قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

سىنوۋدىن ئۆزىنى قەھرىمانمۇ، خائىنمۇ دېمىگەن، ھەمدە تۆۋەندىكىدەك مەزمۇنلارنى ئاشكارىلىغان:

1.ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ «پىرىزىم» پىلانى دائىرىسى جۇڭگو قۇرۇقلۇقى ۋە شىياڭگاڭ رايونىدىكى شەخىسلەر ۋە ئورگانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

2.ئامېرىكا شياڭگاڭغا دىپلوماتىك بېسىم ئىشلىتىپ، شىياڭگاڭ ھۆكۈمىتىنى ئامېرىكا بىلەن قارشىلىشىشقا قىستايدۇ.

3.شىياڭگاڭنىڭ قانۇنى سىنوۋدېننى ئامېرىكىنىڭ بېسىمىدىن قوغدايدۇ.

4.سىنوۋدېن ئىزچىل ئۆزى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرەپ كەلگەن.

شىياڭگاڭ سىملىق تېلېۋىزىيە ئىستانسسى خەۋىرىدە 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 13-كۈنى «نيويورك ۋاقىت گېزىتى» نىڭ خەۋرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ كۆرسىتىشىچە، شىياڭگاڭ بىلەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئادۋوكاتلىرى بىردەك ھالدا سىنوۋدېننىڭ ھۆكۈمەتنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارلاش جىنايىتى قاتارلىق نەچچە تۈرلۈك جىنايىتىنى، بىرلا ۋاقىتتا شىياڭگاڭ ۋە ئامېرىكىدا ئەيىبلەنگەن جىنايىتىنى بېكىتكەن بولۇپ، ئۆتكۈزۈپ بېرىش تەرتىپىنى ئېلىپ بېرىشقا يېتەرلىك ئىكەن، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر جىنايىتى ھۆكۈمەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش ئىكەن. يەنە سىنوۋدېننىڭ شياڭگاڭدىن سىياسىي پاناھلىق ئىزدىشى بىلەن ئۆتكۈزۈپ بېرىش تەرتىپى كېچىكتۈرۈلۈشى مۇمكىن، ئەمما ساقلاش ۋاقتى يەنە ئۇزارتىلىشى مۇمكىن ئىكەن.

6-ئاينىڭ 18-كۈنى، سىنوۋدىن ۋاستىچى ئارقىلىق ئىسلاندىيەگە غەيرىي رەسمىي پاناھلىق ئىلتىماسى سۇنغان، ئىسلاندىيە ھۆكۈمىتىمۇ سىنوۋدىننڭ پاناھلىق ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى دەلىللىگەن.

6-ئاينىڭ 23-كۈنى، سىنوۋدېن ۋايكى لىكىسنىڭ ياردىمىدە، روسىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ يولۇچىلار ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ شىياڭگاڭدىن موسكۋاغا بارغان.

8-ئاينىڭ 1-كۈنى، روسىيە سىنوۋدېنغا بىر يىللىق ۋاقىتلىق سىياسىي مۇساپىرلىق سالاھىيتىنى تەستىقلاپ بېرىپ، سىنوۋدېن ئايرودرومدىن ئايرىلغان. ئامېرىكا روسىيە تەرەپنىڭ بۇ قىلمىشىدىن قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگەن.

تەرجىمىدە ساباھەت


مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 2

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 409 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 2قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2014-01-14