توختى جانباز 

  توختى جانباز 


  گۇچۇڭ ناھىيسى تەڭرىتېغىنىڭ شەرقىي شىمالدىكى قەدىمىي يۇرتلارنىڭ بىرى. بۇ يۇرتتا نۇرغۇنلىغان ئۇقۇمۇشلۇق دىننى زاتلار، مائارىپشۇناسلار ۋە جامائەت ئەربابلىرى ئۆتكەن. گۇچۇڭ جانباز يۇرتى دىگەن نام بىلەنمۇ داڭلىق، ھەقىقەتەن گۇچۇڭدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن توختى جانباز ئەنە شۇنداق داڭلىق جانبازلارنىڭ بىرى. توختى جانباز 1882-يىلى 6-ئايدا ھۈنەرۋەن كاسىپ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. بۇ كىشى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە گۇچۇڭ ناھىيەسىدە ياشاپ ئۆتكەن. شۇ سەۋەبلىك گۇچۇڭ ناھىيەسىدە بۇ كىشى توغرىسىدا نۇرغۇنلىغان ھېكايىلەر بار. مەن بۇ كىشى ھەققىدە كىچىك بىر ھېكايە يوللاپ باقتىم.  
   بىر قېتىم يۇرت چوڭلىرىدىن بىر قانچە كىشى كەيگۇڭغا (گۇچۇڭدىكى بىر تاغنىڭ نامى) باراۋەتكە چىقىپتۇ ۋە بىر چوققىنىڭ باغرىغا كىگىز ئۆي تىكىپتۇ. 
  كۆپچىلىك پولو يىگۈسى بارلىقىنى  ئېيتقاندىن كېيىن توختاخۇن جانباز تاماق راسلاش ئۈچۈن، سىرتقا چىقىپ كېتپتۇ. قالغانلار ئۆيدە قىلىپ قىززىق پاراڭغا چۈشۈپتۇ. بىر چاغدا گۈلدۈرلىگەن ئاۋازدىن كىگىز ئۆي سىلكىنگەندەك بوپتۇ. ئۆيدىكلەر نېمە ئىشلىقىنى بىلىش ئۈچۈن سىرتقا چىقىپتۇ. ئۇلار سىرتقا چىققاندا، توختاخۇن جانباز ئوتۇن يېرىشقا تەييارلىنىۋاتقان ئىكەن. 
  كۆپچىلىك: 

-بايا گۈلدۈرلىگەن نېمە ئاۋاز؟ يەر تەۋرىمىگەندۇ؟ دەپ سورىشىپتۇ. توختاخۇن جانباز: 
-ياق، يەر تەۋرىمىدى. مەن مۇنۇ لىمنى يەرگە تاشلىغاندا چىققان ئاۋاز دەپتۇ. 
 كۆپچىلىك قارىسا، يەردە 12-13 مېتىر كېلىدىغان، قۇچاق ئاران يېتىدىغان قارىغاي لىم تۇرغان ئىكەن. توختاخۇن جانباز بولسا، ئۇنى يېرىپ ئوتۇن قىلىش ئۈچۈن تەييارلىنىۋاتقان ئىكەن. 
-توختاخۇن بۇ لىمنى قەيەردىن ئېلىپ كەلدىڭىز؟ دەپ سوراپتۇ. 
-ئەنە، ئاۋۇ سايدىن-دەپ تۆۋەن تەرەپتىكى ساينى كۆرسىتىپتۇ. 
 كۆپچىلىك 350 جىڭ كىلىدىغان قۇرۇپ كەتكەن قارىغاي لىمنى مىڭ مېتىردىن كەم كەلمەيدىغان چوڭقۇر سايدىن، ئۆزى يالغۇز ئېلىپ چىققىنىغا ھەيران بولۇشۇپ سوراپتۇ. 
-توختاخۇن بۇ لىمنى راستىنلا ئۆزىڭىز يالغۇز سايدىن ئېلىپ چىقتىڭىزمۇ؟ 
-شۇنداق ئۆزەم ئېلىپ چىقتىم،-دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ توختاخۇن جانباز. 
كۆپچىلىك ئۇنىڭ سۆزىگە ئىشەنسىمۇ، ئۇنىڭ ماھارىتىنى تاماشا قىلغۇسى كېلىپ توختاخۇن جانبازغا: 
-توختاخۇن بۇ لىمنى يەنە بىر كۆتۈرۇپ باققان بولىسڭىز، بىز كۆزىمىز بىلەن كۆرۇپ باققان بولساق بوپتىكەن، دېيىشپتۇ. 
  توختاخۇن قولىدىكى پالتىنى يەرگە قويۇپ، ھىلىقى لىمنى ئىككى قوللاپ لىككىدە كۆتۈرۈپتۇ. ئۇ لىمنى ئىككى قولىدا بىردەم كۆتۈرۈپ تۇرغاندىن كېيىن، يەنە كۆتۈرۈپ باش ئۈستىگە ئاپتۇ ۋە ئىككى قولى بىلەن 7-8 قېتىم پېقىرىتىپتۇ. 2-3 قېتىم ھاۋاغا ئېتىپ، يەنە ئىككى قولىدا تۇتىۋاپتۇ. ئاندىن يەرگە تاشلاپ، ئوڭ پۇتى بىلەن دەسسەپ يەردە توختىتىپتۇ. كۆپچىلىك توختاخۇن جانبازنىڭ ماھارىتىگە قايىل بولۇشۇپ، ئاپىرىن ئوقۇشۇپتۇ.  


مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 3

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 517 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 3قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2014-01-06