جەنۇبىي سۇدان جۇمھۇرىيىتى


جەنۇبىي سۇدان جۇمھۇرىيىتى


جەنۇبىي سۇدانجەنۇبىي سۇدا

خەنزۇچە: 南苏丹共和国

ئىنگلىزچە: Republic of South Sudan   

نوپۇسى: 8 مىليون 260 مىڭ 490، دۇنيا بويىچە 94- ئورۇندا تۇرىدۇ.

نوپۇس زىچلىقى: كۋادرات كىلومېتىر/13.33، دۇنيا بويىچە 214-ئورۇندا تۇرىدۇ.

دۆلەت زېمىنى: 619 مىڭ 745 كۋادرات كىلومېتىر، دۇنيا بويىچە 42-ئورۇندا تۇرىدۇ.

پايتەختى: جۇبا

  جەنۇبىي سۇدان ئافرىقىنىڭ شەرقى قىسمىدىكى بىر ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلىتى، شەرق تەرىپى ئېفىئوپىيە بىلەن، جەنۇبىي تەرىپى كونگۇ دىموكراتىك جۇمھۇرىيىتى، كېنىيە ۋە ئۇگاندا بىلەن، غەربى ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى بىلەن، شىمالى تەرىپى سۇدان بىلەن چىگرىلىنىدۇ. پايتەختى جۇبا جەنۇبى سۇداندىكى ئەڭ چوڭ شەھەر.

  جەنۇبىي سۇدان ئەسلى ئەنگلىيە-مىسىر ئورتاق باشقۇرىشىدىكى سۇداننىڭ بىر قىسمى بولۇپ، 1956-يىلى مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، سۇدان جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندى. ئۇ سۇداننىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى 10 ئۆلكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىرىنچى قېتىملىق سۇدان ئىچكى ئۇرۇشىدىن كېيىن، سۇداننىڭ جەنۇبىي قىسمى 1972-يىلدىن 1983-يىلغىچە مۇستەقىللىققا ئىگە بولدى. 1983-يىلى سۇداننىڭ ئىككىنچى قېتىملىق ئىچكى ئۇرۇشى پارتىلاپ، 2005-يىلى «ئوموميۈزلۈك تىنچلىق كېلىشىمى» ئىمزالاندى، ھەمدە سۇدان جەنۇبىي ئاپتونوم ھۆكۈمىتى قۇرۇلدى. 2011-يىلى جەنۇبىي سۇدان ھۆكۈمىتى مۇستەقىللىقى ئېتىراپ قىلىنغاندىن كېيىن، جەنۇبىي سۇدان جۇمھۇرىيىتى 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 9-كۈنى سائەت نۆلدە مۇستەقىل بولغانلىقىنى جاكارلىدى.

   تەخمىنەن 30 دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى سۇدان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇستەقىللىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمىغا قاتناشتى، تەبرىكلەش مۇراسىمىغا يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كاتىپى بان كىمۇنمۇ قاتناشتى. نۆۋەتتە، جەنۇبىي سۇدان ئەڭ يېڭى مۇستەقىل بولغان دۆلەت. 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 14-كۈنى جەنۇبىي سۇدان جۇمھۇرىيىتى رەسمىي ھالدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بولدى.

  تارىخى

  1920-يىللىرى مىسىر سۇداننىڭ شىمالىي قىسمىغا ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزۈشكە باشلىدى ھەم جەنۇبىي قىسمىغىچە كېڭەيتتى. بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى جەنۇبىي سۇداننىڭ ھېچقانداق تارىخىي خاتىرىسى يوق بولۇپ، مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللار ئاساسەن ئېغىزدا ئېقىپ يۇرگەن تارىخقا ئاساسلىناتتى. مىلادىيە 10-ئەسىردىن ئىلگىرى نىللىقلار كۆچۈپ كېلىپ، بۇ يەردىكى ئەڭ دەسلەپكى ئولتۇراقلاشقۇچىلارغا ئايلاندى.

  19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا، ئەنگلىيە سۇداننىڭ جەنۇبىي قىسمىنى بېسىۋالدى. 1899-يىلى مىسىر بىلەن ئەنگلىيە سۇداننىڭ جەنۇبىي قىسمىغا ئورتاق ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئەنگلىيە ئەسلى سۇداننىڭ جەنۇبىي ۋە ئۇگانداغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشنى ئويلىغان بولسىمۇ، لېكىن مىللەت، دىن، مەدەنىيەت پەرقى سەۋەبىدىن، 1947-يىلىدىكى جۇبا يىغىنىدا سۇداننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش قارار قىلىندى.

  1955-يىلى سۇداننىڭ شىمالىي ۋە جەنۇبىي قىسمىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، بىرىنچى قېتىملىق سۇدان ئىچكى ئۇرۇشى پارتىلىدى. 1972-يىلى ئەددىسئەبېبەدە ئىمزالانغان « ئەددىسئەبېبە» كېلىشىمىدە سۇداننىڭ جەنۇبىغا چەكلىك ئاپتونومىيە ھوقوقى بېرىلگەندىن كېيىن، ئىچكى ئۇرۇش ۋاقىتلىق ئاخىرلاشتى.

  1983-يىلى سۇدان زۇڭتۇڭى جائافار نىمېيرى پۈتۈن دۆلەتتە ئىسلام قانۇنى يۈرگۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇنىڭغا نارازى بولغان جەنۇبى تەرەپ «سۇدان خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى» ھۆكۈمەت بىلەن قارشىلىشىشقا باشلىدى، ئىككىنچى قېتىملىق سۇدان ئىچكى ئۇرۇشى پارتىلىدى. 2005-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى، جەنۇب ۋە شىمال ئىككى تەرەپ «ئوموميۈزلۈك تىنچلىق كېلىشىمى» نى ئىمزالىدى، 21 يىلغا سوزۇلغان ئىچكى ئۇرۇش ئاخىرلاشتى. كېلىشىمدە جەنۇب تەرەپ ئاپتونومىيە ھوقوقىغا ئىگە بولدى، شىمال تەرەپ يۈرگۈزگەن ئىسلام قانۇنى جەنۇب تەرەپكە ماس كەلمىدى، شۇنداق قىلىپ 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى مۇستەقىل بولۇش-بولماسلىقنى ئومۇمىي خەلق ئاۋازىغا قويدى.

  2011-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى، جەنۇب-شىمال ئىككى تەرەپ ئوتتۇرسىدا قوراللىق توقۇنۇش يۈز بەردى. ئەڭ ئاخىرىدا ئىككى تەرەپ ئابۇيالىدىن چېكىنىپ چىقىشقا قوشۇلدى. 6-ئاينىڭ ئاخىرىدا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىرنەچچە دۆلەتنىڭ سۆھبەت خادىملىرى 4200 نەپەر ئېفىئوپىيە ئەسكىرىنىڭ ئابۇيالىنىڭ تېنچلىقىنى ساقلاش تەكلىپىنى بەردى.

  2011- يىلى جەنۇبىي سۇدان مۇستەقىل بولۇشنى ئومۇمىي خەلق ئاۋازىغا قويدى. 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 30- كۈنى ئېلان قىلىنغان دەسلەپكى قېتىملىق بېلەت تاشلاش نەتىجىسىدە، بېلەت تاشلاشقا قاتناشقان %98.83 ئادەم مۇستەقىللىقنى قوللىدى. 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 31-كۈنى سۇداننىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى ئاۋازغا قويۇش نەتىجىسىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى، مۇستەقىل بولغاندىن كېيىنكى ئىجرائىيە كومىتىتىنىڭ بىر ئەزاسى «تونۇشلۇق ۋە قولايلىق بولۇشى» نى ئاساس قىلىپ، مۇستەقىل بولغاندىن كېيىنكى دۆلەتنىڭ نامىنى «جەنۇبىي سۇدان جۇمھۇرىيىتى» دەپ بېكىتتى. ئۇنىڭدىن باشقا قوللىنىشنى ئويلاشقان دۆلەت ناملىرى قەدىمكى يەھۇدىلارنىڭ ئىنجىلىدا خاتىرلەنگەن «گۇش»، «نىل دەرياسى جۇمھۇرىيىتى»، «يېڭى سۇدان» لارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇ يىلى سۇدان زۇڭتۇڭى رەسمىي ھالدا جەنۇبىي سۇدان جۇمھۇرىيىتىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى جاكارلىدى، جەنۇبىي سۇدان رەسمىي ھالدا ئافرىقا قىتئەسىدىكى 54- دۆلەتكە ئايلاندى. 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 14-كۈنى، 65-قېتىملىق بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنى نىيۇ-يوركتا شۇ يەر ۋاقتى 7-ئاينىڭ 14-كۈنى جەنۇبىي سۇداننى رەسمىي ھالدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 139-ئەزاسىغا قوبۇل قىلدى.

  سىياسى ئەھۋالى

  2011-يىلى 7-ئاينىڭ 7-كۈنى، ئاساسى قانۇننىڭ تەستىقلىشىدىن ئۆتۈپ،  پرېزىدېنتلىق تۈزۈمىدىكى ھۆكۈمەت بېكىتىلدى. سالۋا كىئىر ماياردىت  پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ، 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 9-كۈنى باشلاپ ۋەزىپە ئۆتىدى، مۇددىتى 5 يىل قىلىپ بېكىتىلدى. دۆلەت قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 7000 كىشىلىك ھەربىي قىسىم ۋە 900 كىشىلىك ساقچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 7900 كىشىلىك تىنچلىق ساقلاش قىسمىنى ئەۋەتىپ، جەنۇبىي سۇدان قۇرۇلغاندىن كېيىنكى دۆلەتنىڭ تېنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى مۇستەھكەملىدى، مۇددىتىنى بىر يىل قىلىپ بېكىتتى. جەنۇبىي سۇدان «ئۈچ ھوقوقنى ئايرىش» ھەم «ئىككى پالاتالىق تۈزۈم» نى يۈرگۈزدى، مەمورىي ئورگان، قانۇن تۈزۈش، ئەدلىيە ئورگانلىرى مۇستەقىل قارار چىقاردى. جەنۇبىي سۇدان پارلامېنتى (يۇقىرى پالاتا) دۆلەتنىڭ قانۇن چىقىرىش ئورگىنى، جامېس ۋانى ئىگگا پارلامىنېت باشلىقى بولدى.

  «ئوموميۈزلۈك تىنچلىق كېلىشىمى» گە ئاساسەن، ئەدلىيە ئورگىنى (تۆۋەن پالاتا) ئالىي سوت مەھكىمىسى، نارازىلىق ئەرزى سوتى، يۇقىرى سوت مەھكىمىسى ۋە باشقا سوتلاردىن تەركىب تاپىدۇ. ئالىي سوت مەھكىمىسى: سوت مەھكىمىسى باشلىقى، مۇئاۋىن باشلىق ۋە بەش نەپەر سودىيىدىن تەركىب تاپىدۇ. نۆۋەتتىكى ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى  قون ۋول مەكېس.

جەنۇبىي سۇداننىڭ دۆلەت بايرىقىجەنۇبىي سۇداننىڭ دۆلەت بايرىقى

  جۇغراپىيىسى

    جەنۇبىي سۇداننىڭ يەر مەيدانى 620 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، شەرق تەرىپى ئېفىئوپىيە بىلەن، جەنۇبىي تەرىپى كونگۇ دىموكراتىك جۇمھۇرىيىتى، كېنىيە ۋە ئۇگاندا بىلەن، غەربى ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى بىلەن، شىمالى تەرىپى سۇدان بىلەن چىگرىلىنىدۇ. جەنۇبىي سۇدان شىمالىي كەڭلىك 10 گرادۇسنىڭ جەنۇبى تەرىپىگە توغرا كېلىدۇ، يەر شەكلى ئىسسىق بەلۋاغ يامغۇرلۇق ئورمىنى، ئوتلاق ۋە سازلىقنى ئاساس قىلىدۇ. جەنۇبى سۇدان رايونىنىڭ بىر يىللىق ھۆل يېغىن مىقدارى 600 دىن 2000 مىللىمېتىرغىچە بولىدۇ، ھەر يىلى 5-ئايدىن 10-ئايغىچە يامغۇرلۇق پەسلى بولىدۇ،ئاق نىل دەرياسى بۇ رايوننى كېسىپ ئۆتكەن ۋاقىتتا، يانتۇلۇقى بەك كىچىك، پەقەت 13 مىڭدىن بىر بولغانلىقى سەۋەبىدىن، ئۇگاندا ۋە ئېفىئوپىيە ئىككى تەرەپتىن كەلگەن كەلكۈن سۈيى بۇ رايونى توغرىسىغا توسۇپ قالىدۇ. ئېقىن تېزلىكى ئاستىلىغاندىن كېيىن، تاشقىن تېشىپ، چوڭ كۆلەمدىكى سازلىقنى شەكىللەندۈرىدۇ، بۇ سۇد (sudd) سازلىقى دەپ ئاتىلىدۇ. شۇ جاينىڭ نىل مىللىتى قارا تەنلىكلىرى Nilotic people))، يامغۇرلۇق پەسىلدە ئېگىز جايلارغا كۆچۈپ بېرىپ ئولتۇراقلىشىپ، كەلكۈن قايىتقاندىن كېيىن، ئاندىن دەريا قىرغىقى ۋە سۇ بار رايونلارغا كۆچۈپ كېلىدۇ. نىلو قارا تەنلىكلىرى ھەم دېھقانچىلىق بىلەن ھەم چارۋىچىلىق بىلەن شوغۇللىنىدۇ، دېھقانچىلىقى مانىخوت، يەر ياڭىقى، تاتلىق ياڭيۇ، قوناق، كۈنجۈت، كۆممىقوناق، شال، چوكا پۇرچاق (جاڭدۇ)، پۇرچاق تۈرىدىكىلەر ۋە سەيلەرنى ئاساس قىلىدۇ. چارۋىچىلىقتا كالا ئاساس قىلىنىدۇ، بۇ رايوندا دەل-دەرەخ ئاز، يېرىم يىل قۇرغاقچىلىق بولىدىغانلىقتىن، ئومۇمەن تنېتسې چىۋىنىنى يېتىلدۈرۈشكە ماس كەلمەيدۇ. جەنۇبىي سۇدان مۇھىم بولغان كالا بېقىش رايونى بولغاندىن باشقا يەنە بېلىقمۇ كۆپ چىقىدۇ.

ئاق نىل دەرياسى بويلاپ ئاققان پەلەمپەي رايونلار شەكىللەندۈرگەن سۇد سازلىقى ئافرىقا قىتئەسىدىكى ئاساسلىق نەم رايونلارنىڭ بىرى. يامغۇر پەسلىدە،بۇ سازلىقنىڭ يەر مەيدانى كېڭىيىپ 51 مىڭ 800 كۋادرات كىلومېتىردىن ئېشىپ كېتىدۇ، ئەتراپتىكى قەبىلىلەر قومۇشتىن سۈنئىي ئارال ياساپ، شۇ سۈنئىي ئارالنىڭ ئۈستىدە ۋاقىتلىق ئولتۇراقلىشىپ بېلىق تۇتۇپ، لەيلىمە بېلىق تۇتۇش بارگاھىنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئاق نىل دەرياسىنىڭ دېڭىز تاشقىنى، دەريا قېنىدىكى كالا باقىدىغان ئوتلاقلارنى ئەسلىگە كەلتۈرىشىمۇ نىسبەتەن مۇھىم. مەنزىرە رايونلىرىدىن جەنۇب تەرەپ دۆلەت باغچىسى، بەندىنگىلو دۆلەت باغچىسى (Bandingilo National Park)،بوما دۆلەت باغچىسى (Boma National Park) بار.

  جەنۇبىي سۇداننىڭ شەرقى جەنۇبىدىكى كېنىيە، ئېفىئوپىيە بىلەن چېگرىلانغان قىسمىدىكى «ئىلەمىي (ilemi) ئۈچ بۇرجىكى» تالاش-تارتىش قىلىنىۋاتقان يەر، ھازىر كېنىيىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولۇپ، جەنۇبىي سۇدان بىلەن ئېفىئوپىيە بۇيەرگە نىسبەتەن ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك ھوقوقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ھاۋا كىلىماتى

ھاۋا كىلىماتى ئىسسىق بەلۋاغ قۇرغاق ۋە نەم پەسىللىك ھاۋا ئاساس بولۇپ، تۆت پەسىلنىڭ ئايرىلىشى ئېنىق ئەمەس. ھەريىلى 5-ئايدىن 10-ئايغىچە يامغۇر پەسلى بولىدۇ، 11-ئايدىن كېيىنكى يىلى 4-ئايغىچە قۇرغاق پەسىل بولىدۇ.

مەمورىي رايونلارغا ئايرىلىشى

جەنۇبىي سۇدان  10 شىتاتقا بۆلىنىدۇ:

بەھر ئەل (Bahr el) دەرياسى رايونى :

شىمالىي بەھر ئەل دەرياسى شىتاتاتى (Northern Bahr el Ghazal)

غەربىي بەھر ئەل دەرياسى شىتاتاتى (Western Bahr el Ghazal)

لاكەس (Lakes) شىتاتاتى

ۋارراپ (Warrap)  شىتاتاتى

ئېكۋاتور رايونى:

غەربىي ئېكۋاتور شىتاتاتى

ئوتتۇرا ئېكۋاتور شىتاتاتى

شەرقىي ئېكۋاتور شىتاتاتى

يۇقىرىقى نىل رايونى:

جوڭلېي (Jonglei) شىتاتاتى

غەربىي يۇقىرقى نىل شىتاتاتى

يۇقىرىقى نىل شىتاتاتى

بۇ 10 ئۆلكە يەنە 86 ناھىيىگە بۆلىنىدۇ.

  نوپۇسى

  مۇستەقىل بولۇشتىن ئىلگىرى جەنۇبىي سۇداندا نېگىرلار ئاساسلىق ئورۇندا تۇراتتى، ئانىمىزىم ئېتقادى كۆپ قىسىمنى ئىگىلەيتتى. ئاز بىر قىسمى پروتېستانت دىنى، كاتولىك دىنى، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلاتتى. ئاساسلىقى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان نېگىر ئەرەبلەرنى ئاساس قىلغان سۇداننىڭ شىمالىي قىسمى بىلەن پەرقلىنەتتى. مىللەت ۋە دىنىي ئېتىقاد تەرەپتىكى پەرق سۇداننىڭ ئىككىگە بۆلىنىشىدىكى ئاساسىي سەۋەپلەرنىڭ بىرى.

  ئاساسلىق شەھەرلىرى

2010-يىلىدىكى نوپۇس سانىغا ئاساسلانغاندا، بۇ دۆلەتتىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ 10 شەھەر تۆۋەندىكىچە:

1. جۇبا (Juba)-372مىڭ 410 ئون ئادەم

2. يېي (yei)-185مىڭ ئادەم

3. ۋائۇ (Wau)-151مىڭ 320 ئادەم

4. مالاكال (Malakal)-139مىڭ 450 ئادەم

5. نىمۇل (Nimule)-45مىڭ ئادەم

6. گوگرىيېل (Gogrial)-44مىڭ 600 ئادەم

7. يامبىيو (Yambio)-40مىڭ 400 ئادەم

8. رۇمبەك (Rumbek)-32مىڭ 100 ئادەم

9. رەڭك (Renk)-26مىڭ 850 ئادەم

10. بور (Bor)-26مىڭ 800 ئادەم

  مائارىپى

  جەنۇبىي سۇدان ھازىر يۈگۈزىلىۋاتقىنى «4+4+8» تۈزىمى بولۇپ، سەككىز يىللىق باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپى، تۆت يىللىق ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە تۆت يىللىق ئالىي مەكتەپ مائارىپىدىن ئىبارەت.

  تىل جەھەتتە ئەرەب تىلىنى ئاساس قىلىدىغان سۇداندىن پەرقلىنىدۇ، ئىنگلىز تىلىنى ئاساس قىلىدۇ.

  ھازىر جەنۇبىي سۇداندا ئىنگلىز تىلى ئوقۇتقۇچىسى، بولۇپمۇ ئانا تىلى ئىنگلىز تىلى بولغان كەسپى تېخنىكا ئوقۇتقۇچىلىرى ئالاھىدە كەمچىل بولماقتا.

  تىلى

  ئەنگلىيە ھۆكۈمرانلىقىنىڭ تەسىرىدە، ئىنگلىز تىلىنى كەڭ دائىرىدە قوللانغان، جەنۇبىي سۇدان ھۆكۈمىتىمۇ ئىنگلىز تىلىنى ئىشلەتكەن. ئەرەب تىلى ۋە باشقا ئانا تىللارنىمۇ تەڭ قوللانغان.

دىنىي ئېتقادى

  جەنۇب تەرەپنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى 1956-يىلدىن باشلاپ سۈرۈشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. ئالدىنقى قېتىملىق نوپۇس تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولىشىچە، ئەڭ كۆپ ساننى ئىگىلەيدىغىنى ئىسلام دىنى بىلەن پروتېستانت دىنى بولۇپ، ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئورۇندا تۇرىدىغىنى ئەنئەنىۋى يەرلىك دىنىي ئېتىقادلار. بۇنىڭ ئىچىدە كۆپ قىسمى ئەنئەنىۋى ئېتىقادلارغا ئەمەل قىلىدۇ. سۇداننىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى كۆپ قىسىم ئاھالە ئەنئەنىۋى يەرلىك ئېتىقادلارنى ساقلاپ قالغان. ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەتقىقات بۆلىمى ئامېرىكا پارلامېنت كۇتۇپخانىسىدىكى مەلۇماتلارغا ئاساسەن، 20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىنىڭ باشلىرىدا پروتېستانت دىنى مۇردلىرى جەنۇبىي سۇدان ئاھالىسىنىڭ %10 گە يەتمەيدۇ دەپ قارىغان، سۇدان ھۆكۈمەت تەرەپ ئېلان قىلغان خاتىرىسىدە بولسا، جەنۇبىي سۇدان نوپۇسىنىڭ %25 ى ئەنئەنىۋى ئېتىقادلارغا ئەمەل قىلىدۇ، %5 ى پروتېستانت دىنى مۇردلىرى.

  2005-يىلى، بىر قىسىم خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە كۆپلىگەن پروتېستانت دىنى مۇردلىرى سۇدان ئېپىسكوپ جەمئيىتىنىڭ بولۇپ، 2 مىليوندىن ئاشىدۇ. جەنۇبىي سۇدان  پرېزىدېنتتى رىم كاتولىك دىنى مۇخلىسى، ئۇ جۇبادا قەسەم بەرگەندە، جەنۇبىي سۇداننىڭ دىننى ئەركىنلىككە ھۆرمەت قىلىدىغان دۆلەت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن.

  ئىقتىسادى

  جەنۇبىي سۇداننىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى پارچىلىنىشتىن ئىلگىرىكى سۇداننىڭ ئومۇمىي نېفىت زاپىسىنىڭ %85 نى ئىگەللەيدۇ. نېفىت جەنۇبىي سۇداننىڭ مۇھىم بولغان ئىقتىسادىي مەنبەسى. جەنۇبىي سۇداننىڭ ئاساسىي ئەسلىھەلىرى قالاق، ئۇ دۇنيا بويىچە ئەڭ نامرات دۆلەتلەرنىڭ بىرى.

  قاتنىشى

  جۇبا ئايروپورتى ئەڭ بېسىق ۋە ئەسلىھەلىرى ئەڭ ئىلغار ئايروپورت، ھەمدە كامپالا، نايروبى، قاھىرە، ئەددىس-ئەبېبە ۋە خارتۇملارغا تۇتىشىدىغان كۆپلىگەن خەلقئارا ئاۋىئاتسىيە لىنىيىلىرى بار. باشقا ئورۇنلاردىكى ئايروپورتلارنىڭ لىنىيىسى ئىچكى جايلار.

  يوللار ئىچكى ئۇرۇش سەۋەبىدىن ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان. تۆمۈر يول جەھەتتە، دۆلەت ئىچىدە ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 248 كىلومېتىر بولغان تار رېلىسلىق تۆمۈر يول سۇداننىڭ جەنۇبىي قىسمى بىلەن جەنۇبىي سۇداننىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى ۋائۇ (Wau) نى تۇتاشتۇرىدۇ. كەلگۈسى تەرەققىيات جەھەتتە، جەنۇبىي سۇدان تۆمۈر يولنى پايتەخت جۇبا ۋە قوشنا دۆلەت ئۇگاندا ۋە كېنىيە بىلەن تۇتاشتۇرۇشنى پىلانلاۋاتىدۇ.


مەنبە: ۋىكىپېدىيەدىن تەرجىمە قىلىندى.

 تەرجىمىدە ئامىنە

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 578 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 2قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2014-01-08