چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىستىلىستىكىلىق يول بىلەن ياسالغان سۆزلەر توغرىسىدا

 

 

چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىستىلىستىكىلىق يول بىلەن ياسالغان سۆزلەر توغرىسىدا

 

ئاپتور:ئامىنەم ھىمىت

 

  قىسقىچە مەزمۇنى: ھازىرقى زامان مەنىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلىشىدا ئۈنۈملۈك پايدىلىنىلىش نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىش ۋە ئۆگىنىش ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇزۇن مۇددەتلىك تارىخى تەرەققىيات جەريانىدا، چاغاتاي تىلىدا ئۆزىدە بار بولغان سۆز ياساش ئۇسۇللىرىدىن پايدىلىنىپ نۇرغۇنلىغان سۆزلەر  ياسالدى. چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ئەدەبىياتى دەۋرىدە ئەجداتلىرىمىز ئەسەرلەرنىڭ بەدىئىيلىكىنى ئاشۇرۇشتا ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەردىن تولىمۇ ئۈنۈملۈك پايدىلانغان بولۇپ ئىستىلىستىكىلىق يول بىلەن نۇرغۇنلىغان سۆزلەرنى ياسىغان. مەزكۇر ئەسەردە چاغاتاي تىلىدىكى ئستىلىستىكىلىق يول بىلەن ياسالغان سۆزلەر ئوخشىتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ياسالغان سۆزلەر، سىلىقلاش يولى بىلەن ياسالغان سۆزلەر، مۇبالىغە يولى بىلەن ياسالغان سۆزلەر، تەكرارلاش يولى بىلەن ياسالغان سۆزلەر، تەقلىد قىلىش ئۇسۇلىدا ياسالغان سۆزلەردىن ئىبارەت بەش  تۈر بويىچە كونكرېت مىساللار ئارقىلىق تەھلىل قىلىندى.

ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: ئىستىلىستىكىلىق يول، سۆز ياساش، چاغاتاي تىلى                                                                                                                           

  13-ئەسىردىن بۇيان ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنىدا ئولتۇراقلاشقان خەلقلەر ئەرەب ۋە پارس تىلىنىڭ تەسىرىدە شەكىللەنگەن بىر تىلنى ئورتاق ئىشلەتكەن، بۇ تىل «تۈرك تىلى»، «قەشقەر تۈركچىسى» دەپ ئاتىلىش بىلەن بىرلىكتە يەنە چاغاتاي ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ھۆكۈمرانلىق قىلغان رايونلاردا قوللىنىلغانلىقى ئۈچۈن «چاغاتاي تىلى» دەپمۇ ئاتالغان.

  ئىجتىمائىي ھادىسە ھېسابلىنىدىغان تىل جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ماسلىشىپ راۋاجلىنىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ ئىچكى قانۇنىيىتى بويىچە سۆز ياساش، قېرىنداش تىللاردىن ۋە چەت تىللاردىن سۆز قوبۇل قىلىش يوللىرى بىلەن يېڭى شەيئىلەرنى ۋە يېڭى ئۇقۇملارنى ئىپادىلەيدۇ. شۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ لۇغەت تەركىبىنى بېيىتىدۇ ھەم تولۇقلايدۇ. چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى،ئۇزۇن مۇددەتلىك تارىخى تەرەققىيات جەريانىدا، ئۆزىدە بار بولغان سۆز ياساش ئۇسۇللىرىدىن پايدىلىنىپ نۇرغۇنلىغان سۆزلەرنى ياسىدى. چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆزلەرنى ياسىلىش خۇسۇسىيىتىگە قاراپ مورفولوگىيىلىك ئۇسۇل بىلەن ياسالغان سۆزلەر، سىنتاكسىسلىق ئۇسۇل بىلەن ياسالغان سۆزلەر دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە ئايرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە بىرخىل سۆز ياساش ئۇسۇلى ئىستىلىستىكىلىق يول بىلەن سۆز ياساش ئۇسۇلى بىلەن تەھلىل قىلىشقا بولىدۇ.

  ئىستىلىستىكىلىق يول بىلەن سۆز ياساش ئۇسۇلى دېگىنىمىزدە ئىستىلىستىكىلىق شەكىللەرنىڭ ياردىمىدە يېڭى سۆز ھاسىل قىلىش ئۇسۇلىنى نەزەردە تۇتىمىز. ئىستىلىستىكىلىق شەكىل بولسا بىز دائىم ئېيتىپ كېلىۋاتقان ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەرنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن: ئوخشىتىش، مۇبالىغە، تەقلىد قىلىش، سىلىقلاشتۇرۇش دېگەندەك.

تۆۋەندە بىز چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىستىلىستىكىلىق سۆز ياساش ئۇسۇلى ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتمەكچىمىز.

1. ئوخشىتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ياسالغان سۆزلەر

  مۇئەييەن ئۇقۇمنى ئىپادىلەيدىغان سۆزلەرنى ھاسىل قىلغاندا ئۇلارنى ئادەتتىكى يول بىلەن بىرىكتۈرۈپ قوللىنىپلا قالماستىن بەلكى ئوبرازلىق يوللار ئارقىلىق ئەتراپىدىكى شەيئىلەرنى جانلىق تۈردە ئىپادىلەشكە زور كۈچ سەرپ قىلغان. ئالايلۇق، قەدىمدىن تارتىپلا مەيلى ئادەملەرگە ئات قويسۇن ياكى شەيئىلەرگە نام قويسۇن ئوخشىتىشتىن ئىبارەت ۋاسىتىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغان. بۇ خىل سۆز ياساش ئۇسۇلى چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ئەدەبىياتىدىمۇ ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلگەن. ئوخشىتىش ئىستىلىستىكىدىكى ئەڭ كۆپ قوللىنىلىدىغان ئاساسلىق ۋاستىلەرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتىدە چاغاتاي دەۋرىدە بەدىئىي ئەدەبىياتتىلا كەڭ تۈردە قوللىنىپ قالماستىن بەلكى سۆز ياساشتىمۇ كەڭ تۈردە قوللىنىلىدۇ.

   (1) ۋەكىللىك ئوخشىتىش ئارقىلىق ياسالغان سۆزلەر

ۋەكىللىك ئوخشىتىش ئارقىلىق ياسالغان سۆزلەر بىر شەيئىنىڭ خۇسۇسىيىتىگە، ئالاھىدىلىكىگە ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئىككىنچى بىر شەيئىنى ئاتاش يولى بىلەن ياسىلىدۇ. بۇنىڭدا ئوخشىغۇچى شەيئى ئورنىدا تۇرىدۇ.

مەسىلەن:

سەن ئەجەب كوتە نەزەرلىك ئەيلىدىڭ،

بۇيلە يەردە بى بەسەرلىك ئەيلەدىڭ.

(سەن ئەجەب نەزىرىڭ قىسقىلىق قىلدىڭ، مۇنداق ئورۇندا كورلۇق قىلدىڭ)

-ئەلشىر نەۋائى.«مەنتىقۇتتەييىر»

كوتە نەزەر (نەزىرى قىسقا)-ئەتراپلىق ئويلىيالمايدىغان، يىراقنى كۆرەلمەيدىغان.

يەدى تولا (قولى ئۇزۇن)–يەد «قول» دېگەن مەنىدە، قولىنىڭ ئۇزۇنلىقىنى بىلدۈرمەستىن ئىقتىسادىنىڭ ياخشىلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

گردن بستە (بوينى باغلانغان)، گردن-گەدەن، بويۇن؛ بستە-باغلانغان؛ بوينى باغلانغان دېگەن مەنىدە بولماستىن، «ئەركىنلىكى يوق» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.

تىيرە روي (نادان كالتە پەم)، تىيرە-قاراڭغۇ، نۇرسىز دېگەن مەنىدە، روي-چىراي،

قاراڭغۇ چىراي بولماستىن نادان، كالتە پەم دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.

(2) يوشۇرۇن ئوخشىتىش ئارقىلىق ياسالغان سۆزلەر

  يوشۇرۇن ئوخشىتىش ئېنىق ئوخشىتىشقا قارىغاندا بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن، چوڭقۇرلاشتۇرۇلغان ئوخشىتىش شەكلىدۇر. بۇ خىل شەكىلدە ئوخشالغۇچى بىلەن ئوخشىغۇچىنىڭ مۇناسىۋىتى يۇشۇرۇن بولىدۇ.

  بۇ خىل شەكىلدە ياسالغان سۆزلەر بىر قەدەر ئالاھىدىرەك بولۇپ، ئوخشىغۇچى بىلەن ئوخشالغۇچىنىڭ مۇناسىۋىتى ئانالىتىك يول بىلەن ياسالغان سۆزلەرگە ياكى بىرىككەن سۆزلەرنى تەشكىل قىلغان تۈپ سۆزلەرنىڭ بىر – بىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە تېخىمۇ ئوخشاشتەك كۆرۈنىدۇ. ماھىيەتتە بولسا ئوخشىمايدۇ. ئەگەر يۇشۇرۇن ئوخشىتىش يولى بىلەن ياسالغان سۆزلەرگە ئوخشىغۇچى، ئوخشالغۇچىلىق مۇناسىۋىتىدە ئەمەس، بەلكى ئېنىقلىغۇچى ئېنىقلانغۇچىلىق مۇناسىۋىتى ئارقىلىق تەھلىل ئېلىپ بېرىلسا ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئوخشىغۇچى بىلەن ئوخشالغۇچى مۇناسىۋىتىنى ئېنىق شەرھلەپ بەرگىلى بولمايدۇ.

مەسىلەن:

كېچىلەر بولسا چىقار دائىم سەدايىدىن سەدا،

 ئاي يۈزۈڭنى كۆرمەسەم مەن كوپدۇر،ئەرمانىم، غەرەز.

                                                 -سادايى.«دىۋانى سادايى»

شەكل ۋە شۇمايلى پەست بويلۇق، تېگىرمە ساقاللىق، قوبا يۇزلۈك، تەنبەل كىشى ئىدى. (بابۇرنامە.324-بەت)

  مەسىلەن: «ئاي يۈزلۈك» دېگەن سۆزنى ئالساق، قارىماققا بۇ سۆزلەرنىڭ شەكلى ئانالىتىك يول بىلەن ياسالغان سۆزلەرنىڭ تۈزۈلۈش شەكلىگە ئوخشاشتەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما ئىنچىكىلىك بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆرسەك، ئالدىنقى سۆزلەردىكى تەركىبلەرنىڭ سۆزلەرنىڭ مۇناسىۋىتى ئوخشىغۇچى، ئوخشالغۇچىلىق مۇناسىۋەت، كېيىنكى سۆزلەرنىڭ تەركىبىدىكى تۈپ سۆزلەرنىڭ مۇناسىۋىتى ئېنىقلىغۇچى ئېنىقلانغۇچىلىق مۇناسىۋەت بولىدۇ. ئەمدى ئۇلارنىڭ مەنە جەھەتتىكى باغلىنىشنى سېلىشتۇرۇپ كۆرسەك، «ئاي يۇزلۈك» نىڭ مەنە جەھەتتىكى باغلىنىشى «ئايغا ئوخشايدىغان يۈز» دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ.

2.سىلىقلاش يولى بىلەن ياسالغان سۆزلەر

  سىلىقلاش–ئىستىلىستىكىدا ئوي پىكىرنى ئۇدۇللا ئېيتماي سىپايىلىك بىلەن مۇلايىملاشتۇرۇپ ئېيتىش دېمەكتۇر. بۇ يەردىكى سىلىقلاش يەنە قوپال ئەدەبسىز ئىبارە ياكى سۆزنى باشقا سۆز بىلەن پەردازلاپ ئېيتىشقا قارىتىلغان.

  ئۇيغۇر خەلقى ئۇزۇن مۇددەتلىك تارىخى تەرەققىيات جەريانىدا باشقا مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلىش بىلەن بىرگە ئۆزىگە خاس بولغان مەدەنىيەت ئەندىزىسىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. ئۇلار بۇ جەرياندا ئۆزلىرىنىڭ ئەخلاق چۈشەنچىلىرىگە، ئەدەب–ئەخلاق مىزانلىرىغا ئاساسەن ئۆز–ئارا ئالاقىدا سۆزنى مەنىسىگە ئاساسەن تاللاپ ئىشلىتىشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن. قوپال، ئەدەبسىز، تومتاق سۆزلەرنى ئۆزلىرىنىڭ تىل ئادىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ، ئۇنداق سۆزلەرنىڭ ئورنىغا سىلىق، يۇشۇرۇن، ئەگىتمە مەنە بېرىدىغان سۆزلەرنى ياساپ ئىشلەتكەن. مەسىلەن:

سۇلتان كىم مەئروف مەشھۇردۇر قىدىرخان ۋىسال ئاتلىغ بىر مۇقامنى ئىختىرائ قىلىب شاگىردلارىغە ئۆرگەتتى  ئابدۇلرەشىتخان بادشاھدىن ئىككى يىل كېيىن ئالەمدىن كەتتىلەر

«ئالەمدىن كېتىش» بولسا « ئۆلۈش» سۆزىنىڭ سىلىقلاشتۇرۇشى ئارقىلىق ياسالغان.

  بۇلارنىڭ مەنە جەھەتتىكى مۇناسىۋىتىدىن قارىغاندا ئۇلارنىڭ بىلدۈرگەن مەنىلىرى ئالماشقان سۆزلىرى بىلەن تەڭ ئورۇندا تۇرىدۇ. ئەمما ئۇلارنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنى، قوپال–سىلىقلىق دەرىجىسى ئوخشىمايدۇ. ئۇيغۇر تىلىدا بۇنداق سىلىقلاشتۇرۇش يولى بىلەن ياسالغان سۆزلەر خېلى كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدۇ. ئەمەلىي ئەھۋالغا ماسلاشتۇرۇپ ئىفىمىزىلىق ئۇسۇل بىلەن ياسالغان سۆزلەرنى ئالماشتۇرۇپ ئىشلەتسەك ئىپادىلەش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ ئالاقىنىڭ نورمال، تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

3. مۇبالىغە يولى بىلەن ياسالغان سۆزلەر

  ئىستىلىستىكىدا ئىپادىلەش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن شەيئىلەرنىڭ ئەسلى ھالىتىدىن ئاشۇرۇپ ياكى كىچىكلىتىپ ئىپادىلەش مۇبالىغە دەپ ئاتىلىدۇ.

  ئۇيغۇر تىلىدا مۇبالىغە ئۇسۇلى بىلەن ياسالغان سۆزلەر سان جەھەتتە ئانچە كۆپ سالماقنى ئىگەللىمىسىمۇ، ئەمما يەنىلا بۇ خىل ئۇسۇل بىلەن ياسالغان سۆزلەر كۈندىلىك تىل ئەمەلىيىتىمىزدە دائىم ئۇچراپ تۇرىدۇ

چاپىپ ھەر تەرەپ بادپايى سەمەند،

شىكار ئەيلەبان بارچە پەستۇ بەلەند.

                                                               -ئا.نىزارى

  بادپا (يەل تاپان) – باد «يەل،شامال» دېگەن مەنىدە، پا-«پۇت،تاپان» مەنىسىدە. بۇ «يەللىك تاپان» مەنىسىدە بولماستىن، «تېز يۈرەر، چاپقۇر» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.

بەسى ياد قىلدى چۇ گۇلپامنى،

          كېلىپ تۇتتى ساقى ئەجەل جامىنى.

                                                          -ئا.نىزارى

4. تەقلىد قىلىش ئۇسۇلىدا ياسالغان سۆزلەر

  بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان تەقلىد قىلىش ئۇسۇلى ئادەتتە مورفولوگىيەدە ئېيتىلىدىغان تەقلىد سۆزلەرنىڭ ياسىلىشىدىن تۈپتىن پەرقلىنىدۇ. ئىستىلىستىكىدا تەقلىد قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق سۆز ياساش دېگىنىمىزدە،  بەزى ھاللاردا ئاغزاكى ياكى يازما نۇتۇقتا ئىپادىلەش ئېھتىياجىغا ئاساسەن نورمال سۆز ياساش قائىدىسىگە دېگەندەك ئۇيغۇن كەلمەيدىغان سۆزلەرنى ۋاقىتلىق ياساش ئارقىلىق، شۇ كونتېكىستا مەلۇم ئىستىلىستىكىلىق ئۈنۈم ھاسىل قىلغىلى بولىدىغان ئۇسۇلنى كۆرسىتىدۇ.

مەسىلەن:

بىر كۈنى قىلدى تەكەللۇم ناز ئىتىپ يارىم ماڭا،

قەھ-قەھە بىرلە كۈلۈپ ئول يارى دىلدارىم ماڭا.

-غەزەلىيات (موللا بىلال بىن موللا يۈسۈپ)

دەمادەم قەترە-قەترە قان ياشىمدۇركى چىخەر كوزدەن،

ۋەيا پەيكانلىرىڭكىم ئاتەش دىل ئانى سۇ ئەيلەر

(قانلىق ياش تامچىلىرى ئۈزۈلمەي ئاقماقتا،شۇڭا سەن ئاتقان ئوقلارنى مېنىڭ ئوتلۇق دىلىم سۇ قىلۋېتەلەيدۇ.)

-فۇزۇلى

5. تەكرارلاش يولى بىلەن ياسالغان سۆزلەر

  چاغاتاي تىلىدا تەكرارلاش يولى بىلەن ياسالغان سۆزلەر خېلى كۆپ بولۇپ ئاساسەن ھەممە سۆز تۈركۈملىرىدىن دېگۈدەك بۇ خىل شەكىلدىكى سۆزلەرنى ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ. بۇ خىل سۆزلەر ياسالغاندىن كېيىن ئەسلىدىكى يەككە ھالىتىدىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ كەڭ مەنە بىلدۈرەلەيدۇ ھەم نۇتۇقنىڭ مەزمۇنىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پىكىرنى دەل، جايىدا ئىپادىلەشكە ياردەم بېرىدۇ. تۆۋەندە بىز ھەرقايسى سۆز تۈركۈملىرىدىن ياسالغان بۇ خىل سۆزلەر بىلەن قىسقىچە تونۇشۇپ ئۆتەيلى.

1) ئىسىمدىن ياسالغانلىرى

مەسىلەن:

تاغ-تاغ ئوتۇنغە ئوتلار ئوردىلار،

شوئلەسىن ئەپلاكغە يەتكۈردىلار.

(تاغ-تاغ بولۇپ ياتقان ئوتۇن دۆۋىسىگە ئوت ياقتى، ئوت يالقۇنى پەلەككە يېتەتتى.)

-ئەلشىر نەۋائى.«مەنتىقۇتتەييىر»

قويۇپ شەم قىلىپ دەستە-دەستە ئاسىپ،

دۇكان ئوزرو قويدى ئول ئەردى نىسىب.

  -ئاياز بىك قۇشچى.«جاھاننامە»

   بۇ خىل شەكىلدىكى سۆزلەرنىڭ بىرىككەندىن كېيىن ئىپادىلەيدىغان مەنىسى يالغۇز ھالىتىدىكىدىن سان جەھەتتە تېخىمۇ كۆپ ياكى دائىر جەھەتتە تېخىمۇ كەڭ بولىدۇ.

2) سۈپەتتىن ياسالغانلىرى

مەسىلەن:

يول شىددىتىدىن بولسا ساۋۇق ھىجر ئوتىدا،

بىر-بىر سۇڭكىم سوك- سوك ئوتۇندەك قالادىم.

-دىۋانى مەھزۇن

دىدى ھالىن يىغلابان ئاچچىغ-ئاچچىغ،

 كىم نىچوك ئىشىق ئەيلەمىش ھالىن قاتتىغ.

(قىز ئۆز ئەھۋالىنى ئاچچىق-ئاچچىق يىغا بىلەن سۆزلىدى، ئىشىق ئۇنىڭ ھالىنى قانداق بىر ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغانلىقىنى سۆزلىدى.)

-ئەلشىر نەۋائى.«مەنتىقۇتتەييىر»

  بۇ خىلدىكى سۆزلەرنىڭ بىرىككەندىن كېيىن ئىپادىلەيدىغان مەنىسى ئەسلىدىكى خۇسۇسىيەت دەرىجە جەھەتتىن تېخىمۇ كۈچلۈك، شەكىل جەھەتتىن تېخىمۇ چوڭ ياكى كىچىك، ئورۇنلىشىش ھالىتى جەھەتتىن رەتلىك ياكى رەتسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

3) رەۋىشتىن ياسالغانلىرى

مەسىلەن:

بىلۇر مەۋسىمىنى ئۇزاقتىن-ئۇزاق،

ۋە لېكىن تۇتارغە قويار ئول توزاق.

                                                   -ئا.نىزارى(رابىئە-سەئىدىن)

   بۇ خىلدىكى سۆزلەر تەكرارلانغاندىن كېيىنكى مەنىسى، ئەسلىدىكى يالغۇز ھالىتىگە قارىغاندا ھەرىكەتنىڭ ھالىتى جەھەتتىن ئەسلىدىكىدىن تېخىمۇ تېز ياكى تېخىمۇ ئاستا، ۋاقىت جەھەتتە ئەسلىدىكىدىن تېخىمۇ قىسقا ياكى تېخىمۇ ئۇزۇن ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ بېرەلەيدۇ.

4)پېئىلدىن ياسالغانلىرى

مەسىلەن:

پەرىزاد ناز ئۇيقىسىغە باقىپ-باقىپ،

ئولتۇرۇپمەن توشۇپ ئەش غەرىپ.

                                               -ئاياز بىك قۇشچى.«جاھاننامە»

5) مىقداردىن ياسالغانلىرى

مەسىلەن:

بەن خۇ ئولدۇم ئى تۇرابىمدەن ئۇران ساغىر مۇدام، رەندىلەر بەزمىن كىرۇپ بىر-بىر يېتور بەندەن نىياز.

(مەن ئۆلگەندىن كېيىن مېنىڭ تۇپرىغىمدىن ياسىلىدىغان ئەي شاراپ قاچىسى، سەن ھەمىشە شاراپخورلار بەزمىسىگە بېرىپ، مېنىڭ سالىمىمنى بىر–بىرلەپ يەتكۈزۈپ تۇرغايسەن.)

-فۇزۇلى

  دېمەك، يۇقۇرىدا سۆزلەپ ئۆتكەن بارلىق بايانلىرىمىزنى يىغىنچاقلاپ كەلسەك، چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىدا ئوخشىتىش، تەكرارلاش، قاپىيىداشلىق يولى بىلەن ياسالغان سۆزلەر كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدۇ، قالغانلىرى بولسا ئاز نىسبەتنى ئىگەللەيدۇ. ئوخشىتىش، مۇبالىغە، سىلىقلاش يولى بىلەن ياسالغان سۆزلەردە ئاساسلىقى سۆزلەرنىڭ مەنە مۇناسىۋىتى ئاساس قىلىنىدۇ. تەكرارلاش، قاپىيىداشلىق يوللىرى بىلەن ياسالغان سۆزلەردە سۆزلەرنىڭ مەنە مۇناسىۋىتىگە ئېتىبار بېرىش بىلەن بىرگە يەنە تاشقى تۈزۈلۈش شەكلىگىمۇ ئېتىبار بېرىلىدۇ. چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىدا ئىستىلىستىكىلىق يول بىلەن سۆز ياساش ئۇسۇلىدىن توغرا، ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، تىلنىڭ ئىپادىلەش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، ئوبرازچانلىقىنى كۈچەيتىش، ئەسەرنىڭ تېخىمۇ گۈزەل، يارقىن، راۋان بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرغان.

 

پايدىلانمىلار

1.خۇيى، «ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىستىلىستىكىلىق سۆز ياساش ئۇسۇللىرى توغرىسىدا»، خەنزۇچە، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى 1996- يىل 2- سان.

2. ئابدۇروپ پولات تەكلىماكانىي: «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسى» (مىللەتلەر نەشرىياتى20074-يىل 6-ئاي نەشرى)

3.جاۋ مىڭمىڭ: «ئۇيغۇر تىلىغا چەتتىن كىرگەن سۆزلەر توغرىسىدا»(1987-يىل مەركىزى مىللەتلەر شۆيۈەنى ئاسپىرانتلار بۆلىمى ماي باسمىسى)

.3بۇلاق (ئومۇمى 9-سان.1983-يىلى 1-ئاي 1-نەشرى)

4.بۇلاق (1982-يىلى 2-سان شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى)

 مەنبە: «خوتەن پىداگوگىكا ئالىي تېخنىكومى ئىلمىي ژۇرنىلى» 2013-يىللىق 2-سان.

 


مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 474 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 1قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2014-01-06