«شىنجاڭ 12-ئاپرېل سىياسىي ئۆزگىرىشى» ۋە شېڭ شىسەينىڭ تەخىتكە چىقىشى


«شىنجاڭ 12-ئاپرېل سىياسىي ئۆزگىرىشى» ۋە شېڭ شىسەينىڭ  تەخىتكە چىقىشى

 

      1933-يىل ئەتىيازدا ماچۇەنلۇ قوشۇنى ئۈرۈمچى شەھىرىنى مۇھاسىرىگە ئالدى. جىن شۇرېن ھۆكۈمرانلىقىنىڭ چىرىكلىكى ۋە ئۈرۈمچىنىڭ مۇھاسىرە ئىچىدە قېلىشى بىر مەيدان سىياسىي ئۆزگىرىشنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولدى. 4-ئاينىڭ 12-كۈنى دۇبەن مەھكىمىسى مەسلىھەتچىلەر باشقارمىسىنىڭ باشلىقى چېن جۇڭ، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ باش كاتىپى تاۋ مىڭيۆ، ئاۋىئاتسىيە مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى لى شياۋتەن قاتارلىق كىشىلەر ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق «بەيئەت بولغان ئاق گىۋاردىچىلار قوشۇنى» بىلەن ئالاقە باغلاپ، ھەربىي سىياسىي ئۆزگۈرۈش قوزغاپ، جىن شۇرىننى تەخىتتىن قوغلاپ چۈشۇردى،بۇ تارىختا «شىنجاڭ 12-ئاپرېل سىياسى ئۆزگۈرۈشى» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ قېتىمقى سىياسى ئۆزگۈرۈش شەرقى شىمال ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننى قۇتقۇزۇش ئارمىيسىنىڭ قوللىشىغا ئىرىشتى. سىياسىي ئۆزگۈرۈشتىن كېيىن، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت تەشكىل قىلىندى، ليۇ ۋېنلوڭنى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسلىكىگە، شىڭ شىسەينى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ دۇبەنلىكىگە كۆرسەتتى. شىڭ شىسەي شىنجاڭنىڭ ھەربىي چوڭ ھوقۇقىنى ئاسانلا چاڭگىلىغا ئىلىۋالدى.شۇنىڭدىن ئىتىبارەن، شىنجاڭ شىڭ شىسەينىڭ مىلىتارىستلىق ھۈكۈمرانلىق قىلىش دەۋرىگە قەدەم قويدى.

  1933-يىلى ئەتىيازدا ماچۈەنلۇنىڭ قوشۇنى ئۈرۈمچىنى مۇھاسىرگە ئالدى، شەھەر ئىچىدە «ئاچارچىلىق، سۇسىزلىق، سوغۇق ئازابى» تۈپەيلىدىن ھەممە كىشى ساراسىمگە چۈشتى. ھۆكۈمرانلار گۇرۇھى ئىچىدىكى بەزى تەرەققىيپەرۋەر كىشىلەر جىن شۇرىننىڭ ئەكسىيەتچىل چىرىك ھۈكۈمرانلىقى بۇ يېغىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان تۈپ مەنبە؛ كىرزىستىن قۇتۇلۇش، يېغىلىقنى چەكلەش ئۈچۈن، جىن شۇرېن ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش كېرەك دەپ ھېسابلىدى. «شىنجاڭ 12-ئاپرېل سىياسى ئۆزگىرىشى» دەل مۇشۇنداق تارىخى ئارقا كۆرۈنىشتە يۈز بەردى.

  «شىنجاڭ 12-ئاپرېل سىياسى ئۆزگىرىشى» نى ئاساسىلىق قوزغىغۇچىلار دوبەن مەھكىمىسى مەسلىھەتچىلەر باشقارمىسىنىڭ باشلىقى چېن جوڭ، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ باش كاتىپى تاۋمىڭيۆ ۋە ئاۋىئاتسىيە مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى لى شىياۋ تىيەن ئىدى. سىياسى ئۆزگۈرۈشكە قاتناشقۇچىلاردىن يەنە دىپلوماتىيە مەخسۇس خادىملار مەھكىمىسىنىڭ خىزمەتچىسى جاڭشىڭ ۋە جاۋ دېشۇ قاتارلىق كىشىلەرمۇ بار. گومىنداڭ شىنجاڭ ئۆلكىلىك پىرقىسى مەخسۇس خادىمى گۇڭ بىچېڭ، بەييۇ شىيو بىلەن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت مەسلەھەتچىسى ۋۇ ئەيچېن قاتارلىقلارمۇ سىياسى ئۆزگۈرۈشنى پىلانلاشقا قاتناشتى.  بەيئەت بولغان ئاق گۋاردىچىلەر قۇشۇنىنىڭ كاتتا باشلىرىدىن پانپىنگورىت بىلەن ئان تونوۋلار جىن شۇرېندىن تەمىنات (خىراجەت) بىرىشنى تەلەپ قىلغاندا، سوغۇق مۇئامىلە ۋە ئەيىپلەشكە ئۇچۇرغانلىقتىن، بەيئەتچى قوشۇندىن 400 دىن كۆپرەك كىشى بۇ قېتىمقى سىياسىي ئۆزگۈرۈشتە ئاۋانگىراتلىق رول ئوينىدى.

  4-ئاينىڭ 12-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت بىر دە، 200 دەك بەيئەت بولغان قوشۇن شەھەر ئىچىگە كىرىپ، بۆلۈنۈپ، بىرقىسمى شەھەر قوۋۇقلىرىنى ئىشغال قىلىۋالدى؛ يەنە بىرقىسمى دۇبەن مەھكىمىسىنى مۇھاسىرە قىلىۋالدى ھەمدە جىن شۇشىن، شۇي جاۋجى قاتارلىق كىشىلەرنى ئەسىرگە ئالدى. جىن شۇرېن يېغىلىقتا ئائىلە تەۋەلىرىنى ئىلىپ ئارقا تامدىن ئارتىلىپ چۈشۈپ غەربىي قوۋۇقتىكى 1-ساقچى شۆبى ئىدارىسىگە قىچىپ بىرىۋالدى. شۇ كۈنى كەچتە، سىياسىي ئۆزگۈرۈش قوزغىغۇچىلار بەيئەت بولغان قۇشۇننىڭ قۇماندانلىق شىتابىدا ۋاقىتلىق جىددى يىغىن چاقىردى. بۇ يىغىندا تۆۋەندىكى بەش ماددىلىق تەكلىپ لاھىيىسى ماقۇللاندى: (1) دۇبەنلىك تۈزۈمىنى ھەربىي ئىشلار كومىتىتى تۈزۈمىگە ئۆزگەرتىپ، شەرقى شىمال ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش، ۋەتەننى قۇتقۇزۇش ئارمىيسىنىڭ مۇۋەققەت باش قۇماندانى جىڭ رۇنچېڭنى ۋاقىتلىق ھەربىي ئىشلار كومىتىتىنىڭ باشلىقلىقىغا بىردەك كۆرسىتىش؛ (2) ليۇ ۋېنلوڭنى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسلىكىگە بىردەك كۆرسىتىش؛ (3) پۈتۈن ئۆلكىدىكى ھەرمىللەت خەلقىنىڭ ھاياتى ۋە مال مۈلىكىنى قوغداش؛ (4) جىن شۇرېن ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلىكىنى قوغداش؛ (5) سوۋېت ئىتىپاقىنىڭ كونسۇلخانىسىنىڭ بىخەتەرلىگىنى قوغداش.

  يىغىن شۇ ھامان ئادەم ئەۋەتىپ يۇقۇردىكى تەكلىپ لاھىيىسىنى جىن شۇرېنغا  يۈز تۇرانە ئىزھار قىلدى. جىن شۇرېن ئەۋەتىلگەن تەكلىپ لاھىيىسىگە قىلچە پىسەنىت قىلماي، شەھەرنىڭ سىرتىدا تۇرىۋاتقان لۈينىڭ لۈيجاڭى ياڭ جىڭجوڭغا لەشكەر باشلاپ قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈشكە بۇرۇق بەردى. 4-ئاينىڭ 13-كۈنى تاڭ سەھەر سائەت  ئىككى يىرىمدا ئىككى تەرەپنىڭ شىددەتلىك ئۇرۇشى باشلاندى. ياڭجىڭ جۇڭ قوشۇنى شەھەرگە ھۇجۇم قىلىپ كىرىپ بەيئەت بولغان قوشۇن بىلەن كوچا جېڭى ئىلىپ باردى. بەيئەت بولغان قوشۇن بارغانسېرى ھالىدىن كەتتى. 13-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن تاۋمىڭ يۆنىڭ تەلىپى بىلەن جېڭ رۇيچۋڭ شەرقىي شىمال ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ۋەتەننى قۇتقۇزۇش ئارمىيسىگە جەڭگە ئاتلىنىش بۇيرۇقى بەردى. ياڭ جېڭجوڭ قىسمى مەغلۇپ بولۇپ شەھەر سىرتىغا چېكىندى، شەھەر ئىچىدىكى ئىككى تۇەن ئۆلكە قوشۇنى قۇرال-ياراق تاپشۇرۇپ تەسلىم بولدى، چۈشتىن كېيىن سائەت تۆتتە، جىن شۇرېن ۋەزىيەتنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىگە كۆزى يېتىپ، ياڭ جېڭجۇڭنىڭ مۇھاپىزەت قىلىشى بىلەن شىخۇغا قاچتى. جىن شۇرېن شىخۇدا ئىلى بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ئەمەلدارى جاڭ پىييۇەنگە قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈش توغرىسىدا تىلىگىرامما ئەۋەتتى. جاڭ پىييۇەن جىن شۇرېننىڭ ئۆزىنى «شەرقى يول باندىتلارنى تازلاش باش قوماندانى» لىق ۋەزىپىسىدىن ئېلىۋەتكەنلىكىدىن ئىنتايىن نارازى بولغاچقا، ئەسكەر چىقىرىشنى رەت قىلىپلا قالماستىن، بەلكى جىن شۇرېننىڭ ئىلىغا قېچىپ كېلىشىگىمۇ يول قويمىدى.جىن شۇرېن نائىلاج چۆچەككە باردى، كېيىن سىبىرىيە ئارقىلىق 7-ئاينىڭ 20-كۈنى تىيەنجىنگە يىتىپ باردى. ئۇزۇن ئۆتمەي ئۈستىدىن شىكايەت قىلىنىپ قولغا ئېلىندى ھەمدە ئۈچ يىل ئالتە ئاي مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.

  «12-ئاپرېل سىياسىي ئۆزگىرىشى» يۈز بەرگەن كۈنى، «شەرقى يول باندىتلارنى تازىلاش باش قوماندانى» شىڭ شىسەي ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۇلانبايدا تۇرۇۋاتاتتى. ئىككىنچى كۈنى سەھەردە شېڭ شىسەي قۇشۇننى باشلاپ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شەرقى شىمالىدىكى ئېگىز يەر «بىر زەمبىرەك بىلەن غەلبە قىلىش» نى ئىگىلىدى. ئۇ ۋەزىيەتنى دەڭسەپ پايدا-زىياننى مۆلچەرلەپ بېقىپ، مىلتىقنىڭ ئاغزىنى بۇراپ، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ جىن شۇرېنغا قارشى تۇرۇش قارارىغا كەلدى ھەمدە قولىدىكى ھەربىي قوشۇندىن پايدىلىنىپ شىنجاڭغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئالىي ھۇقۇقىنى قولغا كىرگۈزىۋالماقچى بولدى. 4-ئاينىڭ 14-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ليۇ ۋېنلۇڭ ۋاقىتلىق ئامانلىق ساقلاش كومىتېتىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق يىغىنىنى چاقىردى. يىغىندا، ئالدى بىلەن شېڭ شىسەي، جاڭ پىييۇەن ۋە بىر قىسىم ئۇيغۇر، خۇيزۇ، موڭغۇل، قازاق، شىبە قاتارلىق مىللەتلەردىن كېلىپ چىققان مەشھۇر زاتلارنى ۋاقىتلىق ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ھەيئەت ئەزالىقىغا كۆپەيتىپ سايلىدى. ئارقىدىن ھەربىي ئىشلار رەھبەرلىك ئاپپاراتى ۋە ئۇنىڭ نامزاتلىرىنى كۆرسىتىش مەسلىسى نۇقتىلىق مۇھاكىمە قىلىندى. پانپىنگورت، ليۇ ۋېنلۇڭ قاتارلىق كىشىلەر دۇبەنلىك تۇزۇمىنى ئەسلىگە كەلتۇرۇش، ۋاقىتلىق ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنى بىكار قىلىشنى تەشەببۇس قىلىشتى؛ پانپىنگورتمۇ شىڭ شىسەينى ۋاقىتلىق دۇبەن قىلىپ تاللاش تەكلىپىنى بەردى. جېن رۇنچېڭ ئۇنىڭ تەكلىپىگە قوشۇلمىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئەمما چېن جوڭ قاتارلىق سۈكۈت قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ پىكىرىنى ساقلاپ قىلىش پوزىتسىيسىنى بىلدۈردى. شىڭ شىسەيمۇ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە قول ئاستىدىكىلەرگە يىغىن مەيدانىنى مۇھاسىرە قىلىپ، يىغىنغا قاتناشقان كىشىلەرگە تەھدىت سىلىشنى بۇيرىدى، يىغىنغا قاتناشقان ھەيئەتلەر «ئاخىرى نائىلاج شېڭ شىسەينى دۇبەنلىككە (ۋاقىتلىق) سايلىدى». شېڭ شىسەي شىنجاڭنىڭ ھەربىي چوڭ ھۇقۇقىنى ئاسانلا چاڭگىلىغا كىرگۈزىۋالدى. شۇنىڭدىن ئىتىبارەن، شىنجاڭ شېڭ شىسەينىڭ مىلىتارىستلىق ھۆكۈمرانلىق دەۋرىگە كىردى.

    ئىزاھات: 1926-يىلىلا گومىنداڭ شىنجاڭغا ئۆلكىلىك پىرقىسىنى قۇرۇش تەيارلىق خىزمىتىنى ئىشلىگەنىدى، ياڭ زىنشىن، جىنشۇرۇىنلارنىڭ چەتكە قېچىشى ۋە توسقۇنلۇق قىلىشى تۈپەيلىدىن، 1932-يىلىغا كەلگەندە ئاندىن گومىنداڭ شىنجاڭ ئۆلكىلىك پىرقىسى قۇرۇلدى.


مەنبە:شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتىنىڭ «شىنجاڭنىڭ يەرلىك تارىخى» نامىلىق كىتاپتىن ئىلىندى.

توردىكى مەنبەسى: مىسرانىم مۇنبىرى

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 3

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 1085 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 1قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2014-01-10