يەر تىگىشىش توغرىسىدىكى ھۆججەت

 

يەر تىگىشىش توغرىسىدىكى  ھۆججەت

 

ئامىنەم ھىمىت

 

تۆۋەندىكى ئىككى پارچە ھۆججەت مەرھۇم بوۋام ئۆمەر ئېلىدىن قالغان يەر تىگىشىش توغرىسىدىكى  ھۆججەت بولۇپ، ھۆججەت ئاق خەسە لاتىغا پۈتۈلۈپ، ھۆكۆمەت گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكۈزۈلگەن ئىكەن.

1-پارچە ھۆججەت

ھۆججەت1ھۆججەت1



ھۆججەتنىڭ ئوقۇلىشى:

مەنكى زارقۇمدۇرمەن شۇلى خۇسوسىدا ئىقرار قىلىپ ھۆججەت بېرومەنكى ئاستانە يېزا تاللىق كەنىت تابىئەسىدە چوڭ ساچقانچى كارىزدىكى كونە مودا 3 مو 4 فۇڭ ۋە شەھەر موسىدا 4 مو 4 فۇڭ 2 لىر مىراس يېرىم بولۇپ بىرىنچى دەرىجىلىك سۇلۇق يەر بىرقانچە يىلدىن ئۆزۈم تېرىپ كەلگەن بولساممۇ قىسمەن ۋاقىتلاردە بىر ئاز قىيىنچىلىقلارغە دۇچار بولغانلىقدىن مەزكۇر يېرىمنى تاغقە يۆرتكەش ئۈچۈن ئىمەر زۇجاڭنىڭ سەكىرا غولىدىكى كونە مودا بەش مو شەھەر موسىدا 6 مو يېرىگە  ئىختىيارى تىگىشتىم بۇ ھەقدە ئىلگىرى كېيىن ھېچقانداق چاتاغىم يوق دەپ ئۆز رازالىغىم بىلەن راسلىغى ئۈچۈن قول قويۇپ ھۆججەت بەردىم زارقۇم

3 مو 4 فۇڭ يەرنىڭ شەرقى چىنجى كوي شىمالى ئىرىق غەربى ھەم چىنجى كوي جەنوبى بىر ئاز سەئى غوب گىياسى بار

بۇ ئىشگە قۇم نىياز كادىر   ۋالى زوجاڭ  ھافىز سوڭجاڭ نۇر سوڭجاڭلار شاھىد

55 ئىنچى يىلى 10 نىننچى ئاينىڭ  26سى كۈنىدە

يەشمىسى: مەن زارقۇم بولىمەن، شۇ توغرىسىدا ئىقرار قىلىپ ھۆججەت بېرىمەنكى، ئاستانە يېزا چوڭ ساچقانچى كارىزدىكى كونا مودا 3 مو 4 فۇڭ ۋە شەھەر موسىدا 4 مو4 فۇڭ 2 لىر مىراس يېرىم بولۇپ، بىرىنچى دەرىجىلىك سۇلۇق يەر. بىرقانچە يىلدىن ئۆزەم تېرىپ كەلگەن بولساممۇ قىسمەن ۋاقىتلاردا بىر ئاز قىيىنچىلىقلارغا دۈچ كەلگەنلىكتىن، مەزكۇر يېرىمنى تاغقا يۆتكەش ئۈچۈن ئىمەر زۇجاڭنىڭ سەكىرا غولىدىكى كونا مودا 5 مو، شەھەر موسىدا 6 مو يېرىگە ئىختىيارى تىگىشتىم. بۇ ھەقتە ئىلگىرى-كېيىن ھېچقانداق دەۋايىم يوق دەپ ئۆز رازىلىقىم بىلەن راستلىقى ئۈچۈن قول قويۇپ ھۆججەت بەردىم زارقۇم.

3 مو 4 فۇڭ يەرنىڭ شەرقى چۈنچە كوچىسى، شىمالى ئىرىق، غەربى ھەم چۈنچە كوچىسى، جەنوبىدا بىر ئاز سەئى غوب گىياھى بار.

بۇ ئىشقا قۇم نىياز كادىر،ۋالى زوجاڭ، ھافىز سۇڭجاڭ، نۇر سۇڭجاڭلار شاھىد.

55- يىلى 10- ئاينىڭ 26- كۈنى

2-پارچە ھۆججەت

ھۆججەت 2ھۆججەت 2



ھۆججەتنىڭ ئوقۇلىشى

مەنكى ئاسقان بايدۇرمەن شۇلى خۇسوسىدا ئىقرار قىلىپ ھۆججەت بېرومەنكى ئاستانە يېزا تاللىق كەنىت تابىئەسىدە چوڭ ساچقانچى كارىزدىكى ئىككىنچى دەرىجىلىك كونە مودا 3 مو3 فۇڭ شەھەر موسىغە 4 مو3 فۇڭ سۇلۇق يېرىم بولۇپ بىر قانچە يىلدىن ئوزوم تېرىپ كەلگەن بولساممۇ ئايالىم بۇيەرنىڭ شارائىتىغە ئوگۈنەلمەسلىك ئەھۋاللىرى يۇز بېرىش بىلەن قىسمەن ۋاقىتلاردە قىيىنچىلىق كەلگەش مەزكۇر يېرىمنى مەزكۇر يېرىمنى تاغقە يۆرتكەب ئېلىش ئۈچۈن ئىمەر زۇجاڭنىڭ سەكىرا غولىدىكى كونە مودا بەش مو شەھەر موسىدا 6 مو يېرىگە  ئىختىيارى تىگىشتىم بۇ ھەقدە ئىلگىرى كېيىن ھېچقانداق چاتاغىم يوق دەپ ئىقرار قىلىپ ھۆججەت بەردىم ئاسقان

بۇ ئىشگە قۇم نىياز كادىر   ۋالى زوجاڭ  ھافىز سوڭجاڭ ئىبراھىم زۇجاڭ شاھىد

3 مو 3 فۇڭ يەرنىڭ شەرقى بىلە غەربى نىياز مەمەت دېھقان شىمالى سايىم جەنوبى گولمەت دېھقان چورىسىدە قۇتۇپ گىياسى بار

كەنىت باشلىقى ھافىز سوڭجاڭ      مۇھاۋىن نۇر سوڭجاڭ

1955 ئىنچى يىلى 10 نىننچى ئاينىڭ 26 سى كۈنىدە

يەشمىسى: مەنكى ئاسقان باي بولىمەن، شۇ توغرىسىدا ئىقرار قىلىپ ھۆججەت بېرىمەنكى، ئاستانە يېزا تاللىق كەنىت تەۋەسدە چوڭ ساچقانچى كارىزدىكى 2-دەرىجىلىك كونا مودا 3 مو 3 فۇڭ شەھەر موسىدا 4 مو 3 فۇڭ سۇلۇق يېرىم بولۇپ، بىر قانچە يىلدىن ئۆزەم تېرىپ كەلگەن بولساممۇ، ئايالىم بۇيەرنىڭ شارائىتىغا ئۆگىنەلمەسلىكى سەۋەبىدىن قىسمەن ۋاقىتلادا قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاچقا، مەزكۇر يېرىمنى تاغقا يۆتكەش ئۈچۈن ئىمەر زۇجاڭنىڭ سەكىرا غولىدىكى كونا مودا 5 مو، شەھەر موسىدا 6 مو يېرىگە ئىختىيارى تىگەشتىم. بۇ ھەقتە ئىلگىرى-كېيىن ھېچقانداق دەۋايىم يوق دەپ ھۆججەت بەردىم ئاسقان.

بۇ ئىشقا قۇم نىياز كادىر   ۋالى زوجاڭ   ئىبراھىم زۇجاڭ شاھىد

3 مو 3 فۇڭ يەرنىڭ شەرقى بىلەن غەربى نىياز مەمەت دېھقان، شىمالى سايىم، جەنۇبى گۈلمەت دېھقان، چۆرىسىدە قۇتۇپ گىياسى بار.

كەنىت باشلىقى ھافىز سوڭجاڭ      مۇئاۋىن نۇر سوڭجاڭ

1955- يىلى 10- ئاينىڭ 26- كۈنى

 

                                

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 334 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 1قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2014-01-03