ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەدىمكى چەۋگەن توپ تەنھەرىكىتىنىڭ شەرىققە ۋە غەربكە تارقىلىشى

 

 

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەدىمكى چەۋگەن توپ تەنھەرىكىتىنىڭ شەرىققە ۋە غەربكە تارقىلىشى

 

خۇجا نىياز يوللۇغ تېكىن

 

维吾尔族古代的体育运动马球(击球)运动传入西方、东方

 

优路特肯.胡加尼亚孜

 

قىسقىچە مەزمۇنى: چەۋگەن توپ تەنھەرىكىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتى ۋە ھەربىي ئىشلار ساھەسىدە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغان كۈچلۈك بىر مەدەنىيەت، ئۇيغۇر–قاتارلىق تۈركىي خەلقلەر ئارىسىدا، ئەڭ قەدىمكى دەۋرلەردىن باشلاپ ئوينالغان، قەدىمىي تەنھەرىكەت ئويۇن تۈرىنىڭ بىرى، كېيىنكى ۋاقىتلارغا كەلگەندە، چەۋگەن توپ تەنتەربىيە ھەرىكىتى، شەرىققە كۆك تۈرك قاغانلىقى ۋە ئورخۇن ئۇيغۇر قاغانلىقى دەۋرى (مىلادى 552-840) دە  سۇي، تاڭ خاندانلىقى (جۇڭگو) غا  تارقالغانلىقى، گەنجۇ ئۇيغۇر قاغانلىقى دەۋرى (848-1036) ۋە ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرى (848-1369) دە قىتان، سوڭ، جىن، موڭغۇل-يۈەن، مىڭ سۇلالىسىغىمۇ تارقالغانلىقى؛ ئۇيغۇر قاراخانىيلار دەۋرىدە (مىلادى 850-1212)، چاغاتاي خانلىقى دەۋرى، ئېلخانىيلار، تۆمۈرىيلەر، بابۇر خانلىقى، ياركەند سەئىدىيە خانلىقى دەۋرىدە  چەتئەللەر بىلەن مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش شەكلىدە، غەربكە تارقالغانلىقى، تۈرلۈك تارىخىي پاكىتلار ئاساسىدا ئىخچام ئوتتۇرغا قويۇلغان.

ئاچقۇچلۇق سۆز :  ئات؛ ئۇيغۇرلار؛ چەۋگەن توپ تەنھەرىكىتى؛ شەرق- غەربكە تارقىلىشى

تەنتەربىيە ھەركىتى تارىخى _ ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تارىخنىڭ بىر مۇھىم تەركىبى قىسمى. تۈركىي خەلقلەردە تەنتەربىيە قەھرىمانلىق، جەڭگىۋارلىق ئەنئەنىلىرى بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇلغان.  تۈركىي خەلقلەر تەبىئەت بىلەن بولغان كۈرەشتە ھەم دۈشمەنلەر بىلەن بولغان ئۇرۇشتا  تەنتەربىيىنىڭ رولىدىن ناھايىتى ياخشى پايدىلانغان. بالىلارنى كۈچلۈك، قورقماس، تەدبىرلىك قىلىپ يېتىشتۈرۈشتە تەنتەربىيەگە پەۋقۇلئاددە ئەھمىيەت بەرگەن. تەنتەربىيە ھۇنلار، كۆك تۈركلەر ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتى ۋە ھەربىي ئىشلار ساھەسىدە ئىنتايىن مۇھىم رول ئويناپ كەلگەن.

چەۋگەن-ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي خەلقلەر ئارىسىدا ئەڭ قەدىمكى دەۋرلەردىن باشلاپ ئوينالغان، قەدىمىي تەنھەرىكەت ئويۇن تۈرىنىڭ بىرى. چەۋگەن  توپ تەنھەرىكىتى ئات ئۈستىدىكى تۈرلۈك ماھارەتلەرنى ئاشۇرىدىغان بىر خىل ئەسكەرلىك تەربىيىسى بولۇپ، ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي خەلقلەردە تەنتەربىيە ھەرىكىتى تارىخىدا ناھايىتى مۇھىم ئورۇن تۇتۇپ كەلگەن .

ئۇ قارىمۇ-قارشى ئىككى سەپ ئوتتۇرسىدا، ئات ئۈستىدە تۇرۇپ، يەردىكى توپنى چەۋگەن تاياق ياردىمىدە قارشى  تەرەپ يۆلىنىشىگە قوغلاپ–سۈرۈپ، رەقىب دەرۋازىسىغا (تۆشۈكىگە) كىرگۈزىدىغان بىرخىل ئات ئۈستى (بەزى شارائىتلاردا ئات مىنمەيمۇ ئوينىلىدۇ) تەنتەربىيە ھەرىكىتىدۇر.

تارىخىي يازمىلارغا ئاساسلانغاندا، چەۋگەن-پولو ئوتتۇرا ئەسىردە ۋىزانتىيىلىكلەردىمۇ بولغان. بۇ دەۋرىدىكى چەۋگەن ئالما چوڭلۇقىدىكى بىر توپ بولۇپ، پالاق شەكلىدىكى تاياق ئارقىلىق ئوينىلاتتى. لېكىن بۇ ئويۇن ۋىزانتىيىگە ئىران ۋە ئانادولۇ ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيادىن كەلگەن.

ئىران خەلقىنىڭ ئۇلۇغ شائىرى، تارىخچى، گئوگىراف، ھەربىي ئالىم، ئۇبۇلقاسىم بىننى ئىسھاق فىردەۋسى (مىلادى934-1024 ) ئۆزىنىڭ 25 يىل (989-1014) ۋاقىت سەرپ قىلىپ يېزىپ چىققان 120 مىڭ قۇرلۇق «شاھنامە» داستانىدا قەدىمكى تۇران خەلقىنىڭ پادىشاھى-ئافراسىياپ (ئالىپ ئەرتۇڭا) بىلەن ئىران پادىشاھى -سىياھۇشلارنڭ چەۋگەن ئوينىغانلىقىنى ھېكايە قىلىدۇ.

قاراخانىيلار خانلىقى (مىلادى850-1212) دا ئۆتكەن ئۇلۇغ تىلشۇناس، ئالىم بوۋىمىز مەھمۇد كاشغەرىي « دىۋانى لۇغەتىت تۈرك» ناملىق ئەسىرىدە «تۈرك-ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇلۇغ خاقانى ئافراسىياپ (ئالىپ ئەرتۇڭا) دەپ ئاتىلاتتى. بۇ قاپلانغا ئوخشاش  كۈچلۈك، باتۇر ئادەم، دېمەكتۇر»② كاشىغەر-ئوردۇكەنت دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ خان تۇرىدىغان شەھەر-مەركەز دېگەن بولىدۇ، ئۇنىڭ ھاۋاسى ياخشى بولغىنى ئۈچۈن ئافراسىياپ شۇيەردە تۇرغان»③  دەپ كۆرسىتىدۇ.  دېمەك، پاكىتقا قارىغاندا، چەۋگەن-توپ تەنھەرىكىتى مىلادىدىن بۇرۇنقى 10-ئەسىردىن-7 ئەسىرگىچە  بولغان ئارلىقتا تۇران خاقانى ئالىپ ئەر تۇڭا دەۋرلىردىمۇ ئوينىلىپ كېلىنگەن. شۇنىڭدىن باشلاپ بۇ ئويۇن ئوتتۇرا ئاسيادىكى تۈركى قەۋملەر ئارسىدا نەۋرۇز (كۆك بايرىمى-يېڭى يىل، باھار ) بايرىمى، ھەر تۈرلۈك بايراملاردا، ھەرتۈرلۈك كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىدە، شۇنداقلا ھەربىي مەشىق سۈپىتىدە ھەربىي لاگىرلاردىكى قوشۇنلار ئارسىدا، خان ئوردىسىدا، كەڭ خەلق ئارىسدىمۇ ئەسىرلەردىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن.

بۇنىڭدىن قارىغاندا، ئۇيغۇرلادا چەۋگەن توپ ئويناش تارىخى يازما خاتىرلەردە تىلغا ئېلىنغاندىن باشلاپ ھېسابلىساق 3000 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە. ئەمدى تارىخقا يېزىلمىغان دەۋرلەردەچۇ؟ بۇنىڭدىن قارىغاندا چەۋگەن توپ تەنتەربىيە ھەرىكىتى تارىخى ناھايىتى قەدىمكى زامانلاردىن باشلانغان. تەخمىنەن مىلادىدىن 2000 يىل بۇرۇن (بۇنىڭدىن 4000 يىل ئىلگىرى) ئاسىيا يايلاقلىرىدا، ئەڭ دەسلەپ چارۋىچىلارنىڭ ئىككى سەپ ئاتلىق قوشۇن بولۇپ، قارىمۇ- قارشى يۆلۈنىشتە توپ تالىشىپ ئوينىشىدىن تەرەققىي قىلىپ بارا-بارا  ھەربىي قوشۇنلاردا ھەربىي تەنھەرىكەت تۈرى-شەكلىنى ئالغان.

ھونلار، كۆك تۈركلەر، ئۇيغۇرلاردا بۇ تەنھەرىكەت تۈرى مىلادىدىن نەچچە ئەسىر ئىلگىرىلا ئوينىلىپ كېلىنگەن («بۇ ھەقتە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەدىمكى چەۋگەن توپ تەنھەرىكىتى» ناملىق ماقالەمدە تەپسىلى توختىلىپ ئۆتكەن، شۇڭا بۇ يەردە تەكرارلاپ ئولتۇرماي، دوستلارنىڭ كوڭۈل ئارامىنى ئويلاپ، تەپسىلاتىنى يازمىدىم-ئاپتوردىن).

1979-يىلى شىنجاڭ ئارخىئولوگىيە خادىملىرى تۇرپان ئاستانە قەدىمكى قەۋرىستانلىقىدىن مىلادى 5-ئەسىردىن 7-ئەسىرگە مەنسۇپ بولغان چەۋگەن توپچىنىڭ لايدىن ياسالغان رەڭلىك ھەيكىلىنى تاپقان.

بۇ چەۋگەن توپچىنىڭ لايدىن ياسالغان رەڭلىك ھەيكىلىنىڭ  ئۇزۇنلۇقى 37 سانتېمىتىر بولۇپ، بىر دەغنەك-چەۋگەن توپچىنىڭ ئات ئۈستىدە ئولتۇرۇپ توپ قوغلاۋاتقان، ھەيۋەتلىك قىياپىتى تەسۋىرلەنگەن. ئۇ بېشىغا دوپپا، ئۈستىگە تامبال ۋە تون، پۇتىغا ئۈتۈك كىيگەن، يارىشىملىق بۇرۇت قويغان، ئىككى كۆزى يەردىكى توپقا تىكىلىپ، ئوڭ قولىدا توپ كالتىكى كۆتۈرۈپ ئاق ئاتقا مىنىپ ناھايىتى چاققان، تەڭداشسىز قەيسەرلىك بىلەن، ئات چاپتۇرۇپ كېلىۋاتقان ھالىتى كۆرسىتىلگەن.(»شىنجاڭ مىللي تەنتەربىيىسى-1985 «يىل شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، ئۇيغۇرچە نەشرى 67-بەتكەقاراڭ).

چەۋگەن توپ 1چەۋگەن توپ 1

مانا بۇلار قاڭقىل خانلىقى ياكى تۈرك خانلىقى دەۋرىدە تۇرپان رايۇنىدا ئۇيغۇرلار ياكى تۈركلەرنىڭ دەغنەك توپ مۇسابىقىسى ئۆتكۈزگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بىرىدىغان دەلىللەردۇر.

چەۋگەن توپ 2چەۋگەن توپ 2
چەۋگەن توپ 3چەۋگەن توپ 3

چەۋگەن بۈگۈنكى كۈنىمىزدە «پولو» دېگەن نام بىلەن تونۇلغان ۋە ئاتلىق ئوينايدىغان بىر تەنتەربىيە تۈرى بولۇپ، بۇ تارىختا ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي خەلقلەرنىڭ  مەشھۇر ئويۇنى ئىدى. چەۋگەن تىبەتچە «پولو»سۆزى توپ  دېگەن مەنىدە كەلسە، تۈركىي تىلدا توپ، «تەپۈك» دەپ ئاتىلاتتى.بۇ ئويۇننىڭ بۈگۈنكى ئاتىلىشى تىبەت تىلىدىكى توپ مەنىسىدە كەلگەن پۇلۇ(pulu)  سۆزىدىن ئېلىنغان بولۇپ، ئاتلىق توپ ئويناش «Polo» دېيىلگەن.①  ئۇپولو دېگەن ئاتاق-نام بىلەن  ئېنگىلىزلارنىڭ ۋاستىسى بىلەن دۇنياغا تارقالغان.

چەۋگەن توپ تەنتەربىيە ھەرىكىتى-غەربكە بولسا، تۈرك قاغانلىقى ۋە ئۇيغۇر قاغانلىقى، قاراخانىيلار قاغانلىقى ئارقىلىق، تۈرك-موغۇل،

چەۋگەن توپ 4چەۋگەن توپ 4

چاغاتاي خانلىقى، ئېلخانىيلار، تۆمۈرىيلەر، بابۇرىيلەر، ياركەند سەئىدىيە خانلىقى قارا قويۇنلۇق، ئاق قويۇنلۇقلار، كۆلەمەنلەر، سەلچۇقىيلار ۋە ئوسمانىيلار دەۋرىدە كەڭرى تارقىلىپ ئوينالغان.

ھىندىستاندا بۇ دەغنەك توپ ئويۇنىنى ئويناش بابۇرنىڭ ئوغلى ھۇمايۇن (1530-  1556) دەۋرىدە كەڭ تار قالغان.

چەۋگەن توپ 5چەۋگەن توپ 5

بابۇر شاھ ھىندىستاندا قۇرغان يېڭى دۆلىتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئوتتۇرا ئاسىيادىن يالغۇز تۇغقانلىرى بىلەن مۇھىم ئادەملىرىنى ئېلىپ بېرىش بىلەنلا چەكلەنگەن ئەمەس. ئۇ تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئەنئەنە ۋە تۆرە-قانۇن ۋە تەنتەربىيىسىنىمۇ ئېلىپ بارغان. پاكىستاندا ھېلىھەم ناھايىتى ياخشى كۆرىلىدىغان «پولو»ئويۇنى بابۇر شاھنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئېلىپ بارغان تەنتەربىيە تۈرلىرىدىن بىرى ئىدى  .

كېيىنكى ۋاقىتلارغا كەلگەندە ئىنگلىزلار ھىندىستاننى ئىشغال قىلغان مەزگىلىدە (1764-يىلى) ھىندىستاندا بابۇر تۈرك دۆلىتى ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان ۋاقىت بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا 1860-يىلى  ھىندىستاندا بۇ ئويۇننى كۆرۈشكە باشلايدۇ، شۇنىڭدىن باشلاپ ئىنگلىزلار  تۈركلەردىن چەۋگەن ئويۇنىنى ئۆگۈنۈپ، بۇ ئويۇننى 1871-يىلى ئۆز دۆلىتى ئەنگىلىيەگە ئاپىرىپ تارقىتىدۇ، 1872- يىلى ئىنگلىز قوشۇنىدىكى ئەسكەرلەر تەرىپىدىن ئوينالغان. ئېسىلزادىلەر ئارىسىدا تارقالغان بۇ ئويۇن كېيىن ئەنگلىيە ،ئامېرىكىلارغا تارقىلىپ، ئولىمپىك تەنتەربىيە ئويۇنى تۈرى سېپىگە قوشۇلىدۇ.④

 يەنى، 1876-يىلى ئامېرىكىلىق مەشھۇر تەۋەككۇلچى-جامېس گوردون بېننېت ( (James Gordon Bennet، كېيىن كىشىلەر تەرپىدىن (ئامېرىكا چەۋگەن توپ پىشىۋاسى دەپ ئاتالغان) چەۋگەن توپ تەنھەرىكىتى مەستانىلىرىنى باشلاپ، نيويوركقا قايتىپ، ئامېرىكا چەۋگەن توپ جەمئىيىتىنى قۇرغان، شۇنىڭ بىلەن قىسقىغىنا 10 يىل ئىچىدە چەۋگەن توپ تەنھەرىكىتى پۈتۈن ئامېرىكىغا كەڭرى تارقالغان تەنتەربىيە ھەرىكىتى تۈرىنىڭ بىرسى بولۇپ قالغان. 

چەۋگەن توپ 6چەۋگەن توپ 6

شۇنىڭ بىلەن ئات ئۈستىدە تۇرۇپ، يەردىكى توپنى سۈرۈپ قارشى تەرەپ دەرۋازىسىغا كىرگۈزۈش ياۋرۇپادا «konno polo»نامى بىلەن ئاتىلىپ دۇنياغا تونۇلىدۇ.

شەرققە بولسا، چەۋگەن توپ تەنتەربىيە ھەرىكىتى-كۆك تۈرك قاغانلىقى ۋە ئورخۇن ئۇيغۇر قاغانلىقى دەۋرى (مىلادى552-840) دە  سۇي، تاڭ خاندانلىقى (جۇڭگو) غا تارقالغان، گەنجۇ ئۇيغۇر قاغانلىقى دەۋرى (848-1036) ۋە ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرى (848-1369) دە، چەتئەللەر بىلەن مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش شەكلىدە  شەرقتە قىتان، سوڭ، جىن، موڭغۇل-يۈەن، مىڭ سۇلالىسىغىمۇ تارقالغان.

جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە دەغنەك توپ ئويناشتىن ئىبارەت بۇ تەنتەربىيە  ھەرىكىتى ھەربىي قوشۇنلاردا ھەربىي ئىشلار تەنتەربىيە ھەرىكىتى تۈرى قاتارىدا، مەشىق شەكلىدە قانات يايدۇرۇلغان .

بۇھەقتە سۇڭ سۇلالىسىدە ئۆتكەن مەشھۇر شائىر ليۇكېجۇاڭ (刘克庄) نىڭ «نەي  ئاۋازىنى ئاڭلاش  «(闻笛)شىئېرىدا چەۋگەن توپ ئويناۋاتقان  كۆرۈنۈش تەسۋىرلەنگەن.

چەۋگەن توپ 7چەۋگەن توپ 7

يەنە جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسىدە ئۆتكەن شائىر چىن يۈەن پۇ(陈元普)  يازغان «توپ ئويناش چاقىرىقى ۋە توپ ئويناشنى تىزگىنلەش«(击口号戏陈统制)  دېگەن شىئېرىدا، دەل ھەربىي لاگېردا دەغنەك توپ ئويناش ھەرىكىتى تەسۋىرلەنگەن. ⑤  چىن يۈەن پۇ 1211-يىلى ئۆتكەن بولۇپ بۇنىڭدىن  قارىغاندا ھەربىي گازارمىلاردا دەغنەك  توپ  ئويناش ھەرىكىتى جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسىغىچە مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن.

يۈەن سۇلالىسىدىكى نەزىرىيىچىسى لى سۈن  (李存)قەبرە تېشىغا يازغان «ئۆمۈر باياننامىسى» دا جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسىدىكى ئاق سۆڭەك ۋۇتىيەنچىڭ (吴天成) نى «كىچىكىدىن ئەركىن چوڭ بولغان، ئات مىنىپ چەۋگەن-دەغنەك توپ ئويناشقا ماھىر» دەپ تەسۋىرلىگەن.⑥

ۋۇتىيەنچىڭ 1254-يىلى تۇغۇلغان بولۇپ، 20 نەچچە ياشقا كىرگەندە جەنۇبى سوڭ سۇلالىسى يوقالغان. ئۇنىڭ كىچىك ۋاقتى دەل جەنۇبى سوڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى يىللىرى بولۇپ، بۇنىڭدىن قارىغاندا، شۇنداق دېيىشكە بولۇدىكى، جەنۇبى سوڭ يوقالغىچە ئات توپى ھەرىكىتى ھەربىي لاگىرلاردا مەۋجۇت بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئەمەلدارلار، خەلق ئارىسىغىمۇ كەڭ تارقالغان.

مۇڭغۇللار دەۋىردە چەۋگەن توپ تەنھەرىكىتى  موڭغۇللار ۋە ئوتتۇرا جۇڭگو خەلقلىرى ئارىسىغا تېخىمۇ كەڭ تارقالغان، ھەممە كىشى ھەۋەس قىلىدىغان تەنھەرىكەتكە ئايلانغان.

جەنۇبى سوڭ لىزوڭ جادىڭ 14-يىلى (مىلادى 1221-يىلى) جەنۇبىي سوڭ سۇلالىسى ۋەزىر جياۋگۇڭ () نى خېبىيدىكى موڭغۇل قوشۇنى تۇرۇشلۇق جايغا (شىمالغا) سۆھبەتلىشىشكە ئەۋەتكەن. ئۇ جەنۇبقا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، مەشھۇر ئەسەر «موڭغۇل–تاتار خاتىرسى»  (蒙鞑备录 )نى يازغان، ئۇنىڭ  بۇ ئەسىرى ئەڭ دەسلەپتىكى موڭغۇل تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا ناھايىتى يۇقىرى قىممەتكە ئىگە ئەسەر بولۇپ، ئۇنىڭدا كۆرسىتىلىشىچە: موڭغۇللار 24 ئادەم دەسلەپتە دەغنەك-چەۋگەن توپ ئويۇنى ئوينىغان. بۇنىڭغا جاۋگۇڭ كەلمىگەن. توپ ئويناپ بولغاندىن كېيىن ئادەم ئەۋەتىپ جاۋگۇڭنى چاقىرتقان. « بۈگۈن توپ ئويناش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەندە سىز نېمە ئۈچۈن كەلمىدىڭىز؟ جاۋگوڭ جاۋابىدا: ئالىيلىرىنىڭ يوليورۇقى بولمىغاچقا كەلمىدۇق دېگەن. پادىشاھ يەنە: «سىز بىزنىڭ دۆلىتىمىزگە كەلگەن ئىكەنسىز، بىز بىر ئائىلىنىڭ كىشلىرى ئەمەسمۇ؟ بىز ئاۋۋال يىغىلىپ توپ ئوينىساق، ئوۋغا چىقساق، كەلسىڭىز بولىۋېرىدۇ. چاقىرتىش ھاجەتسىز ....،،دەپ ئېيتقان».

بۇ يەردە دېيىلگەن دۆلەت باشى- پادشاھ چىڭگىزخان بولماستىن، بەلكى موڭغۇل قوشۇنى سەركەردىسى-مۇقالى(木华黎 Muqali)  ئىدى. موڭغۇللار زىياپەت بىلەن ئوۋ قىلىشنى تۇرمۇشتىكى ئەڭ چوڭ شەرەپلىك ئىش دەپ بىلەتتى. مۇقالى سەركەردە دەغنەك توپ ئويناش بىلەن ئىككى تەرەپ ئوتتۇرسىدىكى رىقابەتنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ دەپ قارايتتى. بۇنىڭدىن قارىغاندا، چەۋگەن توپ تەنھەرىكىتى موڭغۇل خەلقى ئارىسىدا كەڭ كۆلەمدە تارقالغان. يەنە جەنۇبى سوڭ سولالىسى ئەلچىسى جاۋگوڭ دەغنەك توپ ئويناشنى ياخشى بىلىدىغان كىشى بولۇپ ئۇ: «ئات ئىشلىتىشنى بىلمىگەن ئادەم ئويۇنغىمۇ قىزىقمايدىغان ئادەم» دېگەن .«موڭغۇل –تاتار خاتىرسى»

蒙鞑备录») 13-ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئىشلار خاتىرلەنگەن. ئۇنىڭدىن كېيىن قوبلاي دەۋىردە ئىشلار قانداق بولغان؟ يۈەن سۇلالىسنىڭ ئاخىرقى مەزگىلدە يېزىلغان، يەنە  يۈەن سۇلالىسدىكى خان ئوردىسىدىكى كىشىلەر تەسۋىرلەنگەن يەرلىك تەزكىرە  «析津志»(شىجىن تەزكىرىسى) دە  كۆرسىتىلىشىچە: خان ئوردىسىدا دەغنەك توپ مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلۈپلا قالماستىن، چەت جايلارغا بۆلۈنگەن موڭغۇل ئاقسۆڭەكلىرى مۇھىم بايرام كۈنلەردە چەۋگەن توپ تەنھەرىكىتى بەسلىشىش ئويۇنى ئوينايتتى. ئۇلار 5-ئاينىڭ 5-كۈنى، 9-ئاينىڭ 9-كۈنى شىخۇامىن(西华门)  دىكى ھەرقايسى جايلاردا، تۈمەن-مىڭ ئائىلە ئولتۇراقلاشقان كوچا-بازارلاردا، مەھەللىلەردە چەۋگەن توپ تەنھەرىكىتى مۇسابىقىسى كەڭرى ئەۋج ئالغان؛ كىشىلەر ئات,چەۋگەن-دەغنەك، ئات توپ قاتارلىق كېرەكلىك نەرسىلەرنى تەييارلاپ، چەۋگەن توپ مەيدانىغا چۈشۈشكە تەييارلانغان؛ ئەتراپ ئادەملەر بىلەن لىق تولغان.....يەنە، يۈەن سۇلالىسى،  لىياۋ، جىن دەۋرلىرىگە ئوخشاش، چوڭىياڭ بايرىمى بىلەن تاۋۇز چاغىندا چەۋگەن توپ مۇسابىقىسى ھەممە جايلاردا ئۆتكۈزۈلگەن.⑦

مىڭ سۇلالىسنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدە جۇيۇەنجاڭ (朱元璋) نىڭ نەۋرىسى جوشىيەن ۋاڭ()  توغرۇلۇق «يۈەن ئوردىسىدىكى 100 سۆز» (元官词百首)  ناملىق خاتىرىنىڭ ( يۈەن ئوردىسىدىكى ئەمەلىي ئىشلار元官中实» بۆلىكىدە  جوشىيەن ۋاڭ نىڭ ئوردىدا دەغنەك توپ ئوينىغانلىقى تەسۋىرلەنگەن.

لىياۋ، جىن سۇلالىسدىمۇ ئات توپ مۇسابىقىسى ھەرىكىتى ئۆتكۈزۈلگەن. «جىن تارىخى» دا يېزىلىشىچە، ئوردا ئەمەلدارلىرى، موڭغۇل ئاقسۆڭەكلىرى ۋە خەنزۇ ئەمەلدارلارمۇ ئاتلىق چەۋگەن توپ ئويناش مۇسابىقىسى پائالىيىتىگە  قىزىقىپ قاتناشقان.⑧

يەنە ئوقيا ئېتىش قاتارلىقلار پائالىيەتلەرمۇ بولغان. يەنە بىر قاتار شىئېر، ئەسەرلەردىمۇ مىڭ سۇلالىسنىڭ باشلىردىمۇ دەغنەك توپ مۇسابىقە پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلغانلىقى يېزىلغان.

دېمەك، تۈرك قاغانلىقى، ئورخۇن ئۇيغۇر قاغانلىقى، دەۋرىدە ئات توپى ( دەغنەك–چەۋگەن) توپ تەنتەربىيە ھەرىكىتى چەتئەللەر بىلەن مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش  شەكلىدە تاڭ خاندانلىقىغا تارقالغان. كېيىن گەنجۇ ئۇيغۇر قاغانلىقى، ئىدىقۇت ئۇيغۇر قاغانلىقى دەۋرىدە داۋاملىق قىتان، سوڭ، جىن، موڭغۇل-يۈەن، مىڭ سۇلالىسىغىمۇ تارقالغان.

ئىزاھاتلار:

http://www.zakkum.net/genel-kultur

مەھمۇد كاشىغەرى:<<دىۋانى لۇغەتىت تۈرك>> 3-توم، 1984- يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى، 502-بەتكە قاراڭ.

مەھمۇد كاشىغەرى:<<دىۋانى لۇغەتىت تۈرك>> 1-توم، 1981- يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى، 447 -بەتكە قاراڭ.

http://www.superbilgiler.com/polo-nedir

⑤ « 渔墅类稿卷八»  

吴君才甫墓铭卷二十四俟庵集

(»راھىب چى خاتىرسى» 24 -جىلد «ۋۇجۈن سەي قەۋرە تېشى«)

بېيجىڭ كىتاب كۆرگۈخانىسى «قايتىدىن رەتلەپ، تۈزۈپ چىققان  شىجۈن تەزكىرسى>> (析津志佚辑») بېيجىڭ نەشرىياتى نەشر قىلغان. 203 -،204-بەتلەر.

«جىن تارىخى» 315-جىلد ( سەككىز ئەخلاق تەزكىرسى)金史

« 礼志八» «卷三十五»

  ئاپتۇر ئاقسۇ مائارىپ ئىنىستىتوتى تارىخ ئوقۇتقۇچىسى، دوتسېنت

مەزكۇر ماقالە «ئاقسۇ مائارىپ ئىنىستىتوتى ئىلمىي ژورنىلى» 2012-يىللىق 12-ساندا ئېلان قىلىنغان.

مەنبە: مىسرانىم مۇنبىرى


مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 5

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 1753 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 1قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2014-01-04