ئۇچ» يەر نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى


Uch degen yer namining kelip chiqishi

»ئۇچ» يەر نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى



مەھمۇد كاشغەرى ۋە «ئۇچ » نامى


خوجا نىياز يوللۇغ تېكىن

 (ئاقسۇ مائارىپ ئىنىستىتوتى دوتسېنت)


ئۇچتۇرپان تارىختا ئونسۇ (بەزى ماتېرىياللاردا شەھرىبەر-بەر)، ئۇچ ۋە ئۇچتۇرپان  دېگەن ناملار بىلەن ئاتىلىپ كېلىنگەن. ئىلگىرىكى ئەسەرلىرىمدە بۇ ھەقتە مەخسۇس توختالغانلىقىم، ئىلمىي ژورناللاردا ۋە تور بەتلىرىدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۈچۈن  بۇيەردە توختالمايمەن «ئاقسۇ ئەدەبىياتى» 2003-يىللىق 4-ساندا«ئونسۇ-ئۇچ، ئۇچتۇرپان ۋە  قۇم-ئاقسۇ يەر ناملىرىنىڭ كېلىپ  چىقىشى»، «ئۇچ دېگەن يەر نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى»ئىلمىي ژۇرنىلى 2004-يىللىق 4-سانغا قاراڭ. «ئۇچتۇرپان  دېگەن نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا»، « شىنجاڭ ياشلىرى»،(1998-يىللىق 2-سانغا قاراڭ)
»ئۇچ» يەر نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى  دېگەن بۇ ئىلمىي تەتقىقات ماقالەم كېيىن 2005-يىلى قەشقەردە  ئۆتكۈزۈلگەن « مەھمۇد كاشغەرى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقىنى تەبرىكلەش مەملىكەتلىك ئىلمىي  مۇھاكىمە يىغىنى» دا،  مەھمۇد كاشغەرى ۋە «ئۇچ» نامى دېگەن نامدا ئوقۇلغان.
»
ئۇچ»-قەدىمكى يۇرتلارنىڭ بىرى. بۇ توغرىدا «تاڭنامە .جۇغراپىيە تەزكىرسى» دە، تىلشۇناس، ئالىم، مەھمۇد كاشغەرىنىڭ «تۈركى تىللار دىۋانى» دا، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ « قۇتادغۇبىلىك» داستانىدا، مىرزا ھەيدەرنىڭ «تارىخىي رەشىدى»، مەھمۇد جورراسنىڭ «تارىخى رەشىدى- زەيلى»، موللا مۇسا سايرامىنىڭ «تارىخى ھەمىدى» ۋە باشقا تارىخى ئەسەر، ساياھەتچى خاتىرىلىرىدە كۆپلىگەن مەلۇماتلار قالدۇرۇلغان. 
ھازىرقى ئۇچتۇرپان، ئاقچى ناھىيىسى ۋە ئاقسۇ كونا شەھەر ناھىيىسى (ئونسۇنىڭ غەربىي شىمالىدىكى جايلار) ئارال،تۇمشۇق، چاغراق ئەتراپىدىكى جايلار 1958-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنىگە قەدەر) «ئۇچ» دەپ ئاتىلاتتى. بۇ جايلارنىڭ قەدىمدە «ئۇچ» دەپ ئاتالغانلىقى توغرىسىدا، 11-ئەسىردە ياشاپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەشھۇر ئالىمى، جاھان تۈركشۇناسلىق ئىلىمىنىڭ ئاساسچىسى، مەھمۇد كاشغەرىنىڭ «تۈركى تىللار دىۋانى» ناملىق ئەسىرىدە تۆۋەندىكى مەلۇماتلارنى ئۇچرىتىمىز :

»ئۇچ-Uch مەشھۇر بىر شەھەرنىڭ نامى »(1-توم ، 49-بەتكە قاراڭ).

»توشقان دەرياسى ئۇچ شەھىرىگە ئاقىدىغان بىر دەريانىڭ نامى »(1-توم 666 - بەتكە قاراڭ ).

»چاغلائۇچ شەھەرىنىڭ چېتىدىكى يايلاقنىڭ ئېتى» ( 1-توم،561-بەتكە قاراڭ)،

»بەدەلئارت –ئۇچ بىلەن بارسىغان ئوتتۇرسىدىكى بىر داۋان » (1-توم 510-بەتكە قاراڭ )

» باي –باي يىغاچ - ئۇچ بىلەن كۇچا ئارىسىدىكى ئۇچقا يېقىن بىر جاينىڭ ئېتى »(3-توم ،216- بەتكە قاراڭ»ئايكۆل ئۇچقا يېقىن بىر جاينىڭ ئېتى » (3-توم ، 186-بەتكە قاراڭ)


يۇسۇپ خاس ھاجىپنىڭ »قۇتادغۇبىلىك» داستانىنىڭ 1594-غەزىلىدە :«نە دەيدۇ ئۇچ ئوردۇ بېگى ئاڭلىغىل، بىلىپ سۆزلىمىش سۆز، ئىشلىتىپ ئەقىل» دەپ يېزىلغان بولسا، 3815-غەزىلىدە: « نېمە دەر ئىشىتىكىن ئۇچ ئوردۇ خانى، ئۇنىڭ ئەلگە دۇرۇس مەشھۇر سۆزىنى»دەپ بايان قىلىنغان. بۇنىڭدىن قارىغاندا، ھازىرقى ئۇچتۇرپان 10-ئەسىردىن ئىلگىرى «ئۇچ»، «ئۇچ ئوردۇ» دەپ ئاتالغان، ھەتتا »ئۇچ ئوردۇ«دا »ئۇچ ئوردۇ بېگى»، «ئۇچ ئوردۇ خانى«تۇرغان. مەھمۇد كاشغەرى بىلەن يۈسۈپ خاس ھاجىپلارنىڭ بەرگەن مەلۇماتلىرىنىڭ تارىخى قىممىتى شۇ يەردىكى، ئۇچتۇرپان بۇندىن 1400-يىل ئىلگىرىلا يەنى كۆك تۈرك خانلىقى دەۋرى (مىلادىيە 552-745- يىللار ) ۋە ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرى (مىلادىيە 605-846- يىللىرى) دا «ئۇچ» دەپ ئاتالغان. بولمىسا مەھمۇد كاشغەرى دەۋرىدە ئۇنى «ئۇچ» مەشھۇر بىر شەھەرنىڭ نامى دەپ ئاتىمىغان بولار ئىدى. دەلىل شۇكى، تاڭ قوشۇنلىرى مىلادىيە 630-يىلى شەرقى تۈرك خانلىقىنى يوقاتقاندىن كېيىن، ئارقىدىنلا غەربىي تۈرك خانلىقىنى يوقىتىشقا كىرىشىپ، 648- يىلىغا كەلگەندە غەربىي تۈرك خانلىقىنىڭ يۇلتۇز ۋادىسىدىكى ئوردىسىنى گۇمران قىلدى، كۇچا تاڭ قوشۇنلىرىنىڭ قولىغا ئۆتتى. «ئارقىدىنلا تاڭ قوشۇنلىرى ئۇچ تەۋەسىگە يېتىپ كېلىپ،) ئونسۇ ئايمىقى (نى تەسىس قىلدى . ئۇنسۇ ئايمىقى تۇرۇشلۇق ئورۇن چوڭ تاشبالىق دەپ ئاتالغان بولۇپ، ئۇ (ئۇچ) ئىدى »2. بۇ مەلۇماتقا قارىغاندا، ئۇچتۇرپان مىلادىيە 600-يىللىرى ئەتراپىدا «ئۇچ» دەپ ئاتالغان. شۇنىڭدىن باشلاپ مەھمۇد كاشغەرى، يۇسۇپ خاس ھاجىپلار دەۋرى (مىلادىيە 1000-يىللا) غىچە بولغان ئارلىقتا تەرەققى قىلىپ «ئۇچ» مەشھۇر بىر شەھەرگە ئايلانغان. «قۇتادغۇبىلىك» داستانىدا «ئۇچ ئوردۇ بېگى »، «ئۇچ ئوردۇ خانى » دېگەن سۆزنىڭ تىلغا ئېلىنغانلىقىغا قارىغاندا، قارخانىيلار خانلىقى دەۋرى (مىلادىيە 850-يىلىدىن 1212- يىلغىچە ) دە ياكى ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇيغۇر بەگلىرى، ئۇيغۇر خانلىرى تۇرىدىغان ياكى مەركىزى خانلىققا ۋاكالىتەن كىچىك خانلىرىدىن بىرى ئىدارە قىلىپ تۇردىغان شەھەر بولغان . 
   ھازىرقى ئاقچى ناھىيىسىدىكى بىر يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنىمۇ «ئۇچ» دەپ ئاتىلىدۇ.بۇ«ئۇچ» ھازىرقى ئاقچى ناھىيە تەۋەسىدە بولسىمۇ، لېكىن ئۇ قەدىمكى چاغلاردا « ئۇچ » ئوردۇ خانلىقى تەۋەسىدىكى زېمىن ئىدى (ھازىر بۇ جايدا قەدىمكى شەھەر ۋە تۇر خارابە ئىزى بار). ئىلگىرى ئاقچى ئۇچتۇرپان ناھىيىسىگە تەۋە جاي بولۇپ ،1944- يىلى ئايرىم ناھىيە بولۇپ قۇرۇلغان. ئەمما تۈرلۈك سەۋەبلەرگە كۈرە 1950-يىلدىن كېيىنمۇ ئاقچى ئۇچتۇرپان ناھىيىسىنىڭ باشقۇرۇشىدا ئىدى. 
»توشقان دەرياسى »-«ھازىرمۇ ئۇچتۇرپاننىڭ ئوتتۇرسىدىن ئېقىپ (شەھەر يېنى بىلەن) ئۆتۈپ ئاقسۇ دەرياسىغا قۇيۇلىدۇ. لېكىن قارخانىيلار دەۋرىدىكى شەھەر ئورنى ھازىرقىدەك توشقان دەرياسىنىڭ جەنۇبىدا بولماستىن، بەلكى ئۇنىڭ شىمالىدا ئىدى.

 »چاغلا»- ھازىر «چاغراق » دەپ ئاتىلىدۇ.  ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلار ھازىر ئاقسۇ كونا شەھەر ناھىيىسى (1998-يىلى 10-ئايدا ئونسۇ دەپ ئۆزگەرتىۋېتىلدى) گە تەۋە بولسىمۇ 1958-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنىگە قەدەر ئارال، چاغراق، تۇمشۇق، ئەتراپىدىكى جايلار ئۇچقا تەۋە زېمىن ئىدى. ئاقسۇدىن ئۇچقا ماڭغان كىشىلەر ئارال، چاغراق، تۇمشۇق يوللىرى ئارقىلىق مەھەللە ئارىلاپ مېڭىپ ئۇچقا يېتىپ باراتتى. ئۇچ شەھىرى ئەينى ۋاقىتتا ھازىرقى ئۇچتۇرپان ناھىيىسى يېڭىئاۋات يېزىسىدىن 30 كىلومېتىر غەربتىكى غوڭرات مەھەللىسىدىكى توشقان دەرياسى بويىغا جايلاشقان بولۇپ، ئورنى ھازىرقى ئونسۇ ناھىيىسىنىڭ غەربىي شىمال تەرىپىگە ئۇدۇل كېلەتتى. ھازىر بۇ قەدىمكى شەھەرنىڭ سەلتەنەتلىك بىناكارلىق قۇرۇلۇشلىرىدىن ئەسەرمۇ قالمىغان بولۇپ، ئايلانمىسى تەخمىنەن ئىككى كىلومېتىر كېلىدىغان كونا قورۇق تام بىلەن قورشالغان شەھەر خارابىسى ۋە مازارلىق (مازاردىكى قەبرىلەرنى بەزىلەر ئسلام دىنى تۈسىدە دىسە، يەنە بەزىلەر بۇ ئسلام دىنى تۈسىدىكى قەبرىلەرگە ئوخشىمايدۇ، بۇ تۇرپان تۇيۇقتىكى يارداڭلىق لېۋىدىكى بۇددا قۇببە-گۈمبەزلىرى شەكلىگە ئوخشايدۇ دەپ قارايدۇ-ئاپتوردىن) قالغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ نامى ھازىرغىچە «قەدىمكى شەھەر» دەپ ئاتىلىپ كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىپ كەلمەكتە، ئۇ گوۋۇيۈەن تەرىپىدىن ئاپتونوم رايون نوقتىلىق قوغدايدۇ دەپ تىزىمغا ئېلىنغان 3-دەرىجىلىك شەھەر خارابىسىنىڭ بىرسى. 
»بەدەلئارت»- ھازىرمۇ «بەدەلئارت» دېگەن نامى بىلەن مەشھۇر، ئۇ ئەينى ۋاقىتتا ئۇچ شەھىرىدىن بارسىغان (ئىسسقكۆلنىڭ شەرقى جەنۇبىي بويىغا جايلاشقان، قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ چوڭ شەھەرلىرىدىن بىرى بولۇپ، يەتتىسۇ ئۆلكىسىنىڭ ئىقتىسادىي مەركىزى ئىدى) غا ۋە بالاساغۇنغا بېرىشتىكى يول ئۈستىدىكى بىر داۋان ئىدى. قەدىمدىن بۇيان ئۇچ (ئۇچتۇرپان) خەلقى جۈملىدىن جەنۇبىي شىنجاڭ ۋە قىسمەن شىمالىي شىنجاڭ خەلقى ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى بىلەن 1950-يىللارغا قەدەر مۇشۇ «بەدەلئارت» يولى بىلەن سودا- قاتناش ۋە مەدەنىيەت ئالاقىلىرى قىلىپ كەلگەن.3 
»باي-باي يىغاچ« -بۇ سۆزدىكى« يىغاچ» سۆزى يىللارنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئۇنتۇلغان بولسىمۇ، لېكىن باي ناھىيىسى ھازىرغىچە «باي »دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتىدۇ.
»ئايكۆلھازىرمۇ «ئايكۆل» نامى بىلەن ئۇچتۇرپاننىڭ شەرقى جەنۇبىي قىسمىدا  ئاقسۇ شەھىرىگە قاراشلىق بىر يېزا نامى بىلەن مەۋجۇت. دېمەك، ئالىمىمىز مەھمۇد كاشغەرى «ئۇچ» ھەققىدە ناھايىتى پاكىتلىق مەلۇماتلارنى ئوتتۇرغا قويغان ھەم «ئۇچ» نىڭ دائىرسى، قوشنىلىرىنىمۇ بىر-بىرلەپ كۆرسەتكەن، شۇنداقلا «ئۇچ» شەھىرىنىڭ قارخانىيلار خانلىقى قۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى ھەم قۇرۇلغاندىن كېيىنكى دەۋىرلەردە تۇتقان ئورنىنى ناھايىتى يۇقىرى باھالىغان .
ئۇنىڭدىن باشقا، مەھمۇد كاشغەرى «ئۇچ» خەلقىنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرى، «ئۇچ تىلى » توغرىسىدىمۇ ناھايىتى قىممەتلىك مەلۇماتلارنى قالدۇرغان. 
»ئىلرۇك- قۇۋا ،سۇزاپ ئۇچ تىلىدا»5 ،»ساسىق- تەشتەك، ساپال قاچا . ئۇچ ۋە ئۇنىڭ نېرىقى تەرىپىدە تۇرىدىغانلارنىڭ تىلدا»6 «كەستەر- تەشتەك ئۇچ تىلىدا 7 «شاپ- ئۆشلەڭگە ئوخشايدىغان بىرخىل ئوت، ئۇچتا ئۇنىڭ بىلەن كىيىم يۇيۇلىدۇ، بۇ ئۆسۈملۈكتىن شاخار ئېلىنىدۇ 8 «تانا، تانەكچە-دانەكچە، يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى، ئۇچ ۋە ئارغۇ تىللىرىدا»9 «يېزىخ-يېزىغۇت ئادىراسمان، كاشغەر تىلىدا، ئۇچ ۋە بارسىغان تىلىدا ئەلدۈرۈك دېيىلىدۇ« 10 .
    ئۇنداق بولسا «ئۇچ» دېگەن بۇ نام قانداق بارلىققا كەلگەن؟ ئۇنىڭ نېمە مەنسى بار؟ 
بۇ ھەقتە خېلى كۆپ سۈرۈشتۈردۈم، ئەل ئارىسىدا ھەرخىل چۈشەنچە-تەدبىرلەر بار ئىكەن، مۇناسىۋەتلىك تارىخى ئەسەرلەرنىمۇ خېلىلا ۋاراقلاپ چىقتىم. ئەينى ۋاقىتتىكى تۈرك ئۆلكىلىرى ھەققىدە يېزىلغان ئەسەرلەردىن يەنە «ھۇدۇدۇل ئالەم»، بىرونىنىڭ « ئەلقانۇن مەسئۇدى»، ئەل ئىدرىسنىڭ «نۇزھەت ئەل مۇشتاك» (مىلادى 1154- يىلى يېزىلغان) قاتارلىق ئەسەرلەرنى11 كۆرۈپ چىقتىم. بۇ ئەسەرلەردە «ئۇچ» قا دائىر مەلۇماتلار بېرىلگەن بولسىمۇ، ئەمما «ئۇچ» نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا ئۇچۇق ئېنىقلىما بېرىلمىگەن. پەقەت ئۇلۇق ئالىمىمىز مەھمۇد كاشغەرىلا 11-ئەسىردە تۈركى تىللىق قوۋملەر ياشىغان تۈرك يۇرتلىرىنى ئارىلاپ تەكشۈرۈپ ئۇلار توغرىسىدا ئشەنچىلىك مەلۇمات قالدۇرغان بولغاچقا، ئۇنىڭ « تۈركى تىللار دىۋانى» دىكى «ئۇچ» ھەققىدە بېرىلگەن بايانلىرى «ئۇچ» نامىنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى بىردىن-بىر ئاساس بۇلالايدۇ دەپ قارايمەن. مەسىلەن، 1-توم 49 - بەتتىكى تۆۋەندىكى سۆزلەرگە قاراڭ: 
1)
اجüch ئۇچ ئۈچ يارماق (ساناق سان)
2 )
اج Uch ئۇچ - ئۇچ مەشھۇر بىر شەھەرىنىڭ نامى ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن 3 ) اج och  ئوچ تاغدا ئۆسۈدىغان بىرخىل دەرەخ. تۈركلەر قەلەمنى شۇنىڭدىن ياسايدۇ، ئۇنىڭدىن يەنە يىك، ھاسا قاتارلىق نەرسىلەرنى ياسايدۇ. يەنە 2-توم 62- بەتتىكى تۆۋەندىكى قۇرلارغا قاراڭ: 1) ا وج uch ئۇچ نەرسىنىڭ ئۇچى، پۇتاق، شاق ئۇچى. 2) اوج uch ئۇچ چېگرا، چېگرادىكى ئەل. 3) ا وج uch ئۇچ بىرەر نەرسىنىڭ تۈگەپ كېتىشى. يەنە تۆۋەندىكى بايانلارغا قاراڭ : 
(1)
ا وج Uch ئۇچ - ئۇچ مەشھۇر بىر شەھەرىنىڭ نامى (1-توم 49- بەتكە قاراڭ) 
(2)
»بەدەلئارت –اج Uch ئۇچ بىلەن بارسىغان ئوتتۇرسىدىكى بىر داۋان » (1-توم 51-بەتكە قاراڭ) 
(3)
»چاغلا– اج Uch ئۇچ شەھەرىنىڭ چېتىدىكى يايلاقنىڭ ئېتى» ( 1-توم،561-بەتكە قاراڭ) 
(4)
»توشقان دەرياسى –اج Uch ئۇچ شەھىرىگە ئاقىدىغان بىر دەريانىڭ نامى » (1-توم666 - بەتكە قاراڭ)
(5)
»ئايكۆل –اج Uch ئۇچقا يېقىن بىر جاينىڭ ئېتى» (3-توم ، 186-بەتكە قاراڭ)
(6)
»باي –باي يىغاچ، اج Uch ئۇچ بىلەن كۇچا ئارىسىدىكى ئۇچقا يېقىن بىر جاينىڭ ئېتى » (3-توم ،216- بەتكە قاراڭ) 
يوقۇرقى پاكىتلارغا قارىغاندا، ئۇچتۇرپاننىڭ قەدىمكى نامى بولغان «ئۇچ» دېگەن بۇ نام : بىرىنچىدىن، يۇرتنىڭ ئۇچى، چېتى، چېگرا،چېگراغا جايلاشقان ئەل مەنىسىدىكى «ئۇچ» دېگەن سۆزدىن كېلىپ چىققان. ئىككىنچىدىن، تاغدا ئۆسىدىغان «ئۇچ» دېگەن دەرەخ نامىدىن كېلىپ چىققان بولىدۇ. 
لېكىن بىز مەھمۇد كاشغەرىنىڭ «تۈركى تىللار دىۋانى» دا كۆرسىتىلگەن «ئۇچ» قا مۇناسىۋەتلىك سۆزلەرنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرلىشى، يېزىلىشى، ئىملاسىغا زەڭ قۇيۇپ قارايدىغان بولساق، بالىق(شەھەر) نامىنى كۆرسىتىدىغان «ئۇچ» نىڭ ئىملاسى « اج » دەپ، «چېگرا، چېگرادىكى ئەل» دېگەندىكى«ئۇچ » نىڭ ئىملاسى « اوج» دەپ پەرىقلەندۈرۈلۈپ يېزىلغانلىقىنى بايقايمىز. بۇ پاكىتقا قارىغاندا، «ئۇچ» دېگەن بۇ يەر نامىنى «يۇرتنىڭ ئۇچى- چېتى، چېگرا، چېگراغا يېقىن ئەل»دېگەن مەنىنى بىلدۇرىدىغان «ئۇچ» (اوج) دېگەن سۆزدىن كېلىپ چىققان دېگەن قاراشنى چۈشەندۈرمەك تەستەك قىلىدۇ . شۇڭا مەن «ئۇچ» دېگەن بۇ يەر نامىنى تاغدا ئۆسىدىغان ئۇچ (اج) دېگەن دەرەخ نامىدىن كېلىپ چىققان دەپ قارايمەن. بۇ خۇددى «ئاتۇش» دېگەن يەر نامى «ئارتۇچ» دېگەن دەرەخ نامىدىن كېلىپ چىققىنىغا ئوخشاش. يەنى «ئارت» (تاغ، داۋان، ئېگىزلىك) دېگەن مەنىدىكى سۆز بىلەن تاغ، ئېگىزلىكتە ئۆسۈدىغان «ئۇچ» دېگەن دەرەخ نامىنىڭ قۇشۇلۇشىدىن كېلىپ چىققىنىغا ئوخشاش 12 مەھمۇد كاشغەرى «تۈركى تىللار دىۋانى» دا (1-توم ،49- بەتتە): ( (1 جüch – ئۈچ ئۈچ يارماق (ساناق سان) (2 .اج Uch - مەشھۇر بىر شەھەرىنىڭ نامى ( ئىزاھاتتا ئۇچتۇرپاننىڭ قەدىمكى نامى ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن) (3 (اج Och ئوچ - تاغدا ئۆسىدىغان بىر خىل دەرەخ. تۈركلەر قەلەمنى شۇنىڭدىن ياسايدۇ. ئۇنىڭدىن يەنە يىڭ، ھاسا قاتارلىق نەرسىلەرنى ياسايدۇ دەپ كۆرسىتىلگەن. «ھۇدۇدۇل ئالەم» دېگەن ئەسەردە بولسا «ئۇچ » تاغ ئۆستىدە 13دېيىلگەن. بۇنىڭدىن قارىغاندا، «ئۇچ» نىڭ تاغدا ئېگىزلىكتە ئۆسىدىغان بىر خىل دەرەخ ئىكەنلىكى ناھايىتى ئېنىق، « اج » خېتى Uch ئۇچ ھەم ئوچ Och دەپمۇ ئوقۇلىدۇ. ئۇنىڭ ئۇستىگە ئۇچتۇرپاندا «كۆكلەم ئۇچ » دەيدىغان بىر قەدىمى جاي بار. ئۇچتۇرپان تاغلىرىدا «ئۇچ» دەپ ئاتىلىدىغان بىرخىل قەدىمى دەرەخ بار. خەلقىمىز 1980- يىللارغا قەدەر ئۇنىڭدىن ھاسا، چوت دەستىسى (ساپ)، پاختا ئىگىرىدىغان يىڭ، پاختا ئىگىرىدىغان چىگىت ئايرىيدىغان چىغىرىق ئوقى، چىۋىق قاتارلىق ھەر خىل تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ياساپ بازارلاردا ساتاتتى ياكى ئائىلىلەردە ئىشلىتەتتى. شۇڭا مەن، «ئۇچ» نامىنى ئالىم مەھمۇد كاشغەرى «تۈركى تىللار دىۋانى » ئەسىردە كۆرسىتىپ ئۆتكىنىدەك تاغدا ئۆسىدىغان «ئۇچ» دېگەن دەرەخ نامىدىن كېلىپ چىققان دەپ قارايمەن. 
ئىزاھاتلار:
1 يۈسۈپ خاس ھاجىپ:«قۇتادغۇ بىلىك» داستانى، 1984-يىلى، مىللەتلەر نەشرىياتى، ئۇيغۇرچە ،364-، 788- بەتلەرگە قاراڭ. 
2 »يېڭى تاڭنامە .جۇغراپىيە تەزكىرىسى »،2-كىتاب، جۇڭخۇا كىتابچىلىق ئىدارىسى خەنچە نەشرى، 1149-بەتكە ۋە«جۇڭگو ئىسلام تارىخىغا دائىر ماتېرىياللار»، نىڭشا خەلق نەشرىياتى 1982-يىلى خەنچە نەشرى، 4- بەتكە قاراڭ . 
-3 2002 يىل كۈزدە ئاقسۇ ۋىلايىتى ۋەكىللىرى بىلەن قىرغىزىستان تەرەپ ۋەكىلىرى «بەدەل ئارت » يولىنى، ياكى ئۇنىڭ شىمالىدىكى زىندان دەرياسىنى بويلاپ ماڭىدىغان زىندان تاغ ئېغىزىنى ئېچىش توغرىسىدا سۆھبەتلەشكەنىدى.
567 مەھمۇد كاشغەرى: «تۈركى تىللار دىۋانى» 1 -توم 1981-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ئۇيغۇرچە، 142-، 495-، 597-بەتكە قاراڭ. 
8 910مەھمۇد كاشغەرى: «تۈركى تىللار دىۋانى» 3 -توم 1984-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ئۇيغۇرچە، 212-324، 14- بەتكە قاراڭ. 
11 13 رامازان شېشىن (تۈركىيە ): «ئەرەب- ئىسلام جۇغراپىيەلىرىنىڭ تۈركلەر ۋە تۈرك ئۆلكىلىرى ھەققىدە ئېيتقانلىرى»، 1985-يىل تۈركچە نەشىرىگە قاراڭ 12 بۇھەقتە ئوخشاش بولمىغان كۆز قاراشلار بار. ئىمىن تۇرسۇن « تارىمدىن تامچە » (ئىلمىي ماقالىلەر توپلىمى)، 1990-يىل ئۇيغۇرچە نەشرى، 136-137-بەتلەر. قۇربانجان ئابلىمىت نۇرۇزى، پالتاخۇن ئەۋلاخۇن: « شىنجاڭ يەر ناملىرىنىڭ ئېتىمولوگىيىسى»، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى 2000-يىل نەشرى 2- بەتكە قاراڭ . 

 مەنبە: مىسرانىم مۇنبىرى


مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 2

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 620 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2014-01-01