ئالتۇن ھاجى

 


مەرىپەتپەرۋەر، ئەل سۆيگەن-ئالتۇن ھاجى

 

خوجا نىياز (ئاقسۇ مائارىپ ئىنىستىتوتى تارىخ ئوقۇتقۇچىسى، دوتسېنت(

 

 

ئالتۇن ھاجى 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئۇچتۇرپاندا ياشاپ ئۆتكەن، ئەل ئىچىدە ھۆرمەت تاپقان، ئېتىقادلىق، مىللەتپەرۋەر، مەرىپەتپەرۋەر كىشىلىرىمىزنىڭ بىرى.

ئۇ ئۇچتۇرپان ئاچىتاغ (يانقىر) لىق بولۇپ، ئۇنىڭ نۇرغۇن ئىشلەمچىلىرى، ئات-ئۇلاق، مال چارۋىلىرى، 500 مودىن كۆپ يېرى بولغان.

ئۇنىڭ يوغان، چىرايلىق بىر ئاق ئېتى بولۇپ، مەھەللە ئارىلاپ، كىشىلەر بىلەن ھال مۇڭ بولۇپ، يۇرت ئىشلىرىنى مەسلىھەت قىلىشىدىكەن. بۇ ئاتنىڭ داڭقى نەلەرگىدۇر تارقىلىپ ئاخىرىدا، ئۇچتۇرپان ھۆكۈمرانى مادوتەي (ماشاۋۋۇ) نىڭ قۇلىقىغا ئاڭلانغان، مادوتەي ئەلچى ماڭغۇزۇپ بۇ ئاق ئېتىنى ئۆزىگە بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ئالتۇن ھاجى بۇ گەپنى ئاڭلاپ، مادوتەي يۇرتتا بارلىق ئەسكىلىكلەرنى  قىلىپ قانماي، ئەمدى ئەخمەق قىلمىغان مەن ئالتۇن ھاجى قاپتىمەندە. ئات دېگەن نۇرغۇن تۇرسا، مېنىڭ بۇ ئاق تۇلپارىمنى تالاشقۇچە باشقا جايلاردىن ئات ئېلىۋالسا بولمامدۇ. مىنىڭ بۇ ئاق تۇلپارىمنىڭ قەيەرىگە كۆزى چۈشتىكىنە، مادوتەي دېگەن بۇ ئەبلەخ مىنىڭ بۇ ئاق تۇلپارىمنى ئاپىرىپ تەتىيىگە قۇيامدىكىنە، دەپ كايىغان. ئەلچى بۇ گەپنى مادارىنغا يەتكۈزگەن. مادارىن: «ھە نېمە؟ بۇ ئۇچتۇرپان دىيارىنى مەن سوراۋاتسام، ئالتۇن ھاجى بۇ يۇرت مېنىڭ دەمدىكىنە» دەپ، نۇرغۇن ئەسكەرنى يانقىر يېزىسىغا ماڭدۇرغان. ئالتۇن ھاجىمۇ بوش كەلمەي، ئادەملىرىنى تەييارلاپ 400 ئاتلىق ئەسكىرىنى تىزىپ، خادا تاياق ئۇچىغا ئورغاق باغلىتىپ سەپ تىزىپ جەڭگە تەييار تۇرغان. ئەتراپ مەھەللىدىكىلەرمۇ ھە ،ھۇ دەپ چوقان سېلىشىپ تۇرغان. مادارىن ئۇرۇشۇپ غەلىبە قىلىشقا كۆزى يەتمەي، چوڭ مەسىلە چىقىشتىن ئەنسىرەپ، قايتىپ كېتىپ ئەلچى ماڭغۇزۇپ، ئالتۇن ھاجىدىن ئەپۇ سورىغان. ئەمما ئەل يۇرت ئىچىدە بۇ ئىش كەڭ تارقىلىپ، ئالتۇن ھاجىنىڭ ئابرۇيى يەنە يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن. بۇ ئىشتىن ماشاۋۋۇ قاتتىق پۇشايمان قىلىپ، قورسىقى كۆپۈپ، ھىيلە بىلەن ئۇ كىشىنى يوقۇتۇشنىڭ ئامالىنى ئىزدىگەن. 1919-يىلى بىر كۈنى مادارىن ئالتۇن ھاجىنى يۇرت ئىشلىرىنى مەسلىھەت قىلىدىغان ئىش بار، دەرھال كەلسىلە دەپ ئوردىسىغا چاقىرتىپ، ئالتۇن ھاجى كەلگەندە ئالدىن ئورۇنلاشتۇرغان ئەسكەرلىرىگە بۇيرۇق قىلىپ، ئالتۇن ھاجىنى تۇتۇپ، كۈپتىكى سۇغا چىلاپ، چۆمدۈرۈپ قىيناپ ئۆلتۈرۋەتكەن. ئۇ ھىلىيگەر تۈلكە سىيىت نوچى قاتارلىق تۈركۈملىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىنى يېگەن ساختىپەز جاللات ئىدى.

    ئۇچتۇرپان خەلقى، ھازىرغىچە بۇ ئەل سۆيگەن، ئادالەت ياقلىغۇچى-ئالتۇن ھاجىنى ئەسلىشىپ كەلمەكتە.

 

مەنبە: مىسرانىم مۇنبىرى


مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 459 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2014-01-04