زەلىلىنىڭ بىر قىسىم بەدئىي سەنئەتلىرى توغرىسىدا

زەلىلىنىڭ بىر قىسىم بەدىئىي سەنئەتلىرى توغرىسىدا


تۇرسۇن قۇربان تۈركەش


(شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنستىتوتى 830046)


    شەرق ئەدەبىياتىدا مىڭ يىللار داۋامىدا شەكىللىنىپ، سەنئەت نامىنى ئالغان بەدىئىيلىك ۋاسىتىلىرى پەقەتلا شېئىرنىڭ ئاددى بېزىكى ئەمەس، بەلكى شائىرنىڭ مەقسىتىنى ئوقۇغۇچىغا يەتكۈزۈپ، ئۇلارنىڭ دىت ۋە زەۋقى بىلەن يازغۇچىنى باغلايدىغان رىشتە، مۇئەللىپنىڭ رەڭدار تۇيغۇلار ئالەمى ھەققىدە تەسەۋۋۇر بەرگۈچى مەنبە بولۇپ كەلگەن. ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ئەسەرلەرنى قۇرۇلما ياكى بەدىئىيلىك جەھەتتىن تەھلىل قىلىش قېىلىپلاشقان، ئاددى ۋە ئىپتىدائىي بىر نەچچە جۈملە ئارقىلىقلا ئېلىپ بېرىلىدۇ، ماھىيەتلىك كونكرېت تەتقىقات تازا راۋاجلانمىغان. يەنە كېلىپ بىر ئاپتورنىڭ ئەسىرى ئۈستىدە بۇنچىلىك كۆپ سەنئەت نۇقتىسىدىن ئىزدىنىش قىيىن ۋە بىرىنچى قېتىم. بىز زەلىلى دىۋانىنى بەدىئىيات نۇقتىسىدىن ئۆگەنگىنىمىزدە، بىر سەنئەت باشقا بىر ئۇسۇلنىڭ ۋاسىتىسىدە بارلىققا كەلگەچكە، ماھىيەت جەھەتتىن ئۆزىگە خاس بولغان سەنئەتلەرنىڭ كونكرېت شېئىرى بېيتلاردا بىر-بىرىگە ئوخشىشىپ قالغانلىقىنى ياكى بىر بېيىتتا نەچچە خىل سەنئەتنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلگەنلىكىنى ئۇچرىتىمىز. بۇنداق ئەھۋالدا شېئىردىكى ئاساسىي ھېسسىي كەيپىيات ۋە ئاپتورنىڭ مەقسىتى نۇقتىئىنەزەردىن چىقىپ، يېتەكچى سەنئەتنى ئايرىپ چىقىشقا تىرىشتۇق. ئۇنىڭدىن باشقا بىز زەلىلىي دىۋانىدىكى ھەربىر سەنئەتنى ئەتراپلىقراق چۈشەندۈرۈش ۋە كىتابخانىلاردا كىلاسسىك ئەدەبىياتىمىزغا نىسبەتەن چوڭ جەھەتتىن تەسەۋۋۇر قوزغىتىش مەقسىتىدە نەۋايى ۋە باشقا نامايەندىلەرنىڭ غەزەللىرىدىنمۇ مىسال كەلتۇردۇق. سۆز سەنئىتىنىڭ بىزگە ئانچە تونۇشلۇق بولمىغان بەزى ئۇسۇللىرىنىڭ ئەرەبچە، پارسچە ئىسىملىرىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ ئالدۇق.

1.ئوخشىتىش

ئوخشىتىش ـ بەدىئىي تەپەككۇرنىڭ قەدىمكى ئەڭ كۆپ قوللىنىلىدىغان ئېلېمېنتلىرىدىن بولۇپ، ئۇنى سۆز ئۇيۇنى قىلىش مەقسىتىدە ئەمەس، بەلكى ئۆز بەدىئىي غايىسىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن قوللانمىغان شەرق ۋە ئۇيغۇر شائىرلىرى يوق دېيەرلىك. ئۇنىڭ ماھىيىتى سۆزلەردە ئىپادىلەنگەن ئىككى يەكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق نەرسە، ھادىسە ياكى خۇسۇسىيەتنى ئۇلار ئوتتۇرىسىدا مەۋجۇت بولغان بىرەر ئوخشاشلىق ياكى ئومۇمىيلىق سەنئىتىدۇر.

1) تولۇق ئوخشىتىش

ئوخشاشلىق ھاسىل قىلىۋاتقان ھەر ئىككى نەرسە ياكى ھادىسە بىر-بىرىگە ھەممە جەھەتتىن ئوخشىسا ياكى ماسلاشسا بۇنداق ئوخشىتىش تولۇق ئوخشىتىش دەپ ئاتىلىدۇ.زەلىلىينىڭ «دىل ئارامىغا» سەترەلىك 105-غەزىلىدىكى تۆۋەندىكى بېيىتدا تىل شەكلى ۋە ماھىيەتلىك خاسىيىتى بىلەن زۇلفىقارغا ئوخشىتىلغان.

مۇنافىقلارغا بۇ مەيدان ئىچىدە،

تىلىمدۇر زۇلفىقار، ئەقىل دۇلدۇل.

2) قىسمەن ئوخشىتىش

بۇ تۇلۇق بولمىغان ئوخشىتىش دەپمۇ ئاتىلىدۇ.ئىككى نەرسە ياكى ھادىسىنىڭ ئوخشاشلىقى قىياس قىلىنغاندا، ئۇلارنىڭ ئايرىم-ئايرىم خاراكتېرلىك بەلگە ۋە خۇسۇسىيەتلىرىلا نەزەردە تۇتۇلسا (مەسىلەن، گۈلنىڭ قىزىللىقى، ھىلال ئاينىڭ ئەگرىلىكى ۋە تۈننىڭ قاراڭغۇلۇقى ...) بۇ قىسمەن ئوخشىتىش بولىدۇ. شائىر 9-غەزىلىدە بۇنداق ئوخشىتىشتىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلانغان.

كۆزلەرىم چۈن شىشە ھايى قىرمىزىدەك بولمىغاي،

تەلبە كۆڭلۈم گەر جەمالىغا گىرىفتار

 ئوخشىتىش تۈزۈلۈشى، ئىچكى ۋە تاشقىي خۇسۇسىيەتلىرىگە ئاساسەن تۆۋەندىكىدەك بىر نەچچە تۈرگە بۆلىنىدۇ. بىز زەلىلىي شېئىرىيىتىدىن بۇلارنىڭ ھەممىسىگە دائىر مىساللارنى ئۇچرىتىمىز.

① ئوچۇق ئوخشىتىش. بىر نەرسىنى ئىككىنچى بىر نەرسىگە دەك-تەك، گويا-كەبى، ياڭلىغ قاتارلىق ئوخشىتىش ۋاسىتىلىرىنىڭ ياردىمىدە توغرىدىن –توغرا ئوخشىتىشتىن ئىبارەت. زەلىلىينىڭ  126-،146- غەزەلىدىكى بىر قىسىم بېيتلار پىكرىمىز ئۈچۈن ياخشى مىسال بولالايدۇ.

ياتار يۇلتۇز كەبى ئارتۇشدا ھەريان تۈرفە بۇزۇرگلار ،

ۋە لېكىن ھەزرەتى سولتان ساتۇقنى ماھ دەپ كەلدىم..


كاشكى گۈلدەك يۈزۈڭنى كۆرمەگەي ئەردىم بۈگۈن،

بۇلبۇلى ئاشۇفتە ياڭلىغ كۆيمەگەي ئەردىم بۈگۈن.

② شەكىللىك ئوخشىتىش . بۇ بىرنەرسە ياكى ھادىسىنى باشقا بىر نەرسە ياكى ھادىسىگە مەلۇم شەرت بىلەن ئوخشىتىشتۇر. بۇ تۈر ئوخشىتىش ۋاستىلىرىدىن سا-سە، ئەگەر (گەر، ئەر، ئەگەردە) قاتارلىق قوشۇمچە ۋە باغلىغۇچىلارنىڭ قاتنىشىشى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. زەلىلىينىڭ  «بولمىسا»، «ئولمىسا» قاتارلىق ئونلىغان غەزەللىرىدە شەرتلىك ئوخشىتىشتا تەۋە ئاز بولمىغان بېيىتلارنى ئۇچرىتىمىز.

ئەي زەلىلىي بۇ نېچۈك سۆزدۇر دىبان ئەيىب ئەتمەگىل ،

جىلۋە بەرمەيدۇ ھەقىقەتنىڭ مەجازى بولمىسا...


يار ئەمەس دەرماندا بولغان چاغ ساڭا يار ئولماسا،

كىم يىقىلغاندا تۇتۇپ ئىلىكىڭ مەدەتكار ئولماسا...


گۈل قەددى قامەتىنى شەمشاد ئەگەر قىلماسا،

بۇلبۇلدە ئەيىب يوقدۇر فەرياد ئەگەر قىلماسا...

3) چېكىنمە بايان

بۇ ئۇسۇلدا شائىر ئاۋۋال بىر نەرسىنى باشقا بىر نەرسىگە ئوخشىتىدۇ، كېيىن دەرھال بۇنداق ئوخشاشلىق تەسەۋۇرىدىن قانات تاپماي ئوخشالغۇچىدا مەلۇم ئەيىب ياكى نۇقساننىڭ بارلىقى سەۋەبلىك ئۆز ئوخشىتىشىدىن قايتىپ ئوخشىتىلغان نەرسىنى ئوخشالغان نەرسىدىن ئۈستۈن قويىدۇ. بۇ ئەدەبىي ئىجادىيەتتە شائىرغا  ئۆز غايىۋى پىكىرىنى كۈچەيتىپ ئىپادىلەيدىغان بەدىئىي سەنئەتتىن ئىبارەت. بۇ ھەقتە «زەلىلىي دىۋانى» دا بەزى بېيتلار بار.

يول باشلىغۇچى كەئبە تەۋافىغە نە ھاجەت،

ھەر خارى خەسى دەشتى سەۋدا ھەرەمىمىدۇر...


باغ ئارا شافتالۇ ئۈزمەكلىككە كىردىم ئالما دەر،

باغبانى ناتەۋان بىن بەردى ئاخىر نارىدىن...

ئەلشىر نەۋايى بۇ ئۇسۇل بىلەن يېزىشنىڭ ئۇستازى ئىدى.شائىرنىڭ قىشتىكى دادالارنىڭ مۇز تۇتۇپ پارقىراپ تۇرغانلىق ھالىتىنى ئەينەككە ئوخشىتىپ، ئاندىن بۇنداق ئاددىي قىياسلاشتىن قانائەت قىلماي، ئۇنى چىن ئەينىكىگە ئوخشاتقانلىق ھەققىدىكى بېيىتىنى چېكىنمە ئوخشىتىشنىڭ نەمۇنىسىنى ياراتقان.

مۇز ئەيلەپ يەر يۈزىن ئايىنە ئايىن،

غەلەت قىلدىم، دېگىل ئائنەئى چىن.


   بۇنىڭدىن باشقا خەلق پوئىتىك ئاغزاكى ئىجادىيىتىدىكى «ئاي دېسە ئىغىزى بار، كۈن دېسە كۆزى» دېگەن فورمىسىدىكى ئوخشىتىشلاردا ئەمەلىيەتتە ئوخشالغۇچىدىن ۋاز كېچىپ، ئايدىنمۇ، كۈندىنمۇ چىرايلىق، دېگەن كۈچەيتمە پىكىر ئالغا سۈرۈلىدۇ.

4) يوشۇرۇن ئوخشىتىش

سۆز سەنئىتىگە ئائىت مەخسۇس ئەسەرلەردە بۇ ھەقتە مۇنداق بايانلار بار :«بۇ خىل ماھارەتنىڭ ماھىيىتى شۇنىڭدىن ئىبارەتكى شائىر بىرەر نەرسىنى ئىككىنچى بىر نەرسىگە قىياسلايدۇ. قارىماققا ئۇنىڭ مەقسىتى ئوخشىتىش ئەمەستەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە پىكىرنىڭ تېگىدە ئوخشىتىش مەۋجۇت». بۇ خىل ئوخشىتىش شائىردىن يۇقىرى ماھارەت تەلەپ قىلىدۇ. زەلىلىي يوشۇرۇن ئوخشىتىشنىڭ ياخشى ئۈلگىلىرىنى ياراتقان شائىر.

زەنجىرى جۇنۇن دېمەڭلار كاكۇل،

ھەر ھەلقىئى تارى مىڭ بالادۇر...


كەمەر باغلاپ چىقىپدۇر ئەلنى قاتل ئەيلەرگە خۇنرېزى،

بەلې شەھلا كۆزىدىن ھەر مىژە بىر خەنجىرى تېزى...


5)قاتار ئوخشىتىش

ئوخشىتىشنىڭ بۇ تۈرلىرى ئارقىمۇ-ئارقا ئوخشىتىش دەپمۇ ئاتىلىدۇ. شائىر بىرەر نەرسنى كۆپتۈرۈپ يارقىن تەسۋىرلەش مەقسىتىدە، ئۇنى كەينى-كەينىدىن بىر نەچچە نەرسىگە قىياس قىلىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئوخشىغۇچى بىر، ئوخشالغۇچى بىر نەچچە بولىدۇ. مەسىلەن، زەلىلىي 99-غەزەلىدىكى:

لەلە ياپراغى ۋەيا ئەۋراقى گۈلدىن رەفتەرى،

مىسرەئى شوخىنى تەھرىر ئەتكەلى دىۋان كېرەك.

  دېگەن بېيتىدا يارنىڭ يۈزىنى ئاق لالە بەرگىلىرىگە ۋە ئاق قەغەزگە ئارقىمۇ ئارقا ئوخشىتىدۇ ئوخشىتىپ تەسۋىرلىگەن بولسا، 26-غەزىلىنىڭ باشلىمىسىدا:

ۋەھىكى ھىلالى قاشلىرىڭ سۈرەتىدۇر كەمان كەچ،

كىرپىكىڭ ئوقىدا قەتل قىل كىمىكى قىلۇر گۇمان كەچ.

دەپ يېزىپ بىرلا ۋاقتتا يارنىڭ قېشىنى ھەم ھىلال ئايغا ھەم ياغا ئوخشىتىپ تەسۋىرلەپ شېئىرىدا خېلى يۇقىرى بەدىئىي ئۈنۈمگە ئېرىشكەن.

6) كىنايەلىك ئوخشىتىش

بۇ خىل ئوخشىتىشنىڭ ماھىيىتى شۇنىڭدىن ئىبارەتكى، شائىر ئوخشىتىش ۋاستىلىرىنى ئىشلەتمىگەن ئەھۋالدا، ئوخشالغۇچىنىڭ نامىنىى ئېيتش يولى بىلەن نېمىگە ئوخشىتىلغانلىقىغا ئىما–ئىشارە قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مەلۇم نۇقتىدىن ئېيتقاندا، بۇ يېپىق ئوخشىتىشتۇر. ئوچۇق ئوخشىتىش «گۈلدەك چىرايلىق يۈزۈڭ» تەرىزىدە كەلسە، كىنايىلىك ئوخشىتىش «گۈل يۈزۈڭ» ھالىتىدە كېلىپ شېئىرىي ئىجادىيەتتە كىنايىلىك ئوخشىتىشنى كۆپ قوللىنىش شائىرنىىڭ ماھارەت ۋە ئىقتىدارىغا باغلىق.دىۋاندىكى 17-مۇخەممەس بۇ جەھەتتىن دىققەتكە سازاۋەر:

شەبنەم ساچىلدى سۈبھى يۈزۈڭنىڭ زىياسىدىن،

گۈلگە ئاچىلدى غۇنچە لەبىڭنىڭ ھاياسىدىن.


قاشنىڭ قىيامەت ئەيلەدى پەيۋەستە ياسىدىن،

قىلغىل تەرازۇ ئىككى كۆزۈمنىڭ قاراسىدىن.

 يەنە 129-،339-غەزەللەردە شائىر ئۆزىنىڭ سەنئەتكارلىق تالانتىنى مۇنداق نامايان قىلغان:

بەرگى ياپراغى بىلەن تا گۇلنى رۇپۇش ئەيلەمىش،

بۇلبۇلانى باغىنى گوياكى خامۇش ئەيلەمىش


نە ئىستىغنا قىلىچىن بىزگە تەنھا تەڭلەدى بولغاي،

كى پەيۋەستە قاشنىڭ ياسىدىن ئالەم خەراب ئەردى.

 بۇلاردىن باشقا دىۋاندىكى شەھلا كۆزۈڭ، ئاھۇيى مەردۇم، ئاي يۈزۈڭ كاكۇلى مۈشكىن، ھىلالى قاش، چېھرى گۈلگۈن، دىۋانە كۆڭۈل، رۇخسارى گۈل ، مىژە خەنجەر، ئايىنە كۆڭۈل، ئەي گۈل، ۋۇجۇدۇم كەربالا، يۈزۈڭ خۇرشىدىن، ھەلقە سۇنبۇل تەن قەلئەسى، گۈلىستانى كۆڭۈل، دېھقان سەمەندەر قاتارلىق بىرىكمىلەر يوشۇرۇن ئوخشىتىشنىڭ مۇنەۋۋەر ئۈلگىلىرىنى ياراتقان.

 2.مۇبالىغە

 مۇبالىغە ئەرەب تىلىدا «بىر ئىشقا قاتتىقى كىرىشىش، چوڭقۇرلاشتۇرۇش، كۈچەيتىش» دېگەندەك مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئەدەبىي ئەسەردىكى بەدىئىي تەسۋىر ئوبىكتىنىڭ ھالىتى ياكى خاراكتېرىنى كۆپتۈرۈپ ۋە كۈچەيتىپ ئىپادىلەش سەنئىتى دېمەكتۇر.

1)    ئاددىي مۇبالىغە

مۇبالىغىنىڭ بۇ تۈرى «تەبلىغ» دەپ ئاتىلىدۇ. ئەقلەن ئىشىنىش مۇمكىن ۋە ھاياتىدا يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىكى بولغان مۇبالىغىدۇر. دىۋاندىكى شائىرنىڭ ئىشقى مۇپتىلا لىق دەردت-ھالى ئىزھار قىلىنغان «سېنى لەيلىيۇ رەئىنادەك » سەتىرىلىرى بىلەن ئېچىلىدىغان غەزەلىدە تەبلىغ سەنئىتىنىڭ مۇنەۋۋەر ئۆرنىكى بار.

يۈرۈپ سوردۇم تەبىبلەردىن نېدۇر بۇ دەردىمە دەرمان،

تەبىب ئېيتۇركى ئەي نادان بۇ دەردۇ بىدەۋا دەردلەر.

ئاشىقلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىنىڭ ياخشى تېۋىپقا كۆرۈنۈشى مۇمكىنچىلىككە ئىگە تۇرمۇش رېئاللىقى بولۇپ بۇ مۇبالىغىلىك ھالەتتۇر. تېنى ئاجىزلاپ، پىكىر بۇزۇلغان كىشىنىڭ شۇنداق ھالەتتىمۇ شىپاكارغا كۆرۈنمەسلىكى خاتا قىلمىش. ئەمما بىز بۇ مۇبالىغىلىق تەسۋىردىن «بىداۋا ئاشىق» لارنىڭ تۇرمۇشتا پات-پات يۈز بېرىپ تۇرىدىغان سەۋدالىق ھالىتى ھەققىدە مەلۇم ئەقلەن تەسەۋۋۇرغا ئىگە بولىمىز. مەسىلەن:

گوياكى كۆڭۈل سەرھەدى باغى ئەلمىمىدۇر،

ئاشىق مەن، دۇنيانى سۇ ئالسا نە غەمىىمدۇر.

2)كۆپتۈرمە مۇبالىغە

ئەقلەن ھېس قىلغىلى بولىدىغان، ئەمما رېئال ھاياتنىڭ يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىكى پەقەتلا يوق بولغان بەلگە ياكى ھەرىكەتلەرنىڭ شېئىرىيەتتە كۆپتۈرۈلۈپ تەسۋىرلىنىشىدىن ئىبارەت. بۇ ئەرەبچە «ئىغراق» دەپ ئاتىلىدۇ. مەنىسى «كامانچىنى قاتتىق تارتىش» دېگەنلىكتىن ئىبارەت. «پەرھاد-شېرىن» داستانىدا شېرىننىڭ ئېتى دوقۇرۇشۇپ كېتەي دېگەندە، پەرھاتنىڭ يۈگۈرۈپ بېرپ، شېرىننى ئات بىلەن قۇشۇپ كۈتۈرىۋېلىش تەسۋىرى ئىغراق يەنى كۆپ تۈرمە مۇبالىغە بولسا، زەلىلىي بۇ خىل سەنئەتتىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىپ،كىتابخانلاردا ئۆز لىرىكىسىغا نىسبەتەن سۆيۈنۈش تۇيغۇسى قوزغاتقان.

كۆيدى مەگەر نەيۇ قەلەم خەت يۈزىدىن تۈتۈن چىقار،

تىغ زەبان نەغمەسەنچ بولدى زەلىلىي شۆئلەرېز...


كرپىگىڭنى بىر-بىرىگە قاقىشىڭ،

تەڭ كېلۇر ئالەمگە ئوتلار ياقىشىڭ...

ئايانكى، لىرىك قەھرىماننىڭ دەردىنى پۈتۈۋاتقان قەلەمگە ئاشۇ ھەسرەتتىن ئوت تۇتىشىپ، ئىنشا ئىزىدىن تۈتۈننىڭ چىقىشى؛ قىز ھەرقانچە گۈزەل بولغان تەغدىردىمۇ كىرپىكلىرىنىنىڭ تىگىشىشىدىن ئۇچقۇن ھاسىل بولۇپ ئەتراپقا ئوت كېتىش تۇرمۇشتىكى مۇمكىنسىز ئەھۋالدۇر.

3) پو

ئەقىلغە، تەسەۋۋۇرغا ۋە ئادەتكە ئۇيغۇن بولمىغان شۇنداقلا يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىكى مۇتلەق   بولغان ئەھۋالنىڭ مۇبالىغىلىك تەسۋىرى. ئەرەبچە «قولنى ئامال بار ئېگىز كۆتۈرۈش » مەنىسىدىكى غۇلۇۋ مۇبالىغىنىڭ ئەڭ مۇرەككەپ ۋە ئەڭ يۇقىرى خىل بولۇپ، بىز ئۇنىڭغا «پو» دەپ ئىسىم قويدۇق. شائىر مەلۇم ھالەت، بەلگە ۋە خاراكتېرلارنى ئەنە شۇنداق سۈرەتلىگەندە، كىتابخانىلارنى ئىشەندۈرۈشنى ئەمەس، بەلكى شۇ خىل ھالەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىسى ھەققىدە تەسەۋۋۇر قوزغىتىپ، كىتابخانىلارنى تەسۋىرىنىڭ شۇ قەدەر گۈزەللىكىدىن ئېستېتىك زوقلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.

  

    تەبەسسۇم ئەيلەبان تاكى نەزەر قىلساڭ گۆرىستانغا،

      قوپۇپ گۆردىن بارى مۇرد ھەمە ۋا ھەسرەتا دەرلەر.


  شائىر 52-غەزىلىدە مەشۇقنىڭ گۈزەللىكىنى گويا ئۈلۈككە جان كىرگۈزگۈچى ئىسا مەسىھ دەرىجىسىدە خاسىيەتلىك قىلىپ تەسۋىرلىگەنكى، قەبرىستانلىقتىكى گۈزەلنىڭ تەبەسسۇمى تۈپەيلى ئۈلۈكلەرنىڭ تىرىلىش بىلەن زېمىن ئۈستىگە چىقىپ تاقا يىرتىشى تەبىئەت قانۇنىيىتىگە خىلاب. مۇھەممەد سىدىقنىڭ دىنىي مەزمۇندىكى غەزەلىنىڭ «كۆركى ئىشارەت بىلەن ئىككى بۆلۈنمىش ئول قەمەر» دېگەن مىسرادا تەسۋىرلەنگەن شۇ خىل مەنزىرە پەننى نۇقتىدىن ئالغااندا، رىئال ھەم خىيال مەنتىقىسىدىن تامامەن مۇستەسنا بولسىمۇ، بىز دىنىي فانتازىيەنىڭ گۈزەللىك زوقىغا چۆمىمىز.يەنە زەلىلىي «دۇئا يەتكۈر سابا يارىمغا» سەترىسى بىلەن باشلىنىدىغان بىر ئاتەشلىك مۇھەببەت لىرىكىسىدا يارنىڭ گۈزەللىكى ۋە ۋىسالىدىن بەھرىسىز قالغاندىكى مۇسبەتلىك ھالىتىنى پو سەنئىتىدىن پايدىلىنىپ شۇنداق تەسۋىرلىگەنكى، بىز لىرىك قەھرىماننىڭ غېرىبلىقى ھەققىدىكى مۇمكىنسىز تەسۋىرلەردىن ئېستېتىك مەستخۇشلۇقنىڭ پەيزىنى سۈرۈيمىز.

 

 شېھىدى گە بەرىنى ئىشقىدۇرمەن داغ ئىلىكىدىن،

چ لالە يافراغىدىن قىل كەفەن ئەلبەتتە-ئەلبەتتە...



كۆزۈم ياش گەھى گۈلگۈن گاھى قىرمىزى ئەيلەر،

تاماششا ئەيلەسۇن ئول سىيىمتەن ئەلبەتتە-ئەلبەتتە...


   لالە ياپرىقىدىن كىپەن تىكىش ۋە كۆز يېشىنىڭ بەزىدە ئاق يەنە بەزىدە قىزىل بولۇشى ئاجايىپ تەسەۋۋۇر قىلىنغان گۈزەل تەسۋىرلەر بولسىمۇ، لېكىن ئۇ قىلچە مەۋجۇتلۇق ئاساسى بولىمىغان شېئىرىي توقۇلمىدۇر.

 3. جانلاندۇرۇش

   بىر شەيئىنى ماھىيەت جەھەتتىن ئوخشىمايدىغان باشقا بىر شەيئى قىلىپ تەسۋىرلەشتۇر. بۇ خىل سەنئەتتە بىرەر شەيئىنىڭ ھەرىكىتى ئۆزىگە خاس يول بىلەن تەسۋىرلىمەي، باشقا بىر تۈردىكى شەيئىگە خاس ھەرىكەت ھالىتى بىلەن تەسۋىرلەنگەچكە قىزىقارلىق، جەلپ قىلارلىق، چۈچۈك ۋە سۈيۈملۈك بولۇپ تۇيۇلىدۇ.


  قەمەر مەشرىق سەير ئېتەر ئاھىستە-ئاھىستە...

بەلې مەغرىبكە بىر تۈندە يېتەر ئاھىستە-ئاھىستە...


تەن قەلئەسىكىم روھى لۇتغىمغە قەغەسىدۇر

                              سايرايدۇ چۇ بۇلبۇل،

بۇ بەندە ئەگەر بولماسا ئۇچماغقە ھەۋەسىدۇر

بەرگى ۋەرقە گۈل.


  زەلىلىيىنىڭ 170-غەزىلىنىڭ باشلانمىسى بولغان ئاۋۋالقى بېيتتا ئاينىڭ ھەرىكىتى «ىسەير ئېتەر»، «يېتەر» پېئىللىرى ئارقىلىق ئىنسانغا خاسلاشتۇرۇلغان بولسا؛ 3-مۇستەھزاتىنىڭ باشلانمىسى (مەتلىسى) دا ئەكسىچە، ئىنساننىڭ تېنى قەلئە- قەپەز، ئۇنىڭ رھھى بولسا بۇلبۇل تەرىزدە نەرسىلەشتۈرۈلگەن. شائىرنىڭ شېئىرى-ئەشئارلىرىدىن جانلاندۇرۇشنىڭ ئادەملەشتۇرۇش (تەخىس) ۋە نەرسىلەشتۈرۈش (نىقتا) تىن باشقا ئىنىچكە تۈرلىرىنىمۇ ئۇچرىتىش مۇمكىن. بۇلار ھەققىدە ئارتۇقچە توختالمىدۇق.

   4.تەمسىل

تەمسىل «دەلىلەش، مىسال كەلتۈرۈش» مەنىسىنى بىلدۈرۈپ، شېئىر بېيىتىنىڭ بىرىنچى مىسراسىدا ئىپادىلەنگەن پىكىرنى ئىككىنچى مىسرادا دەلىللەپ، بېيتتىكى تېماتىك پىكىرنى تېخىمۇ يارقىن ئىپادىلەش سەنئىتىدۇر. باشقىچە ئېيتقاندا، لىرىك قەھرىماننىڭ مۇئەييەن پەيتتىكى ئىش-ھەرىكەتلىرى، كەچۈرمىشلىرى، ئىجتىمائىي، ئەخلاقى روھتىكى پوئىتىك خۇلاسىلىرىنى مەنتىقىي ئاساسلاشتۇر. بۇنىڭدىن كېيىنكى مىسرادا ئىپادىلەنگەن پىكىر چۈشەنچىلىرىگە مەنتىقىي جەھەتتىن ماس كېلىشى ناھايىتى مۇھىم. مەسىلەن، نەۋايىنىڭ:


      ئارەزىن ياپقاچ، كۆزۈمدىن ساچىلۇر ھەرە لەھزە ياش،

     بۇيلەكىم پەيدا بولۇر يۇلدۇز، نىھان بولغاچ قۇياش


   دېگەن بېيىتىدا قوللىنىلغان تەمسىل سەنئىتىنى تەھلىل قىلىدىغان بولساق، ئىككىنچى مىسرادىكى يۇلتۇز پەيدا بولغاندىن كېيىنكى قۇياشنىڭ كۆرۈنمەي قېلىشىدىن ئىبارەت بۇ تەبىئەت ھادىسىسىنىڭ تەسۋىرى ئاۋۋالقى مىسرادا ئىپادىلەنگەن ئوبرازلىق ئىپادە-مەھبۇبە يۈزىنى ياپقاچ، ئاشىقنىڭ كۆزىدىن ياش تۆكۈلۈش ھالىتى بىلەن مەنتىقى ئوخشاشلىق ھاسىل قىلغان. يار يۈزى بىلەن قۇياش، ئاشىق كۆز-يېشى بىلەن يۇلتۇز سېلىشتۇرما ئوخشاشلىق ھاسىل قىلىپ، ئاۋۋالقى تەرىدىكى پىكىرنىڭ يارقىنلىقى گەۋدىلەندۈرۈلگەن تەمسىل سەنئىتىدە مىسرالار ئوتتۇرىسىدا نازۇك مەنتىقىغە ئوخشاشلىق ياكى ماسلىق يارىتىش ھەر زامان شائىرنىڭ دىققەت مەركىزىدە تۇرمىقى لازىم. بۇ جەھەتتىن زەلىلىي دىققەتكە سازاۋەر ماھارەت ئىگىسىدۇر. مەسىلەن، شائىرنىڭ «پەيدا» رادىفلىق بىر غەزەلدىكى :


      مېنىڭ ئاۋۋارە كۆڭلۈم زەخمەنى دەغى جۇنۇن دەلەر،

      بۇ سەھرانىڭ يۈزىدە قىزىل قان لالەدىن پەيدا.


 بېيىتنىڭ ئاۋۋالقى مىسراسىدىكى «كۆڭۈل زەخمىسىدىن ھاسىل بولغان سەۋدالىق كەيپىيات»، كېيىنكى مىسراسىدىكى «كەڭ دالانى قىزارتقان لالەزارلىق» ھالىتى ئارقىلىق گەۋدىلەندۈرۈلگەن. كۆڭۈل زەخمىسى يەنى بىر قېنى بىلەن دالالە لالەزارلىقى قىياسەن ئوخشاش ئوخشىتىلىپ، ئىككىنچى مىسرادىكى ئوبرازلىق تەسۋىر ئارقىلىق بىرىنچى مىسرادىكى غايىۋى پىكىر يارقىنلىققا ئىگە قىلىنغان.


         كۆڭۈل ھەرىفىنى سەن تىغى زەباندىن ساقلاغىل زىنھار،

         ۋەلې ئاسان ئەمەس ئوق بىرلە ئاقان يانى ياغماقلىق.


  ئېنىقكى، شائىرنىڭ «يىغماقلىق» رادىفلىق غەزىلىدىكى مەزكۇر بېيىت ھەققىدىمۇ شۇنداق پىكىر ئېيتىش مۇمكىن، تەمسىل ئۈچۈن كۆپىنچە تەبىئەت ھادىسلىرى، ئىجتىمائىي ۋەقەلەر،ئاۋام ھاياتى، بالىلار ئويۇنلىرى، تېببىي چۈشەنچىلەر، تەربىيە جەريانى ۋە ئەپسانىۋى ۋەقەلەرگە مۇراجىئەت قىلىنىدۇ. تەمسىل سەنئىتى كېيىنكى زامان شېئىرىيىتىدە ئاستا-ئاستا ھاياتىي پارچىلەر ۋە رىئالىستىك ئامىللارنىڭ پەيدا بولۇشىغا زېمىن ھازىرلىغان.


   5.گۈزەل دەلىللەش

«ھۆسنى تەلىل» دەپ ئاتالغان بۇ سەنئەت ئەلىشىر نەۋايى قەلىمىگە مەنسۇپ :

     ئاي يۈزۈڭ بىرلە تالاشىدى، بۇكى كۆكتۇر ئارازى،

    پەنجەسى بىرلە قۇياش گىيا يۈزىگە ئۇردى كاج.

بېيىتىدا «ئاي سېنىڭ يۈزۈڭ بىلەن گۈزەللىك تالاشقان ئىدى، مانا ئەمدى ئۆزىنىڭ يۈزى كۆكىرىپ قالدى، ئۇنىڭ بىمەنى، بىئەدەپ ھەرىكىتىدىن دەرغەزەپ بولغان قۇياش ئۇنىڭ يۈزىگە شاپىلاق بىلەن ئۇرغانغا ئوخشايدۇ» دېگەن مەزمۇن ئىپادىلەنگەن. ئاينىڭ ئاسماندا كۆك مۇزدەك كۆكىرىپراق كۆرۈنۈشى ئاساسىدا شائىر ھۆسنى تەلىل سەنئىتىدىن پايدىلىنىپ كىشىنى زوقلاندۇرىدىغان غەيرىي تەبىئىي چىرايلىق پىكىر ھاسىل قىلغان. نەۋايى «قۇياش ئاينىڭ يۈزىگە ئۇرغان» قىلىپ تەسۋىرلىگەندە، قۇياش ۋە ئايغا ئىنسانغا خاس ھالەت، خۇسۇسىيەت ۋە خاراكتېرنى كۆچۈرگەن يەنى جانلاندۇرۇشنىڭ ئادەملەشتۈرۈش سەنئىتىدىن پايدىلانغان.


   تابى زۇلفۇڭدىن چېكەر كان ئىچرە سىماب ئىزتىراپ،

  ئاي يۈزۈڭنىڭ رەشكىدىن كىردى بۇلۇتغا ئافتاب.


زەلىلىي دىۋانىدىكى 16-غەزىلىنىڭ مەزكۇر باشلانمىسىدا گۈزەل دەلىللەش سەنئىتىدىن پايدىلىنىپ «مەشۇقنىڭ گىجەك چاچلىرىنىڭ پارقىراقلىقىدىن خەزىنىدىكى سىماب غەم- قايغۇغا چۆمدى، ئاي يۈزىنىڭ ئاقلىقىدىن رەشكى قىلغان ئاپتاپمۇ ئۆزىنى قويغىلى يەر تاپالماي بۇلۇتنىڭ ئارقىسىغا يۇشۇرۇندى» دېگەن پىكىرنى ئىپادىلىگەن. شائىرنىڭ ھاياتى ھادىسە بىلەن بەدىئىي پىكىرنىڭ ئوتتۇرىسىدا جانلاندۇرۇش ۋاستىسىدە گويا ھەقىقەتتەك غيرىي تەبىئىي ئۇيغۇنلۇق ھاسىل قىلىپ، كىتابخانىلاردا يەڭگىل،زەۋقلىق ھالەت ئويغاتقان. يەنە «بولغاي» رادىفلىق غەزەلدە شائىر «ھەر سەھەر گۈللەر ھۆسنىگە بۇلۇتلاردىن تامغىنى شەبنەم ئەمەس، بەلكى مېنىڭ بىچارە ھالىمغا ئېچىنىپ يىغلىغان پەرىشتىلەرنىڭ كۆز-يېشى» دېگەن بەدىئىي پىكىرنى بۇ خىل سەنئەتتىن پايدىلىنىپ ئىپادىلىگەن:


      چېمەنگە ھەر سەھەر تۈشكۈن بۇلۇتلارنى ژالەسى ئەرمەس،

     مېنىڭ ئاشۇفتە ھالىمغە مەلائىك يىغلاغان بولغاي.


كىلاسسىك شېئىرىيىمىزدە شائىرلار كۆپىنچە ھاياتى تەبىئىي ھادىسىلەر، ئۆسۈملۈكلەر، مېۋىلەر، مەدەنلەر،ئەنئەنىگە ئايلانغان بەدىئىي ئوبرازلار، دىنىي ۋە تارىخىي ئەپسانە قەھرىمانلىرى ۋە ئۇلارغا ئالاقىدار ۋەقەلەر ھم ساماۋى مەۋجۇداتلار ھالىتىنى مۇبالىغىلەشتۈرۈش، جانلاندۇرۇش، تەلمېھ قىلىش ۋە ئىستىئارەلەش ئارقىلىق ئۇنى شېئىرىيەتتىكى بەدىئىي غايەۋى پىكىرگە ماس غەيرىي تەبىئىي ئىزاھلاپ، ھەقىقەت بىلەن بەدىئىي سەۋەب ئوتتۇرىسىدىكى نامۇۋاپىقلىق ۋە مەنتىقىسىزلىك ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەردە يەڭگىل، ئېسىل ۋە بىتەكرار ھاياجان قوزغايدۇ.

 6.ئىستىئارە

 بۇ ئەرەبچە سۆز بولۇپ، «بىرەر نەرسىنى ۋاقتىنچە ئامانەتكە ئالماق» دېگەن مەنىنى ئىپادىلەپ، ئەدەبىي ئەسەردە سۆزنى ئۆز مەنىسدىن باشقا بىر مەنىدە ئېنىق ئېيتقاندا، ئۇنى  ھەقىقىي مەنىدە ئەمەس، بەلكى كۆچمە مەنىدە قوللىنىش سەنئىتىدىن ئىبارەت. لېكىن شۇ سۆزنىڭ ئەسلىي ۋە ئىستىئارە قىلىنغان ئىككى مەنسى مەلۇم ئوخشاشلىققا ئاساسلانغان بولىدۇ. شۇ جەھەتتىن مەزكۇر سەنئەت كۆپ ۋاقىتلاردا ئوخشالغۇچىسى چۈشۈپ قالغان ئوخشىتىشقا يېقىنراق بولىدۇ. مەسىلەن، زەلىلىينىڭ «پەيدا» رادىفلىق 1-مۇخەممەسنىڭ :


يۈزۈڭ ۋەسفىدە ئەي گۈل كۈندە يۈز ساھىبى سۇخەن پەيدا


مىسراسىدىكى «گۈل» بىلەن شائىر ئەسلىي مەنىسىدىكى گۈلگە ئەمەس، بەلكى گۈلگە ئوخشاش گۈزەل مەھبۇبقا ۋە ئىنسانغا مۇراجىئەت قىلىپ ئىستىئارە سەنئىتىنى ھاسىل قىلغان. يەنە زەلىلىي شېئىرىيىتىمىزدىكى «بۇلبۇل»، «ئەرغۇۋان» قاتارلىقلارمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش. ئادەتتە ئەدەبىياتشۇناسلىقتا ئىستىئارە ئوخشىتىشتىن كۈچلۈك سەنئەت ھېسابلىنىدۇ. شېئىرىيەت ئاز سۆز بىلەن كۆپ مەنىنى ئىپادىلەشنى تەلەپ قىلغان بولغاچقا «ئەي گۈل كەبى گۈزەل مەھبۇب» دېگەن ئىپادىگە قارىغاندا«ئەي گۈل» ئىبارىسى تېخىمۇ يېقىملىق، تەسىرلىك ۋە كۈچلۈك جاراڭلايدۇ. مەزكۇر سۆز سەنئىتى تۈزۈلۈشىگە قاراپ ئاددىي ۋە مۇرەككەپ ئىستىئارەدىن ئىبارەت ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ. شائىر 115-غەزىلىنىڭ :


   گۈلى جەمالى ئىلاھىغە مەستى مۇستەغرەق،

  چۇ بۇلبۇلكى خەزاندەك بەسى خامۇش ئەردىم.


بېيىتىدا «ئىلاھ جامالى» ۋە دەرتمەن مەنىسىدىكى «خەزان» سۆزى ئارقىلىق ئاددىي ۋە مۇرەككەپ ئىستىئارە ھاسىل قىلغان. ئادەتتە خەلق دانىشمەنلىكىگە تەۋە «بۆلۈنگەننى بۆرە يەر، ئايرىلغاننى ئېيىق» قاتارلىق تەمسىللەر مۇرەككەپ ئىستىئارەنىڭ ئۈلگىسىنى ياراتقان.

  زەلىلىي لىرىكىدا بىر تەرەپتىنئېنىق نەرسە ۋە چۈشەنچىلەرنى ئىپادىلىگۈچى سۆزلەرگە ئۇنىڭ بىلەن ئوخشىتىشلىق مۇناسىۋەت ھاسىل قىلغۇچى سۆزلەر قوشۇلۇپ ئىستىئارەۋى ئىپادە ھاسل قىلىنسا (مەسىلەن :ھايات گۈلشىنى، مىژگان ئوقى دېگەندەك)، يەنە بىر تەرەپتىن مەۋھۇم چۈشەنچىلەرنى ئىپادىلىگۈچى سۆزلەرگە ئېنىق نەرسىلەرنىڭ نامىنى بىلدۈرگۈچى ئىسىملار قوشۇلۇپ (مەسىلەن: ئىشىق باھارى، ھايا بېغى دېگەندەك) ئىستىئارە ھاسىل قىلىدىغان ئەھۋاللار ئۇچرايدۇ :


ئەي دەفتەرى جەمالىڭ تەفسىرى بېناھايات،

لەئلى لەبىڭدە زاھىرى لوتف ھەدىس-ئايەت...


مەگەر شۇرى قىيامەت قامەتىنىڭ جىلۋەسىدىندۇر،

كى ھەريان ئاھىدىن چەكمىشكى كىم ئوتلۇغ ئەلەم تەنھا...


ئاۋۋالقى بېيىتتىكى «جامالىڭ دەپتەرى» كېيىنكىسىدىكى «قىيامەت قامىتى» دېگەن بىرىكمىلەر يۇقىرىقى بايانلىرىمىزغا مىسال بولىدىغان ئىستىئارىلەردۇر.

7. قايتارما كۈچەيتىش

بىز ئەرەبچە «رۇژ» (قايتىش) مەنىسىدىكى مەزكۇر سەنئەتكە ئۇيغۇرچە شۇنداق ئىسىم قويدۇق. قايتارما كۈچەيتىش مەنىۋى سەنئەتلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. شېئىرىيەتتە شائىرنىڭ ئالدىنقى مىسرا ياكى بېيىتتا ئىپادىلىگەن پىكىرى، قوللانغان بەدىئىي تەسۋىرى ۋاستىلىرىدىن قايتقاندەك بولۇپ، كېيىنكى مىسرا ياكى بېيىتتا ئۇنىڭغا قارىغاندا كۈچلۈكرەك مەزمۇن، شېئىرىي سەنئەتنى قوللىنىش ياكى ئالدىنقى پىكىرنى ئېنىقلاشتۇرۇش، تولدۇرۇش ئۇسۇلىدۇر. يازغۇچىلار ئەدەبىياتىدىلا ئەمەس، ئۇيغۇر قوشاقلىرىدىمۇ قايتارما كۈچەيتىشنىڭ ئۆلمەس ئابىدىلىرى يارىتىلغان.


مەن ئۆلسەم ئۆلۈكۈمنى تاغدا قويۇڭلار،

تاغ يولى يىراق بولسا، باغدا قويۇڭلار.

يۈزۈمنى قىبلە سايان ئاچىپ قويۇڭلار،

بېشىمغا بىر دەستە گۈل سانجىپ قويۇڭلار.


قايتارما كۈچەيتىش مۇرەككەپ سەنئەت بولۇپ، يىتۈك ئىجادكارلارنىڭ لىرىك-ئىپىك ئەسەرلىرىدە كۆپرەك قوللىنىلغان. كىلاسسىك ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە ئەلىشىر نەۋايىدىن كېيىن گەۋدىىلىك بەدىئىي ماھارەتكە ئايلانغان. ئۇ ئاساسەن ئانا سەنئەتلەردىن ئوخشىتىش ۋە مۇبالىغىنىڭ ياردىمى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. زەلىلىي قىرانلىق يىللىرىدا ئىجاد قىلغان «پەيدا» رادىفلىق يۇقىرى سەۋىيەلىك 2-غەزىلىدە مەزكۇر سەنئەتنى قوللىنىپ، ئۆزىنىڭ يۈكسەك دىنى-تەسەۋۋۇرى، غايىسىنى ئالغا سۈرۈلگەن.


ۋۇجۇدۇم خىزمەنىدىن ھاسىل بىر دانەدۇر پەيدا،

ۋەلې ئول دانەدىن ئالەمدە يۈز ئەفسانەدۇر پەيدا.


شائىرنىڭ لىرىك قەھرىمانى بولغان «مەن ۋۇجۇد خامىنىدىكى بىر دانە ئۇرۇقتىن پەيدا بولغۇچىمەن» دېگەن پىكىرنى ئالغا سۈرىدۇ. بۇ ئەمەلىيەتتە ئىنسان «بىر تامچە سۇدىن يارالغان» دېگەن ھەقىقەتنىڭ شېئىرىي مىسرالىرىدىكى ئوبرازلاشتۇرۇلۇشى بولۇپ، بۇنداق ئادەتتىكىچە پىكىرنى ئېيتىش شائىرنىڭ ئەسلى مەقسىتى ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن شائىر «ۋەلې» (ۋە لېكىن) ئىنكار باغلىغۇچىسى ئارقىلىق ئۆز نىيىتىدىن چېكىنگەندەك بولىدۇ- دە، كېيىن ئۇ ئۆز تەسۋىرىگە يەنە قايتىپ ئۇنى يېڭى ئىدىيە بىلەن بېيىتىدۇ. نەتىجىدە مىسرالار ئوتتۇرىسىدىكى مەنىۋى ۋە مەنتىقى مۇناسىۋەت كۈچىيىدۇ. شۇنداق قىلىپ كېيىنكى مىسرادا شائىر مۇبالىغىنىڭ ۋاستىسىدە «ئاشۇ ئۇرۇقچىلىك تەندە ئالەم پەيدا، زەررىدىن قۇياش نامايان» دېگەن ھېكمەتلىك ۋە جەزىبلىك پىكىرنى گەۋدىلەندۈرىدۇ. زەلىلىي يەنە تۆۋەندىكى رۇبائىيىسىدا ئاۋۋال ئۆز پىكىرىدىن ئىككى قېتىم چېكىنىپ مۇبالىغىلىك ئوخشىتىشقا، ئاندىن ئۆز تەسۋىرىدىن يېنىپ  رۇبائىينى بالداقمۇ- بالداق يۈكسەلگەن بەدىئىي پىكىر بىلەن تۈگەللەيدۇ.


 نې مەرىفەتى خۇدا، نې ئۆزنى تانۇپ،

ئۆتتۈم بۇ جەھان ئىچىدە بىرنەچچە قونۇپ.

ھەي-ھەي، نې گۇناھكار زەلىلىدۇرمەن،

شەب مەست، سەھەر بەنگىۋۇ روزانە جۇنۇپ.


8. مۇقابىل

مۇقابىل مەنەۋى سەنئەتلەرنىڭ تەسىرلىك ۋە كەڭ قوللىنىلىدىغان تۈرلىرىدىن بولۇپ، نەسىر، نەزمىدە كۆپ ئۇچرايدۇ. بۇ ئۇسۇل خەلىل ئىبنى ئەھمەدتىن باشلاپ كېيىنكى زامانغىچە يېزىلغان ئارۇز رىسالىلىرىدە «تازۇد» نامى بىلەن قوللىنىلغان. ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ نامايەندىلىردىن مەھمۇد كاشىغەرىي، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە ئەھمەد يۈكنەكىلەر ئەسەرلىرىدىكى ياز بىلەن قىشنىڭ مۇنازىىسى، بىلىملىك ۋە بىلىمسىز كىشى ھەققىدىكى سېلىشتۇرمىلىق قاراشلىرىدا مۇقابىل سەنئىتىدىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلانغان. بۇنىڭدىن مەزكۇر سەنئەتنىڭ بەدىئىي ئەدەبىياتىمىز تەرەققىياتىدىكى يېتەكچى ئۇسۇللىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ئەلىشىر نەۋايىنىڭ مەنىۋى قۇدرىتى ئارقىلىق غەزەل ۋە باشقا لىرىك ژانىرلارنىڭ يۈكسەك بەدىئىي نەمۇنىسى يارىتىلدى، شۇنىڭغا مۇناسىپ پوئىتىك ئۇسۇللار تەرەققىياتىدا يېڭى باسقۇچ شەكىللەندى. نەۋايىنىڭ تۆۋەندىكى مەسنەۋىيىسى ئارقىلىق مۇقابىل سەنئىتى ھەققىدە ئېنىق تەسراتقا ئىگە بولىمىز :


گاھى تاپتىم فەلەكتىن ناتىۋانلىغ،

گاھى كۆردۈم زاماندىن كامرانلىغ.


ۋەسې ئىسسىغ- ساۋۇغ كۆردۈم زاماندا،

ۋەسې ئاچچىغ-چۆچۈك تاپتىم جاھاندا.


  دېمەك، مۇقابىلە «قارشى كېلىش» مەنىسىنى ئىپادىلەيدۇ ۋە شېئىر-بېيىتلاردا بىر-بىرىگە زىت چۈشەنچىلەرنى ئاڭلاتقۇچى سۆزلەرنى قوللىنىپ، ئۇلارنىڭ ۋاستىسىدە بىر غايىۋى پىكىرنى گەۋدىلىك، تەسىرلىك ئىپادىلەش سەنئىتىنى كۆرسىتىدۇ. نەۋايى ئىزىدىن كەلگەن ئۇيغۇر شائىرلىرىدا مەزكۇر سەنئەت ئەنئەنىسى داۋاملاشقان :


ئالىمنى زالىم ئەيلىدى، پاسسىقنى پەرسا،

رەددى قەبۇل بىرلە ئەجەب كارخانەدۇر.


 زەلىلىينىڭ ئىشقى تەسەۋۋۇپ روھتىكى «ھەر شۆئىلەكى» سەترىلىك غەزىلىدىكى بۇ بېيىتنىڭ ئاۋۋالقى مىسراسىدا شائىر «ئالىم» بىلەن «زالىم»، «پاسسىق» بىلەن«پەرسا» قاتارلىق زىد مەنىلىك سۆزلەرنى قوللىنىپ، كېيىن گەپنى دۇنيادىن ئىبارەت بۇ كارخانىنىڭ قارىمى-قارشى ماھىيەتلەرنىڭ مۇجەسسىمى ئىكەنلىكدىن ئىبارەت پەلسەپىۋى پىكىرگە يۆتكەپ، بۇنداق كونكرېت زىتلىق سېلىشتۇرمىسى ئارقىلىق ئۆزى ياشاۋاتقان زامان ناھاقچىلىقلىرى ئۈستىدىن مەسخىرىلىك كۈلگەن. ئۆز نۆۋىتىدە شائىر مىسرالاردا ماقال- تەمسىل كەلتۈرۈپ، بەدىئىي پىكىرنى گەۋدىلەندۈرۈپ ئىپادىلەشتىن ئىبارەت نەقىل سەنئىتىدىن پايدىلانغان. ئېنىقكى ئىككى خىل بەدىئىي ئۇسۇلنىڭ قوشۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان بىر قۇر سەنئەت بويۇمى ئارقىلىق پۈتۈن بىر شېئىردا ئالتۇن ئۈزۈكتىكى ياقۇت كۆزدەك يارقىنلىق ھاسىل قىلىش زەلىلىيدەك ئاز ساندىكى ئامەتلىك شائىرلارغا مەنسۇپتۇر. ئېھتىمال ئەلىشىر نەۋايىدىن كېيىن زەلىلىي پۈتۈن سۈرۈك نەچچە غەزىلىگە مەزكۇر سەنئەتنى تەدبىقلىغان شائىر بولۇشى مۇمكىن. بۇنىڭ ئۈچۈن دىۋاندىكى «قىلۇرسەن» رادىفلىق 143-غەزىلى مىسال بولالايدۇ :


     كېتەر ئەيلەمەي مەدارا، نە ئىسكەندەرۇ دارا،

بىرىن ئەيلەپ ئاشكارا، بىرىنى نىھان قىلۇرسەن...


سالىبان جەھانغا تۈندىن، قارا پەردەئى تۈتۈندىن،

ياراتۇرغا ئاي-كۈندىن، نەئەجەپ قىران قىلۇرسەن.


شائىر غەزەلدە زىددىيەتلىك قۇتۇپلارنى بىر تۈز سىزىق ئۈستىگە ئېلىش ئارقىلىق قايىللىقىنى ئىپادىلىگەن.

9.كىنايە

كىنايە «پىكىرنى يوشۇرۇن ئىپادە قىلماق» مەنسىدىكى ئىبارە بولۇپ، بەزىدە "ھەم ھەقىقەت ھەم مەجەز مەنىسىنى ئاڭلىتىدىغان سۆز" مۇ دېيىلىدۇ. "چاغاتاي تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى" دە "مەجاز"- "كۆچمە مەنىدىكى، كىنايىلىك، ھەقىقىي ئەمەس، ياسىما" دېگەندەك سۆزلەر بىلەن ئىزاھلانغان. زەلىلىينىڭ شەيخ-سوپىلارنىڭ رىياكارلىقىغا لەنەت ئوقۇپ، جەمئىيەتتىن ئادىل ۋە كەسكىن تەرتىپ تەلەپ قىلىش غايىسىدىكى بىر دىداكتىكىلق تەسەۋۋۇپى غەزىلىدىن بىز بەدىئىياتنىڭ بۇ ئۇسۇلى ھەققىدە مەلۇم تەسىراتقا ئىگە بولىمىز:


ئەي زەلىلىي بۇ نېچۈك سۆزدۇر دىبان ئەيىب ئەتمەگىل،

جىلۋە بەرمەيدۇ ھەقىقەتنىڭ مەجازى بولمىسا.


ئېنىقكى بېيتتىكى "جىلۋە" ئەسلىدە "قۇياش نۇرى تەسىرىدىكى يېنىك چاقناش" قا قارىتىلغان بلۇپ، بۇ يەردە ھەقىقەتتىن ئىبارەت مەۋھۇم چۈشەنچىنى ئىپادىلىگۈچى كۆچمە يەنى كىنايىلىك مەنىدە كەلگەن. دىۋاندىكى "ئەتتىم" رادىفلىق 114-غەزىلىدىكى بىر شاھىت بېيت ھەققىدىمۇ ئوخشاش تەلقىن قىلىش مۇمكىن :


ئەشئارىم ئوقار بولساڭ ئەي مۇددەئى پەرھىز ئەت،

كاغەز كۆرۈنۈر لېكىن شەمشەرگە غىلاق ئەتتىم.


سوپىلارنىڭ «غىلاپقا قارىماي، خەنجەرگە قارا» دېگەن مەشھۇر ھېكمىتى بولۇپ، بۇنىڭ مەنىسى «شەكىلنى ئەمەس، مەزمۇن ماھىيەتنى بىل» دېگەنلىكتىن ئىبارەت.كېيىنكى مىسرادا شائىر نوقۇل كەسپىنىڭ پىچاققا غىلاپ ياساش مەسلىسىنى ئەمەس، بەلكى ئاددىي تېرە قاپچۇق ئۆتكۈر پولات خەنجەرنى يوشۇرۇغاندەك «مېنىڭ شېئىرىي ھەقىقەتلىرىم ھەرىپلەر قاتلىرىدا پىنھاندۇر» دېگەن چوڭقۇر كىنايىلىك پىكىرنى ئىپادىلىگەن.


   10. ئىقتىباس


  بۇ كائىنات ئىچىدە زەررە-زەررە مەۋجۇت،

  دىدىلەر: «ئەشھەدۇ ئەن لائىلاھە ئىللەللاھ».


مانا بۇ زەلىلىينىڭ ساددا پانتىزم ۋە «ۋەھدەتۇل ۋۇجۇد»لۇق ئالەم قارىشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن غەزىلىدىكى بېيىت، ئۇنىڭدا شائىر دەل ئىقتىباس ئۇسۇلىدىن پايدىلانغان.


 «ئىقتىباس» ئەرەبچە سۆز بولۇپ، «ئىلىم ئۆزلەشتۈرۈش» دېگەن مەنانى بىلدۈرىدۇ. ئەدەبىي ئىجادىيەتتە ئىقتىباسلار ئايەت ۋە ھەدىسلەردىكى ئەرەبچە ئەسلىي مەنىنى ياكى ئۇلارنىڭ تەرجىمە  ۋە مەزمۇنى ئارقىلىق قوللىنىىلىدۇ. مەزكۇر ئۇسۇل ئەدەبىي ئىپادە ئۈچۈن بېزەك ئەمەس بەلكى، ئۇنى كۈچەيتىپ ئىپادىلەش ئۈچۈن ۋاستە ھېسابلىنىپ كەلگەن. ئەدەبىيات تارىخىمىزدا ئەھمەد يەسىسەۋىي ھەتتا ئايەت، ھەدىسلەر مەزمۇنىنى شېئىرىي ھېكمەتلەشتۈرۈلگەن مۇتەسسەۋۇپ شائىردۇر.


ئانالارنىڭ ئاياغى ئاستىدەدۇر،

رەۋزەئى جەننەتۇ جىنان باغى.

رەۋزە باغىن ۋىسالىن ئىستەر ئېسەڭ،

بول ئانانىڭ ئايغى تۇفراغى.


زەلىلىينىڭ «ئەيلەپ» رادىفلىق 7-مۇخەممىسىنىڭ بىرىنچى كۇبلىتى مۇنداق:


   جەفاۋۇ جەۋرۇ زۇلفۇڭ داغادىن باغرىمنى قان ئەيلەپ،

  تەنىمنى تەختۇ بەندۇ دەرد قىلدىڭ ناتەۋان ئەيلەپ،

 سىرىشكىمدىن سەفى مىژگانلىرىمنى خۇن فىشان ئەيلەپ،

 كەلامۇ ۋەززۇھا ۋەل لەيلىنىڭ شەرھىن بەيان ئەيلەپ.


شائىر مەخسۇس «ھەدىس» رادىفلىق بىر غەزەل يازغان،يەنە ئۇنىڭ 48-، 76-،125-، 149-غەزەللىرىدە ۋە 9-مۇخەممىسىدە ماھارەتلىكك ئىقتىباسلار بار.

11. شەخسىي ئالماش

بۇ سەنئەت «مىدىرلاش، قىمىرلاش» مەنىسىدىكى ئەرەبچە «ئىلتىفات» ئاتالغۇسى بىلەن ئاتالغان. لىرىك ۋە لىرو-ئىپىك شېئىرىيەتتە سۆزلىگۈچى شەخىسنىڭ بىرىنچى شەخىستىن ئىككىنچى شەخىسكە، ئىككىنچىدىن بىرىنچى ياكى ئۈچىنچىگە، ئۈچىنچىدىن بىرىچى ياكى ئىككىنچى شەخسكە ئالمىشىشى ۋە كۆچۈشىدىن ئىبارەت. ئەلىشىر نەۋايىنىڭ مەشھۇر «كەلمەدى» رادىفلىق غەزىلىدە شۇنداق ھالەت سېزىلىدۇ. مۇھەممەت سىدىقنىڭ مۇھەببەت تىنىقىنىڭ تەپتى گۈپۈلدەپ تۇرىدىغان «ئۆزگىچە» رادىفلىق بەش بېيىتلىق غەزىلىنىڭ باشلانمىسى بولغان.


مەن قىلۇرمەن ھەر زامان ئەھدۇ ۋافايى ئۆزگىچە،

سەن قىلۇرسەن جان ئارا جەۋرى جافايى ئۆزگىچە.


دېگەن غەزەلدىكى لىرىك قەھرىماننىڭ ھالىتى، تۇيغۇلىرى بىرىنچى ۋە ئىككىنچى شەخس نامىدا سۈرەتلەنگەن. مانا بۇ ئۇسۇل شەخسىي ئالماش سەنئىتىدىن ئىبارەت.


  يەنە زەلىلىي دىۋانىدا دەسلەپكى بىر نەچچە بېيىتتا ئاشىقىنىڭ مەنىۋى كەچۈرمىشلىرى بىرىنچى شەخس تەرىپىدىن بايان قىلىپ، ئاخىرقى قىسىملىرى تۆۋەندىكىدەك مەھبۇبقا، ساقىيغا ۋە شائىرنىڭ ئۆزىگە مۇراجىئەت تەرىقىسىدە تۈگەللىنىدىغان غەزەللەرمۇ ئۇچرايدۇ.


  تىرىكلىك جامىدىن ئىشرەت مەيىنى ئىچمەكىم مۇمكىن،

 قۇتۇلمايدۇر، غەمىڭنىڭ لەشكەرىدىن بىر زامان كۆڭلۈم...


 زەلىلىي ئۆزلۈكىمدىن تازە رەسۋا بولمادىم بىلمەي،

مېنى بەدنامۇ ئالەم ئەيلەگەن ئۇشبۇ يامان كۆڭلۈم.


12.تەجنىس

 بۇ سۆزنىڭ لۇغەت مەنىسى «ھەمجىنىس» دېگەنلىك بولۇپ، شېئىرىي- بېيتىلاردا شەكلى بىر خىل ياكى شەكلى بىر-بىرىگە يېقىن، ئەمما مەنا جەھەتتىن ھەرخىل ئىككى سۆزنى قوللىنىپ، ئۇلارنىڭ ۋاستىسىدە مەلۇم پىكىرى مەنزىرە ياكى ئوبرازنى تەسىرلىك ئىپادىلەش سەنئىتىدۇر. ئۇ لەۋزى سەنئەتلەر كاتېگورىيەسىگە مەنسۇپ. لۇتفىيىنىڭ:


  ئولكىم كۆڭۈل ئالدى زۇلفى خالى,

  كۆڭلۈدىن ئەمەس خەيالى خالى.


بېيىتىدىكى قاپىيەداش «خالى» سۆزلىرى شەكىلداشلىقى ئەمما مەنىسىنىڭ پەرقلىقلىقى بىلەن تەجنىس ھاسىل قىلغان. زەلىلىي ئىجادىيىتىدىمۇ مەزكۇر سەنئەنىڭ خىلمۇ-خىل كۆرۈنۈشلىرى مەۋجۇت:


   لەشكەرى غەم ئىلىكدىن پۈتكەن ئۈچۈن بەسى ئەلەم،

   ھەر كېچە دۇدى ئاھىدىن چەكتى مۇسافىران ئەلەم.


شائىرنىڭ 112-غەزىلىدىكى بۇ بېيتتا كەلگەن ئەلەملەرنىڭ ئاۋۋالقىسى «دەرت»، كېيىنكىسى «تۇغ» مەنىسىدىدۇر. مىللىي شېئىرىيىتىمىزنىڭ سېھرى ۋە نازاكىتىنى نامايان قىلغۇچى نازۇك سۆز ئويۇنلىرىدىن بولغان بۇ سەنئەت دەسلەپ خەلق ئاغزاكى پوئىتىك ئىجادىدا بارلىققا كەلدى. كېيىن يازما ئەدەبىياتقا كۆچۈپ، تۇيۇقتىن ئىبارەت خاس ۋەزىنلىك ژانىرنى بارلىققا كەلتۈردى. تۆۋەندە بىز زەلىلىي مۇسەممەتلىرىنىڭ بەدىئىيلىكىنى تەجنىسنىڭ ھەرخىل تۈرلىرى نۇقتىسىدىن تەكشۈرۈپ چىقايلى.


1)    تۇلۇق تەجنىس

بۇ ئىككى سۆزنىڭ سوزۇق، ئۈزۈك تاۋۇشلىرى، چېكىت ۋە ھەرپ گەۋدىلىرى جھەتتىن تۇلۇق ئوخشاشلىق ھاسىل قىلىشىغا قارىتىلغان. زەلىلىينىڭ «قارا» رادىفلىق غەزىلىنىڭ باشلانمىسىمۇ شۇنداق يېزىلغان:


   يۈزۈڭنى پۈركىگەچ ئول سۇنبۇلى سىياھ قارا

   سەھەر سىتارەنى ئەيلەيدۇر دۇدى ئاھ قارا


بېيىتتىن بىز بۇلارنىڭ ئايرىم-ئايرىم «پېئىل» ۋە «سۈپەت» مەنىسىدە كەلگەنلىكىنى كۆرىمىز. بۇنداق ھالەت شائىرنىڭ ساقىينامىسىدە «ئالما» سۆزىگە كەلتۈرگەن تەجنىسىدىمۇ كۆزگە چېلىقىدۇ.

2)    مۇرەككەپ تەجنىس

بۇ تولۇق تەجنىسنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، ئادەتتە مۇرەككەپ تەركىبلىك تەجنىس دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنىڭدا شەكىلداش سۆزلەر (چىشلىرىڭدۇر، چىشلىرىڭ دۇر) دەك بىرى بىر سۆزدىن، باشقىسى ئىككى سۆزدىن تۈزۈلۈشى مۇمكىن.


  سەيياد مەن سۆززۈم چىن،

ئىلىكىمدە ھالقە چىن-چىن.


  بېيىتتىكى جىنىسداشلارنىڭ ھەر ئىككىسى سۈپەت بولۇپ، ئاۋۋالقىسى «راست»، كېيىنكىسى «بۈدۈر» مەنىسىدە كەلگەن. 18-مۇخەممەستە بۇ ھالەت تېخىمۇ گەۋدىلىك ئىپادىلەنگەن.

3)    ئارتتۇرۇلغان تەجنىس

تەجنىسنىڭ بۇ تۈرىدە شەكىل جەھەتتىن ئۆز-ئارا يېقىن سۆزلەرنىڭ بىرىدە بىر-ئىككى ھەرىپ ئارتۇق بولىدۇ، شۇ ھەرىپلەر ئېلىۋېتىلسە، سۆزنىڭ قالغان قىسىمى جىنىسدېشى بولغان ئىككىنچى سۆزگە ھەر جەھەتتىن ماس كېلىدۇ. شائىر دىۋانىدىكى 21-33 –غەزەلنىڭ باشلانمىسى ئارتتۇرۇلغان تەجنىسنىڭ ئەڭ ياخشى مىسالدۇر.


  تاتىغ غەمىڭ قىلماغۇنچە سىينە جەراھات،

 كۆڭلۈمدە ئاچىلمايدۇ مىڭ بىر گۈلى راھەت.


 ھەرھەندە ئىشىكىڭدە سەھەرلەر قىلامەن داد،

 دادىمغە قەنى يەتكەنىڭ ئەي زالىمۇ بىداد.


بىرىنچى بېيىتتىكى «جە»، ئىككىنچى بېيىتتىكى «بى» بوغۇملىرى تاشلىۋېتىلسە، شەكىلداشلىق ھالەت تەشكىللىنىدۇ.

4)    تۇراقسىز تەجنىس

ئەرەبچە «مۇزارىئى تەجنىس» دەپ ئاتالغان بۇ تۈر شەكىل جەھەتتىن يېقىن بولغان ئىككى سۆزنىڭ بېشى، ئوتتۇرىسى ياكى ئاخىرىدىكى بىر، بەزىدە ئىككى ھەرىپنىڭ ئۆز ئارا پەرقلىنىپ، قالغان قىسىمىنىڭ ھەمجىنىسلىق ھاسىل قىلىشىغا قارىتىلغان.


 كاشكى گۈلدەك يۈزۈڭنى كۆرمەگەي ئەردىم بۈگۈن،

بۇلبۇلى ئاشۇفتە ياڭلىغ كۆيمەگەي ئەردىم بۈگۈن.


 زەلىلىينىڭ مەشھۇر «كاشكى» سەترىلىك غەزىلىنىڭ باشلانمىسى قىلىنغان بۇ ئارىيەدە «كۆرمەگەي»، «كۆيمەگەي» ئىچكى قاپىيەلىرى بىرىنچى بوغۇمنىڭ ئاخىرىدىكى «ر»، «ي» تاۋۇشلاردىكى پەرقتىن باشقا شەكىلداشلىق ھاسىل قىلغان.

5)    خەت تەجنىس

يېزىق تەجنىسى دەپمۇ ئاتىلىدىغان بۇ تۈر ئوخشاش گەۋدىلىك ھەرىپلەرنىڭ چېكىت پەرقىنى نەزەردىن ساقىت قىلغاندىكى ماسلىقىغا ئاساسلانغان.


 تەجەللىدىن كىشىكىم مۇ-بەمۇ ئەئزائى نۇر ئەيلەر،

يەدۇ بەيزا چىقارىپ ئاقىبەت كۆڭلىنى تۇر ئەيلەر.


زۇلۇف يۈزىنى سەنەم لەيلۇ نەھار ئەيلەمىش،

ھۆسنى گۈلىستانىنى تازە بەھار ئەيلەمىش.


 پارچىلەردىكى «نۇر» بىلەن «تۇر»، «نەھار» بىلەن «بەھار» قاپىيەلىرى ھەرىپلەردىكى نۇقتىسىنىڭ ئاز-كۆپ ياكى ئاستى-ئۈستىگە قويۇلغانلىقى بىلەن تەجنىس ھاسىل قىلغان. شائىر لىرىكىسىدا تەجنىسنىڭ «راز،راز، يائاي» تەرزدىكى ئەكس تەجنىسلىك شەكلى بىلەن «دەشنام، ئارام رام» ئۇسلۇبىدىكى تەكرار تەجنىسلىك مۇرەككەپ شەكلى ئاساسەن ئۇچرىمايدۇ.


13. جىنىسداشلىق

ئەرەب تىلىدا «ئىيھام» دەپ ئاتالغان بۇ سۆز ماھارىتى «شۈبھىلەندۈرۈش، يېپىق سۆزلەش» دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. كىلاسسىك شېئىرىيەتتە شەكىل جەھەتتىن بىر خىل، ئەمما مەنا جەھەتتىن ھەرخىل بولغان جىنىسداشلىق سۆز ياكى سۆز بىرىكلىرىمىنى شېئىردا قوللىنىش ئارقىلىق بىر بېيىتتا ئىككى تۈرلۈك مەنىنى ئىپادىلەيدىغان لەۋزى سەنئەت. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا مەزكۇر ئۇسۇل تەجنىسكە يېقىن.

  تىلىمىزدىكى كۆپلىگەن سۆزلەر ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق مەنىنى ئىپادىلىگەنلىكى ئۈچۈن جىنىسداشلىق سەنئىتى مۇشۇ خىل ئەۋزەللىككە ئاساسلانغان. ئەمما بەدىئىي ئەدەبىياتنىڭ بۇ ئۇسۇلىنى شائىر نەزمىدە ماھارەت بىلەن كەلتۈرۈپ مەقسەتلىك سۆز ئويۇنى قىلىشمۇ ياكى شېئىرنىڭ ئايرىم مىسرا- بېيىتلىرى ئىجادكار تەرىپىدىن مەقسەتسىز شۇنداق يېزىلىپ قېلىشى مۇمكىن. ئەمما قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۆتمۈش شائىرلار مەلۇم نازۇك پىكىرلەرنى يوشۇرۇن ئىپادىلەش مەقسىتىدە بۇ ئۇسۇلدىن پايدىلانغان، شۇڭا شائىرنىڭ مەقسىتى جىنىسداشلىقنىڭ يېپىق مەزمۇنىغا كۆپرەك مايىلدۇر، جامى ۋە نەۋايى قاتارلىق بۈيۈك سەنئەتكارلار ئىزىدىن كەلگەن زەلىلىينىڭ بەرىكەتلىك ئىجابىي مەقسىتى ماھارەت يېقىندىن جىنىسداشلىق سەنئىتىدىن مۇستەسنا قالغان ئەمەس.


    خەيلى خۇمار غەم بۈگۈن دەمبە دەم ئۆلتۈر مېنى،

قول تۇتۇپ ئەي سۇراھى قەد سۈبھىدە سۇنماساڭ ئاياغ.


شائىرنىڭ 80-غەزىلىدىكى بېيىتنىڭ ئىككىنچى مىسراسىدىكى «ئاياغ» بۇ يەردە «قەدەھ»مەنىسىدە كېلىپ، بېيىتنىڭ ئوچۇق مەنىسىنى ھاسىل قىلغان بولسا، «سۇنمىساڭ ئاياغ» سۆز بىرىكمىسى «ئەي،جام  قامەت-قولۇمنى تۇتۇپ تاڭ مەزگىلى پۇتۇڭنى سۇنغىن» دېگەن ئىككىنچى قاتلاملىق يېپىق مەزمۇننى ئىپادىلىگەن.

بەزىدە ئېنىق مەنانى ئىپادىلەيدىغان سۆز ئىككى تۈرلۈك چۇشەنچىگە ئالاقىدار بولۇپ قالىدىغان ئەھۋاللار ئۇچرايدۇ. بۇلاردىن بىر مەزمۇن كۆزگە ئېنىق تاشلىنىپ تۇرغاندا، ئىككىنچى بىر مەزمۇننى ھاسىل قىلىش شائىر ۋە كىتابخان ئۈچۈنمۇ ئوخشاشلا ماھارەت تەلەپ قلىدۇ.


بەھار ئەييامى سەرۋ بوستان چۈن سەبز پۇش ئولغاچ،

تۆكەر جان كۆزلەرىدىن قىرمىزى ياشنى قان كۆڭلۈم.


«كۆڭلۈم» رادىفلىق غەزىلىدىكى مەزكۇر بېيىتتا زەلىلىي «قان» سۆزى بىلەن ئاڭلىق ياكى ئاڭسىز ھالدا جىنىسداشلىق سەنئەت شەكىللەندۈرگەن «قان كۆڭلۈم» بىرىكمىسى ئارقىلىق بىز بېيىتنىڭ ھەممىگە تۇنۇشلۇق ئوچۇق مەنىسىنى ھېس قىلساق،«قان» نى مىسرانىڭ ئاۋۋالقى بۆلىكىگە تەۋە قىلىش ئارقىلىق بىز بېيىتنىڭ «باھار پەسلى سەرۋ دەرىخىنىڭ يېشىللىقى ئۈچۈن ئۈستىباش بولدى، مېنىڭ كۆڭۈل كۆزلىرىمدىنمۇ (ھىجراندىن) قاندەك قىزىل ياشلار تۆكۈلدى» دېگەن پىنھان مەزمۇننى ئىدراكلىشىمىز مۇمكىن.


 14.تاناسىپ


ئۆرتەنۇرمەن كېچەلەر ھەجرىڭدە ئەنداغكىم چەرخ،

رەۋشەن ئەيلە: رىشتە جىسمىمدۇر، كۆڭۈل-ئوت، ئەشك-ياغ.


نەۋايى قەلىمىگە مەنسۇپ بۇ بېيىتتا تۈننى يۇرۇتۇش ئىشىغا باغلىق كېچە، چىراغ، رىشتە، ئوت، ياغ سۆزلىرى بىلەن ھىجران ئىزتىرابلىرىغا ئالاقىدار ھىجىر، كۆڭۈل، جىسىم، ئەشك ۋە ئۆرتەنمەك ئىبارىلىرى ئۆز-ئارا باغلىنىپ، ئاشىقنىڭ ئىچكى ئالىمى تەسىرلىك ئىپادىلەنگەن.سەككاكى، لۇتفىدەك ئۇيغۇر نەزمىسىنىڭ ساھىپقىرانلىرىمۇ تاناسىپ سەنئىتىنىڭ تەركىبىدە تەبىئىي ھاسىل بولىدىغان تەمسىل ۋە ئوخشىتىشلارنىڭ ياردىمىدە ئۆز غايىۋى پىكىرنى يارقىن ۋە ھاياجانلىق ئىپادىلىگەن. دېمەك، شېئىرىي بېيىتلىرىدا مەنا جەھەتتىن بىر- بىرىگە يېقىن چۈشەنچىلەرنى بىلدۈرگۈچى سۆزلەرنى ئىشلىتىپ، ئۇلارنىڭ ۋاستىسىدە ئوبرازلىق ئىپادە پوئىتىك مەنزىرە يارىتىش سەنئىتى تاناسىپ دەپ ئاتىلىدۇ. مۇھەممەت سىدىقنىڭ «كەلدىم» رادىفلىق تۈركۈم غەزەللىرىدە، بولۇپمۇ تەسەۋۋۇپى روھى پاكلىنىش غايىسىدىكى 127-غەزىلىدە بۇنداق بېيىتلارنى قەدەمدە بىر ئۇچرىتىمىز.


شىكەستە بەستەۋۇ سەرگەشتەۋۇ دىلخەستە ئەۋۋارە،

يۈزۈمنى سۈرتۈبان دەرگاھىغە بەس نەتاۋان كەلدىم.


تەرەھھۇم كۆزىن ئاچقايلەر دېبان چەندان ئۈمىد ئەيلەپ،

گۇناھكارۇ زەئىفۇ ئاجىزۇ بېخانۇمان كەلدىم...


قارا خەت بىلەن كۆرسىتىلگەندىكىدەك، ھەر ئىككى بېيىتتا شائىر مەنە جەھەتىتىن ئۆز-ئارا يېقىن كېلىدىغان سۆزلەرنى جەملەپ، بىر يەردە قوللىنىش ئارقىلىق ئاشىق بىلەن مەشۇق مۇناسىۋەتلىرىنى گەۋدىلەندۈرۈپ ئىپادىلەشكە تىرىشقان. زەلىلىي لىرىكىسىدا يەنە ئىككى خىل چۈشەنچىگە دائىر سۆزلەرنى توپلاپ، بۇ ئىككى گۇرۇپپا ئوتتۇرىسىدىكى مەلۇم باغلىنىشلىق ئاساسەن ئۇلارنى ئۆز-ئارا سېلىشتۇرۇش ۋە قارشى قويۇش ئارقىلىق ۋىسال دەردىدىكى ئاشىقىنىڭ قايغۇلۇق ھالىتىمۇ سىزىلغان.


نەۋايى نالەئى نەي بىرلە بىر دەم ھەم سۇرۇد ئولدۇم،

لى توفان سەرشكىم چەشمە-چەشمە بولدى رۇد ئولدۇم.


بېيىتنىڭ ئاۋۋالقى مىسراسىدا مۇسىيقىغا ئالاقىدار ناۋا، نالە، نەي،سۇرۇد قاتارلىقلار بىلەن ئاشىقنىڭ كۆز يېشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك توپان، ياش، بۇلاق، ئېرىق سۆزلىرى توپلىنىپ، بۇلارنىڭ سەۋەب- نەتىجىلىك مۇناسىۋىتىگە ئاساسەن لىرىك قەھرىماننىڭ گۈزەل تەسۋىرى يارىتىلغان.


15.ئۆزەكداشلىق

ئىشتىقاق «سۆزدىن سۆز ھاسىل قىلىش» مەنىسىدىكى ئەرەبچە ئىبارە بولۇپ شائىر، يازغۇچىلارنىڭ مۇئەييەن غايىۋى ۋە بەدىئىي جەھەتتىن بىر ئۆزەكتىن كېلىپ چىققان سۆزلەرنى مۇئەييەن دائىرىدە (بېيىت ۋە جۈمىلىلەردە) ئىشلىتىش سەنئىتىدۇر. مەسىلەن، ئەلىشىر نەۋايىنىڭ:


قىلسا زۇلۇم ئول زالىم ئەلنى قىلماغىل، يا رەب، زەبۇن،

چۈن تەزەللۇمدۇر ئىشىم، دائىم مەنى مەزلۇم قىل.


بېيىتىنىڭ ھەر مىسراسىدىكى قارىدىتىپ كۆرسىتىلگەن سۆزلەر، زەلىلىينىڭ 37-غەزىلىنىڭ:


مەن نەۋايى نالەئى نەيدىن ھۇزۇرى تاپمادىم،

ئەرغەنۇنى مەجلىسى ئوششاق خۇش ئاھەڭدۇر.


بېيىتىدىكى «نەۋايى»، «نالەئى» سۆزلىرى ئۆزەكداش بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆزەكداشلىق سەنئىتىگە تەۋە. بۇ ئۇسۇل ئاددىي سۆز ئۇيۇنى ئەمەس، بەلكى شېئىرىي نەپىسلىك ۋە مۇسقىيلىق يارىتىدىغان ۋاستە بولۇپ، نەۋايى غەزەللىرىدىكى قاتار بېيىتلارغا بۇ سەنئەتنى تەدبىقلاپ ئۇسلۇب ياراتقان. زەللىي غەزەللىرىدىمۇ ئەرەبچە، پارىسچە ۋە ئۇيغۇرچە ئۈزەكداش سۆزلەرنى ئىشلىتىپ جىنىسداشلىق شەكىللەندۈرگەن بېيىتلار ئاز ئەمەس.


بۇ قۇلزۇم كارۋانى سەندەلى خۇشبۇي كەلتۈرمىش،

ئانىڭ بۇيى دەۋايى دارۇيى ئەتتار بولغايمۇ؟


شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، بەزىدە شېئىرىي مىسرالاردا بىر ئۆزەكدىن ھاسىل بولمىغان، لېكىن شەكلەن بىر- بىرىگە ئوخشاش بولۇپ كۆرۈنىدىغان سۆزلەرمۇ ئۇچرايدۇ. بۇ مەزكۇر سەنئەتنىڭ يەنە بىر تۈرى بولۇپ، جىنىسداشلىققا ئوخشاشلىق دەپ قارىلىدۇ. شائىرنىڭ 44-،46-،155-،159-غەزەللىرىدە بۇ خىل ھالەت كۆزگە چېلىقىدۇ. بولۇپمۇ «ئاشقان» رادىفلىق غەزىلىدىكى مۇنۇ بېيىت گەۋدىلىك:


ساھىبى دار ئولدى ئەلھەق كىم ئەنەل ھەق دەر ھۇنۇز،

قەترەئى ئىچكەن بىلەن مەنسۇرى جامى ئاشقان.


بۇنىڭدىن ئەلھەق «ھەقىقەتەن، توغرىسى» دېگەنلىك بولىدۇ. يۇقىرىقىدەك بەزى تەرەپلەر بۇ ئۇسۇلنىڭ ھەم مەنىۋى ھەم لەۋزى سەنئەتلىك ئالاھىدىلكىنى كۆرسىتىدۇ.


16.ئىسىم قاتارلاش

ئەرەبچە «تەدىل» يەنى «توغرىلىماق» مەنىسىدىكى بۇ سەنئەتكە بىز ئۇيغۇرچە شۇنداق ئىسىم قويدۇق. لۇتفى ۋە نەۋايى قاتارلىق كىلاسسىكلار شېئىرىي ئىجادىنىڭ رەڭگارەڭلىكىنى يارىتىشتا باشقا ئۇسۇللار بىلەن تەڭ ئىسىملارنى قاتارلاشتىنمۇ ماھىرلىق بىلەن پايدىلانغان.دېمەك، ئىسىملارنى قاتارلاش مىسرا-بېيىتلاردا ئات- ئىسىملارنى تەرتىپ بويىچە كەلتۈرۈش سەنئىتىدىن ئىبارەت.


نەھاجەت نالەئى نەي، يا رەبابۇ بەربەتۇ قالۇن،

سۇرۇدى ئەرغەنۇندىن شۇرىشى پەيمانىدۇر پەيدا.


ئايانكى زەلىلىي دىۋانىدىكى «پەيدا» رادىفلىق 2-غەزىلىدىك مەزكۇر بېيىتنىڭ بىرىنچى مىسراسىدا تۆت خىل مۇسىيقا ئەسبابىنىڭ ئىسمى قاتار كەلتۈرۈلگەن. بېيىتتا شائىر بۇ ئۇسۇلنىڭ ۋاستىسىدە لىرىك قەھرىماننى «ماڭا نەي، راۋاب، بەربىت ۋە قالۇنلارنىڭ ھاجىتى يوق، ئەرغۇنۇننىڭ كۈيى مەندە مەي زوقى پەيدا قىلىدۇ» دەپ سۆزلىتىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئەرغۇنۇن ① كۈيىگە بولغان مەپتۇنكارلىق تەسراتىنى نامايەن قىلغان. زەلىلىينىڭ دىنى- تەسەۋۋۇپلۇق غايە ئاساس قىلىنغان «ئەتتىم» رادىفلىق114-ۋە «بۈگۈن» رادىفلىق 147-غەزەللىرىدە ئىسىملارنى قاتارلاش سەنئىتى قوللىنىلغان بېيىتلار ئۇچرايدۇ.


نە گبر، نە تەرسا مەن، نە بەرەھمەنۇ، نە شەيخ،

ھەفتاد دۇ مىللەتتە ىر نۇقتە خىلاق ئەتتىم...



مەن غۇلامۇ مۇترىبۇ ساقىيۇ مەي ئەردىم بۈگۈن،

ھايھۇيى نالەدىن گوياكى نەي ئەردىم بۈگۈن...


 ئېنىقكى شائىر مىسرالارنىڭ بىرىدە ئىسملەرنى قاتار كەلتۈرۈپ شېئىرىي ئوبراز ياراتقان بولسا، ئىككىنچىسىدە كۆڭۈلخۇشلۇق بەزمىسىدىكى مۇڭلۇق كەيپىياتنى ئىپادىلەپ، ئىسىملارنى قاتارلاش سەنئىتىدىن غەزەلدىكى بىر پۈتۈن غايىۋى ئىدىيەنى گەۋدىلەندۈرۈش ئۈچۈن پايدىلانغان.


 17.يىغىش


بۇ ئۇسۇل كىلاسسىك بەدىئىياتتا «جەم » نامى بىلەن ئۇچرايدۇ. نەرسە ۋە چۈشەنچىلەرنى مەلۇم بەلگە بويىچە بېيىتقا يىغىپ، ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئاساسىدا بىرەر ئوبرازلىق پىكىرنى ئىپادىلەش سەنئىتىدۇر. كىلاسسىك شېئىرىيىتىمىزدە كەڭ قوللىنىلغان ئۇشبۇ سەنئەت نەرسە ۋە چۈشەچىلەرنىڭ ھەقىقي ۋە مەجازىي، ئېنىق ۋە مەۋھۇمى مەنىلىرىنى نەزەردە تۇتىدۇ. يىغىش ياكى جەملەش ئۈچۈن ئاساس بولغان بەلگىلەر «يىغقۇچى» دەپ ئاتىلىدۇ. يىغقۇچى شېئىرى مىسرالاردا بەزىدە ئېنىق ۋە بەزىدە يوشۇرۇن كۆرۈنۈشى مۇمكىن. زەلىلىينىڭ 80-غەزىلىدىكى:


 شوخلۇقىدىن ئول سەنەم تۈرفە كەرەشمەلەر قىلۇر،

ھال، ياشىل قەبا كىيىپ قىرمىزى بۇتتەدىن تۇماغ.


بېيىتىنىڭ ئاۋۋۋالقى مىسراسىدىكى شوخلۇق ۋە كەرەشمە «قىلىق» بەلگىسى بويىچە كېيىنكى مىسرادىكى ھال، ياشىل ۋە قىرمىزى «رەڭ» بەلگىسى بويىچە توپلانغان بولۇپ، سەنەم ۋە قەبا (ئۈست كىيىم) لار شۇ خىل خۇسۇسىيەتنىڭ ئىگىسى بولغان –يىغقىچىدۇر. بېيىتتا يىغقۇچى ئوچۇق ھالەتتە كەلگەن. بەزىدە شائىر بۇ سەنئەتنى قوللانغاندا ئوخشاشلىق مۇناسىۋىتىگە ئاساسلىنىپ گۈزەل ۋە ئوبرازلىق ئىپادە يارىتىدۇ.


زۇلفۇ يۈزۈڭنى ئەي پەرى لەيلى نەھار ئوقۇپ،

شەھلا كۆزۈڭنى ئاھۇيى مەردۇم شىكار ئوقۇپ.


زەلىلىينىڭ «ئوقۇپ» رادىفلىق غەزىلىنىڭ مەزكۇر باشلانمىسىدا، شا.ىر قاراچاچ بىلەن تۈننى، يۈز بىلەن كۈندۈزنى رەڭ بەلگىسى بويىچە جەملىگەن. يارنىڭ بۇلاقتەك كۆزىنى كىيىكنىڭ كۆزىگە ئوخشىتىپ تەسۋىرلىگەن. بۇنىڭدىن زەلىلىينىڭ يىغىش سەنئىتىنى تەتقىق قىلغاندا ئوخشىتىشنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى چۈشىنىۋالالايمىز.


  يۇقىرىقى بېيىتلاردا كەلتۈرۈلگەن يىغىلىغان نەرسە ۋە چۈشەنچىلەر ئېنىق، رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، شېئىرىيەتتە زۆرۈر تېپىلغاندا مەلۇم شەرتلىك بەلگىلەر ئاساسىدا بەزىدە مەۋھۇم چۈشەنچىلەرنى توپلاش ئۇسۇلىمۇ قوللىنىلىدۇ. جۈملىدىن زەلىلىي قەلىمىگە مەنسۇپ 108-غەزىلىدىكى:


 تەن ئۆيىنى فىسقى ئىسياندىن ئىمارەت قىلماغىل،

كۆز يۇمۇپ ئاچقۇنچە يەتكەي سەلى توفاندىن ئەجەل.


بېيىتىدا «تەن ئۆيى» بىلەن ئىمارەت، كۆز يۇمۇپ ئېچىش بىلەن «ئەجەل توپانى» شەرتلىك ئوخشاشلىق بەلگىسى بويىچە يىغىلغان. جۈملىدىن «ھاياتلىق» بىلەن «ئەجەل توپانى» مۇبالىغىلىق يوسۇندا ئوخشىتىلىپ سېلىشتۇرۇلغان. بۇلاردىن باشقا يىغىش ئۇسۇلى داۋاملىق تەقسىم ۋە پەرقلەندۈرۈش سەنئەتلىرى بىلەن بىرگە قوللىنىپ يىغىش ۋە تەقسىم، يىغىش پەرقلەندۈرۈشتىن ئىبارەت يەنە ئىككى سەنئەتنى بارلىققا كەلتۈرگەن.


 18.تەقسىم


بۇ بېيىتنىڭ بىرىنچى مىسراسىدا تۈرلۈك بەلگىگە ئىگە بولغان نەرسە ياكى چۈشەنچىلەرنى توپلاپ، كېيىنكى مىسراسىدا ئۇلارنىڭ مەلۇم بەلگىلەرگە ئاساسەن تەقسىملەش ئارقىلىق بەدىئىي پىكىر ۋە شېئىرىي ئوبراز يارىتىش سەنئىتىدۇر.


خەتىڭ بىلەن يۈزۈڭۇ كاكۇلۇڭ سېنىڭ، ئەي جان،

بىرى بىنەفشە، بىرى يامۇسەن، بىرى رەيھان.


بابۇر غەزىلىدكى بۇ بېيىتنى تەكشۈرىدىغان بولساق، ئاۋۋالقى مىسرادا تىلغا ئېلىنغان مەشۇقنىڭ خېتى، يۈزى، كاكۇلى كېيىنكى مىسرادا شەكلى، بەلگىسى ۋە ئوخشاشلىقىغا ئاساسەن تەقسىملىنىپ، بۇ سەنئەتنىڭ ئۈلگىسىنى ياراتقان. گەرچە زەلىلىي لىرىك مىراسىدا بۇ سەنئەتنىڭ مۇكەممەل ئۆرنەكلىرىنى ھازىرچە ئۇچراتمىغان بولساقمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئاددىي مىساللىرىنى تېپىش تەس ئەمەس.


 ھاي-ھۇيى بۇ كېچە مەيخانىدىن كەم بولمادى،

بىر تەرەف پىرمۇغانۇ بىر تەرەف مەينۇشلەر.


شائىرنىڭ «تا كۆزۈمگە جىلۋەگەردۇر» سەترىلىك غەزىلىدىكى مەزكۇر بېيىتنىڭ بىرىنچى مىسراسىدا گەرچە تۈرلۈك بەلگىگە ئىگە بىرنەچچە چۈشەنچە بابۇر بېيىتىدىكىدەك تەڭداش ھالەتتە ئەمەس، بەلكى بىرلا نەرسە كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ، لېكىن كېيىنكى مىسرادا ئۇنىڭ بەلگە- ھالەتلىرى ئىزاھلانغان.


19.پەرقلەش


 ئەرەبچە «تەفرىق» دەپ ئاتالغان بۇ ئۇسۇل تەسۋىرلىنىۋاتقان نەرسە ۋە چۈشەنچىلەرنى بىر-بىرىدىن پەرقلەندۈرۈش سەنئىتىدۇر. زەلىلىي شېئىرلىرىدىن زوقلانغىنمىزدا ئۇنىڭ مەزكۇر ئۇسۇلىغا كۆپ ئېتىبار قاراتقانلىقىنى سېزىمىز.


 تۇبى قەددىڭ قاشىدەك بىر جىلۋەلىك دەرەختى،

ھۆسنۈڭ ھىكايەتىدە يۈسۈف سۆزى كىنايەت.


شائىر مەزكۇر بېيىتتا مەشۇقنىڭ قەددىنى «تۇبى» دەپ ئاتالغان جەننەت دەرىخىدىن، ئۇنىڭ جامالىنى يۈسۈپ ئەلەيھىسالامنىڭ ھۆسنىدىن پەرقلەندۈرۈپ تەسۋىرلىگەن.


  پەرقلەندۈرۈش سەنئىتىنىڭ گەۋدىلىك ئالاھەدىلىكى شۇكى، ئۇنىڭدا ئوخشالغۇچىنىڭ ئوخشىغۇچىدىن ھە تەرەپلىمە ئۈستۈنلىكى، تەسۋىردە ئوخشىغۇچىنىڭ چېنىپ قالىدىغانلىقى، كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، مەشۇق ئەزالىرىنىڭ گۈزەللكى ئالدىدا كۈن، قىزلگۈل، سەرۋ ۋە ئۈنچە قاتارلىقلارنىڭ ئۇنىڭغا تەڭ كېلەلمەيدىغانلىقى كۆپرەك تەرىپلىنىدۇ. زەلىلىينىڭ «پەيدا» رادىفلىق بىرىنچى مۇخەممىسىنىڭ تۇنجى بەندى ئارقىلىق بىز مەزكۇر پىكىرنى چۈشەندۈرۈشكە تىرىشىمىز.


يۈزۈڭ ۋەسفىدە ئەي گۈل كۈندە يۈز ساھىبى سۇخەن پەيدا،

لەبىڭ نۇتقىدە ھەدسىز تۇتى شېكەر شىكەن پەيدا،

ۋۇجۇدۇم كەربەلايى ئىشقىدۇر خۇنى ھەسەن پەيدا،

ھىجاب ئالغىلى يۈزۈڭدىن ھەر دەمى بولغاندا مەن پەيدا،

سەھەر باشىدىن ئاياغىڭ خىرمەنى گۈلگۈن چېمەن پەيدا.


ئاۋۋالقى ئىككى مىسرادىن ئايانكى، مەشۇق يۈزىنىڭ گۈزەللىكىنى تەسۋىرلەش ئۈچۈن بىر ئەمەس يۈز شېرىن سۆزلۈك ناتىق، لەبىلىرىنىڭ تاتلىقلىقى ياكى شېرىن گەپلىرى ئۈچۈن سانسىز تۇتى تىللىرىدىن شېكەر ئاققۇزۇپ سايرايمىشكەن. دېمەك، بۇ يەردە شائىر يار جامالىنىڭ تەرىپى ۋە شېرىن سۆزلۈكلىرىنى سۆز ئۇستىلىرى ۋە خۇش ئاۋاز تۇتىدىن پەرقلەندۈرۈپ كۈچەيتىپ تەسۋىرلىگەن.


پايدىلانمىلار:


1.«زەلىلىي دىۋانى» (ئىمىن تۇرسۇن نەشرگە تەييارلىغان)، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1985-نەشرى

2.نەۋايى: «خەزايىنۇل-مەئانى»، مىللەتلەر نەشرىياتى،2011-يىل نەشرى

3.«ئىبراھىم مۇتىئى ماقالىلىرى»، مىللەتلەر نەشرىياتى،2007-يىل نەشرى

4.«چاغاتاي تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى،2002-يىل نەشرى

5.ئىمىن تۇرسۇن:« تارىمدىن تامچە»،مىللەتلەر نەشرىياتى،1990-يىل نەشرى

تەھرىرلىگۈچى: ئوسمانجان مۇھەممەت


مەنبە: شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى 2013-يىللىق 4- ساندىن ئېلىندى.


مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 422 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 1قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2014-01-08