ئارىيېل شارون


ئارىيېل شارون


ئارىيېل شارونئارىيېل شارون

خەنزۇچە: 阿里埃勒•沙龙

ئىنگلىزچە:  Ariel Sharon

ۋەزىپە ئۆتىگەن ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 7- كۈنىدىن 2006-يىلى 4-ئاينىڭ 11-كۈنىگىچە. 

تۇغۇلغان ۋاقتى: 1928-يىلى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى

تۇغۇلغان جايى: ئىسرائىلىيە، كىفار مېلېل (kfar malal)

سىياسىي پارتىيىسى: لىكۇد (Likud) گورۇھى (2005-يىلىغىچە)، ئىسرائىلىيە ئالغا پارتىيىسى (2005-يىلدىن بۈگۈنگە قەدەر)

ئارىيېل شارون (Ariel Sharon)، ئىسرائىلىيە سىياسىيونى، لىكۇد گورۇھىنىڭ قۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرى ھەم سابىق رەھبىرى. ئىلگىرى ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ھەربىي قىسمىدا 30 يىل ۋەزىپە ئۆتىگەن. ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشىدا ئىپادىسى كۆرۈنەرلىك بولغان.

2001-يىلىدىن باشلاپ ئىسرائىلىيىنىڭ باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. 2005-يىلىنىڭ ئاخىرىدا شارون لىكۇد گۇرۇھىدىن چېكىنىپ چىقىپ، ئىسرائىلىيە ئالغا پارتىيىسىنى قۇرغان، ھەمدە پرىزدېنتنىڭ پارلامېنتنى تارقىتىۋېتىشىنى تەلەپ قىلىپ، مۇددەتتىن بۇرۇن چوڭ سايلام ئۆتكۈزگەن. 2006-يىلى ئىسرائىلىيە پارلامىنېت سايلىمىغا تارىختىن بۇيانقى ئۈچ مۇھىم پارتىيە-ئسرائىلىيە ئىشچىلار پارتىيىسى، ئىسرائىلىيە ئالغا پارتىيىسى، لىكۇد گورۇھى قاتناشتى، ئاتالمىش «ئۈچ تەرەپ تىركىشىش» تىن كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەي شارون سەكتە بولۇپ ھوشسىزلىنىپ، باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى داۋاملىق ئۆتەشكە ئامالسىز قالدى.

شارون دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا زور بەس-مۇنازىرە قوزغىغان شەخس، نۇرغۇنلىغان ئىسرائىلىيىلىكلەر ئۇنى «ئۇرۇش قەھرىمانى» دەپ قارايدۇ، ئۇنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا قوشقان تۆھپىسىنى مەدھىيىلەيدۇ. ھالبۇكى، يەنە بىر قىسىم باھالىغۇچىلار  ئۇنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرى دائىم ئىسرائىلىيە-پەلەستىن تىنچلىق تەرەققىياتىنى بۇزىدۇ دەپ قارايدۇ؛ يەنە بىر قىسىم كىشىلەر شارون مۇداپىئەدە بەك كۆپ قۇربانلىقلارنى بېرىش ئارقىلىق ئاندىن ئىسرائىلىيە-پەلەستىن تېنچىلىقىغا ئېرىشتى دەپ قارايدۇ؛ ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە بىرقىسىم كىشىلەر شاروننىڭ ئۇرۇش مەزگىلىدىكى ھەرىكەتلىرى (بولۇپمۇ 1982-يىلىدىكى لىۋان ئۇرىشى) ئۇرۇش مىزانىغا خىلاپ دەپ قارايدۇ. 2006-يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئىسرائىلىيە 10- تېلېۋىزىيە ئىستانىسى دوكلاتىدا، ساقچى تەرەپ ئىگىلىگەن ماتىرىياللارغا ئاساسلانغاندا شاروننىڭ ئوغلى ئومرى شارون ()Omri Sharon) نىڭ 3 مىليون ئامېرىكا دوللىرى پارا ئالغانلىقى ئاشكارلانغان.

ئارقا كۆرىنىشى

شارون ئىسرائىلىيە تېل ئاۋىۋ يافو (Tel Aviv-Yafo) نىڭ ئەتراپىدىكى شارون تاغ جىلغىسى ماللال يېزىسىدىكى يەھۇدىي دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. شارون ئائىلىسىنىڭ ئەسلى قوللانغان فامىلىسى ئېننىمەن (Ennemann) بولۇپ، كېيىن ئائىلىسى تۇرۇشلۇق جاي شارون تېغى جىلغىسىنىڭ نامىنى فامىلە قىلىپ ئۆزگەرتكەن. شاروننىڭ ئاتا-ئانىسى شمۇئېل (Shmuel) بىلەن ۋىرا (Vera) يەھۇدى دۆلىتىنى قايتا قۇرۇش مەسلىكىدىن. ئۇلار 1922-يىلى، سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئىسرائىلىيىگە كۆچمەن بولۇپ كەلگەن.

برگادادىكى ھاياتى

شارون ئىلگىرى ئەنگلىيە كانتېربۇرى (Canterbury) ئوفېتسىرلار ئىنىستىتوتى دا، ئېرۇسالېم ئىبرانىي ئۇنىۋېرسىتېتىدا، تېل ئاۋېۋ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقىغان. 1956-يىلى 10-ئايدا، ئەنگلىيە، فرانسىيە ۋە ئىسرائىلىيە قوزغىغان سۇۋەيىش قانىلى ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1967-يىلى گېنراللىق ھەربىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. يوم كىپپۇر ئۇرۇشى (Yom Kippur War) دا،ئىسرائىلىيە ھەربىي قوشۇنى قاتتىق زەربىگە ئۇچرىغاندا، شارون قول ئاستىدىكى ئىككى ھەربىي ئارمىيىگە رەھبەرلىك قىلىپ، سۇۋەيىش قانىلىنى تارتىۋېلىپ، ئۇرۇش ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتكەن ۋە قول ئاستىدىكى ئوفېتسىر-ئەسكەرلەر تەرپىدىن «يەھۇدىي پادىشاھى»، باشقىلار تەرپىدىن «ئىسرائىلىيىنىڭ پاتتونى (Patton)» دەپ ئاتالغان. 1982-يىلى ئۇ بەشىنچى قېتىملىق ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇرۇشىغا يەنە رەھبەرلىك قىلىپ، لىۋانغا ھۇجۇم قىلىپ كىرىپ، پەلەستىن ئازادلىق ئۇيۇشمىسىنىڭ كۈچىنى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچراتقان.

 سىياسىي ھاياتى

1975-يىلى 6-ئايدا، ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى رابىن (Rabin) نىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىخەتەرلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى بولغان .

1981-يىلى، ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن.

1982-يىلى 6-ئايدا، لىۋانغا تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشىنىڭ پىلانىنى تۈزگەن ۋە قوماندانلىق قىلغان.

1996-يىلدىن 1999-يىلى ئىسرائىلىيە چوڭ سايلىمىغىچە دۆلەت ئاساسىي مۇئەسسەلىرىنىڭ مىنىستىرى بولغان، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن.

1999-يىلى، لىكۇد گورۇھىنىڭ رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان.

2001-يىلى 2-ئايدا، لىكۇد گوروھىنىڭ رەھبىرى سالاھىتى بىلەن ئىسرائىلىيىنىڭ باش مىنىستىر سايلىمىغا قاتنىشىپ، غەلىبە قىلغان.

2002-يىلى 11-ئاينىڭ 2-كۈنى، يەنە بىر قېتىم لىكۇد گوروھىنىڭ باشلىقلىقىغا تاللانغان.

2003-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى، لىكۇد گورۇھىغا رەھبەرلىك قىلىپ سايلامدا ئۇتۇپ چىققان، لىكۇد گۇرۇھى پارلامېنتنىڭ بىرىنچى چوڭ پارتىيىسىگە ئايلىنىپ، شارون غەلبىلىك ھالدا باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۇدا ئۆز ئۈستىگە ئالغان.

2005-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى، ئەينى ۋاقىتتا ھاكىمىيەت يۈرگۈزىۋاتقان ئوڭ قانات لىكۇد گۇرۇھىدىن چېكىنىپ چىقىپ، ئىسرائىلىيە ئالغا پارتىيىسىنى قۇرغان ھەم رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان.

سەكتە خەۋپى

ئارىيېل شارونئارىيېل شارون

2005-يىلى 6-ئاينىڭ 18-كۈنى، شارون يىنىك دەرىجىدە سەكتە بولۇپ، ئېروسالىمدىكى بىر دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، شارون بىئاراملىق ھېس قىلغان ۋە سۆزلەش، ئالاقە قىلىشتا قىينالغانىكەن. كېيىن ئۇ تۇيۇقسىز ئىسرائىلىيە ھەربىي تەرەپ تېلىۋىزىيەسىدە پەيدا بولغان، ھەم داۋاملىق ئىسرائىلىيىنىڭ باش مىنىستىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئاممىنى خاتىرجەم بولۇشقا ئۈندىگەن.

شارون 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى يەنە بىر قېتىم يېنىك دەرىجىدىكى سەكتە سەۋەبىدىن دوختۇرخانىغا كىرىپ قالغان. بىراق ئىككى كۈندىن كېيىن (12-ئاينىڭ 20-كۈنى) دوختۇرخانىدىن چىققان. شارون خۇددىي پۈتۈنلەي ساقىيىپ كەتكەندەك (ھەتتا چۈشلۈك تاماقتا چوڭ يالپاقلانغان كالا گۆشى يېگەن) بولغان، بىراق يەنە سەكتە بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، دوختۇر شاروننى يېمەك-ئىچمەكتە دىققەت قىلىشقا ئاگاھلاندۇرغان. دوختۇر يەنە 2006-يىلى 1-ئايدا يۈرەك مۇسكۇلىنى تىكىش ئوپىراتسىيىسى قىلىشنى پىلانلىغان.

2006-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى كەچتە، شارون تۇيۇقسىز ئېغىر دەرىجىدە سەكتە بولۇپ ئېرۇسالېم خاداسساھ (Hadassah) دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ بېرىلىپ جىددىي قۇتقۇزۇلغان. 1-ئاينىڭ 6-كۈنى مېڭىسىدىن قان چىقىپ توختىمىغانلىقى ئۈچۈن، يەنە بىر قېتىم ئوپراتسىيە قىلىنغان. خاداسساھ (Hadassah) دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرخانا باشلىقى شلومو مور (Shlomo) ۋە شاروننىڭ ياردەمچىسى ئۇنىڭ ئەمدى باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 1-ئاينىڭ 9-كۈنى، دوختۇرنىڭ ناركوز دورىسىنى ئىشلىتىشنى ئازايتىشى ئارقىسىدا، شارون مۇستەقىل نەپەسلىنىشكە باشلىغان، بىراق يەنىلا ئوكسىگىن ماسكىسىدىن ئايرىلالمىغان. مور ئەھۋالنىڭ يەنىلا خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى، ئۇ ھوشىغا كەلگەندىن كېيىن ئاندىن مېڭىسىنىڭ يارلىنىش ئەھۋالىغا ھۆكۈم قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېتقان؛ يەنە بىر تەرەپتىن، مۇۋەققەت باش مىنىستىر ئېھۇد ئولمېرت (Ehud Olmert)  شاروننىڭ داۋاملىق ۋەزىپە ئۆتەيدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن. 1-ئاينىڭ 11-كۈنى، شاروننىڭ كېسەللىك ئەھۋالى ياخشىلانغان بولسىمۇ، ئەھۋال يەنىلا ئېغىر بولۇپ، شلومو مور ئۇنىڭغا ناركوز ئوكۇلى ئۇرۇشنى توختىتىشنى پىلانلىغان.

2-ئاينىڭ 10-كۈنى شاروننىڭ ھەزىم قىلىش سىستىمېسى ئېغىر زەخمىگە ئۇچرىغان، ئەھۋال خەتەرلىك بولۇپ، دوختۇر ئۇنىڭ ھايات قېلىش پۇرسىتىنىڭ تۆۋەنلىكىنى بىلدۈرگەن. 4-ئاينىڭ 11-كۈنى، ئىسرائىلىيە پارلامېنت ئىچكى كابېنتى ئالاھىدە يىغىن چاقىرىپ، شاروننىڭ ۋەزىپىسىنىڭ مەڭگۈلۈك ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇۋەققەت باش مىنىستىر ئېھۇد ئولمېرت (Ehud Olmert) ۋاقىتلىق مىنىستىرلىققا تەيىنلەنگەن. بۇ ئىسرائىلىيە سىياسىي ساھەسىدە بەش يىل ھۆكۈم سۈرگەن شارون دەۋرىنىڭ ئاياغلاشقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

2007-يىلى 4-ئاينىڭ 18-كۈنى شاروننىڭ كېسەللىك ئەھۋالىدا ياخشىلىنىش بولدى، ھەتتا گەپ قىلالىغۇدەك دەرىجىگە يەتتى. 2010-يىلى 11- ئاينىڭ 12-كۈنى، تۇققانلىرى ئۇنىڭ ئۆيدە كۈتۈنۈشى ئۈچۈن ئېلىپ كەتتى.

2014-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى، شاروننىڭ ئەھۋالى يەنە بىر قېتىم يامانلاشتى، كۆپ قىسىم ئىچكى ئەزالىرى زەئىپلەشتى، بەلكىم ھاياتى خەۋپكە ئۇچىرىشى مۇمكىن.

2014-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى، كېسەللىك ئەھۋالى تېخىمۇ يامانلاشتى، ھەر ۋاقىت ھاياتىدىن ئايرىلىش خەۋپى بار.

2014-يىلى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى ئارىيېل شارون 85 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.

سىياسىي ئىدىيىسى

جەڭ مەيدانلىرىدا باتۇرانە كۈرەش قىلغان، تەكرار تۆھپە كۆرسەتكەن شارون پەلەستىن-ئىسرائىلىيە مەسىلىسىدە سەمىمىي ۋە قاتتىق قوللىقى بىلەن مەشھۇر ئىدى. شارون ئىلگىرى پەلەستىن-ئىسرائىلىيە سۆھبىتىگە قارشى تۇراتتى، پەلەستىننىڭ مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇشىغا قارشى تۇراتتى. 1998-يىلى، پەلەستىن-ئىسرائىلىيە كىلىنتون ھۆكۈمىتىنىڭ تىرىشچانلىقى ئاستىدا «ۋىيى (wye) ئەسلەتمىسى» نى ئىمزالىدى. شاروننىڭ كەسكىن قارشى تۇرىشى بىلەن، پەلەستىن-ئىسرائىلىيە سۆھبىتى قاتمال ھالەتكە كىردى. 2000-يىلى 9-ئايدا، شاروننىڭ تالاش-تارتىش بولىۋاتقان تېمپول (Temple) تېغى رايونىغا زورلۇق بىلەن كىرىشى، بىرمەيدان پەلەستىن-ئىسرائىلىيە قانلىق توقۇنۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

شارون باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن، پەلەستىن مەسىلىسىگە نىسبەتەن قاتتىق قوللۇقىنى ئاستا-ئاستا ئۆزگەرتتى، بولۇپمۇ 2002-يىلى 6-ئايدا ئامېرىكا پرېزدېنتى بۇش شەرت قويۇش ئاساسىدا ھالدا پەلەستىن دۆلەت قۇرۇلىشىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى تىنچلىق پىلانىنى قوللىغاندىن كېيىن، شاروننىڭ پەلەستىن-ئىسرائىلىيە مەسىلىسىگە نىسبەتەن پوزىتسىيىسىدە ئازراق ئۆزگىرىش بولدى. شۇ يىلى 12-ئايدا، شارون تۈنجى قېتىم بىر تۈرلۈك پەلەستىن دۆلەت قۇرۇش لاھىيىسىنى ئوتتۇرغا قويۇپ، پەلەستىنگە شەرت قويۇش ئاساسىدا دۆلەت قۇرۇشىغا قوشۇلدى.

2003-يىلى 5-ئايدا، ئامېرىكا، روسىيە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرا شەرق «يول لاھىيىسى» پىلانىنى ئوتتۇرغا چىقىرىشى بىلەن، پەلەستىن-ئىسرائىلىيە ۋەزىيىتىدە بىر مەزگىل ياخشىلىنىش بولدى. ئىسرائىلىيىنىڭ قاتتىق قول سىياسەت يۈرگۈزۈشى، سېپىل قۇرۇلىشىنى داۋاملاشتۇرۇشى ۋە پەلەستىنگە نىسبەتەن «نۇقتىلىق تازلاش» ئېلىپ بېرىشى، پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىنىڭ يەنە باشلىنىشىغا سەۋەب بولدى، «يول لاھىيىسى» پىلانىمۇ يېرىم يولدا توختاپ قالدى.

نىكاھ ۋە ئائىلىسى

شارون ئائىلىسىشارون ئائىلىسى

بىرىنچى ئايالى: جۇلى (July) ، 1962-يىلى 5-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئېرۇسالېمدا قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچراپ قازا قىلدى. ئۇلارنىڭ بىر ئوغلى بولۇپ، ئىسمى گۇر شارون ((Gur Sharon

ئىككىنچى ئايالى: لىلى (Lily)، ئالدىنقى ئايالى جۇلىنىڭ سىڭلىسى، ئىلگىرى پاراشۇتچى قىسىمدا ۋەزىپە ئۆتىگەن. جۇلى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇ دائىم شاروننىڭ تۇرالغۇسىغا كىرىپ چىقىپ يۈرگەن، 1963-يىلى ئىككىسى توي قىلىپ، 1964-يىلى 8-ئاينىڭ 19-كۈنى، لىلى بىرىنچى بالىسى ئومال شاروننى تۇغقان. ئۇلارنىڭ باشقا پەرزەنتلىرى ئېنىق ئەمەس.


مەنبە: ۋىكىپېدىيەدىن تەرجىمە قىلىندى

تەرجىمىدە ئامىنە

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 1091 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 9قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2014-01-14